ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى – 3

جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى – 3

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1. پەيغەمبەرنىڭ:“ مۆئمىن ئىككى قىتىم ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلمايدۇ!“ دېگەن سۆزى ماڭا يول كۆرسەتكۇچ بولدى.

2. بۇ دۇنيادا بىر بالادىن قۇتۇلۇپ، يەنە بىر بالاغا تۇتىلىدىغان، يىلاندىن قېچىپ، ئەجدەرھانى پانا قىلىدىغان ئىشلار كۆپ.

3. بەزىدە ھىلەڭ ئۆزەڭگە بالا بولىدۇ. جان دەپ بىلگەن نەرسە ساڭا قان قۇستۇرغۇچى دۈشمەن بولىدۇ.

4. بىلىش ئارقىلىق پىكىر دولقۇنلىرى زاھىر بولغاندا، ئاۋاز ۋە سۆز سۈرەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. سۈرەتسىزلىكتە سۈرەت كۆرىنىدۇ.

5. ئىنسان ئۈچۈن ھەر نەپەستە ئۆلمەك ۋە تىرىلمەك باردۇر.

6. ئىنساننىڭ ئۆمرى دەريا سۇلىرىدەك تەكرار-تەكرار يېڭىلىنىپ ئاقسىمۇ، ئۇ داۋاملىق بىر خىلدەكلا كۆرىنىدۇ.

7. زالىملارنىڭ زۇلۇمى بولسا قاراڭغۇ بىر قۇدۇققا ئوخشايدۇ.

8. بۇ دۆلەت، بۇ سەلتەنەت ئۆتكۇنچىدۇر. ئۇنداقتا ئۆزەڭدىن مەغرۇرلانما، بۇ كىبىرلىك زادى نېمە ئۈچۈن؟

9. پىلە قۇرۇتىدەك ئۆزەڭنىڭ ئەتراپىنى قورشىما. بەزىدە ئۆز ئەھۋالىڭنى دەڭسە.

10. سەن پىل بولساڭمۇ قارشى تەرەپنى ئاجىز چاغلىما. تەڭرى ئەبابىل قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ.

11. يەردە بىر مەزلۇم رەھىم تىلىسە، كۆكلەردە مالائىكەلەر ھەركەتكە كېلىدۇ.

12. سۇلايماننىڭ قۇدرەتلىك ئۈزۈكى ۋە تامغىسىنىڭ سىرى بىلىمدە.

13. پۈتۈن ئالەم شەكىل بولسا، بىلىم جاندۇر.

14. ئىنسانىيەت بىلىم بىلەن ئىتىبار قازىنىدۇ. دېڭىزلار، چۆل-باياۋانلار، تاغ-دەريالارنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرى بۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا بوي سۇنىدۇ.

15. تەڭرىدىن بىلىم ئىستە. ئۇنىڭ پەزىلىتى بىلەن شەيئىلەرنى پەرق ئەتكۈچى ۋە بىلگۈچى بولىسەن.

16. دەسلەپتە ئەقىل مۇئەللىمدۇر، كېيىن ئەقىل ئۇستاز بولغاندا روھقا شاگىرت بولىدۇ.

17. ئادەمزاتنىڭ ئەقلى چەكسىز دېڭىزدەك.
بۇ دېڭىزغا ئەي ئوغۇل بىر دولقۇن كېرەك.
بىزنىڭ شەكلىمىز ئۇ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن ساندۇقتەك.
ئىچىدە سۇ بولمىغاچقا لەيلەپ يۈرۈيدۇ. سۇ تولدىمۇ چۆكىدۇ.

18. زەئىپ چۇشەنچىگە ئىگە ئىنسانلارنىڭ ھالىغا ۋاي. ئالدى-كەينىنى ئويلاپ ئىش قىلمىسا بەربات بولىدۇ.

19. يول تۈز ئەمما، ھەممە يەر توزاقلار بىلەن تولغان.
20. سىر ساقلىغاننىڭ بوينى پۈكۈلمەيدۇ.

21. پۇلۇڭنى، مەزھەپىڭنى، ماڭغان يولۇڭنى مەخپى تۇت. بىلگۈنكى بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ دۈشمىنى كۆپ. ئەمما، يوشۇرساڭ ئىزدىگەن، سورىغان بولماس.

22. سىرىڭنى بىرقانچە كېشىگە ئېيتقان بولساڭ، ئەمدى ئۇنى سىر دېمە. چۈنكى ئىككى كالپىكىڭدىن چىققان سىر يېيىلىدۇ.

23. پاكىز، يالتىراق ئەينەكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ غەيۋەت قىلساڭ، ئاشۇ سۇرەتىڭنى كۆرسەتكەن ئەينەكمۇ مەينەتلىشىدۇ.

24. سەندىكى ئەسكىلىكلەر ئوچۇق ئوتتۇرغا چىقسا، شۈبھەسىزكى ئۆز-ئۆزەڭگە دۈشمەن بولىسەن.

25. ئەي باشقىلارنىڭ يۈزىدە يىرگىنىچلىك ”مەن“ نى كۆرگەن، ئۇ ”مەن“ بولسا مىڭ ئەپسۇس سىنىڭ يۈزۈڭنىڭ ئەكسىدۇر.

26. ۋاقىتسىز چىللىغان غورازنىڭ ئۆمرى قىسقا.

27. ئەدەپلىك كىشىنىڭ ھەربىر ئىشى گۈزەل بولىدۇ.

28. تەڭرىگە يۇزلەنمىگەننى قۇرۇق قۇم دەپ بىل. ئۆزلۈكسىز ئۇ ئىنساننىڭ ئۆمۈر سۈيىنى قۇرۇتىدۇ.

29. ئۆتۇنۈپ قالاي گۈل توغرۇلۇق سۆزلىمە، گۈلدىن ئايرىلغان بۇلبۇلدىن سۆز ئاچ.

30. باھار مەۋسۈمىدە زىرائەتتىن خەۋەرسىز كېشىنىڭ ئالدىدا، پەسىلنىڭ ئەتىۋارى بولمايدۇ.

31. دائىم ھەقنى باش-پانا قىلىش كېرەك. چۈنكى، روھلار ئۇنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

32. ھەقنىڭ ھېمايىسىگە ئىگە بولساڭ، سۇ بىلەن ئوت ئەسكېرىڭ بولىدۇ. شۇڭا دېڭىز، نۇھ بىلەن مۇساغا دوست بولدى ۋە دۈشمەنلىرىنى يوق قىلدى. ئوت بولسا نەمرۇدنىڭ پەسكەشلىكىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئىبراھىمغا بىر قەلئە بولدى. سۇيقەستچىلەردىن قوغداش ئۈچۈن، تاغمۇ ھەزرەتى ياھيانى يېنىغا چاقىرىپ مۇنداق نىدا قىلدى: ”ئەي ياھيا! يېنىمغا كەل، سېنى قىلىچلاردىن قوغدايمەن“

33. ئېغىزىڭدىن چىققان سۆز، يايدىن چىققان ئوققا ئوخشاش.
ئېتىلغان ئوق ئارقىغا قايتماس. ئۇدۇلدا كىم بولسا شۇنىڭغا تېگىدۇ.

34. قاراڭغۇ بۇ جاھان پاختىزارلىققا ئوخشايدۇ.
پاختىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت بولامدۇ؟
ئەگەر نەمرۇد بولساڭ ئوتتىن ئۆلگىدەك قورق.
ئوتقا كىرمەكچى بولساڭ ئەگەر، ئالدى بىلەن ئىبراھىمدەك بول.

35. كامىل كىشى تۇپراقنى تۇتسا ئالتۇن بولىدۇ. خام كىشى ئالتۇننى تۇتسا كۈل بولىدۇ.

36. ئىككى ھەرە ئوخشاش بىر چىمەنلىكتە ئوزۇقلانسىمۇ، ئەمما بىرسىدىن زەھەر، بىرسىدىن ھەسەل چىقىدۇ. ئىككى ئوخشاش جەرەن بىر يەردىن سۇ ئېچىپ، ئوخشاش ئوتتا ئوتلىسىمۇ؛ بىرسىدىن ئىپار چىقسا، يەنە بىرسىدىن نىجىسلىك چىقىدۇ. ئىككى قومۇش ئوخشاش سۇدا ئۆسسىمۇ؛ بىرسىدىن شىكەر چىقسا، بىرسىدىن ھېچبىر نەرسە.

37. تاتلىق سۇ بىلەن تۇزلۇق (ئاچچىق) سۇ ئوخشاشمۇ؟ بۇنى سۇنى ئىچكەن ئادەم بىلىدۇ.
38. مايمۇنلار ئىنسانلاردا نېمىنى كۆرسە، شۇنى دوراپ، زوقلىنىدۇ.
ئۇ ”مەنمۇ ئىنساننىڭ قىلغىننى قىلدىم“ دەپ ئويلاندۇ يۇ، ئەمما ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ.
39. مۇناپىق دېگەن سۆز دوزاق دېگەن سۆزدىن كەلمىگەن بولسا ئىدى؛ ئۇنىڭدا دوزاقنىڭ تەمى بولمىغان بولاتتى.
40. سۆزنىڭ ئەسكىلىكى ھەرىپتىن ئەمەس، دېڭىز سۈيىنىڭ ئاچچىقلىقى ئېلىنغان قاچىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس.
41. ئاچچىق ۋە تاتلىق سۇلۇق دېڭىزلار بار. ئارىسىدىكى پەردە سەۋەبىدىن بىر-بىرلىرىگە ئارلىشىپ كەتمەيدۇ. دېڭىز ئىككى ئەمما ماھىيەتى بىر. سەن ئىككىدىن ۋاز كېچىپ، ماھىيەتكە ئېرىش.

42. بىرسىنىڭ ئاغزىدا چۆپ بولسا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلمىغىچە راھەت بولالمايدۇ.

43. ئېسىل تاماقلىرىڭدا بىر تال قىل بولسا، ئۇ سېنى بىئارام قىلىدۇ.

44. دۇنياغا بولغان ھېس-تۇيغۇلۇرۇڭ يەرگە شوتا بولسا، ئاخىرەتكە بولغان ھېس-تۇيغۇلۇرۇڭ كۆكلەرگە شوتا بولىدۇ.

45. بەدەندىكى راھەتسىزلىكنى ئەمچىدىن سورا. ئەگەر ئۇ روھى جەھەتتىكى راھەتسىزلىك بولسا ھەزرىتى مۇھەممەتتىن سورا.

46. ئىنسان شەكىلدىكى نۇرغۇن شەيتانلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قولغا ئېسىلما.

47. مەرت ئىنسانلار توغرا يوللۇق، بەخىتلىكتۇر.
ئەسكىلەر بولسا ھىلە-مىكىرلىك، ئەرۋاھتۇر.

48. تەكەببۇرلىق قىلىپ، باشقىلارنى مەنسىتمىگەنلەر، بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۇنچى ئىكەنلىگىنى بىلمىسە، نېمە پايدا!

49. زاماندىكى ئەڭ داڭلىق ئالىم بولساڭمۇ، شۇنى بىلگىنكى ئالەمنىڭ زامانى يوق.

50. كۆڭۇل ئىگىلىرىنىڭ ئىلىملىرى پايدىلىق بولىدۇ. بەدەن ئەھلىگە ئىلىمنىڭ ئۆزىمۇ يۈك بولىدۇ.

07.08.2017
گېرمانىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش