ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » دەريا بويىدا

دەريا بويىدا

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئاجىز ئىنسانلارغا ئەركىنلىك بەرسەڭ، ئۇنى خالتىغا سېلىپ ئەكىلىپ يەنە ساڭا بېرىدۇ.
–  دوستوۋسكى

(1)

بۇگۇن، يەنى ئېنىقراق قىلىپ ئىيتىشقا توغرا كەلسا 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى يەكشەمبە مېيۇنخېن شەرىنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، بۇنداق بىر ئوچۇق ھاۋادا تۆت تامنىڭ ئىچىگە سولۇنىۋىلىپ، شىرە يىنىدا مۇكچۇيۇپ ئولتۇرۇشقا رايىم ئۇنىماي، ئۆزەم ھەۋەس بىلەن مېنىپ كىلىۋاتقان ترەك ماركىلىق موئۇنتائىنبىكەس ۋىلسىپىتىمنى مېنىپ، ئىسار دەريا بويىغا بېرىشنى قارار قىلدىم.

مەن ياۋروپادىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ پاكىز، رومانتىك، مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان مېيۇنخېن شەھەرنىڭ شەرقى قىسمىدىن غەرىپكە قاراپ ۋىلسىپىتىمنى مېنىپ يول ئالدىم. بۇگۇن دەم ئىلىش كۈنى بولغانلىغى ئۈچۈن، شەھەردىكى بارلىق ئىدارە ئورگانلار، سودا-سارايلار تاقاقلىق بولۇپ، شەھەرنىڭ ئىچى ئادەتتىكىدىن خېلىلا جىم ئىدى. مەن ۋىلسىپىت مېنىدىغان يولنى بويلاپ، ياۋروپا بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا قورام تاشلار بىلەن سېلىنغان ھەيۋەتلىك رەت-رەت ئىمارەتلەرگە، مۇنارلىرى بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغىغان چىركاۋلارغا، بۆككىدەك گۈل بىلەن تولغان بالكونلۇق ئائىلە بىنالىرىغا، يول ياقىسىدىكى پىۋەخانىلارغا، رەستۇرانلارغا، ئېھلامۇر پۇرىقى كىلىپ تىرىدىغان تۈرك چايخانىلىرىغا، تانابتەك تۇز كەتكەن يوللاردىن ئۆتىۋاتقان سىرلىرى يالتىراپ، ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يىغىنى يەيدىغان داڭلىق ماركىلىق ماشىنلارنىڭ موتور ئاۋازلىرىغا، ئىچىدە ئادەم يوق دىيەرلىك ترامۋايلارغا ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى توزىماس گۈلزەرلىقلارغا، يول ياقىسىدىكى قارياغاچ، سەرۋى دەرەخلەرگە قونۇۋالغان قۇشقاشلارغا، قاغىلارغا قاراپ يول ئىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىدىن باشقا بىر ئېشارەتنى بېرىدىغان بۇ ئالەمنى بىر-بىرلەپ كۇزۇتۇپ ئىسار دەرياسى بويىغا كەلدىم.

ئىسار دەرياسى ياۋروپانىدىكى ئالپېن تاغ تىزمىسىنىڭ ئائۇستىريەدىكى تىرول ئالپېن تاغلىرىدىن ئىقىپ چۇشۇپ، مېيۇنخېن شەھرىنى كىسىپ ئۆتۇپ، جەمى 292 كم ئۇزۇن بىر مۇساپىدىن كىيىن دەگگەندورفتا دوناي دەرياسىغا قۇيىلىدۇ.
مەن دەريانىڭ قىرغىدىكى بۇك-باراخسان سۆگەتلەر بىلەن ئورالغان ۋىلسىپىت يولىنى بويلاپ ئىلگىرلەپ ماڭدىم. شەھەرنىڭ مەركىزى قىسمىدىن ئاقىدىغان دەريا ياقىلىرى ناھايىتى مەزمۇت ھەم چىرايلىق قىلىپ، پىتون بىلەن ئىگىز قوپۇرۇلغان ئىدى. ئەممە شەھەر مەركىزىدىن ئۆتكەندىلا دەريانىڭ ياقىلىرى پۈتۈنلەي سايلىق بولۇپ، دەريا سۇيى يىيىلىپ كىتەتتى.. ئەتراپنى پۈتۈنلەي ساي تاشلىرى، شىخىللىقلار، قايسى قىيالاردىن ئىقىپ كىلىپ، توختاپ قالغان دەرەخنىڭ كونا گۆتەكلىرى بەئەينى ئىمتىدائىي ھالەتتىكى بىر تەبىئىي سەينانى ھاسىل قىلىپ، كۆز ئالدىمىزدا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئەسلىدە بۇ يەرلەرمۇ بۇرۇن چىرايلىق قىلىپ ياسالغان بولسىمۇ، كىيىن يەنە ھەممە يەرنى بۇزۇپ، ئەسلىدىكى سۇنىڭ ئەركىن ئىقىشى بويىچە ئىپتىدائىي ھالىتىگە ئەكىلىپ قويغان ئىدى. چۈنكى دەريا سۇيى ئۆز يولىنى ئۆزى تىپىپ ئاقىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ يولىنى سۇنھى ھالدا چىرايلىق ياساپ، بىتونلار بىلەن قوپۇرۇپ گۈزەللەشتۇرگەن بىلەن، يىغىن مەزگىلىدە سۇ ئۇلغۇيۇپ كەلكۇن ئاپىتىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدىكەن. مانا ھازىرقىدەك ئۆز ئىختىيارىغا قويغاندا سۇ ئۆز يولىنى ئۆزى تىپىپ ئىقىپ، ئۇنداق بىر ئاپەتنىڭ كۆپلەپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىنى بولىدىكەن. شۇڭا پەن-تېھنىكىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان، بەرىكە-قۇدرەت تاپقان گېرمانلار تەبىئەتننى بوي سۇندۇرۇشنىڭ ئورنىغا تەبىئەتكە ئۆزى بوي سۇنۇپ، تەبىئەتنىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەرشىي-ئەزىم ۋە روھىي زېمىننىڭ رەببى بولغان تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە بويۇن تولغۇماي، دەريانى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئىقىشىغا قويۋەتكەن ئىكەن. شۇڭا دەريا بويىدىكى ھەممە نەرسە ماڭا ئاجايىپ تەبىئىي كۆرۇندى. يۇزۇمگە ھوزۇر، ئارام بەخش بېرىپ، غۇر-غۇر ئۇرۇلىۋاتقان يازنىڭ
شاماللىرى خۇددى سولماس شۆگەتزارلىقنىڭ ئارىسىدىن قولىنى سوزۇپ كىلىۋاتقان بىر مۇقەددەس روھتەك روھىمغا ئەمىنلىك ئاتا قىلىۋاتاتتى. بۇ خوزۇرلۇق شامال سۇلتانلارنىڭ ھەيۋەتلىك قەسىرلىرى ئىچىدىكى ئەنقە قۇشلىرىنىڭ پەيلىرىدىن ياسالغان يەلپۇگۇچتىن كەلگەن ئەمبەر پۇرىقى كىلىپ تۇرىدىغان شامالدىنمۇ، ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار تېچنىكىلىق ھاۋا تەڭشىگۇچلەردىن چىققان پارىجنىڭ داڭلىق ئەتتىر پۇراقلىرى ئارلاشقان سالقىنلىقتىنمۇ بىغۇبار ئىدى. دەريا بويىدا بارچە ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى گۈللىنىپ، يەرۇجاھاندىن ئىبارەت كائىناتنى ئىللىق ھاۋا قاپلىغان ئىدى.

مەن ۋىلسىپىتتىن چۆشۇپ دەريا بويىغا يىقىن كەلدىم. دەريانىڭ يانلىرىدىكى سۇسىز سايلىققا ۋىلسىپىتىمنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، قىژىق تاش ئۇستىگە دۆمبەمدىكى سومكاننى ئىلىپ قويدۇمدە ئۇستىدىلا ئولتۇرۇپ، ئۇدۇلۇمدىنكى قۇياشنىڭ نۇرىدا پاقىراپ ئىقىۋاتقان سۇپ-زۇسۇك زۇمرەتتەك سۇلارغا نەزەر تاشلىدىم. سۇ ئۆز يولىنى بويلاپ ئەركىن ئىقىۋاتاتتى. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىگى بىلەن ھەركەت قىلىۋاتاتتى. توساتتىنلا ئىگىسى سۇغا ئاتقان ئەگىر بىر تاياقنى ئىلىش ئۈچۈن، قوڭۇر رەڭ تۇكلىرى پاقىراپ تۇرىدىغان، ئىككى قۇلىقى دىڭ بىر ئىت ئۆزىنى سۇغا ئاتتى. ئىت شۇنچىلى ئەركىن ھەم ئىشتىك ئۇزۇپ چەمدەسلىك بىلەن تاياقنى چىشلەپ ئاچىقىپ، ئىگىسىگە ئۆز ساداقىتىنى بىلدۇرۇپ، قۇيرۇقلىرىنى سەممى ئوينۇتۇپ، ئەتراپققا سوغۇق سۇنىڭ مارجان دانچىلىرىنى چاچتى. سۇدا بالىلار، قىزلار ئەركىن ئۇزۇپ ئويناۋاتاتتى. سايلىقتا كاۋاپ پىشىرۋاتقانلارمۇ، ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىپ ياتقانلارمۇ، كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغانلارمۇ……بار ئىدى. ئىش قىلىپ بۇلار، ماشۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق بولغان بەخت-سائادەتنىڭ بۇلۇتلىرى لەيلەپ يۇرۇيدىغان كۆك قۇدبەنىڭ ئاستىدا ۋە ئالپىن تاغلىرىدىن سېرىلىپ چۇشۇپ، ئويناقشىپ ئىقىۋاتقان ماشۇ سۇنىڭ بويىدا ئەركىن بىر ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇرۋاتاتتى. ئۆزى قانداق بولسا شۇنداق بولۇپ ياشايتى. بىرسى باشقا بىرسىنىڭ ھاياتىنى دورىمايتى. كىم قانداق بولسا شۇنداق ئىدى. مەيلى دەرياغا تاياقنى ئاتقان ئىتنىڭ ئىگىسى، مەيلى ئۇ تاياق، مەيلى ئىت، مەيلى ئۇ سۇ، مەيلى ئەتراپتىكى دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، ھەتتا ئاستا كىلىپ يۇزىمىزنى سىپاپ ئۆتىۋاتقان ئۇ سالقىن شامال….ھەممىسىنىڭ ھەركىتى، شەكلى بارلىق خۇسۇسىيەتلىرى تەبىئىي ئىدى. ئەجابا بۇ بىر ئەركىنلىكنىڭ ئىلتىپاتى بولسا كېرەك. مەن ماشۇ خىياللار ئىچىدە ئاشۇ مۇقەددەس ئەركىنلىك ئۈچۈن قان كىچىپ جەڭ قىلغان تاغامنىڭ ئۆز ۋاختىدا ماڭا، ئۆز ھەسرەتلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ غەمكىن ئىقىۋاتقان ئىلى دەريا بويىدا سۆزلەپ بەرگەن، ماناس دەرياسى بويىدىكى ئارزۇ-ئارمانىلىرى، ئەركىنلىك-ھۆرلۇككە بولغان ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن تراگىدىيەلىك كەچۇرمۇشلىرىگە غەرق بولدۇم.

(2)

1945-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى يامغۇرلۇق بىر كىچىدە ئون سەككىس ياشلاردىكى ئوتتۇر بوي، كەڭغۇللۇق بىر يىگىت ماناس دەرياسى بويىدا پوستا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. سىم-سىم يامگۇرلۇق ۋە شىۋىرغانلىق كىچىدە، ھۆل بولۇپ كىتىشىدىن ئاۋايلاپ تۇتقان قولىدىكى پىلەكچىلەپ ئورۇۋالغان تاماكىسىنىڭ ئۇچىدىكى ۋىللىلداپ تۇرغان يورۇقلۇقتىن باشقا بىر زەررىچىدەك نۇردىن بىشارەت يوق ئىدى. ھە راس دەريانىڭ ئۇ تەرەپىدە – دۈشمەن ئەسكەرلىرى غەرىپتىن كىلىدىغان ھۇجۇمغا ھوشيار تۇرۇش ئۈچۈن جىددى چارلاش ئىلىپ بىرۋاتقان قاراۋۇللارنىڭ چىراقلىرى يىراقتىن غۇۋا كۆرۇپ تۇراتتى. كۇزنىڭ يامغۇر ئارلاش ئاچچىق شامىلى يىگىتنىڭ يۇزىگە تىكەندەك سانجىلغاننى ئاز دەپ، قارشى تەرەپتىن ئادەمنى نەپەس ئالدۇرۇشقىمۇ ئىمكانسىز قالدۇرىدىغان قانداقتۇ بىر سېسىق ئۆلۇكنىڭ پۇرۇقىدەك بىر پۇراقنى ئۇچۇرتۇپ ئەكىلەتتى. ئاچچىق سوغاق ۋە بۇ قاڭسىق پۇراقتىن بەتەررەك يىگىتكە ئاباي روتا كوماندىرى ئۇختۇرغان“بىتىم بولىدۇ. ئۇرۇش توختىدى. قەيەردە تۇرغان بولساڭلار شۇ يەردە ئوق چىقارماي ساقلاپ تۇرۇڭلار!“ دېگەن بۇيرۇقى جېنىدىن ئۆتۇپ كەتكەنتى. بۇ بۇيرۇق نەپىسىنى بۇغغانتى . شۇڭا يىگىتنىڭ ۋۇجۇدى سوغۇقتىن ئەمەس بەلكى غەزەپتىن تىترەۋاتاتتى، يوغان مۇشتۇمى ئۆزلىگىدىن تۇگۇلگەنتى. روھى تېنىدىن ئايرىلغاندەك ئىختىيارسىز ئاچىق مۇخوركىسىنى ئىچىگە كۆچەپ تارتىپ، تىتماي ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى. شۇ تاپتا بۇ باھادىر يىگىت ئۆز بەختىنى ۋەيران قىلماقچى بولىۋاتقان ئاشۇ بېتىمنى ئويلاۋاتتى. ئۇنىڭ چوغدەك يۇرىگى خۇددى ئوۋچىنىڭ ھالتىسى ئىچىدە تىپىرلاۋاتقان قۇشتەك مىدىرلىماقتا، ئىچ-باغرىنى تاتلىماقتتا، نەپەسلىرى بارغانسىرى قىسىلماقتا ئىدى.

يىگىتنىڭ ئەقلىدىن قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە قان كىچىپ بېسىپ ئۆتكەن جەڭگاھلار كۆز ئالدىدىن بىر بىرلەپ ئۆتتى. قەھرىتان قىشتا غۇلجا غەرەمباغدىكى جەڭ، تەلكىننىڭ قارلىق داۋانلىرىدا، جىڭدا، شىخودا ئازاتلىق، ھۆرلۇك ئۈچۈن جەڭ قىلغان شىجازەت ۋە جاسارەت مەيدانىنىڭ چەۋەندازلىرى كۆز ئالدىغا كەلدى. مىلتىق-زەبىرەك ئوقلىرىنىڭ ئاۋازلىرى، ئىس -تۆتەك، پورۇغ پۇراقلىرىڭ ئىچىدە ھۇررا ساداسىنى ياڭرىتىپ، دۈشمەن ئايروپىلانلىرىنىڭ يانغۇردەك ياغدۇرغان بومبىلىرغا پىسەنت قىلماي، دۈشمەن ستىكاملىرىغا شىددەت بىلەن ئىتىلغان سەبداشلىرى، شېيىت بولغان جان-جىگەر دوستلىرى، پۇت-قوللىرىدىن ئايرىلغان ئەل-ئاغىنىلىرى كۆز ئالدىغا كەلدى.

سەپداشلىرىڭ سەپەرلەردە قورسىقىنى، ئۇيقۇسىنى ۋە بەدىنىنىڭ چارچىشىنى ئونتۇغان ھالدا، ھەرقانچە مۇشاقەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرلىگەن جەڭگىۋار مىللىي روھى، مۇقەددەس ئىمانى ئەقلىدە كەزدى. زىمىستان سوغاقلاردا، دەشىت چوللەردە قەۋرىسىز قالغان نامسىز قەھرىمانلارنىڭ روھى ئۇنىنغا قولللىرىنى سۇنىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

1945-يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە 4 ئاي ئىچىدە 1مىليون ئاھالىسى بار بولغان 300 مىڭ km² زىمىن ئازات قىلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ھەمدە كۈچلۇك ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان دۈشمەن ئارمىيەسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ئالەم شۇمۇل قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئۆلمەس روھى كۆز ئالدىغا كەلدى. مانا مۇشۇنداق شىجاسەت بىلەن شىددەتلىك ئىلگىرلەۋاتقان مىللىي ئارمىيە ماناس دەريا بويىغا كەلگەندە، ئالغا ئىلگىرلەشكە يول قويۇلمىدى. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ مۇقەددەس ئەركىنلىكنىڭ سىمبولى بولغان كۆك بايراقنى شىڭشىڭشىياغا قادىمىساق مىڭلاپ-مىڭلاپ شېيىت بولغان باھادىر يىگىت-قىزلىرىمىزغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ ئىچكەن قەسەملىرىمىز بىكار كەتسە، ياراتقان ئىگەم ئالدىدا قارا يۇز بولمايمىزمۇ؟

بىردىنلا يەنە ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئۆزى چوڭ بولۇپ ئۆسكەن گۈزەل قاش دەريا بويلىرى كەلدى. ئەنە ئىلى دەرياسىنىڭ باش ئىقىمى ئۆركەشلەپ، بۇجغۇنلىرىنى ئەتراپقا چېچىپ ئاقماقتا، غەزەپلەنمەكتە. دەريا بويىدا مەھرىبان ئاناسى كۆز ياشلىرىنى يېرىلىپ قارغاينىڭ قوزاقلىرىدەك بولۇپ كەتكەن قوللىرىنىڭ دۇمپىسى بىلەن سۇرتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشماقتا. ئاغرىقچان، نېمجان دادېسى ئۆزىنىڭ بارلىق بىساتى بولغان تورۇن ئىتىنى، ئىگەر-چاپدۇقلىرى بىلەن راسلاپ، بىر قولىدا بوۋېسىدىن قالغان قالماق قاپچىنى، بىر قولىدا ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى يىگىتكە سۇنۇپ، ئوتتۇرۇشۇپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرىدە ئەگىگەن ياشلىرىنى يوشۇرۇپ، بارلىق ئۇمىد- ئارزۇلارنى ئوغلىدىن كۇتۇپ، سۇكىنات باسقان سەھەردە ئوغلىنى ئۇزاتماقتا. ئەنە يېراقلاردىن دەريا ياقىسىنىدىكى چىغتىماقلار ئارىسىدا ئىچىلغان چۇغلۇق گۈللەرنى، بۇلدۇقلاپ ئىتىلىپ چىققان قاش تىشىدەك سۇزۇك بۇلاقلارنى بويلاپ، كىپىنەكتەك نازۇك قاناتلىرىنى نازلىنىپ قىقىپ، كىلىۋاتقان ھاياتىنىڭ مەنىسى، روھىنىڭ ئەسىرچىسى گۈزەل جانانى كۆز ئالدىغا كەلدى.

يىگىتنىڭ قولىدىكى تاماكىسىنىڭ قالدۇقى قولىنى كۆيدۇرگەچكە يەرگە ئاچچىق بىلەن ئاتتى. قاراڭغۇلۇق باسقان بۇ زۇلمەتلىك كىچىدە يامغۇرلۇق شىۋىرغان كۈچەيمەكتە . سېنتەبىرنىڭ ئاچچىق كۈز شامىلى يازنى سورۇپ، سوغاقنى ئەكەلمەكتە ئىدى. سارغايغان ياپراقلارنى قىقىپ چۇشۇرۇپ، قۇم-باراقسانلارنى ئۇچۇرتۇپ، غەيرى ئاۋازلارنى چىقىرىپ، نېمىگىدۇ نارازىلىق بىلدۇرۋاتقاندەك، ئانا تۇپراقنىڭ نىداسىنى ئاڭلاتماقتا ئىدى. قۇرۇت-قوڭگۇزلارمۇ ئىڭراپ زارلىنىپ، لاۋا -چاتقال ئىچىگە مۇكۇنگەنتى. ھازىر مانا ماشۇ تاپتا يىگىتنىڭ پىغان بىلەن تولغان قەلبىنى پەقەت ۋە پەقەتلا ھېچ يالغان سۆزلىمەيدىغان قانداق بولسا شۇنداق كۆرۇنىدىغان ماشۇ تەبىئەت، ماشۇ ئانا يۇرت چۇشەنگەندەك قىلاتتى. ئانا يۇرت ئۇستىدىكى بارلىق تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، ھەركەتلا قىلىدىغان بارلىق گۈل-گىيالار، چەكسىز دالالار ئۆزىنىڭ ئەلەملىك ياشلىرىنى جاھانغا چىچىۋاتقاندەك، تۈرمىلەردە ياتقان ئاشۇ بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئاچچىق ئازاپلىق ئىڭراشلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتماقچى بولىۋاتقاندەك قىلاتتى.

كەچتە بولىۋاتقان سوغاق شامالدىن ماناس دەرياسىنىڭ سۇيى ئۆركەشلەپ، قىرغاقلارغا ئۇرۇلغان ئاۋازى قومۇش ۋە قۇمساڭغۇ توپا بىلەن يېپىلغان گەمىلەردىن شۇڭغۇپ كىرىپ، ئىچىدە قومۇش ۋە شاھلارنىڭ ئۇستىدە تىت-تىت بولۇپ، ئۇيقۇسىز سۇنايلىنىپ ياتقان ئەسكەرلەرنىڭ قولىقىغا ”ھۇجۇمغا ئۆتمەمسەن!“ دەپ ۋاقىرغاندەك قىلاتتى.

يىگىت ئىچىدە ئويلايتى: ھەي ئەسكەر بولماق نېمە دېگەن تەس. ”يۇقۇردىن كەلگەن بۇيرۇق“ دەپلا بارلىق ئىستەكلىرىمىز، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى، پىلانلىرىمىز بىردىنلا يوق قىلىۋەتتى. بىز زادى نېمە ئۈچۈن ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز قىلمايمىز. ئاتىلىرىمىزدا:“بۆرە ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلغاچقا، بوينى شۇنداق توم“ دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار ئىدىغۇ. نېمە دەپ يادلارنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنىدىكەنمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ كىملىگىمىز باشقىلار بەلگىلەپ بېرىدۇ؟ ئىنساننىڭ پەقەت يالغۇز ئۆزىلا بولۇشنىڭ بىر يولى بارمىدۇ ئەجابا؟ مانا بۇ خېياللار يىگىتنى تېخىمۇ ئىستىراپ ئىچىگە كۆمېۋېتىپ باراتتى. يىگىتنىڭ ئەمدىلا باشلانغان ھوزۇرلۇق بۇ ھاياتىغا ئىنىقراق قىلىپ ئىيتقاندا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ھوزۇرىغا بىرلىرى تۇيدۇرماستىن چوماق تىقىشقا باشلىغانتى. ھەممە نەرسە پەقەت شۇ نەرسە ئۆزى بولۇپلا بار بولىدىغان بۇ دۇنيادا، ئادەمنىڭ ئىچىدە بەختلىك ياشاش، ئەركىن ياشاش تۇيغۇسى بارغانسىرى يۇكسىلىپ باراتتى ئەسلىدە. ئەمما بۇ زوراۋانلىق ھۆكۇم سۇرگەن، ھەممە يەرنى ھورلۇق ۋە ئېزىلىش قاپلىغان جەمىيەتتە بار بولۇشنىڭ ئۆزى بىر جازا بولۇپ، داۋاملىق باشقا بىر يوشۇرۇن كۇچنىڭ سايىسىدا باشقا بىرسى بولۇپ ياشاشقا مەجبۇرلىنىۋاتتى. ”ھەتتا كاللىمىزغا كىرگۇزگەن بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلىنغان ئىنقىلاپمۇ يالغان ئوخشىمامدۇ. بۇ ئىنقىلاپنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، باشقا بىرلىرى ئۈچۈن ئىلىپ باردۇقمۇ يا “ دېگەن بىر چۇشەنچە يىگىتنىڭ كاللىسىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئاستا-ئاستا چوڭىيۋاتاتتى. ھەمدە بۇلار باشقېسىنىڭ شاخمەت ئويۇنىنىڭ تاشلىرىدەك، ئاللا بۇرۇن تەيارلانغان بىر ئويۇننىڭ ئاخىرى ئىكەنلىگىنى سەزدى. يىگىت ئۆزى پەقەت ئۆزى بولماق ئۈچۈن، شۇنچىلىك بىر ئىستەك تۇيدۇكى، ئەتراپتىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكۇسى كەلدى. ئۆزىنى مانا ماشۇنداق ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويغانلارنى قولىدىكى قورالى بىلەن پىشانىسىگە ”ۋاڭ“ قويۇپ، ئۆلتۇرۋەتكۇسى كەلدى. قولىدىكى مىلتىقىنى پىقىرتىپ تىنىمسىز ئاققان دەرياغا ئاتقۇسى كەلدى.
ئەنە ئاشۇنداق ئاچچىق ئازاپلىق خىياللار بىلەن ئۇنىڭ ئۇ گۈزەل قارا كۆزلىرىنىڭ نۇرىدا بۇرۇنقى غەزەپلەر كۆپەيگەن، ئازايمىغان ئىدى.يورۇقلۇق ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا ئۇرۇش تەييار تۇرغان كىچىك پەرۋانىدەك نۇر ئىزدەپ تاڭ جىلۋىسىدە بىتاقەت ئىدى.

تاڭ سۇزۇلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەتراپ تۇمانلىق، زۇلمەتلىك كۆرۇنەتتى. ئاخشام چىققان شامالدا تۇكۇلگەن غازاڭلار يەردىكى پاتقاقچىلىقتا دەسلىنىپ-چەيلىنىپ يۇرەتتى. قاپقارا بۇلۇت باسقان ئاسماندا تۇرنىلار توپ-توپ بولۇپ غەرىپكە ئۈچۈپ ئۆتۇۋاتاتتى. دەرياغا يېڭى ياسالغان كۆۋرۇكنىڭ بېشىدا قاتار رەت-رەت بولۇپ تىزىلغان ئەسكەرلە قوللىرىدىكى مىلتىقلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، تىك تۇرۇشقان بولسىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ چىرايىدىن غەمكىنلىك يىغىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۆزلىرىنىڭ ”ئالدالغانلار“ ئىكەنلىگىنى سەزدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان يىگىت ئىچىدە ”ئالدالماق“ دەپ تەھرارلىدى ئاۋازسىز ئۆز ئۆزىگە. يىگىت بۇ سۆزنىڭ مەناسىدىن ۋە ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ”ئالدالماق“ دېگەن بۇ سۆزنى ئۆز كاللىسى ئىچىدە ھېچ بىر نەرسىدىن بىشارەت بەرمىگەن ئاۋازلار ۋە ھەرىپلەرگە ئايلاندۇرۋەتتى ئۆزىچە.

دەل مانا مۇشۇ چاغدا قاپقارا بىر جىپ ماشىنىسى ئاستا كىلىپ كۆۋرۇكتىن ئۇياققا قاراپ، ئەنە ئاشۇ ئاتالمىش“بېتىم“ ئۈچۈن يولغا چىقتى. دەريانىڭ قارشى تەرەپىنى قاپقارا تۇمان باسقان ئىدى. دەريانىڭ ئۇياقىنى ئىنىق كۆرۇش مۇمكىن ئەمەستى. تازا بىر قاتتىق جۇدۇننىڭ بولۇشىدىن تەبىئەت ئالدىن ئالا بىشارەت بىرىۋاتاتتى. قارا جىپ ماشىننىڭ ئارقىسىدىن چىققان قاپقارا ئىس-تۇتەك بۇ تەرەپنىمۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە پۇركىگەنتى. جىپتىن چىققان سەلەركىنىڭ سېسىق پۇرىقى ھۆرمەت سالىمىنى بىلدۇرۇپ تۇرغان ئەسكەرلەرنىڭ نەپەس يوللىرىنى قىرغانتى. جىپ ئارقىسىغا ئەنە ئاشۇنداق سېسىق قارا تۇمانلارنى قالدۇرۇپ، ئالدىدىكى قاپقارا تۇمانلار ئارىسىدا غايىپ بولدى. قارا جىپ ئەسكەرلەرنىڭ بارلىق ھاياتىغا ئەنە ئاشۇنداق ئەسكى، كۆڭۇلسىز خاتىرلارنى مەڭگۇلۇك قالدۇرۇپ كەتتى.

(3)

مەن مانا شۇ تاپتا چوڭقۇر خىياللار دېڭىزدا ئۇزۇپ، كۆڭلۇمنى قايغۇ ماتەم بۇلۇتلىرى قاپلاپ، ئەل-يۇرتنى ئېسىمگە ئېلىپ، نادامەت ئوتىدا پىغان چەكمەكتە ئىدىم.
ئەمما، دەريا بويىدىكى تەبىي مەنزىرە ئاجايىپ گۈزەل ئىدى. ھەممە نەرسە ئادەمنىڭ ئىككى قولىدىكى ساغلام ئون بارمېقىدەك مۇكەممەل كۆرۇنەتتى. شىرشىر تال-دەرەھلەر ئارىسىدىن چۇشۇپ تۇرغان قۇياشنىڭ نۇرى ئېڭىكىمگە تىيەكلىك بىر-بىرسىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئون بارمىقىمغا چۇشۇپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ئەقلىمگە قايسى بىر دانانىڭ مۇنۇ سۆزى كەلدى:“قۇياشتىن ئۆرنەك ئال ئۆزەڭگە. قورقما پېتىشتىن، ئۆرلەشتىن“. تۇيۇقسىز ئۆزەمنى غەيۇر ھېس قىلدىم. بېشىمنى كۆتۇرۇپ كۆككە قارىدىم.چوغدەك قىزىرىپ تۇرغان قۇياشنى بۇلۇتسىز بىپايان ئاسمان ئۆز ئىلكىگە ئالغان ئىدى. كۆپ-كۆك ئاسماندا كۇرمىڭلىغان جۇلالىغان نۇرلار كەزمەكتە. كۆڭلۇمدىكى قايغۇ-ھەسرەت ئوتلىرى ئۆچۇپ، ئىچىم يورۇماقتا، روھىم ئەمىن تاپماقتا ئىدى. توساتتىن شەرق تەرەپتىن قاتار ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بىر توپ تۇرنىلار مېنىڭ دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتى. مەن كۆپ-كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقان تۇرنىلارغا زوق بىلەن زەڭ سالدىم. تۇرنىلار، كۈن نۇرىدا پارلىغان قاناتلىرىنى لەرزان سۇزۇپ، ھېلال ئاي شەكىلدە تىزىلىپ، كۆك قەھرىدە غەرىپكە قاراپ پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. مەن سامادىكى بۇ گۈزەللىكنى كۆرۇپ، ”ھەتتىگىنەي؛ نېمە دىگەن چىرايلىق مەنزىرە بۇ!“ دەۋەتتىم. روھىممۇ شاتلىققا تولدى. مېنىڭ بۇ سەرسان روھىم، ھەسرەت-پىغانلىرىم ئاستا كۆككە قاراپ كۆتۇرلۇپ، تۇرنىلار تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كەلدىم. ھەمدە خۇددى ھاياجان بىلەن ئوقۇغان بىر كىتابنىڭ بەتلىرى ئارىدا تۇرغاندەك تۇرۇپلا قالدىم. ئاندىن ئىچىمدە، روھىمدا پەيدا بولغان بۇ ھوزۇرنى مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ئىسار دەرياسى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغاندەك دەرياغا كۆز ئاتتىم. بارغانسىرى شوخلىشىپ ئىقىۋاتقان دەريانىڭ زۇمرەت سۇلىرى مەيلى بار گۈل سەتەڭلەردەك ساي تاشلىرىغا سوقۇلۇپ ئىقىپ كىتىۋاتاتتى. مەن ئەنە ئاشۇنداق قايغۇ بىلەن خوشاللىق ئارىسىدا، قايسى بىر شائىرنىڭ قاچانلاردۇر يازغان مۇنۇ نەزمىسىنى ئىچىپدە ئوقۇپ، ۋىلسىپىتنىڭ پىدالىنى چارچىغان پۇتلىرىم بىلەن ئاستا تىپىپ، ئۆيگە راۋان بولدۇم.

”ئۆتتى كۆپ ۋاق بولغىنىغا يۇرت-ماكاندىن جۇدا،
سېغىنىپ يۇرت-ۋاقىنى ئويلاپ ھامان ئەيلەر نىدا.
ھەي ئىسىت! يوقتۇر تېنىدە جۇپ قانات ئۇچقىلى،
بولمىسا ئۇچماسمىدى سۇ بويىغا دەپ، ئەلۋىدا.“

16.07.2017 گېرمانىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش