ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » سەن

سەن

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا

ئەي مەڭگۈلۈكتە ياشىغۇچى! مەن سېنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان. ئەمما، سەن مېنى كۆرۈپ تۇرىسەن—مېنىڭ ئىچ-ئىچرىلىرىمگە قەدەر كۆرۈپ تۇرىسەن. مېنى كۆرۈپ تۇرىسەنلا ئەمەس، بەلكى مېنى باشقىلارغا كۆرسىتىسەن—مېنى زاھىرلايسەن، كۆرۈندۈرىسەن. سەن كۆرۈنمىكىمنىڭ سەۋەبىدۇرسەن—ئەگەر قۇياش پەلەكتە چاقنىسا، سەن ئىچىمدە چاقنايسەن؛ ئەگەر قۇياش بەدىنىمنى يورۇتۇپ كەلسە، سەن روھىمنى يورۇتۇپ كېلىسەن. سەنسىز قەلبىمدىكى زۇلمەتنى كۆرۈندۈرەلمەيمەن. سەنسىز ئىچىمنى ئايان قىلالمايمەن. سەنسىز مەن مەن بولالمايمەن.
ئەي چەكسىز سۈكۈتچى! سەن ماڭا ئەزەلدىن سۆزلەپ باقمىغان. ئەمما، مەن ساناقسىز كېچىلەرنى ساڭا پىچىرلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن. سەن تىل ئەمەسسەن، ئەمما تىل سەنسىز بولماس. سەن سۆز ئەمەسسەن، ئەمما سۆز سەنسىز بولماس. سەن ئاۋاز ئەمەسسەن، ئەمما ئاۋاز سەنسىز بولماس. سەن سۈكۈتسەن—ئۆزىنى سۆزلىگەندەك ھېس قىلدۇرالايدىغان. سەن سۆزلىمىدىڭ—ئەمما مېنى توختاۋسىز سۆزلەتتىڭ. مېنى ئادەمنىڭ، شەيتاننىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ تىلىدا سۆزلەتتىڭ. ماڭا سۈكۈت بەرمىدىڭ، چۈنكى، ئەي چەكسىز سۈكۈتچى، سەن مېنىڭ سۈكۈتۈمنىڭ سېنىڭ سۈكۈتۈڭ تامان يېقىنلىشىشنى خالىمىدىڭ. مېنى تىل، سۆز ۋە ئاۋازغا بەنت قىلىۋەتتىڭ. مەن شۇندىن بېرى بۇلارنىڭ ئەسىرى بولدۇم.
ئەي ئەقىل يەتكۈسىز ھەقىقەتچى! سەن خاتالىقتىن خالىيسەن. سەندە ھەممە ئېنىق پۈتۈلگەن—سەن ئېنىقسىزلىقتا ئەڭ ئېنىقتۇرسەن. سەن ئەقىلنىڭ مەنبەسىدۇرسەن. ئەمما، دەل ئاشۇ ئەقىل ئىنساننى ئېزىقىشقا باشلايدۇ. قېنى شۇ چۈشەنچىمىزدە ھەرگىز يېڭىلىشمەيمىز دەپ ھەقىقەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئېزىققان دانالار! قېنى ئۇ دەرۋىشلەرنىڭ ھۆكمەتلىرىدە ئاينىپ كەتكەن ھېكايەتلەر! قېنى ئۇ ھۆكۈمالارنىڭ پەرىزىدە خاتا چىققان قىياسلار! قېنى ئۇ مۇنازىرىخانلارنىڭ نۇتۇقلىرىدا ئالدانغان ھېكمەتلەر! قېنى ئۇ نازىنىنلارنىڭ لەۋلىرىدىكى ۋاقتى ئۆتكەن ئەقلىيىلەر… ئەي ھەقىقەتچى، مەن ھەقىقەتنى ئۇلۇغلاشقا ئالدانغۇچىمەن—مەن ھەقىقەتنىڭ ئاخىرىغا چىقالمىغۇچىمەن. ماڭا ئاراملىق بەر، ئەي ھەقىقەتچى—مەن ھەقىقەتكە مەپتۇن بولۇشتىن قۇتۇلاي. سېنىڭ ھەقىقىتىڭگە ئىشىنىشتىن ئۆزۈمنى تارتاي. مېنى ھەقىقەتسىزلىككە قويۇپ بەر.
ئەي گۇناھسىزلارنىڭ گۇناھسىزى! سېنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا چەكسىز گۇناھ ياتىدۇ. سەن ئۈچۈن، ساڭا يېتىشتە گۇناھنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش كېرەك. مەن ئۈچۈن، سېنىڭ بىلەن خىيالىمدا بىللە بولىدىغان پەيت گۇناھسىزلىقنىڭ ئەڭ غايىب ۋاقىتلىرىدۇر. مەن ئۈچۈن، سېنىڭ ھەقىقىتىڭ تەجەللى بولىدىغان يەر گۇناھگاھتۇر. ئەي كەمكۈتىسىزلىك ئىزدىگەن ناتىۋانلار—سىلەر گۇناھنىڭ چوڭقۇرلىرىدىكى مۇھەببەتنى ھېس قىلىپ باققانمۇ؟ سىلەر پۇشايمان ۋە ھەسرەت چېكىشنىڭ چوڭقۇرلىرىغا چۆككەندە، بىر يوچۇن ئاۋازنىڭ ئىسمىڭلارنى خۇددى قارا بېسىشقا ئوخشايدىغان چۈشتە چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ سىلەر گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىغا پېتىپ ئۈمىدسىزلەنگەندە، تاشلارنىڭ يېرىلىپ سىلەرنى ئۆز قوينىغا ئېلىشىنى كۈتكەنمۇ؟ قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئۇنداق قىلمىغان ۋە قىلمايسىلەر، چۈنكى سىلەر گۇناھنى بىلمەيدىغان گۇناھكاردۇرسىلەر. سىلەر گۇناھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى—سىلەرنىڭ روھىڭلارنى ياشارتىدىغان مۇقەددەسلىكىنى—ھېس قىلىشتىن قالغانسىلەر. ئەمما، مەن گۇناھ ئىچىدە ساڭا سېغىنىمەن—سېنى سېغىنىمەن، سەندىن سېغىنچ كۈتىمەن. مەن گۇناھتىن ساقىت بولۇشتىن قورقىمەن، چۈنكى بۇ سەندىن قۇرۇق قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەي، قەلبىمنى سەكپارە قىلغان گۇناھلىرىم—ئېغىرلىشىڭلار، روھىمنى ئەسىرلىك قورام تاشلاردەك بېسىڭلار، مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بىر ھەسرەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىڭلار—شۇندىلا، مەن يېڭى تەۋەللۇتۇمنى توۋا قىلىش ئارقىلىق كۈتۈۋالالايمەن. مەن يېڭى ھايات ئۈچۈن، كونا گۇناھلارنىڭ مەندە قايتا-قايتا يۈز بېرىشىگە موھتاجمەن. ئەي گۇناھلار، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ گۇناھلىرى، مېنى يوقلاپ تۇرۇڭلار. مېنى ئۆزۈڭلارغا گۇناھ ئارقىلىق باغلاپ تۇرۇڭلار.
ئاخىرىدا، دېدىڭكى: «سەن بىر خاتالىق، ئۆكۈنۈش ۋە مۈجمەللىكسەن.» دېدىمكى: «سەن بىر يىراقلاشقۇچى، مەھرۇملىغۇچى ۋە ئۇنتۇلدۇرغۇچىدۇرسەن.» دېدىڭكى: «قىزىقىش خەتەرلىك ھېسسىياتتۇر.» دېدىمكى: «ھەقىقەت خەتەرلىك سەپسەتىدۇر.» دېدىڭكى: «سېنىڭ تېنىڭ ئېزىقىشتۇر.» دېدىمكى: «سېنىڭ روھىڭ تەگسىز ھاڭدۇر.» دېدىڭكى: «ئادىمىيلىك بىچارىلىكتۇر.» دېدىمكى: «مۇقەددەسلىك ئۆزىگە مەپتۇن بولۇشتۇر.» دېدىڭكى: «سېنىڭ كەلگۈسۈڭ ئۆلۈمدۇر.» دېدىمكى: «سېنىڭ چەكسىزلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەينىكىدۇر.»

*

بىلىمەن، خۇددى سەن دېگەندەك، مەن سېنىڭ قولۇڭدا ئۇچۇرما بولغان بىر كىچىك قۇش ئىدىم. سەن ئۇنى ئەقلىڭ ئەڭ ئۇلغايغاندا، تۆت يىل ئۇچۇرماي چىڭ ساقلىدىڭ—خۇددى ئەنسىز يىللاردا جېنىڭنى چىڭ ساقلىغاندەك. مەنىسىنى تاپالمىغان ھاياتىڭ مېنى ئالىقىنىڭغا ئېلىش بىلەن مەنە تاپماقچى بولدى. ئەي مۇقەددەس ئىنسان! سېنىڭ تەقدىرچىلىككە مەپتۇن بولۇشلۇرۇڭغا مەپتۇن بولغانمەن. سېنىڭچە، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ تەقدىرى ئىدۇق. شۇڭا سەن مېنى ئۆزۈڭ كونترول قىلالايدىغان بىر كىچىك قۇش، ئۆزۈڭنى بىر قۇشكار ھېس قىلاتتىڭ—ئەمما، بۇ ئۇرۇنۇشلىرىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن تەقدىرگە ئاسىيلىق قىلدىم—سەندىن ۋە سېنىڭ دۇنيايىڭدىن كۆچتىم. سەن كۆندۈرمەكچى بولغان بۇ قۇش ئاخىرى ئۇچۇپ كەتتى—كۆك ئاسمىنىڭدىن يىتتى.
ئەي ئاجىز گەۋدە!—سەن مېنى تۇنجى سۆيگۈچىدۇرسەن. بۇ سۆيۈشنىڭ تەپتى ھېلىمۇ لەۋلىرىمدە ۋىلىلداپ تۇرىدۇ. ئاشۇ گەۋدەڭدە مېنى قانداق قىلىپ شاماللاردىن، يامغۇرلاردىن ۋە نۇرلاردىن توسقانلىقىڭنى توختىماي تەسەۋۋۇر قىلىمەن. مېنى نېمىشقا بۇ دۇنياغا ئەكەلمەكچى بولغانلىقىڭنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنىمەن. سېنىڭ ماڭا نېمىشقا ئۇ قەدەر چوڭقۇر مېھر بەرگەنلىكىڭنىڭ سىرىنى بىلەلمەي ئاۋارە بولىمەن، ئەي مېنىڭ چۈشەنچەمدىن ھالقىغان چۈشەنچە!
بەزىدە كۈلكەڭنى دوراپ سالىمەن. ئەمما، ئۇ چېھرىمدىن تېزلا يوقايدۇ—خۇددى سەن ھاياتىمدىن يوقىغاندەك. سېنى ئەسلىمەسلىككە—خۇددى سەن ياشاپ باقمىغاندەك—تىرىشىمەن. ئەمما، سېنى ئۇنتۇماقچى بولغاندا، سېنى ئەڭ سېغىنىمەن؛ سېنى ئەڭ سېغىنغاندا، سېنى ئۇنتۇماقچى بولىمەن.
ئەي ئىزگۈ قەلب!—سەن مەندىن تۇنجى قېتىملىق بېشارەت سەۋەبلىك پەخىرلەنگۈچىسەن. سەن ئەۋلىيالارغا غايىۋانە ئىشىنىسەن. ئەۋلىيا سۈپەت كۆرۈنگۈچىنىڭ خۇپىيانە، سىرلىق ۋە مۇئەممالىق سۆزلىرى سەن ئۈچۈن بىر بېشارەتتۇر. سەن مېنى ئاشۇ بېشارەتلەردە بايقىغۇچىسەن. مېنىڭ كەلگۈسۈمنى سەن ئۆزۈڭنىڭ بېشارەتلەر دۇنياسى دەپلا قىياس قىلىسەن. شۇنىڭدەك، سەن مەندىن ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگۈچىسەن. ھېچكىم مېنى سەندەك ماختاپ تۇرۇپ ئۈمىدسىزلەنمىگەن ۋە ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرۇپ ماختاپ باققان ئەمەس. چۈنكى، سەن مېنى ماختاش سەۋەبلىك ماڭا يامان كۆز تېگىپ قېلىشتىن قورققانسەن؛ مەندىن ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرۇپ، رەزىل روھلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلىگەنسەن. شۇڭا، سەن ماختاشنى ئۈمىدسىزلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىشنى ماختاش ئارقىلىق تەڭشىمەكچى بولغانسەن. سەن ھېچ زامان مەن بىلەن بىر كەيپىياتتا ئۇزاق تۇرۇپ باققان ئەمەسسەن—چۈنكى سەن مېنى يىتتۈرۈۋېتىشتىن ھەر ۋاقىت ۋايىم يېگەنسەن. شۇڭا، سەن قورقۇنچقا تولغان قەلبىڭنى ئالداش ئۈچۈن، ئۇنى ئۆزگەرتىپ تۇرغانسەن.
ئەي دۇنيادا غەمكىن ئۆتكەن غەمخانەم! كۆكنىڭ قەھرىدە، دېڭىزنىڭ تەكتىدە، زېمىننىڭ پايانسىزلىقىدا سېنىڭ نىگاھلىرىڭ بار. بىر يۇتۇم سۇدا، بىر چىشلەم ناندا، بىر نەپەستا سېنىڭ ھەققىڭ بار. سەن ھەممە يەردە مەن بىلەن بىللىسەن—ئوڭۇمدا، چۈشۈمدە، قارا بېسىشلىرىمدا، كۈلكىلىرىمدە ۋە چۈشكۈنلۈكلىرىمدە… سەن ئاللىقەيەرلەردە ماڭا جىممىدە تىكىلىپ تۇرغاندەكلا بىلىنىسەن–خۇددى مېنى سۈكۈتۈڭدە ئوراپ تۇرىۋاتقاندەك. خۇددى مېنى مۇھەببىتىڭ بىلەن تىك تۇرغۇزىۋاتقاندەك.
ئەي مېنى ئۆزۈمگە تاشلىۋەتكەن باشپاناھىم! سەندىن ئايرىلىش ماڭا ئۆزۈم بولۇشنى بەدەل قىلسا، بۇنداق ئۆزلۈكتە نە مەنە بار ۋە بولدى؟ ئەگەر سېنىڭ سۆيگۈڭنى يوقىتىش ئۆزۈمنى سۆيۈشنىڭ شەرتى بولسا، بۇ ئىچ-ئىچىدىن مۇزلاپ كەتكەن ئۆزۈمنى سۆيۈشنىڭ نە لەززىتى بار ۋە بولدى؟ ئەگەر سېنىڭ بىغۇبار قوينۇڭدىن ئايرىلىش ئەركىمنىڭ ماڭا تاپشۇرۇلۇشى بولسا، نېمىشقا تا ھازىرغىچە ئەركىن بولالمىدىم؟ نېمىشقا تەنھالىقىمدىن ئەڭ قېنىق ھوزۇرلىنالمىدىم؟ نېمىشقا سېنىڭ كۈتكىنىڭدەك ئادەم بولۇش ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ كۈتكىنىدەك ئادەم بولۇشتىن قالدىم؟
ئاخىرىدا، دېدىڭكى: «بەختىڭ ئۆزۈڭنى بېغىشلاشتىدۇر.» دېدىمكى: «ھايات بەخت تامان مېڭىشنى ئارزۇ قىلىدىغان خىيالىي بالىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا نىشان ئايان ئەمەس. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ نىشانغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ.». دېدىڭكى: «سۆيگۈ سېنى يۈكسەلدۈرىدۇ.» دېدىمكى: «سۆيگۈ ئادەمنى ۋۇجۇدىدىكى ئىلاھلىقتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.» دېدىڭكى: «تەنھالىقىڭدا روھىڭنى تىڭلا». دېدىمكى: «جىمجىتلىقتا ساڭا قايتقۇم كېلىدۇ—خۇددى كۆڭۈل قارا تۇپراققا قايتىشنى خالاپ قالغاندەك.» دېدىڭكى: «سەن ھاياتلىقىمنىڭ چىرىغىدۇرسەن.» دېدىمكى: «ئازابلىرىم سەندىن باشلانغان.» دېدىڭكى: «سېنىڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكىسى ۋاقىت ياكى ماكان ئەمەس، بەلكى مەھرۇملۇقتۇر.» دېدىمكى: «مېنىڭ مەھرۇمىيىتىمدە سەن زاھىرسەن، سېنىڭكىدە مەن.» دېدىڭكى: «بار بولماق يوقالماقتۇر». دېدىمكى: «بار بولماق بارالماسلىق، يېتەلمەسلىك ۋە قانماسلىقتۇر.»

*

ئەي ئويلار شاھى! سەن ھەقىقەت ئىزدىگۈچىسەن. سەن ئۈچۈن، ھەقىقەت ئويدىدۇر—ئۇيلاش ھەقىقىيلىقتىن باشلىنىشى، ھەقىقەت ئىزدىشى، ھەققانىيلىقتا تۇرۇشى ۋە ھەقتە تۈگەللىنىشى كېرەك. پەقەت ئويدىلا، ھەق ھەم ئۆزىدە ھەم ئۆزلۈكتە بولالايدۇ. ئادەم ھەقنىڭ تەپەككۈرىدۇر؛ ھەق ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنىڭ ئۇ يېتەلمەيدىغان نىشانىدۇر.
ئەي ئوي سەنئەتكارى! سەن ئۈچۈن، ئوي ئۆزدىن باشلىنىدۇ، دۇنيادا بېيىيدۇ ۋە ھەققە كەلگەندە جان جەھلى بىلەن تىركىشىدۇ. ئاشۇ تىركىشىشتە، ئوي پارە-پارە بولۇش گىرداۋىغا بارىدۇ. ئوي ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرۇشتىن قېلىپ، ئۆزىنىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ—ئويسىزلىق. سەن ئۈچۈن، ئويسىزلىق ئوينىڭ يوقلۇقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كېرىلىشتە خۇددى ئۈزۈلگەن تومۇرلاردەك چېچىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئوي چېكىدىن ھالقىغاندا، ئويسىزلىقتا چېچىلىدۇ.
بىلىسەن، ئويلاش ئازابلىق. ھەقىقەتنى ئىزدەشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى بايقىغاندىن كېيىنمۇ قالىدىغان بىر چوڭقۇر ئازاب بار. ئوي ئازابقا ئۆزىنى ئاتاشتۇر. ياكى، بۇ ئازابتىن ھوزۇرلىنىشتۇر. ئەمما، ھەقىقىي ھوزۇر ئويسىزلىقتىدۇر—ئۇ ئوي يېتەكلىگەن مەنزىلدىن تەلتۆكۈس ئازاد بولغان ئوينىڭ ئويسىزلىقتا ئۆزىنى ئۆزىنى قۇرۇقدىشىدۇر. ئوي قۇرۇقدالغاندا، يوقلۇقنىڭ تىرەنلىرىدە سويلايدۇ. يوقلۇق ھەققىدىكى ئوي ئويسىزلىقنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنىدۇر. سەن شۇنى دەبدەبە بىلەن قايتا-قايتا ئېيتتىڭكى، بار بولماق ئىزگۈلۈكتۇر؛ بار بولماقنى ئويلاش يوقلۇقتىن ھالقىشتۇر. بارلىقى مۇمكىنسىزنى ئويلاش ئويسىزلىقتۇر. ئويلاش—پەقەت ئويلاشلا—ئادەمنى دۇنياغا ئاچىدۇ، ئۆزگىگە ئاچىدۇ، ئۆزىگە ئاچىدۇ. ئويسىزلىق ئادەمنى يوقلۇققا ئاچىدۇ.
ئەي ئويغا تىۋىنغۇچى! سەن ئويلىرىڭنىڭ تەگ-تەگلىرىدە دۇنيانى ھەقنىڭ كۆزىدە كۆرمەكچى، ئۇنىڭ سۆزىدە سۆزلىمەكچى ۋە ئۇنىڭ ئويىدا ئويلىماقچى بولدۇڭ. شۇنىڭغا ئىشىنەتتىڭكى، سەن بىلەن ھەقنى ئاداققى نۇقتىدا باغلاپ تۇرىدىغىنى ئۇنىڭدىن كەلگەن ئەقىلدۇر. سەن مانا مۇشۇ ئەقىلنىڭ سېنى ئىلاھىيلىقنىڭ ئىنسانىيەتتىن مەخپىي قالدۇرۇلغان سىرلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىڭ. قەلبىڭدە يارىلىشنىڭ سىرىنى بىلىشكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بار ئىدى. چۈنكى، سەن ياراتقان ئىدىيىلەر ساڭا شۇنداق بىر ئىشەنجنى بەرگەنكى، يارىتىش ئاجايىپ كارامەتلىك بىر قۇدرەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممىنى ئويلىدىڭ—ھەتتا ئويلىمىغاننىمۇ، ئويلىيالمايدىغاننىمۇ ئويلاشقا تىرىشتىڭ. ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىڭ. سەن شۇنداق بىر مەنزىلگە يەتتىڭكى، ئويلاشتا ئېرىشىلگەن ئىلىم ئاخىرى ھەممىنى بىرلەشتۈرىدۇ—ھەممە شەيئىنىڭ ھېكمىتى ئىلىمدە بىرلىشىپ كېتىدۇ. ياخشىلىقنى بىلمەك رەزىللىكنى بىلمەك، سەپسەتىنى بىلمەك ھەقىقەتنى بىلمەك، گۈزەللىكنى بىلمەك خۈنۈكلۈكنى بىلمەك ۋە بۇ دۇنيالىقنى بىلمەك ئاخىرەتنى بىلمەك بولىدۇ. ھەممە تۇيغۇدا يالتتىدە ئايان بولىدۇ. ئاداققى نۇقتىدا، ھەممە سەندە ئايان بولىدۇ—سېنى بىلمەك ھەقنى، ھەقنى بىلمەك سېنى بىلمەكتە ئايان بولىدۇ.
مىڭلارچە ئەپسۇسكى، سەن ئاداققى نۇقتىدا ئۆزۈڭنىڭ پانىيلىقىغا يىقىلدىڭ—سەن بىلەن ھەق ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى كۆردۈڭ. ئالەمنىڭ سىرلىرىنى بىر قاراپلا بىلىۋالايدىغان كۆزلىرىڭ ئۆلۈمگاھنىڭ سىرلىرىنى بىلىۋالالمىدى—سەن ھاياتلىقنىڭ ئۇ قېتىنى كۆرەلمىدىڭ، ئەمما ئۇنىڭغا ئىشەندىڭ. ئىشەندىڭ دېمەك ئۇنىڭغا چىن پۈتتۈڭ، ئۇنى قوبۇل قىلدىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنى تەسەددۇق قىلدىڭ دېمەك ئىدى. سەن يەنە شۇنىڭغىمۇ چىن پۈتتۈڭكى، سەن ئۇ تەرىپىدىن چىن پۈتۈلدۈڭ، قوبۇل قىلىندىڭ ۋە تەسەددۇقلاندىڭ.
ئەي ھەقتە ئاياقلاشقۇچى—سېنڭچە ھەقىقەت بىزنىڭ ئاداققى نىشانىمىزمىدى؟ ياكى ئۇ بىزنىڭ پانىي، خىيالىي ۋە مۇكەممەل بولمىغان مەۋجۇتلۇقىمىزنى بەزلەشتىكى بىر تەسەللىيمىدى؟ ئەي ئۆلۈمنىڭ سېھرىگە ئاخىرى مەستخۇش بولغۇچى—سەن ئوينىڭ قۇدرىتىدە ھاياتنى قىزغىنلىقىڭ بىلەن مۇئەييەنلەرگەن بولساڭ، ئۆلۈمنىڭ زۆرۈرىيىتىدە باقىيلىقنى ئۇلۇغلىيالامسەن؟ سەن ئوي ۋە ئويسىزلىقتىن ھالقىپ كېتىدىغان بوشلۇقتا، ئادەم ئاپىرىدە بولمىغان، دۇنيا يارىتىلمىغان، ماكان-زامان يېيىلمىغان ۋە ئەركىن ئىرادە كېلىنمىگەن ئاشۇ لەھزىدە بىر ئەبەدىيەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەلەمسەن؟ سەن بۇ ئەبەدىيەتتىن باشقا ھەممىنى ھەقنىڭ ئويىنىڭ ئويسىزلىقلىرىدۇر، دېيەلەمسەن؟
ئاخىرىدا، دېدىڭكى: «ئوي ئاداققى نۇقتىدا ئويسىزلىقتۇر.» دېدىمكى: «ئوي بار بولماقنى يوقلۇقتىن ھالقىپ ئىستىمەكتۇر.» دېدىڭكى: «ئادەمنىڭ ئۆزگىگە ئېچىۋېتىلىشى ئۇنىڭ ئەركىنلىكىدۇر.» دېدىمكى: «ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ئۆزى ئويلىيالمايدىغاننى ئويلاشتۇر.» دېدىڭكى: «بىر ئىدىڭلار، ئۆزگە بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى بولدۇڭلار. ئىككى ئىدىڭلار، ئۆز-ئارا بولدۇڭلار. بىر-بىرىڭلارغا ئادىمىيلىكتە ئېچىۋېتىلدىڭلار.» دېدىمكى: «بىر بولماقنىڭ خاسىيىتى بىر ھاياتنى بىر ئۆلۈمدە ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر.» دېدىڭكى: «ھەقىقەت ئۆز-ئارالىقتىدۇر.» دېدىمكى: «ئۆز-ئارالىق سەن بىلەن ھەق ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشتۇر. باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى خام خىيالدۇر.»

*
ئىسمىڭنى تۇنجى قېتىم چاقىرغىنىمدا، ئۇنى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن يەنە ئۈنسىز چاقىرىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باققانمىدىڭ؟ ئالدىڭنى تەمتىرەش، خىجىللىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكتە تۇنجى قېتىم توسقىنىمدا، كىملىكىمنى ھەقىقەتەن بىلەتتىڭمۇ؟ قەلبىمنى بايان ئەيلىگىنىمدە، ھېسلىرىمغا ھەقىقەتەن ئىشەنگەنمىدىڭ؟ مەن بىلەن ئوخشاش كەچمىشتە بوپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنمىدىڭ؟ ئەسەبىيلىكلىرىمگە چىداشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى ئويلاپ باققانمىدىڭ؟ مېنىڭ غەلىتە خىياللىرىمدىن چۆچۈگەنمىدىڭ؟ مېنىڭ دۇنياغا مەسخىرىلىك ۋە مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراشلىرىمدىن تېرىككەنمىدىڭ؟ مېنىڭ دۈشمىنىمگە بولغان تىرەن-تىرەن ئۆچمەنلىكىمدىن شۈركىنىپ كەتكەنمىدىڭ؟
ئەي خۇپىيانىلىق ئەركىسى! مېنىڭ پەرىشتەم—چاچلىرى ئەسەبلىرىمگە پۈركىنگەن، كۆزلىرى ئازابلىرىمدىن چاقنىغان، لەۋلىرى تىنىقلىرىمدا ئېرىگەن ۋە بويلىرى تەسەۋۋۇرۇمدا قايتا-قايتا يارالغان پەرىشتەم، نامىڭنى ئۇلۇغلايدىغان سەۋدايىدىن ساڭا يىراق-يىراقلاردىن سالام! سېنى ھاياتىڭنى بېغىشلاشتا نەچچە رەت ئىككىلەندۈرگەن ئاشۇ «سۆيۈملۈك لۈكچەك» تىن سېغىنىپ سالام!
ساڭا مەڭگۈ مىننەتدارمەن: سەن ماڭا ئازابنى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىپەرۋا قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئارقىلىق يېڭىشنى ئۆگەتتىڭ. سەن ماڭا خورلۇقنى غەزەبلىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاچچىق كۈلۈش بىلەن يېڭىشنى ئۆگەتتىڭ. سەن ماڭا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئۈمىدسىزلىنىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنى مەسخىرە قىلالاشنى ئۆگەتتىڭ. سەن ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكلىرىنى قوزغىلىشلارغا بېرىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبنى ھەرقانداق ئىنتىلىشلەردىن خالىي قىلىش ئارقىلىق يېڭىشنى ئۆگەتتىڭ. سەن ئەركسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ھەسرەتنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنى جاسارەت بىلەن قوبۇل قىلىشنى ئۆگەتتىڭ. سەن جانغا پاتىدىغان ماكانسىزلىقنى ئۈمىدسىزلىنىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى كۈتۈش ئارقىلىق يېڭىشنى ئۆگەتتىڭ.
ئەي گۈزەللىك پەرىسى! سەن ئارقىلىق بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ مەستخۇشلۇق، جازىبە، ئالدىنىش ۋە بىقارارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. سېنىڭ گۈزەللىكىڭنىڭ سېنىڭ نەپىسلىكىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە سېنىڭ شىكەستىلىكىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ يەتتىم. گۈزەللىكىڭنىڭ قات-قېتىغا يوشۇرۇنغان، ئاۋايلىمىسا پارە-پارە بوپ كېتىدىغان بىر ئايانچلىقنى چۈشىنىپ قالدىم. دېمەك، سەن مەسۇمىيەت يىللىرىنىڭ بىغۇبار گۈزەلىسەن، گەرچە ۋاقىت ۋۇجۇدۇڭدىكى پارلاشلارنى ھامىنى توزۇتسىمۇ. دېمەك، سەن ئەنسىز يىللارنىڭ يېگانە يالدامىسىسەن، گەرچە ماكان سېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭنىڭ ۋەزنىنى ھامىنى بىلمىسىمۇ.
ئاخىرىدا، دېدىڭكى: «ھايات بىر ئەسلىمىدۇر.» دېدىمكى: «ھايات قارا بېسىشتا ھېس قىلىنغان ئامان قېلىشتۇر.» دېدىڭكى: «گۈزەللىك ھەممىنىڭ ئىنتىلىشىدۇر.» دېدىمكى: «گۈزەللىك ھەقىقەت يوقىغان ۋە ياخشىلىق تۈگىگەن دۇنيانىڭ بىردىنبىر تەسەللىيسىدۇر.» دېدىڭكى: «تەننىڭ نەپىسلىكى روھنىڭ شولىسىدۇر.» دېدىمكى: «روھنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ شەكىلدىن، ۋاقىتتىن ۋە مەنىدىن ھالقىغان نەپىسلىكىدۇر.» دېدىڭكى: «ھىجران ئۇنتۇلمايدۇ.» دېدىمكى: «سەن ئۇنتۇلمايسەن.»

مەنبە: ئويلار بىلوگى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 2

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش