ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » سەۋىق غازىتى

سەۋىق غازىتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
سەۋىق غازىتى
بۇنىڭ بايانى مۇنداق: ئۆتكەندە بەدرە غازىتىدا مەككە مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلاردىن قاتتىق يېڭىلگەن ئىدى. بۇ ئۇرۇشدا قۇرەيش باشلىقى ئەبۇ سوپياننىڭ ئوغلىمۇ ئۇنىڭ يېقىن قىرىنداشلىرىدىن بىر قانچىسى ئۆلگەن ئىدى. بۇلەر ئارىسىدا سەييىدىلەرمۇ بار ئىدى. ئەمما، ئەبۇ سوپيان بولسا ئۆزى شام كارۋانلىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ، يولدا بولغانلىقتىن ئۆزى بۇ ئۇرۇشدا يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇسىبەتگە چىدىيالماي، قاتتىق قايغۇردى. تېزلىك بىلەن مۇسۇلمانلاردىن ئۈچ ئېلىش خىيالىغا كېلىپ «مۇھەممەددىن ئۆچۈمنى ئالمۇغۇنچە، بىشىمغا ۋە يۈز كۆزۈمگە سۇ تەككۆزمەيمەن» دەپ ئەرەب ئادىتىچە قەسەمياد قىلدى. شۇ قىلغان قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرەيشتىن 200 كىشىنى ئېلىپ، مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا بەنى نەزىر قەبىلىسىنىڭ رەئىسىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىمۇ قوزغاشنى ئويلىدى. شۇ مەقسەت بىلەن قەبىلە رەئىسى ھۇيان ئىبنى ئاختەپ ئالدىغا كەچقۇرۇن قاپ ـ قاراڭغۇدا ئەبۇ سوپيان كەلدى. كىرىشكە رۇخسەت سوراپ، ئىشىك قاققان ئىدى، ئىشىكنى ئاچمىدى. بۇنىڭدىن ئۇمىدىنى ئۆزۈپ ئىككىنچى رەئىس سالام ئىبنى مىشكام قىشىغا باردى. بۇ ئۇنىڭغا ياخشىچاقلىق كۆرسىتىپ، ھۆرمەتلەپ قارشى ئالدى. زىيارەت ئۈستىدە يېمەك ئىچمەك يېگەندىن كېيىن، ھەر ئىككېلىسى يوشۇرۇن سۆزلەشتى، ئاندىن ئەبۇ سوپيان ئۇنىڭ ئالدىدىن چىقىپ، ئەسكەرلەردىن بىرنەچچە كىشىنى مەدىنىگە ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى، مەدىنىدىن چەترەك بىر خورمازارلىققا ئوت قويۇپ، ئىچىدىكى باغۋەننى تۇتۇپ ئۆلتۈردى.
بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھقا يەتتى. پەيغەمبىرىمىز تېزلىك بىلەن 200 كىشى ئېلىپ، بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ چىقتى. ئادەم ئۆلتۈرپ قاچقان دۈشمەنلەر ئەبۇ سوپيانغا كېلىپ، قوشۇلۇشى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىۋاتقان خەۋىرى ئاڭلاندى. دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە ۋەھىمە چۈشتى. ئالدىراشقانلىقتىن ئېغىر يۈكلىرىنى قالدۇرۇپ، بەزىلىرى قېچىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كەتكىنىدىن ھايال ئۆتمەي، ئىسلام ئەسكەرلىرىمۇ يېتىپ كەلدى. قارىسا ئۇلار نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي قېچىپ كىتىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تاشلاپ قاچقان نەرسىلىرىنىڭ كۆپراغى ئارپا بۇغدايدىن ئىشلەنگەن تالقان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ غازاتقا «ساۋىق» غازىتى دەپ نام بەرگەن. ھەمدە شۇ يىلنى ئاللاھتەئالا مۇسۇلمانلارغا ئىككى «ھېيىت» نامىزىنى ئوقۇشقا بۇيرۇدى. بۇ ئىككى «ھېيىت» نامىزى پۈتۈن شەھەر ۋە يېزا خەلقىگە بىر يەرگە توپلىشىپ ئوقۇش سۈننەت بولدى. بۇنىڭ ھېكمىتى شۇ ئىكەنكى: بۇ يىغىلغان مۇسۇلمانلار دىنى بىرلىك ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ھەممىسى بىر ئاللاھنىڭ قۇلى، بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىكەنلىكىنى، ئەسدە تۇتتى. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدىكى ئۇممەتلەرگە بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىنى يادىڭلەردىن چىقارماڭلەر‍‍‌‍.
شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى ھېيت نامىزىدا پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۇلۇغ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشىنى سۈننەت قىلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت تونوشقان ـ تونوشمىغان مۇسۇلمانلار ھەممىسى بىر تۇغ ئاستىدا يىغىلىدىغانلىقلىرىنى ھەممىگە بىلدۈرۈش ئىدى. شۇ ئىتتىپاق ۋە مۇھەببەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چارە كۆرۈش لازىم بولغانلىقتىن باي كىشىلەرگە روزا ھىيتىدا كەمبىغەللەرگە فىتىر زاكات بېرىش، قۇربان ئىيىدا قۇربانلىق قېلىش ۋاجىپ بولدى. بۇ ئىككى ئىھساننىڭ ئاۋۋالقىسى يوقسوللارغا ھېيت خاراجىتى بولدى. (ھەرجىسى). ئىككىنچىسى ئۇلۇغ بايرام كۈنىدە بايلارنىڭ كەمبىغەللەرگە بېرىش زىياپىتىدۇر.
ئىسلام دىنىغا بويسۇنغان بۇ ئۇلۇغ نىھمەتنىڭ قەدرىگە يەتكەن ھەر بىر مۆمىن ئادەم بۇ دىنىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قېلىشى ئەلۋەتتە لازىمدۇر. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئېيتىدۇ: ــــ «بىرسنىڭ بايلىقى بولۇپ تۇرۇغلوق قۇربانلىق قىلمىسا بىز بىلەن ھېيت نامىزىنى ئوقومىسۇن».
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرايىرا رىۋايەت قىلىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ئېيتتى: «كىمنىڭ كۈچ قۇدرىتى يېتەرلىك تۇرۇپ قۇربانلىق قىلمىسا، بىزنىڭ ھېيت نامىزى ئوقويدىغان يىرىمىزگە يېقىنلاشمىسۇن». مانا شۇ ھەدىسنى دەلىل قېلىپ ھەزرىتى ئىمام ئەزەم «قۇربىتى يەتكەن ھەر بىر ئادەمنىڭ قۇربانلىق قېلىشى ۋاجىپتۇر» ـ دېدى. قۇربانلىق قېلىش مۆمىنلەرگە ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر. ئاتىمىز ئادەم سافىياﷲدىن باشلاپ، ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەر بۇ ئىبادەتنى قالدۇرماي قىلدى. ئەمما، فىتىر سەدىقەسى بولسا، «ھېيت» نامىزىنى ئوقوماسدىن ئالدىن بېرىپ، ئادا قېلىش ۋاجىپتۇر. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئېيتتىكى:
― مۆمىنلەرنىڭ بىر ئاي تۇتقان رامىزىنى ئاللاھ دەرگاھىغا يىتەلمەسدىن، يەر بىلەن ئاسمان ئارىلىقىدا توختاپ قالغاي، قاچانكى روزا تۇتقانلەر فىتىر سادىقىلەرنى فەقىر ۋە كەمبىغەللەرگە بېرىپ ئادا قىلسا، ئاندىن دەرگاھىغا يېتىپ، قوبۇل دەرجىسنى تاپقاي.
بۇنىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇكى. پەيغەمبىرىمىز بۇ ھېيت كۈنىنى «يېمەك، ئىچمەك، خۇشاللانماق، خۇرسەنچىلىك كۈنلىرى دېگەن» ــ دېگەن ئىدى. ئەگەر فىتىر سادىقىلەرنى قالدۇرماي، شەرىئەت كۆرسەتكەن ئورونغا تاپشۇرسا، فىقىر ـ مىسكىنلەر ئۇلۇغ بايرام كۈنلىرىدە ھاجىتى پۈتۈپ، يۇقىرىدا ئېيتىغان ئۈچ نەرسىگە كۆپچىلىك قاتارىدا قاتنىشالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بايرام كۈنلىرى ھەممەيلەن بارابەر خۇشاللىقا چۈمىدۇ. يەنە شۇ يىلدا پەيغەمبىرىمىز قىزى فاتىمەنى ھەزرىتى ئەلىگە نىكاھ قىلدى. فاتىمەنىڭ يىشى شۇ ۋاخىتتا 15 گە يەتكەن ئىدى. ھەزرىتى ئەلى 25 ياشدا ئىدى. بىر كۈنى ھەزرىتى ئابابەكرى بىلەن ھەزرەت ئۆمەر ھەزرەتى ئەلىگە ئېيتتىكى:
ـــــ ئەي ئەلى. رەسۇلۇللاھ قىزى فاتىمە ۋايىگە يەتتى. ئۇنىڭغا ئۆيلۈنۈش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن سوراپ باقساڭ، ئەلۋەتتە ساڭا بېرىدۇ، ـــ دېيىشتى. يەنە ئاياللاردىن بىرسى:
― ئەي ئەلى. خوتۇن ئالاي دېسەڭ، رەسۇلۇللاھتىن فاتىمەنى تەلەپ قېلىپ باق، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىش نىيىتى ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۆڭلىگە چۈشتى. ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىچە، ئەلى توغرا كېلىپ ــ « يا رەسۇلۇللاھ. فاتىمەنى ماڭا جۈپتى قىلسىڭىز،» ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى: ـــ «ئەگەر مېھرى بولغىدەك بىرەر نەرسەڭ بولسا، ئۈنى ئېلىپ كەل» ـ دېدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ غازاتقا مىنگۈدەك بىر ئىتى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئىشلىتىدىغان بىر قىرلىق ساۋوتدىن باشقا ھېچ نەرسىسى يوق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئاتنى قالدۇرۇپ، ساۋوتنى سىتىشقا بۇيرۇدى. 480 تەڭگە باھاغا كىرىپ ساۋوت سىتىلدى. ئۇ پۇلنى ئېلىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى. ئۇنىڭدىن بىر چاڭگىلىنى ئېلىپ « فاتىمەنىڭ تويىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سىتىپ كەلگىن» دەپ ھەزرىتى بىلالنى بۇيرۇدى. ئۆز ئادەتى بويىچە، توي زىياپىتى ئۆتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر ئالدىدا ئۆزى خۇتبە ئوقۇپ نىكاھ قىلدى. نىكاھ ئەھدى باغلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرىغا بىر تاۋاق خورما غورىسى قويولدى. ئولتورغان كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشارىتى بىلەن ھەممەيلەن چاچىلا چاچقاندەك تالىشىپ يېيىشتى. خۇشاللىق كۈنلەردە چاچىلا تالىشىپ يىيش رەسمىيىتى شۇ چاغدىن قېلىپ قالغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ دېدىكى ئۈممى ئايمان ھەزرىتى فاتىمەگە يەڭگە بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئورونلاشتى. ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇردى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ ــ «بىر قاچا سۇ ئەككەل» دەپ فاتىمەگە بۇيرۇدى. ھەزرىتى فاتىمە ئۇيالغانلىغدىن بىر قاچا سۇنى ئاران ئېلىپ كەلدى. بۇ سۇدىن رەسۇلۇللاھ بىر يۇتۇم ئىچىپ، يەنە ئاغزىدىكى سۇنى قاچىغا ياندۇردى، ئاندىن ئۇ سۇنى ھەزرىتى فاتىمەنىڭ كۈكرەكلىرىگە، بېشىغا سىپىپ، ئاندىن فاتىمەگە قاراپ، ئۇشبۇ دۇئانى ئوقۇدى:
«ئاللاھوممە ئىننىي ئۇھئىيزۇھە بىكە ۋە زۇررىي ياتەھو مىنەش شەيتەنىر رەھىم» ــ يەنى: «ئى ئاللاھىم ، فاتىمەنى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئۆز پانايىڭگە قويدۇم، شەيتاننىڭ شەررىدىن بۇلەرنى ئۆزۈڭ ئاسرىغىن» دەپ دۇئا قىلدى. كېيىن ھەزرىتى ئەلىگە ھەم سۇ ئەككەلدۈرۈپ، شۇنداق قىلدى.
ھەزرىتى فاتىمەگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەپگىنى مانا شۇ ئىدى: ــ ئاستىغا ساغۇدەك بىر قوچقار تېرىسى، ئۈستىگە يىپىنىدىغان بىر ژۇڭ شارپا، يەنە بىر دانە ياستۇق، تاشقىرىسى مەشۇتتىن تىكىلگەن ئىچى خورمېنىڭ غازىڭى بىلەن تولدۇرولغان ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى فاتىمەنىڭ ئۆيىگە كەلدى. قارىسا ھەزرىتى ئەلى، ھەزررەت فاتىمە بۇمدات نامىزىنى ئوقوغاندىن كېيىن سوغوققا چىدىماي قايتىدىن يوتقانغا كىرىپ يىتىشقان ئىكەن. رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ، ئۇيالغىنىدىن بېشىنى چۈڭكەپ ئالدى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ «ئاياغىمنى ئىسسىتىۋالاي» دەپ مۇبارەك ئايىغىنى ئۇزاتتى. بىر ئايىغىنى ھەزرىتى ئەلى قۇچاغلاپ كۈكرىگىگە باستى. ئىككىنچى ئايىغىنى ھەزرىتى فاتىمە قولتىقىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى. بىر كۈنى ھەزرىتى فاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ـ «يا رەسۇلۇللاھ. مېنى قۇرەيش يىگىتلىرى ئىچىدە ئەڭ كەمبەغەل كىشىگە بەرگەن ئىكەنسىز، ئۇچىمىزغا يىپىنغىدەك بىر قوچقار تېرىسىدىن باشقا تۈشىگىمىز يوق. كېچىسى ژۇڭ تەرپىنى سېلىپ ياتىمىز. كۈندۈزى تىرى تەرپىنى ئاغدۇرۇپ تۈگىمىزگە يەم بىرىمىز، ئۈستىمىزدىكى يىپىنچىمىز تار ۋە يەڭسىز، ياتقاندايولدىشىم تارتسا مەن ئوچۇق قالىمەن، مەن تارتسام ئۇ ئىچىلىپ قالىدۇ»، ـ دېدى.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ــ«ئەي قوزوچوغوم. بۇ يوقسوزلوققا سەبىر قىلغايسەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام قىزى بىلەن 10 يىلغىچە يېنىدا بىر چاپاندىن باشقا ئاستىغا سېلىپ ياتقۇدەك بىر نەرسىسىمۇ يوق ئىدى» ـ دېدى. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ « ھەر ئادەمنىڭ دۇنيادا ماختىنىدىغان بىرەر نەرسىسى بار. مېنىڭ ماختىنىدىغان نەرسەم ـ فەقىرلىقدۇر» پەيغەمبىرىمىز نىڭ بۇ سۆزى كەمبەغەل ئۇممەتلەر ئۈچۈن چوڭ مەدەتتور. ھەزرىتى فاتىمە، ھەزرىتى ئەلى ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىلغان دۇئالىرى مەقبۇل بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان سەييىدلىرىمىز فاتىمە ھەزرەتدىن تۇغۇلغان ئوغوللىرى ئىمامى ھەسەن. ئىمامى ھۈسەن، قىزى زەينەپ، شۇلارنىڭ نەسىللىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ ئەۋلاد نەسىللىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش