ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇھۇد غازىتى

ئۇھۇد غازىتى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

«تارىخى مۇھەممىدى» كىتابىدىن پارچىلار
ئاپتورى: ئەلىخان تۆرە ساغۇنى
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېشىتھاجى كېرېمى
ئۇھۇد غازىتى
ئۇھود تېغى مەدىنىگە يېقىن، سەككىز چاقىرىم يەرگە توغرا كىلىدۇ.بۇ ئۇرۇش شۇ تاغنىڭ ئالدىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇھود غازىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى مۇنداق بولغان. بۇندىن بىر يىرىم يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بەدرە ئۇرۇشىدا،قۇرەيش مۇشرىكلىرى قاتتىق مەغلوبىيەتگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇلاردىن بىر مۇنچىلىرى شۇ ئۇرۇشدا ئۆلدى ۋە بىر قانچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ تۆلەم تۈلەپ قۇتۇلغان ئىدى. ئۇندىن باشقا قۇرەيش خەلقىنىڭ تىرىكچىلىكى سودا سىتىق بىلەن ئۆتەتتى. قىش كۈنى يەمەن ۋىلايىتىگە، ياز كۈنلىرىدە شام دۆلىتىگە بېرىپ، كارۋان بىلەن سودا سىتىق قېلىشاتتى. ئۇلار مەدىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، مەدىنە يولى توسولغان بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يوللىرى توسولدى. ئۆتكەن ئۇرۇشدا كۆرگەن مۇسىبەتلىرى ئۈستىگەئىقتىسادى جەھەتتىن كۆپ زىيانلارغا ئۇچرىدى. بۇنى كۆرگەن قۇرەيش رەئىسلىرىنىڭ قالدۇق رەئىسلىرى يىغىلىشىپ ئەبۇ سوپياننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىرىگە سەۋەب بولغان، شامدىن كەلگەن كارۋان ماللىرى شۇ پىتىچە تىگىلمەسدىن، دۇرۇننەدۋا دېگەن سارايدا ساقلىنىپ تۇرغان ئىدى. ئۇكەلگەن رەئىسلەر ئەبۇ سوپيانغا:
― «مۇھەممەد بىزنىڭ ئۇلۇغلىرمىزنى ئۆلتۈرپ، ياخشى ئادەملىرىمىزنى تۈگەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سودا سىتىق يوللىرىمىزنى توسىۋالدى، بىزنىڭ ھازىرقى تىلىكىمىز، ئۇ مالدىن چىققان پايدىنى ئىگىلىرىگە بەرمەسدىن بۇ مالنى چىقىم قېلىپ، مۇھەممەدگە قارشى ئۇرۇش ئاچساق، ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ، ئۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان چىقىمغا ئاشۇ مالنىڭ پايدىسىنى خىراجەت قىلساق» ــ دېيىشتى.
بۇ مەسلىھەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مال ئىگىلىرى بىر ئېغىزدىن رازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھېسابلاپ قارىسا بۇ كارۋان مىلىنىڭ پايدىسى 50 مىڭ تىللاغا يىتىدىكەن. ھەققە قارشى ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ ئۇرۇشقا شۇ پۇللارنى ئىشلەتمەكچى بولۇشتى. ھەممىسى بىر مەسلىھەتگە كېلىپ ئۇرۇش ھازىرلىقى ئۈچۈن ئەسكەر توپلاشقا كىرىشتى. يالغۇز قۇرەيش قەبىلىسىدىنلام ئۇرۇشقا ياراملىق 3000 ئادەم توپلىدى. ئۇلارنىڭ قانداشلىرىدىن بەنى مۇستەلەق، بەنى ھون قەبىلىلىرىمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى. قۇرەيش شائىرلىرىدىن ئەبۇ ئىززە، مۇسافىي دېگەنلەر قەبىلىدىن قەبىلىگە چىپىپ يۈرۈپ، ئىسلامغا قارشى شىئىرلەر ئوقۇپ، خەلقنى كۈشكۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەشۋىقلىرى بىلەن تىھاما، كىنونائەرەبلىرىدىن كېلىۋاتقان پىدايىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
قۇرەيش رەئىسلىرىدىن جۇبايىر ئىبنى مۇتھەمنىڭ، «ۋەھشىي»دېگەن ھەبەشلىك نىگىر قۇلى بار ئىدى. نەيزە ئېتىش ماھارىتىنى ياخشى ئۆگەنگەن ئىدى. بەش ئون قەدەم يىراقلىقدىكى نىشانغا ئاتقان نەيزىسى زايە بولمايتتى. خوجايىنى ئۇنى قىچقىرىپ دېدىكى:«ئەگەر بۇ ئۇرۇشدا مۇھەممەدنىڭ تاغىسى ھەمزىنى ئۆلتۈرسەڭ سىنى قۇللۇقتىن ئازات قىلىمەن» دېدى. چۈنكى ئۆتكەن بەدرە ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ تاغىسى تۇئەيمەننى ھەزرىتى ھەمزە ئۆلتۈرگەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش قوشۇنى قۇرۇلۇپ، مەدىنىگە قارشى ئۇرۇشقا يولغا چىقتى. ئۇرۇشتىن قاچمىسون دەپ ئۇرۇش باشلىقلىرى خوتۇنلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ يولغا چىقتى. چىلدىرما چالىدىغانلەرنى ئېلىپ، ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرىدىغان قوشاقچى خوتۇن قىزلەردىن بىر نەچچىسىنى ئۆزلىرىگە ھەمرا قىلىۋالدى. قۇرەيش شائىرلىرىدىن ئەبۇ سوپيان خوتۇنى ھىنىد ئاقابا قىزى باشلىق بىر نەچچە ئابرويلوق خوتۇنلار ئەرلىرى بىلەن بىللە يولغا چىقتى. ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىدە، ئۇرۇشقا بىللە چىقىش: ـ «ئۆلىشى بار، قېچىشى يوق» ــــــ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئۇرۇشقا كىرىشنىڭ ئالدىدا باھادىرلەر ئىچكېلى بىر نەچچە تۇلۇم چاغىرمۇ ئىلىۋىلىشتى. كېچە كۈندۈز يول يۈرگەندە، قوشاقچى خوتۇنلار بەدرە ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ يىغا زارىنى قېلىشىپ بوش ماڭمايتتى. بۇنىڭ تەسىرىدىن ئەسكەرلەر مۇ يىغا زارە قېلىشاتتى. مانا شۇنداق قېلىپ بارلىق ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا سىلىشنىڭ چارىسىنى ھەر تەرەپدىن قېلىشىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش قوشۇنى يۈرۈپ، مەدىنىگە يېقىنراق بولغان «زۇلھولەيفە» دېگەن يەرگە كېلىپ چۈشتى. ئەمدى سۆزنى پەيغەمبىرىمىزدىن ئاڭلايلى.
قۇرەيش قوشۇنىنىڭ چىقىشىدىن بۇرۇنراق پەيغەمبىرىمىز خەۋەر تاپقان ئىدى. تاغىسى ھەزرىتى ئابباس، غىفور قەبىلىسىدىن بىر كىشىنى ياللاپ، مەدىنىگە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ كىشى رەسۇلۇللاھ بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشۈپ تاغىسى ئەۋەتكەن خەتنى تاپشۇروپ قايتقان ئىدى. رەسۇلۇللاھ تېزلىك بىلەن ئىككى كىشىنى تىلچى قېلىپ، (رازۋېدكا باشلىقى) يول گۈزۈتۈشكە چىقاردى، بۇ چىققان تىلچىلەر دۈشمەن ئەسكىرىگە يېقىنلىشىپ بېرىپ ئەھۋالنى ئىگىلەپ، رەسۇلۇللاھقا خەۋەر بەردى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ساھابە ۋە ئەنسارلەرنى ژىغىپ، كېڭەش ئېلىپ باردى. بۇ توغرىدا ئۇلاردىن پىكىر ئالدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ پىكىرىنىمۇ بايان قېلىپ ئۆتتى.
― بىز شەھەردىن چىقماي ئۇرۇش ئورنىنى شەھەر قېلىپ بىكىتسەك. يوللارغا توسۇق توسوپ. ئۆزىمىز شەھەردىن چىقماي، توسۇق ئىچىدە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرساق. ئۇلار شەھەر سىرتىدا قانچە ئۇزاق تۇرسا شۇنچە قىيىنچىلىققا دۇچار كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۈستىمىزگە باستۇرۇپ كەلسە، مەدىنە يوللىرى بىز ئۈچۈن ئوچۇق، ئۇلار ئۈچۈن بولسا يېپىق. يوللارنى توسوپ ئۇرۇشساق، خوتۇن بالا چاقىلىرىمىزمۇ ئۈگزىدىن تاش توقماقلەر بىلەن زەربە بەرسە، بىزگە ياردىمى بولىدۇ ــ دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان بارلىق ساھابىلەرنىڭ كاتتا ياشدىكى مويسىفىتلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ پىكرىگە قوشۇلدى. لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ئەمر ھەمزە باشلىق كۆپچىلىك ياش ژىگىتلەر، يەنە بەدرە ئۇرشىغا چىقالماي قالغان كىشىلەر ئېيتتىكى:
― يارەسۇلۇللاھ. بىز قاچان شۇنداق بىر كۈن كىلەركىن دەپ كۈتۈپ تۇرغانتۇق. بۇ كۈننى ئاللاھ بىزگە يەتگۈزدى. بىزنىڭ تىلىگىمىز،بىزنى دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىقىرىڭ، ئەگەر بىز ئەگەر شەھەردىن تاشقىرىغا چىقمىساق، ئۇلار بىزنى قورقتى دەپ ئۆزلىرىچە كۈرەڭلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە ھەزرىتى ھەمزە دېدىكى: « يا رەسۇلۇللاھ. سىزگە قۇرئان ئەۋەتكەن ئاللاھ ھەققى، دۈشمەنلىرىمىز بىلەن شەھەر سىرتىدا قىلىچ چاپمۇغۇنچە، پەقەت تاماق يىمەيمەن» يەنە ئەنسار ساھابىلەردىن نۇھمان ئىبنى مالىك: ــ «يا رەسۇلۇللاھ بىزنى جەننەتدىن مەھرۇم قىلمىغايسىز. ئاللاھ ھەققى، ئاللاھتىن تەلەپ قىلىمەن، مۇشۇ ئۇرۇشدا شېھىت بولۇپ، جەننەتگە كىرسەم دەيمەن» ـ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئەسكەرلەر، باھادىر ياش يىگىتلەر شەھەر سىرتىغا چىقىپ ئۇرۇش قېلىش تەلىبىدە چىڭ تۇردى. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە قاراپ، رەسۇلۇللاھمۇ قوبۇل كۆردى. ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى. شەھۋال ئىيىدىن ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جۈمە كۈنى بۇ ۋەقە باشلاندى. جامائەت رەسۇلۇللاھ بىلەن جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. جۈمە خۇتبىسىدا ۋەز سۆزلىدى: ــــــ «ئەي مۆمىنلەر. دۈشمەن قارشىسىدا كىم سەبىر قىلسا، ئۇ زەپەر تاپقاي، ئۇرۇش مەيدانىدا كىم چىداملىق كۆرسەتسە، ئۇ غەلىبە قازانغاي، دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن ئەڭ بىرىنچى شەرت، چىنلىق ــ چىداملىق بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قېلىش، ئەگەر بۇلاردىن ئايرىلمىغاندا، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە كىرىپ قۇراللىنىپ چىقتى. رەسۇلۇللاھ قوش قەوەتلىك ساۋوت كىيىپ، قىلىچ ئاسقان ئىدى. بېشىغا دۇبۇل كىيىپ، ئارقىسىغا قالقان تاشلىغان ئىدى. بۇنى كۆرگەن ياشانغان ساھابىلەر، شەھەردىن سىرتقا چىقىپ ئۇرۇشۇش تەلىۋىدە بولغان ياش ساھابىلەرگە مالامەت يەتگۈزۈپ ئۇلارنى توسقىلى تۇردى: ـ « رەسۇلۇللاھ ئۆز ئەركى ئىختىيارى بىلەن شەھەردىن چىقماي ئۇرۇشمىز دېسە، سىلەر شەھەر سىرتىغا چىقىمىز دەپ سىز مەجبۇر قىلدېڭىز، ھېلى ھەم كىچىكمىدى، رەسۇلۇللاھنى قايتۇرغايسىز. ئۆز ئەركىگە قويغايسىز. نېمە نەرسىنى بىزگە بۇيرۇسا بىز شۇنى قېلىشىمىز كېرەك» ـ دېدى. شۇ ئارىدا رەسۇلۇللاھمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. ياش ساھابىلەر: ــــ «يا رەسۇلۇللاھ. بىز سوزىمىزدىن يىنىۋالدۇق. سىز نېمە دىسىڭىز شۇ، سىز بىزنى قايسى ئىشنى بۇيرۇغان بولسىڭىز بىز تەييار» ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ـ «پەيغەمبەر بولغان كىشىگە غازات نىيىتى بىلەن قۇراللىنىپ يولغا چىقىپ ئۇنى قىلماي تۇرۇپ، يىشىۋىتىشكە بولمايدۇ. يەنە سىزگە دەيدىغان گەپ شۇكى. بىز بىلەن دۈشمېنىمىز ئالدىغا بېرىپ، ئاللاھ نېمە ھۆكۈم قىلغان بولسا شۇنى كۈرگەيمىز» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن سۆز كېسىلىپ ئىش باشلاندى. رەسۇلۇللاھنىڭ رايىنى توسقان كىشىلەر ئۈكۈنۈپ قالدى. تۇغ بايراقلەر باغلاندى. مۇھاجىرلار تۇغىنى مۇسھەب ئىبنى ئۈمايىرغا تاپشۇرۇلدى. ئەنسارلەردىن ھەزرەجلەر تۇغىنى ھۇبۇب ئىبنى مۇنزىرگە، ئاب س لەرنىڭ تۇغىنى ئۇسەيد ئىبنى ھازىرگەبىرىلدى. ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىچە، تۇغ كۈتۈرگەن كىشى شۇ بايراققا قاراشلىق قوشۇنغا باشلىق بولۇپ ھېساۋلىناتتى. شۇنداق قېلىپ پەيغەمبىرىمىز مىڭغا يېقىن كىشىلەر بىلەن مەدىنىدىن يولغا چىقتى. ئۇ تەرەپتىنمۇ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ قارىسى كۆرۈنۈشكە باشلاندى. ئۇلارنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ ــ «بۇلەر كىم ؟» ـ دەپ سورىدى. ئۇلار ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەينىڭ تەرەپدارلىرى، ياردەم ئۈچۈن چىققان يەھۇدىيلار ئىدى. مۇشرىكلار ئۈچۈن كاپىرلاردىن ياردەم سورىمايمىز، دەپ پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلى بىلەن ياردەم بېرىشى ناتايىن ئىدى. كۆپ يەردە ئۇلار مۇسۇلمانلارغا خىيانەت قىلغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەرنى كۈرەك قېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەسكەرلەر ئىچىدە يېشى ئونبەشتىن ئاشمىغان بىر مۇنچە بالىلار بولۇپ، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتى. ئۇلار ئىچىدە رەفئەف ئىبنى ھادىج، سامۇرا ئىبنى جۇندۇب ئاتلىق ئىككى بالا بارئىدى. رەفىھنىڭ ئانىسى كېلىپ: ـــ «يا رەسۇلۇللاھ ئوغلوم رەفەئف ئوق ئىتىشقا ئۇستا، ئۇ بىر ياخشى مەرگەن، دۈشمەنگە زەربە بېرەلەيدۇ»ـ دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىلدى. بۇنى ئاڭلاپ. سامۇرا ئىبنى جۇندۇب ئاتىسى قىشىغا يىغلاپ كېلىپ: ـ «رەسۇلۇللاھ رەفئەبگە رۇخسەت بەردى، مېنى ئەسكەرلىكتىن قايتۇرۇۋەتتى، بولمىسا ئىككىمىز چىلىشقاندا مەن ئۇنى يېڭىۋالاتتىم» دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككىسىنى چىلىشقا سالدى. ئۆزى دېگەندەك، سامۇرا ئىبنى چىلىشدا يەڭدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغىمۇ ئىجازەت بەردى. مەدىنە بالىلىرىدن شۇ ئىككى ئوغۇل ئەسكەرلىككە ئىلىندى. قالغانلىرى قايتۇرۇلدى.
شۇنداق قېلىپ، رەسۇلۇللاھ كېچىنى شۇ جايدا ئۈتگەزدى. تاڭ سەھەر ئىتىشى بىلەن دۈشمەنگە قارشى يولغا چىقتى. ئۇھود تېغى بىلەن مەدىنە ئارىلىقىدا شاۋوت دېگەن جايدىكى خورمىلىق باغقا كەلگەندە، بۇمدات نامىزىنىڭ ۋاقتى بولدى. مانا شۇ جايغا كەلگەندە مۇناپىقلار رەئىسى ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي بۇزغۇنچۇلوق قېلىپ، ئۆزىگە قاراشلىق 300 كىشى بىلەن ئىسلام ئەسكەرلىرىگە خائىنلىق قېلىپ مەدىنىگە قايتتى. بۇ مۇناپىقنىڭ مەقسىتى ئەسكەر ئىچىدە، بۇزغونچىلىق قېلىش ئىدى. بۇ ئىشقا باھانە قېلىپ ئېيتقان سۆزى، ـ «مۇھەممەد ئۆزى كېلىپ بىزدىن مەسلىھەت سورىدى، شۇنىڭ بىلەن يىشى چوڭ تەجرىبىلىك كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك، قايتىپ كەلدۇق، يىشى كىچىك ساقالسىز يىگىتلەرنىڭ گېپىگە كىرىپ قاراپ تۇرۇپ كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرىمىزمۇ» ــــ دېدى. ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقان جەددى جەمەتىدىن بىر مۇنچە كىشىلەر نەسىھەت قېلىپ يالۋورسىمۇ ئۇنىڭغا پىسەن قىلماي قايتىپ كەتتى. 3000دىن ئارتۇق دۈشكەن ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇرشقا چىققان ئىسلام ئەسكەرلىرىنىڭ، سانى بىرەر مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. بۇلارنىڭ 300ى مۇھاجىرلار بولۇپ، ئەسكەر سىپىدىن چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ باشقا ئەسكەرلەرمۇ بۇزۇلۇشقا تاسلا قالدى. لېكىن ئۇلارنى ئاللاھ ساقلىدى. دۈشمەننىڭ قارشىسىغا كەلگەندە، بۇ ئىشنىڭ بولۇشى مۇسۇلمانلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى. مۇناپىقلەرگە قانداق چارە قوللونوش ھەققىدە مۇسۇلمانلار ئىككىگە بۈلۈندى. بىر بۈلىگى ئۇلارغا ئاۋۋال ئۇرۇش ئىچىپ ئاندىن دۈشمەنلەر بىلەن سوقوشۇش پىكرىنى بەرگەن بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ باشلىق باشقا ئەسكەرلەر ئۇلارنى ھازىرچە ئۆز يولىغا قويوۋىتىپ، كېيىن بىر تەرەپ قېلىش مەسلىھەتىنى بەردى. مانا شۇ مۇناپىقلەر ھەققىدەبۇ ئايەت چۈشتى:
«بۇ مۇناپىقلار قىلغان يامان ئىشلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئاللاھ ئىماندىن كۇفىرغا ئايلاندۇرۋەتتى».
بۇ ئايەت چۈشكەندىن كېيىن ئۇ مۇناپىقلار ئۆزھالىتى بويىچە قالدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئەسكەرلىرى دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا يۈرۈپ ئۇھود تېغىغا كەلدى. دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن، ئۇھود تېغىغا ئارقىسىنى قېلىپ، دۈشمەنگە قارشى سەپ ھازىرلىدى. ئەمما، قۇرەيش كاپىرلىرى، بۇ تاغنىڭ ئۇددۇلىدىكى كەپ سايغا كېلىپ ئورونلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەرئىككى تەرەپ ئۆز ئەسكەرلىرىنى ھازىرلاپ ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە خالىد ئىبنى ئەبۇ جەھل تۇردى. ئەبۇ سوپيان تۇغ بايرىغىنى كۆتۈرۈپ سولدا تۇرغان ئىدى. پىيادە ئەسكەرلەرگە سەفۋان ئىبنى ئۇمەييا باشلىق بولۇپ بەلگىلەندى. ئەسكەرلەرنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوشاقچى خوتۇنلارنى تەشۋىق قېلىش ئۈچۈن سەپنىڭ ئوتتورسىغا قويدى. رەسۇلۇللاھ بۇلارغاقارشى ئەسكەر تۈزۈلمىسىنى تۈزۈپ، خالىد ئىبنى ۋەلىدكەقارشى زۇبەيىر ئىبنى ئاۋامنى قويدى. ئىسلام ئەسكەرى ئىچىدە ئوق ئاتار مەرگەنلەردىن ئەللىك كىشى بارئىدى. ئۇلارغا ئابدۇللا ئىبنى جۇبايىرنى باشچى قېلىپ سايلاپ، ئەسكەرنىڭ ئارقا تەرىپىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. بۇ ئەللىگ مەرگەن ئەسكەر ئارقىدىكى تاغنىڭ ئىتىگى، بەلنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئىشنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېجىرىلدى. رەسۇلۇللاھ مەرگەنلەرگە: «ئەگەر بىز دۈشمەننى يەڭسەك، ياكى ئۇلار بىزنى يەڭسە، ھەر ھالدا بۇ تۇتۇپ تۇرغان يەرنى قولدىن بېرىپ قويماڭالار»دېدى. چۈنكى بۇ ئورۇن بوش قالغان چاغدا، بىر فىرقە دۈشمەن ئەسكىرى شۇ تاغ تەرەپتىن كېلىپ بىزگە ۋۇجوم قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ چاغدا ئەسكەرلەرنىڭ ئارقا تەرىپى بوشاپ مۇھاسىرە ئىچىگە كىرىپ قېلىش مۇمكىنچىلىگى بولغانلىقتىن، رەسۇلۇللاھ بۇ يەرنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقنى بەكمۇ تاپىلىدى. ئەگەر ئاتلىق دۈشمەنلەر شۇ يولدىن چىپىپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارغا قارشى ئوق ياغدۇرۇشنى ئېيتتى. «ئات ئۈستىدە كېلىۋاتقان ھۇجۇمچى ئەسكەرلەر قارشى تەرەپتىن ئېتىلىۋاتقان ئوقنىڭ زەربىسىگە چىداپ تۇرالمايدۇ» دېدى. ئاندىن ئەسكەرلەر يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى تۈزۈپ توغرىلىدى. چۈنكى مۆمىنلەرنىڭ نامازدا سەپلىرىنى تۈز قېلىپ توغرىلىماغلىقى، ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشدا سەپلىرىنى توغرىلىماغلىقى ــ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىدۇر. ئاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئارقىسىغا قاراپ دېدىدكى:
― «ئەي مۆمىنلەر. بۇرادىرىم جىبرىل كۆڭلۈمگە بۇ سۆزنى سالدى. ھەر قانداق بىرئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا يەيدىغان رىسىقى تۈگۈمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۆلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ رىزقىنى ئازايتىش ياكى كېمەيتىش ھېچ كىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بەندىنىڭ رىزقى ھەر قانچە كىچىكلەپ قالسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۈلچەنگەن رىسىق قېچىپ كەتمەيدۇ. ئەمدى شۇنداق بولسا، ئەي مۆمىنلەر، رىسقىڭلارنى ھالال كەسىف بىلەن تەلەپ قىلىڭلار، ئۇنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىگىگەئالدىراپ كەتمەڭلار، ئۆزەڭلەرنى ھارام قىلغان نەرسىلەرگە ئۇرماڭلار، ھالاللىق بىلەن كەسف قىلساڭلار، ھالال رىسىققا ئاللاھ كىپىلدۇر، باش تەنگە ،تەن باشقا قانداق ماس كەلگەن بولسا، مۆمىنلەرمۇ بىر بىرىگە شۇنداقدۇر. بىرسىگە يەتكەن زىيان يەنە بىرسىگە يەتكەن زىيان بىلەن بارابەردۇر. قايسى قوشۇندا بىرلىك، چىداملىق بولسا، باشقىلار ئەلبەتتە غەلىبە قىلىدۇ »ـ دېدى.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ قولىغا بىر قىلىچ ئالدى. ئۇ قىلىچقا ئەرەب تىلىدا مۇنداق بىر شېئىر يېزىلغان ئىدى.
«فىل جۇبۇنى ئارون ۋە فىل ئەڭدامى مەكرومەتۇن
ۋەل مەرھو بىل جۇبۇنى لا يەنجۇ مىنەل قەدرى»
مەنىسى: «قورقاقلىق نومۇس كەلتۈرۈر، باتورلوق دۆلەتگە يەتگۈزۈر، قورقاپ قاچقان بىلەن ھېچ كىشى تەقدىردىن قۇتۇلالماس»
يەنە ئەسكەرلەرگە قاراپ: ــــ «بۇ قىلىچنى كىم ئالسا ئۇنىڭ ھەققىنى شۇ كىشى ئادا قىلغان بولىدۇ» ــ دېدى.
ئارقىدا تۇرۇشقان بىر توپ كىشى:ــــــ«بىزگە بىرىڭ يارەسۇلۇللاھ» دەپ قىلىچقا قول ئۇزارتتى. بۇلەر ئىچىدە ئەبۇ بەكىر سىددىق، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى، زۇبايىر ئىبنى ئاۋام قاتارلىق تۆت كىشىمۇ بار ئىدى. ئۇلارغا قىلىچنى بىرىشتىن توختاپ، يەنە بىر كىشىنى كۈتكەندەك بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇنى كۆرۈپ ئەنسارلەردىن ئەبۇ دۇجانا دېگەن بىر ساھابا يۈگۈرۈپ كەلدىدە، ــ«بۇ نىڭ ھەققى نېمە بولسا بولىدۇ؟يا رەسۇلۇللاھ؟» ــ دەپ سورىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ــــ «ئېگىلىپ كەتگۈچە دۈشمەننىڭ يۈزىگەچاپالىساڭ، بۇ قىلىچنىڭ ھەققى شۇ بولىدۇ» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئەبۇ دۇجان ــ «ئۇنداق بولسا شۇ شەرتنى مەن بىجىرەي» ـ دەپ قىلىچنى ئالدى. ھېچ كىمگە بەرمىگەن قىلىچنى رەسۇلۇللاھ بۇ كىشىگە بەردى. چۈنكى ئۇ كىشى ئەنسار ساھابىلەر ئىچىدە ئاتاقلىق باھادىرلەردىن ئىدى. قىلىچنى ئالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ، ماختىنىپ، ئۇرۇش مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ يۈرۈشىنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ: ـــــــ «ئاللاھ تائالا بۇنداق يۈرۈشنى بۇ ئۇرۇشتىن باشقا جايدا بولسا، ياخشى كۈرمىگەي، ئامما ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەن قارشىسىدا شۇ يۈرۈشنى تەڭرى دۇست تۇتقاي» ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش مۇبارازا بىلەن باشلاندى. كاپىرلاردىن تۆگە مىنگەن بىر كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئۆزىگە باھادىر تاللىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ روخسىتى بىلەن زۇبايىر ئىبنى ئاۋام ئۇنىڭغا قارشى مەيدانغا چىقتى. ھەر ئىككىسى تۆگە ئۈستىدىن بىر بىرىگە قارشى ئېلىشتى. قۇچاغلىشىپ، بۇغوشۇپ، مەيدان ئوتتورسىدا بۇ ئىككى باھادىرلەر كۆپ ئېلىشتى. ھەر ئىككى ياقدىكى قوشۇننىڭ كۆزلىرى بۇلەرگە تىكلەنگەن ئىدى. باھادىر مۇسۇلمان ئۈست تەرىپىگە، كاپىر باھادىر ئاستى تەرىپىدە ياتاتتى. بۇ ئىككىسى بىرـ بىرىنى تۈگىدىن تارتىپ يەرگە پوموداقېلىشىپ چۈشۈشكە باشلىدى. كاپىر باھادىرى تېگىگە چۈشكەن ئىدى. ھەزرىتى زۇبايىر ئۈستىگە چىقىشى بىلەن خەنجەر سۇغۇرۇپ، ئۇنى بۇغوزلاپ تاشلىدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ خۇشاللانغانلىقىدىن ھەممەيلەن بىلەن بارابەر تەبرىكلىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كاپىرلار تەرەپتىن تەلھا دېگەن باھادىر مەيدانغا چىقتى. بۇ ئۇلارنىڭ باش تۇغچىسى ئىدى. ئوتتىرغا چىقىپ « ئەركەك بولساڭ چىق» ـ دەپ بىر نەچچە قېتىم ۋاقىردى. مۇسۇلمان تەرەپتىن ئىشتىك چىقىدىغان كىشى بولمىدى. چۈنكى بۇنداق سوروندا باھادىر بېكىتىش ھوقۇقى ئەسكەر باشلىقىنىڭ قولىدا ئىدى. دۈشمەن باھادىرىگە تەڭ كەلگىدەك كىشى تېپىپ چىقىرىش لازىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن باھادىر چىقىرىش كىڭىشى بىر ئاز كىچىكتۈرۈرلدى. بۇنى باھانە قېلىپ، كاپىرلار باھادىرى تەنە تىل سېلىپ: ـ «ئەي مۇھەممەد. مۆمىنلەردىن كىم ئۈلسە جەننەتگە كىرگەي، كاپىرلاردىن كىم ئۈلسە دۇزاققا كىرگەي دەۋاتاتتىڭ، ئەگەر بۇ سۆزۈڭ راست بولسا، سىنىڭ يولداشلىرىڭ جەننەتگە كىرىشتىن نېمە ئۈچۈن قورقايدۇ؟ مېنى ئۆلتۈرۈپ دۇزاققا ئەۋەتىشتىن نېمانچە تارتىنىسەن؟» ــ دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ھەزرىتى ئەلى رەسۇلۇللاھتىن رۇخسەت ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەن بىر بىرىگە ئەمەل قېلىشىپ، قىلىچ سىلىشتى. تەھانىڭ پۇتى كىسىلدى. يىقىلغاندىن كېيىن ھەزرىتى ئەلى چىپىپ تاشلىدى. بۇ يىقېلىش بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسى ئۇسمان تۇغنى كۈتەردى. بۇنى ھەزرىتى ھەمزە چىپىپ تاشلىدى. ئىنىس ئەبۇ سەھىد ئورنىغا كېلىپ تۇغ تۇتتى. ھەزرىتى سەھىد ۋەققاس ئاتقان ئوق ئۇنىڭ بۇغوزىغا تېگىپ شۇ جايىدا ئۆلدى. شۇنداق قېلىپ، قاتىرى بىلەن تۇغ تۇتقانلەردىن تۆت كىشى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسسى بىردىن قەبىلىدىن ئىدى. شۇ ئارىدا ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان مەيدانغا چۈشتى. ئاتىسى ئەبۇ بەكىر سىددىق چىقىشقا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ رەسۇلۇللاھ رۇخسەت قىلمىدى. مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ ئىچىدە 200دىن ئارتۇق ئاتاقلىق ئەسكەرلىرى بارئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلدى. ھەممەھۇجۇملىرى تاغ ئۈستىدە تۇرغان 50 نەپەر مەرگەن تەرىپىدىن چىكىندۈرۈلدى. ھۇجۇمچى دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئات سېلىپ كېلىۋاتقاندا ئالدىدىن ئېتىلىۋاتقان ئوقيانىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. سان جەھەتتىن ئۈچ تۆت ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئۈلە تىرىلىشىگە قارىماي ئۇرۇشۇۋاتاتتى. ئىسلام ـــ كاپىر قوشۇنلىرى، ھەق ـــ باتىل سەپلىرى بىر بىرىگە يېقىنلىشىپ كېلىپ قالدى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ باھادىرلىرى سۈرەن سېلىپ ۋاقىراشماقتا.
دۈشمەن قوشۇنىنىڭ كەينىگەسىلىپ قويغان قوشاقچى خوتۇنلارر ئۇرۇشنى قىزىتىش ئۈچۈن داپا -دۇمباق چىلىشىپ، ھاياجانلىق شىئىرلىرىنى ئوقۇشاتتى. بۇندىن بۇرۇن بەدرە ئۇرۇشىدا ئۆلگەن قۇرەيش ئوغوللىرىنى ئەسكە ئېلىپ يىغلىغان يىغىلىرى، شۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئۈچ ئېلىشىغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن مەدەت تىلەۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ بۇ كاپىر خوتۇنلاررنىڭ بۇ يۈسۈندىكى قوشاقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ دۇئانى ئوقۇدى:
«ئى رەببىم. سەن ئۈچۈن ئۇرۇشۇۋاتىمەن، سىنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەممە ئىشدا ماڭا يىتەرلىكدۇر»
شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھقا ئىخبال ئىشىكى ئىچىلدى. مەيدان بويىچە غەلىبە قازىنىپ، ھەر جايدا دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىلدى. تۇغ كۆتۈرگەن كىشىلەردىن ئارقىمۇ ـ ئارقا تۈت كىشى ئۆلگەندىن كېيىن، دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئارقىغا قىچىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ ئىسلام ئەسكەرلىرىنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى. قاچقانلەرنى ئېتىپ چىپىپ كەينىدىن قوغلاپ زەربە بېرىشكە باشلىدى. دۈشمەننىڭ ئالدى سىپى بۇزۇلۇپ، ئارقا سىپى قىچىشقا باشلىغان ئىدى. قاچقان ئەسكەرلەر خوتۇنلارنىڭ چاچقان توپىلىرىغا قارىماي، باشلىقلىرىنىڭ توسوشىغا قارىماي قىچىشقا باشلىغان ئىدى. مانا شۇ چاغدا ئولجىغا قىزىقىپ كەتكەن ئىسلام ئەسكەرلىرى قاچقان دۈشمەنلەر بىلەن كارى بولماي ئولجا ئېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاش توختىدى. دۈشمەنلەرنىڭ ئارقا سىپىنى ساقلاشقا قويغان مەرگەنچى ئوقچى قىسىم دۈشمەن يېڭىلدى، دەپ ئولجا ئېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. دۈشمەننى قوغلاپ كېتىۋاتقان قىسىممۇ قوغلاشنى توختىتىپ قايتىپ كېلىپ، ئەمدى ئۇرۇش تۈگىدى، نېمىگە قاراپ تۇرىمىز ئولجىدىن قۇرۇق قالمايلى دېيىشىپ، ئولجا ئېلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئوقچى قىسىم باشلىقى ئابدۇللا ئىبنى جۇبايىر شۇنچە قاقشاپ نەسىئەت قېلىپ كۆرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغۇچى بولماي ھەممىسى دىگىدەك ئولجا ژىغىۋىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. بولمىسا رەسۇلۇللاھ بۇرۇنلام: ـ «بىز دۈشمەننى يىڭەيلى ياكى يەڭمەيلى، مەندىن روخسەتسىز، بۇ يەردىن قوزغالماڭلار» دەپ قايتا ـ قايتا تاپىلىغان بولسىمۇ، دەپى ـ دۇنيانىڭ قىزىقچىلىقىدا بۇگەپنى ئۇنۇتقان ئىدى.
مانا شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىشلار بۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئۇلار بىلمىدىكى، غەلىبە قازىنىشتا ئەڭ بىرىنچى نەرسە: ئەسكەر باشلىقىنىڭ قۇماندانلىقىغا بۇيسونوش ئىدى. ئىككىنچىسى ساقلاۋاتقان يەرنى قولدىن بەرمەسلىك ئىدى. ئىش شۇنداق بولغاچ دۈشمەننىڭ ئاتلىق ئەسكەر باشلىقى خالىد ئبن ۋەلىد بۇنى كۆرۈپ، ئەگەر شۇ جايغا ھۇجۇم قېلىپ ئۇيەرنى قولغا كەلتۈرسەك ئىسلام ئەسكەرلىرىنى قورشاپ ئالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇيەردىكى 50 ئەسكەردىن پەقەت ئابدۇللاھ ئىبنى جۇبەير باشلىق ئون ئىككى ئەسكەرنىڭ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دەرھال پۈتۈن ئەسكەرلىرىنى توپلاپ خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدىكى قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھايال ئۆتمەي ئۇيەرنى ساقلاۋاتقان 12 نەپەر ئەسكەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ ھەممەيلەننى شېھىت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئەسكەرلىرى دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالدى. دۈشمەن ئەسكەرلىرى يېڭىۋاشتىن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئالدىنىقى سەپتىكى ئىسلام ئەسكەرلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىدى. ھەزرىتى ئەمر ھەمزە بۇ ئۇرۇرشتا كۆپ باھادىرلىق كۆرسەتتى، دۈشمەن باھادىرلىرىدىن بۇ كىشىنىڭ قولىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 31 گە يەتكەن ئىدى. شۇنداق قېلىپ، توغرى كەلگەن دۈشمەننى چاناپ، ئۇرۇش مەيدانىدا جەۋلان قىلىۋاتاتتى، شۇ ئارىدا بۇنى كۈتۈپ ياتقان ۋەھشىي دېگەن قۇلنى كۆرمەي، ئالدېدىن ئۈتىۋەردى، بۇ نىگىر قۇلنىڭ خوجايىنى جۇبايىر ئىبنى مۇتھەم ئۇنىڭغا شەرت قويۇپ «ئەگەر ھەمزىنى بۇ ئۇرۇشدا ئۆلتۈرسەڭ، سىنى قۇللۇقتىن ئازات قىلىمەن» دېگەن ئىدى. شۇ مەقسەتنى كۈتۈپ تۇرغان ۋەھشىي، ھەزرىتى ھەمزىنىڭ يولىنى توسوپ، چوڭ بىر تاشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنوپ ياتقان ئىدى. بۇ قۇلنىڭ نەيزە ئېتىش ماھارىتى يۇقىرى بولۇپ، ئون ئونبەش قەدەم يىراغلىقدا تۇرۇپ نىشانغا نەيزە ئاتسا دېگەن يېرىگە تەككۆزەلەيتتى. ھەزرىتى ھەمزە بۇئىشتىن خەۋەرسسىز، قىلىچ يالىڭاچلاپ كىلىۋاتقاندا، ۋەھشىي دېگەن قۇل بار كۈچى بىلەن ھەزرىتى ھەمزىنىڭ ئەجەللىك يىرىنى چەنلەپ، نەيزىنى ئاتتى. ئاتقان نەيزىسى ئوق ئىلانلىق، تولغۇما نەيزە دەل كىندىك ئاستىغا كېلىپ قادالدى. ساۋوت ئارىسىدىن كىرىپ، نەيزىنىڭ ئۇچى ئارقا تەرەپتىن كۆرۈنۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ھەمزە غەيرەت كۆرسىتىپ، ۋەھشىگە قىلىچ كۈتۈرگەن بولسىمۇ، يېتەرلىك كۈچى قالمىغانلىقتىن يىقېلىپ شېھىت بولدى. رەزىيەللەھو ئەنھوم
شۇنىڭغىچە خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئىكىرمە ئىبنى ئەبۇ جەھل ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن ئارقا تەرەپتىن قامال قېلىپ كېلىپ قالدى، ئۇ چاغدا ئولجا ئىلىۋاتقانلار دۇنيا تالىشىپ ئولجا بىلەن بولۇپ كېتىپ باراتتى. شۇ ئەسنەدا ئارقا تەرەپتىن قارا بۇلۇتتەك دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئات چاپتۇرۇپ كېلىشكە باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قېلىشتى. ژىغىۋاتقان مال ئولجىلىرىنى تاشلاپ باغلىغان ئەسىرلىرىنىمۇ بوشاتتى. ياسالغان توساقلارنى بۇزۇپ، كەينى كەينىدىن دۈشمەنلەر كېلىپ بۇلارنى قورشىۋالدى. دۈشمەن قوشۇنلىرى«يا. لال ـ ئۇززاۋە ھۇبۇل» دەپ بۇتلارنىڭ نامېنى ئاتىشىپ سىرەن سىلىشىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ ھالنى كۆرۈپ ئالدى ئارقىسىدىن قورشاۋدا قالغان ئىسلام ئەسكەرلىرى ئالدىراشلىقتىن نېمە قېلىشنى بىلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەيتان مەلئون ئادەم سۈرىتىگە كىرىپ، ـــ «ئەي مۆمىنلەر، ئارقا تەرىپىڭلاردىن دۈشمەن ئەسكىرى سىلەرنى قورشىۋالدى» ـ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئالدىنىقى سەپتىكى ئەسكەرلەر ئارقىغا يېنىپ، چاڭ توزان ئىچىدە، بىر بىرىنى تونوماي، ئۆز ئارا قىلچ سىلىشىشقا باشلىدى. مۇشرىكلارنىڭ يىقىلغان بايرىقىنى بىرسى يېڭى ۋاشتىن كۈتۈردى. ئىسلام تۇغىنى كۈتۈرگەن مۇسھەب ئىبنى ئۇمايىرنى ئىبنى كىمھا قىلىج ئۇرۇپ شېھىت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن «مۇھەممەدنى ئۆلتۈردىم» ئەسكەر ئىچىدە چىپىپ يۈرۈپ ۋاقىراپ جار سالدى.
بۇنى ئاڭلىغان مۆمىنلەر ھۇشىدىن كەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى، «رەسۇلۇللاھ ئۆلگەن بولسا، بىز كىم ئۈچۈن ئۇرۇشىمىز، ئۇنىڭدىن كۈرە ئۇلار بىلەن كېلىشىپ ئۆزىمىز ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيلى» ـــ دېيىشتى. يەنە بىر مۇنچىلىرى «ئەگەر رەسۇلۇللاھ ئۆلگەن بولسا، ئەمدى دىنىمىز يولىدا، ئاللاھ ئۈچۈن ئۇرۇش قېلىشىمىز، رەسۇلۇللاھ ئالدىدا ئۇرۇش قېلىشىمىزمۇ ئەسىلىدىنلام شۇ ئىدى» ـ دەپ قاتتىق ئۇرۇشتى. يەنە بەزىلىرى ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ مەدىنە تەرەپكە، قاراپ قاچتى. بۇلار ئىچىدە ھەزرىتى ئوسمانمۇ بار ئىدى. بۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن پىتنەنىڭ كۆپلىگىدىن ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپرەك تەنە گەپلەرنى قېلىشقان ئىدى. بۇ قاچقۇنلار قىلغان ئىشلىرىدىن ئۇيىلىپ، مەدىنەنىڭ بىغىدا يوشۇرۇنوپ ياتقان ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ روخسىتى بىلەن ئۈچ كۈندىن كېيىن مەدىنىگە كەلگەن ئىدى.
ئەمما، رەسۇلۇللاھ بۇ دەھشەتلىك ئۇرۇشتا قىلچىمۇ ئۆزگەرمىگەن ئىدى، بۇلوۋاتقان ئۇرۇشتا بىر قەدەممۇ ئارقىغا چىكىنمىگەن ئىدى. ئەتراپدىكى ساھابىلەردىن بىر قانچىسى چىن پىدالىق بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەبۇ تەلھا ئەنسارى دۈشمەن تەرىپىدىن رەسۇلۇللاھقا قارىتىپ ئىتىلغان ئوقنى ئۆزىنىڭ تىنى بىلەن توسوپ قوغداپ قالغان ئىدى. دۈشمەن نىڭ ئاتلىق ياۋ ئەسكەرلىرى ئىسلام تۇغىنى يىقىتىش ئۈچۈن ھۇجۇمنى قاتتىق قىلدى. شۇ چاغدا تۇغ ھەزرىتى ئەلى قولىدا ئىدى. تۇغ ساقلىغۇچى مەرگەنلەردىن بىر قانچىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ئىدى. بۇلار ئىچىدە شۇ كۈنى ئەڭ ئارتوق خىزمەت كۆرسەتكەن كىشى ھەزرىتى سەھىدۋەققەس بولدى. سەل كەلگەندەك كېلىۋاتقان ئاتلىق ۋە پىيادە دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە بىر ئۆزى يالغۇز بىر مىڭدىن ئارتوقراق ئوق ئاتتى. رەسۇلۇللاھ تىنماي ئوق يەتگۈزۈپ بىرەتتى.
: «ئاتقىن سەھىد، ئاتا ئانام ساڭا پىدا بولسۇن» دەيتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىد ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى ئۇ كىشى ھەققىدە ئىككى دۇنيادا ماختىنارلىق زور ئىش ئىدى. چۈنكى ئىلگىرى كېيىن بۇنداق سۆز رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن ھېچ كىمگە ئېيتىلغان ئەمەس. يەنە شۇ چاغدا دۈشمەنلەردىن بىر بۈلىمى تاغ ئۈستىدىن ھۇجۇم قېلىش ئۈچۈن تاغقا چىقىپ تاغ تەرەپتىن كەلدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى كۆرۈپ ـ «ئەي سەھىد، بۇلارنى قايتۇر» ــــــــــ دېدى. ئاندىن ئۇ، ــ «يا رەسۇلۇللاھ، مەن يالغۇز كىشى قانداق قايتۇرالايمەن» ـ دېسە، رەسۇلۇللاھ ـــ «قايتۇر» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن سەھىد ئوقداندىن بىر ئوق چىقىرىپ دۈشمەنگە ئاتقان ئىدى، دەل ئەجەللىك يېرىگە تېگىپ شۇ زامان جان بەردى. ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ئاتقان ئوقى جايىغا تېگىپ تاغ ئۈستىگە چىققان دۈشمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. بۇنى كۆرۈپ باشقىلىرىمۇ تاغ ئۈستىگە چىقىشقا پىتىنالمىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى رەسۇلۇللاھنى قەستلەش ئىدى. شۇنداق بولۇپ ئۇھود ئۇرۇشى باشلىنىشى بىلەن مۇسۇلمانلار غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي سەپنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن كۆپ ھايال ئۆتمەي، چوڭ مەغلوبىيەتگە ئۇچرىدى. سەپلىرى بۇزۇلۇپ باش ئايىغى قاملاشماي تارقاقلىشىپ، تەرتىپلىرى بۇزۇلدى. دۈشمەننىڭ تەكرار ھۇجۇمىغا قارشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدا تۆۋەندىكى ئون تۆت كىشىدىن باشقا ھېچ كىم قالمىغان ئىدى. بۇ باھادىرلەرنىڭ يەتتىسى مۇھاجىرلاردىن بولۇپ ئىسمى تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1 – ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق
2- ھەزرىتى ئۆمەر
3 – ئابدۇرەخمان ئىبنى ئافس
4 – سەھىد ۋەققاس
5 – تەلھە
6 – زۇبەير
7- زەيد ئىبنى ھارىس.
قالغان يەتتەكىشى ئەنسار ساھابىلەردىن ئىدى. بۇلار بىرىنچىسى، پەيغەمبىرىمىزدىن قىلىچ ئالغان، بۇنى ئىگىلگۈچە چاپقايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ھەزرىتى ئەبۇدۇجھانە، ئىككىنچىسى، ھوبۇب ئىبنى مۇنزىر، ئۈچىنچىسى، ئاسىم ئىبنى سابىت، تۆتىنچىسى، ھارىس ئىبنى سەمما، بەشىنچىسى، سۇھايىل ئىبنى ھانىف، ئالتىنچىسى، سەھىد ئىبنى مۇھوز، يەتتىنچىسى ئۇسايد ئىبنى ھازىر «رەزىيەللەھو تەئالا ئەنھوم ئەچھمەين»
بۇلاردىن باشقا ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ باشقا جايدا ئۇرۇش قىلغان ئىدى. مەلھون ئىبنى كىمبە: «مۇھەممەدنى ئۆلتۈردىم» دەپ ئەسكەرلەر ئىچىگە پىتنە پاسات تارقىتىپ يۈرگەندە ئىسلام تۇغى ھەزرىتى ئەلىنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇلار ئۇرۇش پاتپاراقچىلىقىدا رەسۇلۇللاھدىن ژىراغلاپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئارىدا ئىبنى كىم ھانىڭ يالغان سۆزى ئىسلام ئەسكەرلىرىگە ئاڭلىنپ بەزىلىرى: «بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى گۇمانلىنىپ راستلا پەيغەمبىرىمىز ئۆلگەنمىدۇ دەپ، جەسەتلەر ئىچىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ جەسىتىنى ئىزلەشكە كىرىشتى. ھېچ يەردىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ جەسەدىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئويلىدىكى،«رەسۇلۇللاھ بۇ ئۇرۇشدا ھېچ قاچان ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىپ كەتمىگەندۇر، لىكىن بىزنىڭ قىلغان گۇنايىمىز شۇملىقىمىزدىن، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنگە ئوخشاش، رەسۇلۇللاھنىمۇ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمدى بىز رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ بۇ يوروق زىمىندا تىرىك ياشىغاندىن كۆرە، ئاللاھ يولىدا ئۈلگىنىمىز ياخشىراقدۇر، رەسۇلۇللاھنى كۈرمىگۈنچە قىلىچىمىزنى قىنىغا سالمايمىز» دەپ قىلىچنىڭ غىلاپىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى. يالىڭاچ قىلىچ بىلەن دۈشمەن توپىغا بۈسۈپ كىرىپ، دۈشمەن سىپىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئارىلىق ئىچىلدى. قارىسا يۇقىرىقى 14 كىشى رەسۇلۇللاھنى قوغداپ دۈشمەن بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇشۇۋىتىپتۇ.
ئۇلار ئىچىدە سەھىل ئىبنى ھەنىف، بۇ كىشى مەدىنە خەلقىدىن چىققان ئاتاقلىق مەرگەنلەردىن ئىدى. تۆت تەرەپتىن رەسۇلۇللاھقا قەست قېلىپ كەلگەن دۈشمەنلەرنى ئوق بىلەن ئېتىپ، ھېچ بىرىنى كەلتۈرمەيۋاتاتتى، ئەبۇ دۇجانە قايسى تەرەپتىن بىرەر دۈشمەننىڭ قارىسى كۈرۈرنسە شۇنى دەرھال يوقوتوپ جەڭ قىلىۋاتاتتى. ۋە رەسۇلۇللاھقا غايىپدىن كەلگەن ئوقنى ئۆزىنىڭ بەدىنى بىلەن توسوپ قالقان قىلىۋاتاتتى. بەدىنىدە ئارقا تەرەپتىن كەلگەن بىر نەچچە تال ئوقنىڭ سانجىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇنداق قېلىپ، بۇ باھادىرلەر رەسۇلۇللاھنى قوغداشدا ھاياتىنىڭ ھېچ بىر خەفپىگە قاراماي، ئەڭ ئاخىقى مىنۇتغىچە چىداشلىق بىرىۋاتاتتى. بۇلەر ئىچىدە سەھىد ئىبنى ھارىسە دېگەن ساھابە رەسۇلۇللاھقا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمدا دۈشمەن تەرىپىدىن ئىتىلغان ئوق، قىلىچ زەربىسىدىن بىر نەچچە يېرى زەخىملىنىپ قاتتىق يارالانغان ئىدى. ئاخىرىدا بۇ باھادىرلەر ھالسىزلىنىپ يىقېلىپ جان ئۈزدى. (رەزيەللەئەنھوم) رەسۇلۇللاھ ئۆزى شۇ كۈنى ئەڭ ئېغىر ئىشنى بىشىدىن ئۈتگەزدى. ھەر قانداق ئادەم كۈتۈرەلمىگىدەك دەرىجىدە قاتتىق يارىلاندى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشنى توختاتمىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قېلىش كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئىبرەت بولغىدەك بىر ئىشنى ئۇممەتلەرگە قالدۇرۇش ئىدى. ئۇرۇش يەنە شۇنداق قىزغىن بۇلىۋاتقان چاغدا، قۇرەيش رەئىسلىرىدىن ئۇبەي ئىين خەلەف دېگەن كىشى، «مۇھەممەد ئەمدى قەيەرگە قېچىپ قۇتۇلۇدۇ» دەپ رەسۇلۇللاھ ئۈستىگە ئاتلىق باستۇرۇپ كەلدى. «ئەگەر مۇھەممەد بۈگۈن مەندىن تىرىك قۇتۇلالىسا، مەن بۇدۇنيادا ياشىمايمەن» ــ دەپ قىلىچ كۆتۈرۈپ ھۇجۇم قىلماقجى بولدى. بۇنى كۆرگەن ساھابىلەردىن بىر نەچچىسى ئۇنىڭ ئالدىنى توسوپ، قارشىلىق كۆرسەتتى. رەسۇلۇللاھ: ــ «ھوي. ئۇنى توسماڭلار يېقىنراق كەلسون» ـ دېدى. ئۇ ھەم ئاغزىغا كەلگەننى ئېيتىپ، قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، چاپقىنى كەلمەكتە ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىشكە ئازلا قالغان چاغدا، يېنىدا تۇرغان ھارىس ئىبنى سەممە دېگەن ساھابەنىڭ قولىدىكى كىچىككىنە قىسقا نەيزىسىنى ئېلىپ، دۈشمەنگە قارىتىپ ئاتتى. نەيزە ئۇنىڭ بوينىغا تېگىپ ئۇنى يارىلاندۇردى. ئەممە قان ئاققۇدەك ئېغىر يارا ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تۇرالماي، ئارقىغا قايتىتى. ئاغرىغى بارغانسېرى كۈچۇيۇپ ئىششىپ، ئاغرىققا چىدالماپ ۋاقىرغىنى تۇردى. بۇنى كۆرگەن باشقا يولداشلىرى، ئۇنى زاڭلىق قىلدى، ــ «سىنىڭ بۇينوڭغا چۈشكەن بۇ يارا ئەگەر بىزنىڭ بۇينومىزغا چۈشكەن بولسا ئۇنچىۋىلا قېلىپ كەتمىگەن بۇلاتتۇق، سەنمۇ تازا بىر يۈرىگىڭ يوق بوش بىر ئادەم ئىكەنسەن» ــ دەپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدى. ئاندىن ئۇ ئېيتتىكى:
ـ لات ـ ئۇززاھەققى، ئەگەر مېنىڭ بۇ يارامنىڭ ئاغرىغى دەردېدىنى رابىيە. مۇزار (ئەرەبلەرنىڭ ئۇلۇغ قەبىلىسى) لەرگە بۆلۈپ بېرىدىغان بولساڭ، بۇنىڭ تەسىرىدىن ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئەمدى مەن بۇنىڭدىن قانداغ تىرىك قالغۇدەكمەن،» ـ دېدى. بۇ كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلىرىدىن بىرسى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز مەككە شەھرىدە تۇرغان چىغىدا ئۇ ھەر قاچان رەسۇلۇللاھنى كۆرگەن ھامان دەيتتى:
ــ «ئەي مۇھەممەد، مېنىڭ بىر ئارغىماق ئېتىم بار، ھەر كۈنى ئون قاداقتىن ئارتوق يەم يىگۈزىمەن، ئۇنى ھازىردىن باشلاپ تەربىيەلەۋاتىمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنى شۇ ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ چىپىپ ئۆلتۈرىمەن» ـ دەيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۆزىگە قارىتا:
ـ سەن مېنى ئۆلتۈرەلمەيسەن، ئىنشائاللاھ مەن سىنى ئۆلتۈرىمەن، ـ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ قىلغان سۆزىنى ئاللاھتەئالا يالغانغا چىقارماي راستىغا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن قۇرەيش ئەسكەرلىرى ئۇھود ئۇرۇشىدىن قايتىش يولىدا مەككە مەدىنە ئارىلىقىدىكى سارار دېگەن جايغا كەلگەندە جان تالىشىپ سەكراتقا چۈشتى، ناھايىتى تەستە جىنى چىقتى. رەسۇلۇللاھ ئۈمرى بويىچە قىلغان غازاتى ئىچىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شۇ بىر كىشىنى ئۆلتۈردى. ئۆز قولى بىلەن بىۋاسىتە ئۆلتۈرگەن كىشى يالغۇز شۇ لام ئىدى. پەيغەمبىمىز ئېيتتىكى:
― ئىنسانلەر ئىچىدە ئۆلگەندىن كېيىن ئەڭ قاتتىق ئازاپ تارتىدىغان كىشى ــ پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىىلغان ياكى پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەردۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى. ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىگە ئاتاـ ئاناسىدىنمۇ بەكرەك مىھرىۋاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەققىدە بۇ ئايەتنى چۈشۈرگەن:
-«ئاللاھ ئەمرى بىلەن ئۆزىڭلەردىن ئەزىز بىر كىشى سىلەرگە پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە سىلەرنىڭ ئېغىر يۈكىڭلەر مېھنەت مەشەققىتىڭلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر سىلەرگە بەك ئامراقدۇر. (مېھرىباندۇر) بۇتۇن دۇنيا خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدىغان بولسائۇنىڭ تىلەيدىغىنى شۇكى، يەنى مۆمىنلەرگە مېھرىبان رەھىمدىل ياخشىلىق قېلىش دۇر»
بىلىش لازىمكى: ئەزىز، رەئۇف، رەھىم بۇ، ئۈچى ــ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە: « ئىنشائاللاھ بىنناسى لا رەئۇفئۇر رەھىم»، ئايىتىنى كەلتۈردى. مەنىسى:«ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا ئادەملەرگە مېھرىباندۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقلىرىدىمۇ، «بىل مۇھمېنىينە رەئۇفئۇر رەھىم» دەپ ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىدى. باشقا ھېچ بىر پەيغەمبەرنى بۇ سۈپەت بىلەن ئاتىمىدى. ئەمدى شۇنداق ئۇلۇغ مېھرىبان، شەفقەتلىك، پەيغەمبەر بىر ئىنساننى ئۆلتۈرسە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۈرىدىغىنى ياخشىلىق بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئېيتقانكى:
― بىر كىم پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ياكى پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بۇنداق ئادەم گورگە كۈمۈلگەندىن باشلاپ، قىيامەت بۇلغۇچە توختىماسدىن گور ئازابىنى تارتقاي، ـ دېدى.
يەنە بۇ ئۇرۇشدا دۈشمەن باھادىرلىرىدىن ئىبنى كىمھە دېگەن بىر كىشى بار ئىدى. ئۇرۇش تازا قىزىۋاتقان چاغدا پەيت كۈتۈپ رەسۇلۇللاھ ئۈستىگە بىر دىنلا ئات قويۇپ چاپتۇرۇپ كەلدى. قىلىچ ئۇزۇنلىغىدا يېقىنلاپ كېلىپ. «ھەززەھا ۋەنەرىن كىمھە»دەپ مۇبارەك بۇيونىغا بىر قىلىچ ئۇردى. بېشىغا كىيگەن دۇبۇلغا تەگگەن قىلىچ گەرچە كېسىپ ئۈتەلمىگەن بولسىمۇ، قاتتىق ئۇرۇلغانلىقتىن بىرەر ئايغىچە مۇبارەك بۇيونلىرى ئاغرىدى. قىلىچ ئۇرغان چاغدا ـ «كىمھە ئوغلىدۇرمەن، ئال بۇ قىلىچنى» ـ دەپ چاپقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قارشى پەيغەمبىرىمىز : «ئاللاھ يۈزىڭنى خار قىلسون» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ كىشى ئۆز ئۆيىگە كەتتى. بۇ ئادەم ئەسلىدە ئەرەب كۆچمەنلىرىدىن ئەرەبىيلەردىن ئىدى. ئۆيىگە بارغاندا خوتۇنى ئېيتتىكى:«ئۈچ كۈندىن بىرى قويومىز ئوتلاققا ئوتلىغىنى چىقىپ غايىپ بولدى. ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ تاپالماي چارچاپ كەتتىم» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ قوينى ئىزدەش ئۈچۈن ئۆزى ئاتلاندى. ئايلىنىپ يۈرۈپ قارىسا يىراقدىكى تاغ بېشىدا بىر قارا نەرسە كۆرۈنگەندەك بولدى. قوي بولمىغاي دەپ، تاغ ئۈستىگە چىقتى. يېقىن بېرىپ قارىسا ئۇ كۆرۈنگەن قارا نەرسە ئۆزىنىڭ قوي قوچقارلىرى ئىكەن. «ئەي جانىۋار، مېنى تونوپ تۇرغانغا ئوخشايسەن» دەپ يىنغا كېلىشى بىلەن كۈكرىگىگە بىر ئۈسسۈپ تاغدىن دومىلاپ، چالا ئۆلۈك بولۇپ يۇمۇلۇغۇنچە تاغنىڭ تېگىگە چۈشۈپ كەتتى، مۈڭگۈزلىرى قايرىلغان يوغان بىر تاغ تەكىسى ساقلاپ تۇرغاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ چالا ئۆلۈك ياتقان بۇ كىشىنى راسا ئۈسسۈپ قىيناشقا باشلىدى. ئاللاھتىن ئەمر كەلگەندەك، يۈزىدىن باشقا يېرىگە ئۈسسىمىدى. تاشتىن تاشقا سۈرۈپ، ئۇنىڭ يۈز كۆزىنى كىشى تۈنۈيالمىغىدەك دەرىجىدە ژىركىنىشلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە :«يۈزىڭنى ئاللاھ خار قىلسۇن» دېگەن ئىدى. كۆپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاللاھ بۇ سۆزنى راسقا ئايلاندۇردى. ھەمدە ناھايىتى خارلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.
يەنە بۇ ئۇرۇشدا رەسۇلۇللاھقا كۆپرەك قەست قېلىپ، دۈشمەنلىك قىلغانلەردىن بىرى، مەدىنىلىك ئەبۇ ئامىر راھىب ئىدى. راھىپنىڭ مەنىسى: ئابىد دېمەكدۇر. رەسۇلۇللاھ بۇنى پاسىق، دەپ ئاتىغان ئىدى. ئەسلىدە بۇ كىشى مەدىنىلىك ئەنسار ساھابىلە ئۇرۇغىدىن ئىدى. ئىمان بۇنىڭغا نەسىپ بولمىغاچ ئالدىغا كەلگەن شۇنداق ئۇلۇغ نىھمەتنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوبۇل قىلمىدى.چۈنكى مەدىنە مۇناپىقلىرىنىڭ ئىككى رەئىسى بار ئىدى. بىرىنچىسى شۇ ئامىر پاسىق، ئىككىنچىسى ــ ئابدۇللا ئىبنى ئۇباي. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ئىسلام مەسىلىسى قوزغولوپ، ئۇلار رەئىسلىگىدىن مەھرۇم بولدى. خەلقنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئىشى بولمىدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇلارنىڭ ھەسەد ئوتلىرى قوزغالدى. ئەبەدى دۈلەتىنى پانى دۇنياغا ساتتى. بىرىنچىسى ـ ئىسلامنىڭ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىداپ تۇرالماي، ئەللىككە يېقىن ئائىلە تاۋاباتىنى مەككىگە كۆچۈرۈپ ئاپپىرىپ، قۇرەيش مۇشرىكلىرىغا قوشۇلدى. ئىككىنچىسى ـــ مال ۋە جاننى ساقلاش نىيىتىدە تىل ئۇچىدىلا مۇسۇلمان بولدى. لېكىن رەسۇلۇللاھقا ئىچ ئىچىدن دۈشمەنلىك قېلىپ، پۇرسەت تاپسىلا مۇسۇلمانلارغا زىيان زەخمەت سىلىشتىن قىلچە يانمىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا قارىتا سەبىر قىلماقتىن باشقا ھېچ بىر چارە كۆرمىدى. ئۇمۇ تەۋپىق تاپماي ئاشۇ مۇناپىقلىقى بىلەن دۇنيادىن ئۆتتى.
بۇ مۇناپق پاسىق مۇسۇلمانلارغا تۇزاق قۇرۇپ ئۇرۇش مەيدانىغا بىر نەچچە يەرگە قۇدۇق كولاپ قويغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئۇرۇشدا دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى قەۋەت تۆمۈر ساۋوت كىيگەن ئىدى. كىيگەن كىيىملىرىنىڭ ئىغىرلىقىدىن بايقىماسدىن ئۇ كولىغان قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى. قاتتىق يىقىلغانلىقتىن تىزى ۋە كۆزى يارلىنىپ، بىر ئاز ھوشىدىن كەتكەندەك بولدى. پەيغەمبىرىمىزنى قوغداۋاتقان ھەزرىتى ئەلى قولىدىن تارتىپ، تەلھا ئىبنى ئابدۇللا ئايىغىدىن كۆتۈرۈپ، چۇڭقۇردىن چىقاردى. شۇ چاغدا كاپىرلار تەرەپتىن تاش ئېتىلدى. ئاتقان تاشلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاستىنقى ئىككى چىشىنىڭ بىرىنى سۇندۇرۋەتتى. مۇبارەك لەۋلىرى تاش زەربىسىدىن ئازراق يارالاندى. بۇنى كۆرۈپ ھاتىپ ئىبنى بەلتە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارسلاندەك ئېتىلىپ شۇنداق قىلىچ ئۇردىكى، بېشى ئالمىدەك ئۈزۈلۈپ يەرگە پىقىراپ چۈشتى. يەنە دۈشمەنلەردىن ئابدۇللا ئىبنى شىھاپ رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىگە قاراپ تاش ئاتتى، بۇنىڭ زەربىسىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك يۈزى يەنە يارىلاندى، بۇنىڭ ئۈستىگە بېشىغا كىيگەن تۆمۈر دۇبۇلغا ئۇرۇلغان دۈشمەننىڭ قىلىچ زەربىسىدىن سۇنۇپ كېتىپ، بىشىمۇ يىرىلدى. مەڭزىگىمۇ دۈشمەن ئۇرغان قىلىچنىڭ زەربىسىدىن دۇبۇلغىنىڭ سۇنغان پارچىسى كىرىپ كېتىپ يۈز سۈڭىگىنى قاتتىق جاراھەتلەندردى.
قىسقىسى. ھەدىس ئالىملىرى، تىرىك ئالىملەرنىڭ ئېيتىشىچە، رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىغا، يۈزىگە، پۈتۈن بەدىنىغا قىلىچ، نەيزە، ئاي ـ پالتا، چوماق، تاش قاتارلىقلار دۈشمەن تەرىپىدىن ئېتىلىپ، ئۇرۇلۇپ، يەتمىشتىن ئارتوق يېرى ئېغىر يەڭگىل دەرىجىدە يارىلانغان ئىدى. ئەمدى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئوقوغوچىلارنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق بىر پىكىر كېلىشى مۇمكىنكى: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دوستى، ھەبىبى، بارلىق ئالەمگە ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ـــ رەسۇلۇللاھى ئالامىندۇر. ئىش شۇنداق تۇرسا، بۇنداق ئۇلۇغ دەرىجىدىكى زات شۇ قەدەر كۈلفەت، مىھنەتلەرگە قېلىپ، كاپىرلار تەرىپىدىن جەبرى ـ جاپا تارتىشىغا زادى ھېكمەت نېمە دۇر؟ مانا شۇ سۆز ھەر كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېلىشى ئىھتىمالدۇر. بۇ سۆزنىڭ جاۋابىدا، ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز شۇنداق دېگەن ئىدى.
― ئىنسانلار ئىچىدە پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ ئالدىدا ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئىگىدۇر. شەك شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئىچىدە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەرىجىسى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ھەم ئۇلۇغدۇر. ئەمدى ئاللاھ تائالانىڭ دۇنياغا قويغان ئادىتى شۇنداق ئىكەنكى، ئۇنىڭ ئالدىدا كىمنىڭ ماقامى ئۈستۈنرەك بولسا، دۇنيادا تارتقان جەبرى جاپالىرى ئارتۇغراق بولسا، ئۇلاردىن قايسى بىرى ئاللاھ ئەمرىنى خەلققە يەتگۈزۈشدە كاپىر ۋە مۇناپىقلاردىن كۆپرەك ئەۋزىيەت چەككەن بولسا، شۇنىڭغا قاراپ ئاخىرەتتە كۆپرەك ئەجىر، سەۋەب تاپقاي. يەنە بىر ھېكمىتى شۇكى. ھايات ئالىمىدىكى بارلىق نەرسىلەر پۈتۈنلەي سەۋەبكە باغلىنىشلىق. دۈشمەننى يېڭىش ياكى ئۇلاردىن يېڭىلىش، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىرەر سەۋەبى بولىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدا يېڭىش مۇمكىنچىلىگى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا ئىدى. دۋشمەندىن تامامەن غەلىبە قازىنىش مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس كېيىنچە مۇسۇلمانلار قولىدىكى زەپەر قازىنىش مۇمكىنچىلىگى بار يەرنى ياخشى ساقلىماي، بۇ يەرنى قولدىن بېرىپ قويدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بەندىنىڭ قىلمىشىغا باغلىقدۇر. دۇنيا يارىتىلغاندىن بىرى ئىنسانلەر ئۈستىدە بولىۋاتقان ئىلاھى قانۇن، شۇنداق ئىدى. بۇنىڭغا رىئايە قېلىش بارلىق ئىنسانلەرغا ۋاجىپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەسكەرلەرنىڭ ئارقا تەرىپىنى ساقلاشقا ئەللىك كىشىلىك بىر مەرگەن قوشۇننى، شۇ ئۇرۇش تۈگىگىچە مۇستەھكەم تۇرۇشنى تاپىلىغان ئىدى. ھەر قانداق ئەھۋال يۈز بەرسىمۇ شۇ يەرنى چىڭ ساقلاشقا بۇيرۇغان ئىدى. مانا رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ بۇيرىغى ئەمەلگە ئاشمىدى. زەپەرنىڭ چوڭ بىر تەرىپىنى قولدىن چىقىرىپ قويدى. شۇ سەۋەبتىن دۈشمەنلەردىن يېڭىلدى.
لېكىن بۇ يەردە يەنە بىر سۆز باركى، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىمان كەلتۈرگەن مۆمىنلەرنى شۇنداق ئوروندا نېمە ئۈچۈن كاپىرلاردىن ساقلىمىدى؟ بۇنىڭ جاۋابى بىرىنچىدىن، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مۆمىنلەرگە تەنبىھى بولسۇن، قالغانلىرى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالسون، مۇسۇلمانلار ھېچ بىر ۋاقىتتا، شەك شۈھبىسىزكى. سوقۇش ئۇرۇش چاغلىرىدا باشلىقنىڭ بۇيرىغىغا ئىتائەت قىلسون، ئاللاھ ئەمرىنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئالدىن تۇتسۇن، ئىككىنچىسى. رەسۇلۇللاھ يارىتىلىشدا، مۇبارەك نۇرلىرى ھەممىدىن ئىلگىرى يارىتىلغان ئىدى. دۇنياغا كېلىشدە بارلىق پەيغەمبەرلەردىن كېيىن كەلدى. ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە كاپىر بىلەن جەڭ قېلىش ئۆز شەرىئەتلەردە پەرز قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھ يولىدا دۈشمەنلەرگە قارشى جىھاد قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۈممەدلىرىدىن بىر قانچە مۆمىنلەرگە شېھىتلىك دەرىجىسى نېسىپ بولدى. بۇ دەرىجە پەيغەمبەردىن ۋە يەنە سىددىقلەردىن كېيىن، ئاللاھ ئالدىدا، ئەڭ ئۇلۇغ دەرىجە شۇ ئىدى. بۇنداق بولغاچ، بۇ ئۇلۇغ دەرىجىدىن بۇ ئۈممەدنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سىپى قۇرۇق قالمىغاي، دەپ ئاللاھ تائالا بىر قانچە ساھابىلەرنى شېھىتلىك دەرجىسىگە يەتگۈزدى. يەنە بۇلاردىن باشقا ھېكمەتلەر كۆپ بولسىمۇ، شۇ ئېيتقان سۆزلىرىمىز مۆمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىكدۇر. يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك.
شۇنداق قېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق ئېغىر يارىدار بولىشىدىن ساھابىلەر قاتتىق قايغۇردى. ئۇلاردىن قايسى بىرسى ئېيتتىكى.
― يا رەسۇلۇللاھ، دۇئا قىلىڭ، بۇ كاپىرلار قىرىلىپ تۈگىسون، ـ دېدى. رەسۇلۇللاھ دېدىدكى:
― مېنى ئاللاھ تائالا ئالەم خەلقىنى ھەق دىغا چاقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسېتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. مەن ئاللاھ تەرەپتىن پۈتۈن خەلق ئۈچۈن رەخمەت كەلتۈردىم. لەنەت ئوقۇپ، ئادەم بالىسىنى ئۆلتۈرش ئۈچۈن كەلگىنىم يوق، ـ دېدى.
ئاخىرىدا: «ئى، رەھمىدىل ئاللاھ ، قەۋمىمنى ھەق يولغا سالغىن، گۇنالىرىنى كەچىرگىن، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ»، دەپ دۇئا قىلدى.
بۇ ئۇھود ئۇرۇشىدا بىر نەچچە ساھابە ئاياللەرمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى. ئۇلاردىن بىرى ئۇممۇئامورا ئاتلىق بىر ئايال ئىدى. بۇ ئايال، ئىرى زەيىد ئىبنى ئاسىم ۋە ھەم ئىككى ئوغلى بىلەن تۆت كىشى بولۇپ، ئۇرۇشقا كىردى. بۇلەر ھەققىدە رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالا بارلىق ئائىلە تەۋەبەتىڭىزنى رەخمەت قىلسون» دەپ دۇئا قىلدى. ئۇممۇ ئامورا بۇنى ئاڭلاپ:
― يا رەسۇلۇللاھ، يەنە دۇئا قىلىڭ جەننەتدە سىز بىلەن بىرگە بۇلغايمەن، ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ
― ئى، رەببىم، بۇلارنى جەننەتدە ماڭا رەفىق قىلغايسەن» ـ دېدى رەسۇلۇللاھتىن بۇسۆزنى ئاڭلاپ، ― «ئەمدى دۇنيادا نېمە مۇسىبەت تارتسام پەرۋايىمغا كەلمەيدۇ» دەپ مەردانىلەرچە ئۇرۇشقا كىردى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدى تەرىپىدە ۋە ئوڭ سول تەرىپىدىن ئايرىلماي ئۇرۇش قىلدى. شۇ كۈنى ئون ئىككى يىرىدىن يارىلاندى. رەزىيەللەھوئەنەھوم.
― يەنە بۇغازاتقا كىرگەن ئاياللارنىڭ بىرسى ئۇممۇ ئايمان بەرەكە ئىدى. بۇ ئايال رەسۇلۇللاھنى كىچىكلىگىدىن كۆتۈرۈپ باققان، ئابدۇللادىن مىراس قالغان دىدەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاسراندى ئوغلى زەيىد ئىبنى ھارىسگە نىكالاپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىماد ئىبنى زەيىد تۇغۇلدى. مۇھتە غازىتىدا بەش مىڭ ئەسكەرگە بۇ ئوغولنىڭ ئاتىسى زەيدىن باش قوماندان بولغان ئىدى. بۇ مۇبارەك ئايال يارادارلارغا سۇ بېرىش نىيىتى بىلەن مەدىنىدىن چىقىۋاتقاندا، ئۇھود ئۇرۇشىدىن قاچقانلارغا توغرا كېلىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈز كۆزلىرىگە قۇم تۇپراق چىچىپ:
― ئەي ئۆلۈمدىن قورققان نامەردلەر، رەسۇلۇللاھنى دۈشمەن قولىغا قالدۇرۇرپ، ئۇيالماي نېمە دەپ كېلىشتىڭ؟ بولمىسا خوتۇن كىشىدەك ياسىنىپ، قىلىچ نەيزىلەرنى بىز خوتۇنلاررگە بىرىڭلار، ـــ دەپ قاچاقلارنى نىھايىتى ئۇيات ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ئۆزى ھېچ نېمىگە قارىماي ئۇھود جەڭ مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. ئۇرۇشدا مۇسۇلمانلارنىڭ زىيان تارتقانلىقىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋۇجۇدى شەرىپلىرى، باش ئاياغلىرىنىڭ بىر قانچە يىرىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، كۆرۈپ قاتتىق ئىچىندى، تاقەت قىلالماي دەرھال قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ئۇرۇشقا كىرىپ كەتتى. كاپىرلەر تەرىپىدىن ھەبباب دېگەن كىشى بۇ مۇبارەك خوتۇننى نىشانغا ئېلىپ ئوق ئاتتى، ئەرەبلەرنىڭ ئەسلى ئادىتىدە، خوتۇن ۋە بالىلارنى ئولجا ئېلىش، ئۇلارنى ئۇرۇش ئۆلتۈرۈش، يوق ئىدى. ئەمما، ئۇنامەرتنىڭ ئاتقان ئوقى ئۇممۇ ئايمەنگە كېلىپ تېگىپ يىقىلدى. بۇ قىلغان ئىشىغا ماختىنىپ، ئۇ كاپىر قاقاقلاپ كۈلدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى بايقاپ تۇرغان ئىدى. بۇ ھالنى كۆرۈپ، قاتتىق خاپا بولدى. يېنىدا ئوق ئىتىۋاتقان سەھىد ۋەققەسقا ئۇچىدا تېغى يوق قۇرۇق ياغاچ ئوقنى ئېلىپ:«بۇنىڭ بىلەن ئۇ كاپىردىن ئۇممۇ ئايمەننىڭ قىساسىنى ئال» ـ دېدى. سەھىد ۋەققەس تېغى يوق قۇرۇق ئوقنى ئۇ كاپىرغا قارىتىپ ئاتقان ئىدى، دەل بۇغوزىغا كىلىپ سانجىلدى، شۇ ئان يىقىلدى. ئۇنىڭ دەلدەڭشىپ يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ، رەسۇلۇللاھمۇ كۈلدى. تېخى باياتىنلام ئۇممۇ ئايمان يىقىلغاندا بۇ كاپىر خوش بولغان ئىدى. ھايال ئۆتمەي بۇ ئىش ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ:
― ئى ئاللاھ. ئۇممۇ ئايمان نىڭ ئىنتىقامىنى سەھىد ئالدى، ئۇنىڭ دۇئاسىنى سەن ھەر ۋاقىت ئىجابەت قىلغايسەن، ـ دېدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇئانىڭ بەرىكاتىدىن سەھىد ۋەققەسنىڭ دۇئالىرى ھەمىشە مەقبۇل ئىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك بۇ «ئۇھود» ئۇرۇشىدا دۈشمەنلەرنىڭ سانى ئۈچمىڭغا يېقىن ئىدى. ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقا چىققان ئىسلام ئەسكەرلىرىنىڭ سانى مىڭغا يەتمەيتتى. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەن مۇسۇلمانلار غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، غەلبىنىڭ قولدىن كىتىشىگە ئۆزلىرى سەۋەبچى بولدى. مانا شۇنچە كۆپ دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئىچىدە قانچە باھادىرلەر بولسا ھەممىسى رەسۇلۇللاھنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قېلىشقان ئىدى. لېكىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلاپ، ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى مەقسىتىگە يەتگۈزمىدى. ۋە بىر نەچچە ساھابىلەردىن باشقىلىرى، شەك شۈھبىسىزكى، يۇقىرىدا ناملىرى زىكرى قىلىنغان ئون تۆت ئادەم رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ئۆلۈمگە ئۆزىنى تۇتۇپ، جىننى تىكىپ رەسۇلۇللاھنى دۈشمەن سۈيقەستىدىن ساقلاپ قالدى. ھەقىقەتدە:« ئاللاھ تائالا سىنى دۈشمەندىن ساقلىدى» دېگەن ئايەت نازىل بولۇپ، شۇنىڭ مەزمۇنىچە، ئۇلارنىڭ يامان قەستېدىن پەيغەمبىرىمىزنى ئاللاھ ئۆزى ئاسرىدى. بۇ ئايەت ئىفادە قىلغان ئاللاھنىڭ ۋەدىسى راست بولدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك مەڭزىلىرى (يۈزى) قاتتىق يارىلانغان ئىدى. دۈشمەنلاردىن ئىبنى قىمھانىڭ ئاتقان تېشى يۈزىگە تېگىپ، بۇنىڭ زەربىسىدىن دۇبۇلغا ھالقىسى يۈز سۈڭۈگىگە پېتىپ كەتكەن ئىدى. ھەزرىتى ئۇبايىد بۇ ھالقىنى چىقىرىش ئۈچۈن قولى بىلەن تارتىپ چىقىرالماي، چىشلەپ تارتقىنىدا، ئالدىنقى ئىككى چىشى قومورولوپ كەتتى. مۇبارەك يۈزلىرىدىن ۋە چىشىدىن توختىماي قان ئاققىنى تۇردى. لېكىن رەسۇلۇللاھ يەرگە ئېقىپ چۈشگىلى قويماي، سۈرتىپ تۇراتتى، بۇنىڭ سەۋەۋى، «ئەگەر قىنىم يەرگە تامسا، بۇلارغا ئاسماندىن بالا ئازابى چۈشكەي» دېدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئۇسسۇزلۇق تەگدى. بۇنى بىلىپ، ھەزرىتى ئەلى قالقىنى بىلەن سۇ ئېلىپ كەلدى. سۇنىڭ رەڭگى ئۇزۇن تۇرۇپ ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن ئىچمىدى. دەرھال مۇھەممەد ئىبنى مەسەلە قەيەردىندۇر بىر ئىدىشدا سۇ ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن قانغىجە ئىچىپ ئۇنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلدى.
شۇ ئارىدا ھەزرىتى فاتىمە باشلىق بىر نەچچە مەدىنە خوتۇنلىرى كېلىشتى. رەسۇلۇللاھنى بۇھالدا كۆرۈشۈپ، ھەممىسى يىغلاشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ باش كۆزلىرىنىڭ قانغا بۇيالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەزرىتى فاتىمە چىداپ تۇرالماي، رەسۇلۇللاھنى قۇچاغلاپ كۆپ يىغلىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئەلى سۇ قويۇپ، قانلارنى يۇيۇپ تازىلىدى. يارىلىرىنىڭ ئاغزى ئىچىلىپ كەتكەنلىكتىن، قايتىدىن قان ئىقىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ فاتىمە دەرھال بۇيا كۈيدۈرۈپ كۈلىنى يارىسىغا سەپدى. شۇنىڭ بىلەن قان توختىدى. يەنە شۇ ئارىدا دۈشمەنلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر تاغ ئۈستىدىن رەسۇلۇللاھ تەرەپكە قاراپ ھۇجۇم قېلىش نىيىتى بىلەن سىلجىشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى كۆرۈپ:
―ئى.ئاللاھىم. كاپىرلار،مۆمىن قۇللىرىڭنى يېڭىپ، ئۇلاردىن يۇقىرى بولۇشنى ئويلاۋاتىدۇ، سىنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ھەر ۋاقىت قۇۋۋەت تاپقايمىز، بولمىسا بۇلار بىلەن ئۇرۇشقىدەك كۈچ يوق، ـ دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ ھەزرىتى ئۆمەر باشلق بىر نەچچە مۇھاجىر ساھابىلەر ئۇلارغا قارشى چىقىپ، تاغ ئۈستىدىن ئۇلارنى قوغلاپ چۈشۈرۈۋەتتى. بۇ ئايەت مانا شۇ چاغدا نازىل بولدى.
يەنى:«ئەي مۆمىنلەر، بۇشاشماڭلار، قايغۇرماڭلار، ئەلۋەتتە،سىلەر ئۈستۈن تۇرىسىلەر، ئەگەر راستتىنلا مۆمىن بولساڭلار»
بۇ ئايەت مەزمۇنىدا مۆمىنلەر ئۈچۈن بەك ئۇلۇغ بېشارەتلەر بەردى. چۈنكى بۇنىڭ مەزمۇنىچە، ھەر ۋاقىت ئۈستۈنلۈك ۋە غالىبىيەت ھەقىقىي مۆمىنلەرگە خاس سۈپەتدۇر. چۈنكى بۇ دۇنيادىكى مەيدان بولسا، مۆمىنلەر ئۈچۈن سىناش مەيدانىدۇر. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا گاھى يېڭىش، گاھى يېڭىلىش بىلەن سىنلپ باقىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار چىن مۆمىنلىك ماقامېنى ساقلايدىغان بولسا، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئۆز ئورنىدا قىلالىسا، ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشدە ھېچ بىر شەك شۈھبە يوقتۇر، يۇقىرىدىكى ئايەت ئۈستىگە مانا بۇ ھەدىس گۇۋادۇر. رەسۇلۇللاھ ئېيتقان ئىدىدكى:
― «ئىسلام ئۈستۈن بۇلور، ئاستىن بۇلماس، غالىپ كېلۇر، مەغلوبىيەتگە قالماس»
ئەمدى يۇقىرىدىكى ئېيتىلغان ئايەت، ھەدىسدىن چىققان مەھناغا قارالسا، قۇللۇقدا قالغان، بۇتۇن ھوقوقتىن ئايرىلىپ قالغان ئاسارەتگە چۈشكەن مۇسۇلمانلار ھەققىدە قانداق ھۆكۈم چىقارسا بۇلور؟ چۈشەنگەن ھەربىر ئادەم بۇنى ئۆزى بىلىدۇ. يەنە مەقسەتگە كەلسەك:
رەسۇلۇللاھ ئۇرۇشدا قالغان جاراھەتلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن شۇ كۈنى پىشىن نامازىنى ئۈرە تۇرۇپ ئوقۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئولتۇرۇپ ئوقۇدى. ساھابىلەرنىڭ كۆپچىلىگى يارىدار بولغانلىقتىن، مەجرو بولغانلىقلىرىدىن ئۇلارمۇ ئولتۇرۇپ ئىقتىدا قىلدى. شۇنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈش كېرەككى: ھەزرەت تەلھە ئىبنى ئابدۇللا (رەزىيەللەھو ئەنھو) بۇ ئۇرۇشدا يەتمىش نەچچە يىرىدىن جاراھەتلەنگەن ئىدى. يالىڭاچ قولى بىلەن دۈشمەننىڭ قۇرالىدىن رەسۇلۇللاھنى قوغداپ، نەچچە بارماقلىرى كېسىلگەن ئىدى. قان كۆپ ئاققانلىقتىن، قانسىراپ يىقىلدى. بۇنى كۆرۈپ، ئەبۇ بەكرى سىددىق ئۇنىڭ يۈزىگە سۇ سەپگەن ئىدى، ھۇشىغا كېلىشى بىلەن، ـ «رەسۇلۇللاھ نېمە بولدى؟ ئۇ كىشى قانداقراق؟» ـ دەپ سورىدى. ئامانلىقىنى ئاڭلاپ ـ «ئەي ئەبۇ بەكرى، ئەمدى بىزگە ھەر قانچە مۇسىبەت يەتسە، ئاساندۇر» دېدى. يەنى: رەسۇلۇللاھنى ھايات كۆرۈشتىن ئۇمىدى ئۆزۈلگەن ئىدى. ھايات تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ خۇشاللىقى باشقىچە مېھنەت مەشەققەتلەردىن ھەممىنى ئۇنتۇدى. يەنە ساھابىلەردىن ئابدۇللا ئىبنى جىھشى، ئەمر ھەمزىنىڭ جىيەنى، ئۇھود شېھىتلىرىدىن بولغان ئىدى. ئۇھود ئۇرۇشىغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن شۇنداق دەپ دۇئا قىلغان ئىدى:
― ئىبارا ئاللاھ. ئەرتەئۇرۇش مەيدانىدا قاتتىق قوللوق دۈشمەن باھادىرىدىن بىرنى ماڭا يولوقدۇر، ئۇمېنى ئۈلترىمەن دېگەندىمۇ ئۇنىڭغا قانائەت قىلماي، كۆزۈمنى ئويوپ، قۇلاق بۇرۇنلىرىمنى كېسىپ تاشلىسۇن. ـ ئەي ئابدۇللا، نېمىشقا قۇلاق بۇرنۇڭ كىسىلدى؟ دەپ سورىغايسەن ـ سىنىڭ يولىڭغا، پەيغەمبەرنىڭ يولىدا كىسىلدى دىگىنىمدە، ـ راست ئېيتىسەن، دەپ بۇ يولدا چىنلىقىمنى بىلدۈرەرسەن ـ دېدى. دۇئالىرى دەرھال قوبۇل بولغان ئىدى. ئۆزى دېگەندەك كاپىر باھادىرلاردىن ئەخنەس ئىبنى شۇرايىك دېگەن كىشى قولىدا ئۆلدى. دېگەندەك قۇلاق بۇرۇنلىرى كېسىلىپ، كۆزلىرى ئويولوپ، شېھىت مۇقامىغا يەتتى.
شۇ كۈندىكى ئۇرۇشدا چىپىۋاتقان قىلىچى، تۆمۈر ساۋوتلار ئۈستىگە قاتتىق ئۇرۇلغاچقا ئۆزۈلۈپ كەتكەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى كۆرۈپ، دەرھال بىر خورما ياغىچىنىڭ شىخىنى ئېلىپ، قولىغا بېرىشى ھامان ئۇ ياغاچ قىلىچقا ئايلاندى. ئۇ قىلىچنىڭ ئىتىنى ئۇرجۇن قويدى. ئۇرجۇن دەپ ئەرەب تىلىدا خورما شىخىنى ئېيتىدۇ. بۇ مۆجىزىلىك قىلىچ ئاخىرىدا ئابدۇللا ئىبنى جاھىشنىڭ باللىرىدا ئۇزاق ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئابدۇللانىڭ ئانىسى ـ ئامما، ئابدۇل مۇتەللىپ قىزى ـ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاممىسى ئىدى. بۇ يىگىتىنى ئۆلتۈرگەن كىشى كۆپ ھايال ئۆتمەي شۇ مەيداندا ھەزرىتى ئەلىنىڭ قولىدا ئۆلدى.
يەنە ئۇلۇغ ساھابىلەردىن شۇ ئۇرۇشدا ھەزرىتى ھەزەلە شېھىت بولدى. مەدىنىگە ئىسلام دىنى كىرمەسدىن ئىلگىرى، يەرلىك ئەرەبلەر رەئىسى، يۇقىرىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان ئەبۇ ئەمرنىڭ ئوغلى ئىدى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قېلىپ، كەلگەندىن كېيىن، ئۇ كاپىر ئىمان ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەر بىلەن مەدىنىدىن قېچىپ، مەككە كاپىرلىرىگە قوشۇلغان ئىدى. بۇ ئۇرۇشدا ئەڭ ئاۋۋال رەسۇلۇللاھقا قارشى ئوق ئاتقان كىشى شۇ ئىدى .ھەزرىتى ھەنزەلە ئاللاھ يولىدا ئاتىسىنى ئۈلتۈرۈش ھەققىدە رەسۇلۇللاھتىن ئىزنى سورىغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى. ئۇھود سوقوشىدا كاپىرلار تەرىپىدە ئەسكەر باشلىقى بولغان كىشى ئەبۇ سوپيان ئىدى. ھەنزەلە رەزىيەللەھو ئەنھوم، ئەبۇ سوپيانغا ھۇجۇم قېلىپ، ئۇنىڭ ئىتىغا قىلىچ سالدى. يىقېلىشى بىلەن بارابەر، قورققانلىقىدىن قاتتىق ۋاقىرىدى. ھەزرىتى ھەنزەلە قىلىچ كۆتۈرۈپ، ئەبۇ سوپياننى چاپقىلى تۇرغاندا، ئۇنىڭ ساقچىلىرىدىن شەددەد ئەسۋەد چاققانلىق بىلەن ھەنزەلەگە قىلىچ ئۇرۇپ، ئۇنى شېھىت قىلدى. بۇ توغرىدارەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئىدى:
― «نىمىشكىكىكن، مالايىكىلەر ھەنزەلەنى بۇلۇت ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ داس ئىچىدە يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆردىم» دېگەن ئىدى. بۇنىڭ سەۋەۋى، ھەزرىتى ھەنزەلەشۇ كۈنى مەدىنە قىزلىرىنىڭ بىرىگە يېڭىدىن ئۆيلەنگەن ئىدى. ئەرتىسى ئۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن يېڭى كېلىن بىلەن بىر كېچە بىللە بولۇشقا رەسۇلۇللاھ ئىزنى بەرگەن ئىدى. شۇ كۈنى خوتۇنى چۈش كۆرۈپ، چۈشىدە ئاسمان يىرىلىپ، ھەنزەلە قۇياشنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ غايىپ بولغان، ئىدى. بۇ كۆرگەن چۈشىنىڭ تەھبىرىچە، شۇ ئۇرۇشدا ئۇنىڭ شېھىت بولىشىنى خوتۇنى گۇمان قىلدى. ئۇزۇن تۈن ئۈتۈپ بىر بىرىگە يېقىنلاشتى. ئاتىس نامازىنى ئوقىغاندىن كېيىن بۇ ۋەقە يۈز بەردى. مانا شۇ چاغدا بۇلار غۇسۇلى تەھارەت ئالماسدىن ئىلگىرى بارلىق ئەسكەرلەر تىزدىن دۈشمەنگە قارشى ئاتلانسون، دەپ رەسۇلۇللاھتىن بۇيرۇق چىققان ئىدى. بۇيرۇق نىڭ كىچىكتۈرۈلمەسلىگى ئۈچۈن، غۇسۇلى تەھارەت قېلىشقا ئۈلگۈرمەسدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئەسكەرلەر سىپىگە قوشۇلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ــ «ھەنزەلەنى فەرىشتىلەرنىڭ يۇيۇشۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى.» ― دېگەن ئىدى. بۇ مۇبارەك كىشىنى پۈتۈن ھەدىس كىتابلاردا «غاسىسۇل مالىيىكە» دەپ ئېيتىشىدۇ. يەنى:«فەرىشتىلەر يۇغان كىشى» ـ دەپ ئېيتىشىدۇ. ئاتىس ئەبۇ ئەمر پۈتۈن ئۈمرىنى رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلىك قېلىپ ئۈتگەزدى. ئىسلام دىننىڭ كۈندىن كۈنگە راۋاج تاپقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇرپمۇ، يەنىلا ھەسەد قېلىپ چىداپ تۇرالماي ئاخىرى شام تەرەپكە قاراپ قېچىپ كەتتى. تەنھا يالغۇز قېلىپ، ھەر يەردە ئۇرۇلۇپ سۈرىلىپ يۈرۈپ، خار زارلىق بىلەن، ياشاپ ئىمان نۇرىدىن زەررىچە ئېلىشقا مۇيەسسەر بۇلالمىدى. ئەڭ ئاخىرى كاپىر قەۋمىدە ئۆلدى. بۇنىڭ ئوغلى ھەنزەلە، شېھىت ــ ئەھلالىق دەرجىسىگەيېتىپ، ئۇنىڭ جەسەدىنى بۇلۇت ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ پەرىشتىلەرنىڭ يۇيۇيشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئويلاپ كۈرىدىغان بولساق، بۇ نېمە دېگەن نازوك، نېمە دېگەن يوشۇرون سىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئالالايمىز. بۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھتىن باشقا كىم بىلىدۇ!
رەسۇلۇللاھ بۇ كاپىرلارنىڭ تېنەپ يۈرۈپ، يالغۇز قېلىپ، كاپىرلىقدا ئۈلىشىنى بۇرۇنلام خەۋەر بەرگەن ئىدى. بۇ ھەقتە نېمە دېگەن بولسا، شۇ بويىچە بولۇپ مۈھجىزىلىرى ھەممەيلەنگە مەلۇم بولدى.
يەنە شۇ ئۇھود ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلاردىن ئەمر ئىبنى جەمۇھ شېھىت بولدى. بۇ كىشى ئەنسار ساھابىلەردىن ئىدى. يىشى چوڭ، ئايىغى چاققان بىر كىشى ئىدى. يولۋاسدەك قەددى قامەتلىك تۆت ئوغلى بار ئىدى. بۇ تۆت ئوغلىنىڭ ھەممىسى ئەسكەرلىككە تىزىملىتىپ ئەسكەرلەرقوشۇنىغا ھازىر بولغان ئىدى. ئاتىسىغا شۇنداق دېگەن ئىدى: «سىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدا قوبۇل بۇلغۇدەك ئورنىڭىز بار، سىز تەرەپتىن بىز تۆت ئوغۇل ئۇرۇش مەيدانىغا ھازىر بولۇپ تۇرۇپدىمىز، ئەمدى سىزگە ئۇرۇشقا چىقىشنىڭ نېمە ھاجىتى» ― دەپ ئېيتقاندا، دادىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا مەخپى كېلىپ مۇنداق دېدى:
― يا رەسۇلۇللاھ، سىزبىلەن بىرگە بۈگۈن ئۇرۇشقا چىقماقچى ئىدىم. سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشقا كۆڭلىم ئۇنۇمىدى. بالىلىرىم بۇ ئىشقا توسقونلوق قېلىپ، مېنى ئۇرۇشقا چىقىشقا ئۇنىمىدى. ئاللاھ ھەققى، مېنى بۇ ئۇرۇشتىن توسمىسىكىن، ئەجەب ئەمەسكى، بۇ ئۇرۇشدا ئاللاھتەئالا ماڭا شېھىتلىكنى نەسىپ قېلىپ، شۇ تۇرۇقۇمچە جەننەتكە كىرسەم، ئۇجايدا چولاق ئايىغىم بىلەن بىمالال ياشىسام مەن ئۈچۈن نېمە دېگەن دۆلەت بولاتتى ـــــ دەپ يىغلىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ــ «ئاللاھ ئالدىدا سىنىڭ ئورنىڭ مەخپولدۇر. سەن كەبى كىشىلەرگە جىھاد قېلىشنى ئاللاھ بۇيرىمايدۇ» ـ دېگەن بولسىمۇ، ئوغوللىرىگە قار اپ دېدىكى: ـ«بۇ ئىشتىن توسمىساڭلار، شائادەت تېپىپ ئۇنىڭ مەقسىتى ھاسىل بۇلغاي» دېدى. ئوغوللىرى بۇ سۆزنى قوبۇل كۆردى. رەسۇلۇللاھتىن بۇ سۆزنى ئاڭلىشى بىلەن، دەرھال تۇرۇپ، قىلىچنى بېلىگە ئېسىپ، يۈزىنى قىبلىگە قېلىپ تۇرۇپ:
― ئىبارا ئاللاھ. بۇ ئۇرۇشدا ماڭا شېھىتلىكنى نەسىپ ئەيلىگەيسەن، ۋە بۇ ئۇلۇغ دەرىجىدىن مېنى نائۇمىد قىلمىغايسەن، ــ دەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئۇرۇشقا قاراپ ئاتلاندى. شائادەت تاپتى. رەسۇلۇللاھ ـ «بۇ كىشىنىڭ چولاق ئايىغىدا راۋۇرۇس دەسسەپ جەننەتدە يۈرگىنىنى كۆردىم» دېدى.
يەنە بۇ كىشىنىڭ يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان تۆت ئوغلىنىڭ بىرى ھەللادمۇ شېھىت بولدى. بۇنىڭ قەينى ئاغىسى ئابدۇللا ئىبنى ئەمرمۇ شېھىت بولغان ئىدى. ئەمر ئىبنى جەمۇھنىڭ خوتۇنى ھىنىد مۇ بىر نەچچە ساھابە خوتۇنلار بىلەن بىللەئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئەسكەرلەرگە سۇ ئېلىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتاتتى. بۇ خوتۇننىڭ ئائىلىسىدن ئۈچ كىشى شېھىت بولۇپتو. ئىرى ئەمر. ئوغلى ھەللاد. قىرىندىشى ئابدۇللا. بۇ شېھىتلەرنى بىر تۈگىگە تىڭىپ، مەدىنەمازىرىغا كۆممەكچى بولۇپ يولغا چىقتى. بۇنىڭ ئالدىدىن ئانىمىز ئائىشە بىر نەچچە خوتۇنلار بىلەن چىقىپ كەلدى. ئۇرۇش خەۋىرىنى سوراپ، قوشۇننىڭ قايغۇلۇق ھالىنى ئاڭلىدى. ھەممەيلەن قاتتىق قايغۇرۇشۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سالامەتلىكىنى ئاڭلاپ، باشقا مۇسىبەتلەردىن تەسەللى تاپتى. شۇنداق قېلىپ، بۇلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەدىنىگە قاراپ تۆگىسىنى ھەيدەپ ماڭماقچى بولغاندا، تۆگىسى چۈكىۋىلىپ (يىتىۋىلىپ) مەدىنىگە يۈرۈشتىن باش تارتتى. ئەگەر مەدىنىگە قاراپ يۈتىلىسە، ئۇدۇل ئۇھود تەرەپكە قاراپ سۈرەپ ماڭدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلسا، رەسۇلۇللاھ دېدىدكى:
― «ئۇ تۆگە يۈرۈشكە قانداق يول تاپالىسۇن، ئاللاھ تەرەپتىن ئۇتەرەپكە مېڭىش بۇيرۇلمىغان، ئۇھود شېھىتلىرىنىڭ قەبرىسى ئەنە شۇ جايدا بولۇشى لازىم» ـ دەپ تۆگىنى قايتۇرۇپ ئەككىلىشكە بۇيرۇدى. ھەزرىتى ھۇزەيفىنىڭ ئاتىس يامانىي ۋە سابىت ئىبنى ۋەقس، بۇ ئىككى كىشىنى مەدىنىدە قورغان ئىچىگە قالدۇرۇلغان خوتۇن بالىلەرگە باش قېلىپ قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى بۇلارغا قىرىلىق يەتكەن، ھەر ئىككىسى كۈچ قۈۋۋەتدىن كەتكەن كىشىلەر ئىدى. بىرسى تۇرۇپ ئېيتتىكى: ـ «ھوي فالانچى، ئىككىمىزدىن ئەگەر ئۈمرىمىز بولغان بولسا، ئېشەك سۇ ئىچىپ قانغۇچىلىك ئۈمرىمىز قالغاندۇر. شۇنچىلىك ئەرزىمىگەن ئۈمرىمىزنى ئاياپ، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، شېھىتلىك دەرىجىسىدىن قۇرۇق قالمايلى، يىگىتلىگىمىزدە ھەۋەسكە چاپقان قىلىچلىرىمىزنى بۈگۈنكى كۈندە ئۇھود يولىدا چىپىپ كۈرەيلى» ـ دەپ قىلىچىنى ئېلىپ ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ، مۇسۇلمانلارغا كاشىلا بۇلمىسون دەپ كاپىرلار سىپىگە بېرىپ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ جەڭ قېلىپ ئۇلارغا قارش قىلىچ چاپتى. ئاللاھدىن ئۆزى تىلىگەندەك، ھەر ئىككىسى شېھىتلىك دەرجىسىگە مۇشەررەپ بولدى. رەزىيەللاھو ئەنھوم. بىرسى مۇشرىك قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئىككىنچىسى، ئۇرۇش مالىماتاڭچىلىقىدا دىققەتسىزلىكتىن پايقىيالماي ئىسلام قىلىچى ئاستىدا قېلىپ شېھىت بولدى. ئاللاھ يولىدا بولغانلىقتىن ھەر قانداق سەۋەبلار بىلەن ئۆلگەن بولسۇن، مۆمىنلارنىڭ شاھادەت تىپىشىدا ھېچ قانداق شەك يوقتۇر، چۈنكى بەندىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق قىلغان ئىشلىرى ئۇنىڭ نىيىتىگە باغلىقدۇر. يەنى:«بەندىنىڭ ھەر بىر قىلغان ئىشلىرىى ئۇنىڭ نىيىتىگە قاراپ بولىدۇ» دېگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرى ئوچۇق دەلىلدۇر. بۇ كىشىنىڭ ئوغلى ھۇزەيرا، ئاتىسى يامانىينىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بىلمەسدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. بۇ ئىشتىن بەكمۇ غەمكىن بولۇپ بۇنىڭ ھۈكمېنى رەسۇلۇللاھتىن كېلىپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ شائادەت تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق بولسىمۇ، يەنە خەزىنەدىن خۇن تۆلەپ، مال بەرمەكچى بولدى. خۇزەيفا دېدىكى:
― يا رەسۇلۇللاھ. ئاللاھ يولىدا ئاتام جىنىنى قۇربان قىلدى. مەن ئۇنىڭ خۇنغا بەرگەن مىلىڭىزنى مۇسۇلمانلارغا سادىقە قېلىپ، ئۇلارغا بىرىۋىتەي ـ دېدى: بۇ سۆزدىن رەسۇلۇللاھ تولىمۇ رازى بولدى.
خۇزەيفا، رەزىيەللەھو ئەنھودىن بىر نەچچە ھېكمەتلىك ۋە ئىبرەتلىك سۆزلەر ئېيتىلغان ئىدى. ئۇلاردىن بىرى خۇزەيفا دىن سورىدى:
― تىرىكلەر ئۈلىگى كىمدۇر؟
ئۇ دېدى:
― تىرىكلەر ئۈلىگى ئۇ كىشىكى، بىر ناھەق ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ، سۈكۈت قىلغان، ئۇ كىشىگە قولى بىلەن ياكى تىلى بىلەن قارشىلىق قىلالماي، ھېچ بولمىغاندا كۆڭلى بىلەن بولسىمۇ، ئۇ ئىشقا نارازىلىق نەپرىتىنى بىلدۈرمىگەنلەر، دۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ئېيتقان ئىكەنكى:
― ئەگەر بىر كىشى شەرىئەت ھارام قىلغان نەرسىنى، ئىشنى كۆرسە، ئەلۋەتتە، ئۇ ئىشغا قولى بىلەن قارشى تۇرسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا قۇدرىتى يەتمىسە، تىلى بىلەن رەت قىلسۇن، بۇنىڭغىمۇ يارىمىسا، ھېچ بۇلمىغاندا كۆڭلى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ـ ئىمانىنىڭ كۈچسىز بۇلىشىدىندۇر.
ئەگەر كۆڭلى بىلەنمۇ ئۇ ئىشقا نارازى بولغىنى سىزىلمىسە، بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسونكى، بۇ ئىشى ئىمانسىز كىشىلەرنىڭ بەلگىسىدۇر. دىنسىزلىق، دەھىرلىك ئاپىتى تارقالغان جايلاردا ،يۇقىرىدىكى ھەدىسى شەرىپتە يېزىلغان ئۈچ دەرىجىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىنىڭ يوقلىقىدا ھېچ بىر شەك يوقتۇر. ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇسۇلمانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تىپىلىشى ساناقلىقدۇر. بۇ ئىشدا شۇ كۈنلەردىكى چىن، ھەقىقىي مۆمىنلەرگە ئوچۇق مەلۇمدۇر. كۆزىمىز كۆرۈپ، قۇلىقىمىز ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى يازدىم.
يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك. ئەبۇ سوپيان خوتۇنى ھىنىد ئۇتبا قىزى ئۆزىگە ئوخشاش بىر نەچچە شائىر خوتۇنلار بىلەن شېئىر ئوقۇپ، ئۇرۇشنى تازا قىزدۇرۇش ئۈچۈن، مەككىدىن چىقىشتىن بۇرۇنلا بۇ نىيەت بىلەن كەلگەن ئىدى. بۇ شائىر خوتۇن ئۇھود ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنى يېڭىپ كاپىرلارنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىنى كۆردى.
ھەزرىتى ھەمزە باشلىق يەتمىش نەچچە مۇسۇلمانلار بۇ ئۇرۇشدا شېھىت بولغان زىدى. بۇلارنىڭ مۇبارەك جەسەدلىرى دۈشمەن تەرەپدە، ئۇرۇش مەيدانىدا قېلىپ قالغان ئىدى. «ئەگەر دۈشمەنلىرىمىزنى يەڭسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاق بۇرۇنلىرىنى كېسىپ، بۇينىمىزغا مۇنچاق قېلىپ تاقايمىز» دەپ بۇ خوتۇن قەسەم ئىچكەن ئىدى. شۇ قىلغان قەسىمېنى بېجىرىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ جەسەدلىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ قۇلاق بۇرۇنلىرىنى كېسىپ، مۇنچاق قېلىپ بۇيونلىرىغا ئاستى. ھىنىد دېگەن خوتۇن ئەمر ھەمزەنىڭ قارنىنى يىرىپ، يۈرىكىنى چايناپ يىمەكچى بولدى. لېكىن يۈتەلمەي ئاغزىدىن تۈكۆرۈپ چىقاردى. بۇ خوتۇننىڭ بۇنداق قېلىشى، ئۇ ئاللاھ بۇرۇن : «ئەر ئەمر ھەمزەنىڭ ئۆلىگىنى قولومغا چۈشۈرىدىغان بولسام، ئۇنىڭ يۈرىكىنى چايناپ يەيمەن» ـ دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. شۇ ۋەدىسىگە بىنائەن ئۇنى چايناپ يىمەكچى بولغان ئىدى.
رەسۇلۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ، ـ «ئاللاھ تائالا ھەمزىنىڭ جەسەدىنى دوزاخ ئوتىدىن ھارام قىلدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدېدىن ھېچ بىر نەرسىنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ خوتۇن ھەمزىنىڭ يۈرىكىنى چايناپ يۈتگەن بولسا، بۇنىڭ ھۆرمىتىدىن دوزاخ ئوتىدا كۈيۈشتىن قۇتۇلغان بولاتتى» ـ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ خوتۇن ئېگىز بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بارلىق ئاۋازى بىلەن تولاپ، شېئىر ئوقۇدى. ئوقۇغان شىئىرىدا بەدرە ئۇرۇشىدا ئەمر ھەمزە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دادىسى ئۇتبا، ئاكا ـ ئۇكېلىرى شەيبە. ۋەللىد ۋە باشقا ئۆلگەنلەرنى ياد ئېتىپ جار سالدى. ئۇلارنىڭ قىساسلىرى ئۈچۈن تەڭداشلىرىدىن باشقا باش، جانغا جان ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمر ھەمزىنىڭ جىگىرىنى چايناپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ماختاندى. ـــ «مۇھەممەددىن ئۈچىمنى ئالدىم. دۈشمەنلىرىمنىڭ قىنىغا قاندىم. ئەمدى ئارمىنىم يوقتۇر» دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. ئاندىن تاش ئۈستىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇخوتۇننىڭ ئىرى ئەبۇ سوپيان تاش ئۈستىگە چىقتى. پۈتۈن ئاۋازىنى قويوۋىتىپ ۋارقىراپ تۇرۇپ دېدىكى:
―«ئىنسانلار ئارىسىدا بولىدىغان ئۇرۇش ئەلۋەتتە نۈۋەتلىشىدۇ. ئۆتكەندە قايغۇرغان بولساق، بۈگۈنكى كۈن بىز ئۈچۈن سۈيۈنۈچلىكتۇر، بەدرە ئۇرۇشىدا سىلەر پايدا ئالغان ئىدىڭلار. ئۇھود ئۇرۇشىدا بىز پايدا ئالدۇق» ـ ئەبۇ سوپيان بۇ سۆزىنى تازا ماختىنىپ ئېيتقاندىن كېيىن، « ئەھلا ھۇبال، ئەھلا ھۇبال» دەپ قاتتىق تولىدى. يەنى: «ئەي ھۇبال، ئەي ھۇبال، مەرتىۋەڭ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بۇلغاي» دەپ ماختاندى. (ھۇبال ـ بۇتدۇر)
شۇ زاماندىكى ئەرەبلەرنىڭ كەئبە تىشىغا ئېسىپ قويغان 360 بۇتى بار ئىدى. قۇرەيش قەبىلىسى ئاشۇ ھۇبال ئاتلىق 100 بۇتنى ھەممە بۇتلارنىڭ ئۇلۇغى قېلىپ ئىشىنەتتى. رەسۇلۇللاھ ئەبۇ سوپياننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،:
― ئەي ئۆمەر، بۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرگىن، ـ دېدى.:«ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، ئورتىمىزدا تەڭلىك يوقتۇر، بۇ ئۇرۇشدا بىزدىن ئۆلگەنلەر جەننەتگە كىرىدۇ، ئەمما، سىلەردىن ئۆلگەنلەر تامۇققا(دۇزاققا) چۈشىدۇ» دەپ. ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇ سوپيانغا بۇ جاۋابنى بەردى. ئەبۇ سوپيان ئۇسۆزنى ئاڭلاپ: ـ «بىزنىڭ ئۇززا ناملىق بۇتىمىز بار، سىلەردە يوق» ــ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى: «ئاللاھدەك ئۇلۇغ ئىگىمىز بار. سىلەرنىڭ ئۇنداق ئۇلۇغ ئىگەڭلار يوق» دېدى.
ھەر ئىككى تەرەپتىن بۇ سۆزلار دېيىلگەندىن كېيىن، ئەبۇ سوپيان ھەزرىتى ئۆمەرنى ئاتاپ، چاقىردى. رەسۇلۇللاھ: «ئەي ئۆمەر ئۇنىڭ ئالدىغا بارغىن، ھالىغا بېقىپ جاۋاب ئەيتقىن» ـ دەپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە رۇخسەت بەردى. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى: ـ «ئەي ئۆمەر ئاللاھ ھەققى راست گەپنى ئېيت، ئىبنى كىمھە مۇھەممەدنى ئۆلتۈردىم دەيدۇ، ئۇنىڭ سۆزى راسمۇدۇ؟» ـ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر: «بۇ سۆز يالغان. رەسۇلۇللاھ سالامەت. سىنىڭ بۇ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ» ـ دېدى. ئاندىن ئەبۇ سوپيان:«مېنىڭ ئالدىمدا ئەي ئۆمەر، ئىبنى كىمھە سۆزىدىن سىنىڭ سۆزۈڭگە ئىشىنىش ئارتىقراقدۇر»ـ دېدى. بۇ سۆزنى قېلىشنىڭ سەۋەۋى: ئىبنى كىمھە ئىسلام تۇغىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇسھەب ئىبنى ئامىرنى ئۆلتۈرۈپ، مۇھەممەدنى ئۆلتۈردىم دەپ گۇمان قېلىپ، ئەسكەر ئىچىدە جار سېلىپ يۈرگەن ئىدى. بۇ سۆزنىڭ بايانى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىدى.
ئىككىنچى بىر رىۋايەتتە ئەبۇ سوپيان مۇسۇلمانلارغا قاراپ، «مۇھەممەد تىرىك بارمۇ؟» ـ دەپ ئۈچ قېتىم ۋاقىردى. رەسۇلۇللاھ: «گەپ قىلمىدى» دەيدۇ. بۇ تەرەپتىن ھېچ قانداق جاۋاب ئالالمىغاچ، «كاھافا ئوغلى ئەبۇ بەكر تىرىك بارمۇ؟ ھەتتەپ ئوغلى ئۆمەر بارمۇ؟» دەپ ھەر بىرىنى ئۈچ قېتىمدىن چاقىردى، بۇنىڭغىمۇ مۇسۇلمانلار جاۋاب بەرمەستىن سۈكۈت قېلىپ تۇردى. ئاندىن ئەبۇ سوپيان ئۆز ئەسكەرلىرىگە قاراپ، ـ «سىلەرگە بېشارەت بولسۇنكى ئىسمى ئاتالغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەندۇر، بۇلار ئىچىدە جاۋاب قايتۇرالىقىدەك كىشىلەر قالمىدى» ـ دېدى. ھەزرىتى ئۆمەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ چىداپ تۇرالماي:
ـ «ئەي ئاللاھ دۈشمىنى، سەن چاقىرغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تىرىكتۇر، سېنىڭ قورققان كۈنلىرىڭ يەنە يېقىن ئارىدا ئالدىڭغا كېلىدۇ» ― دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سوپيان يەنە نىدا قىلدىكى: «بۇ سوقۇش بىزنىڭ پايدىمىز بىلەن تۈگىدى. ئىككىنچى قېتىمقى ئۇرۇشىمىز كېلەر يىلى بەدر مەيدانىدا بولىدۇ» ـ دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ، رەسۇلۇللاھمۇ كېلەر يىلى بەدر مەيدانىدا ئۇرۇش قېلىشقا ۋەدىلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ سوپيانمۇ ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن قايتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىنى چاقىرىپ ئېيتتىكى:
― سەن ئۇلارنىڭ قايسى تەرەپكە ماڭغانلىغىنى گۈزەتكىن. ئەگەر تۈگىگە مىنىپ يۈگرەك ئاتلىرىنى يېتىلەپ ماڭغان بولسا، ئۆز يورتى مەككىگە قايتقان بولىدۇ. ئەگەر ئاتقا مىنىپ تۈگىلىرىنى يېتىلەپ ماڭغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەستى مەدىنىگە بېرىپ، يەنەئۇرۇش قىرغىن قىلشتۇر. ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەدىنىگە بارىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئارقىمىزدىن يېتىپ كېلىپ مەدىنە ئىچىدە ئۇلارنى قارشى ئېلىپ قاتتىق سوقوشقايمىز» ـ دېدى.
بۇ ئۇھود ئۇرۇشىدا ساھابىلەردىن يەتمىش نەچچە كىشى شېھىت بولدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر يارىدار بولدى. شۇنداق بولسىمۇ، ھەقىقىي مۆمىنلارنىڭ كۆڭلى ئازا يەپ، روھى ھالىتىدە چۈشكۈنلۈك كۆرۈنمىدى. بەلكى بۇلارنىڭ ھىممەت ۋە غەيرەتلىرى ئاۋۋالقىدىنمۇ ئارتۇغراق بولدى. ـ «تا ئۈلگۈچىلىك دۈشمەنگە قارشى باتۇرلوق كۆرسىتىپ، چىداملىق بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز» ـ دەپ رەسۇلۇللاھقا قايتىدىن ۋەدە بەردى. رەزىيەللھو ئەنھوم.
ھەزرىتى ئەلى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇيروقى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مارىلاپ بېرىپ چارلىسا، تۈگىلىرىگە مىنىپ ئاتلىرىنى يېتىلەپ ماڭغانلىقى كۆرۈلدى. مېڭىش ئالدىدا ئەبۇ سوپيان مەدىنەشەھرىنىڭ بوشقالغانلىغنى بىلىپ، شەھەرنى تالان تاراچ قىلماقچى بولۇپ، خوتۇن بالىلارنى ئولجا ئېلىپ، قالغانلىرىنى ئەسىرگە ئېلىش ھەققىدە ئەسكەر باشلىقلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى. قۇرەيش رەئىسلىرىدىن سەفۋەن ئىبنى ئۇمەييا دېدىكى:
دۈشمەنلىرىمىز بۇ ئۇرۇشدا يېڭىلدى ئۇلاردىن بىر قانچىلىرى ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق قايغۇرماقتا. ئەگەر مۇشۇ ھالەتتە مەدىنىگە كىرىپ ئۇلار بىلەن ئۇرشىدىغان بولساق، جان ئاچچىقىدا چوڭ ـ كىچىك دېمەي، بارلىق كۈچى بىلەن قارشى چىقىشى مۈمىكن. بىز ئۈچۈن ئۇچاغدا قانداق بۇلىشىنى مۈلچەرلەش تەس. ھازىرچە دۈشمەنلىرىمىزنى بۇ جايدا يەڭگەن پىتى، بەدرە ئۇرۇشىدىكى مەغلوبىيىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ قولغا كەلگەن ئۇتۇغىمىزنى ساقلاپ قالايلى» ـ دېدى
بۇ سۆزگە ھەممىسى رازى بولۇشۇپ، مەككىگە قاراپ يولغا ئاتلاندى. بۇ باھانە بىلەن ئاللاھ تائالا مەدىنە شەھرىنى دۈشمەننىڭ ئاياغ ئاستى قېلىشىدىن ساقلاپ قالدى. بۇمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۆجىزىلىرى دەپ ئېيتىلسا بولىدۇ.
ئەمدى دۈشمەنلەر كەتگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ بۇئۇرۇشدا ئۆلگەن ۋەتىرىك قالغان مۆمىنلەرنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ، ـ «سەھىدئىبنى رەبىھ، نىڭ خەۋىرىنى كىم بىلىدۇ؟ بىر توپ دۋشمەنلەر دۈشمەننىڭ قىلىچ نەيزىلىرىگە قارشى چىپشىپ مەيداندا جەڭ قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم.» ـ دېدى. ئەنسار ساھابىلەردىن ئۇباي ئىبنى كەئب:
― يا رەسۇلۇللاھ، مەن ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلەي، ـ دەپ ئورنىدىن تۇردى. رەسۇلۇللاھ دېدىدكى: ـ «ئەگەر ئۇنى تىرىك كۆرسەڭ، مەندىن سالام ئېيتىپ، ھالىڭ قانداقراق دەپ سورىغىن» ـ دېدى. ئاندىن ئۇساھابە ئۆلىگلەر ئىچىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ، ھەزرىتى سەھىدنى تاپتى، ئاخىرقى تىنىغى بار ئىدى. دېدىكى: ـ «رەسۇلۇللاھ ساڭا سالام ئېيتىپ، مېنى ئەۋەتتى. سىنىڭ ئەھۋالىڭنى بىلىش ئۈچۈن كەلدىم» ـ دېدى. ئاندىن سەھىد ئېيتتىكى:
ـ ئون ئىككى يىرىمدىن نەيزە يەپ يارىدار بولدۇم، جان يىرىمدىن ئۆتۈپ، دىمىم ئىچىمگە چۈشتى، ئەمدى مەن تىرىك قالمايمەن، ئۈلۈگلەر قاتارىدا ساناڭلار، مەندىن رەسۇلۇللاھقا سالام ئېيتقىن، بىزگە ھەق يولنى كۆرسىتىپ، ھىدايەت يولىغا سالدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىر بەرسون، ئىككىنچىدىن قەۋمى قېرىنداشلىرىمغا مەندىن سالام يەتگۈز، تاكى بىر تامچە قىنى قالغۇچە رەسۇلۇللاھنى دۈشمەندىن ساقلىسون. ئەگەر بۇ ئىشقا بۇشاڭلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئالدىدا ئۆزىر تاپالمايسىلەر، ـ دەپ جان ئۆزدى. بارغان كىشى بۇ خەۋەرنى رەسۇلۇللاھقا يەتگۈزدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:
:«ئاللاھ ئۇنى رەخمەت قىلسون، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە تىرىك ھالىدا ۋە ئۈلەر چىغىدىمۇ، ياخشىلىق قىلدى» دەپ دۇئا قىلدى.
بۇنىڭ ئىككى قىزى يىتىم قېلىپ مىراسىغا ئىگە بولغان ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق خەلىفىلىك قىلغان ۋاقىتتا، بىر كۈنى شۇ ئىككى قىزىنىڭ بىرسى خەلىفە ئالدىغا كەلدى. دەرھال ھەزرىتى ئەبۇبەكرى يەلكىسىدىن رىداسىنى ئېلىپ قىز ئاستىغا سالدى. شۇ چاغدا ئىشىكدىن ھەزرىتى ئۆمەر كىرىپ، ـ «بۇ كىمنىڭ قىزى؟» ـ دەپ سورىدى. ئاندىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكر ـ «مەندىن سەندىن ياخشىراق كىشىنىڭ قىزى» ـ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ھەزرىتى ئۆمەر: ـ «ئەي رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىفىسى. ئۇ قانداق كىشى بولىدۇ» ـ دېدى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكر ئېيتتى: ـ:”ئۇ شۇنداق ئادەمكى، جەننەتدە تەييارلانغان جايدىن ئورۇن ئالدى. سەن بىلەن بىز بۇ جايدا قالدۇق. ئەمدى بۇ قىز ماقامنى تاپقان سەھىد ئىبنى رەبىھ قىزىدۇر»دېدى
رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەزرىتى ئەمر ھەمزىنى سۈرۈشتە قېلىپ:«بۇنى كۆرگەن كىشى بارمۇ؟ ـ دەپ سورىغاندا، بىر كىشى تۇرۇپ: ـ «يا رەسۇلۇللاھ ئەنەئاۋو كۆرۈنگەن قورام تاشلار«ئەنەئەسەدۇللا، ئەنە ئەسەدۇللا،، يەنى:«مەن ئاللاھنىڭ ئەرسلانىدۇرمەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولۋاسىدۇرمەن» دەپ نەھرە تارتىپ، قىلىچ چىپىپ يۈرگىنىنى كۆرگەن ئىدىم» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇجايغا كېلىپ، قارىسا شۇ جايدا يىقېلىپ شېھىت بولۇپتۇ. كۆزى ئويولغان، قۇلاق بۇرۇنلىرى كېسىلگەن، قارنى يىرىلىپ، ئىچ ۋاغلىرى چۇۋولغان، قىسقىسى مۇبارەك تىنىگە قارىغۇسىز دەرىجىدە چىداپ تۇرغىلى بۇلمىغان ھالدا دۈشمەنلەر تەرىپدىن ۋەھشىيلەرچە پارچىلانغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ھالنى كۆرۈپ، قاتتىق خاپا بولۇپ قايغۇردى. مۇبارەك يۈز كۆزلىرى ياشقا تولدى. شۇنىڭ بىلەن ئېيتتىكى:
― ئەي تاغام ئاللاھ سىنى رەخمەت قىلسون. ياخشى ئىشلارغا يېقىن، يامان ئىشلاردىن يىراق قىلسون، سىنىڭ مىھرىبانلىقىڭدىن قېرىنداشلارىڭ ساڭا ئامراق ئىدى. ئەي ئاللاھنىڭ ئەرسلانى، بىزنىڭ قارشىمىزغا كەلگەن غەم قايغۇلارنى ئۆزەڭلا كۈتىرەتتىڭ» ـ دەپ مۇبارەك كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاقتى.
ھەزرىتى ئىبنى مەھسود ئېيتتى: ـ «رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ھەمزىگە قاتتىق يىغلىدى. ئۇندىن باشقا ھېچ كىمگە بۇنداق يىغلىمىغان ئىدى».
رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى:
― بىرادىرىم جىبرىھىل ماڭا دېدىكى: ـ «يەتتەقات ئاسمان فەرىشتىلىرى ھەزرىتى ھەمزىنى ـ ئەسەدۇللاھ دەپ ئاتايدۇ» پۈتۈن ئاسمانلاردا شۇ نام بىلەن تونىلىدۇ.
ئاخىرىدا رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى زۇبايىرگە بۇيرىدىكى، ـ «ھەزرىتى ھەمزىنىڭ قىز قېرىندىشى سەفىيەنى يولدىن قايتتۇرغىن، ئىنىسىنىڭ بۇنداق ئېغىر ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنى كۆرۈپ قالمىسون» ـ سەفىيە بولسا رەخمەتۇللانىڭ ھاممىسى بولۇپ، ھەزرىتى زۇبايىر بولسا سەفىيەنىڭ ئوغلى ئىدى. خوتۇنىنىڭ بىر تۇغقان قىرنداشلىرىگە مىھرىبانلىقى باشقىلاردىن ئارتۇغراق بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھالدا كۆرسە، ئۇنىڭ غەمكىنلىگى ئەقىلگە سىغماي قالمىسون، دەپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ مەسلىھەتىنى قېلىشتى. ھەزرەت زۇبايىر رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئانىسى سەفىيەنى قايتۇرۇش ئۈچۈن يولىنى توستى.
ئەمدى سەفىيە: «ئەي ئوغلوم، مېنىڭ يولومنى توسمىغىن، قىرىندىشىم ھەمزىگە دۈشمەنلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىدىم، ئاللاھ يولىدا،پەيغەمبەر ئالدىدا كۆرۈلگەن ھەر قانداق ئېغىر مۇسىبەتلارگە رازىمەن. ئىشائاﷲ! بۇ ئىشقا سەبىر قېلىپ ئاللاھتىن ئەجىر تىلىگەيمەن» ـ دېدى. بۇ سۆزنى رەسۇلۇللاھقا يەتگۈزگەندىن كېيىن، سەفىيەگە رۇخسەت قىلدى.
ئۇھود شېھىتلىرىنىڭ قانلىق لىباسلىرى كىفەنلىك قىلىندى. رەسۇلۇللاھ ئەمرى بىلەن ئۇھود تېغىغا ھەممىسى دەفنە قىلىندى. لېكىن ئىككى ئادەم، ئۈچ ئادەم بىر قەبرىگە قويولدى. چۈنكى ئۆلۈمدىن قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپچىلىگى يارادار ۋە قاتتىق چارچىغان ئىدى. ھەر بىر شېھىت ئۈچۈن ئايرىم ئايرىم قەبرە قازماق ئۇ كۈندە تەس ئىدى. شېھىتلەر سەييىدى ھەزرىتى ھەمزە ئۆز جىيەنى ئابدۇللا ئىبنى جاھىش بىلەن بىر قەبرىگە قويولدى
رىۋايەتتەشۇنداق دېيىلىدۇ، ئۇشبۇ ئۇھود ئۇرۇشىدا ئابدۇللا ئىبنى جاھىشتنىڭ ئىشلەتكەن قىلىچى قاپ ئوتتورسىدىن سۇنۇپ، ئىككىگە بۈلۈنۈپ كەتتى. يۈگىرگەنچە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىدى.، ـ «ئال بۇنى» ـ دەپ قولىغا بىر تال قۇرىغان خورما شىخىنى بەردى. بۇنى قولىغا ئېلىشى بىلەن قىلىچ بولدى. بۇنىڭغا ئوخشىغان مۆجىزىلەرنى ئۆز ئورنى كەلگەندە يەنە ئوچۇق بايان قىلىمىز. ئىنشائاللاھ! شۇنداق بولۇپ ،ھەزرىتى ھەمزە قەبرىگە قويولغاندا. پەيغەمبىرىمىز مۇبارەك كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، ـ «ئەگەر سەفىيەنى ئايىمىسام ئىدىم ۋە ئۇنىڭ قاتتىق قايغۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولسام، ھەمزىنى كۆممەي ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۇچار قۇشلارغا يەم قىلغان بۇلاتىم. بۇ ئىش ماڭا ئاللاھ ئالدىدا ئۇلۇغ ھۆججەت بولغان بولاتتى» ـ دېدى.
يەنە رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى:
― بۇ شېھىتلەر ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى، ئۇلار قايسى يولدا شېھىت بولسا، قىيامەت كۈنىدە شۇ ھال بىلەن قەبرىدىن قوپقاي، جاراھەتلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرغاي، كۆزلىرىگە قاندەك قىزىل كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ھىدى مۇشق ـ ئەمبەردىن ئارتوق بۇلغاي.
يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرگە ئېيتقانكى:
ئۇھود جىڭىدە شىھد بولغان باھادىرلەرنى ئاللاھ رەخمەت قىلدى، ئۇلاردىن ئاللاھ رازى بولدى. شېھىتلەرنىڭ روھلىرىنى يېشىل رەڭلىك جەننەت قۇشلىرى قىلدى. جەننەت مىۋىلىرىدىن يېدى. كەۋسەر سۇلىرىدىن ئىچتى. ئۇلارنىڭ ئاستىغا ئېسىلغان ئالتون قەندەۋلەرگە كۆنۈپ كەتتى. بۇ شېھىتلەر قاچانكى بۇنداق نازە نىھمەت، ئەيش ـ راھەت كۈرگىنىدە ،ـ «ئەي كاشكى، ئۇ دۇنيادا تىرىك قالغان بىرادەرلىرىمىز بىزنىڭ بۇنداق تاپقىنىمىزنى بىلگەن بولسا ئىدى، ھەر ۋاقىت ئاللاھ يولىدا، ھەق يولدا ئۇرۇشتىن، ئۆلىشتىن قورقمىغان بۇلار ئىدى». ئاللاھتەئالا ئېيتتى: ـ «ئەي شېھىتلەر، شادبولۇڭلار، ئۇدۇنيادا قالغان بىرادەرلىرىڭىزگە بۇ خەۋەرنى ئۆزۈم يەتگۈزىمەن»
ئاخىرىدا شېھىتلە ھەققىدە، ئۇلارنىڭ تاپقان دەرىجىلىرىنى، كۆرگەن راھەتلىرىنى بايان قېلىپ، ئاللاھتەئالا رەسۇلۇللاھقا ئۇشبۇ ئايەتنى ئەۋەتتى:
:«ئاللاھ يولىدا غازاتدا ئۆلتۈرۈلگەن مۆمىنلەرنى ئۈلىك دەپ ئويلىماڭلار، بەلكى ئۇلار ئاللاھ ئالدىدا تىرىكدۇر، جەننەتدىن رىسىقلىرىنى يەپ ئىچىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئاللاھتەئالا ئۇلارغا بەرگەن فازلى كارامى وە نازى نىھمەتلىرى بىلەن خۇرسەندۇر، ئارقىسىدا ھايات قېلىپ، ئۇلارغا قوشۇلالمىغان زات يولداشلىرى مۆمىنلەرنى ئۆزلىرىگە كېلىپ قوشۇلوشىگە تەقەززەدۇر، شېھىتلەرگە ھېچ قورقونچ بۇلمىدى، ھەم ئۇلار ھېچ قانداق غەم قايغۇلارنى كۈرمەيدۇ» دېدى.
ئەمدى بۇ ئوروندا شېھىتلەر ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز ئېيتقان ھەدىسلەردىن بىر ئاز بولسىمۇ بايان قېلىپ ئۈتىمىز.
رەسۇلۇللاھ ئېيتقانكى:
پەيغەمبەرلەر ۋە ئاللاھ يولىدا غازات قېلىپ، سوقۇش مەيدانىدا ئۆلگەن شېھىتلەر قەبرىلىرىدە چىرىمىغاي. ئۇلارنى يېيىشنى ئاللاھتەئالا تۇپراققا ھارام قىلدى. باىشقا بارلىق ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن چىرىپ تۇپراققا ئايلىنىدۇ.
يەنە بىر رىۋايەتتە دېيىلگەنكى:
― ئۇھود شېھىتلىرىدىن ھەزرىتى جابىرنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ئىبنى ئۇمارنىڭ قەۋرىسىنى قىرىق نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن كولاپ ئىچپ ئېلىپ كەتتى. ئاتا بالا ھەرئىككىسىنىڭ تىنى بىر بىرىگە قويغان پىتى ھېلى قويغان ئۆلۈگدەك ھېچ بىر يېرى بۇزۇلماي تۇرۇپتۇ ھەزرىتى ئۇماۋىيانىڭ خەلىپىلىك زامانىسدا ئۇھود تېغىدىكى شېھىتلەر ياتقان قەۋرىستان ئىچىدىن ئۈستەڭ چىپىپ سۇ ئۈتگەزمەكچى بولدى. ئىچىلغان ئۆلۈگلەرنى باشقا جايغا كۈمۈشكە بۇيرۇق بەردى. شۇ كۈنلەردە بىر قانچە قەۋرىلەرنىڭ ئىچى ئىچىلغان ئىدى. قارىسا ئاخشام كۈمۈلگەندەك تەنلىرى يۇمشاق، ئەزالىرى سالامەت ئىكەن. ھەزرىتى ھەمزىنىڭ مۇبارەك تەنلىرىگە كەتمەن تېگىپ كەتتى. خۇددى تىرىك كىشىدىن قان ئاققاندەك قان ئېقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ شېھىتلەرنىڭ قويولغانلىقىغا ئەللىك يىلدەك بولغان ئىدى. رەزىيەللاھو ئەنھو.
ئەنسار ساھابىلەردىن بىر خوتۇننىڭ ئىرى، ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ئاكىس ئۇھود ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان ئىدى. بۇ خوتۇن ئاڭلاپ«ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلاھىي رەجىۋون» ئايىتىنى ئوقۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئويلاپ كىتىۋاتاتتى. رەسۇلۇللاھ ئالدىدىراق كېلىۋاتاتتى، بۇ خوتۇننىڭ كۆزى رەسۇلۇللاھقا چۈشۈپ، كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ـ «ئاتاـ ئانام سىزگە پىدا بولسۇن، يا رەسۇلۇللاھ، سىز سالامەت بولغاندىن كېيىن، باشقا بولغان بۇ مېنىڭ مۇسىبەتلىرىمگە پەرۋا قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ دەردى پەرياتلىرىغا سەۋر قىلىمەن» ـ دېدى.
― ئى ئاللاھ. شۇ خوتۇننىڭ سادىق ئىخلاسى، رەسۇلۇللاھقا قىلغان شۇ مۇھەببىتىنىڭ ھەققى ھۆرمىتىدىن بارلىق قىلغان گۇنالىرىنى ئەھفۈ قىلغايسەن، ئۈستىمگە كەلگەن ۋە كەلمەكچى بولغان بالا قازالارنى ئۆزىڭ ئەفۇ قىلغىن. ئامىن!
يەنە شۇ ئۇھود ئۇرۇشىدا ھەزرىتى قاتادا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن رەسۇلۇللاھقا قارىتىپ ئىتىلغان ئوققا ئۆزىنى تۇتۇپ، پەيغەمبىرىمىزنى قوغداپ تۇرغان چاغدا بىر ئوق كېلىپ ئۇنىڭ كۆزىگە قادالدى ۋەئۇنىڭ زەربىسىدىن كۆزى ئېقىپ، يۈزىگە چۈشتى، بۇنى كېسىپ تاشلىۋىتىەيلى دېسەئۆزى رازى بۇلماي كۆزىنى ئالىقىنىغا ئالغىنىچە رەسۇلۇللاھ ئالدىغا كەلدى. بۇ ھالنى كۆرۈپ پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقتىن يىغلىدى، ئاندىن مۇبارەك قولى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنى ئۆز جايىغا قويۇپ تۇرۇپ، ــــــ « ئى رەھىمدىل ئاللاھ، قۇلۇڭ قاتادا پەيغەمبەرىڭنى قوغدايمەن دەپ، ئۆزىنى دۈشمەننىڭ ئوقىغا قالقان قېلىپ تۇتۇپ، كۆزىدىن ئايرىلدى، بۇ ئوق تەككەن كۆزىنى ساق كۆزىدىنمۇ كۈركەمرەك قېلىپ ساقايتقايسەن»، دەپ قۇتلۇق قوللىرى بىلەن سىلاپ قويدى. كۆزى بۇرۇنقىدىنمۇ، ياخشىراق بولدى. كېيىنىكى ھاياتىدا بىر ئۈمىر كۆز ئاغرىغى كۈرمىدى.
يەنە ساھابىلەردىن گۇلسۇم ئىبنى ھەيسەم دېگەن كىشىنىڭ كۈكسىگە ئوق تېگىپ، قاتتىق يارىلاندى. شۇ ھالدا ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ يارىسىغا تۈفلەپ قويۇۋىدى، يارىسى شۇئان ساقىيىپ ھېچ نېمە بۇلمىغاندەك بولدى. بۇ ئىشلار نىڭ ھەممىسى رەسۇ لۇللاھنىڭ مۆجىزىلىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ مەككە شەھىرىگە كەتكەنلىك خەۋىرى ئېنىقلاتغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قايتماقچى بولۇپ، مۇبارەك ئىتىغا مىندى. ئەتراپىنى ھەممە ئادەم ئورىشىپ ئېلىپ، ئارقىسىدىن ساھابىلەر ماڭدى. نىھايىتى ئازساندىكىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم يارىدار ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن تاغ ئىتىگە چۈشكەندەرەسۇلۇللاھ ـ«بۇ يەردە پەرۋەردىگارىمغا ھەمدۇ سانا ئېيتقايمەن، ئارقا تەرىپىمگە ئۆتۈپ، ھەممىڭلار سەپ باغلاپ تۇرۇڭلار»، ــ دېدى. بارلىق ساھابىلەر سەپ باغلىدى، بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئون تۆت نەپەر خوتون كىشىمۇ بىللە سەپ باغلاپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيەردە رەسۇلۇللاھ ئاللاھقا مۇناجەت قېلىپ، ئۇزۇن ھەمدۇ ـ سانالار ئېيتتى. بۇنىڭ ھەيبىتىدىن تاغلار، يەرو ـ ئاسمانلار تىترىگەندەك بولدى. كۆزلىرىدىن ياشلار ئېقىپ، كۆڭۈللىرى ئېرىپ سۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە شەھىرىگە قاراپ يول ئالدى. مەدىنەخەلقىمۇ بۇ ئۇرۇشدا كىم قالدى كىم ئۆلدى دەپ، ئۇلارنىڭ قەۋمى قېرىنداشلىرى يول بۇيىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ تۇرۇشاتتى. ھەممىدىن بۇرۇن ھەمنە دېگەن خوتۇن كىشى رەسۇلۇللاھنى قارشى ئالدى. بۇ خوتۇن رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسى، ئۇمەييا بىنت ئابدۇل مۇتەللىپ ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈردى.
― يا رەسۇلۇللاھ، كىمگە تەزىيە بىلدۈرىسىز؟ ـ دەپ سورىدى.
― ئاغاڭ ھەمزىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن دېدى.
«ئىننا لىللاھى» ئايەتىنى ئوقۇپ، ـ «بۇلارغا شائادەت دەرىجىسى مۇبارەك بولسۇن. بۇلارنى ئاللاھ رەخمەت قىلسون» ـ دېدى.
يەنە رەسۇلۇللاھ: ـ «ئىرىڭ مۇسھەب ئىبنى ئەمر مۇ شېھىت بولدى. ئۇنىڭغىمۇ تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئاللاھ ساڭاسەبر بەرسون» ـ دېدى. ئۇ خوتۇن: ـ «ۋا ۋەيلا ۋەھۇزنا» دەپ قاتتىق ۋارقىراپ يىغلىدى. رەسۇلۇللاھ بۇنى كۆرۈپ دېدىكى: ــ «بۇ خوتۇننىڭ كۆڭلىدە ئىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئارتوق ئىكەن» ـ دەپ ئۇ خوتۇننى چاقىرىپ، ـ نېمىشقا بۇنداق يىغلايسەن؟» ـ دەپ سورىدى. خوتۇن: ـ «يا رەسۇلۇللاھ، پەرزەنتىلىرىم كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ يىتىم بولۇپ قالغانلىقى يادىمغا يېتىپ، ئەقلى ھوشۇمىدن ئايرىلغانلىقىمدىن شۇنداق قىلدىم» ـ دېدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ رەھمىتى كەلدى، بۇ خوتۇننىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتىلىرىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرىتى سەھىد ئىبنى مۇھزانىڭ ئاق چاچلىق كەمپىر ئانىسى رەسۇلۇللاھقا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىپ. رەسۇلۇللاھنىڭ جىلۋىلىرىدە كېلىۋاتقان ھەزرىتى سەھىد ئانىسىنى كۆرۈپ، ــــــــ «يارەسۇلۇللاھ، سىزنى زىيارەت قېلىش ئۈچۈن ئانام كېلىۋاتىدۇ»- دېدى. «مەرھابا، خۇش كەلدىڭ» ـ دەپ ئىتىنى توختاتتى. ئەمر ئىبنى مۇھازگە تەھزىيەت قېلىپ:
― ئەي سىھىدنىڭ ئانىسى، مەن ساڭا بېشارەت بىرىمەن، سۈيۈنۈچلۈك خەۋەر بىرىمەن، ئۇھود ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان كىشىلەرنىڭ خوتون ـ بالېلىرىغا، ئۇلارنىڭ قېرىنداش ـ ئۇرۇغ تۇغقانلىرىگە بۇ خۇش خەۋەرنى سەن يەتگۈزگىن. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى. ھەممىسىنى رەخمەت قېلىپ، جەننەتۈل فىردەۋسدە بارلىغىغا بىر يەردىن جاي بەردى. بۇ دۇنيادا ئىسلام دىنى ھەممە ئادەمگە تەڭ كەلگەن ئىدى. جەننەتنىڭ نىھمەتلىرى ئىچىدە يەنە بۇلار بىر يەردە بۇلالىدى. قىيامەت كۈنىدە ھەر بىر شېھىت ئۆز ئارا قەۋمى قېرىنداش بولۇش ئۈچۈن، يارو دۇستلارنى شافائەت قېلىشقا ئاللاھتىن ئىزنى ئالدى. ــ دېدى.
رەسۇلۇللاھ بۇسۆزنى ئوچۇق دەلىللەر بىلەن، قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرلەردىن كېيىنىكى ئەڭ ئۇلۇغ شافائەتنى ئاللاھ تائالا شېھىتلەرگە بەرگەي. ئاللاھ ئىزنى بىلەن شېھىتلەر شافائەت قىلغايلار. ئاللاھ يولىدا شاھادەت تاپقان چىن شېھىتلەردىن ئاللاھ رازى بۇلغاي. ئۇلارمۇئاللاھدىن رازى بۇلغاي.
ئاندىن سەھىدنىڭ ئانىسى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ:
― يارەسۇلۇللاھ، بىز ئەمدى رازى بۇلدۇق، شېھىتلىرىمىز بۇنداق دەرىجىگە ئېرىشكەن بولسا، ئۇلارغا قايغۇرۇپ نېمە ئۈچۈن بىز يىغلايمىز. يا رەسۇلۇللاھ، شېھىتلىرىمىزنىڭ ئائىلە بالا چاقىلىرى ھەققىدە دۇئا قىلسىڭىز» ـ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بۇ دۇئانى قىلدى:
:«ئى ئاللاھ ، كۈرگەن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدىن غەم ـ غۇسلىلىرىنى كەتگۈزگىن، مۇسىبەتتىن كەلگەن ھازىلىرىنى تۆگەتكىن، ئۇلاردىن كېيىن قالغان كىشىلىرىگە ياخشى ئادەملەردىن ياردەمچى ئەۋەتكىن»
بۇ دۇئالىرى ئىجابەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلىگى نېمە بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ تىلىگى ھاسىل بولۇپ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق كۈن كەچۈردى پەيغەمبىرىمىز ئېيتتىكى:ـــــ «ئۇممەتلەردىن بىرەر كىشىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋاپات بولسا، ۋاپات بولۇشى بىلەن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ئۇشبۇ دۇئانى ئوقۇپ «ئەي تەڭرى، شۇ مۇسىبەتتىن مېنى خالاس قىلغىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەمدى ياخشىراغىنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلسا ئەلبەتتەئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىراغىنى ئاتا قىلغاي» دېدى.
قىسسىدىن ـ ھېسسە، سۆزدىن ـ سۆز چىقىپتۇ دېگەندەك. بۇ كىتابنى يازغۇچى، مەنكى ئەلىخان شاكىرخان تورە ئوغلى، تەخمىنەن ھىجرەت يىلىنىڭ 1342 ـ يىلى ئىدى. ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان جايىم، ئانا ۋەتىنىم تۈركىستاننىڭ قەدىمى مەركىزى، تارىختا ساغۇن نامى بىلەن داڭ چىقارغان، ھازىر توقماق دەپ ئاتالغان شەھەردە دىنى خىزمەت قېلىپ تۇرغان ئىدىم. شۇ چاغدا يىشىم تېخى ئوتتوزدىن ئاشمىغان ئىدى. شۇ يىلى بىزنىڭ مەھەللىمىزدە قىزىتما كېسىلى تارقېلىپ، تېببىي ياردەم يىتىشمەي، ئادەملەر ئۆلۈشكە باشلىدى. شۇ قاتاردا مېنىڭمۇ ئۈچ ئوغلوم، بەش ياشلىق ئاسراندى بالام مۇھەممەدخان، مۇختەرخان، بۇلار بىر يىرىم ياشلىق، ئۈچ كۈن ئىچىدە كەينى ـ كەينىدىن ۋاپات بولدى، ئارسلانخاننىڭ ئامان قېلىشىنى تىلەپ، ئۇكېلىرى ئۆلگەندە كۆپ ئارتۇقچە قايغۇرمىدىم، ئاۋۋال ئىككى ئۇكىسى ۋاپات بولدى. ئاندىن ئارسلانخاننىڭ كېسىلى ئىغىرلىشىشقا باشلىدى. مېنىڭ قىلمىغان ئىلاجىم قالمىدى. ئۆزەمنىڭمۇ ئەسكى تېبابەت كېسىلى بويىچە ئىلمىم بارئىدى. تۈرلۈك ئىلاجلارنى قېلىپ بولدۇم، ھېچ بىر پايدىسى بۇلمىدى. ئاخىرى جىسمانىي ئىلاجلاردىن زېرىكىپ، روھانىي ئىلاجلاردىن شىفالىق ئىزلىدىم. ياخشى ئادەملەرگە دەم سالدۇرۇش، ئاللاھ يولىدا خەيرى ئىھسانلەر قېلىپ، سادىقە بېرىش قاتارلىق ئىشلەرنى كۆپ قىلدىم، بۇلاردىنمۇ ھېچ پايدا كۈرمىدىم. كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ، دەم سېلىپ ئوقوغىنىغا قانائەت قىلماي، بۇ ئىشقا ئۆزۈم كىرىشتىم. ھەر ئولتۇرۇشۇمدا تۆت ـ بەش سائەت تىنماي ھەر تۈرلى دۇئالەرنى ئوقۇپ، دەم ئۇردۇم. بۇنىڭمۇ پايدىسىنى بىلمىدىم. «ھاياتۇل ھايۋان» كىتابىدا ئېيتىلغان بويىچە:
― «ئەگەر ئىنسان بېشىغا بىر مۈشكۈل ئىش كەلسە، چوڭ بىر سېمىز قوچقار ئالسون، بېشىغا مۈشكۈل ئىش چۈشكەن ئىنسان، ئۆز قولى بىلەن بۇغوزلىسون، ئەگەر بۇنى قىلالمىسا، ئاتىسى: ـ «ئى رەببىم ، شۇ قوچقارنىڭ جىنى بالامنىڭ جىنىغا بەدەل بولسۇن» ـ دەپ ئاللاھتىن تىلەپ تۇرۇپ، پىچاق ئۇرسون، ئاندىن ئۇنىڭ گۆشىنى ئاتمىش بۈلەك قېلىپ،ئاتمىش مىسكىنگە بەرسون، خاھى جان، خاھى مالگە، ھەر قانداق مۈشكۈل بالا كەلگەن بولسا، شۇنىڭ بىلەن دەف بۇلغاي، بۇ ئىش مۇجەررەب بۇلغاي» ـ دېيىلگەن ئىدى.
بۇنىمۇ قېلىپ كۆرەي دەپ، ئىخلاس بىلەن كۆپ يەرلەردىن ئىزدەپ يۈرۈپ، شۇ سۈپەتلىك قوچقارنى تېپىپ كەلدىم. مەن ئۆمرۈم ئىچىدە مال تۈگۈل، قۇچقاچمۇ بۇغوزلاپ باقمىغان بولساممۇ، بۇ جانىۋارنى بالامغا پىدا قىلسام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئۆلۈمدىن قۇتۇلغاندەك، بالامنىڭ جىنى سالامەت قالارمىكىن دەپ، بېشىنى قىبلىغا قېلىپ تۇرۇپ، ئۇ جانۋارنى بۇغوزلىدىم. كىتابنىڭ دېگىنىدەك، ئاتمىشكە پارچىلاپ تەقسىم قېلىپ، ئۈلگۈرتەلمەي كىچىگە قىلدىم، تۈن يىرىمىدىن ئۆتۈپ، ئەل قاتتىق ئۇيقۇغا پاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتمىش مىسكىننى قەيەردىن تىپىش مۇمكىن؟ نىيەت قېلىپ، ئىشىمىزنى پۈتتۈدۇق. تاڭ ئاتقانىدن كېيىن بۇئىشنى بىجىرەمىز دەپ قايتىپ كېلىپ، بالىنىڭ ئالدىغا كىرسەم، ئوغلومنىڭ ھالى ئىغىرلىشىپ قاپتو. مەرھۇم ئانىسى، قاراپتۇرىشىغا تاقىتىم قالمىدى، دەپ بالىنى قۇچۇغۇمغا قويۇپ ئۆزى يىغلىغان پىتى تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى، ئىككىنچى كىرىشىگە چىدىيالماي، كوچا ئايلىنىپ يىغلاپ يۈردى. مەن ئۇنىڭ يۈزىگە تەلمۈرۈپ قاراشتىن باشقا چارە تاپالمىدىم، پۈتۈن سەۋەبلەردىن قول تارتىپ، قازانى كۈتۈپ ئولتوردۇم. شۇ پەسلىگىنىچە پەسىيىپ ئاخىرى تاڭ سەھەر بولغاندا جان ئۆزدى. قازاغا ھېچ بىر چارە يوقلۇقى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۆزەمنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ياخشى چۈشەندىم. بۇ بالىنىڭ دەردىدىن ئىككى ـ ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۆلگەن ئىككى گۈدەكنى كۆپ ئەسلىگەن بولساقمۇ، بۇنىڭ ئۆلۈمى قوشۇلۇپ ئۈچ بالىنىڭ دەردىدە يۈرەكلىرىمىز پارە – پارە بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئېغىر مۇسىبەتنى كۈترەلمەي ئانىسى ھوشىدىن كېتىپ ئۆلگەن بىلەن تەڭلا بىر ئىش بولدى. مەن شۇ ھالەتدە تۇرۇپ پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام ئېيتقان ئۇلۇغ سۆزلەرنى ئەسكە ئالدىم، دەررو تاھارەت ئېلىپ ئايۋانغا چىقىپ، ئىككى رەكئەت سەبرى نامىزى ئوقۇدۇم. نامازنىڭ ئارقىسىدىن قول كۈتۈرۈپ، پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن دۇئانى ئوقۇپ، ئاللاھدىن تەلەپ قىلدىم.
ئەلھەمدۇلىللاھ تىلىكىم قوبۇل بولسا كېرەك، يىل ئۆتمەي ئوغلوم مۇھومموديار تۇغۇلدى. كۈندىن كۈنگە ئۈسۈپ، ئافەتلەردىن ئامان قېلىپ، ئاللاھ ئۈمرىنى بەردى. مانا شۇ كۈنلەردە ھېچرىيە 1374 ـ يىلى، مىلادى 1956 ـ يىلى يىشى يەتتىگە تولوپ، يىگىتلىك قورامىغا يەتتى. دەۋرىمىزدىكى پەننى ئىلىملەردىن خىلىلا بىلىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، دىنى ئىلىم تەھسىلىگە بۇ كۈنگىچە بوش تۇرمىدى. يۇقىرىدىكى بۇۋىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ئائىلىمىز ئىلمى ئائىلىسى بولغانلىقىمىزدىن بۇ ئۇلۇغ شەرەپگە ئەۋلادلىرىمىزدىن بىرەرسى ئىگە بۇلمىغان ياكى بۇ فەزىلەتدىن كەلگۈسى كۈنلەردە زامان تەرەققىياتىغا قاراپ بۇ دەۋردىن كېيىن قالارمۇ دەپ دائىم قايغۇراتتىم. چۈنكى يىشىم يەتمىشتىن ئېشىپ، ئۈمرىمنىڭ تولىسى تۆگەپ، ئىزى قالغانلىقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتىم. بۇ شەرەپدىن ھەممىسى بىنەسىپ بولسا، ئۈمىر ئىچىدە يىغقان، ئۈمىر ئىچىدە ماڭا يولداش بولغان بۇ كىتابىمغا كىم ئىگە بۇلار. قاراڭغۇ غۇۋا تەكچىدە چاڭ توزۇپ تۇرسا، كىمنىڭ قولىغا قالار، دەپ خىيال قېلىپ، كۆپ زامانلاردىن بىرى قورقۇپ يۈرەتتىم. ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھقا شۈكرى، ئۇشبۇ يىزىۋاتقان كىتابىم ھۆرمىتىدىن بولسا كېرەك، ئاللاھ تائالا بۇ غەمدىن مېنى شۇ كۈنلەر دە قۇتغازدى. ئوغلوم مۇھەممەديار ئالدىمغا كېلىپ، چىن ئىخلاس بىلەن دىن ئىلمېنىڭ ئاساسى ھېسابلانغان، «سەرف، نەھىۋ» دىن باشلاپ ئۆگىنىشكە كىرىشتى. جۈملە ئاپەتلىرىدىن ئاللاھ ساقلىدى. دۇنيا ئىززىتى، ئاخىرەتتەشارافىتى يەتگۈدەك ئىلىم ئاتا قىلسون، ئامىن! بۇ ۋەقەلىكنى بۇ كىتابدا يېزىشىمنىڭ ئورنى بۇلمىسىمۇ، بىرىنچى، شۇ مەقسەد قولغا كېلىشىگە رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمەھالىنى بايان قېلىپ يىزىۋاتقان شۇ كىتابىمنى شەفىھ كەلتۈردۈم، ئىككىنچى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يادگار بولسۇن دەپ بۇ سۆزلەرنى يازدىم!
يەنە ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك: شۇنداق قېلىپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇھودتىن قايتىپ، مەدىنە شەھرى ئىچىگە كىردى، قارىسا ھەر يولدىن ئەنسار خوتۇنلار ئۆلگەنلەرنى يوقلاپ، يىغلاپ يېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ: ـ:«ھەمزىنىڭ يىغلايدىغىنى يوق» ـ دەپ كۆزىگە ياش ئالدى. چۈنكى ھەزرىتى ھەمزە ئۆزى يالغۇز ھىجرەت قېلىپ، مەدىنىگە كەلگەندە خوتۇن بالىلىرى مەككىدە قالغان ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ جىلاۋلىرىدە كېلىۋاتقان ئەنسار رەئىسى سەھىد ئىبنى مۇھاز بۇ سۆزنى ئاڭلىغان بولسا، ئۆزىگە قاراشلىق بىر نەچچەخوتونلەرگە ـ «رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە بېرىپ ھەمزىنى يوقلاپ يىغلاپ كېلىڭلار» ـ دەپ بۇيرۇدى. مەدىنە ئىچىگە كىرىپ، مەسجىدگە كېلىۋاتقىنىدا كوچا يۈزىدىن ۋە ئۆي – ئۆيدىن چىقىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىماقتا ئىدى. توغرا كېلىپ رەسۇلۇللاھ مەيۈسلىك بىلەن مەسجىد ئالدىدا توختىدى. سەھىد ئىبنى مۇھاز، ئەسھەد ئىبنى ھۇزايىر ،بۇ ئىككىسى رەسۇلۇللاھنى سۈيۈپ ئاتدىن چۈشۈردى. جاراھىتىنىڭ ئىغىرلىقىدىن ئۆزى يۈرەلمەي، ئۇلارغا يۈلىنىپ ماڭدى. ئاندىن ئاخشام نامىزىغا ھەزرىتى بىلال ئەزان ئېيتتى. يەنە شۇ ئىككى كىشىگە يۈلىنىپ جامائەت نامىزىغا چىقتى. ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن. مەسجىددىن قايتىدىغان چاغدا يوللاردىن يىغىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. «بۇ نېمە يىغا؟» ـ دەپ سورىدى. ئاندىن ساھابىلەر: «ئەنسار خوتۇنلار ھەمزە ئۈچۈن يىغلاۋاتىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ» ـ دېيىشتى، بۇنى ئاڭلاپ رەسۇلۇللاھ ئۇلار ھەققىدە ـ: «ئاللاھ سىلەردىن ۋە ئەۋلادىڭلاردىن رازى بولسۇن» ـ دەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن ــ«ئەمدى قايتىڭلار» دېدى.
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، ئەنسار خوتۇنلارگە ئادەت شۇ بولدىكى، ئۆلۈمگە يىغلىماقچى بولسا، دەسلەپدە ھەمزىگە، ئاندىن باشقىلارغا يىغلايدىغان بولدى. شۇ كېچە ئا ب س، ھېچراژ ئەنسار ساھابىلەرنىڭ كاتتىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆي ئەتراپىنى ئوروشۇپ، تاڭ ئاتقىچە كۆزىتىپ چىقتى. قالغانلىرى ئىھتىياتتىن، مەدىنە شەھرىنى ئايلىنىپ، قوغداپ تۇرۇشتى. چۈنكى قۇرەيش مۇشرىكلىرى يولدىن يېنىپ، قايتىدىن مەدىنىگە ھۇجۇم قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئۇلۇغ مۇسىبەتتىن كېيىن ئەنسار خوتۇنلارنى قايتۇردى. ئاندىن ئەنسار ساھابىلەر:
― يا رەسۇلۇللاھ، ئۆلگەنلىرىمىزنى قوشۇپ يىغلاشتىن خوتۇنلىرىمىزنى مەنئى قېلىپسىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ تىرىكلىگىدىكى ياخشىلىقلىرىنى ئېيتىپ يىغلايدىغان بولساق، بىر ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىز راھەت تاپقان بۇلار ئىدى ،بۇ ئىشقا ئىزنى بەرسىڭىز؟ ـ دېيىشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:
-:«ئەر خوتۇنلار يىغلايدىغان بولسا، شەرت شۇكى، يۈزىنى ئوچۇق قويمىسون، بەدەنلىرىنى كاچاتلىمىسون. چاچلىرىنى كىسىۋەتمىسون ياقىلىرىنى يىرتمىسون، ئىغىزلىرىدىن ناچار سۆزلەر چىقمىسون» ـ دېدى.
ئەمدى خوتۇنلار شۇ ئېيتقان ئىشلەردىن ئۆزىنى ساقلىسامۇسىبەت بولغان كۈنلەردە يىغلاشنىڭ زىيىنى يوقتۇر. شۇنداق بىر مەشھۇر سۆز باركى: ئۇھود ئۇرۇشىدا شاھادەت تاپقان كىشى يەتمىش نەچچە كىشى ئىدى. ئون تۆتى مۇھاجىرلاردىن، قالغىنى ئەنسارلەردىن ئىدى. ئەمما كاپىرلاردىن ئۇھود ئۇرۇشىدا 230كىشى ئۆلتۈرۈلدى. يالغۇز ئەمر ھەمزىنىڭ ئۆزى ئوتتوز كىشىنى ئۆلتۈرەلىدى. دېگەن رىۋايەت بار.
رەسۇلۇللاھ شەھەر ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، مۇناپىقلار، يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارغابولغان بۇ مۇسىبىتىدىن قانداق سۈيۈنگەنلىگىنى كۆڭلىدە ساقلاپ تۇرالماي، تۈرلۈك تەنە سۆزلەرنى تارقاتتى. شۇنداغ دېگەنكى: ــــ«ئەمدى مۇھەممەدئۆزىنى پەيغەمبەرمەن دەپ قانداق ئېيتالايدۇ؟ ئۆلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ بىرىگە مۇنداق مۇسىبەت كەلمىگەن. ئەگەر مۇھەممەد چىن پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرىغا مۇنداق ئېغىر مۇسىبەت يەتمىگەن بولاتتى. بۇنىڭغا ئوخشاش پادىشاھلىق تەلىۋىدە بۇلىۋاتقان كىشىلەر قانداق پەيغەمبەر بۇلالىسون؟» دەپ شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر بىلەن خەلق ئىچىگە نۇرغۇن پىتنە پاساتلارنى سالدى. مۇناپىقلار رەئىسى ئىبنى ئۇباي ئوغلى ئابدۇللاگە ـ «مېنىڭ سۆزۈمگە كىرمەي ئۇرۇشقا چىقتىڭ. مانا تاپقان پايداڭ شۇ. ئۈلەر ھالغا يېتىپ ياردار بولۇپ قايتىشتىڭ» ـ دەپ كۆپ تەنە گەپلەرنى قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا ئوغلى ئابدۇللا: «ئاللاھتەئالا ئۆز پەيغەمبىرىگە ۋە ھەم مۆمىنلەرگە نېمە ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بار»ـ دېدى. مۇناپىقلەرنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئۆمەر پەيغەمبىرىمىز ئالدىغا كېلىپ:
― يا رەسۇلۇللاھ، بۇ مۇناپىقلارنىڭ سۆزلىرىگە نېمە ئۈچۈن چىداپ تۇرىمىز؟ ئەگەر ئىزنى بەرسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي قىلىچدىن ئۈتگىزەيلى، ــــ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ:
― يا ئۆمەر ئۇلارنى قانداق ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. تىلىدا بولسىمۇ، «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەددۇر رەسۇلۇللاھ» دەيدۇ. بۇ سۆزنى كۆڭلىدىن ئەمەس، قىلچدىن قورقۇپ دېگەن بولسىمۇ، ئىسلام ھەققىگە بۇيسۇنسىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇدۇ، ئۇلارنىڭ قىنىغا، جىنىغا، مىلىغا چىقېلىش بىزگە ھارام بۇلودۇ، ـــــ دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەۋىر قىلماقتىن باشقا چارە قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇناپىقلارگە قوللىنىدىغان چارەلەرمۇ توختوتولدى.
بىلىش كېرەككى: رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان غازاتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغراقى ئىككى غازات ئىدى. بىرى، بەدرە غازىتى. ئىككىنچىسى، ــــ ئۇھود غازىتى ئىدى. بۇ ئىككى غازاتدا ھەزرىتى جىبرىھىل بىلەن مىكائىل باشلىق پەرىشتىلەرنىڭ ھازىر بولغانلىقىنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە سابىتتۇر. قۇرئان كەرىمدە«ئەل ئىمران» سۈرىسىدە ئاتمىش ئايەت بىلەن ئۇھود غازىتى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەردە مۇسۇلمانلارغابولغان مۇسىبەتنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوچۇق قېلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇشدا بىرىنچى دەرىجىلىك ئەڭ زۆرۈر ئىش، ئەسكەر باشلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قېلىش ئىدى. شەك شۈھبىسىزكى: پەيغەمبەر بولغان كىشى باش بولۇپ ئۇرۇش قىلغان شارائىتتا، ئۇنىڭ ئەمر پەرمانلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قېلىش ئاللاھ تائالادىن بۇيرۇلغان پەرز ئىدى.
مانا بۇ ئۇھود ئۇرۇشىدا ئەڭ دەسلەپ بۇ بۇيرق ئىجرا قىلىنمىدى. قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان ئەللىك نەپەر ئوقچى قىسىم، ئولجىغا قىزىقىپ، ئۆز ئورنىدىن خالىغانجە ئايرىلىپ ئۇزاپ كەتتى. ئىككىنچىدىن. ئەسكەرگە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بولۇشى بىلەن بىرگەجىددىلىك، چىنلىق، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ شەرتنىمۇ ئىجرا قىلمىدى. ئۈچىنچىسى. مۆمىنلەرنىڭ بارلىق قىلىدىغان ئىشى، شۈبھىسىزكى، جىھادقا ئوخشاش، ئىسلامنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادىتى خالىس ئاللاھ يولىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ ئىشدا ھېچ قانداق دۇنيالىق غەرەزلىرىنىڭ بولۇشى لازىم ئەمەس ئىدى. ئىش شۇنداق بولۇپ تۇرۇغلۇق،ئۇرۇش سېپىدە تۇرغان ئەسكەرلەردىن بىر مۇنچىلىرى رەئىسلەرنىڭ ئەمرىگە قارىماي، ئولجا، مال يىغىشقا بېرىلىپ كەتتى. قىلغان جىھادى يالغۇز ئاللاھ يولىدا بولمىدى. مانا شۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۇھود مۇسىبىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى .بۇ ـ تەقدىرنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئاچقانلىقى ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدا يەنە شۇنداق بىر ھېكمەتمۇ باركى، گاھى ۋاقىتلاردا پەيغەمبەرگىمۇ شۇنداق مۇسىبەتلار يېتىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەتنىڭ ئاخىرى خەيرلىك بولۇپ، ئىش ئۇلارنىڭ چوڭ پايدىسىغا بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بولۇشىدىكى ھېكمەت شۇكى: ئەگەر پەيغەمبەرلەر ھەر بىر ئۇرۇشتا دائىم غالىبىيەت قازىنىۋەرسە، ئۇچاغدا ئولجىغا قىزىقىپ، ياكى سىياسەتتىن قورقۇپ، مۇناپىقلارمۇ مۇسۇلمانلارغا قوشۇلوپ قالىدۇ. چىن مۇسۇلمان بىلەن يالغان مۇسۇلماننىڭ پەرقى بولماي قالىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھتەئالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:
«ئاللاھ تائالا سىلەرگە تۈرلۈك مۇسىبەتلەرنى بېرىپ، كۆڭلۈڭلەردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرنى سىنايدۇ، دۇلاڭلاردىكى بېكىتىلگەن غەشلەرنى شۇنىڭ بىلەن تازىلايدۇ، چۈنكى ئاللاھ كۆڭلۈڭلەردىكى بارلىق سىرلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»
ئەگەر پەيغەمبەرلەر ئۆزىگە قارشى چىققان دۈشمەنلەرنى دائىم يېڭىۋەرسە، ئۇ چاغدا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرگەبۇ ئىش لايىق بولماي، مەقسىدىگە توسقونلوق بۇلار. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر دۈشمەنلىرىنى كۆپ ئۇرۇشدا يېڭىپ تۇرسىمۇ، بەزى بىر ئۇرۇشلاردا يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. دۋشمەننى يەڭگەن چاغلاردا دەرھال ئۆزىنى تونوتىدۇ. ئۇلارنىڭ يوشۇروپ يۈرگەن سىرلىرى ئاشكارىلىنىدۇ. باشقا مۆمىنلەرمۇ، ئۆز ئىچىدىن پورسەت كۈتۈپ يۈرگەن دۈشمەنلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ كەلگۈسىدە نېمەقېلىشىنى ئالدىن مۈلچەرلىيەلەيدۇ.
يەنە بىر ھېكمەت شۇكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن پەيغەمبەرلىك ماقامىدىن قالسا، ئەڭ ئۇلۇغ دەرىجە شائادەت تىپش. بەندىلەرنىڭ ئۆز پەيلىنى باھانە قېلىپ، مۇنداق ئۇلۇغ ئاللاھتەئالا ئۇلارغا نەسىپ قىلدى. ئاللاھتەئالا ئۇھود ئۇرۇشىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قېلىپ، يوقىرىدا ئېيتىلغان سۆز مەزمۇنىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:
-:«ئاللاھتەئالا سىلەرگە ياردەم بىرىمەن دەپ قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى، دەسلەپ ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدائاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ غەلىبە قازانغان ئىدىڭلار، كېيىن ئۆلىمدىن قورقۇپ ئۆزئارا ئىتتىپاقىڭلارنى بۇزۇپ، پەيغەمبەر بۇيرۇغان ئىشنى قىلمىدىڭلار، مانا شۇ ئىشلەر سەۋەبىدىن قولوڭلارغا كەلگەن نۈسرەت قايتىپ كەتتى، بولمىسا، سىلەرنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قېلىشىڭلارنى ئاللاھ كۆرسەتكەن ئىدى، بۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆزۈڭلار بۇزدۇڭلار، ئاخىرى بۇ ئۇلۇغ نىھمەتدىن ئايرىلدىڭلار، سىلەردىن بەزىلەرنىڭ ئاخىرەت ئىزدىگۈسى بارئىدى، يەنە بەزىلەر دۇنيا تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىدى. بىرىنچى خىلدىكېلىرى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تاكى ئۆلگىچە ئورونلىرىدىن ئايرىلماي شېھىت بولدى، ئىككىنچى خىلدىكېلىرى. ئولجا مال دۇنياغا قىزىقىپ، باشلىقنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدى، مانا شۇسەۋەبلەر سادىر بولغاچ، كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ،نۈسرەت ئۇلارغا ئاغدى. ئاخىرىدا سىلەرنى كاپىرلار ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى، بۇنىڭ مۇنداق بولۇشى ئاللاھ تائالا سىلەرنى سىنىماقچى ئىدى. بۇ ھالدا مۆمىنلەر قانداق سەبىر قىلىدۇ. يەنە ھەم ئاللاھ مۆمىنلەرگە مېھرىباندۇر، چۈنكى سىلەرنىڭ بۇ گۇنايىڭلارنى ئاللاھ يەنە كەچىردى. ئاللاھنىڭ فەزلى كىرامى يەنلا مۆمىنلەرگىدۇر».
ئاللاھتەئالانىڭ مۆمىنلەرگە مىھرىبانلىقى شۇنداق ئىكەنكى. بۇ ئۇرۇشدا قىلغان گۇنالىرىنى ئەھفۈ قىلدى. يەنە ئۇلارنى كاپىرلارنىڭ قىلغان قەستلىرىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىدى. ئۇنداق بولمىسا، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇرۇشقا چىققان مۇسۇلمانلارنى قالدۇرماي ئۆلتۈرۈپ، قالغان مال دۇنيالىرىنى، خوتۇن بالا چاقىلىرىنى ئولجىغا ئېلىپ ئەسىر قىلماقچى ئىدى. بۇ ئىشنىڭ پەيتىمۇ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئاللاھتەئالا بۇنى خالىمىدى. پەيغەمبەرنىڭ ھۆرمىتىدىن گۇنالىرى كۈچۈرلۈپ، خاتالىرى ئەفۈ ئىتىلدى. ئەمدى مۇسۇلمانلارغا بۇ ۋەقەدىن چىققان ئىبرەت شۇ بولدىكى. ئۇرۇش بۇلوۋاتقاندا ئۆز ئارا ئىختىلاپ قېلىشنىڭ زىيىنىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش سېپىدە ئەڭ كېرەكلىك، زۆرۈر ئىش ئەسكەرنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىغدۇر.
ئىككىنچى. مۆمىنلەر ھېچ ۋاقىتت ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى، ئۇرۇشدا ئۆلۈپ شاھادەت تاپقان مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئەڭ ئەزىز مىھمېنىدۇر بۇ ئۇرۇش مەيدانىدا سەۋىر قېلىش كېرەكدۇر. بۇ ئوروندا باھادىرلىق، قورقماسلىق كېرەكدۇر. چۈنكى قورقوش ھۆرلىكىتىن يىراقلاشتۇرۇدۇ. باتۇرلوق تۈگىمەس دۆلەتگە يەتگۈزىدۇ. قورقاق يىگىتلەر ئاتا بۇۋىسىنىڭ ھۆرمەت شەرەپلىرىدىن ئايرىلىپ، دايىما كۈلكىگە قالىدۇ. ئۆزۋەتىنىدە ۋە ئۆز ئۆيىدە تۇرۇقلۇق غېرىب مۇساپىر بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرى دۈشمەنلەر قولىدا خارو ـ زارلىقدا قېلىپ ئۆلىدۇ.
ئۈچىنچى شەرت شۇكى. ئۇرۇش مەيدانىدا باشلىقنىڭ بۇيرۇقىغا قاتتىق ھۆرمەت قېلىشى لازىم. بېشى كېسىلىپ، قىنى تۆكۈلۈپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتىمۇ، باشلىقنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قېلىشى لازىم. يۇقىرىدا ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتنىڭ خۇلاسە مەنىسىمۇ شۇيەردە. ئاللاھ تائالا ئۇھود شېھىتلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىزنىڭمۇ گۇنالىرىمىزنى، ۋەتىنىمىزگەيول بېرىپ دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئاياق ئاستى قېلىشىغا يول بەرگەن بۇۋىلىرىمىزنىڭ گۇنايىنىمۇ كەچىرسون. دۇنيالىق، ئاخىرەتلىك بارلىق ئىشلىرىمىزنى ئاخىرقى ھېساپدا ئاللاھ تائالا ئۆزى ئوڭشىسون! ئامىن!

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش