ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » مىسىردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقسىز تۈركچە تىز تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

مىسىردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقسىز تۈركچە تىز تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى مىسىردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزرەك تۈركچە ئۆگىنىپ تۈركىيەگە كۆنۈشى، ئوقۇشقا كىرىشى ۋە خىزمەت تېپىشى قاتارلىق ئەمەلىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىككى ئايلىق ھەقسىز تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلغان ئىدى.

پىلانلانغان بويىچە، 7-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئارقىمۇ ئارقىدىن مىسىردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن 72 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 6 قارار گۇرۇپ ھالىتىدە تۈركىيەدىكى تۇنجى تۈركچە دەرسلىرىنى باشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ 72 قېرىندىشىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۈركىيەدىكى تۇرمۇشى، ئوقۇشى ۋە خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز. بۇ يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاكادېمىيەدە ئۆگەنگەن تۈركچىسى ۋە تۈركىيە ھەققىدە ئالغان مەلۇماتى بىلەن تۈركىيەدىكى يېڭى ھاياتىنى تېخىمۇ مەنىلىك ۋە غەلبىلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.

ئادەم تەربىيەلەش مۇقەددەس ۋە قېيىن ئىشلاردىن بىرى. ئاكادېمىيە بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچە دەرس بېرىدىغان تۈرك ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى تۆلەيدۇ ۋە تۈركچە كۇرسنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۇرسقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىز – ئوغۇل سانى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قىز – ئوغۇل سىنىپلىرى ئايرىم تەشكىللەندى.

كۇرس ئورنى ۋە دەرس ۋاقتى ھەققىدە

ئاكادېمىيە تەرىپىدىن مىسىردىن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان كونا – يېڭى بارلىق تۈركچە كۇرسلىرىنىڭ دەرس كۈنلىرى دۈشەنبەدىن جۈمەگىچە ھەپتىدە 5 كۈن ۋە دەرس سائەتلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دىن 1:00 گىچە كۈندە 4 سائەت قىلىپ بېكىتىلدى.

ئوقۇغۇچى سانىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن ئاكادېمىيەدىكى سىنىپنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن، دەرس ئورنى ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنىدىكى دۆلەت تارمىقىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەلدى.

دەرس ئۆتىلىدىغان ئورۇن: فاتىھ ئىسكەندەر پاشا باشلانغۇچ مەكتىپى

مەكتەپ ئادرىسى: ئىسكەندەر پاشا مەھەللىسى، ئۆكسۈزلەر كوچىسى، 5- نۇمۇر، فاتىھ (ۋەتەن جاددىسىدىكى خىزتورىيا سودا سارىيى ئارقىسىدا)

İskenderpaşa İlkokulu Adresi: İskenderpaşa Mahellesi, Özksüzler Sokak, No: 5, Fatih / Historiya AVM Arkası

تۈركچە كۇرسىغا تېخىچە تىزىملاتمىغان ئەمما ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرەلىشى ئۈچۈن يۈسۈپ پاشادىكى مەمتىلى مەمتىمىننىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، تىزىملاش ھەققى بىلەن كىتاب پۇلىنى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. (مەمتىلى مەمتىمىن يانفۇن: 05312763291، دىققەت: ئىش ۋاقتى سىرتىدا كەچلىرى ۋە يەكشەنبە كۈنى كۇرس ھەققىدە تېلىفۇن قوبۇل قىلىنمايدۇ.)

ئەسكەرتىش: بۇرۇنقى ئېچىلغان تۈركچە كۇرسلاردا تىزىملىتىپ قويۇپ كەلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلگەچكە يۇقارىقى تەدبىر ئېلىندى.

مىسىردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىش تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركچە كۇرسلار ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە داۋاملىق ئېچىلىدۇ.

تۈركچە كۇرسىغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرستىن سىرت تۈركىيە ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇشقا كىرىش ۋە خىزمەت تېپىش جەھەتلەردە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

تۈركىيەلىك تۈركولوگىيە ۋە تارىخ كەسپىدىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچىنى ياخشى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنى، تۈركىيە جەمىئىيىتىنى ۋە ئويغۇر تارىخىنى ئەتراپلىق تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

ئاكادېمىيە ئاچقان تۈركچە كۇرستا مىسىردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار سىرتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ ھەقسىز تۈركچە ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ.

ئىلاۋە: مىسىردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېچىلغان 2 قارار سىنىپتىكى 24 ئوقۇغۇچىنىڭ كىتاب پۇلىنى (بىر كىتاب 30 لىرادىن 24 كىتاب جەمىئىي 720 لىرا) ياردەم سۆيەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تۆلەپ بەردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن كىتاب پۇلى ئېلىنمايدۇ. 3- قېتىملىق تۈركچە كۇرسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئېچىلىدىغان تۈركچە كۇرسلارنىڭ كىتاب پۇلىنى تۆلەپ بېرىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار بولسا ياردەملىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان ھەر بىر تۈركچە سىنىپى ئۈچۈن تۈركچە ئوقۇتقۇچىغا ئايلىق 750 لىرا مائاش بېكىتىلگەن بولۇپ، 2 ئايلىق بىر سىنىپ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى مائاشىغا جەمىئىي 1500 لىرا سەرىپ قىلىنىدۇ. ياردەم سۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركچە كۇرسى ئوقۇتقۇچى مائاشىنى تۆلەشتە ئاكادېمىيەگە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز. بەرگەن ياردىمىڭىز سىز ئاشكارىلىمىغۇچە قەتئىي مەخپى تۇتىلىدۇ. ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

– ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىى بانكا ھېسابى:
تۈركىيە ئىش بانكىسى
ئىبان نومۇرى: TR 6100 0640 0000 1106 8093 1248
ھېساب نومۇرى: 1068-931248
ھېساب ئىگىسى: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
مۇشتەرى نومۇرى: 223926880
فېندىكزادە شۆبە كودى: 1068

2 ئايلىق تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى تەپسىلاتى: 

تۈركچە كۇرس مۇددىتى: 96 سائەت

كۇرس سەۋىيەسى: باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيە

تىزىملىتىش شەرتى: ئۇيغۇر قاتارلىق پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىدىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن قېرىنداشلار

دەرس كىتابى: تۈركچە ئۆگىنەيلى (Türkçe Öğrenelim)

تىزىملىتىش ھەققى: 30 تۈرك لىراسى (دەرسكە تولۇق قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش ھەققى مۇكاپات سۈپىتىدە قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.)

كىتاب پۇلى: 30 تۈرك لىراسى

سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سان چەكلىمىسى: 25 ئوقۇغۇچى

تېلىفۇندا تىزىملىغۇچى:  مەمتىلى مەمتىمىن (يانفۇن: 05312763291، ئەسكەرتىش: ئىش ۋاقتى سىرتىدا كەچلىرى ۋە يەكشەنبە كۈنى تېلىفۇن قوبۇل قىلىنمايدۇ.)

تۈركچە كۇرسىدا ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 4 سائەت بولۇپ، ئايدا جەمىئي 80 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

تۈركچە كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار مەمتىلى مەمتىمىنگە تېلىغۇن قىلىپ كۆرۈشۈپ، كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ كىرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كىرەك.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلى

2 ئايلىق تۈركچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە تۈركچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت تۈركچە تىل كېنىشكىسى بېرىلىدۇ.

ئادرىس: مىللەت كوچىسى، بۆرەكچى ۋەلى تار كوچىسى 4|38-نۇمۇر، چاپا، فاتىھ، ئىستانبۇل (چاپا تىرامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Türkçe Kitap

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركچە كۇرسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دەرس كىتابى

(ئىستانبۇل سۇلايمانىيە فىلىز كىتاب ئۆيى نەشىرى)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش