You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » سۆيگۈ، كۆڭۈل ۋە ئاشىق

سۆيگۈ، كۆڭۈل ۋە ئاشىق

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئىنسان سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ.

سۆيگۈ دېگەنلىك جانلىق بىر مەۋجۇدىيەتنىڭ شەيئىلەرگە بولغان كۆڭلىدىكى يىقىملىق تۇيغۇسى ۋە يىقىن بىر مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان كۆڭۈلدىكى ھېس.

ئىنسان ئۇلۇغ تەڭرى تەرىپىدىن مۇكەممەل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىپ يارىتىلغان كائىناتتىكى ئەڭ شەرەپلىك بىر مەۋجۇداتتۇر. ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ روھى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بىلەن ھايۋانات دۇنياسىدىن سۈپەت جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئارقىلىق يۈكسىلىدۇ.

ئۇلۇغ تەڭرى ئىنساننى مۇشۇ تەبىئەتكە مۇھەببەت بىلەن باغلىغان قىلىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئادەمنىڭ لېيىگە ئۆز سۆيگۈسىنى قوشۇپ تۇرۇپ ئەتكەن ۋە ئاشۇ سۆيگۈگە تولغان مەۋجۇتلۇقنىڭ بىر پارچىسىنى يۇلۇپ ئىلىپ، بۇنىڭدىن ھاۋا ئانىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان. ئاندىن ئىككىسىنىڭ كۆڭلىنى سۆيگۈ بىلەن بىرلەشتۈرگەن. مانا بۇ ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەزرىتى ھاۋا ئانىنىڭ ساپ سۆيگۈسىدىن ئىنسانىيەت دۇنياسى ۋۇجۇتقا كەلگەن. شۇڭا بۇ ئالەمنىڭ يارىتىلىشىنىڭ مەنبەسى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ياخشىلىق. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى «(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا سۈرەسى 107-ئايەت) دەپ خىتاب قىلىپ، ئىنسانلارغا مەرھەمەت، ياخشىلىق، سۆيگۈنىڭ ئەلچىسىنى ئەۋەتكەن.

ھەزرىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ئۆزىنىڭ «دىۋانى كەبىر» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ھەزرىتى مۇھەممەتكە ئاللاھ: «سەن بولمىغان بولساڭ كۆكلەرنى ياراتمايتىم» دەپ، نېمە ئۈچۈن دېدى؟
بىلگىنكى، تاللانغان ئەخمەت بولسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاشىقنىڭ جەۋھەرى ئىدى. كۆك بولسا ئاشىقنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. بۇ پىقىراۋاتقان قۇببە ئاشىقلار ئۈچۈن يارىتىلغان. ھەرگىز يا ناۋايلار، يا تۆمۇرچىلەر ياكى ئوتاقچىلار ئۈچۈن يارىتىلمىغان» دەپ يېزىش ئارقىلىق بۇ دۇنيادا ئاشىقنىڭ، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ، ياخشىلىقنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلىقىنى ئەنە ئاشۇنداق پاساھەتلىك سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق شەرھىلەيدۇ.

ئىنسان بۇ كائىناتتا ئەڭ ئۇلۇغ مۇكەممەل بىر مەۋجۇدات بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيگۈگە ئەڭ لايىقىمۇ يەنە شۇ ئىنساندۇر. ئادەم ئالدى بىلەن سۆيۈشنى ئۆزىدىن باشلىنىش كېرەك. ئۆزنى سۆيگەن، ئۆزىنى ھەقىقى مەنىدە تونۇپ يەتكەك ئىنسان ئاندىن باشقىلارنى سۆيىدۇ. ئۆزىنى سۆيگەن، ئۆزىنى بەختلىك قىلىپلا قالماي ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ. گۈللۈك باغ گۈل پۇراپلا قالماي، يەنە ئۆز ئەتراپىدىكى بارلىق يوللارغا گۈلنىڭ مىزىلىك ھېدىنى چاچىدۇ.
ئادەم ئۆزىنى سۆيگەندىن كىيىن ئۆز جۇرىسىنى، بالا-چاقىسىنى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى، ئەتراپىدىكى بارلىق شەيئىلەرنى جۈملىدىن ئۆزى ئائىت بولغان قەۋمىنى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى سۆيىدۇ. بۇ ئارقىلىق بۇ ئالەمنى ۋە كۆكنى سۆيىدۇ. ئاخىرى تاكەمۇللاشسا ئاللاھقا ئاشىق بولىدۇ.

ئىنسانىيەت جەمىئىيىتى ئۆزائارا ياردەم، دوستلۇق بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. سۆيگۇ-مۇھەببەت بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ. ياردەم قىلغان ياردەمگە ئېرىشىدۇ. دوستلۇق قولىنى ئۇزاتقان دوستقا ئىگە بولىدۇ. سۆيگەن سۆيۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇنداق ئىنسانلار بۇ دۇنيادا مەڭگۇ بەختلىك ياشايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بەختلىك بولۇشى بىر-بىرلىرى بىلەن ئۆزائارا چىن كۆڭلى بىلەن باغلانغانلىقتىن، بىر-بىرىنى توغرا چۈشەنگەنلىكتىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۆزائارا سەمىمى يىقىنلاشقاندا ۋە بىر مەسىلە ئۈستىدە ھەمكارلاشقاندا توغرا بىر نىيەت، ساپ روھ بىلەن ئۆزائارا بىر بىرىنى قوللىشى، ئۆزائارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى ئارقىلىق بەخت ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئىش قىلالايدۇ.

روھلۇق ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى ھەر ۋاقىت سۆيگۈگە تولغان بولىدۇ. چۈنكى روھ سۆيگۈ بىلەن راۋان نەپەس ئالىدۇ. سۆيگۈ بىلەن يىتىشكەن روھ ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئورنىنى تىكلەيدۇ.
ئاشۇ قىممەتلىك روھ بىلەن ئىلىپ يۈرگەن سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىنساننى نىجادىيەتكە يۈزلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سۆيگۈ ئىنسانلارغا تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان ئەڭ ئۇلۇغ نىمەتتۇر. بۇ نىمەتنى يەنە ئەڭ ئۈنۈملۇك ئىشلىتىدىغان يەنە شۇ ئىنساندۇر.

ئەمما بۇ دۇنيادا سۆيگۈدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ نىمەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمەيدىغان قابىلدەك نانكۆرلەر ناھايىتى نۇرغۇن. دۇنيادا سۆيگۈسىز، روھى نەپرەتكە تولغان زەئىپ روھلۇق ئىنسانلارنىڭ سەۋەبىدىن ھەر كۈنى ھەر يەردە بىر قانلىق ۋەقە ياكى ئۇرۇش يۈز بەرمەكتە. مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار، سەبى بالىلار ناھەق قۇربان بولماقتا. ياخشى نىيەتلىك، ساپ روھلۇق ئىنسانلارنىڭ نورمال ھايات پائالىيەتلىرى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. بۇ دۇنيانىڭ ئۆمرى قابىللارنىڭ قانلىق قولى بىلەن گۇمران بولماقتا.

ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى نەپرەت بىلەن تولدۇرغان ئادەم ئۆزىنى سۆيمىگەن ئادەم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى باشقىلارغا بولغان نەپرىتى ئارقىلىق ئەتراپىتىكىلەرگە زىيان بېرىپلا قالماي بەلكى يەنە ئۆزىگىمۇ زىيان بېرىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىدۇ. بىر ئۆمۇر بۇ ھاياتتا بەختسىز ئۆتىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىن ئوشۇق ئازاب بارمىدۇ ئىنسانغا؟
كۆڭلى ئۆچمەنلىك، نەپرەت بىلەن تولغان ئىنسانلار بىلەن تەشكىللەنگەن جەمىئىيەت، رەزىللىككە ۋە زوراۋانلىققا تولغان بىر جەمىئىيەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق جەمىئىيەتتىن پەزىلەتسىز ئىنسانلار يىتىشىپ چىقىدۇ. بۇنداق جەمىئىيەتنىڭ ئىستىقبالى ئاخىرى ھالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

بىر قەۋىمنىڭ قۇتۇلۇشىمۇ يەنىلا سۆيگۈ بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. سۆيگۈ بولغان يەردە ئۆزائارا ياردەم بولىدۇ. خاتالىقلار ئۆزائارا ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر قەۋىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغان مىللەتنىڭ ئەرك يۇلتۇزلىرى ھەر ۋاقىت سۆيگۈ بىلەن بىر بىرىگە چىڭ باغلانغان بولۇش لازىم. ئەگەر ئۇلارنىڭ قەلبى بىر-بىرىگە بولغان نەپرەت، ھەسەت ۋە كىبىرلىك، شۆھرەت، ئىنسانىي نەپسانىيەت بىلەن تولغان بولسا بۇنداق ئەرك يۇلتۇزلار زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىقىپ تۈگەيدۇ. ئۇ قەۋىمنى ئەمەس ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىمۇ قۇتۇلدۇرالماي، ئۇلۇغ ئىشقا دەخلى قىلىدۇ. چۈنكى قەلبىنى كەۋسەر بىلەن ئەمەس، نەپرەت بىلەن سۇغارغان ئادەملەر ھەر ۋاقىت خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ھەقىقى دۈشمىنىگە بولغان نەپرىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قېرىنداشلىرىغا، دوست-يارەنلىرىگە ھەتتا سەپداشلىرىغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. بۇنداق بىر قەۋىم، جەمىئىيەت ۋە ئائىلە مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ مەشھۇر «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى بەگ تىركەشسە، ئوتتۇرىدا ئاجىزلار ھالاك بولىدۇ». بىزنىڭ تارىخ بەتلىرىمىز ئەنە ئاشۇنداق ئۆزائارا نەپرەتتىن كىلىپ چىققان تراگىدىيەلەر بىلەن تولۇپ تاشقان.

بىر قەۋمنى گۈللەندۈرۈش سەپىرىدە، ئالدى بىلەن ئۆز ئىچىدىكى نەپرەتنى تۈگۈتۈپ، بىر بىرى بىلەن سۆيگۈگە تولغان ساپ بىر قەلب بىلەن يولغا چىقسا، خاتالىقلارنى توغرىغا يۈزلەندۈرگىلى، ئۆزائارا ئىشەنچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بىر ئىدىيە، مەنپەئەت بىلەن ئەمەس، بىر روھ بىلەن بىرلەشكىلى بولىدۇ. روھى بىرلەشكەن قەۋىم مەڭگۈ ھالاك بولمايدۇ. ساپ روھقا ئىگە قىلىدىغان ئابى ھاياتنىڭ مەنبەسى سۆيگۈدىن ئىبارەت.
سۆيگۈ بىلەن تولغان ئىنسانلاردىن قۇرۇلغان بىر جەمىئىيەت ياكى بىر قەۋىم بۇ ھاياتتا ياشاشقا ئەرزىيدىغان ئىنسانلىق ھوزۇرىدىن ئۆز ئۆلۈشىنى چوقۇم ئالىدۇ. سۆيگۈ بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئەڭ ئالىي سۈپەت بىلەن ئىجرا قىلىدىغان جەمىئىيەت پەزىلەتلىك جەمىئىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق جەمىئىيەتنىڭ ئاھالىلىرىمۇ پەزىلەتلىك ئاھالە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

پەيلاسوپ فارابى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر كىشى نەزەرىيىۋىي ئىلىم بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى گۈزەللىك ھەققىدىكى ئومۇمىي چۈشەنچىلەرگە ماسلاشمىسا، بۇ ئۇنىڭ ئادەتلەنگەن خۇلق-مىجەزىنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.» ۋە يەنە «بارلىق ياخشىلىقلار ھەربىر كىشىنى بەختلىك قىلىشتىن ھالقىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، پۈتكۈل ئىنسانىيەت بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەسسە قوشىدۇ». دېمەك ھەققى بەخت ياخشىلىق، ھەقىقەت ۋە بىلىمدىن كىلىدۇ.

سۆيۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بىلىم ۋە سەنئەت. گەرچە سۆيگۈ ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان بىر تۇيغۇ بولسىمۇ بۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئىنساننىڭ ئۆز قابىلىيىتى ۋە كۆڭلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

كۆڭۈل دېگەنلىك ئىنساننىڭ يۈرىكىدىكى سۆيگۈ، ئارزۇ، چۈشەنچە، ئوي ۋە نەپرەت قاتارلىقلارغا ئوخشاش تۇيغۇلارغا ئىگە بولغان بىر خىل روھىي خۇسۇسىيەتتىن ئىبارەت. ئادەم قەلبىدەك ئاشۇ تۇيغۇ ئارقىلىق بىر شەيئىگە نىسبەتەن يىقىنلىقىنى ۋە شۇنىڭغا نىسبەتەن بولغان سۆيگۈسىنى ياكى نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆڭۈل ئىنساننىڭ ئەڭ نازۇك تۇيغۇسىدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزدە «كۆڭۇل ئازارىدىن تەڭرى بىزار»، «تىغ يارىسى ساقىيدۇ، كۆڭۈل يارىسى ساقايمايدۇ» دېگەن ماقال-تەمسىللەر بار.

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ جاھانغا مەشھۇر «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسىرىدە، ئىنسانغا بېرىلگەن نىمەتلەر ئىچىدە بىرىنجى ئورۇنغا كۆڭۈلنى قويىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ 387-بېيىتىدا:

«قەلب، كۆز، ئىدراك، ئەقىل ۋە بىلىم بەردى،
تىلىمنى ئېچىپ سۆزۇمنى راۋان قىلدى»

دەپ قەلبنى يەنى كۆڭۈلنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان.

قەلبنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى يەنە مۇنۇ مىسرالار (371-بېيىت) ئارقىلىق بىلەلەيمىز.

«قەددىم ئوقتەك تۈز، قەلب يادەك ئەگرى ئىدى،
قەلبىمنى ئوقتەك قىلغۇچە، قەددىم يادەك بولدى.»

بۇ مىسرالاردا ئوق بىلەن بەدەننى، يا بىلەن قەلبنى جۈپلەشتۇرىدۇ. بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا «ئوق» قەۋمگە سىمۋول قىلىنىدۇ. «يا» بولسا مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە سىمۋول قىلىنىدۇ. دېمەك بۇ يەردە يانىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتەك ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى كۆڭۈلگە مۇناسىۋەتلىك قىلىپ باغلىغان. بېيىتنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدا «يا» قېرىلىقنى، «ئوق» بولسا تەڭرىگە يۈزلىنىشكە ئوخشۇتۇپ، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ.
تەڭرىگە ئىشەنگەن بىرسىنىڭ كۆڭلى بەدەنگە نىسبەتەن «يا» بولسا، تەڭرى ھوزۇرىدا «ئوق» نىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن سۈپەتلەنمەكتە. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كۆڭۈل يەنى قەلب ئىنسان مەۋجۇتلىقىدىكى مۇستەقىللىقتەك ۋە ئەركىنلىكتەك قۇدرەتكە ئىگە مەنانى ئىپادىلەپ بەرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كۆڭلى ياخشى پىشىپ يېتىشكەن ئىنساننى مۇنداق تەرىپلەيدۇ (6165 بېيىت):

«ئۆلۈمدىن ئاۋۋال ئىشلىرىنى پۈتتۈرگەن،
دىلى پىششىق كىشى نېمە دەيدۇ، ئاڭلا.

3495-بېيىت:
«ھەرقانداق ئىشتا كىشىلەر بىلەن كېڭىشىش كېرەك،
لېكىن كۆڭۈل تارتقان ئىشنى قىلىۋىرىش كېرەك.»

بۇ يەردە ئىنسانلارنى بىر ئىش قىلىشتا ئالدى بىلەن كۆڭۈل بىلەن مۇزاكىرە قىلىش لازىملىقىنى، ئاندىن باشقىلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى سوراش لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. پەقەت كۆڭۈل تارتمىغان ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كىچىش كېرەك. ئەقىل ھەقىقەتەن مۇھىم، ئەمما قارار ئالغاندا كۆڭۈلگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم. چۈنكى ئىنسان ئۆزىگە ئەڭ يىقىن بولغان نەرسە يەنە شۇ كۆڭۈل.

211-212- بېيىت:

«كىشىنىڭ كۆڭلى گويا توپسىز دېڭىزغا ئوخشايدۇ،
بىلىم بولسا ئۇنىڭ تېگىدە ياتقان ئۇنچىدۇر.

كىشى دېڭىزدىن ئۈنچىنى چىقارمىسا،
ئۇ مەيلى ئۈنچە بولسۇن، مەيلى ساينىڭ تېشى پەرقسىز بولىدۇ.»

يۇقارىقى بېيتلاردا، بىلىمنىڭ مەنبەسى ۋە جەۋھىرى يەنىلا شۇ كۆڭۈلدە يىتىشىپ چىقىدىغانلىقىنى، كۆڭۈلدىكى بۇ ھېكمەتلەرنى قىزىپ ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى شەرھىلەيدۇ.

سۆيگۈ ۋە كۆڭۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئەنە ئاشۇنداق ئەڭ قىممەتلىك نىمەتتۇر. سۆيگۈ ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىدە پەرۋىش بولۇپ، يىتىشىپ، تاكامۇللىشىپ ۋە كۈچىيىپ يۇقۇرى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلسە «ئاشىق» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاشىق تۇيغۇسى، ئاشىقىغا قۇل بولۇش ۋە ئۆزى ئىگە بولغان ھەر نەرسىنى ئاشىقى ئۈچۈن پىدا قىلىدىغان يۈكسەك بىر روھتۇر.

زۇلەيخانىڭ، ھەزرىتى يۈسۈپكە بولغان ئاشىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساق. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۆلۈكىنى، گۈزەللىكىنى ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان. رىۋايەت قىلىنىشچە، زۇلەيخا يەتمىش تۆگىگە يۈك بولغىدەك ئالتۇن-كۆمۈش، زىبە-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈسۈپنىڭ ۋىسالىغا يىتىش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان. «بۈگۈن ھەزرىتى يۈسۈپنى كۆردۇم» دېگەن ھەممە كىشىگە بىر ئۆمۇر يەتكىدەك ئالتۇن-كۆمۈش ھەدىيە قىلغان. ئاخىرىدا ئۆزىدە ھېچ نەرسە قالمىغان. يۈسۈپكە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىدىن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ پەقەت «يۈسۈپ» دېگەن بۇ ئىسىمدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن ۋاز كەچكەن. ھەتتا بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆككە قارىغاندىمۇ كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئۈستىگە ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ ئىسمىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرەرمىش.

رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، زۇلەيخا ئىمان ئىيتتىپ ھەزرىتى يۈسۈپ بىلەن نىكاھلانغاندىن كىيىن ئۆزى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن مۇھەببىتىدىن، سۆيۈملۈك يولدىشىدىن ئايرىم ياشاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەت قىلىشقا باشلىغان. ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئاللاھقا ئاتىغان. ھەزرىتى يۈسۈپ زۇلەيخانى كۈندۇزلىرى يېنىغا چاقىرسا «كەچتە كىرەي» دىگەن، كەچلىرى چاقىرسا «ئەرتە كىرەي» دەپ، داۋاملىق كۆرۈشمىگەن. ئاخىرى بىر كۈنى زۇلايخا، ھەزرىتى يۈسۈپكە: «مەن ئاللاھنى تونۇماستىن بۇرۇن ساڭا ئاشىق بولغان، پەقەت ئۇنى تونىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىنى بېسىپ چۇشتى.» دىگەن.
زۇلەيخانىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەزرىتى يۈسۈپ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «سېنىڭ بىلەن بىرلىشىش بۇيرۇقىنى مەن ئاللاھتىن ئالدىم. بىزنىڭ ئىككى بالىمىز بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ ماڭا بىلدۈردى.»

زۇلەيخا بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: «ئاللاھ ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلغان بولسا ۋە مېنى ئەنە ئاشۇنداق بىر ئىشقا سەۋەپ بولۇشقا تاللىغان بولسا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا جان دىلىم بىلەن بوي سۇنىمەن» دېگەن ۋە ئۆزىڭ كۆڭلىنى ھەزرىتى يۈسۈپكە بەرگەن.

ئاشىقتىن ئىبارەت بۇ تىما ئۈستىدە كۆپ يېزىشقا قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۈمنى ئاشىقلارنىڭ پىرى بولغان ھەزرىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ روبائىسى ۋە «ئاشىق» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى ئەلىف شافاقنىڭ سۆزى بىلەن ئاغىرلاشتۇرىمەن.

«قەلەم ھەر نەرسىنى يازىدۇ،
ئاشىققا كەلگەندە بېشى قايىدۇ.
ئاشىقنى چۈشەندۈرۈشتە ئاقىلمۇ ئازىدۇ،
شۇڭا يەنە ئۇنى ئاشىقنىڭ ئۆزى يازىدۇ.»

بۇ دۇنيادىكى ئۇرۇشلار، ئاڭسىز قارلاشلار ۋە ئۆچمەنلىكلەرنىڭ كۆپىگە تىل سەۋەپچى بولىدۇ. سەن سەن بول. دىيىلگەن گەپلەرنى بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمە. ئاشىق دىگەن بۇ ماۋزۇنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئاشىق تىلسىز بولىدۇ.

18.06.2017، گېرمانىيە

تەھرىر: ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top