ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلىرى ئۇچرىشىشى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئىچىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە تەسىرى كۈچلۈك پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئىلمىي پائالىيەتنىڭ  9- قېتىملىقى مەخسۇس «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» غا ئايرىلغان بولۇپ، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 21- ۋە 22- كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» يىغىنغا، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن 20 ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچى – مۇتەخەسىسلەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىن «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (مىلادىدىن كېيىنكى 50 – يىلىدىن – 932 – يىلغىچە)»، «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (932 – يىلىدىن 1514 – يىلىغىچە)»، «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (1883 – يىلىدىن كۈنىمىزگىچە)» بولۇپ ئۈچ بۆلۈمگە بۈلۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىگە قاراپ، ئىككى كۈن بويى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر كەسپى سەنئەتچىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا ئەدەبىيات – سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلىپ، شانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نايامەندىلىرى تۈرك، ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت يوق بولۇشقا مەھكۇم. يېقىنقى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار تارىخ سەھنىسىدە بۇران چاپقۇنلۇق تولىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۇردى ۋە ئۆز ۋەتىنىدا خورلاندى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار تۈرك قەۋىملىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەرلىشپ مەدەنىيلەشكەن، «ئۇيغۇر دۆلىتى» ۋە «ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى» دەپ ئۇيغۇر ئىتنىڭ مىللەت نامى بىلەن قۇدرەتلىك ئىمپىراتۇرلۇقلارنى قۇرغان، ئۆزىگە خاس بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ۋە تۈرك ئىسلام تارىخىدىكى تۈنجى ئىسلام دۆلىتى «قاراخانىلار دۆلىتى» نى قۇرغان بىر كۈچلۈك مىللەت.  بۇ مىللەت ھازىر ئاجىز  ۋە زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن، بۇ دېمەك ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئاجىز ۋە خار ھالدا ياشايدۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. تارىخ تەكرارلىنىدۇ، تارىختا قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ياۋلارنى باش ئەگدۈرگەن ۋە تىز چۆكتۈرگەن ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە يەنە قايتىدىن قەد كۆتۈرىدۇ ۋە ھۆر ياشايدۇ. چۈنكى بۇ مىللەت ئەزەلدىن ھۆر ياشاپ كەلگەن. بىلگە قاغان دىگەندەك: «يۇقارىدا كۆك چۆكمىگىچە، ئاستىدا يەر يارىلمىغىچە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئىلىنى ۋە تۆرەسىنى كىم بۇزالايدۇ؟»

«ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»،  ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ  ئىلمىي دوكلاتىنى بىۋاستە ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر. ھەتتا، بىردىنبىر پۇرسەت بولۇپلا قالماستىن، ئىستانبۇل، ئۆزىنىڭ تەبىئي گۈزەللىكى، ھەيۋەتلىك تارىخى ئەسەرلىرى، ئۆز خەلقىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇچۇق -يۇرۇق، قىزغىن ئىنسانلىرى، تىلى، تۇرمۇش پۇرىقى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن سىزدە ئىسسىق ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.

يىغىندا دوكىلات سۇنۇشنى خالىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،2017-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە سۇنماقچى بولغان ماقالىسىنىڭ تىمىسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنىنى يوللاپ بېرىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىلىي كومىتېتى ئەزالىرى:

پېروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت (ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى، تۈركىيە)

پېروفېسسور سائادەتتىن ياغمۇر گۆمەچ (ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى، تۈركىيە)

دوتسېنت ئادەم ئۆگەر (نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك خەلق بىلىمى بۆلۈمى، تۈركىيە)

دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان (مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئامىرىكا)

دوكتۇر ئابلەت سەمەت (مۇستەقىل تەتقىقاتچى، گىرمانىيە)

ۋاھدەتتىن ئېشىق (ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئېنىستىتوتى، تۈركىيە)

ئابدۇلھەمىد قاراخان (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، تۈركىيە)

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ يوقىرى سۈپەتتە، پىلانلىق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن يىغىن ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قارار ئېلىندى:

1) بۇ قېتىملىق يىغىندا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 تەتقىقاتچى دوكلات سۇنىدىغان بولۇپ، دوكىلات سۇنغۇچى تەتقىقاتچىلار چوقۇم تۈركولوگىيە، ئارخىئولوگىيە، تارىخ، پەلسەپە، جەمىئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە دىنى ئىلىملەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇشى كىرەك.

2) يىغىننىڭ دوكلات تىلى تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە بولۇپ، دوكىلات بەرگۈچى تەتقىقاتچىلار چوقۇم يا تۈركچە ياكى ئىنگلىزچە سۆزلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىنىمۇ تۈركچە ياكى ئىنگلىزچە تەييارلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

3) ھەر بىر دوكىلات بەرگۈچى تەتقىقاتچىغا بېرىلگەن سۆزلەش ۋاقتى 25 مىنۇت ۋە سوئال-جاۋاب ۋاقتى 5 مىنۇت بولۇپ، جەمئىي 30 مىنۇتتۇر. شۇڭا دوكىلات سۇنغۇچى تەتقىقاتچىلار تەييارلىغان PPT ھۆججىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا 30 بەتتىن كۆپ بولماسلىقى كىرەك. يىغىننىڭ پىلانلانغان كۈنتەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلات سۇنۇش ۋاقتىغا ئاڭلىق ھالدا رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىنىدۇ.

4) بۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىندا دوكىلات سۇنغۇچى تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن 10-ئاينىڭ 20- ۋە 24-كۈنلىرى بولۇپ بەش كۈنلۈك ياتاق زاكاس قىلىنىدۇ. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بىر كۈن دېڭىز بوغازى سەيلىسى ۋە دالا كاۋاپى پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دوكلات بەرگۈچى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ بەش كۈنلۈك ياتاق ۋە تاماق راسخۇتلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

5) دوكىلات بەرگۈچى تەتقىقاتچىلار ئايرۇپىلان بىلىتى راسخۇتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ماددىي ياردەم ئالالىسا، ئايرۇپىلان بېلىتى راسخۇتىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۆلەيدۇ.

6) مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يىغىن لاھىيەسى سۇنۇلۇپ، ماددىي ياردەم قولغا كەلتۈرۈپ يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن، دوكلات بەرگۈچى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ كەچ 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە دوكلات تېمىسى، قىسقىچە مەزمۇنى  (Abstract)ۋە ئۆز تەرجىمىھالىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەسمىي ئېلخەت ئادرىسى uyghuracademy@gmail.com غا ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

7) تۈركىيىگە ۋىزا ئېلىش زۆرۈرىيىتى بار تەتقىقاتچىلار www.evisa.gov.tr تور بېتىگە كىرىپ ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئالالايدۇ. يىغىن تەكلىپنامىسىگە ئىھتىياجى بولغان ۋە ۋىزا ئېلىشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنلەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياردەم قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ يوقىرى سۈپەتلىك، پىلانلىق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئاكادېمىيەگە قىممەتلىك تەكلىپ ۋە تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى مەقسەت قىلغان ھالدا، 2009-يىلى 9-سىنتەبىردە ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان قانۇنلۇق بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتى جەمىئىيەتىدۇر. ئاكادېمىيە سەككىز يىلدىن بېرى، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يىللاردىن بېرى ھەرخىل  ئەھمىيەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ  خىل ئىلمىي پائالىيەتلەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا كۆيۈپ، جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچى زىيالىلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ۋەتەن-ئىچى سىرتىدىكى خەلقىمىزگە زور  ئۈمىد ۋە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە. ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە، مىللىي رۇھ ۋە مىللىي ئاڭنىڭ يۈكسىلىشىدەك بىر ئىلمىي كەيپىياتنىڭ جۇش ئۇرۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىلەر مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ھەربىر مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ پىداكارلىقى، ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مەسئۇليەتچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

بۇ يازما 347 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش