ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تىلىمىزدىكى ئارىلاشما سۆزلەر توغرىسىدا

تىلىمىزدىكى ئارىلاشما سۆزلەر توغرىسىدا

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تۇرغۇنجان مەمەت

سىزلەرگە تەۋسىيەم مۇشۇ ماقالەمنى تەپسىلى ۋە تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن سورايمەن.
تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىدىغان پىكىر ئالماشتۇرىدىغان قورالى ئۇنى توغرا ئىشلىتىش زۆرۈر، ئەگەردە بىز ئۇنى توغرا ئشلەتمىسەك ئۆز مەقسىتىمىزنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەستىن بەلكى قارشى تەرەپنىڭمۇ تىلىنى ھۆرمەت قىلمىغان بولىمىز. تۆۋەندە مەن تىلىمىز دىكى ئارىلاشما سۆزلەرگە بولغان قارشىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتا قلاشماقچى.
بۇگۈنكىدەك تەرەققى قىلىۋاتقان، ھەرمىللەت ئۆز ئۆرپ- ئادىتىنى ۋەتىل يېزىقىنى تېخىمۈ قىلىپلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان دەۋردە، بىز نېمە ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزى بولغان تىلىمىزغا ياخشى كۆڭۈل بۆلمەيمىز؟
مەسىلەن:
تىل ئىشلىتىشتە تىلىمىزنىڭ قانچىلىك بۇزۇلۇپ سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ، تۈزۈتۈش ئۇياقتا تۇرسۇن بارغانسېرى تېخىمۇ ئەبجەشلەشتۈرۈپ كېتىپ بارىمىز. رادىئودا ئاڭلاتقان بىر خەۋەردە ئۇيغۇر ئالىمى مىللەتلەر تىل يېزىقى ئۈستىدە توختىلىپ ، ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىش جەھەتتە خەنزۇلارنىڭ تىل يېزىقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن . يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنى قېزىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ھازىرقى زامان ئۇچۇرغا ۋە كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈش، قېلىپلاشقان تىل-يېزىقنى ئىشلىتىش يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز نېمە ئۈچۈن تىلىمىزغا ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي توغرا ئىشلەتمەيمىز؟ ئۆز تىلىمىزغا باشقا مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز؟  يەنە كېلىپ ئۆزىمىزمۇ مەنىسىنى ياخشى چۈشەنمەيدىغان يېڭىچە تىل ئىجات قىلىۋاتىمىز. بىز دەرھال تىلمىزنى قېىلىپلاشتۇرغىنى بويىچە سۆزلىمىسەك،كېلەچەكتە ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن سۆز ئاچماق تەس بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: تىلىمىزنى بىر قىسىم ئادەملەر بارغانسىرى ئەبجەشلەشتۈرۈپ سۆزلەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك،كېيىنكىلەرچۇ؟ بۇنى دېمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان. ھازىردىن باشلاپ تۈزەتمەي باھانە- سەۋەب كۆرسەتسەك، ئۇنداقتا كىيىنكىلەرنىڭمۇ باھانە- سەۋەبى بىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ بولماسمۇ؟ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان قاتناش رادىئو پروگراممىسىدا سۇئال سورايدىغانلار ۋە ئۇچۇر بېرىدىغانلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي سۆزلەۋاتىدۇ ،ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي سۆزلىسەك بولىدىكەنغۇ!

تۆۋەندە بىر مىسال:
بىزگە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى قىلىپلىشىپ قالغان «خەلق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ مېختەك ئورناپ كەتتى. بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى بۇدۇن. سىز ھازىر بۇدۇن دەپ سۆزلىسىڭىز كىشىلەر ئاساسي جەھەتتىن چۈشەنمەيدۇ. سەۋەبىي بۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كەتتى-دە دەيمىز،ئۇنداقتا ھازىرقى ئارىلاشما سۆزىمىز مۇشۇنىڭدىن كىيىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتسە ئۇ چاغدىكىلەرمۇ خۇددى ھازىر بىز دېگەندەك دېمەسمۇ؟ بۇنى كىمدىن كۆرىمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئۆزىمىزدە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىشلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىز ھازىرقى مۇشۇ تىلىمىزنى ياخشى ئاسراپ، ئۇنى ھۆرمەتلەپ، قىېلىپلاشقىنى بويىچە سۆزلىسەكمۇ مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش.يۇقىرىدا بىز ھەرگىزمۇ باشقا تىللارنى ئۆگەنمەڭلار دېمەكچى ئەمەسمىز ، خەنزۇ تىلى دۆلەت تىلى ، بىز ئۇنى تېخىمۇ ياخشى پۇختا ئىگىلىشىمىز ۋە ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، دۇنيادا بىلىمگە ئىنتىلىش،تىل ئۆگىنىش ۋە باشقا مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، ئۆرپ-ئادىتىنى ياخشى بىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۇنياغا يۈزلىنىش،ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىش ۋە ھەممە مىللەت ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن ئۆگىنىش، بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىلىمنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تولىمۇ ياخشى بىر ئىش. دانىشمەنلىرىمىز : 《بىلىم شەرقتە بولسىمۇ بىرىپ بىلىم ئۆگىنىڭلار ،باشقا مىللەت بىلەن تەڭ بولىمەن دېسەڭ شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگەن》 دېگەن ئىدى، بۇ يەردە تىل ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش بىلەن تىلىمىز غا ئارىلاشما ئاتالغۇلارنى قوشۇپ ئەبجەشلەشتۇرۇپ سۆزلەش، بۇ ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇم، ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتنڭ تىلنى ئۆگەنمەڭلار دېگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭدا ئوچۇق چۈشەنچە بولۇش كېرەك. بىزدە ،《 ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ -ئويلاپ سۆزلە》، «يولنىڭ ئەگرىسىدە ماڭما-سۆزنىڭ چالىسىدا» دېگەن ماقالىلەر بار، بىز يۇقىرىقى سۆزلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىلىمىزغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلىۋالالايمىز. بىز نېمىشقا باھانە-سەۋەب كۆرسىتىمىز؟ سىز قارشى تەرەپكە ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلەشنى دېسىڭىز ئۇ سىزگە《 مەن خەنزۇ تىلدا ئوقىغان》،《مۇشۇنداق كۆنۈپ قاپتۇق》،《ۋاي- ۋۇي، نېمە دېگەن تەس گەپ ئۇ زەرەتلەش دېگەن، چوڭدىيەن دەڭە ئاسانراق، ۋايجان يالغۇز مەنمىتىم، ھەممە يەردە مۇشۇنداق تۇرسا ،ئەمدى ئانچە- مۇنچە ئارلىشىپ كېتىدىكەن، ھازىر مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى بۇنى سىز سۆزلەپ، مەن سۆزلەپ ،ئۆزگەرتىپ بۇلالامتۇق》ھازىر مۇشۇنداق سۆزلىمىسڭىز جان باققىلى بولمايدۇ،خوش ئەمدى بىزمۇ ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشلان تىلىمىزدا سۆزلىمىسەك، سىزمۇ سۆزلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلار بىز ئۈچۈن ئارىلاشمىلارنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلەپ بېرەمدۇ؟ دۇنيادا نەدىمۇ ئۆز تىلىنى ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلدا توغرا سۆزلەڭ دېسە ئۇنىڭغا باھانە سەۋەب كۆرسىتىدىغان ئادەم بولسۇن، بىر ئادەم ياكى بىر قىسىم ئادەم لەر ئۆز تىلىنى ۋە ئارىلاشمىلارنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلىيەلمىسە بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك،بىز قىلىپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلەشتە ئەجەبمۇ قىينالدۇق دەيمىز، ئۇنداقتا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ بۇ باشقا تىللارنىڭ تىلىمىزغا قانچىلىك سىڭىپ كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەبجەشلەشتۈرۈپ سۆزلەۋاتقانلىغىمىزنى بىلىۋالالايمىز. شۇنداق، ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلەشكە باھانە سەۋەبىمىز كۆپ، مەيلى قانداق باھانە سەۋەپ كۆرسىتىڭ، ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلىمەيدىكەنمىز، كېلەچەكتە مىللىتىمىزنىڭ قىلىپلاشقان تىلدا سۆزلىشىشىمىزگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
يەنە بىرگەپ، بىز يۇقىردا مۇشۇنداق سۆزلىمىسىڭىز جان باققىلى بولمايدۇ دېگەننى سۆزلىگەن ئىدۇق. مەن ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي ،بىز 2002-يىلى جېجاڭنىڭ نەنتۇڭ شەھىرىگە ساياھەتكە باردۇق، مەن بىر كۈنى ئۆزەم يالغۇز بازار ئايلىنىپ كېتىپ بارسام، ئالدىمدىكى تۆت كوچىنىڭ ئوڭ تەرەپ دوقمۇشدا دوپپا كىيگەن ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى قول ھارۋىسىدا مىۋە-چېۋە سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىپ كۆرۈشتۈم ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردىن، قاچان بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى سورىدىم. ئۇلار قەشقەردىن كەلگەنلىكىنى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بىردەم پاراڭلاشتۇق. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىدىن بۇ شەھەرگە كەلگەنلىكىگە تېخى بىر ھەپتىمۇ بولمىغانلىقىنى بىلدىم، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە بىلمەيدىغانلىغىنى ئۇقتۇم. مەن ئۇلاردىن سىلەر بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە بىلمىسەڭلار ، قانداق سودا قىلىسىلەر دەپ سورىسام، ئۇلار تەمتىرىمىگەن ھالدا، ماڭا قايلسىلا، گاس-گاچىلارمۇ بىر– بىرى بىلەن سۆزلىشىپ سودا قىلىشىدىغۇ. بىز دېگەن بېجىرىم تۇرساق نېمىشقا سودا قىلالمىغۇدەكمىز. ئۇلارنىڭ ئوڭ قولىدا ئون يۈەنلىك پۇلدىن ئىككى ۋاراق تۇراتتى ، ئۇلار شۇ قولىدىكى پۇلنى ماڭا كۆرسىتىپ مانى كۆردىلىمۇ، قارشى تەرەپكە ماۋۇ سول قولىمىز بىلەن ھارۋىدىكى مېۋىلەرنى كۆرسىتىپ بىر بارمىقىمىزنى چىقىرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەگەر بىر جىڭ ئالساڭ ، ماۋۇ ئوڭ قولۇمدىكىدەك پۇلدىن ئىككى ۋاراق بېرىسەن دەيمىز، بۇ دېگەنلىك ئەگەر بىر جىڭ ئالساڭ يىگىرمە يۈەن دېگەن گەپ، قانداق سودا بولامدىكەن، ئۆزلىرىمۇ بىرەر جىڭ ئامماملا دېدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئىككى جىڭ ئالاي دەپ پۇل تەڭلىدىم، ئۇلار پۇللىرىنى سەپ قويسىلا ئوخشاش ئىدىغۇ دېدى، مەن ئۇلارغا بۇ دېگەن تىجارەت ، سىلەرگىمۇ بۇ شەھەردە تىجارەت قىلىپ پۇل تاپماق ئاسان ئەمەس دەپ پۇلنى تۇتقۇزۇپ خوشلاشتىم، مانا باشقا تىللارنى ئارىلاشتۇرماي قىلىپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلىسە جان باققىلى بولمامدىكەن، ئۆز يۇرتىدىن يىراق بولغان شەھەردە يانا كېلىپ خەنزۇچىنى بىلمىگەن شارائىتتا، سودىسىنى قىلىپ يىراقتىكى ئائىلىسىگە ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا پۇل ئەۋەتىپ ئۆزىمۇ پۇل تېپىپ باي بولىۋاتقان ئادەملىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
شۇنداق، بىزنىڭ بەزى بىر ئادەملىرىمىز بۇ ئىشقا سەل قاراپ يۈرۈۋاتىدۇ،مەسىلەن: كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان راك ھۈجەيرىسى نورمال بىر ئادەمنى ۋاقتى كەلسە ئورنىدىن تۇرالماس ياكى مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمغۇزىدۇ. ئادەتتە سىز ئۇنى بايقىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن ياكى ئۇنىڭغا سەل قارىشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى شۇنداق نەپىس ۋە سىلىق-يۇمشاق تىلىمىز تۇرۇپ، مۇشۇنداق ياخشى تىلىمىزنى نېمە ئۈچۈن ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلاپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلىيەلمەيمىز! بىز ئەمدى ياخشىراق ئويلىنايلى . مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي شەھەرى بۆرچىن ناھىيسىدە چوڭ بولغان. خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىغان.مەندىن كىيىن بىر سىڭلىم بار ئۇ قازاقچە مەكتەپتە ئوقۇيتتى.ئائىلىمىز شۇنداق ئىناق، رەتلىك،پاكىز ۋە قائىدە- يوسۇنلۇق ئىدى. مەسىلەن: يۈرۈش-تۇرۇشقا، پاكىزلىققا، قولۇم-قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىمىزنى ياخشى ساقلاش،ئانا تىلىمىزنى تۇلۇق ۋە ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلىمىز دا سۆزلەش،باشقا مىللەتلەر بىلەن سۆزلەشكەندە،شۇ مىللەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىش ئەگەردە قارشى تەرەپنىڭ تىلىنى بىلمىسىڭىز ياكى چالا سۆزلىسىڭىز،ئۆز ئانا تىلىڭىزدا سۆزلەڭ، ھەرگىز باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ۋە ئۇلارنى زاڭلىق قىلماڭ دەپ داۋاملىق تەربىيە بېرپ تۇراتتى.ئائىلىدە چوقۇم ئانا تىلىمىزدا سۆزلىشىشىمىز كېرەك، ھەرگىز باشقا تىللارنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشكە بولمايتتى.
ماڭا ئاتا-ئانامنىڭ بەرگەن تەسىرى بىلەن، ئانا تىلىمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم، ھازىردىن باشلاپ بالىلارغا ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز زۆرۈر. خوش،گەپ بۇيەرگە كەلگەندە مەن يۇقىردا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز- قارىشىمنى زىيالىيلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقتىم. ئۇلار بۇ تېمىغا بولغان ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ دېگەن تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ئۇنچىلا ئالدىراپ يېزىشنىڭ ۋە سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئارتىسلىرىمىزمۇ بۇ توغۇرلۇق ئېتوت ئويناپ بولغان.
ئاخىرىدا نېمە ئىش ھەل بولدى؟ بۇ دېگەن مۇشۇنداق بېسىپ ئۆتىدىغان ئۆتكۈنچى بىر دەۋر. ئەبجەش تىللار تېخى كىتابىمىزغا كىرمىدى ياكى ھازىرچە ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى. ئەگەردە يېزىقىمىزدا قوللانغان بولسا ئىدى شۇ چاغدا بۇ توغۇرلۇق دېيىشسەك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى يېڭى شەيئىلەر زاماننىڭ تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۆپىيىۋاتىدۇ، مەسىلەن: چاڭخۇ چىقىپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن «چاقىرغۇ» دەپ ئىسىم قويدۇق، بىڭشاڭ چىقىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن «توڭلاتقۇ» دەپ ئىسىم قويدۇق، شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن شەيىئىلەر بارلققا كەلگەندىن كىيىن يىڭى شەيئىلەرگە ئىسىم قويدۇق. تىل كومېتىتىدىكىلەر بۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەيۋاتىدۇ. بۇ دېگەن زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بولىدىغان ئىشلار.
مەسىلەن: سىزنىڭ ئاتا ئانىلىرىڭىز بۇنچىۋالا بۇزۇپ سۆزلىمەيتتى. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا يىڭى ئاتالغۇلار بۇنداق تىز مەيدانغا چىقمىغان ئىدى، دېمەك، ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتى مۇشۇنداق تۇرسا، سىز بۇنىڭغا يىڭى ئاتالغۇ تېپىپ ئۈلگۈرەلەمسىز؟ بۇنى ئانچە-مۇنچە يازدىم دەپلا ھېسىياتقا تايىنىپ ياكى ھېچقانداق قايىل قىلارلىقى يوق ياكى مۇشۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ئىلىمى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشىڭىز كېرەكدە، بولمىسا بۇ دېگەن چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس دېگەنلەرمۇ بار. يەنە بەزەن زىيالىيلىرىمىز سىز بەك ئالدىراپ كېتىپسىز، يۇقىرىدا يولداشلارنىڭ دېگىنى ئاساسي جەھەتتىن توغرا ،ھەرقانداق بىرئىشنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى بولىدۇ، سىز يۇقىرىدا دېگەندەك باشقا تىللارنىڭ تىلىمىزغا قوشۇلۇپ قالغان بارلىق قوشۇمچىلىرىنى چىقىرىپ تاشلىيالامسىز، ئۇ دېگەن تەبىئي ھالدا ئۆز ۋاقتىداشۇ زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قوشۇلۇپ سۆزلەنگەن. ھازىرچۇ؟ بۇنداق تىز تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ زاماندا ئەلۋەتتە مۇشۇنداق كۆپ بولىدۇ-دە،بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالارلىقى يوق.
ھەرقانداق زاماننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى يازغىنىڭىزنىڭ ئانچە پايدىسى يوق دېگەنلەرمۇ بار. ھەتتا بەزەن يولداشلار سىز دېگەن نېمىنىڭ ئانا تىل، نېمىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دېگەننى بىلەمسىز، سىز ئۇيغۇرچىدا قانچىلىك قەيەردە ئوقىغان،سىز خەنزۇچىڭىزنى ياخشى سۆزلەپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىڭىز بولىدۇ.سىزدەك خەنزۇچە ئوقۇغانلار بۇنداق چوڭ ئىشلارغا ئارلىشىۋالسىىڭىز بىزنىڭ ئەدەبىياتچىلىرىمىز،يازغۇچىلىرىمىز، تىلشۇناسىلىرىمىز ھىچ ئىش قىلماي بىكار ياتسابولغۇدەك دېگەنلىرمۇبار.ھەتتا سەنلەيدىغان يەرگىچە يەتكەنلەرمۇ بار. شۇنداق باشتىن ئاخىرى مەدەت بېرىپ بۇ بەك ياخشى يېزىلىپتۇ دېگەنلەرمۇ بار ۋە مانا بىز دىگەن ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتىدا ئوقىغان، گەپنىڭ ئوچۇقىنى دېسەك، بىزمۇ بۇنچىلىك يازالىشىمىز ناتايىن،ھەتتا سىز ئويلىغاننى ئويلاپ يېتىشىمىزمۇ بىر گەپ، بىزنىڭ كۆز- قارىشىمىزدا سىزنىڭ بۇ تېمىدا ئويلاپ ۋە ھەقىقى ئەمەلىيەتنى سۆزلىگەنلىكىڭىزنىڭ، يەنە كېلىپ ئۆز يېزىقىمىزدا كومپيوتېردا خەت ئۇرۇپ يازغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى چوڭ بىر ئىش،بۇنى سىزگە قارشى سۆزلىگەن ئاشۇ ئادەملەرگە ئۇنداقتا سىلەر نېمىشقا يازمايسىلەر دېسىڭىز ئۇلاردەرھاللا زامانغا، جەمئىيەتكە،ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا دۆڭگەپ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ئۆزلىرى بىر ئىش قىلماي، باشقىلارئىش قىلسا ئۇنى كۆرەلمەي،ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ يۈرىدىغان ئادەملەر،ئۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىگە خەلقىمىز ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ.سىز ھەرگىز ئىككىلەنمەي يېزىڭ دېدى ،بىزنىڭچە بۇ دۇنيادا خاتالىق بولمايدىغان مۇتلەق ئىش يوق . بۇ خۇددى ئۆزىڭىز دېگەندەك مۇشۇنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش .
دۇنيامۇ قارمۇ-قارشىلىق بىلەن ئالغا باسىدۇ،بىز يۈزدە-يۈز قوللايمىز دېگەنلەرمۇ بار.مەن دەيمەن، بەزەن كۈنلەردىن ئۆرگىلەي-دېسە بەزەن كۈنلىرىدىن چۆرگىلەي دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلماپتىكەندە. مەن يۇقىرىدا مېنى قوللىغانلارنىڭمۇ سۆزىگە مەپنۇن بولۇپ كەتمىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان كۆز قارىشى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلىشى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنى قىلىپلاشقىنى بويىچە سۆزلەيلى دېگەن قاراشتا بولغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرىلەش، ماڭا قارشى پىكىر بەرگەنلەرنىڭمۇ سۆزىگە خاپا بولۇپ كەتمەيمەن،چۈنكى ئادەملەردە مۇشۇنداق كۆز قاراشلار ۋە پىكىرلەر بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەيلى مەن خەنزۇچىدا ئوقىغان بولاي، ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئەدەبىياتىمىزنى ياخشى بىلمىگەن بولاي ياكى ئۇيغۇرلار ئاز رايوندا ياشىغان بولاي.بۇنىڭ ھەممىسى پۇتتىرەپ تۇرالمايدىغان باھان، سەۋەب بىزھەممەئىشنى ئائىلىمىزدىن ۋە ئۆزىمىزدىن كىچىكىمىزدىن با شلىشىمىز كېرەك. مانا مەن شۇنداق قىلىۋاتىمەن ھەم تىرىشىۋاتىمەن. مەيلى بىز نېمىنى دېمەيلى يىغىپ كەلگەندە بىرلا ئېغىز گەپ ئاناتىلىمىزنى ئارىلاشما سۆزلەرنى قوشماي قىلىپلاشقان تىلىمىزدا سۆزلىمەيدىكەنمىز ياكى تۈزەتمەيدىكەنمىز، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە مەن ئۆزۈم ئاڭلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. خاتالقلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ ، سىزلەرنىڭ تەنقىد-پىكىربېرىشڭلارنى ۋە كەم قالغان يەرلىرىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ مۇكەممەل بولۇشقا ياردەم بېرىشىڭلارنى سۇرايمەن. رەھمەت

مۇقۇم تېلېفۇندىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.زوجىدا سۆزلەشتىم ئەمەس-مۇقۇم تېلېفۇدا سۆزلەشتىم .
2.شەنلۇ بۇزۇلۇپتۇ ئەمەس-سىم يولى بۇزۇلۇپتۇ.

قول تېلېفۇندىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1. قايسى پەيزى ئەمەس- قايسى ماركا.
2. چوڭدىيەن قىلىۋاتىدۇ ئەمەس-زەرەتلەش،توك قاچىلاۋاتىدۇ.
3.ۋۇفاجىتوڭ بولىۋاتىدۇ ئەمەس-ئۇلانماي ۋاتىدۇ.
4.تىڭجى بولۇپ قاپتۇ ئەمەس-تېلېفۇن توختاپ قاپتۇ.
5.ۋېيشىندا سۆزلەشتۇق ئەمەس-ئۇندىداردا سۆزلەشتۇق.
6.شىۋلى قىلغىلى بەردىم ئەمەس-رېمونىت قىلىدۇرغىلى بەردىم.
7.خۇافېي تۈگەپتۇ ئەمەس-سۆزلىشىش ھەققى تۈگەپتۇ.
8.چۇڭ خۇا فېي قىلدىم ئەمەس-قىممەت تولۇقلىدىم.
9.گۇۋەنجى قىلىۋاپتۇ ئەمەس-تاقىۋاپتۇ.
10.بۇجە دىيەنخۇا قىلىۋاتىدۇ ئەمەس-تېلېفۇننى ئالمايۋاتىدۇ.

جاھان ئەينىكىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار《تېلۋىزور》
1.قايسى پىڭ داۋۇدا ئەمەس-قايسى قانالدا.
2.جوڭياڭتەيدە بىرىۋاتىدۇ ئەمەس-مەركىزى قانالدا بىرىۋاتىدۇ.
3.لەنشىجۈ قويىۋاتىدۇ ئەمەس-قىسىملىق كىنو قويۇۋاتىدۇ.
4.جىدىڭخې بۇزۇلۇپتۇ ئەمەس – رەقەملىك قوبۇللىغۇچ بۇزۇلۇپتۇ.
5.شۇزى دىيەنشى ئالدىم ئەمەس-رەقەملىك جاھان ئەينىكى ياكى تېلۋىزور ئالدىم.
كومپىيۇتىردىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.لىئەنۋاڭ بولمايۋاتىدۇ ئەمەس-تور ئۇلانمايۋاتىدۇ.
2.سۇ- سو قىلىپ باققىن ئەمەس-ئىزدەپ باققىن.
3.شىازەي قىلپتۇ ئەمەس-چۈشۈرپتۇ.
4.ۋاڭلو يوق ئەمەس –تور يوق.
5.شۇ بىياۋۇ بۇزۇق ئەمەس-.مائۇس بۇزۇق
6.شىپىن ئىچىلمايۋاتىدۇ ئەمەس-سۈرەتلىك ھۆججەت ئىچىلمايۋاتىدۇ.
7.پىنمۇسى كىچىك ئەمەس-ئېكېرانى كىچىك.

كارتىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.گۇڭزى كانى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەس-مائاش كارتىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
2.شىڭ يۇڭكا دىن پۇل ئالدىم ئەمەس-قەرىز كارتىسىدىن پۇل ئالدىم.
3.مىچىكا دا پۇل تۇگەپتۇ ئەمەس-گاز كارتىسىدا پۇل تۈگەپتۇ.
4.ديەنكا غا پۇلسالدىم ئەمەس-توك كارتىسىغا پۇل قاچىلىدىم.
5.يىكاتۇڭ بىجىردىم ئەمەس-ئاممىباپ كارتىسى بېجىردىم.
6.شۆسىڭكا نى ئىلىۋال ئەمەس-ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنى ئىلىۋال.
7.لورنكا رىڭىز بارمۇ ئەمەس-چوڭلار كارتىسى بارمۇ.
8.يىباۋۇكا بىلەن كۆرۇندىم ئەمەس-داۋالاش كارتىسى بىلەن كۆرۈندىم.

كېنىشكىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.خۇكۇبىننى قەيەرگە قويدۇڭ ئەمەس-نوپۇس دەپتىرىنى قەيەرگە قويدۇڭ.
2.شىنپىن جىڭ چۈشۈپ قاپتۇ ئەمەس-كىملىك چۈشۈپ قاپتۇ.
3.گۇڭزوجىڭ يوق ئەمەس-خىزمەت كېنىشكىسى يوق.
4.جاشىيجىڭ ئۆيدە قاپتۇ ئەمەس-شۇپۇرلۇق كېنىشكىسى ئۆيدە قاپتۇ.
5.كۇفېر قىلىپتۇ ئەمەس-نومۇر تارتىپتۇ.
6.شىڭ چىجىڭ يوقتۇرىدۇ ئەمەس-ماشننىڭ يوليۇرۇش كېنىشكىسى يوقتۇرىدۇ.
7.بوشەندەن بارمۇ ئەمەس-سۇغۇرتا قەغىزى،ئىسپاتى،كارتىس،تالۇنى بارمۇ.
8.شۆسىڭ جڭنى ئىلىۋال ئەمەس-ئۇقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىنى ئىلىۋال.
9.جىشاۋۇ شىڭ كەستۇرۇپ كەل ئەمەس-تۇنۇشتۇرۇش ئىسپاتى ياكى قەغىزى كەستۇرۇپ كەل.
10.شومېڭشۇ سى بارمۇ ئەمەس-چۇشەندۇرىشى بارمۇ.
11.جىخۇڭجىڭ ئالغىلى ماڭدى ئەمەس-توي خېتى ياكى كېنىشكىسى ئالغىلى ماڭدى.
12.بىيېجىڭ چىقىپتۇ ئەمەس-ئۇقۇش پۈتتۇرۇش كېنىشكىسى چىقىپتۇ.
13.دەنۋي نىڭ جىڭمىڭىنى ئىلىپ كەل ئەمەس-ئىدارىنىڭ تۇنۇشتۇرۇش، ئىسپاتى،قەغىزىنى ئېلىپ كەل.
14.داڭيۇەن جىڭ بارمۇ ئەمەس-پارتىيە كېنىشكىسى بارمۇ.
15.تۈيشۇ جىڭنى كۆرەي ئەمەس-پىنسىيە كېنىشكىسىنى كۆرەي.

ئۆي سايمانلىرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1. ديەنشى ئالدۇق ئەمەس –جاھان ئەينىكى ياكى تېلۋىزور ئالدۇق.
2.دىيەنناۋ بۇزۇلۇپ قاپتۇ ئەمەس- كومپىيوتېر بۇزۇلۇپ قاپتۇ.
3.بىڭ شاڭ ئالدۇق ئەمەس –توڭلاتقۇ ئالدۇق.
4.شىيىجى ئايلانمايۋاتىدۇ ئەمەس-كىرئالغۇ ئايلانمايۋاتىدۇ.
5.شىچىنچى بۇزۇلۇپ قاپتۇ ئەمەس-چاڭ-تۇزاڭ سۈمۈرگۈچ بۇزۇلۇپ قاپتۇ.
6.سافانى يەڭگۇشلىدۇق ئەمەس-كىرسىلونى يەڭگۇشلىدۇق.
7.يۇيىيەنجىنى يۇغۇزدۇق ئەمەس – بۇس تارتقۇچنى يۇغۇزدۇق.
8.مىچىلۇزىنى ئۆڭشاتتۇق ئەمەس-گاز ئوچاقنى ئوڭشاتتۇق.
9.ماتوڭنى يەڭگۇشلىۋەتتۇق ئەمەس-تەرەت قاچىسىنى يەڭگۇشلىدۇق.
10. يېڭى شۇ جازا ئالدۇق ئەمەس- يېڭى كىتاب ئىشكابى ئالدۇق.
11.ۋەنگۈي كونىراپ كىتىپتۇ ئەمەس-قاچا-قۇچا قويۇش ئىشكابى كونىراپ كىتىپتۇ.
12.لىگۈينى ياساتتۇق ئەمەس-كىيىم ئىشكابنى ياساتتۇق.
13.جوزا يەتمىدى ئەمەس- ئۈستەل يەتمىدى.
14.چۇفاڭدا تاماق ئىتىۋاتىدۇ ئەمەس- ئاشخاندا تاماق ئىتىۋاتىدۇ.
15.ۋېيسىڭ جىئەن بەك كىچىككەن ئەمەس- تازلىق ئۆيى بەك كىچىك ئىكەن.
16.ۋوشىدا ئۇخلاۋاتىدۇ ئەمەس-ھۇجرىدا ئۇخلاۋاتىدۇ.
17.كېتىڭ بەك چوڭ ئىكەن ئەمەس- مېھمانخانا چوڭ ئىكەن.
18.گوداۋۇ بەك تارىكەن ئەمەس-زال بەك تارىكەن.
19 .لۇداۋۇ بىلەن ماڭغىلى بولىدۇ ئەمەس-كارىدور بىلەن ماڭغىلى بولىدۇ.
20.چۇاڭ لىئەن ئاستۇق ئەمەس –پەردە ئاستۇق.
21. بەندىڭ يىتىشمىدى ئەمەس-ئورۇندۇق يىتىشمىدى.
22.شازا قەيەردە تۇرۇدۇ ئەمەس-.ئەخلەت ئالغۇچ قەيەردە تۇرۇدۇ.
23.ديبەن ياتقۇزدۇق ئەمەس-تاختاي ياتقۇزدۇق.
24.بەنچاڭ ياساتتۇق ئەمەس-سۇپا ياساتتۇق.
25.خۇاپىڭ چېقىلىپ كەتتى ئەمەس-گۈل تەشتىكى چېقىلىپ كەتتى.
26.رەسىم جازىسنى نەگە ئاسىمىز ئەمەس-رەسىم رامكىسىنى نەگە ئاسىمىز.
27.كەيگۇئەننى ئۆچۈر ئەمەس-چىك-چاكنى ئۆچۈر.
28.جۇاڭشۇ سى بەك ياخشى بولۇپتۇ ئەمەس-بېزىلىشى بەك ياخشى بولۇپتۇ.
29. چاڭزى چاپلىدۇق ئەمەس-تام قەغىزى چاپلىدۇق.
30. لاڭتەي بەك چوڭ ئىكەن ئەمەس-بالكونى بەك چوڭ ئىكەن

ئىدارە –ئورگان نامىلىرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.داڭۋي دا ئىشلەيدۇ ئەمەس-پارتىكومدا ئىشلەيدۇ.
2.رىنمىن جىڭفۇ دا ئىشلەيدۇ ئەمەس-خەلق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدۇ.
3.فايۇەندىن چاقىرتىپتۇ ئەمەس-سوت ئىدارىسىدىن چاقىرتىپتۇ.
4.گۇڭ ئەنتىڭگە قانداق بارىدۇ ئەمەس-جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتىگە قانداق بارىدۇ.
5.گۇڭ ئەنجۇي قايسى تەرەپدە ئەمەس-ساقچى ئىدارىسى قايسى تەرەپتە.
6.پەيىچۇسو دىن ئادەم كەپتۇ ئەمەس-ساقچىخانىدىن ئادەم كىلىپتۇ.
7.رندادا ئىشلەيدۇ ئەمەس-سياسي كېڭەشتە ئىشلەيدۇ.
8.جاۋۈيۈ تىڭدا خىزمەت قىلىدۇ ئەمەس-مائارىپ نازارىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
9.جاۋۇتىڭتىڭنى سوراي دىگەننىدىم ئەمەس-قاتناش نازارىتىنى سوراي دىگەننىدىم.
10.سۇيلى تىڭ قاتەرەپتە ئەمەس-سۇئىشلىرى نازارىتى قايسى تەرەپتە.
11.نۇڭيە تىڭگە بېرىپ كەلدىم ئەمەس-دېھقانچىلىق نازارىتىگە بېرىپ كەلدىم.
12.يىڭ خاڭدىن پۇل ئالدىم ئەمەس-بانكىدىن پۇل ئالدىم.
13.گۇڭشاڭ جۇيگە قايسى يول بىلەن بارىدۇ ئەمەس-سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە قايسى يول بىلەن بارىدۇ.
14.فىجي چاڭغا بارماقچى ئىدىم ئەمەس-ئايرىپورت ياكى ئايرىدورۇمغا بارماقچى ئىدىم.
15.خوچىزەنگە چىقماقچى ئىدىم ئەمەس-پويىز ئىستانسىسىگە چىقماقچى ئىدىم.
16.تىلۇجۇيگە كەلدۇق ئەمەس-تۆمۈر يول ئىدارىسىگە كەلدۇق.
17.نەنزىگۇ چىزەنگە چۈشۈپتۇ ئەمەس-خۇمدانلىق ئاپتۇۋۇز بىكەتكە چۈشۈپتۇ.
18.دابازاغا كەلدۇق ئەمەس-چوڭ بازارغا كەلدۇق.
19.ئاردوچوزيدا ساقلاۋاتىدۇ ئەمەس-دۆڭكۆرۈكتە ساقلاۋاتىدۇ.
20.ياۋۇدييەندىن ئالدىم ئەمەس-دوراخانىدىن ئالدىم.
21.ئار يۇەنگە كۆرۇنگىلى كەتتى ئەمەس-خەلق دوختۇرخانىسى،ئىككىنجى دوختۇرخانىغا كۆرۈنگىلى كەتتى.
22.مىڭزۇ يۇەندە داۋالىنىۋاتىدۇ ئەمەس-مىللى شىپاخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
23.يىشۆ يۇەندە ئوقىدۇ ئەمەس-تىببىي ئىنىستىتۇتىدا ئوقىدۇ.
24.جۇڭلۇۋۇ يۇەندە ئوپىراتسىيە قىلدى ئەمەس-ئۆسمە كىسەللىك دوختۇرخانىسىدا ئوپراتسىيە قىلدى.
25.ئۇجىڭيۇەندە كۆرۇندى ئەمەس-قۇراللىق-ساقچى قىسىم دوختۇرخانىسىدا كۆرۇندى.
26.تۇڭجىجۇيدە ئىشلەيدۇ ئەمەس-ئىستاتسىتىكا ئىدارىسىدا ئىشلەىدۇ.
27. شڭ جىجۇيگە ئورۇنلىشىپتۇ ئەمەس-تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا ئورۇنلىشىپتۇ.
28.ديشاجەدە ئايلىنىۋاتىدۇ ئەمەس-يەر ئاستى بازىرىدا ئايلىنىۋاتىدۇ.
29.چاۋۇ شىدىن ئالدىم ئەمەس-تاللابازىرىدىن ئالدىم.
30.جى خاۋۇلۇدا تۇرىسىز ئەمەس-قانچىنجى بىنادا تۇرىسىز.
31.جىدەن يۇەندە ئەمەس-قانچىنجى كورپوستا تۇرىسىز.
32.جىخاۋۇ فاڭدا ئەمەس-قانچىنجى ئۆي.
33.چەكۇ دىن بىرنى ئالدىم ئەمەس-ماشىنا ئىسكىلاتىدىن بىرنى ئالدىم.
34.شاڭماۋۇ چىڭنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن ئەمەس-سودا شەھەرچىسىنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن.
35.سۇينى چاڭغا بارىمەن ئەمەس-سىمونىت زاۋۇدىغا بارىمەن.
36. يۇخاۋۇ شاڭچاڭدا سىتىۋىتىپتۇ ئەمەس-دوستلۇق سوداسارىدا سېتىۋىتىپتۇ.
37.ئارگۇڭ تىيى گۇەندە مۇسابىقە بارئىكەن ئەمەس- ئارگۇڭ تەنتەربىيە سارىيىدا مۇسابىقە بارئىكەن.
38.شاڭدىيەندىن ئالدىم ئەمەس-ماگىزىندىن ئالدىم.
39.شاڭچاڭغا باردۇق ئەمەس-سودا سارىيىغا باردۇق.
40.ئارتۇڭ گۇڭ يۇەنگە ئاپىرىپ ئويناتتۇق ئەمەس-بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ ئويناتتۇق.
41.ديىڭ يۇەندە كىنو كۆردۇق ئەمەس-كىنوخانىدا كىنو كۆردۇق.
42.سەيماچاڭدا كۆرشەيلى ئەمەس-ئات بەيگە مەيدانىدا كۆرشەيلى.
43.گېۋۇ تۇەندە ئىشلەيدۇ ئەمەس-ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىگىدە ئىشلەيدۇ.
44.سۇيشاڭ لىيۇەنگە بىرىپ ئويناپكەلدۇق ئەمەس-سۇ ئۇستى باغچىسىغا بىرىپ ئويناپ كەلدۇق.
45.سەندۇڭبىدىن ماڭدى ئەمەس-ئۈچتاشتىن ماڭدى.
46.شىڭخۇا شۇدىيەندىن ئالغان كىتاپ ئەمەس- شىنخۇا كىتابخانىسدىن ئالغان كىتاپ.
47.چيىگۇەن سودا ئىشلەۋاتىدۇ ئەمەس-ماشىنا باشقۇرۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
48.بالۇدا چۇشىسىز ئەمەس-سەككىز قەۋەتتە چۈشىسىز.
49.تۇديجۇي گە ئاپاردۇق ئەمەس-يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئاپاردۇق.
50.جۇيچاڭدا ئويۇن قويۇپتۇ ئەمەس-تىياتىرخانىدا ئويۇن قويۇپتۇ.
51.سىفا تىڭدە ئىشلەيدۇ ئەمەس-تەپتىش نازارىتىدە ئىشلەيدۇ.
52.خۇڭسەن گۇڭ يۇەننى ئايلىنىپ چىقتۇق ئەمەس-قىزىل تاغ باغچىسىنى ئايلىنىپ چىقتۇق.
53.پىفا دىن ئالدۇق ئەمەس-توپ تارقىتىش ئورنىدىن ئالدۇق.
54.جۇخۇاسىچاڭنىڭ ئىچىدە ساتىدىكەن ئەمەس-كونا ماللار بازىرىنىڭ ئىچىدە ساتىدىكەن.
55.دۇڭ خۇائەن سىچاڭدىن ئەكەلدۇق ئەمەس-شەرقى ئايلانما بازىرىدىن ئەكەلدۇق.
56.تۇڭگۇەن بەن تۇتۇۋاپتۇ ئەمەس-بىرتۇتاش باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇتۇۋاپتۇ.
57.باۋۇ شەن گۇڭسىنى چاقىردۇق ئەمەس-سۇغۇرتا شىركىتىدىن ئادەم چاقىردۇق.
58.ئارتۇڭسۇندە ئولتۇرىمىز ئەمەس-ئۆسمۈرلەر كەنتىدە ئولتۇرىمىز.
59.جۈنچۈينىڭ ھەربى باشلىقى ئەمەس-ھەربىي رايۇننىڭ باشلىقى.
60.جۇڭياڭدىن چۇشكەن كادىركەن ئەمەس-مەركەزدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر.
61.جۇنچۇي يۇەندە كۆرۇندۇق ئەمەس-ھەربى دوختۇرخانىدا كۆرۈندۇق.
62.ۋىڭخۇا تىڭدا ئىشلەىدۇ ئەمەس-مەدەنىيەت نازارىتىدە ئىشلەيدۇ.
63.ۋيسىڭ تىڭدا ئىشلەيدۇ ئەمەس-سەھىيە نازارىتىدا ئىشلەيدۇ.
64.لىيۇۋۇ جۇيگە ئالمىشىپ تۇ ئەمەس-ساياھەت ئىدارىسىگە ئالمىشىپتۇ.
65.تۇدىي جۇيگە يوتكىلىپ كىتىپتىغۇ ئەمەس-يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كىتىپتۇ.
66.گوتۇ ز ييۇەن تىڭنى ئاران تاپتۇق ئەمەس-دۆلەت يەر-زېمىن بايلىق نازارىتىنى ئاران تاپتۇق.
67.ئەنچۇەن تىڭدا ئىشلەيدۇ ئەمەس-دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىدە ئىشلەيدۇ.
68.دەنۋيدىن ئىستىپا بىرىپ چىقىپ كىتىپتۇ ئەمەس-ئىدارىدىن ئىستىپا بىرىپ چىقىپ كىتىپتۇ.
69.كىشۆ يۇەنگە كەلدۇق ئەمەس-پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە كەلدۇق.
70.باگاڭغا بىرىپ كەلدۇق ئەمەس-بىرىنچى ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا بېرىپ كەلدۇق.
71. مۇسەي چاڭغا كەپقاپتۇق ئەمەس-ياغاچ-ماتىرىياللىرى زاۋۇتىغا كەپ قاپتۇق.
72.نۇڭجى چاڭغا كەلگەندە چۇشىمىز ئەمەس-دېھقانچىلىق- ماشىنسازلىق زاۋۇتىغا كەلگەندە چۈشىمىز.
73.دىيەن چاڭغا كەپقاپتۇق ئەمەس-ئېلىكتىر ئىستانسىسىغا كەپ قاپتۇق.
74.مىيەنفىڭ چاڭدىن ئۆتىپ كىتىپتۇق ئەمەس-ئۇن زاۋۇتىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇق.
75.تۇەنۋيدا ئىشلەيدۇ ئەمەس-ياشلار ئىتتىپاق كومىتىتىدا ئىشلەيدۇ.
76.گاۋۇ جى فايۇەنگە ئەرىز قىلىپتۇ ئەمەس-يۇقىرى سوتقا ئەرىز قىلىپتۇ.
77.جۇڭجى فايۇەندە ئىشلەيدۇ ئەمەس-ئوتتۇرا سوتتا ئىشلەيدۇ.
78.تىڭچى چاڭدا ئورۇن يوق ئىكەن ئەمەس-ماشىنا توختۇتۇش ئورنىدا ئورۇن يوق ئىكەن.
79.ئەنجۇاڭ گۇڭسىغا كەلدۇق ئەمەس-قۇراشتۇرۇش شىركىتىگە كەلدۇق.
80.ئۆيىمىز تىيەنسەن چۇيدە ئەمەس-ئۆيىمىز تىيانشان رايونىدا.
81.ساچۇيدە ئىشلەيدۇ ئەمەس-سايباغ رايونىدا ئىشلەيدۇ.
82.شڭ شىچۇيگە بارامدۇق ئەمەس-يېڭى شەھەر رايونىغا بارامدۇق.
83.چاڭتۇ چىزەندىن ماڭدۇق ئەمەس-ئۇزۇنيوللۇق بىكەتتىن ماڭدۇق.
84.شاۋۇچۇينىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتىدۇ ئەمەس-ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتىدۇ.
85. جوتۇڭ دادۈي ئەمەس- قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى
86. شۇۈ ۋۇجۇي ئەمەس- باج ئىدارىسى
87. يىشۇ شۆيەن ئەمەس- سەنئەت ئىنىستىتوتى
88.دىيەنتەي ئەمەس- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
89. توۋزىچاڭ ئەمەس- فار-فۇر بۇيۇملار زاۋۇتى

مەكتەپ نامىلىرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.داشۆ دە ئوقۇيدۇ ئەمەس-ئالي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
2.سىفەن داشۆنى پۈتتۈرگەن ئەمەس-پېداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىنى پۈتتۈرگەن.
3.جۇڭجۇەندە ئوقىدۇ ئەمەس-ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇيدۇ.
4.جىگۇڭ مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئەمەس-تېخنىكوم مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.
5.جىشاۋدا ئوقۇيدۇ ئەمەس-تىخنىكا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
6.شۇيۇەندە ئوقۇيدۇ ئەمەس-ئىنىستىتوتتا ئوقۇيدۇ.
7.داڭ شاۋۇدا ئوقۇيدۇ ئەمەس-پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
8.تۆەن شاۋۇدا ئوقۇيدۇ ئەمەس-ئىتتىپاق مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.
9.گاۋۇجۇڭدا ئوقۇيدۇ ئەمەس-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
10.چۇ جۇڭدا ئوقۇيدۇ ئەمەس-تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە .وقۇيدۇ .
11.جىيە داشۆدە ئوقۇيدۇ ئەمەس-كەسىپى ئۇنېۋىرسىسىتتا ئوقۇيدۇ
12.شاۋۇ شۆدە ئوقۇيدۇ ئەمەس-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
13.شۆچەن بەندە ئوقۇيدۇ ئەمەس-تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدۇ.
14.توروسۇدا ئوقۇيدۇ ئەمەس-يەسلىدە ئوقۇيدۇ.
15.شنجاڭ داشۆدە ئوقۇيدۇ ئەمەس-شىنجاڭ ئۇنېۋىرسىتىتىدا .ئوقۇيدۇ.
16.نۇڭدادا ئوقۇيدۇ ئەمەس-يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ.
17.سەيجىڭ داشۆدە ئوقۇيدۇ ئەمەس-مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ.
18.ۋەيماۋۇ شۆشاۋۇ دا ئوقۇيدۇ ئەمەس-تاشقى سودا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
19.خۇشاۋۇدا ئوقۇيدۇ ئەمەس-پەرۋىشلەر مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.

باشلىقلار ئىسىملىرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.جۇشى ئەمەس-رەئىىس
2.زۇڭلى ئەمەس-باش مىنىستىر.
3.چاڭۋىي ئەمەس-دائىمى كومىتىت.
4.جىڭشە ئەمەس-سياسي كېڭەش.
5.فۇزۇڭلى ئەمەس-مۇئاۋىن مىنىستىر.
6.قايسى شىڭ ئەمەس-ئۆلكە.
7.شڭجاڭ ئەمەس-ئۆلكە باشلىقى.
8.فۇشڭجاڭ ئەمەس-مۇئاۋىن ئۆلكەباشلىقى.
9.تىڭجاڭ ئەمەس-نازارەت باشلىقى
10.فۇتىڭجاڭ ئەمەس-مۇئاۋىن نازارەت باشلىقى.
11.شۇجىي ئەمەس-سىكىرتار.
12.فۇشۇجىي ئەمەس-مۇئاۋىن سىكىرتار.
13.شەنجاڭ ئەمەس-ھاكىم.
14.فۇشەنجاڭ ئەمەس-مۇئاۋىن ھاكىم.
15.جۇيجاڭ ئەمەس-ئىدارە باشلىقى.
16.فۇجۇيجاڭ ئەمەس-مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى.
17.چاڭجاڭ ئەمەس-كەنىت باشلىقى.
18.فۇ چاڭجاڭ ئەمەس-مۇئاۋىن كەنىت باشلىقى.
19.كېجاڭ ئەمەس-بۆلۈم باشلىقى.
20.فۇكېجاڭ ئەمەس-مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى.
21.بەنجۇرىن ئەمەس-سىنىپ مۇدىرى.
22.زۇجاڭ ئەمەس-گۇرۇپپا باشلىقى.
23.بەنجاڭ ئەمەس-سىنىپ باشلىقى.
24.سوجاڭ ئەمەس-ساقچىخانا باشلىقى.
25.فۇسوجاڭ ئەمەس-مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى
26.دادۇي جاڭ ئەمەس-چوڭ ئەتىرەت باشلىقى.
27.شاۋۇدۇيجاڭ ئەمەس-كىچىك ئەتىرەت باشلىقى.

تاماق تۇرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.بەنمىيەندىن بىر تەخسە ئەمەس-لەغمەندىن بىر تەخسە.
2.سومىيەندىن يەي ئەمەس-قورۇما ئاشدىن يەي.
3.تاڭفەن بارمۇ ئەمەس-سۇيقاش بارمۇ…
4.گويىرۇ دىن بىر تەخسە ئەمەس-قورداقدىن بىرتەخسە.
5.مەنتاڭدىن بىر پىيالە بىرىڭا ئەمەس-ئاشنىڭ سۇيىدىن بىر پىيالە.
6.جامىيەندىن بىرنى بىرىڭ ئەمەس-قوشۇمچە ئاشتىن بىرىڭ.
7.موما بارمۇ ئەمەس –ھورنان.
8.مەنباۋۇ ئالاي ئەمەس-بولكا ئالاي.
9.داپەنجىدىن بىر تەخسە ئەمەس-چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورىمىسىدىن بىر تەخسە .
10.گۇتۇتاڭ ئىچەي ئەمەس-سۆڭەك شورپىسىدىن ئىچەي.
11.ۋەنزى تاڭ ئىچەي ئەمەس-كۇمۇلاچ شورپىسىدىن ئىچەي.

كۆكتات تۇرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.سەي ئالدىم ئەمەس-كۆكتات ئالدىم.
2.ياڭيۇۋۇ ئالدىم ئەمەس-بەرەڭگە ئالدىم.
3.لازا ئالدىم ئەمەس-مۇچ ئالدىم.
4.چىڭسەي ئالدىم ئەمەس-كەرەپشە ئالدىم.
5.بەيسەي ئالدىم ئەمەس –يېسىۋېلەك ئالدىم.
6.خاڭگا ئالاي ئەمەس-تەرخەمەك ئالاي.
7.شىخوڭشىدىن ئالدىم ئەمەس-پەمىدۇردىن ئالدىم.
8.داسۇەننى نەچچىدىن ساتتىڭىز ئەمەس-سامساقنى قانچىدىن ساتتىڭىز.
9.جۇسەي ئالدىم ئەمەس-كۇدە ئالدىم.
10.شاڭسەي-ئاش كۆكى

مىۋە-چىۋىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.شاڭجاۋۇ دىن بىر كىلو ئالاي ئەمەس-بانان دىن بىر كىلو ئالاي.
2.ساۋمىيدىن ئالاي ئەمەس-بۆلجۈرگەن ئالاي.
3.بولونىڭ كىلوسى قانچە پۇل ئەمەس-ئاناناسنىڭ كىلوسى قانچە پۇل.
4.جۇزىڭىزنى قانچىدىن ساتتىڭىزى ئەمەس-ئاپلىسىننى قانچىدىن ساتتىڭىز.
5.لىزىدىن ئالايچۇ ئەمەس-نەشپۇتتىن ئالاي.

كۆۋۈرۈك ئىسىملىرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.لىجاۋۇچاۋۇدىن ئايلىنىپ چۇشتۇق ئەمەس-سىتىرولۇق كۆۋۈرۈكدىن ئايلىنىپ چۈشتۇق.
2.شىداچاۋۇدىن ئۆتتۇق ئەمەس-غەربىي چوڭ كۆۋۈرۈكدىن ئۆتتۇق.
3.سەن چاۋۇغا كەلدۇق ئەمەس-ئۇچىنجى كۆۋۈرۈككە كەلدۇق.
4.گۇۋۇ جاچاۋۇ خەتەرلىككەن ئەمەس-كۆتۈرمە كۆۋۈرۈك خەتەرلىككەن.

يول ئىسمىلىرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.ۋەيخۇەنلۇدىن ماڭدۇق ئەمەس-تاشقى ئايلانما يولىدىن ماڭدۇق.
2.خىتەن لۇدا كىتىۋاتىمىز ئەمەس-ساي يولىدا كىتىۋاتىمىز.
3.گاۋۇ سۇ لۇغا ئەمدى چىقتۇق ئەمەس-يۇقىرى سۇرئەتلىك يولغا ئەمدى چىقتۇق.
4.تۇڭداۋۇدىن ئەمدىي ئۆتتۇق ئەمەس-تونىلدىن ئۆتتۇق.
5.بىڭداۋەننىڭ يولىدا ماڭغىلى بولمايدىكەن ئەمەس-مۇزداۋاننىڭ يولىدا ماڭغىلى بولمايدىكەن.

باشقا ئاتالغۇلاردىكى ئارىلاشمىلار
1.ديشاشىغا چۈشتىم ئەمەس-يەرئاستى ئۆيىگە چۈشتىم.
2.چاۋۇسۇ بو پقاپتۇ ئەمەس-سۇرئەتنى ئاشۇرۋېتىپتۇ .
3.بوشەندەينى تاقىۋىلىڭلار ئەمەس-بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋىلىڭلار.
4.داباۋۇ قىلىپ بىرىڭا ئەمەس-زەللە قىلىپ بىرىڭا…
5.جابەن ئىشلەپتۇ ئەمەس-قوشۇمچە،ئارتۇق ئىشلەپتۇ.
6.فۇيىن قىلىپ كىلىڭ ئەمەس-كۆپەيتىپ ياكى نوسقىلاپ كىلىڭ.
7.بەنگۇڭشىدا قاپتۇ ئەمەس-ئىشخانىدا قاپتۇ…
8.شۇشەن كىيىنىپ يۇرمەمسىز ئەمەس-ئازادە كىيىنىپ يۇرمەمسىز.
9.سەيپىياۋۇ ئالدىم ئەمەس-لاتارىيە بىلىتى ئالدىم…
10.لۈيشى تەكلىپ قىلپتۇ ئەمەس-ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپتۇ.
11.جىبەن قىلدىم ئەمەس-دىجۇرنىلىق قىلدىم.
12.بوۋىكىدا يوق تۇرىدۇ ئەمەس-قوغداش بۆلىمىدە يوقتۇرىدۇ.
13.گۇاڭگاۋۇ غا چىقىرىپتۇ ئەمەس-ئىلانغا چىقىرىپتۇ.
14.يىدۇڭنىڭ تېلېفۇنى ئەمەس-كۆچمە ئىدارىسىنىڭ تېلېىفۇنى.
15.لىيەنتۇڭنىڭ تېلېفۇنى ئەمەس-بىرلەشمە ئىدارىسىنىڭ تېلېفۇنى.
16دىيەنشىڭ نىڭ تېلېفۇنى ئەمەس-تېلېگىراف ئىدارىسىنىڭ تېلېفۇنى.
17يۇۋۇ دىيەن جۇيدە ئىشلەيدۇ ئەمەس-پوچتا ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ.
18.چىنكى قىلدىم ئەمەس-مېھمان قىلدىم.
19.گۇڭۋۇ يۇەن لىككە ئېمتىھان بىرپتۇ ئەمەس-مەمۇرلۇققا ئېمتىھان بىرىپتۇ.
20.يىجاۋ لىق ئىكەن ئەمەس-بىر مىگالىق ئىكەن.
21.دۇچېكەن ئەمەس- ماشىنا بىسىق ئىكەن.
22.سەيۋۇشىدا ئىشلەي دۇ ئەمەس-مالىيە ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ.
23.كۆيجى كىتىپ قاپتۇ ئەمەس-بوغالتىر كىتىپ قاپتۇ.
24.چۇنا يوقتۇرىدۇ ئەمەس-كاسسىر يوقتۇرىدۇ.
25.شۇيلۇڭتۇ بۇزۇلۇپ قاپتۇ ئەمەس-سۇ جۈمىكى بۇزۇلۇپ قاپتۇ.
26.ديشا گۇەن داۋۇ يىرىلىپ كىتىپتۇ ئەمەس-يەرئاستى تۇربا يولى يېرىلىپ كىتىپتۇ.
27.ديئاۋۇ جىڭ ئاستۇرۇۋاتىدۇ ئەمەس-ئاسما ئوكۇل ئاستۇرۇۋاتىدۇ.

ماشىنا ئىسىملىرىدىكى ئارىلاشما ئاتالغۇلار
1.شۆدىدەي ئالماشتۇردۇم ئەمەس-قىشلىق چاق ئالماشتۇردۇم.
2.زىدۇڭداڭلىق ماشىنىكەن ئەمەس-ئاپتۇماتىك سۈرئەت يۆتكىگۈچ.
3.شۇدۇڭداڭلىق ماشىنىكەن ئەمەس-قوللۇق سۇرئەت يۆتكىگۇچ.
4.پەيجاۋۇ ئالماش تۇرۇپتۇ ئەمەس-نومور تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپتۇ.
5.ديەنپىڭ ئالماش تۇرۇپتۇ ئەمەس-ئاككۇمىلىياتور ئالماشتۇرۇپتۇ.
6.فادىيەنجنى يۆتكىۋەتتىم ئەمەس-دىنامنى يۆتكىۋەتتىم.
7.خوسەي كۆيۇپتۇ ئەمەس-ئۇچقۇنلاتقۇچ كۆيۈپتۇ.
8.سۇيشاڭ يىرىلىپتۇ ئەمەس-سۇ ساندۇقى يېرىلىپتۇ.
9.زوبوۋۇ تائاۋۇ يەڭگۈچلىدىم ئەمەس-ئورۇندۇقنىڭ قىپىنى يەڭگۈشلىدىم.
10.داۋۇشى جىڭ چىقىلىپ كەتتى ئەمەس-كەينىنى كۆرۈش ئەينىكى چېقىلىپ كەتتى.
11.بىدەي ئىلىۋال ئەمەس-زاپاس چاقنى ئېلىۋال.
12.جىيۇۋۇ ئالماشتۇردۇم ئەمەس-ئاپتول ئالماشتۇردۇم .
13.ساچى يۇ قالماپتۇ ئەمەس-تورمۇز مىيى قالماپتۇ.
14.يۇۋۇ گۇاچى ئىشلىمەيدۇ ئەمەس-ئەينەك سۈرۈتكۈچ ئىشلىمەيدۇ .
15.يۇەنگۇاڭ ياخشى يوري مايدۇ ئەمەس-يىراقنى كۆرسىتىش چىرىقى ياخشى يۇرۇمايدۇ.
16.جىڭگۇاڭ بۇزۇلۇپ قاپتۇ ئەمەس-يېقىننى كۆرسىتىش چىرىقى بۇزۇلۇپ قاپتۇ.
17.جاۋۇ تۇڭ شىگۇ بولۇپتۇ ئەمەس-قاتناش ۋەقەسى يۈز بىرىپتۇ
18.لىخى چىنى دەسسىسەم ئىشلىمەيۋاتىدۇ ئەمەس -ئايرىش پىدالىنى دەسسىسەم ئىشلىمەيۋاتىدۇ.
19.كۇڭچى لۇيشىڭچى بەك كونىراپ كىتىپتۇ ئەمەس-ھاۋا تازىلىغۇچ بەك كونىراپ كىتىپتۇ.
20.دىپەنسى بەك پاكاركەن ئەمەس-ماشننىڭ ئاستى پاكاركەن.
21.دىڭ پىڭلىق ماشىنىكەن ئەمەس-ئىسىل ماشىنىكەن.
22.گاۋۇ پىلىق ماشىنىكەن ئەمەس-ئالى دەرىجىلىك ماشىنا ئىكەن.
23.ماشىنامنى كومو قىلدۇر دۇم ئەمەس-…كەپشەرلەتتىم.
24.ماشىنىنىڭ كۇۋاڭجاسى ياخشىكەن ئەمەس-…قۇرۇلمىسى

تۈگەنچە
ھازىرچە مېنىڭ بىلگەنلىرىم يۇقارقى سۆزلەر بولدى،قېلىپ قالغانلىرى بولسا كىيىن يەنە ئارىلاشما ئاتالغۇلار قوشۇلۇپ قالسا يازارمىز.خوش: بۇ سۆزلەرنىڭ ئىچىدە بەزى سۆزلەر بىزنىڭ تىلىمىزدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بەزى سۆزلەر ئاساسى جەتتىن ئۇيغۇر تىلىمىز نىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولدى. تۆۋەندە چەتئەللىك دوسلار دىيارىمىزغا كىلىپ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى ئۆگىنىپ، جاھان ئەينىگىدە ياكى تېلىۋىزوردا تونىلىۋاتىدۇ شۇنداق، باشقا قىرىنداش مىللەتلەرمۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقانلارنىمۇ كۆرىۋاتىمىز. باشقىلار بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى ئۇگىنىمەن دەپ تىرىشىۋاتسا، بىز سۆزىمىزگە ئارىلاشما ئاتالغۇلارنى قوشۇپ بۇزىمەن دەپ بۇزالمايۋاتساق بۇ قانداق دىگەن گەپ بولۇپ كەتتى، خۇش. بىز ئۇنى دېدۇق-بۇنى دېدۇق، يىغىپ كەلگەندە بىرلا ئېغىز سۆز دۆلەت تىلىمىز بولغان خەنزۇچىنى، چەتئەلچىنى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يىزىقىنى ياخشى ۋە پۇختا ئۆگىنىپ بىلىمدىن باش تارماي ۋە ئانا تىلىمىزگە ئارىلاشما ئاتالغۇلارنى قوشماي توغرا سۆزلىششىمىز ئۈچۈن شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىمىز كېرەك. ئاخىرىدا، ئانا تىلىمىزدا ئارىلاشما سۆزلەر يوق بولسۇن، ياخشى تىلەكلەر ھەممىمىزگە ئورتاق بولسۇن .

2015- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى
مەنبە: باغداش تورى

بۇ يازما 110 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1080

ئاكادېمىيە ئورگان تورى © 2017

ئۈستىگە قايتىش