ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قاينۇقا غازىتى

قاينۇقا غازىتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
قاينۇقا غازىتى
رەسۇلۇللاھ بەدرە غازىتىدىن قايتىپ، مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن بىر ئايمۇ تېخى ئۆتمەسدىن قاناقەھ يەھۇدىلىرى پەيغەمبىرىمىز بىلەن يازغان ئەھدىلىرىگە خىلاپلىق قېلىپ، خىيانەت سادىر قىلدى. يەھۇدىيلار، ئەرەبلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ناملىرى چىقىپ قالغان ئىدى. تۈمۈرچىلىك، زەگەرلىك، ئىشلىرىدا خىلىلا ئۇستا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش ئەسۋابلىرى بۇلاردا مۇكەممەل ئىدى. خوتۇن قىزلىرى زىببۇ زىننەت، ئالتۇن كۈمۈش، بۇلارنىڭ بازارلىرىدا كۆپرەك سىتىلاتتى. بىر كۈنى بىر مۇسۇلمان ئەرەب خوتۇن سىرغا ـ ئۈزۈكدەك بىر نەرسە سىتىپ ئالماقچى بولۇپ، بىر يەھۇدىنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ ئولتۇردى. ئۇ زەرگەر ئۇ خوتۇنغا يامان مەقسەت بىلەن بېشىغا ئارتىۋالغان رومىلىنى ئارقا تەرەپكە قايرىپ بىر نېمىگە باغلاپ قويدى. ئۇ خوتۇن بىلمەسدىن بىردىن ئورنىدىن تۇرغاندا، بېشىدىكى، يۈزىدىكى يىپىنچىلىرى يېشىلىپ كېتىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، ئادەتتە يات كىشىلەر كۆرۈشكە بۇلمايدىغان بەدەنلىرى ئىچىلىپ قالدى. ئۇ يەردە ئولتورغان يەھۇدىيلار قاقاقلىشىپ كۈلۈپ ئۇ خوتۇنغا خىرىس قىلدى. بۇ ئىشقا بۇ ئايالنىڭ ئاچچىقى كېلىپ «مۇسۇلمان بارمۇ» دەپ ژىغلاپ تولىدى. بۇنىڭ نالىسىگە چىداپ تۇرالمىغان مۇسۇلماندىن بىرسى چىداپ تۇرالماسدىن قىلىچ سۇغۇرۇپ، ئۇ يەھۇدىنى چىپىپ تاشلىدى بۇنى كۆرگەن باشقا يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئۈستىگەھۇجۇم قېلىشىپ، ئۇنى پارە ـ پارە قىلىۋەتتى. شۇ باھانە بىلەن يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇرۇش باشلاندى.
بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا يەتتى. يەھۇدى رەئىسلىرىدىن بىر نەچچىلىرىنى مەدىنىگە چاقىردى. ئەھدە نامېنى بۇزغانلىقىنىڭ يامان تەرىپىنى ئۇلارغا ئېيتىپ، «ئارىمىزدا تۇرغۇزۇلغان ئەھدەـ پەيمانلىرمىزگە قارىغاندا، سىلەرنىڭ بۇ ئىشىڭلار ئەھدىنامىگە قىلغان بۇزغۇنچىلىقدۇر. ئەي يەھۇدى قەۋمى، بىلسەڭلەر مەن ئەلۋەتتە ئاللاھ كەلگەن ھەق پەيغەمبەردۇرمەن، بۇ سۆزرمنىڭ راستلىقىغا ئەنە ئوقۇپ تۇرغان كىتابىڭلەر ـــ تەۋرات، ئىنجىل گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ئۆزۈڭلەر ئۇ كىتابدا كۆرۈپ تۇرۇپ، ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئىنكار قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەرگە ئاللاھنىڭ غەزىپى كەلگەي، بەدرە ئۇرۇشىدا قۇرەيشگە چۈشكەن مۇسىبەت كۈنى سىلەرگىمۇ چۈشكەي» ـ دېدى ئاندىن ئۇ يەھۇدىيلار: ــــــ «ئەي مۇھەممەد. سەن بىزلەرنى ئۆز قەۋمىڭ ئەرەبلەرگە چاغلاما، بەدرە ئۇرۇشىدىكى غەلىبەڭگە ئالدىنىپ ئۇنىڭغا مەغرور بولما، ئۇرۇش ئىشلىرىدا ئۇستۇلىقى بۇلمىغانلىقى ئۈچۈن قۇرەيش قەبىلىسى سەندىن يېڭىلدى. ئەگەر بىزنىمۇ ئۇلاردەك چاغلاپ، بىز بىلەن توقونىشىدىغان بولساڭ، شۇ چاغدا ئۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، كىملەر ھەقىقىي ئۇرۇش ئەركەكلىرى ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلەتتىڭ» ـ دېدى.
مانا شۇ چاغدا ئاللاھتىن بۇ ئايەت كەلدى:« ئەي مۇھەممەد. بۇ كافىرلەرگە ئېيتقىن، ئەگەر بىزبىلەن ئۇرۇشىدىغان بولساڭ، ئەلبەتتەيېڭىلىسىلەر، ئۈلىسىلەر، ئاندىن جەھەننەمگە چۈشىسىلەر، بارغان جايېڭىز قانداق يامان جاي ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىسىلەر» .
شۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ، يەھۇدىيلاردىن ياخشى ئاقىۋەتنىڭ چىقمايدىغانلىقىنى يۇقىرىدىكى ئايەتتىن ئاڭلىدى. ئۇلارمۇ دۈشمەنلېكىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق بىلدۈرۈپ مۇسۇلمانلارغا ئاشكارا دۈشمەن بولۇپ مەيدانغا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ باشلىق ئىسلام تۇغىنى كۆتۈرۈش ھەزرىتى ئەمر ھەمزىگە تاپشۇرۇلغان ئىدى. مەدىنىدىن ئەسكەر چىققان خەۋەرنى ئاڭلاپ، يەھۇدىيلارگە قاتتىق قورقونچ چۈشتى، يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىچە، ئىسلام ئەسكەرلىرىگە كۆزى چۈشمەي تۇرۇپلام، ھەممىسى قېچىپ قورغانغا قامالدى، بۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ قوشۇن بىلەن كېلىپ، 15 كۈن قورغاننى قاتتىق قامال قىلدى، يەھۇدىيلارنىڭ خوتۇن بالىلىرىدىن باشقا ئۇرۇشقا ياراملىق ئەركەكلىرى 700 كىشى بار ئىدى. ئىلاھى تەرەپتىن بۇلارنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق قورقونچلوق چۈشكەنلىكدىن ھېچ قانداق قارشىلىق كۈرسىتەلمىدى. ئاخىر رەسۇلۇللاھتىن ئۈزرى سورىدى: يالغۇز يول بىلەن بالا-چاقالىرىنى ئېلىپ ئەرەب تۇپرىغىدىن چىقىپ كېتىدىغان، مال مۈلۈك تۇرار جايلىرىنى قويۇپ كىتىدىغان بولدى. ئەگەر ماقۇل بولسا ئۈچ كۈن مۆھلەت ئىچىدە كۆچۈپ كېتىدىغان بولدى. بۇ ئىشغا ئۇبەيدا ئىبنى سامىت ۋەكىل بولدى .ئەرەب تۇپرىغىدن ئۆتۈپ، شام تۇپرىغىغا كىرگەندە ئازروئوت دېگەن جايدا ماكان تۇتۇپ ئولتۇرۇشتى. لېكىن يىلدىن چىقالماي ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ تۈگىدى.

بۇ يازما 35 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش