ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جالالىدىن رۇمىنىڭ 50 گۈزەل سۆزى

جالالىدىن رۇمىنىڭ 50 گۈزەل سۆزى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1. سۆيگېنىڭلارغا گۈل بېرىڭلار، گۈل بولمىسا تەبەسسەم.

2. كىم ياخشى كۆرۇشنى بىلسە، ئۆزىمۇ ياخشى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولىدۇ.

3. كىتەلمەيمەن…
ئىستەگىم بىلەن كەلمىدىم بۇ يەرگە،
ئەكەلگەن، ئەكەتسۇن ئۇ گۈزەل ۋەتەنىمگە.

4. كۆڭۇل ئېلىشنى بىلمىگەنگە، كۆڭۇلنى ئامانەت ئەتمە.

5. ”ياخشى ئەمەس“ دېيىشكە ھەددىق نېمە؟ ”شۇكرى“ دەيلى ھالىمىزگە.

6. ھەرگىز ئۇمىدىڭنى ئۇزمە. سۆيۇملۇك يۇرېكىڭ ”مۆجۇزىلەرنى كۆرسۇن“ دەپ سوقىدۇ.

7. يالغۇزلۇقنىڭ ئەڭ ئەسكىسى، سېنى چۇشەنمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا قىلىش.

8. كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ماشۇمىكىن دېمە.
كۆرمىگەنلىرىڭ ئىزدە، ئەسلى ئىچىدە، تېشى مەنزىرە.

9. ئەدەبسىز يالغۇز ئۆزىگىلا ئەسكىلىك قىلىپ قالماي، بەلكى يەنە ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ ئوتقا ئىشتىرىدۇ.

10. تەڭرى قورقۇسىدىن ئەندىشە قىلمىغان، باشقىلارنىڭ مالىغا كۆزىنى تىكىدۇ.

11. تىلىڭنى ترەربىيەلەشتىن ئاۋال يۇرەگىڭنىڭ تەربىيەلە. چۈنكى، سۆز يۇرەكتىن كىلىپ، تىلدىن چىقىدۇ.

12. بىلگىنكى كائىنات ئەدەپلىك بولغانلىغى ئۈچۈن نۇرلۇقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەلەكلەر گۇناھسىز، پاكتۇر.

13. قۇياشنىڭ تۇتۇلىشى، ھەقنىڭ يورۇقلۇقى ئالدىدا ھازازىللارنىڭ ھەقسىزلىغى، ئەخلاقسىزلىغى سەۋەبىدىندۇر.

14. ئاشىقنى قانداق شەكىلدە چۇشەندۇرسەممۇ، ئۇنى چۈشەندۇرۇشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.

15. تىل، تەپسىرگە ئاشىنادۇر. ئەمما، تىلسىز ئاشىق تىخىمۇ گۈزەلدۇر.

16. گەرچە قەلەم ھەممە نەرسىنى يازسىمۇ، ئەمما ئاشىققا كەلگەندە بېشى قايىدۇ.

17. ئاشىقنى چۈشەندۇرۇشتە ئەقىلمۇ ئازىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى يەنە ئاشىقنىڭ ئۆزى شەھىرلىسۇن.

18. سۆيگۇنىڭ سىرى كۆڭلۇڭدە سىر بولسا، مۇرادىڭغا تىز يېتىسەن.

19. تۈلكە ئايلىنىپ يۇرۇپ،تىرىسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ.

20. يۇرەك چارچىسا، تەر كۆزدىن ئاقىدۇ.

21. ئۆتمۇشنى ياخشى بىلسەڭ كەلگۇسى ئۈچۈن پۇختا قەدەم باسالايسەن. قەيەردىن كەلگەنلىگىڭنى ئۇنۇتمىساڭ قەيەرگە كىتىدىغانلىغىڭ توغرىسىدا قايمىقىپ قالمايسەن.

22. تىكەندىن گۈل ئۇنسە، قىشمۇ باھاردەك بولىدۇ. چىنارنى ئەركىن ئۆستۇرگەننىڭ جاپاسىمۇ خوشاللىققا ئايلىنىدۇ.

23. ئويلاپ يۇرمە، دەرد سەندىلا بار. سەندىكى بۇ دەرد، نىممەت دەپ بىلگەندە بار.

24. ھەرگىز ئۆتمۇشنى ئويلاپ ياشىما. ئەمما، ئۆتمۇشتىن دەرس ئال!

25. گۈل تىكەننىڭ جاپاسىغا چىدىغانلىغى ئۈچۈن مېزىلىك پۇرايدۇ.

26. غەزەپ بورانغا ئوخشايدۇ. بىردەمدىن كىيىنلا توختايدۇ. ئەمما، بىرمۇنچە تاللارنى سۇندۇرۋىتىدۇ.

27. يالاڭاچ كەلدۇق. كىيىندۇق. يەشتۇق. كەتتۇق.

28. گۈل ياشايدۇ تىكەننىڭ ھىمايىسىدە.
تىكەننىڭ قىممىتى، گۈلنىڭ سايىسىدە.

29. ئۇمىد بولسىلا، ھەر بىر كۈن يېڭى بىر باشلىنىشتۇر.

30. ناداننىڭ يېنىدا كىتابتەك جىم تۇر.

31. بۇ جاھاننى تاغ دېسەك، بىزنىڭ ھاياتتا قىلگاھن ئىشلىرىمىزنى ئاۋاز دېسەك. تاغدىن كەلگەن ئەكس سادا يەنىلا شۇ بىزنىڭ ئۆز ئاۋازىمىزدۇر.

32. ھەر ۋاقىت قەلب پەيزى بىلەن قارىغان كۆز، روھنىڭ ھوزۇرى بولغان ئىلاھى ئاشىققا باقىدۇر.

33. دائىم پاك ۋە ئەبەدى بولغانغا ئاشىق بول. سىررىڭنى ئۇ نۈر بىلەن بىرلەشتۇر.

34. سەن ئۆز نەپسىڭگە چوغ تارتساڭ، دىمەككى سەن ھەقىقەتتىن يېراق سەن. شۇڭا ھەقىقەتكە يىقىنلاش!

35. گۈل توزىسا، گۈلىستاننىڭ پەيزى بىلەن بۇلبۇلنىڭ نالىسى بولمايدۇ.

36. ئۆتمۇشنى ياخشى بىلسەڭ كەلگۇسى ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىڭ پۇختا بولىدۇ.

37. قەيەردىن كەلگىنىڭنى ئۇنۇتمىساڭ، قەيەرگە بارىدىغانلىغىڭ توغرىسىدا بېشىڭ قاتمايدۇ.

38. يول بىز، شۇنچىلىك ئۇزاق بىزدە،
جان بىز، يوقتى بەدەن بىزدە.
ئىھسان قىلىپ، ھەق بىزنى كەچۇرسە،
بار بولىدۇ جان يېڭىدىن بىزدە.

39. ئىنسانلارنى كىتاب دەپ بىل. ئەمما، تاشلىرىغا قاراپ ئالدانما. ئىچىنى ئېچىپ ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاندىن بىلىسەن.
40. سېنىڭ بۇ ھاياتتا بىرمۇنچە دوستلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە دۈشمەنلىرىڭمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئىمتىھان دېگەن ئەنە شۇكى، باشتا دۈشمەنلىرىڭ ئەمەس، بەلكى دوستلىرىڭ سېنى ئۇرىدۇ.

41. سەندە سەندىن باشقا بىر سەن يوشۇرۇنغان.
42. ھەرگىز ئۆتمۇشنى ئويلاپ ياشىما. ئەمما، ئۆتمۇشتىن ھەرۋاقىت دەرس ئال!

43. ئويلاپ قالما، پەقەت دەرد سەندىلا بار،
سەندىكى دەردنى نەممەت دەپ بىلدىغانلارمۇ بار.
44. كۆڭلى ياخشى بىرسىگە قۇل بولۇش، پادىشاھقا تاجى بولغاندىن مىڭ ياخشى.

45. دۈنيانى قانچىلىك كۆرسەڭ شۇنچىلىك. چىۋىننىڭ كۆزى قانچىلىك بولسا دېڭىزمۇ شۇنچىلىك.

46. ئايرىلىش باغرىمنى پارە-پارە قىلسۇنكى، ئاشىق دەردىنىڭ قانداق بىر دەرت ئىكەنلىگىنى باشقىلارمۇ بىلسۇن!

47. ھەركىم ئاشىقى بىلەن ئۇزاق بىر ئايرىلغان بولسا ئىدى، ئۇچرىشىدىغان ۋاھتىنى تۆت كۆزى بىلەن كۇتكەن بولاتتى.

48. نەينىڭ ساداسى ئاتەشتۇر، ئۇنى يەل چاغلىما؛ بۇنداق ئاتەش بولمىغانلارغا مىڭ ئەپسۇس!

49. ھەركىم ئاشىق بىلەن يېنىپ تۇتاشمىسا، ئۇ ئۇچالمايدىغان قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ.

50. ھەق يولىدا كىم ئەخلاقسىزلىق قىلسا، ھەسرەت قاينىمىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ.

(داۋامى داۋاملىق يېزىلىدۇ)

26.07.2017،  گېرمانىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش