ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئاكادېمىيە مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى – پىداكارلىق

ئاكادېمىيە مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى – پىداكارلىق

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز، رامىزان كۈنلىرىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆتكەي، جانابى ئاللاھ تۇتقان روزىڭىزنى، قىلغان باشقا ئىبادىتىڭىزنى سالىھ ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلغاي!

سىىزگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى قۇرۇلغان سەككىز يىلدىن بېرى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغىتپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
تۆۋەندە ئاكادېمىيەنىڭ بۇ سەككىز يىلدىن بېرى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە جانلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئىككى ئامىلنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.

بىرىنچى: ئاكادېمىيەدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىك سايلام

ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى پىكىردە ئەركىن بولۇپ، قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاياش بىلەن بىرگە، بىر-بىرىگە سەمىمىي ۋە ئادىل بولۇشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىپ كەلدى. پىكىر ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە، بىرگە ئولتۇرۇپ مەسىلىنى سەمىمىي ۋە ئادىل ھەل قىلالىدى. ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان سايلامدا سەمىمىيەتلىك بىلەن يېپىق ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېموكراتىك سايلام قىلىپ، تەشكىلىي ھەيئەتلىرىنى سايلاپ كەلدى.

ئىككىنچى: ئاكادېمىيە ئەزالىرىدىكى پىداكارلىق ۋە داۋاملىق بەدەل تۆلەش روھى

ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى ئاكادېمىيەدىن بىر تىيىنمۇ مائاش ئالمايدۇ. ئەكسىچە ھەر بىر ئەزا ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرىدۇ. ئەزالاردىن مۇقىم ئىشلەۋاتقانلار ئايدا 50 لىرادىن يىلدا 600 لىرا، كىرىمى ئانچە مۇقىم بولمىغانلار ئايدا 30 لىرادىن يىلدا 360 لىرا ۋە ئائىلە قۇرمىغان ئوقۇغۇچى ئەزالار ئايدا 10 لىرادىن يىلدا 120 لىرا بەدەل پۇلى تاپشۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سەككىز يىلدىن بېرى ئەزالارنىڭ بەدەل پۇلى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مالىيە ئەھۋالى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسنىڭ ئىشخانا ئىجارىسى ۋە بېجى ئايلىق 1500 لىرا؛ ئىشخاننىڭ سۇ، توك، گاز، تېلېفون ۋە تور چىقىملىرى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ئايلىق 200 لىرا ئەتراپىدا بولۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ ئۈچ نەپەر ئەزاسى ھەر ئايدا تاپشۇرغان يىللىق بەدەل پۇلى بىلەن تۆلىنىپ كەلمەكتە. ئەزالارنىڭ يىللىق بەدەل پۇلىنى يىغىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل بىر ئىش بولۇپ، بۇنى تەشكىلات قۇرۇپ، بەدەل پۇلى يىغىپ باققانلار ياخشى بىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەر يىلى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئۇچرىشىشى» غا ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 10 مىڭ لىرا، «ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» خاتىرىلەش پائالىيىتى بىلەن «ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 3000 لىرا ۋە «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 2500 لىرا چىقىم كېتىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر مۇھاجىرەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلار، تۈركىيەدىكى ئىدارە-ئورگان ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات تۈرىگە ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2014- ۋە 2015-يىللىرى ھەر يىلى تەخمىنەن 27 مىڭ لىرا؛ 2016 – 2017- ئوقۇش يىلى ئۈچۈن 47 مىڭ 400 لىرا ئاجرىتىلىپ، مەخسۇس ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە دوكتورلۇق، ماگېستىرلىق ۋە باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا 300 لىرا، ماگېستىر ئوقۇغۇچىلارغا 350 لىرا، دوكتور ئوقۇغۇچىلارغا 400 لىرا مۇكاپات بېرىلىدۇ. يىغىلغان تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ياردەم سوممىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلغاننىڭ سىرتىدا باشقا پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىلمىدى.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرى بويىچە 2014 -، 2015- ۋە 2016 – يىللىرىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئىككى باكلاۋۇر، 17 ماگېستىر ۋە توققۇز دوكتور ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمىئىي 28 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۆز خىزمىتى بار بولۇپ، ئىشتىن سىرت ۋاقىت چىقىرىپ ئاكادېمىيە ئۈچۈن خالىس ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ئاكادېمىيەدە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بىر خىزمەتچىنىڭ مائاشىنى بېرىشتە ئاكادېمىيەنىڭ ماددىي ئىمكانى يار بەرمەيۋاتىدۇ. ئىشخانىدا مەخسۇس ئىشلەيدىغان ئادەم بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئاكادېمىيە ئىشخانىسى نورمال خىزمەت ۋاقىتلىرىدا تاقىلىپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى، يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركچە كۇرس، تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل ۋە ئىنگلىزچە كۇرس ۋە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىش ۋە ئۇلارنى پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش، ئەڭ مۇھىمى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلاردا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە مۇقىم خىزمەت قىلىدىغان بىر خادىمنىڭ مائاشى بىلەن ئىشخانا ئىجارىسىنىڭ تەل تۆكۈس ھەل بولۇشى ئاكادېمىيە خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولماقتا.

ئاتا-بوۋىلىرىمىز «تاما – تاما كۆل بولۇر» دەپتىكەن. ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئۆزلىرىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلماقتا. سىز ئوقۇمۇشلۇق بىر زىيالىي ۋە مەرىپەتپەرۋەر بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاز بولسىمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى داۋاملىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ تۇرسىڭىز، ئاكادېمىيە ئىشلىرى تېخىمۇ روناق تاپقۇسى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىگە ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم قىلغانلىقىڭىز ئوخشاشلا مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىڭىزدۇر. بەرگەن ياردىمىڭىز سىز ئاشكارىلىمىغۇچە قەتئىي مەخپى تۇتىلىدۇ. ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

– ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىى بانكا ھېسابى:
تۈركىيە ئىش بانكىسى
ئىبان نومۇرى: TR 6100 0640 0000 1106 8093 1248
ھېساب نومۇرى: 1068-931248
ھېساب ئىگىسى: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
مۇشتەرى نومۇرى: 223926880
فېندىكزادە شۆبە كودى: 1068

ئەسكەرتىش: تۈركىيە سىرتىدىن ئاكادېمىيەگە ئىئانە قىلغۇچىلار ئۈچۈن Paypal تور بانكا ھىسابى ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1113

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش