ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جالالىدىن رۇمىنىڭ 50 گۈزەل سۆزى (2)

جالالىدىن رۇمىنىڭ 50 گۈزەل سۆزى (2)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

تەۋەككۈلدىن باشقا بىر قازانچا يوقتۇر، چۈنكى ھەق كۆڭۈللەرنىڭ دوستىدۇر.

كۆڭلۈڭ سۇنغان بولسا ئۈزۈلمە، بەلكى رەب ساڭا قانات بېرە.

زىرائەتنىڭ ياخشىسى ئۇرۇقتىن بولسا، ئىنساننىڭ ياخشىسى قەلبتىن.

ئىنسان دۇنياغا ھۆكۇمدار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى ئۇ يەنىلا كىچىك بىر يۇرەككە ئەسىردۇر.

ھېچكىم ساڭا قارشى ئەمەس. ھەركىم ئۆز تەرىپىدە تۇرىدۇ.

يۇرەكمىدۇ ئىنساننى سۆي دېگەن،ياكى يالغۇزلۇغمىدۇر كۇشكۇرتكەن؟
زادى نېمىدۇر سۆيمەك؟ بىر شامغا ئوت بولماقمۇ ياكى يانغان ئوتنى تۇتماقمىدۇ؟

ھايات بىر ئۇيقۇدۇر. ئۆلگەندە ئويغۇنىدۇ ئىنسان. سەن بالدۇرراق ھەركەت قىلىپ، ئۆلمەستىن بۇرۇن ئويغان.

كۆڭۇل ئەينىكى پاكىز بولمىغان كىشى ھەقىقى گۈزەل بىلەن سەتنى پەرق ئېتەلمەيدۇ.

سۆزۇڭنىڭ پايدىسى بولمىسا سۆزلىمە!

ئىنسان ئۆزىنىڭ قەدىرىنى بىلگەننىڭ يېنىدا قىممەتلىكتۇر.

ئەسكى خۇيلۇق، چىرايلىق يۈزلۈك ئادەم يالغان پۇلغا ئوخشايدۇ.

ئىنساننى بىر دەرەخ دېسەك، يىلتىزى ئىنساننىڭ ۋەدىسىدە تۇرغانلىغىغا ئوخشايدۇ..

ئىنساننىڭ سۆزى ھېكمەت. قاراشلىرى ئىبرەت. جىم تۇرۇشلىرى ئۈلگە بولۇشى لازىم.

سېنىڭ دېرىزەڭ پاسكىنا بولسا، مېنىڭ گۈلزارلىقىم ساڭا ئەخلەت-چاۋا كۆرۇنىدۇ.

كىمنىڭ كۆڭۇل ئىشىكى ئىچىلسا، ئۇنىڭ كۆڭۇل تۆرىسىدە مىڭ قۇياش چاقنايدۇ.

يۈرۈكىڭىز بىلەن قىلغان ياخشىلىق چوقۇم سىزگە يانىدۇ.

بەخت ئۈچۈن پىداكارلىق قىلمىغان سۆيگۈنى، يۇرىكىڭدە توشۇپ، ئۆزەڭگە يۈك قىلما.

كۆڭۇل ئېلىشنى ئويلىساڭ، سۆيگىنىڭ ئۇرۇقىنى تەر. جەننەتكە كىرىشنى ئويلىساڭ، يوللارغا تىكەن تىرىشتىن ۋاز كەچ.

توزدەك قاناتلىرىڭغىلا قارىماي، پۇتۇڭغىمۇ قاراپ قوي.

دېرىزەڭدىن يا ئاينىڭ يا كۈننىڭ يورۇقى چۇشمىسە، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاي بىلەن قۇياشتىن كۆرمەي، بەلكى كۆزۇڭنى تورۇغان پەردىدىن كۆرگىن.

شام بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزەڭ كۆيۈشۈڭ كېرەك.

ھەقتىن باھارنىڭ خەۋىرى كەلمىگىچە، تۇپراق ئۆز سىرلىرىنى ئاشكارلىمايدۇ.

كۆڭلى ئوچوق بولمىغانلارغا كۆڭۇل بەرمە.

ئەرلەرنىڭ گۈزەللىگى تىللىرىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

دۇنيادا داۋاملىق يازلا بولۇپ، باغ-بوستانلىقلارغا قۇياشنىڭ ئىسسىق نۇرى داۋاملىق چۈشكەن بولسا، تۇپراق زىرائەت يېتىشتۇرۇش قاپىليىتىنى ئاللا بۇرۇن يوقاتقان بولاتتى.

باشتا چاشقاننى يوقاتقاندىن كىيىن، ئاندىن بۇغداينى ساڭغا ئەكىرگىن.

نادانلار باش بولغان يەردە، دانالار ئۆزىنى يوشۇرىدۇ.

يولنى بىلمىگەن قۇدۇققا چۇشۇپ كىتىدۇ.

نادانلار ھۆكۇم سۈرگەن يەردە، يىلان بىلەن چايان يامراپ كىتىدۇ.

قەيەردە بىر دەرد بولسا، شىپا ئۇ يەرگە كىتەر.
قەيەردە بىر يوقسۇل بولسا، رىسق ئۇ يەرگە كىتەر.
قەيەردە بىر قىيىن سوئال بولسا، جاۋاب ئۇ يەرگە كىتەر.
قەيەردە بىر كىمە بولسا، دېڭىز ئۇ يەرگە كىتەر.

يالغۇزلۇقنىڭ ئەڭ ئەسكىسى، ئۆزىنى چۇشەنمىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا قىلىش.

ھېس-تۇيغۇلار ئەقىلگە، ئەقىل روھقا ئەسىر.

سۆيگۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى سەۋر.

”قۇرۇپ كەتتى“ دەپ ئويلاپ قالماڭلار! بىز يەنە بىر باھار ئۈچۈن ياپراقلىرىمىزنى تۆكتۇق.

تۇنۇگۇن پاراسەتلىك ئىدىم، دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولدۇم. بۈگۈن ئەقلىمنى تېپىپ، ئۆزەمنى ئۆزگەرتىۋاتىمەن.

خۇيلارنى ياراتقاننىڭ خۇيى بىلەن خۇيلان.

كۆزلىرىمگە قاراپ ئۆزەڭنىڭ گۈزەللىڭنى كۆر. سۇنۇق ئەينەكلەرگە ھەرگىز قارىما.

كىمگە قانداق قارىساڭ، ئۇ ساڭا شۇنداق قارايدۇ.

ھەممە ئادەمنىڭ كەمچىلىگىنى كۆرىدىغان كىشى، ئۆزىگە كور كۆز بىلەن قارايدۇ.

كۆڭۇل بۆلمە، دۇنيادەك بالا كەلسىمۇ بېشىڭغا، ئەلۋەتتە بىر كۈن سەۋر ئەڭ چوڭ قورالىڭ بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر ھەقنىڭ ياردىمى بولىدىغان بولسا، بىر تال پاشىمۇ نەمرۇتنى ئۆلتۇرەلەيدۇ.

كۆڭۇل سۇ بولسا، يۇرەك كومزەكتۇر.

كۆكلەرگە قاراپ ئۆسمىگەن مېۋە كۆچىتى، مېۋە بەرمەيدۇ.

دوست بىزنى بىر سۆيسە، بىز ئۇنىڭغا مىڭ قىتىم سەجدە قىلىمىز.

تامچىلار، ئۆز ۋەتىنى بولغان دېڭىزدىن ئايرىلىپ، قايتىدىن چۈشكەندە سەدەپكە ئۈنچە بولۇپ تىزىلىدۇ.

دەريا سۈيىنىڭ ئۇستىدىن ئاياق ئىزىنى ئىزدىمە.

ئاشىق ئوتىدا، روھ بەختىيار.

ئەقىل روھتىن ھۈنەر ئۆگۈنىدۇ.

سۆزنى بەدەن دىسەك، مەنا بولسا تاتلىق جاندۇر.

كۆڭلۈڭنى كىردىن، زەئىپلىكتىن خالى قىلمىساڭ، ھەقنىڭ نۈرى ئۇ يەردە پارلىمايدۇ.

30.07.2017
گېرمانىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش