ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ”دىۋانى كەبىر“ دىن دۇردانىلەر

”دىۋانى كەبىر“ دىن دۇردانىلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

جالالىدىن رۇمى
تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ھەممە تىكەندە گۈل ئىچىلمايدۇ

ئەگەر يار بىلەن تولغان بىر ۋەتەن ئارزۇ قىلساڭ، كۆڭۇل ئۆيۇڭدىن يادلارنى قوغلا.
ساما ئوينىماقچى بولساڭ، ئىنكار قىلىشتىن ۋاز كەچ. ساما بىلەن مەست بولمىغان گەرچە ئىقرار قىلسىمۇ، ئىنكار قىلغۇچىلاردىن دەپ بىل. ساماغا قايىل بولغان بىلەن شاراب تونۇغاننى ئەقلى جايىدا دەپ بىل، مەست دېمە.

بۈيۈكلەرنىڭ بۇيۇكى شۇنداق دېگەن: ”يارنىڭ سايىسىمۇ شۇنچىلىك ياخشى. چۈنكى، ئۇ ئاللاھنى تونۇشقا سەۋەپ بولىدۇ. گۈلنىڭ تىكىنى بار دېمە. ئەلۋەتتە گۈل تىكەن بىلەن بىللە بولىدۇ. ئەمما، ھەممە تىكەندە گۈل ئىچىلمايدۇ. ياد تىكەننى كۆڭلۇڭدىن چىقىرۋەت. گۈللۇك تىكەننى جېنىڭ بىلەن كۆڭلۇڭدە تۇت …

مۇسا ياغاچتا ئوتنى كۆردى. ھالبۇكى ئۇ ياغاچ ئوتتا كۆيمەي بەلكى ياشناپ كۆكەردى. دېمەك كۆڭۇل ئىگىسى بولغان ئادەمنىڭ خىرسىنى، شەھۋېتىنى مانا مۇشۇنداق چۇشەن ۋە بىلگىن. توغرا، كۆرۇنۇشتە شەھۋەتتەك كۆرۇڭەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ، ھەقنىڭ دوستى ئىبراھىمنىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۈشمەنلەر كۆزلىرىنى ئىچىپ قارىسا، شەمسى تەبرىزى بەش بولۇپ كۆرۇنىدۇ.

ئىككىنچىنىڭ ئىككىنچىسى دوستقا كىمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ؟
يەنە شۇ دوست … كېسەلنىڭ ئاھۇ-زارىغا كىم يېتىدۇ؟
يەنە كېسەل … شەپقەتلىك باھارنىڭ كۆز ياشلىرى قەيەرلەردە؟ كېلىپ تىكەننىڭ ئېتىگىنى گۈللەر بىلەن تولدۇرسۇن …
رەھىمسىز غازاڭ پەسلىدىن ئاڭلاڭلار. غازاڭ پەسلى: ”لەززەتلەرنى يوق قىلىدىغان زىكرىنى كۆپەيتىڭلار“ دەيدۇ.

ھەزرىتى مۇھەممەت غاردا سىدىققا مۇنداق دېگەن: ”قايغۇرما، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.“
دېمەك ئىچىڭدە ئىككىنىڭ ئىككىنچىسى ئۇ بولسا، غارمۇ ساڭا گۈزەل كۆرۇنىدۇ.

ئاشىقنىڭ مۇڭ زارلىرىدىن كۆك يىرىلىدۇ. ئاشىقلارنىڭ ئارزۇلىرىنى خارلىماقڭلار. بۇ پەلەك ئەسلىدە ئاشىقلار ئۈچۈن چۆگىلەيدۇ. قېنى تۇر بىزمۇ ئاشىق بىلەن تىز تىز پىقىرايلى …

ھەزرىتى مۇھەممەتكە ئاللاھ: ”سەن بولمىغان بولساڭ كۆكلەرنى ياراتمايتىم.“ دەپ، نېمە ئۈچۈن دېدى؟
بىلگىنكى، تاللانغان ئەخمەت بولسا ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئاشىقنىڭ جەۋھەرى ئىدى.

كۆك بولسا ئاشىقنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. بۇ پىقىراۋاتقان قۇببە ئاشىقلار ئۈچۈن يارىتىلغان. ھەرگىز يا ناۋايلار، يا تۆمۇرچىلەر، ياكى ئوتاقچىلار ئۈچۈن يارىتىلمىغان.

بۇ مۇندارنىڭ ئەتراپىنى قاچانغىچە پىقىراپ ئايلىنىپ يۇرۇيمىز؟ بىر مۇددەت ئاشىقلارنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ باقايلى …

قەيەرلەردىكىن تاڭ ئۇ كۆزلەر، ئىشىك ۋە تامنىڭ سىرتىغا نەزەر تاشلاپ جانلارنى كۆردىغان.
ئىشىك، تام، ئوت، شامال، تۇپراق ھەممىسى بىرەدىن پاساھەتلىك سۆز ۋە ھېكايىلەرنى سۆزلەيدۇ.
تارازا، گەز ۋە ماھەك ئوخشايدىغان ئۆلچۇگۇچلەر ئەمەلىيەتتە تىلسىز، گەپ قىلالمايدۇ. ئەمما، بازارنىڭ ھاكىمى ئەنە ئاشۇلار.

ئەي ئاشىق! گەپ قىلماي، پەقەت ئاغزىڭدىن بىر ئىغىزمۇ سۆز چىقارماي كۆككە ئوشاش ئايلانغىن.
ئەي ساقى! كۆز ياشلىرىمغا باھارنىڭ بۇلۇتلىرىدەك گۈللەرنى چاچ، شاراب ئەكەل. تىخى توغرا توۋا قىلمىدۇق، مېنىڭ سۇنۇق كۆڭلۇمدىن قولۇڭنى تارت.

ئەي ساقى! قەدەھلىرىڭ توختىماي سۇنسۇنكى، سۇنۇقلىرىنى جانلىرىمنىڭ ئالدىغا چاچاي.
ئاشىقتىن بىر قەدەھ ئىچەي. ئىچكەچ قانلىق كۆز ياشلىرىم قۇچاقلىرىمنى تولدۇراي.
ئاشىق يولىدا ھەر كۈنى كۆككە ئوخشاش يېڭى ئىش باشلاي. ئاھ! بۇ نېمە دېگەن گۈزەل بىر باشلىنىش، نېمە دېگەن گۈزەل بىر ئىش …

شارابنىڭ دۇغلىرى ۋە كۆڭۇل دەردلەرى مېنىڭ بىلەن دوست. شارابنىڭ دۇغى بىلەن كۆڭۇلنىڭ دەرددىمۇ يارنىڭ غەم – غۇسسې بىلەن ھەم سىرداش …

بۇ كۈلخاندا پىشانەمنىڭ ئالدىدا توۋا – ئىستىقپاردىن ۋاز كەچتىم. غىلۋەت بىر يەردە ئاشىقلار دەرىسى ئۆتۇۋاتىمەن. مۇنبەرنىڭ ئاستىنى بېشى قىلدىم. مەن پانى، بارلىقىم ھېچ. ئەمما، باقى مەن. تامدىكى رەسىمدەك مەن. ئەمما، پەقەت روھۇم.

ئەي ئاشىق! كۆڭلۇمدە ئاھ ئۇرسام، بۇ ئاھىمنىڭ ئاۋازى سەندە ئەكس سادا چىقىرىدۇ. بىزنىڭ شارابىمىزنى سەن باشقا بىر قەدەھكە تولدۇرۇپ بەر. چۈنكى بىز يا مەست ئەمەس، يا ساق ئەمەس …
ئاشىقلار بار يەرنىڭ تىگى – تەكتى يوق. ئۇ قەلبىڭدىكى مەيخانىنىڭ ئۇستىدە. ئەگەر ئاشىقلار دوستسىز بىر نەپەس ئالسا، جەددە-كۇلالىرى، تەسۋىلىرى زۇننار بولىدۇ.

بىز ھەممىمىز بۇ يولدا ئۇسسۇزمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جاندىن تويغان قەلەندەربىز. ئاشىقتىن مەست بولدۇق. ئۇزۇن بىر يولغا، جاپالىق كىچىلەر ئۈچۈن تەق بولدۇق. دەستىرخانىمىزدا يەيدىغىنىمىز يوق، مېنىدىغان ئاتلىرىمىز ئورۇق، يېزىلار قاپقاراڭغۇ، ماڭىدىغان يول بەك ئۇزۇن. بو يول مەڭگۇلۇك بىر يولكى ھەر ۋاقىت مىڭلەرچە ۋە يۇز مىڭلەرچە پىدائىيلىرى بار يول بۇ …

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش