ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىسمىم تارتقان كۈلپەتلەر

ئىسمىم تارتقان كۈلپەتلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋىتسىيە)

مەن مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ زۈلمەتلىك قارا كۈنلىرىدە تۇغۇلغانىكەنمەن. گەرچە بۇيىللاردا مەچىتلەر تاقىلىپ، قارى-قۇرئان كىشىلەر نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئانام يەنىلا مەھەلىمىزدىن ئېغىزىدا ئىلىمى بار كىشىدىن بىرسىنى تېپىپ، مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ قائىدە –يۇسۇنلىرى بۇيىچە ماڭا«ئابدۇشۈكۈر» دەپ ئات قۇيۇپتۇ. دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، يېڭىچە ئات قۇيۇش مودىغا ئايالانغان ئۇ يىللاردا ئانامنىڭ يەنىلا ماڭا بۇ ئىسىمنى تاللىشى، بەلكىم ئىمانىغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى، ياراتقۇچىغا بولغان قۇلچىلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىغان بولسا كېرەك.
ئابدۇشۈكۈر،ئەسلىدە ئەرەپچە ئىسىمدۇر. ئۇ ئەرەپچىدىكى«غبدالشكور» ياكى«غبد شكور» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، خەلقىمىز ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەرەپچىدىن نۇرغۇنلىغان كىشى ئىسىملىىرنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل تەلەپپۇزى، تاۋۇش چىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىخچاملاپ ۋە چىرايلىقلاشتۇرۇپ قوللۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدە بىر ھادىسە بولماستىن بەلكى پۈتۈن تۈركى مىللەتلەرگە ئورتاق بىرئالاھىدىلىك. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىر قىىسم كىشىلەر ھەتتا خېلى ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارمۇ ئەسلىدىكى بىرچىرايلىق ئۇيغۇرچىلاشقان ئىىسملىىرنى ئەسلىدىكى ئەرەپچە ھالىتىگە قايتۇرماقتا.
بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز «قىيامەت كۈنى سىلەر ئۆز ئىسمىڭلار ۋە داداڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىسىلەر، شۇڭا ئىسمىڭلارنى چىرايلىق ئاتاڭلار» دېگەن ئىكەن. بۇ يەردىكى چىرايلىق ئاتاش پەقەت ئەرەپچە ئاتاشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بۇ ئىمان-ئىتىقاتىغا زىد كەلمىگەن ئۆز ئانا تىلىدىكى ئىسىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەن بىر يېرىم ياشقا كىرگىچە مەھلىمىزدە ئانام قويغان ئاشۇ مۇبارەك ئېتىم بىلەن ئاتىلىپ كەپتىمەن. كېيىن 3-4 ياشلارغا كىرىپ، ئاق-قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولغان چاغلىرىمدا، مەھلىمىزدە ئېتىمنىڭ «ئەپتۈشكۈر» ئاتىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدىم. بۇ چاغلاردا مەن ئىسمىمدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەردىن ئەسلا خەۋىرىم يوق ئىدى. 7 ياشقا كىرىپ، مەكتەپنى باشلىغان يىلىم، مەن ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇمدا، كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن مەھەلىمىزدە ئەمەس، بەلكى باشقا بىر يىراق يۇرتتا، باشقا بىر خەلق ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىمىنى بىلدىم. ئانامنىڭ دەپ بېرىشچە، مەدەنىيەت ئىنقلابىنىڭ قارا بورانلىرى بىزنى يۇرتۇمىزدىن ئايرىپ، بۇ يەرگە ئەكىلىپ تاشلىغان ئىكەن. بىز ياشاۋاتقان بۇ يەر كۈنەس ناھيىسىنىڭ ئارالتۆپە يېزىسى، قارابۇلاق كەنتىنىڭ بىرىنچى مەھەلىسىى ئىكەن. بۇ يەردە پەقەت قازاقلارلا بولۇپ، بىزدىن باشقا ئۇيغۇرلار يوق ئىكەن. ئەزان ئېيتىپ قويغان ئېتىم ئەسلى «ئابدۇشۈكۈر» بولۇپ، بۇ ئىسىم قازاقچە تەلەپپۇزدا قىيىن بولغاچقا، مەھەلىمىزدىكى قازاق خوشنىلىرىمىز ۋە مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىم قازاق تىلىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېتىمنى «ئەپتۈشكۈر» دەپ ئۆزگەرتىۋاپتۇ.
مەن تاكى 7-سىنىپنى پۈتتۈرۈپ، 14ياشقا كىرگۈچە قازاقچە ئىسىمىم «ئەپتۈشكۈر» دېگەن نام بىلەن چاقىرلىپ كەلدىم. مەھەلىمىزدە ئائىلىمىزدىكىلەردىن بۆلەك ھېچكىم مېنى «ئابدۇشۈكۈر» دەپ چاقىرمايتى.
تەغدىرىنىڭ ئۆزگۈرۈشى بىلەن 1982-يىلى يۇرتۇمىزغا قايتىپ كەلدۇق. 8 -سىنىپتىن باشلاپ ئۇيغۇرچە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدۇم. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم باشقىلارنىڭ مېنى ئەزان ئېيتىپ قويغان ئېتىم «ئابدۇشۈكۈر» دېگەن نام بىلەن ئاتىغانلىقىنى ئۆز قۇلۇقم بىلەن ئاڭلىدىم. مەن شۇڭغىچە ئىسمىمدىن بۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ باقمىغانىدىم. ئۆزۈنىڭ ئىسمىنى ئۆزۈنىڭ ئانا تىلىدا ئاڭلاشنىڭ لەززىتىنى ھەققىي ھېس قىلدىم. گەرچە بۇ تۇيغۇلىرىم كېيىنچە بارا-بارا سۇسلىغان بولسۇمۇ تاكى خىزمەتكە چىققۇچە ماڭا داۋاملىق ھەمرا بولدى.
ھاياتتا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلارداۋاملىق بولۇپ تۇرۇدىكەن. مەن خىزمەتكە چىقىپ، ئىدارىغا تىزىمغا ئالدرۇغان كۈنى كۆڭلۈم يەنە بىر قېتىم غەشلىككە تولدى. ئىسىمىمنىڭ باشقىچە ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ياش كەلدى. مۇئاش جەدىۋىلىگە ئىسىمىم«ئابۇدۇشىيكۇېر مەيمەيتىي كۇربەن» دەپ خاتىرلەنگەنىدى. بۇغالتىرنىڭ چۈشەندۈرۈشچە «مەيمەيتىي كۇربەن» دېگەن ئىسىم ئۇيغۇرلاردا بەك كۆپمىش. شۇڭا خالىغانچە قۇشۇپ قويسىمۇ خاتا كەتمەيدىكەن. بۇغالتىر بىلەن بىرتالاي زۇكۇنلىشىش ۋە زورۇقىشلاردىن كېيىن «كۇربەن»ننى ئۈچۈرۋەتكەن بولدى. ئىسمىمنىڭ تەلەپپۇزى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئەمما يەنىلا تۇلۇق ئاتىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بىراق ئۈمىد ئادەمنىڭ ئارزۇيىدەك بولمايدىكەن. ئەتىراپىمدا ھورۇن، ئېرىنچەك ئادەملەر كۆپ بولسا كېرەك، ئۇلار ئىسمىمنى تۇلۇق ئاتاشقا ھورۇنلۇق قىلىپ،ئىسمىمنى خالىغانچە ئىككىگە پارچىلاپ، بەزىلىرى «ئابۇدۇ»، بەزىلىرى«شىيكۇ»دەيدىغان بولىۋالدى.
ساپا بولمىغان، كىشلىك ئىززەت يوقالغان ئەلدە ئەستايدىللىق خاراپلاشقان بولۇدىكەن. 1990-يىلى ئىدارىمىز بۇيىچە تۇنجى قېتىم «كىملىك» كە ئىلتىماس قىلدۇق. كىملىكنىڭ پۈتكەنلىكىنىڭ خەۋىرى كەلگەن كۈنى ساخچىخانىغا كىملىكىمنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن باردىم. سۈرۈن تەلەت ساقچىلارنىڭ قالايمىقان دوق قىلىشلىرى ۋە بىرقانچە سائەت سەۋەپسىز كۈتكۈزۈشلىرىدىن كېيىن كىملىكىمنى ئاران تەستە قولۇمغا ئالغان بولدۇم. بىراق كىملىكىمدە مېنىڭ رەسىمىم بولغان بىلەن ئىسىمىم پۈتۈنلەي خاتا يېزىلغانىدى . مەن كىملىكىمنى ساقچىغا كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، ئىسمىمنىڭ خاتا يېزلغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم، بىراق ئېرىشكەن جاۋابىم ئىزا-ئاھانەت بولدى. ئەسلىدە كىملىكىمگە خەنزۇچە «ئابۇدۇ. شىيكۇېر» دەپ ئوتتۇرسىغا چىكىت قۇيۇپ، بىر ئىسىمنى ئىككىگە پارچىلاپ يازغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار «ئابدۇل شۈكۈر»دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ. شۇڭا كىملىكتە «ئابدۇل» مېنىڭ ئىسمىمگە، «شۈكۈر» دادامنىڭ ئىسمىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. گەرچە كىملىكنى قايتا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بولساممۇ ئەمما كىملىكنىڭ ۋاقتى توشمۇغىچە يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىشقا يول قويمىدى. مەن ئىسمىم بىلەن تەڭ ئازاپلىنىپ يۈرۈپ 7 يىلنى ئۆتكۈزدىم، بۇ جەرياندا كىملىكىمدىن پەيدابولغان نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈم. بىرقانچە قانۇنىي ماتىرىياللىرىمغىمۇ شۇ ئىسمىم يېزىلدى. ھەتتا مۇقۇم مۈلۈكۈم بولغان يەر خېتى، ئۆي خېتى دېگەندەك كىنىشكىلەرگىمۇ شۇ ئىسىم يېزىلدى. بۇ كىنىشكىلەر كېيىن يەنە قانداق كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بىلمەيمەن.
1997-يىلى كىملىكىمنى يېڭىدىن بېجىرىدىغان ۋاقتىمدا ئىسمىمنى ئېنىق قىلىپ ئۆزۈم يېزىپ بەرگەن بولدۇم. ئەرھالدا بۇ قېتىم كىملىكتىكى ئىسم-فامىلەم توغرا يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز قولۇم بىلەن يېزىپ بەرگەن بىر قىسىم خەنزۇچە خەتلەر ئۆزگۈرۈپ «ئابۇدۇسۇكۇېر مەيمەيتىي» بولۇپ پۈتكەنىدى. كىملىكىمدىكى بۇ ئىسىم- فامىلەم بۇرۇنقى كىملىكىم بار چاغدا ئالغان بىر قىسىم كىنىشكە ۋە قانۇنىي خەت چەكلەردىكى ئىسىم-فامىلەم بىلەن روشەن پەرىقلىنەتتى. شۇ سەۋەپتىن 2001-يىلى چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورت بىجىرگەندە كۆپ ئەرزىيەت چەكتىم. تولا قاتىراپ ئايىقىمنىڭ چەمى تىشىلدى. ئاخىرى پاسپورتنى ئالغانمۇ بولدۇم، بىراق پاسپورتنى قولۇمغا ئېلىپلا چۈچۈپ كەتتىم. چۈنكى پاسپورتتىكى ئىسىم –فامىلەمنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتكەنىدى. ئەمىلىيەتتە بۇ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئىدى. مەن ئارقامغا يېنىپلا پاسپورت بېجىرىش ئورنىدىكىلەرگە كۆرسەتتىم ، بىراق ئۇلار ماڭا ئېرەن قىلمىدى، خاتالىقىنىمۇ ئىتىراپ قىلمىدى. كۆڭلۈم شۈنچىلىك غەش بولدى، خۇددى قىممەتلىك بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بەك ئازاپلاندىم.
2003-يىلى بېيجىدىكى شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ، چەتئەلگە چىقىش پۈرسىتىگە ئېرىشتىم. ئەسلىدە شىۋېتسىيە باج ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇدىغان ۋاقتىدا ئۆز ئىسىم- فامىلەم بىلەن تىزىمغا ئالدۇرارمەن، دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق پاسپورت ۋە باشقا قانۇنىي ماتىرىياللىرىمدا «مەيمەيتىي ئابۇدۇسۇكۇېر» دەپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ بۇيىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن مەيلى مەكتەپتە، مەيلى ئىش ئورنۇمدا بولسۇن «مەيمەيتىي» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ يۈردۈم. فامىلە نامىمغا ئايلىنىپ قالغان«ئابۇدۇسۇكۇېر» نى ئاتاش ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. ئەسلىدە چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۆز ئىسىم-فامىلەم بىلەن ئاتىلارمەن دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق بۇ يەنىلا مۈمكىن بولمىدى. كېيىن ئائىلىمىز بىلەن شىۋېتسىيەدە جەم بولدۇق. بالىلىرىمنى باج ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇردۇم. ئۇزاق ئۆتمەي ھەممىمىز شىۋېتسىيە ۋەتەندېشى بولدۇق. شىۋېتسىيە پاسپورتىمىزدىكى ئىسىم-فامىلىمىز شۇنچىلىك رەتسىز ئىدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغان تۆتىمىزدە تۆت خىل فامىلە نامى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىرىمنىڭ ئەسلى پاسپورتىدىكى ئىسىم- فامىلىسى ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلغاننىڭ ئۈستىگە خەنزۇچىدىكى بەزى ھەرىپلەر ئۆزگەرتىلىپ ۋە قىسقارتىلىپ يېزىلغاچقا شىۋېتسىيە پاسپورتىغىمۇ شۇ بۇيىچە يېزىلغانىدى. بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بارىدىغان سەپەرلىرىمىزدە كۆپ پىشكەللىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. ھەتتا بەزىدە «فامىلىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ۋە سىلەرنىڭمۇ فامىلەڭلەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان بالىلارنى نەگە ئېلىپ ماڭدىڭلار» دەپ بىرقانچە سائەت توختىتىپ قويغان ئەھۋاللارمۇ بولدى. ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغىنىمۇ ئانچە خاتا ئەمەس ئىدى، ھەقىقەتەن بىزنىڭ فامىلىرىمىز بىر-بىرىمزگە قەتئىي ئوخشىمايتتى. لېكىن بۇ بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس ئىدى، بۇ بىز كەلگەن دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئادالەتسىزلىكى ئىدى. بۇنى بىزنىڭ ئۇ يەردە ئۆزگەرتىشكە قۇربىمىز يەتمەيتى. كېيىن ئاڭلىسام چەتئەلدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردا بۇ مەسىلە مەۋجۇت ئىكەن.
بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر بىر قانچە قېتىم تەكرالانغاندىن كېيىن شىۋېتسىيە باج ئىدارىسىغا فامىلىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماسىمدا ئەسلىىدىكى ئۆزۈمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىم- فامىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشىنى، خەنزۇچە يېزىلىشىنى، ھازىرقى يېزىلىشىنى، بۇنداق ئۆزگۈرۈپ قېلىشتىكى سەۋەپلىرىنى تەپسىلىي شەرىھىلىدىم، بىراق ئاقمىدى، كېيىن ئەرىز قىلدىم. بۇمۇ ئاقمىدى. ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ئىسىم –فامىلىمىزنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنىي ھۆجەت، ماتىرىياللار كام بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارئەرزىمىزنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇلار تەلەپ قىلغان ماتىرىياللارنى تۇلۇقلاش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىزدىكىلەر مەسلھەتلىشىپ، شىۋېتسىيە پاتېنت ئىدارىسىغا پۇل تۆلەپ، يېڭى فامىلە ئىلتىماس قىلىش قارارىغا كەلدۇق. بىز قانداق ئىسىمنى فامىلە قىلىپ قوللۇنۇش ھەققىدە كۆپ ئويلاندۇق. ئىسىم تاللاشمۇ خېلى قىيىنغا چۈشتى. ئويلاشقان بىرقانچە ئىسىملارنىڭ ئىچىدىن ئاخىرى «كۇچا» دېگەن ئىسىمنى تاللىدۇق. بىزنىڭ بۇ ئىىسمنى تاللىشىمىزدىكى مەقسەت ئەۋلادلىرىمىزغا بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى، ئۆزۈمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى داۋاملىق ئەسلىتىپ تۇرۇش ئىدى. چۈنكى بىزنىڭ يىلتىزىمىز كۇچادىن ئىدى.
ئىلتىماسىمىز سۇنۇلۇپ تەخمىنەن بىر ئايلاردىن كېيىن، شىۋېتسىيە پاتېنت ئىدارىسىدىن خەۋەر كەلدى. ئۇلار بىز تاللىغان ئىسمنى تەستىقلىمىغانىدى. شىۋېتسىيە قانۇنى بۇيىچە باشقىلار بۇرۇندىن ئىشىلىتىپ كىلىۋاتقان فامىلىنى باشقىلارنىڭ يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىشىغا يول قۇيۇلمايدىكەن، پەقەت شۇ فامىلىنىڭ ئىگىسى رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدىلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇيغۇرلار ئانچە كوپ بولمىغان شىمالىي ياۋرۇپادىكى بۇ كىچىك دۆلەتتە «كۇچا» دېگەن بۇ ئىسىمنى كىم ئىشلەتكەن بولۇشى مۈمكىن؟ شىۋېتسىيە پاتېنت ئىدارىسىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئۇچۇر ئىزدەپ باقتىم. چىققان نەتىجىدىن مەلۇم بولدىكى «كۇچا» دېگەن بۇ ئىسىمنى شىۋېتسىيەدە 5 ئائىلە فامىلە نام قىلىپ ئىشلىتىۋېتىپتۇ. مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، بۇ ئىسىمىنى ئىشلىتىۋاتقانلار شىۋېتسيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولماستىن، بەلكى يەرلىك شىۋېتلار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ كۇچا بىلەن قانداق باغلىنىشىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرىسىگە خەت يازدىم، بىراق خېتىم جاۋاپسىز قالدى. بەلكىم خېتىم تەگمىگەندۇ ياكى باشقا سەۋەپ باردۇ، دەپ ئويلۇدۇم. بەلكىم كېيىنكچە يەنە خەت يېزىپ، كۆڭلۈمدىكى ئىستەكلىرىمنى بايان قىلىپ باقارمەن.
كېيىن پاتېنت ئىدارىسىغا يەنە باشقا ئىسملارنى ئىلتىماس قىلدۇق. بۇ قېتىم ئىلتىماس جەدىۋىلىگە 4 ئىسىمنى بىراقلا يازدۇق، شۇنداق بولغاندا ئۇلارمۇ ئىلتىماسىمىزنى قايتۇرۋەتمەي تىزىملىغان ئىسىملىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن بىرنى تاللىۋېلىش مۈمكىنچىلىكى بولاتتى. بۇ قېتىم تاللىغان ئىسىملىرىمىزنىڭ ھەممىسى كۇچانىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسملار ئىدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پاتېنت ئىدارىسىدىن خەت تاپشۇرۇپ ئالدۇق، خەتتە فامىلىمىزنىڭ «قۇمتۇر» بولۇپ بىكىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى تەستىق بار ئىدى. گەرچە ئىسىملىىرمىز يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما فامىلە نامىمىز بىرلىككە كەلگەنىدى، ئەمدى بىز ھەممىمىز ھەققىي تۈردە بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرىگە ئايلانغانىدۇق. ئەمدىكى قەدەم ئىسىملىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتۇرۇشقا قاراپ تاشلىناتتى.
ئويلاپ باقسام مەن تۇغۇلغاندىن بېرى ئىسمىم پەقەت 7 يىللا ئۆز ئانا تىلىمدا ئاتىلىپ، ئانا تىلىمدا يېزىلىپ بېقىپتۇ. ئىسمىم توغرا تەلەپپۇز قىلىنغان يىل پەقەت 7 يىل ئىكەن. ئىسمىمنىڭ تارتقان بۇ كۈلپەتلىرى تېخى ئارخىرلاشماپتۇ. مەن ئىسمىمنىڭ ئانا تىلىمىزدا يېزىلمىسىمۇ ئەمما ئانا تىلىمىزدىكىدەك توغرا تەلەپپۇز قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.
«تۇر» كۇچادىكى كۆپ ئۇچۇرايدىغان يەر ناملىرىنىڭ بىرى. ھازىر كۇچادا قۇمتۇر، قوشتۇر، چۆلتۇر، ئاقتۇر، يېڭىتۇر ۋە قۇمتۇرا دېگەندەك يەر ناملىرى بار.
«قۇمتۇر» دېگەن بۇ ئىىسم «قۇم» ۋە «تۇر» دېگەن ئىككى ئىسىمنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ئىسىم بولۇپ، قۇملۇقتىكى تۇر دېگەن مەنىدە. «تۇر» بۇرۇنقى زامانلار دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن خەۋەر بېرىش، جەڭ ئەھۋالىدىن سېگىنال بېرىش، ئۆز ئارا ئۇچۇر، ئالاقىدا بولۇش ئۈچۈن ياسالغان مۇنارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر كۇچادا «قىزىل قاغا تۇرى» نامىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى زامان مۇنارىدىن بىرسى بار.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش