ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ”مەسنەۋى“ دىن دۇردانىلەر

”مەسنەۋى“ دىن دۇردانىلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

پادىشاھنىڭ ئۇچ ئوغلى

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ سەلتەنەتلىك پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى بولغان ئىكەن. بۇ ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئۈچىلىسى ھەم قەلەمدار ھەم ئەلەمدار چەۋەنداز ئەزىمەتلەر ئىكەن.

بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئۈچ ئوغلى دادىسىنىڭ ھوزۇرىغا كەپتۇ. پادىشاھ ئۆز ھوزۇرىدا نۇر چاچقان ئۈچ قۇياشتەك تۇرغان ئۈچ ئوغلىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى نۇرلىنىپتۇ ۋە ئوغۇللىرىغا تەبەسسەم بىلەن نەزەر تاشلاپتۇ.
ئوغۇللار ئۆز ئاتىسىغا ئۆز مەملىكىتىنىڭ پۈتۈن يەرلىرىنى ئايلىنىپ كىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىغىنى ئىزھار قىپتۇ ۋە بۇنىڭغا شاھ ئاتىسىنىڭ رۇخسەت بىرىشىنى ئىلتىجا ئەيلەپتۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىنىڭ بۇ تەكلىپىنى سەمىمىي قوبۇل كۆرۇپ رۇخسەت قىلىپتۇ ۋە يولغا چىقىش ئالدىدا ئۇلارغا مۇنداق نەسىھەت قىلىپتۇ.
”نەرگە بارساڭلار بىرىڭلار، بۇنىڭغا رۇخسەت. ئەمما، ”ئەقىلنىڭ قاپقىنى“ دېگەن يەرگە زىنھار بارمىغايسىلەر. ئۇ يەردىن ئۆزەڭلارغا كىلىدىغان خەيىم-خەتىرىدىن ساقلىنىڭلار“ دەپتۇ.

شاھزادىلار شاھ ئاتىسى بىلەن خوشلۇشۇپ، ۋەتىنىنىڭ بارلىق يەرلىرىنى ئايلىنىپتۇ. ئەمما، ئۈچ ئوغۇلنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەقلى-پىكرى ئاشۇ ئاتىسىنىڭ ”بارماڭلار“ دېگەن ”ئەقىلنىڭ قاپقىنى“ دېگەن يەردە ئىكەن. ئۈچىلىسى ئاشۇ يەرگە بىر بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى كەپتۇ. نىھايەت بىر كۈنى چىدۇغۇچىلىگى قالمىغان بۇ ئۈچ شاھزادە ئاشۇ دېگەن يەرگە قاراپ ئات ساپتۇ.

بۇ يەردە بىر بىھەيۋەت قەلئە بار بولۇپ. قەلئەنىڭ دېڭىزغا قاراپ تۇرغان بەش دەرۋازىسى باركەن. قۇرۇقلۇققا قاراپ تۇرغان بەش دەرۋازىسى باركەن. شۇنداق قىلىپ ھەممىسى بولۇپ ئون دەرۋازىسى بار قەلئە ئىكەن. ھەر دەرۋازا ئالدىدا پەرىدەك گۈزەل بىر ساھىپجامال قىزنىڭ رەسىمى ئىسىلغان ئىكەن. بۇ ئۈچ شاھزادىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ پەرى قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئالدىدىكى بەش دەرۋازىدىكى رەڭ ۋە پۇراقلاردەك زاھىر بولغان ھېسلار، قالغان بەش دەرۋازىدىكى ئىچكى تۇيغۇلارغا ئوخشايدىغان سىرنى ئاچاتتى. ئەمما ئۇلار سۈرئەتنى كۆرۇپ ھەممە ھېس تۇيغۇلىرى ئىشلىمەس بوپتۇ. ئەقىل كۆزى كۆر بوپتۇ.
بۇنىڭ بىلەن ئۈچىلىسى ئاشۇ شاھىپجامالنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ. ئەمما ئۈچىلىسى ئۇ قىزنىڭ ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. ئارىدىن كۈنلەر ئۆتۇپتۇ. ئايلار ئۆتۇپتۇ. يىللار سۇدەك ئىقىپ كىتىپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى بىر بوۋاي ئۇ رەسىمگە قاراپ، بۇ قىزنىڭ چىن پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى ئىكەنلىگىنى ئىيتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاتلىرىنى ئاشۇ ئۇزاق ماكانلارغا چاپتۇرماقچى بوپتۇ، ۋە لېكىن چوڭ شاھزادە ئازراق ئويلۇنۇپ مۇنداق دەپتۇ: ”ھەي قىرىنداشلىرىم، بىز بۇرۇن باشقىلارغا نەسىھەت قىلاتتۇق. خەلقنىڭ ئەرزى-ھالىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ”قىيىنچىلىق چاغلاردا سەۋر قىلىڭلار، سەۋر بەختنىڭ ئاچقۇچى.“ دەيتۇق. ئەمدى بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەنە ئاشۇ بىزدىكى سەۋر قەيەردە قالدى؟ قىنى ئۇ ئۇلۇغ مىزان؟ ئەسكەرلەر جەڭدە ئۇمىدسىزلىككە چۇشكەندە، ”غەيرەت قىلىڭلار ئەزىمەتلەر! باھادىرلىقىڭلارنى نامايەن قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى!“ دەيتۇق. ئاتلار بىر بىرلىرى بىلەن چىرماشقان، شۇنچە كېسىلگەن باشلار يەرگە توكۇرلاپ چۈشكەن ئاشۇ جەڭگاھلاردا باتۇر ھەم غەيۇرلۇقىمىزنى كۆرسۈتۈپ ئىگىز كۆتەرگەن تۇغ ئەلەملىرىمىز، قىلىچ ۋە مىزراقلىرىمىز نەردە؟ ھەي قىرىنداشلىرىم ئۆزىمىزدىن خىجىل بولايلى. باشقىلارغا نەسىھەت قىلغاندا ”ھاي ھاي“ دەپ ئۆزىمىزگە كەلگەندە خوتۇن كىشىدەك ”ۋاي، ۋاي“ دەپدۇق. باشقىلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولىدىغان بىز ئىدىق. ئەمدى ئۆزىمىز دەرتكە پاتتۇق“ دەپتۇ. ئەمما، يەنە ئاشۇ گۈزەل سۈرئەتكە چوقۇنۇپ، ئۈچىلىسى ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن، مىھرىبان ئاتا ئانىسىدىن، سۆيۈملۈك خەلقىدىن ئايرىلىپ، توغرىدىن ۋە سەۋردىن ۋاز كىچىپ، مەجھۇل سۆيگۈنىڭ يولىغا راۋان بولۇپ، چىن تەرەپكە ئات ساپتۇ.

بۇ ئۈچ شاھزادە چىنغا بىرىپ، ئۈچى ئۈچ تەرەپتە خۇددى قۇشلاردەك دان ئىزدەشكە باشلاپتۇ. ئۇلار شۇنچە ئامال قىلغان بولسىمۇ مەلىكە بىلەن كۆرۇشۇش ئىمكانىغا ئىگە بولالماپتۇ. ئاخىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ سەۋر تاقىتى تېشىپ مۇنداق دەپتۇ: ”ھەي جېنىم قىرىنداشلىرىم، مېنىڭ ئەمدى ھېچ چىدۇغۇچىلىگىم قالمىدى. بۇ سەۋر ماڭا دۈشمەن بولۇشقا باشلىدى. بۇ ماڭا ئىبرەت بولسۇن. مەن پادىشاھ ئوردىسىغا مەجبۇر بولسىمۇ كىرىمەن“ دەپتۇ. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىككى قىرىندىشى: ”سەن بۇ گەپلەرنى دەپ يارىمىزغا تۇز سەپمە. بىزنىڭ جانىمىزدا كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك جىق سۆزلەر بار. ئەمما، سۆزلىسەك سېنىڭ ئىچىڭ دەرتكە تولىدۇ. دېمىسەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر ئۇمىد يوق. دەيلى دېسەك دىيىشكە ئىجازەت يوق“ دەپتۇ. بۇ سۆزلەرگە قۇلاق ئاسمىغان ئاكىسى قىرىنداشلىرى بىلەن ۋىدالىشىپ ”مۇھەققەق بۇ دۇنيانىڭمۇ، دۇنيا ماللىرىنىڭمۇ بىر قەدىر-قىممىتى يوق“ دەپتۇ ۋە يايدىن چىققان ئوقتەك ئۇدۇل پادىشاھ قەسىرىگە قاراپ كىتىپتۇ. ئاخىرى ئامال قىلىپ پادىشاھ ھوزۇرىغا بىرىپ پادىشاھقا ئۆز ھالىنى ئىزھار ئەيلەپتۇ. پادىشاھنىڭ بارلىق ئەھۋاللاردىن ئەلۋەتتە خەۋىرى بار ئىكەن. يالغاندىن ھېچ بىر ئىشنى بىلمەس بولىۋالغان ئىكەن.
شاھزادە: ”ھەي ئۇلۇغ شاھ! سېنىڭ پەرمانىڭ ئۇلۇغدۇر. قولۇڭ بىلەن بۇ دۆلەت ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى ئوينۇتۇپ تۇرۇپسەن. ئەنە ئاشۇ مۇبارەك قولۇڭ بىلەن مېنىڭ بۇ دەردلىك بېشىمنى ئوڭشاپ قويساڭ“ دەپ ئىلتىجا قىپتۇ.

پادىشاھ: ”سەن شۇنچە ئۇزاقلاردىن كەلگەن بىر مېھمان. بىزدىن نېمە ئىستېسەڭ ئىستە. ئەگەر زىيان تارتقان مال-مۆلۈكۈڭ بولسا زىيانىڭنى تۆلەپ بېرەي. ئەگەر مەنسەپ ئىستىسەڭ مەنسەپ بېرەي“ دەپتۇ.
يېنىدا قول قوشتۇرۇپ تۇرغان ۋەزىر ئەزەم گەپكە ئارلىشىپ: ”ھەزرىتى ئالىيلىرىدىن شۇنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلۇرمەنكى، ئەگەر ئىجازەت بەرسىلە مەن ئازراق ئىشنىڭ باش ئايىغىنى ئىزاھلاپ ئۆتەي“ دەپتۇ ۋە ئىجازەتتىن كىيىن ئۆز سۆزىنى مۇنداق ئىزھار ئەيلەپتۇ: ”ئۇنىڭ دەردى ئاشىقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق نەرسە ئۇنى مۇرادىغا يەتكۇزەلمەيدۇ. ئۇ ئاشىق ئۇچۇن مال-دۇنيادىن، مەنسەپتىن، شۆھرەت ۋە سەلتەنەتتىن ۋاز كېچىپ موشۇ سەرسانلىق يولىنى تاللىغان. ھەتتا ئۇنىڭ كۆڭلىدە پادىشاھلىق سەۋداسىمۇ يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ شاھزادىلىقتىنمۇ ۋاز كەچكەن. ئەمما، ئىستىبداتلىق (ھاكىم مۇتلەقلىك) پادىشاھلىققا ئىگە قىلىدۇ. جان بولمىسا بەدەندە ئىستىبداتلىق بولامدۇ؟ سەن پادىشاھنى ئوۋلاش ئۈچۈن كىلىپ ئۆزەڭ ئوۋ بولىدىغان بولدۇڭ. پادىشاھنىڭ ساڭا قىلغان ياخشىلىقى سېنى بەربات قىلىپ يوقۇتىدىغان بولدى. سېنىڭدەك ئوۋچى ئوۋغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلىماي تۇرۇپ، ئۆزەڭ ئوۋلىنىدىغان بولدۇڭ.“

شاھزادا بولسا پادىشا ۋە ۋەزىر ئەزەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭقىتىپ قاپتۇ. ئاڭزىنى ئىچىپ گەپ قىلىشقا جۇرەت قىلالماپتۇ ۋە ئەقلىگە مۇنداق ئويلا كەپتۇ: ”ئەگەر بۇ مەنا بولسا، سۇرئەت نەردە؟ ئەي تەن، ئەمدى بۇ جاندىن كەچ! كەچمىسەڭ ئۆزەڭگە باشقا بىر جان تاپ.“

شۇنداق قىلىپ شاھزاد بىر مۇددەت پادىشاھ قەسىرىدە قاپتۇ. ئەمما، كۆڭلى كۆيۈپ كاۋاپ بوپتۇ. ئاخىرى جېنىنى بېرىدىغاندەك بىر ھالدا: ”پادىشاھ ھەر كىمنىڭ كاللىسىنى بىر قىتىم كىسىدۇ. مېنىڭ كاللام پادىشاھىمغا يۇز مەرتەم قۇربانلىق بولسۇن! مەن مال دۇنيارىم يوق بىر گادايمەن. ئەمما، شەرەپكە تولغان بىر بەندىمەن. بۇ پىقىر بېشىم مىڭلەرچە باشقا تەڭ كىلۇر“ دەپتۇ ۋە دەردكە تولغان بىر كۆڭۇل بىلەن ئەجەل شارابىنى ئىچىپتۇ.

ئاكىسىنىڭ ئۆلۇم خەۋىرىنى ئالغان ئىككى قىرىنداش قاتتىق ئىزدىراپ چىكىپتۇ ۋە كىچىكى ئاغرىپ يىتىپ قاپتۇ. ئوتتۇرانجىسى ئوردىغا كىرىپ ئاكىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ۋىدالىشىش ئۈچۈن جىنازە نامىزىغا قاتنىشىپتۇ.
دەپنە مۇراسىمىدا پادىشاھ ئوتتۇرىجە شاھزادىنى كۆرۇپ: ”بۇ مەرت يىگىت كىم؟ بۇمۇ دېڭىزدىكى بىر بېلىقتەك قىلىدۇ.“ دەپ سوراپتۇ.

ۋەزىر ئەزەم: ”بۇ يىگىتمۇ دادا بىر رەھمەتلىكنىڭ ئىنىسى بولىدۇ“ دەپتۇ.

پادىشاھ ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ: ”سەن بىزگە ئاكاڭنىڭ ئامانىتى!“ دەپ، ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىزھار قىپتۇ.
ئورۇقلاپ، ھالسىزلىنىپ كەتكەن شاھزادە پادىشاھنىڭ ياخشىلىقىدىن باشقا ۋە ۋۇجۇدىدىن، جانىدىن باشقا يەنە بىر جاننى كۆرۈپتۇ. كۆڭلىدە شۇنداق بىر ھېس پەيدا بوپتۇكى، مىڭلەرجە جەۋىر زۇلۇم تارتىپمۇ بۇنداق بىر ھېسقا ئىگە بولالمايتىكەن. ئاخىرى شاھزەدە مۇنداق دەپتۇ: ”مەنمۇ بىر پادىشاھ ئەۋلادى. ئۇنداقتا مەن نېمە ئۈچۈن بۇ پادىشاھقا شۇنچىلىك قول قويۇپ كەتتىم؟ مادەمكى مەنمۇ بىر ئاينىڭ نۇرى ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن توپىغا مۇلۇنۇپ كەتتىم؟ ئەمدى بېشىمنىڭ ئاغرىغى ساقايدى، ئۇنداقتا مەنمۇ بىر يېڭى يول تاپاي.“ دەپ ئۆز ئۆزىدىن غۇرۇرلىنىپتۇ. بۇ تەككەبۇرلۇقنى سەزگەن پادىشاھنىڭ كۆڭلى غەش بوپتۇ. كۆڭلى يېرىم ھالدا مۇنداق دەپتۇ:“ ئەي ئەدەپتىن مەھرۇم قالغان پەسكەش، ئەجابا ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى مۇشۇما؟ ساڭا مەن ئەڭ ئېسىل غەزىنەمنى ئاچسام، سەن ماڭا خەسىس بىر خۇينى تەڭلىدىڭ. مەن سېنىڭ قۇچۇقۇڭغا قىيامەتكىچە پاتمايدىغان بىر ئاينى قويسام. سەن مېنىڭ پارىلداپ تۇرىدىغان نۇرلۇق ئىھسانىمغا قارشى، كۆزۇمگە تىكەن سانجىپ، توپا چېچىشنى مۇناسىپ كۆردۈڭ. مەن ساڭا كۆككە چىقىشقا شوتا قويسام، سەن مېنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن قولۇڭغا ئوقيا ئالدىڭ.“

پادىشاھنىڭ بۇ دەردلىك نىدالىرى شاھزادىغا تەسىر قىپتۇ. ئابايقى خوشاللىرى بىردەملىك بۇلۇتتەك تارىلىپ كىتىپتۇ ۋە ئۆز يۇرتىنى ئويلاپ غەمگە پىتىپتۇ. ئۇ ئىزتىراپ ئىچىدە ھوشۇنى تىپىپتۇ. ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرى سەۋەبىدىن بېشىنىڭ ئاغرىغى ئىشىپتۇ. ئۆكۈنۈپ، كۆز ياشلىرى ئىقىتىپ نىدا قىپتۇ: ”ئەي رەب! مېنىڭدەك بىر ئارسلاننى ئۆكۈزنىڭ قۇيرىقىغا ئەسىر قىلدىڭ. پادىشاھقا ئەسكى مۇئامىلە قىلدىم. ھاكاۋۇرلۇقىمدىن بۇغداينى دەپ قىلتاققا چۈشتۈم“ دەپ كۆڭلى توۋبە بىلەن ھەققە يار بوپتۇ. ئەمما، شاھزادە ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەي ۋاپات بوپتۇ. شاھزادىنىڭ ئۆلىمىگە پادىشاھ بەكمۇ ئۈزۈلۈپتۇ.

ئۇچىنچى شاھزادە ھەممىسىدىن ئەقىللىق ھەم سەۋرچان بولۇپ سۈرئەت ۋە مەنا جەھەتتىكى مۇكاپاتقا ئۇ ئىرىشىپتۇ. مەلىكىگە ۋە دۆلەتكە ھاكىم بوپتۇ ۋە ئاخىرى ئۇزاقلاردىكى چىن سىپىلى ئىچىدە غايىپ بولۇپ، توزغاقتەك توزۇپ، تۇپراققا قوشۇلۇپ كىتىپتۇ.

ئۆز يۇرتىدىكى شاھ ئاتىسى ئۆز ۋاقتىدا ئۈچ ئوغلىنىڭ ئۆز نەسىھەتىنى ئاڭلىمىغانلىغىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر ئازاپ ئىچىدە تەختى راۋاختىن، سەلتەنەتتىن ۋاز كىچىپ، قەدىناس رەپىقىسى بىلەن ھەقىقى ئاشىققا ئەسىر بوپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسالامدەك ئوت ئىچىدىكى گۈلىستانغا تالىپ بوپتۇ. سەۋر ئىچىدە ئىسمايىلدەك راھەتلىك بىلەن ئاشىق پىچاقىغا بوينۇنى سۇنۇپتۇ.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئاممۇخاس!

بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بىر ھېكايە ھە!

”مەسنەۋى شەرىپ“ تىن ئىبارەت بۇ كىتاب مانا مۇشۇ ئاخىرى يوق ھېكايە ئارقىلىق ئاخىرلىشىدۇ.
جالالىدىن رۇمىنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلەد دادىسىدىن، شاھزادە ھېكايىسىنى نېمە ئۈچۈن ئاخىرلاشتۇرمىغانلىغىنى سورىغاندا، جالالىدىن رۇمى تۆۋەندىكى بەش بېيىت ئارقىلىق جاۋاپ بەرگەن.

ئاخىرقى بەش بېيىت:

بۇنىڭ ئىزاھاتى باردۇر، لېكىن كۆڭۇل باغلاندى،
ئەمدىلىكتە سىرتقا بىر نەرسە مەيدانغا چىقمايدۇ.

شاھزەدىلەرنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرى قالدى،
3-شاھزەدىنىڭ ھېكايىسى تولۇق سۆزلەنمىدى.

سۆز سۆزلەش قابىلىيىتىم تۆگىدەك ئۇيقۇغا كەتتى.
ئەمدى مەنمۇ سۆزلىمەيمەن، ئاغزىمنى يۇمدۇم.

قالغان سۆزلەر تىلسىز ھالدا،
جانلىرى تىرىك بولغاننىڭ كۆڭلىگە ئايان بولسۇن.

ئۇخلاۋاتقان تۆگە سىرلارنى سۆزلىيەلەمتى؟
كۆچۈپ كىتىش زامانى يېتىپ كەلدى. ئىرىقتىن ئاتلىشىم كېرەك!

ھېكمەتلەر:

كۆزۇڭنى ھەقنىڭ گۈزەللىگىدىن باشقىغا بۇرۇما.
ئىنسان ”قىلما“ دېگەن ئىشنى قىلىشقا ھېرىسمەندۇر.
قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەقىلنى ئۆزەڭگە رەھبەر ئەيلە.
گۈلدىكى تىكەندىن ھەزەر ئەيلە.
ئېغىلدا ئۆكۈزنىڭ ئورنىدا بىر ئېشەك كۆرسەڭ، دەرھال گۇماندا بول.
كۆڭۈلنى ئايدىڭلاتقان ئەقلىڭدىن ئېزىپ، كۈپ كۇندۈزدە قاراڭغۇلۇقتا قالما.
سۈرئەتنى كۆرۈپ ھەرگىز ھوشۇڭنى يوقاتما.
يا مۇزەكپەر بول، ياكى مۇزەكپەر بولغاننى تاپ.
ئەقىل ئاچقۇچى بولمىسا، سىرلارنىڭ ئىشىكىنى ئاچىمەن دىيىش قۇرۇق بىر ھەۋەستىن ئىبارەت.
پۈتۈن دۇنيادىكى لەززەتلەر ھىلېدىن ئىبارەت.
قوي يايلاقتا ئوتلىسا، پادىچى ئۇنىڭغا كۆز قۇلاق بولسۇن.
قازاننىڭ تىشى ئوتنىڭ سۈرەتى بولسا، ئىچىدىكى مەناسىدۇر.
كۆڭۈلدىكى زەرىچىلىك بىر ھۈنەر، ئادەتتىكى مىڭلەرچە ھۈنەردىن ياخشىدۇر.
كۆڭۈل كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەر نەرسە ھەقىقى نەرسىدۇر.

ئاشىق ماكانسىزلىق ئالەمىدە ھارارەتنىڭ مەنبەسى. ئۇنىڭ بىر ئۇچقۇنى بىلەن يەتتە دوزاقنى تۇمان قاپلايدۇ. ئاشىق ئوتى دوزاق ئوتىنى ئۆچۈرىدۇ. شۇڭا دوزاق ئوتى شۇنداق دەيدۇ: ”تىز ئۆچ! بولمىسا ئوتۇڭ بىلەن ئوتۇمنى ئۆچۇرۋىتىسەن.“

ھەممە نەرسە تۇپراقتىن ۋۇجۇتقا كىلىدۇ. يەنە ھەممە نەرسە قايتىدىن تۇپراققا ئايلىنىدۇ.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1113

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش