ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جالالىدىن رۇمىنىڭ ”دىۋانى-كەبىر“ ناملىق ئەسەرىدىن دۇردانىلەر

جالالىدىن رۇمىنىڭ ”دىۋانى-كەبىر“ ناملىق ئەسەرىدىن دۇردانىلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

باش باھار

سۆيۇملۇك باھار كەلدى. بىھۇشلۇق، ئاشىقلىق، ياشلىق ۋە بارلىق نەسىلدىكى گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە توپلاندى… بۇلارنىڭ ئەسلىدە سۇرەتلىرى يوقتى، ئەمدى گۈزەل بىر سۈرەتكە باغلاندى. سۈرەتكە باغلىغان مۇئايەن شەئىيلەرنى كۆر. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، كۆڭۇل بولسا كۆزنىڭ كارىدورىدۇر. كۆڭۇلنى مەھلىيا قىلغان، كۆزنى مەھلىيا قىلىدۇ ۋە دەرھەقىقەت بىر سۈرەتكە باغلىق بولۇپ قالىدۇ.

باھار كەلدى دېمەك، باغدا قىيامەت بولدى دېمەكتۇر. ”سىرلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرغا چىقىدۇ“. ئۇ، چىن گۈزەللىكلەرنىڭ كۆڭۇللىرىنى ئىزھار ئەيلىشىدۇر. ئەگەر سەندە بىر كۆڭۇل بولسا سەنمۇ ئىزھار قىل. سەن كۆڭلۇڭنى قاچانغىچە يوشۇرۇپ يۇرىسەن؟ دېگىم كىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ، باغنىڭ دۇئاسى شۇكى:“تەڭرىم، پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز“.
باش باھار:“تاڭرىم، پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز“ دەيدۇ.
ئۇنىڭ:“تەڭرىم، پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز“ دېگەنلىگى، ”مېيۋىلىرىمنىڭ كۆپلىگىنى سۇنۇپ كىتىمەن، تەڭرىم! سەن مېنى قوغدا“ دېگەنلىگىدۇر.

لالىلەر، گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن باش باھار:“نەركەس، يەسىمىن گۈللىرى كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ نېمانچە قارايدىغاندۇ؟“ دەيدۇ. يېگانە بىنەپشە گەپ توشۇغۇچىلار ئىككى قات بولۇپ كىتىپتۇ. بۇلارنىڭ سىرلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان يەنە شۇ نىلۈپەردۇر. سۇمبۇللار بىھۇشلىغىدىن باشلىرى ئىككى تەرەپكە گىلدىڭلاپلا قاپتۇ….. ئاتقا مىنگەن سەرۋىلەرنىڭ ئاستىلىرىدا چىمەنلەر پىيادە كىتىۋاتىدۇ. غۇنچىلار ئالىيىپ قاراۋاتقان يامان كۆزلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتىدۇ. سۆگەتلەر ئۆستەڭ بويلىرىدا تۇرۇپ، ئىقىۋاتقان ئەينەكتەك سۇزۇك سۇلارغا قاراپ:“ئۇستىمىزدىكى بۇ مەجنۇن تاللارنىڭ ئېتەكلىرى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ھەر تەرەپكە يەلپۇنۇپ كەتتى؟ “ دەپ ھەيرانلىققا تولىدۇ. بۇرۇن بۇ تاللارنىڭ ئېتەكلىرى بۇنداق ھەرتەرەپكە ئىچىلىپ، يەلپۇنۇپ تۇرمايتى. كىيىن جانلىنىپ چىچىلىپ، خۇددى ئۆستەڭنىڭ ئۇستىگە ئۇنچە مارجانلار چىچىلغاندەك بولۇپ كەتتى…

ياراتقۇچى، باغدا مۇنداق بىر سورۇننى راسلىغاندا، قۇشلار سازەندىلەردەك نەغمە-ناۋاسىنى ياڭرېتىدۇ… ئاپىرىن ئۇلارغا….ئۇ سازەندىلەرنىڭ پېرىنىڭ ئىسمى بۇلبۇل. ئۇ بىھۇشتۇر، گۈلنىڭ ئاشىقىدۇر.
شۇڭا سۆيۇملىكىدىن باشاقلار توپلايدۇ…

پاختەكلەر كەكلىكلەردىن مۇنداق سورايدۇ:“بۇ گۈزەللىكلەر قەيەرلەردە ئىدى؟“
كەكلىكلەر بۇنداق جاۋاپ بېردىئۇ:“يېرى ۋە ئولتۇردىغىنى يوق تەرەپتە ئىدى“
شاھ، تەبىئەتكە مۇنداق دەيدۇ:“باھار، بۇ گۈزەل ئوۋلارنى قاچان ئوۋلاپ، يوقلۇقتىن يەر يۇزىگە ئەكەلدى؟“

بىر تۇركۇم گۈل يۇزلەر، بىر تۇركۇم يىگىتلەر غايىپ پەردىسى ئىچىدىكى ئالىيجاناب ۋە يازغۇچى كىشىلەردۇر.
بىرقانچە سۇرەت: ”بىز ئوردۇنىڭ ئاۋاڭارتلىرى “ دەيدۇ.
گۈزەللىك ئوردۇسى بۇ قىلتاقتىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ… يۇسۇپتەك گۈزەل يۇزلۇلەر، ئۇ جاھاننىڭ كەنان دىيارىدىن، تاتلىق سۆزلۇكلەر بال دېڭىزىدىن چىقىپ كەلدىلەر. شېكەر قومۇشى ئىچىگە سىلىنغان خەتلەر دېڭىزدىن كەلدى. ئۇ دانچىلىرىدىن تۇزۇلگەن ئانارنى، دانچىسىز كۆر. ئۇلار، ئالمىغا مېزىلىك پۇراقلارنى ۋە گۈزەل رەڭلەرنى بېرىدىغان ۋادىلەردىن كەلدىلەر. ماندارىنمۇ ئەنە ئاشۇ يەرلەردە مېزىلىك تەمگە كىرىپ، گۈزەل پۇراققا ئىگە بولدى.
ئۇزۇم كىچىكىپ قالدى، چۇنكى ئۇ پىيادە ئىدى. ئەي كېچىكىپ كەلگەن، پىشىپ كەلگەن! سەن ئەڭ چوڭ ئىغۋاگەر. ئەي كىيىن كېلىپ، بۇرۇن كەلگەنلەردىن ئۆتۇپ كەتكۇچى،ئەي مېۋىلەرنىڭ كۆزى! سەن تەڭرىنىڭ پىششىق يىپىنى مەككەم تۇتقاچقا، سەندىكى بۇ شىرنىلىك تاتلىق ھېچقاندەك بىر مېۋىدە يوق. ئاچچىقلىغىڭمۇ ئاجايىپ سېنىڭ. ئاچچىقلىغىڭ ساپلىقىڭدىندۇر. ئەسكىلىكمۇ بار ئۇنىڭدا، ياخشىلىقمۇ بار. كۇپۇرلۇقمۇ بار، دىنمۇ بار. ئۇ بالا ئىچىدىكى بىر ئەسكەر، ئۇمىد ئىچىدىكى بىر قىزدەك. ئاچچىقلىقنىڭ ئۇستىگە قۇدرەت ھالۋاسى قۇيۇلۇپتۇ. تۆگە تىكىنىدەك سېنىڭ ئۆسۇملىكىڭدۇر. ئەي مەرىپەت ئىگىسى، ئەي سەرخىللارنىڭ سەرخىلى! سېنىڭ قولۇڭ ھەرتەرەپكە يېتىدۇ. زامانمۇ سېنىڭ ئىلكىڭدە.

ئەي ئۇزۇم! سېنىڭ سەۋەبىدىن قوغۇن، تاۋۇزلار قېچىپ، ئۆيگە مۆكۇنىۋالدى. بىر دەردكە چۇشتى. چۈنكى ئۇ ئۆينىڭ دېرىزىلىرىمۇ يوق. بىربىرلىرىگە مۇنداق دېيىشتى:“سەن ئۇ ھالدا، مەن بۇ ھالدا!…. قېنى ئۇ باراڭدىكى قاپاقلار، قېنى ئۇ كەشتانەلەر؟ ئۇلارمۇ سېنىڭدىن قورقۇپ قاچتى. يىپلاردا داۋازلىق قىلىشقا باشلىدى. ئەجابا ئۇ تاتلىق سۇ بۇلاقلىرى قاچانمۇ ئىتىلىپ چىقىپ، بىزگە كۇپ-كۇپلاپ سۇلارنى بېرىدىغاندۇ؟“

قاپاڭنىڭ قۇلېقى بولمىغاچقا بوينۇنى باغلىدى. ئەگەر قۇلېقى بولغان بولسا، قانداق ياخشى ئاڭلىغان بولاتتى ھە! قۇلېقى بولمىغانلىغى ئۈچۈن، تەڭرى ئۇنىڭ بوينىغان خورما تاللىرىدىن ئۆرۇلگەن باغ تاقىدۇ. شۇنداق، چۈنكى شۇنچىلىك ئىنىق بولغان خەۋەرگە قۇلاق سالمىغان ئىدى.
تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغان قۇلاق، ئېشەك قۇلېقىدۇر.
ئىنسان بولساڭ ھەقنىڭ توغرا چاقىرىقلىرىنى ئىشىت…

ئەي گېلىنىڭ ۋە جىنسى شەھۋەتىنىڭ كۈچكەركۇچى يىپلىرى بىلەن بوينى باغلىنىپ قالغان! سەن يەر يۇزىدە قاپاققا ئوخشاش بوينۇڭ يىپ بىلەن باغلاقلىق يۇرىسەن!…. شاھنىڭ قۇلاقىغا ھالقا ئاسقان قۇلىدەك بولۇشقا تىرىشىپ، بوينۇڭدىكى يىپتىن قۇتۇل. ئادەم قۇلاق ئارقىلقى ئادەمبولىدۇ ھەمدە ئالىم ۋە ئارىف بولىدۇ.

ئەي تەسۋىر لەۋھەسىنىڭ شەھرىيارى! بۇلارنىڭ كەينېنى ئەمدى سەن ياز.

لالىلەر

قۇياش، جەلال نۇرىنىڭ پەردىسىنى يىرتمىغان بولسا، كۈندۇز قۇشلىرى قانداقمۇ توپ توپ بولۇپ قول-قاناتلىرىنى كىرىپ ئۇچالىسۇن؟

قۇياشنىڭ تەبەسسۇمىدىن يەر- زىمىن لالىلەرگە ئوخشاپ كەتتى. ئەمدى ئۆيدە ئولتۇرۇپ لالىلەرنى تاماشا قىلماسلىقنىڭ ئۆزى گۇناھتۇر، گۇناھ…
قۇياش زىيا(يورۇقلۇق) قىلىچىنى چىقاردى. شەپەقنىڭ قىزىل قانلىرىنى تۆكتى.مىڭلەرچە شەپەقنىڭ قېنى ئۇنىڭ تۇغۇلىشى ئۈچۈن پىدادۇر، پىدا…

ئەي ئاشىق كۆزۇڭنى ئاچ! جان كۆككە قارا. ئۇ گۈزەلنىڭ ئايدەك پاقىراق جامالىنى، ھىلالدەك نازۇك بويۇنى كۆر.
ئۇ، ھەر زامان ئىچى شاراپقا تولغان قەدەھنى سۇنىدۇ. قەدەھنىڭ لۇتفىدىن پوتۇلكام لىق شاراپ بىلەن تولدى…

كۆزلىرىگە ناز ئۇيقۇسى كەلگەندە: ”شاھىم! كەچ بولدىمۇ“ دېدىم.
جاۋاپ بەردى:“مېنىڭ يۇزۇمگە قاراپ كەچ بولگغانلىغىنى بىلدىڭ“

سەھەر كۆك رەڭ ئىچىدە قالغاندا، كۈندۇز بولغانلىغى سۇبھىلىكتۇر. بىراق چۇش ۋاختى بولغاندا، كۈندۇز ئىكەنلىگىدە گەپ يوق.
سەن جان قۇياشىنىڭ يۇزىگە ئۆتكۇر كۆزلىرىڭ بىلەن قارا. ئەمما، مېن قارىغاندەك قارا. شۇنداق قارىساڭ گۈزەللىكنى ئىنىق كۆرىسەن…
شاھ شەمسنىڭ سۈرەتى، ئۇ جان قۇياشى كۆرۇلگەن تەرىپىنىڭ پاقىراقلىقىدىن بولغان. ئۇ، تەبرىزنىڭ زىننەتىدۇر. چۈنكى سائادەت كەلتۇرگەن قۇتلۇق بىر خەۋەردۇر.

سۆزلەشتىن ۋاز كەچمە

ئەي نەپسى كۈلل!(ھايۋانى ئەقىل) سۇرەتنى تاشلا. ئەي ئەقىل كۈلل(كامىل ئەقىل)! قەلەمنى سۇندۇر. ئەي ئىستەكلىك ئادەم! دەريا سۇيىنىڭ ئۇستىدىن، ئاياق ئىزىنى ئىزدىمە. ئەي پاك روھلۇق ئاشىق! ئاقار سۇدەك پاكىز يۇر. چۈنكى بۇ پاكىز ۋە جىم تۇرمايدىغان ئاقار سۇ، ھەر يەردە جانغا جان قوشۇدۇ…

تىنماي ئاققان سۇنىڭ قېپى ئۇنى بىر سائەت ياپسا، گۇناھنى دەريا سۇيىدىن كۆرمە. دەريا سۇيى ئۈچۈن سوراق، پۇشمانلىقلار بەرىبىر.

سۈرەتسىزلىك تەسۋىرىنىڭ ھەر بىر نەقەشلىرىدە، يۇزلەرچە رەڭ، يۇزلەرچە پۇراقنىڭ بارلىقىغا نەزەر سال. ياپراقسىزلىق ياپراغى بار بولغان ھەر بىر تالغا، ئىرەم باغىغا قارىغاندەك قارا…

جاننىڭ ۋە كۆڭۇلنىڭ مەمبەسى بولغان ئۇ سۇرەتسىزنىڭ سۇرەتىدىن ئىزا تارتقانلىقتىن، ئۇنىڭ سۇرەتى ئادەمدىن قاچىدۇ. ئۇ سۇرەتسىزنىڭ سۇرەتىنىڭ قانچىلىغان قۇللىرى ۋە قانچىلىغان ئازات بولغان قۇللىرى بار. ئۇنىڭ شارابىدىن، شاماللىرىدىن ھەر بىرى بىر مەدەندەك نەپەس ئاپتۇ، ھەر بىرى بىر تاغدەك قوسىقىنى دومبايتىپتۇ.

سەن خالىساڭ دېڭىزدىن، خالىساڭ ئۇنچىدىن، خالىساڭ ئاچىق ھۆكۇملەرنىڭ ئاخىرلىشىدىن سۆز ئاچ ؛ سۆز سۆزلەشتىن ھېچ ۋاز كەچمە. بايراقنىڭ يىنىغا بارغىچە يۇگرە…..

بۇ ئەگىر يوللارنى تۇز دەپ بىل. بۇ مەرتېبەڭنى قۇدۇقنىڭ ئىچىدىن تاپقانلىغىڭنى بىلگىن. قان ئاققان دەريا يېنىغا بارغىنىڭدا، ئۆزەڭ كېرەم داستىخىنى بار دېڭىزغا بارغان بولىسەن …..

ئوتقا سۇ دالدا، سۇغا ئوت. ئاشىقنىڭ ئوتىدىن روھ خوشال بولىدۇ. سۇيىدىن بولسا كۆڭۇل پۇشماندۇر.

ئەي بىزنىڭ ئېغىرلىغىمىزنى تەڭشىگۇچى! پۇتلىرىمىزنى يوللاردا مەھكەم تۇرغۇز.
ئەي دوست! سەن بولمىساڭ راھات مۇشەقەت، سالامەتلىك كېسەلدەك بولۇر.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش