ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىستىخبارات ۋە تېرور ئويۇنلىرى

ئىستىخبارات ۋە تېرور ئويۇنلىرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

مەتمۇسا

بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئاخبارات توپلاش (ئىستىخباراتنىڭ) ئاساسىي خىزمىتى بولغان بولسا، زامانىمىزدا بۇ ئورگاننىڭ رەسمىي پائالىيەت مەيدانى توپلۇم (جەمىيەت) ئىنژىنېرلىقى دەپ ئاتالغان توپلۇمنى يۆنلەندۈرۈش ھالىتىگە ئۆزگەردى. ئاخبارات توپلاش بولسا مەخپىي پائالىيەت بولۇشتىن قالدى، ئوتتۇرىدا كېزىپ يۈرگەن ئوچۇق ئۇچۇرلارنى باھالاش بۇ ئىشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىشقا باشلىدى. مەسىلە، خەۋەرلەرنىڭ يېتەرلىك بولۇش بولماسلىقى ئەمەس، بۇنىڭ توغرا ھالدا باھالىنىشىدۇر. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھىچقانداق نەرسىنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەڭ مەخپىي قارارلارمۇ مۇتلەق رەۋىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەي قالمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەمەلىيلىشىشلەرنى توغرا باھالاپ چىقالىغاندا، ئېلىنغان قارارلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەشكىلى بولۇدۇ. ئىستىخبارات — بۇ ئورگاننىڭ تەركىۋىدىكى كەسپدارلارنىڭ چېچەنلىكى ۋە بىلىم سەۋىيىسىگە باغلىق ھالغا كەلدى.
بىر دۆلەتتە باشقۇرغۇچى ھەرقاچان يەككەدۇر ۋە بۇ كۆپ ھاللاردا تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئۆزى بولۇشى ناتايىن. سىياسىي ھاكىمىيەت ئۇلارنىڭ ۋاسىيلىقىدا بولۇپ، باشقۇرغۇچىدەك كۆرۈنگەن كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. بىر دۆلەتتە (ئەسلى) باشقۇرغۇچى كۈچنى ئېنىقلاش تەس. چۈنكى خېلى كۆپ دۆلەتتە بۇ كۈچ شۇ دۆلەتنىڭ ئىچىدە بولۇشىمۇ ناتايىن. دۇنيادىكى ئىككى يۈز ئەتراپىدىكى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە ئىجراغا قويۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىش پەقەتلا گۆدەكلىك بولۇدۇ.
بۇ يەردە ئىككى ئوخشىمىغان نۇقتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋالماق كېرەك. ھەر دۆلەت قارار چىقىرىشتا شەرتلەرنى نەزەردە تۇتۇشقا مەجبۇر ۋە بۇ سەۋەپتىن خالىغىنىنى قىلالمايدۇ. بۇ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق. بۇنداق بىر ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا قارار قىلغۇچى كۈچ شۈبھىسىزكى، دۆلەتنىڭ ئىچىدە بولغان بولۇدۇ. ئەمما يەنە خېلى كۆپ ئەھۋاللاردا بۇ شەرتلەرنى ھىساپقا ئېلىشنىڭمۇ چېگرىسىدىن چىقىپ، توغرىدىن توغرا باشقىلارنىڭ خاھىشلىرىنى ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەۋىيىسىگىچە چۈشۈپ قالۇدۇ. بۇ ئىككى خىل ھالەتنى بىر بىرىدىن ئايرىش تەس بولسىمۇ، مۈمكىنسىزمۇ ئەمەس.
ئەگەر دۇنيادا ئەلقائىدە دەيدىغان بىر تەشكىلات بولسا ۋە CIA ئۇنىڭغا تاقابىل كېلەلمەيۋاتقان بولسا، دېمەك ئامېرىكا يېمىرىلىش باسقۇچىغا كىرىپ قالغان بولۇدۇ؛ باشقا بىر مەخپىي ئورگان ئۇنى ئۇچىنى تاپقىلى بولمايدىغان چىگىش يىپ توپى بىلەن ئويناشقا مەھكۇم قىلغان بولۇدۇ. ئەمما، مەن CIA نىڭ بىر ئادىمىنىڭمۇ بۇ تەشكىلاتنى تۇتۇش كويىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.
مەسىلەن، غەرپتىكى ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى بىر سولچى، بىر ئوڭچى، بىر فاشست، بىر كوممۇنىست تەشكىلاتقا سىڭىپ كىرىدۇ، ئۇنى قوللۇنۇدۇ. سولچىنى ئوڭچىغا، كوممۇنىستنى فاشىستقا ئۆلتۈرگۈزۈدۇ، ئۆلتۈرگۈچىلەر بولسا ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىغا ئىشىنىدۇ. بۇ ئىشلار مانا مۇشۇنداق بارىدۇ. قوللۇنۇلغان ئادەملەر بۇنى ئەسلا سېزەلمەيدۇ ۋە ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنىمۇ بىلەلمەيدۇ.
دۇنيادىكى چوڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى تېرورچى تەشكىلاتلارنى [قورال سۈپىتىدە] قوللۇنۇدۇ. ھەر دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، قۇرۇلمىنى كونترول قىلىدۇ، بىر تۈركۈم ئادەملەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ئەمما ئىشىغا ياراۋاتقان مۇددەتتە تەشكىلاتنى يوقاتمايدۇ.
دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بىر تالاي تېرور ھەركەتلىرى كۆرۈلۈۋاتقان بولسا، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر ئىستىخبارات ئويۇنى باردۇر. ئەكسىچە بولغاندا بىر مەنتىقسىزلىق بىلەن يۈزمۇ-يۈز بولغان بولۇمىز. مەخپىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن يوغان-يوغان پۇل خەجلىگەن كەسپلەشكەن كۈچلەر بىر ئۇچۇم تومپاينىڭ قارشىسىدا يېڭىلگەن بولۇدۇ. بۇنداق بىر ھالنى قوبۇل قىلسىڭىز ئۇ ھالدا دېيىشىڭىز مۈمكىنكى«شۇنداق، تېرور سىستېمنىڭ تېشىدا ۋە بۇ يەردە ئىستىخبارات ئورگىنى يوق». ئەمما شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇسىز: بۇ ئىش ئۈچۈن تەربىييىلەنگەن، باش قاتۇرغان، ھاياتى چېچەنلىك ئويۇنلىرى بىلەن ئۆتكەن، پۈتۈن دۇنيانىڭ كەسپ ئەھلىللىرى بىر قانچە ئادەم قۇرغان تەشكىلاتلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇۋاتىدۇ.
ئەمما مەن دەيمەنكى، تېرورچى تەشكىلاتلار مەۋجۇت بولغان ھەر يەردە ئىستىخبارات پائالىيىتى بار.
ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ تېرورچى تەشكىلاتلارغا قانداق ئىھتىياجى بولار؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. تېرورچى تەشكىلات دېيىلىدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچ تۈرلۈك بولۇدۇ: بىرى، مەلۇم كىشىلەرنى يوقاتماقنى مەخسەت قىلىدۇ.چۈنكى بۇ مەلۇم كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇلارنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن توسالغۇدۇر. بۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ يوقۇتۇلۇشى شەرت. بۇلار ئۈچۈن كېننېدى ۋە گەندىنى مىسال قىلىشقا بولۇدۇ.
ئىككىنچى تۈردىكى تېرورلۇق ئىشى، مەلۇم كىشىلەر ئارقىلىق توپلۇمغا سىگنال بېرىشتۇر.يەنى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ شەخسەن ئۆزى نىشان ئەمەس. پەقەت ئۇنىڭ كىملىكى ۋە شەخسىيىتى سەۋەبىدىن سۈيقەستكە قۇربان قىلىنىشى — ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمدەك — پەقەت خەلقارا تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇدۇغان خاراكتېردا بولغىنىدا ئەھمىيەتلىكتۇر. [بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان ئاۋسترىيە شاھزادىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئوخشاش] ئەكسىچە كىملىكى ۋە شەخسىيىتىگە قارالمىسىمۇ بولۇدۇ. تۇرغان ئورنى ئىتىبارى بىلەن سۈيقەست پىلانىنىڭ بەك كۆپ مەخسەتكە خىزمەت قىلغان قىلمىغانلىقىغا قارىلىدۇ. نىشانلانغىنى بىر سىياسىي مەساجدۇر. يەنى، ئاممىنى بەلگىلىك تەرەپلەرگە قاراتماق، يەتمەك ئىستەلگەن نىشان ھەققىدە كىشىلەرنىڭ زېھىنلىرىنى يۆنلەندۈرمەكتۇر.
مەسىلەن، نىشان شۇنداق تاللىنىدۇ: بىر نەپەر ئاتاتۈركچى تېپىڭ!… ئىسىم كېيىن بەلگىلەنسىمۇ بولۇدۇ. تەشكىلات بۇنى ئۆزى تاللىسىمۇ بولۇدۇ. يوقۇرىدىن بېرىلگەن بۇيرۇق ھەرقانداق بىر كىشى بىلەن ئالاقىدار بولماسلىقىمۇ مۈمكىن. پىلان ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە تاللانغان كىشى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. جامائەت پىكرى ۋە سىياسىي مىخانىزىم ئىستەلگەن يۆنۈلۈشكە يۆنلەندۈرۈلۈدۇ.
[بۇنىڭدا ئاتا تۈركچىلەر دىندارلار جامائىتىنى قارىلىماقچى بولغىنىدا ئۆزلىرى تونۇلغان ئاتاتۈركچىدىن بىرنى قۇبانلىق قىلىپ، ئاندىن بۇنىڭ گۇناھىنى دىندارلارغا يۈكلەپ، قانۇنىي ۋاسىتىلار ئارقىلىق ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇدۇغان كوزېر قىلىشلىرى مۈمكىن؛ ياكى باشقا بىر جامائە ئاتا تۈركچىلەرنى يامانلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئۆز جامائىتى ئىچىدىكى بىرىنى ئۆلتۈرگۈزۈشلىرىمۇ مۈمكىن]
ئۈچىنچى خىل ھەركەت ئاممىغا قارىتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ھەركەتلەردە ھىچبىر شەكىلدە كىملەرنىڭ قۇربانلىق قىنىشى موھىم ئەمەس. بارىسىز، ئىنسانلار توپلاشقان يەرلىرىدە ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇسىز. بىرمۇنچە ئىنسان ئۆلۈدۇ؛ سولچىسىمۇ، ئوڭچىسىمۇ، دىدارىمۇ بار،… ھەممىسىگە زىيان يەتكۈزىسىز. بۇ ئاممە ئارىسىدا قورقۇنچ پەيدا قىلماق ئۈچۈن، خەلقنى بەلگىلىك بىر نىشانغا قاراپ ھەيدىمەك ئۈچۈن قىلىنىدۇ. [ئاممە ئارىسىدا قورقۇنۇچ پەيدا قىلماق ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بەزىدە دورىدەكلا لازىم بولۇدۇ. مەسىلەن: دۆلەت ئىچىدە ھاكىمىيەتتىكىلەرگە قارشى ئۆكتىچىلەر ئەدەپ كەتسە، مانا شۇنداق ئومۇمىي بىر خەۋپ سىگنالى بېرىلىپ، ئۇلارنى دۆلەت ھاكىمىيىتى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، خەتەردىن ئۆتۈۋېلىش ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قارار ئېلىشى قولغا كەلتۈرۈلۈدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلق يەككە شەخس سۈپىتىدە ئامان قېلىشقا كۆزى يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشنى ئۆز ئەقىللىرى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئۆكتىچىلىك تۇتۇملىرىنى ۋاقتىنچە بولسىمۇ قويۇپ تۇرۇدۇ]
مەسىلەن، قوشماق بىنالارغا تارىخىي بىر ھۇجۇم بولۇپ ئۆتتى. ئامېرىكا خەلقىنى، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك بىر ھەركەتكە كۆندۈرەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن ئىدى. خەلق ئۆزلىرىگە قارشى دۈشمەنلىك پائالىيىتىنى دەھشەتلىك بىر شەكىلدە كۆرگەندىن كېيىن، — بەلكىم بەك بۇرۇندىن پىلانلانغان — ئوپېراتسىيەلەرنى ئېلىپ بېرىشلىرى ئۈچۈن دەستەك بېرىشتى. باشقا تۈرلۈك دېسەك: «رازىلىق يارىتىلدى».
دەيلىكى، خىتاي بۈگۈن بەك چوڭ بىر كۈچ بولۇپ، تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسۈتۈشكە باشلىدى. ئەمما بۇ ھالدا ئامېرىكا ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى شۇنداق تەسىرگە ئۇچرىتار ۋە باشقۇرۇدۇكى، بىردىنلا ئىچكىي مەسىلىلىرى بىلەن ھەپىلەشمەكتىن، دۇنيا بىلەن ھەپىلەشكۈدەك ھالى قالماس.
مەسىلەن، خىتاي بىر مىليارت نوپۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسان كۈچى سانىلىدۇ. بۇ قەدەر غولغۇن بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن تېرور تەشكىلاتى يوق؟ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدەك ئاجىز ھالقىسى كونترول ئاستىدىكى ئىقتىسادى بار. تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېشىدا ھەركەت قىلىشقا ئۇرۇنغان ھامان، ھەپىلىشىشكە مەجبۇر بولۇدۇغان مەسىلىلىرى تېخىمۇ يوغۇناپ كېتىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تىزگىنىنى ئامېرىكا قولدا تۇتماقتا، خالىغان ۋاقىتتا قىسالايدۇ.
دەل تەتۈر خىيال بىلەن خىتاي-رۇسىيە ئارىسىدا مۇقابىل ۋە ئورتاق مۇناسىۋەت بارلىقىنى پەرەز قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ھىچقانداق مەنىسى يوق. رۇسىيە بۇشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بەزى-بەزىدە ئاسىيادا بىر تەھدىت مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسۈتۈش مەخسىدىدە بىرمۇنچە كۆرەك كۆرسۈتۈدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ: «قاراڭ، قارشىمىزدا چوڭ كۈچلەر بار، بىزگە قارشى بىرلەشمەكتە. قورال سانائىتىگە مەبلەخ سېلىشىمىز كېرەك. بولمىسا تەھدىت ئاسىتىدا سىز، ئەي ئامېرىكا خەلقى!» دەيدۇ ۋە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈدۇ. رۇسىيە ھەربىي جەھەتتىن پات-پات ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىشقا مەجبۇر. بۇ بۇش ئۈچۈن قوللاش دېمەكتۇر. بۇشمۇ بۇ قوللاشتىن پايدىلىنىپ، قورال سانائىتىگە مەبلەخ سالۇدۇ، مۇداپىئە چىقىمىنى ئارتتۇرۇدۇ.
ئىنسانلارنى بىر نەرسىگە ئىشەندۈرمەك ياكى بىر ھەركەتكە ماقۇل قىلماق ئۈچۈن يا نەسىھەت قىلىنىدۇ، يا نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلۈدۇ. ئەگەر يېتەرلىك كۈچىڭىز بولسا مەجبۇر قىلىشڭىزمۇ مۈمكىن. شۇغۇنىسى بۇ تازا تەسىرلىك بولمايدۇ. نەسىھەتمۇ ئۇ قۇلاقتىن كىرىپ بۇ قۇلاقتىن چىقىپ كېتىدۇ، زورلانغاندىن ئادەملەر قاچىدۇ.
ئەڭ تەسىرى بولۇدۇغىنى ئىنسانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا ئۆزلىرىنى قارار بەرگۈزۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق شەرتلەرنى ھازىرلايسىز، قارشىڭىزدىكى سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە ھەركەت قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئۆزەم قارار قىلدىم دەپ ئويلىغاچقا ھەركىتىنى قەتئىيلىك ۋە جاھىللىق بىلەن داۋام قىلىدۇ.
شۇ كۈنلەردە ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر «سۈننى – شىئە توقۇنۇشى» يارىتىلماق ئىستەنمەكتە. ئامېرىكىنىڭ تا باشتىن بېرى سىياسىتى — ئىسلام دۇنياسىنى بىر پۈتۈن ھالدا قارشىسىغا ئالماق ئورنىغا، ئۆز ئارىسىدا توقۇنۇشتۇرماقتۇر. ئۆز كۈچىنى ئىشلەتمەستىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاساسلىق توقۇنۇش نۇقتىلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق، قارشىسىدىكى كۈچنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چوتىنى سوقماقتا.
بۇ ئۈزۈندىلەر تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىدا ئىشلىگەن پىشقەدەم ئىستىخباراتچى ماھىر قايناقنىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش