ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ۋە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ۋە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تۈركىيەدىكى تۈرك ئىرقىغا تەۋە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىقامەت، ئىشلەش رۇخسىتى ۋە سوغۇرتا قاتارلىق ئىشلىرىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 6458 – نۇمۇرلۇق چەتئەللىكلەر ۋە خەلقئارا قوغداش قانۇنىغا بىنائەن بېجىرىلمەكتە.

2017 – يىلى 19 – مايدا، دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكىنىڭ تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى (گۆچ ئىدارىسى) بىلەن كۆرۈشۈشى نەتىجىسىدە، 2017 – يىلى 1 – يانۋاردىن بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ بولغان ئاھىسكالىق تۈركلەرنىڭ 2017 – يىلى 15- ئاۋغۇسىتتىن بۇرۇن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋېلىشى كىرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى. [1]

تۈركىيەدىكى تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ چەتئەللىكلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاھىسكالىق تۈركلەر ئۈچۈن بېرىلگەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنىڭ تۈركىيەدىكى بۇلغارىيەلىك، گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈنمۇ بېرىلىشى قارارلاشتۇرۇلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئالالىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمىز.

تەۋسىيە: تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىشنى ۋە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈشنى خالايدىغان ۋە ھېلىھەم ساياھەت، ئائىلە، ئوقۇش ۋە ئىنسانى ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىشى (راندىۋۇ ئېلىشى) ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش شەرتى: 2017 – يىلى 1 – يانۋاردىن بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ بولغان بولۇشى

ئەسكەرتىش: 2017 – يىلى 1 – يانۋاردىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا (راندېۋۇ ئالسا) بولىدىكەن. ئەمما كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىلتىماس قىلغان كىشى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ شەخىسنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىجىرىدىكەن. ئەمما بۇ قاراش ھەققىدە قولىمىزدا ھىچبىر ھۆججەت يوق. شۇندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماس قىلىپ سىناپ بېقىشى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.

ئىلتىماس قىلىش (راندېۋۇ ئېلىش) ئاخىرقى ۋاقتى: 2017 – يىلى 15- ئاۋغۇست (مۇھىم بولغىنى، 15-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئىقامەت سېستىمىسىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت راندېۋۇسى ئېلىنىپ بولۇشى كىرەك. راندېۋۇ ۋاقتى 15- ئاۋغۇستتىن كېيىنگە چىقسىمۇ مەسىلە بولمايدۇ.)

ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ھەققىدە «ئۇيغۇرلار 15-ئاۋغۇستتىن كېيىنمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، باشقا تۈرك قەۋىملىرىدىن مۇستەسنا» دىگەن قاراشلارمۇ مەۋجۇت. شۇندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئېھتىمالغا قارىشى ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا 15-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى قولىمىزدا «ئۇيغۇرلار 15-ئاۋغۇستتىن كېيىن ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ» دىگەنگە دۆلەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھىچبىر ھۆججەت يوق. شەخىسنىڭ سۆزى ئەمەس، دۆلەتنىڭ چىقارغان ئۇقتۇرۇش ياكى ھۆججەتكە قارىتا ئىش قىلىشىمىز تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. ۋاقتى كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىنكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمىسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ھىچبىر شەخىس ياكى تەشكىلات كېپىل بولالمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا «سۇ كەلگۈچە توغان سال» دىگەن ماقال بار. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشىمىزنى ۋاقتىدا قىلغىنىمىز تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر.)

ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئەسلىدە كىملەرگە بېرىلىدۇ؟
1) تۈركىيەدە ئۆزلۈكسىز 8 يىل ئىقامەت رۇخسىتى بىلەن قالغان چەتئەللىكلەر
2) ئاخىرقى 3 يىل ئىچىدە ئىجتىمائىي ياردەم ئالمىغان چەتئەللىكلەر
3) ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىنى قامدىيالايدىغان ئىقتىسادقا ئىگە بولغان چەتئەللىكلەر
4) سالامەتلىك سوغۇرتىسى بولغان چەتئەللىكلەر
5) ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك نوقتىسىدىن خەتەرلىك بولمىغان چەتئەللىكلەر

ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت تۈركىيەدىكى تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان كىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
2017 – يىلى 1- يانۋاردىن بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ بولغان ئاھىسكالىق، بۇلغارىيەلىك، گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئۈچۈن قەيەرگە ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟
قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە پاسپورتى بولغانلار ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن www.goc.gov.tr ئادرىسىدىكى e-ikamet ئۇلىنىش ئادرىسى ئارقىلىق كۆرۈشۈش ۋاقتى (راندىۋۇ) ئالىدۇ. كۆرۈشۈپ ئىش بېجىرىش ۋاقتىدا ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق ۋىلايەتنىڭ ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا بېرىشى كېرەك.
قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە پاسپورتى بولمىغانلار بىۋاستە ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس مۇددىتى ۋە قوبۇل قىلىنىش باسقۇچى قانداق بولىدۇ؟
ئا. ئاھىسكالىق، بۇلغارىيەلىك، گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن ئىقامەت ئالغۇچىلارنىڭ 2017 – يىلى 15- ئاۋغۇسىتتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىلتماسقا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاراپ چىقىدۇ.
ب. ئاھىسكالىق، بۇلغارىيەلىك، گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىچە ئىقامەت ئالمىغان، لېكىن ئاھىسكالىق، بۇلغارىيەلىك، گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلەرمۇ 2017 – يىلى 15 – ئاۋغۇسىتقىچە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋالىيلىق قارمىقىدا تەشكىللەنگەن كومىتېتقا بېرىشى كېرەك. ئىلتىماسقا مەزكۇر كومىتېت قاراپ چىقىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماسقا قانداق ماتېرىياللار لازىم؟
1) ئىلتىماس جەدىۋېلى (ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسى مۇدىرلىقىدىن بېرىلىدۇ).
2) ئۇقتۇرۇش جەدۋېلى (ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسى مۇدىرلىقىدىن بېرىلىدۇ).
3) كاپالەتنامە (ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسى مۇدىرلىقىدىن بېرىلىدۇ).
4) ھەققىدە مەلۇمات ئالغىلى بولىدىغان كىشىلەر جەدىۋېلى (ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسى مۇدىرلىقىدىن بېرىلىدۇ).
5) پاسپورت ياكى پاسپورت ئورنىدا كۈچكە ئىگە بولغان كىملىك ياكى گراژدانى بولغان دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن كىملىك.
6) ئىلگىرىكى ئىقامەتنىڭ تارانغان نۇسخىسى (ئەگەر بار بولسا).
7) ئەدلىيەدىن ئېلىنغان ئىسپات
8) 4 دانە رەسىم (يىقىنقى 6 ئاي ئىچىدە تارتىلغان، يۈزى ئوچۇق، رەسىم تەكتى ئاق رەڭلىك رەسىم).

يۇقارىقى ماتېرىياللاردىن باشقا ئەھۋالغا قاراپ يەنە تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار:
1) ئولتۇرۇشلۇق يەرنىڭ ئىسپاتى
2) كىملىك تەرجىمىسى
3) توي خېتى (گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى كېرەك).
ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا بۇ ماتېرىياللاردىن ھەرقانداق بىرسىنى قايىل قىلارلىق سەۋەبسىز ئېلىپ كەلمىگەنلەرنىڭ ئىلتىماسى نەخ مەيداندا بېرىلگەن بايانىغا ئاساسەن ئېلىنىدۇ.

ئىشلەش رۇخسىتى
ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىگە بولغان ئاھىسكالىق، بۇلغارىيەلىك، گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئىلتىماس ۋاقتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

يۇقارىقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، تۈركىيەدە ساياھەت، ئائىلە، ئوقۇش ۋە ئىنسانى ئىقامەت قاتارلىق تۈرلەر بىلەن ئىقامەت ئېلىپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ 2017 – يىلى 15 – ئاۋغۇسىتقىچە يۇقارىدا تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئېلىۋېلىشى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
«تۈركىيەدىكى ساياھەت، ئائىلە، ئوقۇغۇچىلىق ياكى ئىنسانى ئىقامىتى بار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامىتى توشقاندا ئاندىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.» دىگەن دەلىلى يوق سۆزگە ئىشەنمەي، بەلگىلەنگەن ۋاقىت 2017 – يىلى 15 – ئاۋغۇسىتتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئېلىۋېلىشى تولىمۇ زۆرۈر. ۋاقتى ئۆتكەندە بەرمىسە ھىچنىمە دېگىلى بولمايدۇ.

مۇھىم بولغىنى، 15-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئىقامەت سېستىمىسىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت راندېۋۇسى ئېلىنىپ بولۇشى كىرەك. راندېۋۇ ۋاقتى 15- ئاۋغۇستتىن كېيىنگە چىقسىمۇ مەسىلە بولمايدۇ.

ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بۇ بەلگىلىمە پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان بولماستىن، ئاھىسكالىق، بۇلغارىيەلىك ۋە گىرىتسىيەلىك تۈركلەر ئۈچۈنمۇ چىقىرىلغان. بۇ قەۋىمداش قېرىنداشلىرىمىز قولىدا ساياھەت، ئائىلە، ئوقۇش ياكى ئىنسانى ئىقامىتى بار تۇرۇپ بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ. سەۋەبى بۇ تۈردىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئالغانلار ئىشلەش رۇخسىتىگە ۋە تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش ۋاقتى 5 يىلغا توشقاندا تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلالايدىكەن. شۇڭا تۈركىيەدىكى ساياھەت، ئائىلە، ئوقۇغۇچىلىق ياكى ئىنسانى ئىقامىتى بىلەن تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتنى ئېلىۋېلىشى تولىمۇ مۇھىمدۇر.

2017 – يىلى 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئاھىسكا تۈركلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ھەققىدىكى مەلۇماتى [3]

ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامىتى بىلەن تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈش ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
5901 – نۇمۇرلۇق تۈرك پۇخرالىقى قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بىلەن تۈركىيەدە ئۆزلۈكسىز 5 يىل تۇرغانلار، 6 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: 5 يىل تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بىلەن تۇرغانلار چوقۇم 5 يىل ئىچىدە تۈركىيە سىرتىدا تۇرغان ۋاقتى 6 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ئىكەن. ئەگەر تۈركىيە سىرتىدە تۇرغان ۋاقتى 6 ئايدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، 6 ئايدىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتىدىن باشلاپ تۇرغان كۈن ھېساپلىنىدىكەن.
مۇھىم: ساياھەت، ئائىلە ۋە ئوقۇش ئىقامەتلىرى بىلەن تۈركىيەدە قانۇنلۇن تۇرغان ۋە 5 يىلىنى توشقۇزغانلار، 6 – يىلىدا چوقۇم ئىشلەش رۇخسىتى ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت رۇخسىتى ئالغاندىلا ئاندىن تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلالايدىكەن. بۇ سەۋەپتىن تۈركىيەدە ھېلىھەم ساياھەت، ئائىلە، ئوقۇش ۋە ئىنسانى ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىپ (راندىۋۇ ئېلىشى) ئېلىۋېلىشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
قوشۇمچە:

تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى [2]
1) بالاغەت يېشىغا توشقان ۋە ئەقلى ئىقتىدارى جايىدا بولغان بولۇشى
2) تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن ئۆزلۈكسىز 5 يىل تۇرغان بولۇشى [خىزمەت ئىقامىتى ۋە توي ئىقامىتى (3 يىل)  ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت بىلەن تۈركىيەدە 5 يىل تۇرغان بولۇشى]
3) تۈركىيەدە ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بايان قىلغان بولۇشى
4) سالامەتلىك جەھەتتىن خەتەرلىك كېسىلى بولماسلىقى
5) ياخشى ئەخلاق ئىگىسى بولۇشى
6) يىتەرلىك تۈركچە بىلگەن بولۇشى
7) تۈركىيەدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى كۆتۈرەلەيدىغان ئىقتسادقا ياكى مەلۇم بىر كەسىپكە ئىگە بولغان بولۇشى
8) دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى ئىجتىمائىي تەرتىپ جەھەتتىن خەتەرلىك تەرىپى بولمىغان بولۇشى
ئالاھىدە ئەھۋال سۈپىتىدە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس شەرتلىرى
1) تۈركىيەدە سانائەت زاۋۇتلىرى قۇرغان ياكى تۈركىيە ئۈچۈن پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقانلار
2) تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈشى زۆرۈر بولغان كىشىلەر
3) كۆچمەن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان كىشىلەر

تۈركىيە پۇخراسى بىلەن توي قىلغان چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلىشى: تۈركىيە پۇخراسى بىلەن رەسمىي توي قىلىپ 3 يىل بىرگە ياشىغان چەتئەللىكلەر 4-يىلىدا تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلالايدىكەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر
[1] http://beyazgazete.com/haber/2017/5/19/ahiska-turklerine-uzun-donem-ikamet-mujdesi-3889124.html
[2] http://www.resmigazete.gov.tr/eskiler/2010/04/20100406-9.htm
[3] Uzun Dönem İkamet İzni Düzenlenmesi (Ahıska Türkler) Bilgi Notu

تەييارلىغۇچىلار: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن باتۇر قاراخانلې ۋە ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئەسكەرتىش: تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىش 2017- يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېنىق بولماسلىقى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئالغانلارغا ئىشلەش رۇخسىتى ۋە تۈركىيە پۇخرالىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭ تولۇق بولماسلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا گاڭگىراش مەۋجۇت ئىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بۇ نوقتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەتكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە خەۋەرلەرگە ئاساسەن، بۇ ئۇقتۇرۇشنى تەييارلاپ چىقتى. بۇ ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىدا خاتالىق ۋە كەم تەرەپلەر بايقالغان ھامان دەرھال تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلىدۇ.

بۇ يازما 3,929 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش