• 2017- يىلى 21- ۋە 22- ئۆكتەبىر كۈنلىرى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ”دىۋانى كەبىر“ دىن دۇردانىلەر

”دىۋانى كەبىر“ دىن دۇردانىلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

جالالىدىن رۇمى
تەرجىمە:ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1. سۈيى تاتلىق بىر دېڭىزغا شۇڭغۇدۇم

ئاشىق مادەمكى كۆڭلۈمنى خاراپ قىلدى، ئۇنداقتا بۇ كۆڭۈل خارابىسى ئىچىدە قۇياش چىقىپ نۇر چېچىشى كېرەك. مەن مەردلىك ئالدىدا خىجىل بولغانلىغىمدىن ئۆرە تۇرالماي، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇ شاھ ماڭا دۇئا قىلدى، ھەمدە قىلغان دۇئاسى قوبۇل بولدى. مېنى تېنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپنى كەزدۈردى. مەن مۇنداق دېدىم: ”مەن مەنزىرىلەرنى كۆردۈم. ئەمما، كۆرگەن مەنزىرىلەر مەنزىرە ئەمەس، بەلكى نىقاپ ئىدى. ئۇ نىقاپنىڭ نۇرى ئالەمنى كۆيدۇرۋەتكىدەك كۈچلۈك ئىدى. يا رەب! ئۇ ئاي پەردىسى قايرىلىپ كەتسە، ئەجابا قانداق ئىشلار يۈز بېرەر؟…“

ئاشىق يېنىمدىن ئۆتتى. مەن ئاياغىغا ئېسىلدىم. ئاشىق ئاغزىنى ئاچتى، ئۇ مېنى كاۋاپنى يىگەندەك يىدى. ئۇ مېنى يىگەندە، مەن زاماندىن نېسىۋەمنى ھاغىچە ئالدىم. سۈيى تاتلىق بىر دېڭىزغا شۇڭغۇپ، ئازاپتىن قۇتۇلدۇم…

ھەر كىم، ئاشىق بالاسىنىڭ لوقمالىرىدىن ئوڭاي خوشنۇد (خوشال) بولالمايدۇ ۋە ئاسانلىقچە زوق ئالالمايدۇ.
بۇ ئاشىق شارابىدىن لەززەتلىنەلمەيدۇ. پەيغەمبەرلەر ئىشەنچىلىگى سەۋەبىدىن بالا-قازا، دەرد-ئەلەملەرنى لەززەت دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار سۇنىڭ ھېچبىر ۋاقىت ئوتتىن قورقمايدىغانلىغىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

پەلەك چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن ئۇ ئاي يەنە كەلدى ۋە مېنىڭ يۇرەگىمگە ئوت سالدى. بۇ يۇرەك ئوتىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ سۇ بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ تەن ئۆيۈمگە قاراپ باق، جانىمغا بىر قاراپ باق. ئاشىق شارابىدا مەست بولدى. نېرىقى ھاراق-شاراپ ئۆيىنىڭ ئىگىسى كۆڭلۇمگە دوست بولغاچقا، ئىچى قارنىم ئاشىقتىن شاراپقا تولدى. يۈرەك باغرىم كاۋاپ بولۇپ، كۆزۈم ئۇنىڭ خىيالى بىلەن توشۇپ مۇنداق نىدا قىلدىم: ”ئەي قەدەھ! سەن نېمە دېگەن گۈزەل، ئەي شاراپ! ئاپىرىن ساڭا.“

ئاشىقنىڭ قولى بولسا ئاشىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر كۆڭۈلنى ماكانىدىن ۋە تۈپ يىلتىزىدىن يۇلۇپ ئالىدۇ. بۇ كۆڭۇل ئاشىق دېڭىزىنى كۆرگەن ھامان، مېنىڭدىن دەرھال ئارىلىپ ئۇ دېڭىزغا ئۆزىنى ئاتىدۇ ۋە :“مېنى ئىزدەپ تاپ“ دەپ، خىتاپ قىلىدۇ.

شەرىقنىڭ قۇياشى، تەبرىزنىڭ ئىپتىخارى بولغان شەمسىدنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشكەن بۇلۇتتەك بۇ كۆڭۈللەر ئارقىدىن يۈگۈرەشمەكتە…

2. يا رەب بىر كۆرەي دەيمەن

ھەي ئاي! ئۇخلاۋاتىسەن، بوپتۇ ئۇخلاۋاتقاندا بولسىمۇ گۈزەل جامالىڭنىڭ پەردىسىنى بىر قايرىۋەت. قۇياش ئالدىڭدا شۈكرى سەجدىسى قىلسۇن…

مەن سېنى كۆرگەندە پېشىڭغا يېپىشتىم، سەن قولۇمنى بۈكتىڭ. قولۇمنى پېشىڭدىن ئاجراتتىڭ. ئۆتۈنۈپ قالاي يۈزۈڭنى ماڭا قىل.
ماڭا: ”ئالدىرما، ئالدىراقسانلىق سەيتاننىڭ ئىشىدۇر“ دېدىڭ. ھالبۇكى ئەسلى شەيتان سەن تەرەپكە يۈزلەنمىگەنلەردۇر.

يا رەببىم! بىر كۆرسەم دەيمەن. ئويلاپ باقتىمكى، ئىشىك ئالدىڭدا مىڭلارچە ئىنسانلارنىڭ جاۋابىڭغا تەشنا بولۇپ: ”يا رەب!“ دەپ نىدا قىلىپ، يالۋۇرۇپ مۇراجەت قىلىۋاتقانلىغىنى…

تۇپراقتىكى قانچىلىغان ئوت يۈرەك كۆڭۈللەر ۋە جانلار قوللىرىدا قاچىلارنى تۇتۇپ: “ سۇ، سۇ…“ دەپ شىپالىق يامغۇرلىرىڭنى ئارزۇ قىلىدۇ.

تۇپراق ئازاپلىق ئىڭرىماقتا. پەقەت ئۇ، بۇ تۆت ئۇنسۇردىن كەلگەن ئىنقىلاب كەلكۈنى ئىچىدە ئىنتايىن قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ۋە قۇدرەتسىز بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان.

بۇ ۋاقىتلاردا دوستنىڭ شامال ئاياغى ئازراق مىدىرلايدۇ ۋە تامچىلارغا قاراپ ئاقساپ ئاقساپ ئىككى ئۈچ قەدەم باسىدۇ. بۇ ئاقساپ ماڭغان قەدەملەرنىڭ نەتىجىسىدە چاقماق چىقىپ، گۈزەل خىتابلار بىلەن كۆكلەر گۈلدۈرلەپ رەھىمدىللىق قىلىدۇ ۋە بۇلۇت مۇنداق دەيدۇ: ”ئورنۇڭلاردىن مىدىرلىماڭلار. تۇپراق ئۇسساپ كىتىپتۇ. بارلىق مەخلۇقاتلار ئىزدىراپ چېكىپتۇ.“

بۇنىڭ بىلەن بۇلۇت ماناپلار قوللىرىدا شاراپ بىلەن لىق تولغان كوزىلارنى، تۇلۇملارنى ۋە كۈپلەرنى تۇتقان ھالدا يەردىكى ئۇسساپ كەتكەلەرنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شىپالىق يامغۇر ياغدۇرىدۇ.

ئاشىق غەزىنىسىنى بولسا ئاشىق خاراب قىلغان كۆڭۈللەردىن ئىزدە. چۈنكى، بۇ غەزىنە باھاردا خاراب بولغان كۆڭۈللەردىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.

دوستلارغا ياكى جانان ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن شاراپ كېرەك. ئەلۋەتتە، دېڭىزغا بارالمىساڭمۇ، دەريانىڭ سۈيىگە بولسىمۇ پۇتىڭنى تىق…

3. مۇھەببەت، كۆڭۈل بىلەن كۆزدە يېتىشىدۇ

جانانىم! روھنىڭ يۈزى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ۋە بەكمۇ پاقىراق. ئەمما لېكىن، سېنىڭ يۈزۈڭدىكى بۇ گۈزەللىك تامامەن باشقىچە…

ئەي يىللارچە روھنى كۈيلىگەن! ماڭا بىر سۈپەت كۆرسەتكىنكى، ئۇ سۈپەت روھنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقى تەسۋىرلەپ بەرسۇن.

ئۇنى خىيال قىلغان كۆزنىڭ نۈرى ئاشىدۇ. مۇشۇنداق بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ۋىسالىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرى قامىشىدۇ… ئۇ گۈزەل يۈزنىڭ سەۋەبىدىن ئاغزىڭ ئىچىلىپ قالىدۇ. ھەر ۋاقىت تىلىم بىلەن دىلىمدا: ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دەپ ئۇنى ياد ئېتىپ، قەدىرلەيمەن.

كۆڭلۈم سېنىڭ مۇھەببىتىڭدە ۋەتەنگە تەشنا بىر كۆز بولدى. ئۇنداق سۆيگۇ-مۇھەببەت پەقەت كۆڭۈلدە، كۆزدە يېتىشىپ چىقىدۇ…

ئاشىقنىڭ بۇ قۇلى شۇنداق بىر تەربىيەلىنىپ يىتىشتىكى، بۇنىڭ بىلەن ھەتتا پۈتۈن ئىقلىم پاقىراق كۈندەك نۈرلىنىپ كەتتى…

سېنى تىلىگەن تىلەكسىز بولدى. چۈنكى تىلەكلىرىگە مۇددەت بەلگىلەپ بولغىچە تىلەكلىرىگە يەتتى.
كۆيۇۋاتقان ھەربىر دوزاق، بۇ ئاشىق بىلەن كەۋسەر بولدى. چۈنكى ئاشىقىڭ كەۋسەرنىڭ ئۆزى ئىدى.

ئەي كۆڭۈل! دۈشمەنلەرنىڭ بۇ زۇلۇملىرىدىن سەن كۆڭلۈڭنى غەم-غۇسسە قىلما. شۇنى ئويلىغىنكى كۆڭۈللەرگە ھوزۇر بەخش ئاتا قىلغان سۆيۈملىكىڭ بەرگەن ھەربىر ھۆكۈم ھەممىدىن ئۈستۈندۇر.

مېنىڭ بۇ سۇلغۇن يۈزۈمنى كۆرۈپ، دۈشمەنلىرىم خوش بولمىسۇن. مېنىڭ يۇزۈم زەپىرەڭ ئەمەس، قىزىل گۈلدەك…
مەشۇقىمنىڭ گۈزەللىگى مادەمكى خىزمەتكاردىن گۈزەل، ئۇ ھالدا مېنىڭ دەردلىرىمنى سىمىز بىر ئادەمگە ئوخشاتساق، مەدىيەگە تولغان بۇ تىلىم ئورۇق بىر ئادەمدەكتۇر. توغرا بۇ قانداق بىر قائىدىكى: “ تاماخورلۇق كېسىلىنىڭ ئەلىمى ئاشقاندا، ئىڭراشلىرى ئازلايدىغان…“

شەمسى تەبرىزمۇ ئايدەك پاقىرىدى. ياق، ئۇنى قانداق قىلىپ ئايغا ئوخشاتقىنى بولسۇن. ئۇنىڭ يۈزى ئايدىن بەتەر نۇرلۇقتۇر.

17.06.2017، گېرمانىيە

بۇ يازما 65 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1076
ئۈستىگە قايتىش