ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئوغرى

ئوغرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ھېكايە
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىر مۇشۇك سىزگە ياخشى دوست بولىدۇ. ئەمما، ھەرگىز قۇل بولمايدۇ. – تىئوفىل گائۇتىر
(1)

”جىرىڭ…“ قىلىپ ئىشىكنىڭ قوڭغىرىقى چىرىڭلاپ كەتتى. مەن دەرھەل بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئالدىمدا ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئىگىز بويلۇق گېرمان ئايال خوشنام، چىرايى سۇلغۇن، رەڭگى ئۆڭگەن، بىر جۇپ كۆك ئورا كۆزلىرى تېخىمۇ ئولتۇرشۇپ كەتكەن، ئىگىز ئىلمەك بۇرۇلىرىنىڭ ئۇچلىرى قىزىرىپ، جىلتىدەك نېپىز لەۋلىرى تىترىگەن ھالدا ئالدىمدا تۇراتتى. ئايال ئاپپاق ماڭلىيىغا چۆشىۋالغان ئالتۇنتۇندەك سېرىق چاچلىرىنى زىلۋا قولىنىڭ نوتىدەك يۇمران بارماقلىرى بىلەن ئارقىغا تاراپ تۇرۇپ، ماڭا ئالدىراپلا سالام بەردى. مەنمۇ سالامنى دەرھال ئىلىك ئالدىم. ئايال ماڭا ”توبىئاسنى كۆردىڭىزمۇ؟ “ دەپ سورىدى. مەن دەرھال نېمە سوراۋاتقانلىغىنى ئاڭقىرالماي قالدىم. چۈنكى، ”توبىئاس“ دېگەن بۇ ئىسىم ئوغۇل بالىلارنىڭ ئىسمى ئىدى. بۇ گېرمان چوكاننىڭ ئالتە ياخشلاردىكى بىر قىزى بارلىغىنى بىلەتتىم. شۇڭا دەرھال ”توبىئاس كىم بولىدۇ؟“ دەپ سوئالنى ئۆزىگە قايتۇردۇم. ئايال سەل تەئەجۇپلەنگەن ھالدا: ”كەچۇرسىز، سىز بىلمەيدىكەنسىزدە. توبىئاس مېنىڭ مۇشۇكىم. ئۇ تۇنۇگۇن كىچىدىن بېرى يوقاپ كەتتى. شۇندىن بۇيان ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى. كىچىدە سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويمايلى دەپ سورومىغان ئىدىم. بۇگۇن سەھەردىلا كىرىشىم. كەچۇرسىز! توبىئاسنى ئالىمادىس بىرەر ھادىسىگە يولۇقۇپ قالدىمىكىن دەپ قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمز“ دەپ قولىدا تۇتۇۋالغال ئا 4لىك غەزدىن بىر ۋاراقنى ماڭا تەڭلەپ:“ بۇ توبىئاسنى ئىزدەش ئىلانى. ئەگەر كۆرسىڭىز دەرھال بىزنى خەۋەردار قىلىپ قوياسىز. ھە راس قىزىڭىز توبىئاسنى بەك ياخشى كۆرەتتى. قىزىڭىز مەكتەپتىن كەلگەندە بەشىمىزغا كەلگەن بۇ بالا-قازاندىن خەۋەردار قىلىپ قوياسىز. رەھمەت ۋاقتىڭىزنى ئالدىم. خەيرى خوش!“ دەپلا ئالدىراپ پالاقلاپ تۆۋەنگە چۆشۇپ كەتتى.

بۇگۇن ئادەتتىكى دەم ئىلىش كۈنلىرى بولمىسىمۇ، ئۆزەم ئۆيدە ئازراق شەخسى ئىشلىرىمنى قىلىش ئۈچۈن يىللىق دەم ئىلىش كۇنلىرىمنىڭ ھېساۋىغا دەم ئالغان ئىدىم. شۇڭا ئۆيدە يالغۇزتىم. قولۇمدىكى قەغەزگە قارىدىم. قەغەزنىڭ ئاق يۇزىدە كۆپ-كۆك ئىككى كۆزى چاقناپ تۇرىدىغان، تۇكلىرى ۋال-ۋال پاقىراپ تۇرغان قاپقارا بىر مۇشۇكنىڭ ئاجايىپ سۇرلۇك سۇرىتى تۇراتتى. بۇ مۇشۇك ئەلۋەتتە ماڭىمۇ ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى. ئىلان قەغېزىنىڭ ئاستىغا مۇشۇكنىڭ ئىسمىنىڭ ”توبىئاس“ ئىكەنلىگى، يېشى، يوقاپ كەتكەن ۋاختى ۋە ئىگىسىنىڭ ئىسمى فامىلىسى، ئادرېسى تېلىفون نۇمۇرىسى يېزىقلىق ئىدى.

بۇ خەۋەردىن كىيىن مېنىڭ قولۇممۇ، ئەقلىممۇ ئىشقا بارمىدى. ئاخرى خوشنامنىڭ ئازراق بولسىمۇ دادىغا يېتىش ئۈچۈن. ئىلان قەغىزىنى چىرايلىق قاتلاپ يانچۇقۇمغا سالدىمدە تالاغا چىقىشقا تەرددۇت قىلدىم.

ياز كۈنلىرىنىڭ چاشاك ۋاقىتلىرى بولغاچقا بۇلۇتسىز كۆكنىڭ باغرىدا چوغدەك قىزىرىپ تۇرغان قۇياش ئۆز ئەپتىنى تەبىئەتكە ئومدانلا كۆرسەتكەن ئىدى. مەن ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى 300 مېتىر يىراقلىتىكى كۆل بويىغا قاراپ يول ئالدىم. بۇگۇن دەم ئىلىش كۈنلىرى بولمىغاچقا كۆل بويىدا ئادەم ئانچە يوق ئىدى. ئەگەر دەم ئىلىش كۈنلىرىدە بۇگۇنكىدەك ھاۋا ئىسسىيدىغان بولسا ئىدى، بۇ كۆلنىڭ ئەتراپى بەئەينى بىر ساياھەت رايونىدەك ھەر تەرەپتىن كەلگەن ياش-قىرىلار بىلەن تولۇپ-تاشقان بولاتتى.
مەن كۆلنىڭ يانلىرىدىكى بۇكىدە دەل-دەرخلەر بىلەن قاپلىغان چىغىر يولنى بويلاپ، ئەتراپقا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ ”توبىئاس“ ئۇچراپ قالار بەلكى دېگەن ئازراق ئۇمىد بىلەن ئايلىنىپ ماڭدىم. بۇگۇن ئەتراپتا ”توبىئاس“ تۇرماق، كۆلنىڭ زۇمرەتتەك سۇپ-سۇزۇك سۇ يۇزىدە، ئەركىن ئۇزۇپ يۇرۇيدىغان رەڭگارەڭ بېلىقلار كۆرۇلمەيتى. چۈنكى، ھاۋانىڭ ئىسسىغىدىن ئۇلارمۇ كۆلنىڭ تەگتىگە سۇڭغۇپ كەتكەنتى. كۆلدە غاقىلداپ باللىرىنى ئارقىسىغا سېلىپ ئۇزۇپ يۇرۇيدىغان ئۆدەكلەرمۇ كۆلنىڭ يانلىرىدىكى كىچىك شاھاپچىلاردىكى قومۇشلۇقلارنى ئۆزىگە پانا قىلغان ئىدى. چىغىر يولنىڭ يانلىرىدىكى ئۇسشاق تاشلارمۇ يىرىلىپ كەتكىدەك قىززىپ كەتكەنتى. چىرغىر يولدىكى مەجنۇن تاللىرىنى سۇغا تاشلاپ تۇرغان سۆگەتلەرنىڭ قىلىن قاسراقلىرىق يۇزلىرىگە 100 مېتىردىن ئارىلىق تاشلاپ“توبىئاس“نىڭ رەسىمى بار ئىزدەش ئىلانى چاپلانغان ئىدى. مەن كۆلنى بىر ئايلىنىپ كۆلدىن سەل يىراقتىكى دەرەخلەر ئارىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئالدىمدا سوزۇلۇپ ياتقان كۆلنىڭ كۆپكۆك يۇزى بىر ئەينەك تاختىسىدەك پاقىراپ تۇراتتى. ياندىن بىر گېرمان بوۋاي كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ئۇزۇۋاتاتتى. بوۋاينىڭ بوينىدىن سۇ يۇزىگە چىقىپ تۇرغان پاينەك بېشى، سەھەردە سۇغا چىقىپ، ئىقىتىپ قويغان سەھراھلىق قىزنىڭ قاپىقىدەك لەرزان لەيلەپ كىتىۋاتتى. شۇ ھامان خىيالىمدىن ئانا ۋەتىنىمنىڭ سۇكىنات ئىچىدە ياتقان ئاشۇ گۈزەل سەھرالىرى كېزىشكە باشلىدى. كۆزۇمنى ”قاپاق“تىن ئۆزۇپ يانغا قارىدىم. ياندىكى ئاق تېرەكنىڭ سۇزۇك يۇزىگە چاپلانغان ئىلاندا، كۆپ-كۆك كۆزلىرىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ تۇرغان نېمىسنىڭ ئەسكەرلىرىدەك، قۇيقا چاچلىرىنى تىك قىلىپ ”توبىئاس“ ماڭا ھۆپىيىپ تۇرغاندەك كۆرۇندى. ئۇ ماڭا قاراپ:“بىز شۇنچە يىللىق خولۇم-خوشنا تۇرۇپ، بىرە قىتىممۇ سالام بەرمىدىڭ“ دەپ ئاچچىقلىغاندەك قىلاتتى.

گېرمانىيەدە مۇشۇكلەرنىڭ ئورنى بەكمۇ يۇقۇرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېسىل دوختۇرخانىلىرى، سالامەتلىك ۋە قىرىلىق سۇغۇرتىسى، ھەتتا يىتىمخانىلىرىدىن تارتىپ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى قانۇنى ئورنى، بىزنىڭ ۋەتەندىكى ئىنسانلارنىڭ قانۇنى ئورنىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى ئىدى. ئۇلاردىكى ئەركىنلىك ۋەتەندىكى ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس غايىسىدۇر بەلكى…

(2)

ھەي! دەپ ئۇھ تارتىپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. چۇنكى مېنىڭ مۇشۇك ھەققىدە ئۆسمۇرلۇك چاغلىرىمدىن قالغان تېراگىدىيەلىك بىر كەچۇرمىشلىرىم بار ئىدى.
مۇندىن 40 يىل مۇقەددەم بىر كۈنى مەھەلىدىكى بالىلار بىلەن ”خەلق ئەسكەرلىرى“ چىقىپ خارابىلىققا ئايلاندۇرۋەتكەن مەھەللە مەچىتتىنىڭ ئىچىدە مۆكۇ-مۇكۇلەڭ ئويناۋاتاتتۇق. مەن مۆكۇمەن دەپ بۇ خارابىلىقتىن ساقلىنىپ قالغان ئەسكى تامنىڭ يېنىغا كېلدىم. قىلىن تامنى ئويۇپ ياسالغان مېكراپتا بىر كىچىك مۇشۇكنىڭ ياتقانلىغىنى تۇيۇقسىز كۆرۇپ قالدىم. مۇشۇك مېنى كۆرۇپلا بېشىنى دەرھال كۆتۇرۇپ، يۇلتۇزدەك پاقىراپ تۇرىدىغان ئۇركەك كۆزلىرى بىلەن قارىدى. ئاندىن سەل ئۆزىنى ئوڭشاۋىلىپ شۇنچىلىك سەبى، شۇنچىلىك پاك بىر قەلب بىلەن ماڭا تەلمۇرۇپ ”مىياۋ“ دېدى. ئۇنىڭ بۇ ”مىياۋ“ لىشى مېنىڭ ئالمىدەك يۇرەگىمنى تىترەتتى. ئەسلىدە مەھەلىدىكىلەر ئىبادەت قىلىدىغان بۇ مەقەددەس جاينى بىر كىچىدىلا مۇرىلىرىگە قوراللار ئاسقان، قوللىرىدا كەتمەن-گۇرچەكلىرىنى تۇتقان 40-50 كە يىقىن ”خەلق ئەسكەرلىرى“ ئۇر-چاق قىلىپ چىقىۋېتىپ، ئىمام بىلەن مەزىمنى تۇتۇپ كەتكەندىن بىرى، بۇ مىكراپنىڭ يېنىغا بىر ئىنسان كىلىپ باقمىغان ئىدى. مانا بۇگۇن بۇ بىغۇبار مۇشۇك ئۆزى يالغۇز مىكراپتا ئەنە ئاشۇ بىگۇناھ سولانغان ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن ئىتكاپقا ئولتۇرۇپ، دۇئا تىلاۋەت قىلىپ، ئاللاھقا مۇناجات قىلىۋاتقان دەرۋىشلەردەك كۆزۇمگە چىلىقتى.

مەن مۇشۇكنىڭ يېنىغا ئاستا قەدەم ئىلىپ كەلدىم. مۇشۇكمۇ ئاستا كىلىپ ھېچ ھىتىقىماي قولۇمنى پۇرىدى. مەن ئۇنىڭ قوسىقىنىڭ ئاچ ئىكەنلىگىنى دەرھاللار ھىس قىلىپ، مۇشۇكنى قولۇمغا پەپىلەپ ئالدىم. مۇشۇك بەكمۇ يۇمشاق ھەم كىچىك ئىدى. بەلكى ئانىسى ئۆلۇم كەتكەن يىتىم بالا بولۇشى ئىھتىمالغا بەكمۇ يىقىنتى. ئۇنىڭ پىلە قۇرۇتىدەك قاشلىرى، كۆك ياقۇتتەك پاقىراق كىچىك كۆزلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ كۇلرەڭ يۇمران تۇكلىرىنى پاماقلىرىم بىلەن ئاستا سىلىدىم. ئۇنىڭغا خوش ياقتى بولغاي كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كىلىشكەن بۇرنىنىڭ ئۇچىدا كىچىك بىر ئاق بۇلۇت پارچىسى ۋە قاپچىدەك قۇيرۇقىدا ئاق بالداقلار بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوماق بىجىرىم لەۋلىرى ئوچۇق بولۇپ، كۇلۇپ تۇرغاندەك كۆرۇنەتتى. مەن بۇ مۇشۇكنى بەكلا ياخشى كۆرۇپ قالغانتىم. مەن دەرھال ئۆيگە قاراپ بەدەر چاپتىم. چايخانىدا ئولتۇرغان ئاپام، مېنىڭ ئىككى قولۇم بىلەن بىر كىچىك نەرسىنى ئاۋايلاپ تۇتقان پىتى تالادىن ئۇچقاندەك يۇگەرەپ كىرگەنلىگىمنى كۆرۇپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:“ ھەي بەڭۋاش بالام ساڭا نېمە بولدى؟ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟“ دەپ سوئال-سوراق قىلىشقا باشلىدى. مەن قولۇمدىكى مۇشۇكنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ ”بۇنىڭ ئىسمى ”ئارسلان“. مەن مېچىتتىن تىپىۋالدىم. ئەمدى ئارسلاننى ئۆزۇم باقىمەن“ دېدىم. ئانام ”بالام قورادا داداڭنىڭ ئىتى بار. ئىت بىلەن مۇشۇكمۇ چىقىشالمايدۇ ھەم داداڭ مۇشۇكنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇنى سەنمۇ ئومدان بىلىسەن. شۇڭا داداڭ كەلگىچە دەرھال كۆزۇمدىن يوقات“ دېدى. مەن دەرھال نارازى بولغان بولساممۇ دادامنىڭ پەيلىدىن قورقۇپ مۇشۇكنى مەسچىتقا ئەچىقىپ ئاشۇ يەردە بىقىشقا ئاپامنى ماقۇل دىگۇزدىم. ئاپام ماڭا بىر كىچىك تۆمۇر قاچا، بىر قۇرۇق بوتۇلكىغا سۇ قاچىلاپ بەردى ھەم قولۇمغا كىچىك توقاچتىن بىر تۇتقۇزۇپ تالاغا يولغا سالدى. مانا ماشۇ كۈندىن باشلاپ ”ئارسلان“ مېنىڭ جان دوستۇم بولۇپ قالدى.

ئارسلاننى ئۆزەم چۇجۇلەپ تازا ئومدان باقتىم. قاسساپلارنىڭ ئالدىغا ئىرىنمەي بېرىپ، بەزلەرنى يىغىپ كىلىپ بىرەتتىم. ئۇ مېنى كۆرگەن ھامان ئىككى قولىنى مۇرەمگە ئىلىپ ئەكىلەپ، ئۆسكىلەڭ پۇرۇتلىرىنى ماڭا سۇركەپ كىتەتتى. ئۇ مېنىڭ بۇ سەبى كۆڭلۇمدىكى مېھرى-شەپقەتنى ھېس قىلاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەختىيار بولاتتىم.

مەن ھەر كۈنى سەھەردە مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن كىچىك ”ئارسلان“نى بىر يوقلاۋىتىپ، ئاندىن ماغاتىم. مەكتەپتىمۇ ئارسلان ئەقلىمدىن ھېچ چىقمايتى. ئۇ ئاستا-ئاستا مېنىڭ جان دوستۇملا بولۇپ قالماي بەلكى ئۇ مەچىتتىن ئىبارەت ئۇ مۇقەددەس جايدا تۇرىدىغان، ئۇ يەردە كۆزۇمگە كۆرۇنىدىغان مېنىڭ روھىمغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ بەزىدە كۆزۇمگە بىر باھادىر يىگىتتەك كۆرۇنەتتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئەركىنلىكنى، ھۆرلۇكنى كۆرگەندەك بولاتتىم.

مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ ۋاقىتلىرىمنى بىرگە ئۆتكۇزەتتىم. ئۇنىڭ بىلەن كاللا-موللاق بولۇپ ئوينايتىم. ئۇ بىر ئوقۇپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان ئېسىل ئەسەرگە ئوخشايتى. ئوقۇغانسىرى شۇنچىلىك روھىم جانلىناتتى. مەن ئۇنى گۈلدەك ياخشى كۆرگەنلىگىم ئۈچۈن تىرناقلىرى ماڭا ھېچ سانجىلمايتى. سانجىلدى دىگەندىمۇ مەن ھېچ ئاغرىق ھېس قىلمايتىم. ئۇنىڭغا ئاشقان-تاشقان نەرسىلەرنى، ئىنسان يىمەيدىغان بەزلەرنى بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئىنساندا يوق بىباھا نەرسىلەرگە ئىگە بولاتتىم. ئۇنىڭدىن سۆيگۇنى ئۇگەندىم. سۆيگۇنى ئۆزارا بۆلۇشۇپ بىرلىكتە بەختىيار بولۇشنى ئۇگەندىم. بىرسىگە بىر نەرسىنى بېرىشنى، ۋاقىت ئاجىرتىشنى، پەپىلەپ پەرۋىش قىلىشنى ئۇگەندىم. بۇ ئارلىق ساغلام بالىلىق روھنى يىتۇلدۇرۇپ ماڭدىم. چۇنكى ئارسلاندا شۇنچىلىك گۈزەل بىر روھ بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتمەن دەپ، زىنھار يالغاندىن خۇپسەنلىك قىلمايتى. قانداق بولسا شۇنداق كۆرۇنەتتى. قانداق كۆرۇنگەن بولسا شۇنداق قىلاتتى.
بىز بۇ ھاياتنى ياشاۋاتقان بولساق ئۇ، ھايات بىلەن جەڭ قىلاتتى.

(3)

”ئادەم ھەمىشە كۆڭۇللۇك ئۆتمەس، گۈل-گىياھلار بىر كۈنى توزىماي قالماس“ دېگەندەك، ئارسلان بىلەن كۈنلىرىمىز ئەنە ئاشۇنداق بەخت ئىچىدە ئۆتۇۋاتقاندا بىر بوغۇلۇق بولدى. بۇ بوغۇلۇق ئەنە ئاشۇ كۈندە ھەر ئىككىمىزگە تەڭ بولدى.

بىر كۈنى چۇشتە چايخانىدا تاماق يەۋاتسام، تالاندىن ئاڭلىنىۋاتقان ”ئوغرى! ئوغرى تۇتۇلۇپتۇ!“ دېگەن ئاۋازلار قۇلۇغۇم تۆۋىدە چاراڭلاپ كەتتى. تامىقىمنى قويۇپلا تالاغا ئوقتەك يۇگەردىم.
تالادا بىر توپ بالىلار تار كوچا تەرەپكە قاراپ پاتىراقشىپ يۇگرەپ كىتىۋاتتى. مەنمۇ بۇ ۋەقەدىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بەدەر چاپتىم. ما ئىشنى كۆرمەمدىغان ”بالا قازا كۆرۇلۇپ كەلمەس، پۇت-قولىنى ساڭگىلتىپ“ دەپ، مەھەللىمىزدىكى ئابدۇل تەرسا دېگەن مەندىن بەش ئالتە ياش چوڭ مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەن كۆكەمە جۆندەك قولىدا بىر قازاق قامچىسىنى تۇتقان ھالدا ئەتراپىدىكلەرگە بار كۈچى بىلەن ۋاقىراپ: ”ھەممىڭگگە ئىبرەت بولسۇن! كىم ئاكاڭ-قارغاينىڭ كەپتىرىنى ئوغۇرلايدىكەن ئاقىۋىتى مانا ماشۇ ئوغىردەك بولىدۇ. مەن بۇ ئوغرى مۇشۇكنى دەرەخقە مىخلاپ، مۇشۇ قامچام بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ. ئوغرىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇمەن“ دەپلا قامچا تۇتقان ئوڭ قولىنى گىز كۆتۇرۇپ ۋاراس-ۋۇرۇس قىپلا ئىككى قولى ئاق تېرەككە كىچىك مىخ بىلەن مىخلانغان، ئىككى پۇتى ھاۋادا پۇلاڭلاپ تۇرغان ئارسلاننىڭ دۇمبىسىگە ئۇرغىنى تۇردى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئەس-ھوشۇمنى يوقاتقان ھالدا غۇججىدە تۇتقان قەھرىم بىلەن ئۇ بەدبەخنىڭ چاتىرقىغا تازا كەلتۇرۇپ بىرنى تەپتىم. ئۇ ۋايجان دەپ تۇگۇلۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى. مەن بېرىپ قان ئىچىدە دەرەخققە چاپلىشىپ ئىڭراپ مىياۋلاۋاتقان ئارسلانغا ئىسىلاي دىيىشىمگە، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى بار كۈچى بىلەن تۇتۇپ بىر ئاتقانتى، سۇسىز ئىرىقنىڭ ئىچىگە بىر باغلاپ بۇغدايدەك چۇگۇلۇپ چۇشتۇم. ئۇ يۇگرەپ كىلىپ، ماڭا دىۋەيلەپ: ”بۇ سېنىڭ ئالى قانات يېتىم ئوغلاق ئوغرى مۇشۇكىڭ، مېنىڭ بىر جۇپ موللاقچى كەپتەرىمنى يەۋەتتى. ئۇنى ئۆلتۇرمىسەم ھەرگىز ئۆچۇم چىقمايدۇ“ دەپ مىنى يەنە بىرنى تەپتى. مەن لەۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ: “ ئارسلان ئوغرى ئەمەس. ئۇ ئۇنداق نانكور ئەمەس! ئۇنىڭ كەپتېرىڭنى يىگەنلىگىنى قانداق بىلىسەن. ئۇنى قويۇۋەت! ئۇ ھەرگىز كەپتەر يىمەيدۇ…“ دېيىشىمگە، ئۇ سۆزۇمنىڭ قاپ بېلىدىنلا ئۇزۇپ، دوداي كەلپىكلىرىنى تىترىتىپ، يوغان قوللىرىنى شىلتىپ، گىروي گەۋدىسىنى ئالدىمغا ئىگىپ تۇرۇپ: “ بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۇ ئوغرى مۇشۇكنىڭ كاتىكىمنىڭ ئالدىدا پىقىراپ يۇرگەنلىگىنى كۆرگەنتىم. ئىككى كۈن بولدى ئۇ بىر جۇپ موللاقچى كەپتەرلىرىم يوقاپ كەتتى. كىم ئوغۇرلىدىكىن دەپ، دەرگۇماندا يۇرسەم، بۇگۇن يەنە بۇ ئوغرى مۇشۇك كاتەكىمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئوغرىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ئەمدى بىلدىم دەپ، كەپتەرلىرىمنى ئاچ كۆزلۇك بىلەن يەۋەتكەن ئوغرىنى ئاران تۇتتۇم. ئەمدى تېخى قويىۋېتىمىزما؟ ئەھلى مەھەللىكلەرنىڭ ئالدىدا ئۆلتۇرۇپ، جاجىسىنى بېرىپ، ئۆزەمنىڭ كىم ئىگەنلىگىنى بىر كۆرسىتىپ قويىمەن! ھەي شۇمتەك، بۇ ئوغرىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ خىيال ئەيلىمە!“ دەپ جاۋۇسىنى چاچتى. مەن ئورنۇمدىن مىڭ تەستە تۇرۇپ ئۇنىڭغا: ”گەپ بوپتۇ – دە! بۇ، ھەقىقى ئوغرىنى تۇتماقتا يوق، بىگۇناھ ئارسلانغا ئۇۋال قىلىۋاتىسەن! ئارسلان خەقنىڭ نەرسىسىگە چىقىلمايدۇ. ئۇنىڭ قارنى-كۆكسى توق. ئۇنىغا ناھەقچىلىق قىلما!“ دەپ، ئۇنىڭغا كۈچۇپ يەتمىگەندىكىن، يا ئەتراپتا يا ئۆيدە ماڭا ھازىر بولۇشىدىغان بىرەسى بولمىغاندىنكىن يالۋۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇ پاسىق ماڭا ۋاقىراپ، قولىدىكى قىسقا قاپچىسىنى شىلتىپ تۇرۇپ: ”ئەمدى يەنە ھۆتۇت-پۆتۇت دەيدىغان بولساڭ، سېنىمۇ دەرەخقە باغلاپ، قامچامنىڭ تەمىنى، مانا مۇنداق تېتىتىمەن“ دەپلا دەرەخقە مىقلاقلىق ئارسالننى ئىككى ئۈچ قامچا سالدى. بۇ جاڭۋا بار كۈچىنى يىغىپ ئابدۇل تەرساغا قاراپ، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاقرىتىپ، سەدەپتەك چىشلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۇرۇپ، پۇتۇن ئەزايىدىكى تۇكلەرنى تىك – تىك قىلىپ، بار كۈچى بىلەن بەئەينى يولۋاستەك ھۆۋكۇردى. رەھىمسىز بەدرەھ مېنىڭ يالۋۇرۇپ ئېسىلۋىلىشىمغا قارىماي شەپقەتسىزلىك بىلەن يەنە بىرنى ئۇرغانتى، ئارسلان بار ئاۋازى بىلەن چىقىراپ، قاتتىق سىلكىندى – دە، ئىككى قولى مىقتىن ئاجىرىلىپ، ئىرىق ئىچىگە، ئوق تەككەن قۇشتەك پوككىدە چۇشتى. دەل ماشۇ چاغدا كومۇنانىڭ كۆكتاتلىقى تەرەپتىن ئىككى بالا يۇگرەپ كىلىپ“ ئابدۇلكا كەپتىرىڭنى چۇ لوڭنىڭ ”تەتىيى“ يەۋەتكەن ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆكتاتلىققا تۇتاشقان تام تۆۋىدىكى يۇندۇلىرى ئارىسىدا ئىككى كەپتەرنىڭ بېشى بىلەن ئاق پەيلەر تۇرىدۇ“ دېدى. ئابدۇل تەرسا بۇ تۇشمۇ-تۇش كەلگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ: ”يۇرۇڭلار ئاشۇ ياققا“ دەپلا يەردە ياتقان ئارسالنغا بىر قاراپ قويۇپ، بەدەر تىكىۋەتتى. ئارقىسىدىن ئۇنىڭ شوركىلىرىغا قوشۇلۇپ ھەممە بالىلار بەدەر چاپتى. مەن دەرھال ئىرىقتا قان ئىچىدە ياتقان جانسىز ئارسالننى قولۇمغا ئالدىم. ئارسلان ئۆلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن ئاققان قان تامچىلىرى دەرەخ يۇپۇرماقلىرى ئارىسىدىن چۇشكەن كۈن نۇرىدا كەھرىۋادەك پار-پار پاقىراپ تۇراتتى. مەن قان يۇقىغا مۇلەنگەن زەپىرەڭ يۇزىنى سىلاپ تۇرۇپ، ئۆزەمنى تۇتالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم ۋە ”خەپ! چوڭ بولغاندا بۇ ئۆچەمنى ھەرگىز ئالماي قويمايمەن. سەن، نوچىلىغىڭنى مەڭگۇ كۆرسىتىمەن دەپ خىيال ئەيلىمە!“ دەپ ۋاقادىم. ئاندىن ئاق كۆينىگىمنى يېشىپ سۆيۇملۇك ئارسلانىمنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى ئورۇدۇم.

مەن چوڭ كوچىغا چىققان ئىدىم. بىگۇناھ ھابىلنى ئۆلتۇرۇپ، جەسىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمىگەن قاتىل قابىلدەك ئارساننىڭ جەسىتىنى قانداق قىلىشنى بىلمەي ئويلۇنۇپ قالدىم.
ئۆز ئىنىسىنى ھەسەتتىن ئۆلتۇرگەن قابىلغا، ئۇلۇغ ئاللاھ بىر قاغىنىڭ بىر ئۆلۇك قۇشنى تۇمشىقى بىلەن سۆرەپ ئەكىلىپ، ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى تاتلاپ ئورەك كولاپ، ئاندىن ئۆلۇك قۇشنى گۆمگەنلىگىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق قابىلغا بىشارەت بەرگەن ۋە ئىنسان ۋاختى كەلگەندە ئاشۇ ئاجىز قۇشچىلىكمۇ بولالمايدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى كۆرسەتكەن ئىدى.

مېنىڭ ئەقلىمگە دەرھال مەھەلىمىزنىڭ تۆۋىنىدىكى ئالمىلىق باغ كەلدى. مەن ئارسلاننى ئاشۇ باققا كۆمۇش ئۈچۈن تۆۋەنگە قاراپ ماڭدىم. ئالاھازەل ئازراق ماڭغاندىن كىيىن باغنىڭ ئارقا تەرىپىگە يىتىپ كەلدىم. باققا سۇ كىرىدىغان سۇڭگەچتىن ئاستا ئۆمۇلەپ باققا كىردىم. ئاق كۆينەككە ئورالغان جەسەتنى بىر تۇپ ئالما دەرەخقنىڭ ئاستىغا پەپىلەپ قويغاندىن كىيىن، بىر قۇرۇق شاقنى سۇندۇرۇپ كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يەرنى كولۇدىم. ئاندىن ئىچىگە يۇمران چۆپلەرنى يۇلۇپ كىلىپ، چىرايلىق قىلىپ سالدىم. ئاق كۆينۇگۇمنىڭ ئىچىدىن ئارسلاننى ئالدىمدە-دە، ئاۋايلاپ سۇلغۇن يۇزۇنى مەچىتنىڭ مىكراپى تەرىپىگە قارىتىپ ياتقۇزدۇم. ئۇستىنى ئاق تىرەكنىڭ ياپراقلىرى بىلەن چىرايلىق ياپتىم. ئاندىن نەم توپىنى قولۇم بىلەن تىخىمۇ يۇمشاتتىم. ”بىسمىللاھىرراھمانىرراھىم“ دەپ، توپىنى چېچىپ كۆمدۇم. ئاخىرى ئەتراپتىكى رەڭمۇ-رەڭ ئىچىلغان چۇغلۇقلارنى، لالىلەرنى ئۇزۇپ ئەكىلىپ، گۈل بىلەن نەم توپىنىڭ ئۇتىنى پۇركىۋەتتىم. بۇ ئىشلارنى تەرتىپلىك قىلغاندىن كىيىن ئەتراپىمغا ئومدان بىر قاراۋېتىپ، قولۇمنى كۆتۇرۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلدىم:“ ھەي بىغۇبار ئارسالانىم! پەلەكنىڭ گەردىشى بىلەن ئەنە ئاشۇنداق بەدرەھ نادان، رەخىمسىز ئۆكتەملەرنىڭ دەستىدىن كۇتۇلمىگەن بالا-قازاغا دۇچ كەلدۇق. سەن بۇ ئالەمدىن تېراگىدىيەلىك ئۆلۇم بىلەن ۋىدالاشتىڭ. ئۇلۇغ تەغرىم، بىگۇناھ ئۆلۇپ كەتكەن ئارسلانىمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغايسەن. ئەي سۆيۇملۇك ئارسالانىم! مەنمۇ چوقۇم بىر كۈنى سېنىڭ يېنىڭغا بارىمەن. سەن شۇ چاغدا مېنى قارشى ئالغىنى چىقاسەن. ئەگەر جەننەتتە مېنى قارشى ئالمىساڭ، ھىچبىر جەننەت، جەننەت بولماي كەتسۇن! ئاشۇ تەرسا ئۆكتەملەر ئۆمۇر بويى روناق تاپالمىغاي! مۆشۇكلەرنى ئۆلتۇرگەنلەر ئۇ دۇنيادا چاچقان بوپ كەتگەي. ئاشۇ ئىككى موللاچچى كەپتەرنى كىم ئوغۇرلاپ يىگەن بولسا، ئاشۇ ئوغرىنى ئۆزەڭنىڭ قەھرى غەزىپىڭ بىلەن ھالاك قىلغايسەن. مەن ئاجىس بىر مەندەڭمەن مەن سىنىڭدىنلا مەدەت تىلەيمەن. شۇڭا سېنىڭ شەپقىتىڭ، سىنىڭ مەدېتىڭ ماڭا يىتىپ ئاشىدۇ! ئامىن!“

(4)
مەن ئارسىلانىم بىلەن جۇدالىق دېغى ئىچىدە خوشلۇشۇپ، مەھەللىگە كەلسەم. خىلىقى قارا تۈرك ئابدۇل بەدبەخ بىرتوپ ئاتارمەن-چاپارمەنلىرى بىلەن چۇ لوڭنىڭ قوراسىغا قارىتىپ چالما ئاتقىنى تۇرۇپتۇ. بۇلارنى كۆرۇپ ئىشنىڭ ماھىيىتى تونۇپ يەتتىم. ئەسلىدە چۇلوڭ دېگەن بۇ چىنلىق بىر يىلنىڭ ئالدىدا مەھەللىمىزگە كۆچۇپ كەلگەن ئىدى. چۇلوڭ چوڭ ئەترەتنىڭ يېڭى ئالغان ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان شۇپۇرتى. ئايالىنى ئىشلىمەي ئۆيدە ئولتۇراتتى، باللىسىمۇ يوقتى. ئۇلار ئولتۇرغان قورا بولسا يېزىغا سۇرگۇن قىلىنغان ئەھمەت مۇئەلىمنىڭ قوراسىتى. بۇ ئۇچ ئىغىز پىشايۋانلىق قورانىڭ ئالمىلىق بېغىنىڭ ئارقا تېمى كومۇنانىڭ كۆكتاتلىقىغا تۇتىشاتتى. مانا ماشۇ تالاغا قاراپ تۇرىدىغان دېرىزىلىرىنىڭ قاپقاقلىرى، قوش قانات دەرۋازىلىرىنى كۆك سىر بىلەن سىرلانغان چىرايلىق قوراغا ئاشۇ چۇ لوڭ بىلەن ”تەتىيى“ كۆچۇپ كەلگەندىن بېرى مەھەلىدە ئانچە ئارامچىلىق بولماۋاتاتتى. چۇلوڭنىڭ ئايالىنى مەھەللىدىكى ھەممىسى ”تەتەي“ دەپلا ئاتايتى. ئۇ ئايال دەسلەپتە بۇ ئاتاشقا ئاچچىقلانغاندەك قىلغان بولسىمۇ كىيىن بۇ ئىسىمغا كۆنۇپمۇ قالغانتى. بۇ ئايالنىڭ بىر ئەسكى خۇيى ئۆيدىكى يۇندىلارنى داۋاملىق دەرۋازا ئالدىغا چاچاتتى. گۇپپىدەك گۇل-چىچەكنىڭ پۇرىقى كىلىپ تۇرىدىغان بۇ مەھەللىدە ئۇلارنىڭ قوراسىنىڭ ئالدى ئەمدى سېسىق يۇندا پۇرايدىغان بولۇپ قالغانتى. كوچىدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ئاشۇ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە ئاغزىنى ئىتىۋالاتتى. كۈندە سەھەر تۇرۇپ، ئىشىك ئالدىلىرىنى پاكىز سۇپۇرۇپ، پاكىز سۇ سىپىپ ئادەتلەنگەن مەھەللە ئاياللىرى بۇ ئەدەپسىزلىككە چىدىغۇچىلىگى قالماي ھەممىسى ئاساسقاتلامغا بېرىپ دات ئىتىشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ”تەتەي“نىڭ بۇ بولمۇغۇر قىلىقىنى تەنقىتلىگەندىن كىيىن، ئىشىك ئالدىغا يۇندا چىچىشتىن قالغانتى. ئەمما، يۇندىنى تامدىن ئارتۇلدۇرۇپ كۆكتاتلىققا چاچقاچقا، كۆكتاتلىقنىڭ يان تېمىنىڭ تۇيى ئەخلەت-چاۋا، يۇندا بىلەن توشۇپ، ئۇ يەرمۇ خارابىلىققا ئايلانغان ئىدى. چۈنكى ئۇلار قورانىڭ ئەپلىك بىر يېرىگە كارىز قىزىپ يۇندىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەپلىك چارىلىرىنى بىلمەيتى ھەم ئۇلاردا ئۇنداق بىر مەدەنىيەتمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ھەممە نەرسىنى ئارلاشتۇرۇپلا تامدىن سىرتقا قارىتىپ ئىتىپ، يا باشقىلارنى يا مۇھىتنى ئويلاپمۇ قويمايتى. پەقەت ۋاقىتلىق ئاشۇ پاسكىنچىلىقتىن قۇتۇلغىنىغا ئۇلار خوشتى.

بىر كۈنى ”تەتەي“ ماڭا مەھەلىدىكى ئۆستەڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ”ئىچىدىكى ئىت بېلىقلارنى تۇتۇپ بەرسەڭ پۇل بىرىمەن“ دېدى. مەنمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوبدان ئىش ئىكەن بۇ دەپ ئويلاپ، ئۆستەڭدىكى ئىت بېلىقلارنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئەكىرىپ بېرىپ، ئاز-تولا چاي پۇلى تاپتىم. مانا ماشۇ چاغدا، قورادا بىر ئەلگەككە يىپ باغلانغان تاياقنى تىيەپ، ئەتراپىغا بۇغداي چىچىپ قويغانلىغىنى كۆرۇپ، ھە بۇ ”تەتەي“ ئەمدى ئۆيگە باسماق قۇرۇپ، قۇشقاش تۇتىۋىتىپتىدە دەپ ئويلىغان ئىدىم. كىيىن بەكمۇ چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەي مۇز چوكىنىڭ پۇلىنى تىپىش ئۈچۈن ئۆز تىجارىتىمنى دۋاملاشتۇرىۋەرگەن ئىدىم. مانا بۇگۇن شۇنى ئىنىڭ چۇشۇنۇپ يەتتىمكى، ھېلىقى بىچارە ئاق ئىككى مۇللاقچى كەپتەرلەمۇ ئاشۇ باسماققا چۇشۇپ، بۇ رەھىمسىز ئاچ كۆزلەرنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئىكەن.

ئابدۇل تەرسامۇ بۇ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى ئىنىق بىلگەن ئىكەن. ئۇ تەرسا ”تەتەينى“ تۇتۇپ، دەرەخقە باغلاشقا قۇدرىتى يەتمىگەندىن كىيىن، يىراقتىن تۇرۇپ قوراسىنى چالما-كىسەك قىلىشتىن باشقا، ئەپچىل قىساس ئىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالمىغانتى. ئەمما، ئاز ۋاقىت ئۆتە ئۆتمەيلا، ساقچىلار كىلىپ ئۇ تەرسانىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۇككە تىقىپ، تۇتۇپ ئەكەتتى.

گۇناھسىز ئارسلاننىڭ قاتىلى جازالانغانتى. ئەمما، ھەلىقى ئوغرى يەنىلا ئادالەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرىمىغان ئىدى. بەلكى ئۇنداقلار تا ھازىرغىچە ئوغۇرلىقىنى داۋاملاشتۇرۋاتقاندۇ بەلكى.
بىراق مېنىڭ ئۇ كىچىك ئارسالانىمدەك بىگۇناھ غەمگۇزارلار ئاشۇ ئوغرىلارنىڭ كاساپىتىدىن، ئاخماقلارنىڭ ئاياقى، قامچىسى ئاستىدا ئېزىلمەكتە، ئىغراپ جان بەرمەكتە. ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل بالىلىقىمۇ ئاشۇ رەھىمسىز ئاياقلارنىڭ، قامچىلارنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ خارلانماقتا ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى ئاشۇ ئاچكۆز ئوغرىلارنىڭ تەھتىتىگە ئۇچرىماقتا. گۈزەل روھلار ئەلەملىك قىينالماقتا، زارلانماقتا. ئاشۇ كىچىك قەدىرلىك ئارسلانلارنىڭ پاك سۆيگۇسىدىن سەبى بالىلار مەھرۇم قالماقتا…

مەن ئۆز خىيال دۇنيارىمدىن ئويغۇنۇپ بېشىمنى كۆتۇرۇپ كۆككە قارىدىم. كۆكتىكى قۇياش ئۇستىمدە ئاشۇ مېنىڭ ئۆسمۇرلۇك چاغلىرىدىكى ئەڭ سۆيۇملۇك دوستۇم ھەم روھىمنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى بولغان كىچىك ئارسلانىمدەك ماڭا تەبەسسەم قىلىپ تۇراتتى. ئاندىن مەنمۇ دەرەختىكى ”توبىئاس“ قا تەبەسسۇم بىلەن قارىدىم. چۈنكى تەبەسسۇم ئوغرىلاردا بولمايدىغان، ئەخلاقلىق ئىنسانلاردىكى ئەڭ گۈزەل پەزىلەت ئىدى…

15.06.2017
گېرمانىيە

بۇ يازما 232 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش