ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، مىللىتىمىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي روھىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى شەخسى مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرۈدىغان ياراملىق ئىختىساس ئىگىللىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت قېيىن، ئۇزۇن مەزگىللىك، مۈشكۈل ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بىرسى سۈپتىدە قىلىپ كەلمەكتە.

مەمتىلى تەۋپىقنىڭ مائارىپ مەشئىلىنى تۈركىيەدە ياندۇرۇش مەقسىتىدە، مۇھاجىرەتتىكى بىر قانچە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرنىڭ ياردىمى بىلەن 2014–يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئوقۇشتا ئەلا ۋە مىللىي روھى كۈچلۈك بولغان ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە تەرىپىدىن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2014-، 2015– ۋە 2016- ئوقۇش يىللىرىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىھتىياجلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۈچ باكلاۋۇر، 17 ماگىستىر ۋە توققۇز دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ جەمىئىي 29 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مەۋسۇملىرىدا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلدى.

تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۈچۈن 2014–يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 10 مىڭ دوللار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يىلدا 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مەۋسۇمى بويىچە يىلدا 8 ئاي ئوقۇش مۇكاپاتى ئالدى. بۇ ئۈچ يىلدا تارقىتىلغان تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بولدى.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ باردى. ئاخىرقى 10 ئايدىن بېرى تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن ئائىلىسىدىن ئىقتىسادىي ياردەم ئالالمايۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينالماقتا.

تۈركىيەدە ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن، ياتاق ۋە تۇرمۇش راسخۇتىنى ھەل قىلالمىغان خېلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەۋجۇت. ھەتتا ئاپتۇبۇسقا چىققۇدەك ۋە تاماق يىگۈدەك پۇلى قالمىغان ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. تۈركىيە نوپۇسنىڭ كۆپلىكى ۋە ئىش تېپىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخۇتلىرىنى ئۆز قابىلىيەتلىرىگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمۇ قېيىن بولماقتا.

بۇ يىل تومۇز ئېيىدىكى مىسىر پاجىئەسىدىن كېيىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىردىن تۈركىيەگە پاناھلىنىپ كەلدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ۋە ياتاق ئىشلىرىمۇ نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۇزۇن مەزگىللىك بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مىسىردىن كەلگەن 75 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا تۈركچە كۇرسى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ تىل قىيىنچىلىقىنى يېڭىشىگە، تۈركىيەدىكى ئوقۇش ۋە خىزمەتلىرىنى تىزرەك ئۆز يولىغا سېلىۋېلىشىغا ياردەمدە بولماقتا.

تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2018-2017 ئوقۇش يىلىدا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ سوممىسىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ھەل قىلىش ئاكادېمىيەنىڭ نۆۋەتتىكى جىددى ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولىۋاتىدۇ.

ئاكادېمىيە مالىيەسىدە قولدىن ماددىي ياردەم مۇمكىن قەدەر قوبۇل قىلىنماي، پۈتۈن كىرىم چىقىم بانكا ھېساباتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، مالىيە نازارەتچىلىكى جەھەتتىن قېلىپلاشقان بولغاچقا، قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە مالىيەدە ھىچبىر مەسىلە كۆرۈلمىدى.

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، 2018-2017 ئوقۇش يىلى ئۈچۈن تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ سوممىسىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلىش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەسىس قىلغان مەمتىلى تەۋپىق فوندىغا ياردەم قىلىپ، تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ خاتىرىجەم ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا مۇمكىن قەدەر ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن ئاكادېمىيە دائىمىي ھەيئەتلەر نامىدىن: ئابدۇلھەمىد قاراخان

2017-يىلى 14-ئاۋغۇست، تۈركىيە

قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى ئىئانە بانكا ھىسابى ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرى

(تۈركىيە فىنانس بانكىسى) Türkiye Finans Katılım Bankası

Hesap Sahibi: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği

TL Hesap No: 1104815-1 (تۈرك لىراسى ھىسابى)

86 – Fındıkzade Şube

IBAN NO: TR92 0020 6000 8601 1048 1500 01

USD Hesap No: 1104815-101 (ئامېرىكا دوللىرى ھىسابى)

IBAN NO: TR11 0020 6000 8601 1048 1501 01

Euro Hesap No: 1104815-102 (ياۋرو ھىسابى)

IBAN NO: TR81 0020 6000 8601 1048 1501 02

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئالاقە ئۇچۇرلىرى

Uyghur Academy

يانفۇن Mobile Phone: 0530667785105063845639

ئېلخەت E-mail: uyghuracademy@gmail.com

ئورگان تورى Web: www.akademiye.org

ئادرىسى Address: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4  Fatih, Istanbul / TURKEY

2017-2018  يىللىق تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئۇقتۇرۇشى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇھاجىرەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن، 2018 – 2017 ئوقۇش يىلىدا، تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» نى داۋاملاشتۇرىدىغان، مۇكاپات سوممىسى ۋە سانىنى كۆپەيتىدىغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئاساسلىق شەرتلەر تۆۋەندىكىدەك:
1) چوقۇم تۈركىيەنىڭ مەلۇم بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولىشى
2) ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگانىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولىشى
3) مەكتەپتىكى دەرسلەردە ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولىشى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ئۆزلىكىدىن ئاكتىپ قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك:
1. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئىلتىماس جەدېۋىلى Tevfik Bursu Başvuru Formu
2. ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)
3. مەكتەپتىكى دەرس نەتىجىسى (ئەڭ يېڭى نۇسخىسى)
4. پاسپورت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
5. ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى
6. قىسقىچە تەرجىمىھالى
7. تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش – تەتقىقات نىشانى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيەسى ھەققىدە كۆز قاراشلىرى (نىيەت مەكتۇبى)
8. ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتە ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان مەلۇم ئۇيغۇر تەرىپىدىن بېرىلگەن بولىشى كىرەك.)
9. ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر قابىلىيىتى كېنىشكىسى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى)
10. ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە.
2017–2016 ئوقۇش يىلى «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى يىلى ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش ئاخىرقى ۋاقتى: 2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە
تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: memtilitewpiq@gmail.com
يانفۇن: 05306677851

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتى

بۇ يازما 233 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش