ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » يالغانچىلىقنىڭ كاپارىتى نىمە؟

يالغانچىلىقنىڭ كاپارىتى نىمە؟

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يالغانچىلىقنىڭ كاپارىتى نىمە؟

جاۋاپ:
جىمى ھەمدۇ – سانا ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن ،مەقسەتكە كەلسەك :
ھەربىر مۇسۇلمانغا _قىلىپ سالغان ھەرقانداق گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن تۆۋبە قىلىشى لازىم ، گۇناھ مەيلى ياغانچىلىق بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن ئوخشاشتۇر.
تۆۋبىنىڭ ۋاجىپلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئالدىراشقا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس لەردىن دەلىللەر ئىنتايىن كۆپتۈر، ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئىجمائ قىلغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىدى :[ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمى تۆۋبە قىلىڭلار]<<تەھرىم سۈرىسى 8-ئايەت>>
ئاللاھ يەنە مۇنداق دىدى :[ئەي مۇئمىنلەر ھەممىڭلار ئاللاھقا تۆۋبە قىلىڭلار نىجات تاپىسىلەر]<<نۇر سۈرىسى30-ئايەت>>.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىدى :<<ئىستىغپار-گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم – سورغان كىشى كۈنىگە 70قېتىم گۇناھ قىلىپ سالغان بولسىمۇ تۆۋبىسى تۇسۇپ قىلىنمايدۇ >> ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ئەبى بۇردە ئەغىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلدۇ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم : مەن كۈنىگە يۈز قېتىم ئىستىغپار بۇلىشىنى سۇرايمەن >>,ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ،
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن:ئۇمۇنداق دىدى _ بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر ئولتۇرۇشتا 100قېتىم ئىستىغپار ئۇقۇغانلىقىنى ساناپ تۇرغان ئىدۇق <<ئىھ رەببىم مىنى كەچۈرگىن ،تۆۋبەمنى قۇبۇل قىل ،سەن تۆۋبىنى قۇبۇل قىلغۇچى ۋە مىھىربان زاتتۇرسەن >> ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ دائىم قىلقدىغان دۇئاسى <<مىنىڭ گۇناھلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ كىچىكى – چوڭى ۋە ئۇنىڭ ئەۋۋىلى-ئاخىرى ۋە ئاشكارا-مەخپىي لىرنى كەچۈرۈم قىلىشىڭنى سۇرايمەن >>ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ،
يۇقارقىلار نى بىلگەندىن كېيىن تۈۋەندىكىلەرنى بىلىش كىرەك ،
تۆۋبىنىڭ 5 شەرتى بار بۇلۇپ ئۇلار:
1 – ئىخلاس_يەنى پەقەت تۆۋبىسىدىن ئاللاھ رىزاسىنى مەقسەت قىلىش،
2 – گۇناھدىن پۈتۈنلەي قولنى تارتىپ چىقىش،
3 – قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىش،
4 – بۇ ئىشىنى قايتا سادىر قىلماسلىققا چىن ئىرادە قىلىش ،
5 – قىلغان تۆۋبەسى بەندىنىڭ جىنى سەكراتقا چۈشۈپ قىلىشتىن بۇرۇن بۇلىشى كىرەك.
بۇ شەرتلەر گۇناھ بەندە بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدا بولغان بولسا شۇنداق ،مەسىلەن : ھاراق ئىچىش دىگەندەك، ئەمما گۇناھقا بەندىلەرنىڭ ھەقلىرى كىرىپ قالسا بۇنىڭغا يەنە بىر شەرت قۇشۇلۇدۇ -ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ ھەقتىن گەدەننىڭ خالاس بۇلۇشى ،دىمەك زۇلۇم بولسا_ رازىلىق ياكى ھەققى بولسا قايتۇرۇپ بىرىش.
شۇنىڭدەك نەپلە نامازئۇقۇش، رۇزا تۇتۇش ۋەئۇنىڭدىن باشقاياخشىلىقلانى كۆپ قىلىش،شۇنداق قىلغاندا ئاللاھ خاتالىقلاردىن ئۈتىۋېتىشى مۇمكىن ،ئاللاھ مۇنداق دىدى [شۈبھىسىزكى ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى كەتكۈزىدۇ] <<سۈرە نۇر 114-ئايەت>>،ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە <<خاتالىققا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈر_ ئۇنى ئۈچۈردۇ>> دەپ كەلگەن.
مەسىلە ۋە گۇناھلار بۇ ؛
ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر يالغانچىلىق ،يالغانچىلىقنىڭ ئىككى سەۋەبى بار بۇلۇپ ؛
1- غەپلەت ، ئۇنىڭ دورىسى ئىلىم ۋە قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى ئاخىرەتتە گۇناھكارلارغا قىلىنغان قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش لارنى،ۋەدۇنيادىمۇ ئازاپلارنىڭ كىچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇش،ئاللاھ بەزى ئاسىيلارغا ئازابنى بۇدۇنيادا تىتىدۇ.
2 – شەھۋەت : ئۇنىڭ دورىسى : ئۇنى قوزغايدىغان ئۇرۇن ۋە ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش ،
.ۋە ھەردائىم ئۇنىڭغا قارتا كەلگەن ۋەھىيمىلىك -قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ،
ئەمما سەن يالغانچىلىققا يۇقاردىكى كاپارەت ۋە تۆۋبىدىن باشقا خۇسۇسىي تۆۋبە ۋە كاپارەتنى قىلىشىڭ كىرەك. بىز قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دەلىللەرئۈستىدە توختالمايمىز ،،
ئاللاھۇ ئەئلەم.
مەنبە: ئەينەك تورى

بۇ يازما 32 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 2

ئاكادېمىيە ئورگان تورى © 2017

ئۈستىگە قايتىش