ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى (5-4)

جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى (5-4)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1. ھەرقانداق پىكىر ۋە سادانىڭ جەلپ قىلغۇچىسى بولسا ئىلھام ۋە سىرنىڭ مەنبەسى بولغاندۇر.

2. قۇياشنىڭ نۈرى پاسكىنچىلىقنىڭ ئۇستىگە چۈشسە كىرلەشمەي يەنىلا چاقناپ تۇرىدۇ.

3. ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بۇ روھ، غايىب ئالەمنىڭ بىر ھەدىيەسى بولۇپ، ئاقار سۇدەك ئاقىدۇ.

4. قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى ئىماندىن كېلىدۇ.

ئىمانى زەئىپ بولغان كىشى، ئۈمىدسىز كېلىدۇ.

6. ئىشلىرىڭنى مەيلى توغرا قىل مەيلى خاتا، زىنھار ھەقنىڭ يولىدىن ئايرىلما.

7. بارلىقنى ھەقنىڭ بارلىقى ئىچىدە يوق قىل.

8. گۈلنىڭ گۈزەللىكىدىن، تىكەننى كەچۈرۋىتىمىز.

9. كۈندۈزدەك يورۇق بولۇشنى ئويلىساڭ، كېچىگە ئوخشايدىغان بارلىقنى ئوتقا ئات!

10. كېچە كۈندۈز نەپسىڭگە دىققەت قىل، نەپسىڭنىڭ ھېلەسىدىن ھەزەر ئەيلە.

11. بىز ۋە مەن داۋاسى بىزگە ئەسقاتمايدۇ. مۈلۈك مۈلۈكنىڭ ئىگىسىگە لايىقتۇر.

12. ئاپپاق سۈتتىكى قارا قىلدەك كۆڭۈلدىكى ئويلىغان سىرلىرىڭ ئاشكارە بولىدۇ.

13. سۈرەتتىكى كىبىر ۋە ئاداۋەتتىن كەچكەن كۆڭۈل، غايىپ ئالەمىنىڭ گۈزەللىرى ئۈچۈن ئەينەكتۇر.

14. نادان بىلەن ئولتۇرۇپ بال يىگەندىن، ئالىم بىلەن ئولتۇرۇپ قۇرۇق نان يىگەن ياخشى.

15. بۇيۈكلۈكنىڭ ئالامەتلىرى ئېھساندۇر.

16. مەرتلىك يوقسۇلغا مۇھتاج، يوقسۇل ئۇنىڭغا.

17. يوقسۇلغا مەرتلىك قىلغاننىڭ گۈزەللىكى ئاشىدۇ.

18. يوقسۇلنىڭ كۆڭلى، سېخىنىڭ ئەينىكىدۇر.

19. بىر نەرسىنىڭ ئەتىۋارلىق بولۇشى، ئۇنىڭ يوقلۇقى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر.

20. ھەق يولىدىكىلەر، مەرت كېلىدۇ.

21. ئۆزىدە نۇر بولمىغان، باشقىلارنى نۇرلاندۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.

22. قارغۇ تۇرۇپ، قارغۇنى داۋالايمەن دىگەن كاززاپتۇر.

23. ساقايماس بىر كېسەل ساڭا تاتلىق تۇيۇلسا، ئۆلۇمنى ھەق ساڭا تاتلىق قىلىدۇ.

24. ھاياتى تاتلىق بولغاننىڭ ئۆلۇمى ئاچچىق بولىدۇ.

25. يايلاقتا ئوتلىغان قايسى قوي سەمەرسە، ئۇنى ئەكىلىپ بوغۇزلايدۇ.

26. شۈكرە- قانائەت جاننى نۈرلاندۇرىدۇ.

27. مال-دۇنيا باشتىكى تۇماققا ئوخشايدۇ. پەقەت تاز كىشىلەر تۇماققا يوشۇرىنىدۇ.

28. قىستىغان ئاياقنى كىيىپ ماڭغاندىن، يالاڭ ئاياق ماڭغان ياخشى.

29. ۋەتېنىڭنى ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان بولسا، غۇربەت ئەللەر ياخشى.

30. ئىتنىڭ رەسىمىگە، ئۇستۇخان تاشلىما.

31. ئىبرەت ئىگىسى ئىشنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىدۇ. بولمىسا ھالى باشقىلار ئۈچۈن ئىبرەت بولىدۇ.

32. جامائەت رەھمەتتۇر.

33. پۈتۈن دانىشمەنلەر پەيغەمبەرنىڭ پىكرىگە مۇھتاج بولغان چاغدىمۇ، ئۇ ”ئۇلار بىلەن كېڭەش“ دېگەن ئەمىرنى ئالدى.

34. ئارپا تارازىدا ئالتۇن بىلەن يولداش بولىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئارپىنىڭ ئالتۇندەك قىممىتى بار دەپ قالما.

35. كۈلگەن ئارسالانغا ھەرگىز ئىشەنمە.

36. دۇنيا مالى ئارسلاننىڭ تەبەسسۇمىدۇر.

37. كامىلنىڭ ئالدىدا، قەلبىڭدىكىگە دىققەت قىل.

38. دەرگاھتا ”بىز ۋە مەن“ دىن سۆز ئاچقان قوغلىنىدۇ. شاھنىڭ ئالدىدا ئەتىۋارى بولمايدۇ.

39. ئەقىللىق كېشى ئالدىرىماي تۇرۇپ، ۋەسىيەتلەرنى ئاڭلاپ، باشقىلارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئالىدۇ.

40. يىڭنىدىن ئىككىگە ئايرىلغان يىپ ئۆتمەيدۇ.

41. گۈزەل يۈز ئەينەككە ئاشىقتۇر. جاننىڭ جۇلاسى كۆڭۇللەرنىڭ تەقۋاسىدۇر.

42. رەسمىيەت ئۈچۈنلا قىلىنغان تەسەللى كېسەلگە دۈشمەن.

43. ئىبادەت قىلىۋاتقان كۇر مىڭ ئىنسان بار. ئەمما، ساداقەت بولمىسا ساۋاب يوق.

44. يانغان ئوتتىن ھەزەر ئەيلە. گۇناھ ئۇنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.

45. قىياس بىلەن ھەقنىڭ ھوزۇرىغا چىققان كىشى شەيتانغا ئوخشايدۇ.

46. ئەسكىلىكتىن ساقلانغان پاك روھ ھەممىدىن ئۇلۇغ.

47. قۇشنىڭ ئاۋازىنى دورۇغان بىلەن مەنىسىنى ھېچ چۈشەنمەيسەن.

48. نام، ئابروينىڭ كەيپى خېيالدۇر.

49. ئىسمىنى بىلسەڭ، ئىسمىنى قويغاننى تاپ.

50. ئەينەكنى سۈرت، ئۇنىڭدا پاك بارلىقنى كۆر.

51. لەيلىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەجنۇننىڭكىدەك كۆز بولۇش كېرەك.

52. رەڭلەر ئىچىدە رەڭسىزلىك تېخىمۇ ياخشى. چۈنكى رەڭ بۇلۇت بولسا، رەڭسىزلىك ئايغا ئوخشاش.
بۇلۇتتا بىر يورۇقلۇق، پاقىراقلىق بولسا، ئۇ يۇلتۇزنىڭ، ئاينىڭ ۋە قۇياشنىڭ نۈرىدىن بولغان.

53. كۆڭۈللەر پاك-پاكىز بىر ئەينەكتەكتۇر. ئۇنىڭدا چەكسىز شەكىللەرنى كۆرەلەيسىز.

54. غايىپنىڭ سۈرەتسىزلىك سۈرەتىنىڭ بەلگىسى، مۇسانىڭ قوينۇدا كۆرۈلگەن كۆڭۇل نۇرىدۇر.

55. پاك-پاكىز كۆڭۇل قانداق بۇيرۇق بەرسە، تۇيغۇلار شۇ بويىچە ھەركەت قىلىدۇ.

56. قول، بۇ پۇت كۆڭۈلنىڭ بۇيرۇقىنى ساقلايدۇ. خۇددى مۇسانىڭ قولىدىكى ھاسسىغا ئوخشاش.

57. كۆڭۈل خالىسا قول دۈشمەنگە يىلان، دوستلارغا دوست بولىدۇ.

58. كۆڭۈللىرى پاك بولغانلار رەڭلەردىن، پەردەزلەردىن ۋە ھەرخىل پۇراقلاردىن خالى بولىدۇ.

59. سەن دائىم ھەقنىڭ ياخشىلىقىغا كۆڭۈل بەرگىن.

60. ئەسكىلەرگە يۇمشاق كۆڭۇللۇك بىلەن نەسىھەت قىلساڭمۇ، تاش كۆڭۈللەرگە تەسىر قىلمايدۇ.

61. پاسكىنا نەرسىلەر پاسكىنا بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئەسكى ئەسكىگە دوست ھەم سىرداش.

62. ئەگەر نۇرنى ئىستىسەڭ، نۇرغا مايىل بول. ئەگەر مال-دۇنيا ئىستىسەڭ نۇردىن يېراق تۇر.

63. ئۈمىد ئىگىلىرى، ئۈمىد ئىشىكىنى باشپانا قىلىپ، ئىبادەت قىلسۇن.

64. قاراڭغۇلۇقتا قىدىرىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەر بىرى باشقا ئارزۇنىڭ يولىدا ماڭىدۇ.

65. كۆزى كېسەل بولغان قۇياشقا ئاشنا بولمايدۇ.

66. ھازىر بولمىغان ئۈچۈن قىلىنغان زەررىچىلىك نەرسە، ھازىر بولغان قىلغان مىڭ ئىشقا بەدەل.

67. كېچەنىڭ قاراڭغۇلىقىدا كۈندۈزنى ئىستە. قاراڭغۇلۇقلارنى يوقاتقان ئەقىلنى ئۆزەڭگە
رەھبەر قىل.

68. ساڭا كىملەرنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىگىنى بىلمەيسەن. ھالبۇكى ئوتتىن تۆرەلگەنلەر، تۇپراقتىن يارىتىلغانلارغا ئاداۋەت ساقلايدۇ.

69. ياقىدىغان ئوتۇن بولمىسا، ئوتمۇ ئۆچىدۇ. گۇناھتىن ساقلانغان شەھۋەتنى يېڭىدۇ.

70. روھ بولسا ئىلىم ۋە ئەقىلگە دوست.

71. مەن گۈزەل بولسام، بۇنى ئۇ ئېھسان ئەيلىدى. سەت بولسام شەيتان مېنى مەسخىر ئەيلىدى.

72. ئىنىقكى ھەممىسى گۈزەلنى ئىستەر، گۈزەللەر گۈزەلگە نېسىپ بولۇر، ھەر جىنىس جىنسىنى ئىستەر، ئىسسىق ئىسسىقنى، سوغۇق سوغۇقنى.

73. مەرىپەت قۇياشى پاتمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەقىل، روھ ۋە قەلبتىن چىققان.

74. بەدەننىڭ ھېسسى، زۇلمەت غىزاسىغا ئەسىر. روھنىڭ ھېسسىسىغا قۇياشنىڭ ئۆزى ئوزۇق.

75. بوۋاق تۇغۇلمىغىچە قان تاتلىق بىر سۈتكە ئايلانمايدۇ.

76. باقى نۇر، رەزىل دۇنيادىكى پاك سۈتتەك بولۇپ، قان دەريالىرىنىڭ يېقىنلىرىدا. بۇ يەرلەردە بىر قەدەمنى خاتا باسساڭ، ئەسكىلىكلەر ئارلىشىپ ساپ سۈت قانغا ئايلىنىدۇ.

77. ھەممە نەرسەڭلارنى، توغرا نەرسىلەرگە ئۇدۇل توغرىلاڭلار. توغرىلارنىڭ نۇرلىرى بار يەرلەرنى ۋەتەن دەپ بىلىڭلار.

78. مەگەر كۆزدە غەپلەت قىلى بولسا، گۆھەرمۇ تاشتەك كۆرىنىدۇ.

79. ھەرقانداق بىر ئادەم توغرا يولدا ماڭمىغانلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆلچىسە ھەمدە ئۇلار بىلەن دوست بولسا، ئىشلىرى خاتا بولۇپ، ئەقلى ئادىشىپ كېتىدۇ. چىن دوستلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. چۈنكى تىكەنلەر گۈللەرگە دۈشمەندۇر.

80. ئالىم ئۇيقۇدا شۇبھىسىز بىدار (ھۇشيار) دۇر. ۋاي ئىسىت! ئۇ نادان، بىلىمسىزلەر بىلەن دوست بولغان بىدارلارغا.

81. ئەقىل بىلەن ئەقىلنىڭ دوستلۇقىغا ئەسكى ئىش بىلەن ئەسكى سۆز توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

82. ئەقىل، باشقا بىر ئەقىل بىلەن بىرلەشسە كۈچلىنىدۇ. تېخىمۇ نۇرلىنىپ، يول تېخىمۇ ئىنىق كۆرۇنىدۇ.
نەپسى باشقا بىر نەپسى بىلەن قوشۇلسا تېخىمۇ قاراڭغۇ بولىدۇ. يول كۆرۇلمەيدۇ.

83. ئەي ئوۋچى! سېنىڭ دوستۇڭ كۆزدۇر. ئۇنى ياخشى ئاسرا.

84. تىل سۈپۈرگىسى بىلەن كۆزگە توپا چاچما.

85. ياخشى ياخشىنىڭ ئەينىگىدۇر.

86. دوست، دائىم جاننىڭ ئەينىكىدۇر. دىققەت قىل، نەپسىڭ ئۇنى بۇلغىمىسۇن.

87. كۆزۇڭ ئوچۇق تۇرۇپ كۆڭلۈڭ خوش بولمىسا، بىلگىنكى قەلب كۆزۈڭ يۇمۇق دېگەن گەپ، ئۇنى ئاچ.

88. دۇنيادا نۇرغۇن ئەسكى خۇيلار شوپۇكتەك گېلىڭگە چاپلىشىپ قالىدۇ. ئۇ شوپۇك گېلىڭدە شۇنچە يىللار قالىدۇ. ئۇ شوپۇكنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسەن؟ ئۇ، نام-شۆھرەت، مەنسەپ ۋە مال-دۇنيا سۆيگۈسىدۇر. بۇلار خۇددى شوپۇكقا ئوخشايدۇ. ئۇ ساڭا باقى ئەمەس. ئۇ گېلىڭدىلا بولىدىكەن، ئابىھاياتنى ئىچىشىڭگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

89. ئىستىقامەتتە تۇرۇپ، كۆزۈڭنى يۇمشاق ھەممىنى جان دوست ئۆگىتىدۇ.

90. ئەگەر بىر كەپتەر قۇۋلۇق قىلىپ كەكلىك ئوۋلىسا، ئۇ كەپتەر كەپتەردىن ئۆزگۈرۈپ ئاق بۈركۈت بولۇپ قالامدۇ؟

91. نەمرۇت، بۈركۈت قاناتلىرى بىلەن قانچىلىك ئىگىز ئۇچسا، يەرگە شۇنچىلىك تىز چۈشىدۇ. چۈنكى، جافەرى-تاييارنىڭ قاناتىدەك قانات ئۇنىڭدا يوق.
92. ئاللاھ يولىغا باش قويۇپ، ئۇلۇغلۇق قازان. سىركە بېرىپ، شىكەرگە ئىگە بول. ئەينەك بېرىپ، ئۈنچە ئال. سۈرمە بېرىپ، كۆز ئال. گۈزەل دارچىن دەرەخلىرىدەك تالايلىك بول.

93. سەجدىگە باش قويغانلار گۈزەل خۇيلۇقلار بولۇپ، ئۇلار خۇددى قولى ئوچۇق دەريا سۈيىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار، نەپسىنىڭ ئارزۇسىنى، ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن ۋاز كىچىپ، ئۇلۇغلۇق يولىغا قەدەم تاشلىغۇچىلاردۇر.

94. تىكەن ئۇرۇقى چاچقاننىڭ ھويلىسىدا، گۈل باغچىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

95. بەزىلەرنىڭ خىرىسى تاغدەك بولغىنى بىلەن تەلىيى سامانچىلىك.

96. ھەققە يۈزلەنمىگەن كىشى، خەلق ئىچىدە ئىتىبار قازىنالمايدۇ.

97. ئەي ئاجىزلارغا ئېھسان قىلىدىغان رەببىم! بىزنى ئاچكۆزلۈكتىن، غەپلەتتىن ساقلا.

98. رىزىق كۆرۈنگەندەك قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ ئاستىدا توزاق بار.

99. پاكىز سۇنى تاپقاندا ئىچمەي ئېشەكتەك ھاڭرىساڭ، ئاقىۋېتىڭ ياخشى بولمايدۇ.

100. پاكىز سۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئېشەك، بېشىنىڭ ئورنىغا پۇتىنى سۇنىدۇ.

10.08.2017
گېرمانىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش