ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر قاغاناتلىرىنىڭ تۇغلىرىدىكى بۆرىنىڭ شەكلى

ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر قاغاناتلىرىنىڭ تۇغلىرىدىكى بۆرىنىڭ شەكلى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

مۇزەپپەرخان قۇربان
تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە شائىر مۇزەپپەرخان قۇربان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇيغۇرلار ھاياتىدا تۈزۈتۈشكە تېگىشلىك بولغان بىر قانچە مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ دائىرىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ يېزىۋاتقان «ئېتىقاد» ناملىق كىتاۋى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە. گېزىتىمىزنىڭ ئۆتكەنكى سانىدا مەزكۇر كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن قازاقستان ئۇيغۇر مائارىپىغا تېگىشلىك بۆلۈمنى دىققىتىڭلارغا ھاۋالە قىلغان ئىدۇق. نۆۋەتتە ئەشۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر قاغاناتلىرىنىڭ تۇغلىرىدىكى بۆرىنىڭ شەكلى توغرىسىدا يېزىلغان بۆلۈمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمىز.
بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر قىلساق، بىز ھەتتا موشۇ كەمگىچىلىك ئۆتمۈشتە ھۆكۈم سۈرگەن، دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى يەتكۈزۈپ كەلگەن، بىزنىڭ بۈيۈك قاغاناتلىرىمىزنىڭ (ئىمپېرىيىلىرىمىزنىڭ) تۇغلىرىغا، بىزنىڭ ئەشۇ دەۋىرلەردىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن بۆرىنىڭ رەسىمىنى جايلاشتۇرۇپ، ئۇنى بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمەي كەلدۇق. ئۇچىغىراق ئېيتقاندا ئۇنى ئۇنتۇپ ئېسىمىزدىن چىقارغان ئېكەنمىز .
بۇ ھەقتە ئايرىم تارىخچىلارنىڭ بەزى ئەپسانە ۋە رىۋايە تلەرگە ئاساسلانغانمۈجۈمەل پىكىر مۇنازىرىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق يېشىپ بەرگىدەك بىرەر مۇناسىپ پىكىر تېخى مەيدانغا چىققىنى يوق.
ئويلاپ كۆرۈڭكى، شۇنچە قۇدرەتلىك قاغاناتلارنى قۇرۇپ، دۇنياغا داڭ چىقارغان بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بىكار بۆرىنىڭ شە كلىنى ئۆز تۇغلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرمىگەن بولۇش كېرەك؟! بۇ بىر ياۋايلىقنىڭ، قالاقلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس، ئەلۋەتتە. دېمەك، بۇنىڭ بىر سەۋەبى، ئىسپاتى بار!
ئەمدى موشۇ مەسىلە ئۈستىدە بىرئاز تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ كۆرەيلۇق. نېمە ئۈچۈن بۆرە؟ … بۈنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۆرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
بۆرىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى:
1 . بۆرە ئۇخلىغاندا ئىككى كۆزى نۆۋەت بىلەن ئۇخلايدىكەن. بىر كۆزى ئۇخلىغاندا، يەنە بىر كۆزى ئوچۇق، سەگەك تۇرىدىكەن.

2 . بۆرىلەر تۇرغاندا بىر-بىرىگە ياندىشىپ تۇرىدىكەن ۋە ئۈيۈر (توپ بولۇپ) ياشايدىكەن.

3 . ئەگەر بىرەر بۆرە ئۈيۈردىن بۆلۈنمەك بولۇپ چەتلەنسە قالغان بۆرىلەر شۇ زامان ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ تالاپ، يىرتىپ تاشلايدىكەن.

4 . بۆرە تېرىسى بىلەن قوي تېرىسىنى بىر يەرگە قويۇپ قويسىڭىز، قوي تېرىسىنىڭ يۇڭى چۈشۈپ كېتىدىكەن. {1}
ئەگەر ئىزدىنىپ كۆرسەك بۆرىلەرنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ، ئادەم ھەيران قالارلىق ئىجابىي خۇسۇسىيە تلىرىنىڭ ئاز ئەمەس ئېكەنلىگىنى كۆرىمىز. ھەتتا ھايۋاناتلارنىڭ پادىشاھى ھېساپلىنىدىغان يولۋاس بىلەن شىرنىمۇ قولغا ئۈگەتكىلى بولىدىكەن لېكىن بۆرە كۆنمەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۆرىنى ناھايىتى ئەقىللىق، پاراسەتلىك ۋە مۇستەققىل، چىداملىك ھايۋان سۈپىتىدە بەزى مەنبەلەردە جەسۈرلۈك ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى دەپمۇ قارايدىكەن.
بۆرىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆز ـ ئارا سوقۇشمايدىكەن. ئەگەر باشقىلار بىلەن تۇتۇشىشقا توغرا كەلسە غالىپ چىققىچىلىك سوقۇشىدىكەن. ئۆلىدىكەنۇ چېكىنمەيدىكەن.
ئەمدى ئويلۇنۇپ كۆرۈڭ ـ دېمەك بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بۆرىنى بېكار ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت تۇغلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرمىگەن ئېكەن. بۇنىڭدىن ناھايىتى چوڭقۇر مەنىگە ئېگە مەزمۇن چىقىۋاتمامدۇ؟!
بىرىنچىدىن، بۆرىنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ نۆۋەت بىلەن ئۇخلاپ، بىر كۆزىنىڭ داۋاملىق ئوچۇق تۇرىشى؛ بۇ ھوشىيارلىقنىڭ، ھەرقانداق خەۋىپكە قارىتا ھەر دائىم سەگەك بولۇشنىڭ، تەييار تۇرۇشنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟
ئىككىنچىدىن، بۆرىلەرنىڭ تۇرغاندا بىر-بىرىگە ياندىشىپ تۇرىشى، ئۈيۈر ياشىشى، بۇ ھەرقانداق شارائىتتا بىر-بىرىنى ھىمايە قىلىپ تۇرىشنىڭ، دائىم بىر-بىرىگە يۆلەنچە بولۇپ قوللاپ تۇرۇشنىڭ، ھېسداشلىقنىڭ، ئۆملۈكنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟
ئۈچۈنچىدىن، ئەگەر ئىچىدىن بىرەرىسى ئۈيۈردىن بۆلۈنمەك بولۇپ چەتلەنسە، قالغانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا شۇ زامان ھۇجۇم قىلىپ، تالاپ، پارچىلاپ تاشلىشىشى، بۇ كۈچلۈك ئىنتىزامنىڭ، بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق قول بولۇشنىڭ، ساتقۇنلارغا مېھرى-شەپقەت قىلماسلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟!
تۆتىنچىدىن، بۆرە تېرىسى بىلەن قوي تېرىسىنى بىر يەرگە قويۇپ قويسىڭىز، قوي تېرىسىنىڭ يۇڭى چۈشۈپ كېتىدىكەن. بۇ ھەتتا بۆرىنىڭ تېرىسىنىڭمۇ قانچىلىك سۈرلۈك ئېكەنلىكىنىڭ، جەسۈرلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟!
مانا بۇ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۆرىنىڭ شەكلىنى نېمە ئۈچۈن ئۆز تۇغلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېشىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى.
ئەمدى ئويلۇنۇپ كۆرۈڭ، ئەشۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۆرىنىڭ سۈرىتىنى ئۆز تۇغلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرگە نلىكىنىڭ ئۆزى ـ بۆرىلەرنىڭ ئەشۇ ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلغانلىق، ئەشۇ خۇسۇسىيەتلەرنى كېلەجەك ئەۋلاتلارغىمۇ ۋەسىيەت سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەنلىك ئەمەسمىدى؟!
ئىنتىزام، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، جەسۇرلىقنىڭ ئىپادىسىنى بېرىدىغان، ئەشۇنىڭ ھەممىسىنى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ، داۋاملىق ھەركىمنىڭ ئېسىغا سېلىپ، روھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان، جانلىق بىر سىمۋولنىڭ كېرەكلىگىنى، ئەشۇ سىمۋولنىڭ دۆلەت بايراقلىرىغا بېكىتىلىپ، كۆز ئالدىڭدا لەپىلدەپ تۇرغىنىنىڭ تەسىرى بولسا مىللىي روھنى، ئۆملىكنى، ئىتتىپاقلىقنى، جەسۇرلىكنى مۇستەھكەملەشتە ئۇ توغرىلىق مىڭ گەپ قىلىپ، قاخشىغاندىن كۆرە، نەچچە مىڭ ھەسسە ئۈستىن بولىدىغانلىغىنى بىزنىڭ ئەشۇ دەۋىرلەردىكى ئەجداتلىرىمىز نەۋاق چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۆرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى مىللىي مەپكۈرە – ئىدېئولوگىيانىڭ ئاساسى قىلىپ، ئۇنىڭ شەكلىنى دۆلەت ۋە ھەربىي تۇغلىرىغا بېكىتكەن ئىكەن.
بۆرىنىڭ ئەشۇ خۇسۇسىيە تلىرىنى مىللىي مەپكۈرە – ئىدېئولوگىيانىڭ ئاساسىي قىلىپ ئۆزلىرىگە سىمۋول قىلغانلىقتىن بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز قانچىلىغان مەشھۇر قاغاناتلارنى قۇرۇپ، شۆھرىتىنى دۇنياغا چىقىرالىغان ئىكەن. ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيىتىنى رىۋاجلاندۇرۇپ، خوشنا دۆلەتلەردىن تاشقىرى، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭمۇ راۋاجلىنىپ، تەرەققىي تېپىشىغا ئۆز ھەسىسىنى قوشالىغان ئىكەن.
چۈشۈنىشلىكى دۆلەت سىمۋوللىرىغا تېگىشلىك بەلگۈلەر، ھېچ قاچان تەسادىپى ئېلىنمايدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن قانچە ئويلۇنۇپ، ئۇنىڭ نىشانى، مەزمۇنى، مەنىسىگە كەسكىن كۆڭۈل بۆلۈنىدىغانلىغى توغرىسىدا گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. دېمەك بىزنىڭ ئەشۇ دەۋىرلەردىكى ئەجداتلىرىمىز، يۇقۇرىدا قەيت قىلىنغاندەك، بۆرىنىڭ شە كلىنى دۆلەت ۋە ھەربىي تۇغلىرىغا بېكىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ تېگى-تەكتىنى، نىشانىنى ئۇبدان ئويلاشتۇرۇپ، ئاندىن قوبۇل قىلغان ئىشتۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە سۈرەتلىك تۇغى ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى توغرىسىدا تارىخشۇناس ئالىم ل.ن.گۇمىلېۋ «قەدىمكى تۈرۈكلەر» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«مويۇنچۇرخان خىتايلارنىڭ قوماندانىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «بۆرە تۇغىغا» مەجبۇرى تازىم قىلدۇرغان ۋە ئەشۇ رەسمىيەتنى ئۆتىگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قېشىغا كىرىشىگە رۇخسەت بەرگەن» . {2}
بۆرە ھوشىيارلىقنىڭ، جەسۇرلىقنىڭ، بىرلىكنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولىدۇر. ئەمدى ئويلاپ كۆرۈڭ، بىزدە بۈگۈن ئەشۇ بۈيۈكلىكنىڭ، ئىنتىزامنىڭ، سەگەكلىكنىڭ، ئەشۇ ئۆملىكنىڭ، ئەشۇ بىرلىكنىڭ، ھوشىيارلىقنىڭ، جەسۈرلىكنىڭ نېمىسى قالدى؟!
ئەشۇ بۆرىلەر كەبى ئۆز – ئارا بۆلگۈنچىلىككە، ساتقۇنلىققا يول قويماسلىقنىڭ نېمىسى قالدى؟! بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق قول بولۇش بۇ ياقتا تۇرسۇن، بۈگۈنكى بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ھەتتا ساتقۇن، خائىنلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەسلىك، خائىننىڭ خائىنلىقىنى بىلىپ، سېزىپ تۇرساقمۇ، نەپرەتنىڭ ئورنىغا ھىجىيىپ، قول ئېلىپ كۆرىشىشمۇ ئادەتتىكى بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدىغۇ!
قېنى ئۇ ھوشىيارلىق؟! قېنى ئۇ جەسۈرلۈق؟! قېنى ئۇ ئۆملۈك؟! قېنى ئۇ مىللىي غورۇر؟!
ئويلاپ كورۈڭ، ھېچ قانداق دۆلەت ساتقۇن، خائىنلارغا مېھرى-شەپقەت قىلغان ئەمەس ۋە قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق نۇقسانغا قاتتىق قول بولمىغىچە، مىللەت روناق تاپمايدۇ!
ئەمدى ئۆيلۇنۇپ كۆرۈڭ، ئەشۇ بۈيۈك ئەجداتلىرىمىز ئۈلگە قىلغان بۆرىنىڭ ئەشۇ ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرىنى قايتا ئۆز ئورنىغا كەلتۇرۇش، ئەشۇ ئاساستا ئەمەل قىلىش، (مۈمكىن كۆك بايرىغىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاينىڭ ئىچىگە بۆرىنى جايلاشتۇرۇش، يە بولمىسا ئايرىم بۆرە سۈرە تلىك زناچوك چىقىرىپ، كۆكرىكىمىزگە تاقاپ يۈرۈشنى ئادەتلەندۈرۈش)، قايتا ئۇمۇمىي مىللىي مەپكۈرىگە ئايلاندۇرۇش، تىكلەشنىڭ ۋاقتى كەلمىگەندىمۇ؟! سىز ۋە بىزگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىنى تىنىچلاندۇرۇش ۋاقتى كەلمىگەندىمۇ؟! ياكى تىغ تېخى سۈڭەككە يەتمىدىمۇ؟!
ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەشۇ بۈيۈك ئەجداتلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بۈگۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى. ئەشۇ شۆھرىتى دۇنياغا ياڭرىغان ئەجداتلارنىڭ بىزگە ئامانەت قالدۇرۇپ كەتكەن ئەزىزانە ۋەتەن ئۇيغۇرىيانىڭ ئەھۋالىنى. بىز بۈگۈن قايسى ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق؟! ئويلىنىڭ!

(قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر «ئىتتىپاق» جەميىتى گېزىتىنىڭ 2016 – يىللىق تومۇز 8-سان 10 ۋە 11 – بەتلەردىن ئېلىندى)

پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. «تۈركىې» گېزىتىنىڭ رۇس تىلىدا چىقارغان كالېندارى 2012 ـ يىل 16 ـ ئاۋغۇست. ئىستانبۇل.
2. گۇمىلېۋ ل.ن. قەدىمكى تۇرۇكلەر (درېۋنىې تيۇركى) م. 1967،395 – 397 – بەتلەر.

بۇ يازما 132 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش