ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم ھۈنەر- كەسپ رىسالىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ھەققىدە

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم ھۈنەر- كەسپ رىسالىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ھەققىدە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

زۇلھايات ئۆتكۈر
ئۇيغۇر تىلى ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي دەۋرلەرگە ئاساسەن ،<<قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى>>، <<چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى>> ۋە <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى>> دېگەن باسقۇچلارغا بۆلۈنىدۇ ۋە ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلاردا ئۆز ئالدىغا روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگەبولۇپ كەلگەن.
جۈملىدىن ،چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بولسا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ، 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن. چاغاتاي تىلىنىڭ تەبىرى ۋە دەۋرىيلىرىگە قارىتا جوڭگو ۋە چەتئەلدىكى چاغاتايشۇناسلارنىڭ كۆزقاراشلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، بۇ تىلنى ئۇنىڭ بىلەن بىر دەۋردىكى باشقا تۈركىي ئەدەبىي تىللاردىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ، خەلقئارادا “چاغاتاي تىلى“ دەپ ئاتاش دېگەن قاراش بىر قەدەر ئومۇملاشقان.بۇ تىلنىڭ “چاغاتاي تىلى“ دەپ ئاتىلىپ قېلىشىغا نىسبەتەن ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن كېيىنكى ئەۋلاتلىرى تەشكىل قىلغان فېئودال خانلىقلار بۇ تىلنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ قوللانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان دېگەن قاراش ئومۇمىيراق.بۇ ھادىسە خۇددى ئوسمان ئىمپىرىيىسى زامانىدىكى تۈركلەر “ئوسمانىيلار“ دەپ ئاتالغىنىغا ئوخشاش بىر ھادىسىدۇر. بۇ خىل يېزىق ئەدەبىي تىلى 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدن ئېتىبارەن“ تۈركىي تىل“، “تۈركچە“،’چاغاتاي تۈركچىسى“ دەپ ئاتىلىشتىن باشقا يەنە “چاغاتاي تىلى“ دەپ رەسمىلەشتى.بۇ دەۋردە دۇنيادا شاھانە شۆھرەت قازانغان ئەسەرلەردىن« مۇھاكىمەتۇللۇغەتەين»، «مەجالىسۇن نەفائىس»، « خەمىسە»، «چىڭگىزنامە»، « زەپەرنامە»، « تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»، « تارىخى ھەمىدى»، « تارىخى رەشىدى»، « غازات دەرمۈلكى چىن» ۋە بۇلاردىن باشقا ساناپ تۈگەتكۈسىز ئەسەرلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى دىۋان، مەسنەۋى، تەزكىرە ۋە رىسالە ژانىرىدىكى ئەدەبىي مىراسلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.
ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى 18-ئەسىرلەردىن باشلاپ ياۋروپانى مەركەز قىلغان تەتقىقاتچى، ئېكىسپىدىتسىيىچى، سەيياھ ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بولۇپ،شىنجاڭ رايونىغا كېلىپ ياشىغان ياكى تەكشۈرۈش تەتقىقاتتا بولغانلىرى بىر قىسىم قوليازما ئەسەرلەر،ۋەسىقىلەر، تام رەسىملىرى، ھەيكەل، كۈندىلىك خاتىرە قاتارلىق مىراسلارنى ئەڭگۈشتەر خەزىنىسى دەپ بىلىپ 19-20-ئەسىرلەردە ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان چاغاتاي تىلىدىكى قوليازمىلار ئەڭ كۆپ ساقلنىۋاتقان دۆلەتلەر شېۋېتسىيە، روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىقلاردۇر. شىۋېتسىيە بۇ خىل قوليازمىلار ئەڭ كۆپ ساقلانغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، قول يازمىلار لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدە<<گۇننار ياررىڭ قوليازما يىغمىلىرى>> ناملىق توپلام ھالىتىدە ساقلانماقتا. گۇننار ياررىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر، يەركەنت قاتارلىق جايلاردا تىل ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان شىۋېتسىيىلىك تۈركولوگ ، تىلشۇناس ئالىم بولۇپ، يۇرتىغا قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن قوليازمىلارنى ئېلىپ كەتكەن. لۇند ئۇنىۋېرسىتىتىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى گۇننار ياررىڭ تەرىپىدىن ئۆز ئانا مەكتىپىگە ئىئانە قىلىنغان بولۇپ، بىر قىسمى شىۋېت مىسسىئونېرلىرى توپلىغان، ئۆزى كىتاپپۇرۇشلاردىن سېتىۋېلىش يولى بىلەن بۇ يەرگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ يىغمىلار ھازىرغىچە ساقلانغان دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت 3-چوڭ قول يازما توپلىمى بولۇپ، 1100 تېمىدىكى 560 پارچە قول يازمىدىن تەركىپ تاپقان . ئاساسلىقى كىلاسسىك ئەدەبىيات، ئىسلام دىنىغا ئائىت قول يازمىلار، قانۇن ۋە تارىخىي ماتېرىياللار، تىبابەتچىلىككە ئائىت كىتاپلار، تىجارەت دەستۇرلىرى ، تەسەۋۋۇپ كىتاپلىرى ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت ماتېرىياللاردىن ئىبارەت.
بۇلارنىڭ ئىچىدە تارىخقا ئائىت ئەسەرلەردىن <<تارىخى ھەمىدى>>، ،<<ئاپاق خوجا تەزكىرىسى>>،<<تارىخى رەشىدى>>،<<بۇغراخان تەزكىرىسى>>قاتارلىقلار؛تىل-ئەدەبىياتقا ئائىت ئەسەرلەردىن <<ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى>>، <<ئېنگىلىزچە -ئۇيغۇرچە لۇغەت>، <<شىنجاڭدىكى يەر جاي ناملىرى >>،<<خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى پارچىلىرى>>،<<ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى>> قاتارلىقلار؛ مەدەنىيەتكە ئائىت ئەسەرلەردىن <<قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت رىسالىلىرى>>،<<ئەخلاق ھەققىدە بايان>> قاتارلىقلار بار.
چاغاتاي تىلىدىكى ئەسەرلەر ۋە ۋەسىقىلەر ساقلنىۋاتقان كۈتۈپخانىلەردىن يەنە روسىيە سان پېتېرسبۇرگتىكى روسىيە بىلىم ئاكادېمىيىسى شەرق پەنلەر ئىىنىستىتۇتى كۈتۈپخانىسى ، فرانسىيدىكى فرانسىيە بىلىم ئاكادېمىيىسى كۈتۈپخانىسى، گېرمانىيىدىكى بېرلىن كۈتۈپخانىسى، ياپونىيىدىكى شەخشىي كۈتۈپخانىلەر ۋە جوڭگو شىنجاڭدىكى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى كۈتۈپخانىسى، شىنجاڭ قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ۋە شەخسىي كىتاپ يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
بۇ مىراسلار ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋە ياكى ئۇندىن بۇرۇنقى تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئىزدىنىشتە ناھايىتى قىممەتلىك بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ،قول يازمىلار پەقەت فولكلور،تارىخ، تىل ئەدەبىيات، مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز دەۋرىدىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى، تىببىي داۋالاش، قانۇن تۈزۈم، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ،مىستىسىزىم قاتارلىق ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىشتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە. شۇنداقلا بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، ئالتاي تىلى سىستىمىسىدىكى مىللەتلەر،جۈملىدىن جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى،غەربىي يۇرت،ئوتتۇرا ئاسىيا،يىپەك يولىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسىنى،مىللەتلەر تارىخىنى ئۈگىنىشتە، تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماتېرىيال ھىساپلىنىدۇ.
تۆۋەندە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى،ئۇلار ياشىغان تېرىتۇرىيىدىكى يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇن مەدەنىي مىراسلارنى رەتلەپ،تەتقىق قىلىپ،خەلقارا ئىلىم ساھەسىگە بۇرۇنراق ئېلىپ چىقىپ، شەرقشۇناسلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش مەقسىدىدە ئېلىپ بېرىلغان، تۈركىيە<< نەۋشېھىر ھاجى بەكتاش ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى >> تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن “ چاغاتاي تىلىدىكى ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپ رىسالىلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە نەشر قىلىش “ تەتقىقات تۈرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
بۇ تەتقىقات تۈرى 2016-يىلى باشلانغان بولۇپ،دوتسېنت دوكتۇر ئادەم ئۆگەر ئەپەندىنىڭ باش يېتەكچىلىكى ۋە باش مۇھەررىرلىكىدە ، يەنە تۈركىيە، ياۋروپادىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 11 پارچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئىشلەپچىقىرىش رىسالە كىتابىنى نەشرگە تەييارلاشنى ئاساسىي تەتقىقات ئوبېكتى قىلغان بولۇپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرغىچە بۇ تۈرنى تاماملاش پىلانلاندى.
نەشرگە تەييارلانغان كىتابلار: <<تۈگمەنچىلىك رىسالىسى>>، <<كىگىزچىلىك رىسالىسى>>، <<قاسساپلىق رىسالىسى>>، <<ئاشپەزلىك رىسالىسى>>، <<ياغاچچىلىق رىسالىسى>>، <<دېھقانچىلىق رىسالىسى>>، <<موزدۇزلۇق رىسالىسى>>، <<ناۋايلىق رىسالىسى >، “ سودىگەرچىلىك رىسالىسى“ قاتارلىق 11 پارچە كىتابتىن تەركىپ تاپقان.كىتابلار تۈركىيە ئەنقەرەدىكى << Gazi Kitabevi>> نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.
ھەر بىر كىتاب<<سۆز بېشى>>ۋە <<كىرىش سۆز>> قىسمىدىن كېيىن ،<<ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپ چۈشەنچىسى>>،<<ئۇيغۇرلاردىكى رىسالىچىلىك ئەنئەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى>>، <<تۈركلەردە تۈگمەنچىلىك( ياكى باشقىلار )كەسپى ھەققىدە>>، <<تۈگمەنچىلىك (ياكى باشقىلار) رىسالىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى >>، <<ئەسەرنىڭ ترانسىكىرىپسىيىلىك مېتىنى >>، <سۆز لۈك لۇغىتى>> دىن ئىبارەت 6 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان.
ئەسەرنىڭ <<سۆز بېشى>> قىسمىدا بۇ تەتقىقات تۈرىگە ئائىت خىزمەتلەر ۋە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىلگەن بولۇپ، يۈز يىللاردىن بۇيان خەلق ئىچىدە ئېغىزدىن -ئېغىزغا تارقىلىپ كەلگەن ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپكە ئائىت بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ ، 18-19-ئەسىرلەردە “رىسالە“ دەپ ئاتىلىپ يازما شەكىلدە خاتىرلەنگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان كەسىپ رىسالىلىرىنىڭ سانى ۋە تۈرى ھەققىدە ئېنق بىر ستاتىستىكا بولمىسىمۇ لېكىن بۇ قېتىمقى ئىزدىنىشىمىز جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كۈتۈپخانە كاتالوگلىرىغا ئاساسەن 40 نەچچە كەسىپكە ئائىت، 120 پارچە ئەتراپىدا رىسالىلەر مەۋجۈت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
ئەسەرنىڭ <<كىرىش سۆز>> قىسمىدا، ئوقۇرمەنلەرنى چاغاتاي تىلىدىكى رىسالىلەر ساقلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈتۈپخانىلەر ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن ،ئاندىن كىتاب ھالىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان ھەر بىر رىسالىنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئورنى ، بەت سانى قاتارلىقلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.
بىرىنچى بۆلۈم <<ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپ چۈشەنچىسى>> دە، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت، ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپلەر ۋە كەسىپلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئائىت چۈشەنچە ۋە ئۇقۇملار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىككىنچى بۆلۈم <<ئۇيغۇرلاردا رىسالىچىلىك ۋە رىسالىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى>> قىسمىدا ئۇيغۇرلاردىكى رىسالىچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىياتى ۋە رىسالىلەرنىڭ مەزمۇنى، ئەھمىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىلگەن بولۇپ رىسالىلەر مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلەنگىنى بىلەن قۇرۇلما جەھەتتىن ئوتياقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئورتاقلىقلار تۆۋەندىكىچە: رىسالىلەر “بىسمىللاھ“، “ھەمدۇلا“،ۋە “ سالۋىلە“ بىلەن باشلىنىپ ، ئاللاھنىڭ جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ۋاستىسى بىلەن ھەر بىركەسىپنى پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا قانداق ئۆگەتكەنلىكى ؛ ئاندىن پەيغەمبەر ياكى ئەۋلىيالارنى ھەر بىر كەسىپكە پىر قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى؛ كەسىپنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئوقۇلۇشى شەرت بولغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر؛كەسپىي قائىدىلەرنىڭ ماددىلىرى؛بۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك لاياقەتلىك ئۆلچەملىرى ۋە كەسىپنىڭ پىرلىرىگە ھەر دائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش لازىملىقىنى قايتا-قايتا جېكىلەنگەنلىكىدىن ئىبارەت قېلىپ بويىچە بايان قىلىنغان.
ئۈچىنچى بۆلۈم <<تۈركلەردە تۈگمەنچىلىك (ياكى باشقىلار) >>. بۇ بۆلۈم ئىككى قىسىم بويىچە تەتقىق قىلىنىدىغان بولۇپ، ئايرىم -ئايرىم ھالدا تۈركي قەۋملەر ۋە ئۇيغۇرلاردا بۇ كەسىپنىڭ ھۇنلار دەۋرىدىن تا ھازىرغىچىلىك بولغان تارىخىي دەۋرى ،شەكىللىنىشى، مەدەنىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى، ئەھمىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى بۆلۈم <<تۈگمەنچىلىك (ياكى باشقىلار) رىسالىسى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى>> بولۇپ، رىسالىنىڭ مەزمۇنى ۋە كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ تەتقىق قىلىنىدۇ.بۇ كەسىپنىڭ پىرلىرى، كەسىپتە قوللىنىلىدىغان ئەسۋاپ -جابدۇقلارنىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېنىقلىمىسى، كەسىپي قائىدە-يوسۇن ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى شۇنداقلا بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كەسىپنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئوقۇشى ۋاجىپ بولغان ئايەت ۋە دۇئالار قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدىكى مۇلاھىزە ۋە چۈشەنچىلەر تەھلىل قىلىنغان.
بەشىنچى بۆلۈم <<ئەسەرنىڭ ترانسىكىرىپسىيىلىك مېتىنى>> بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە ئورىگىنال مېتىننىڭ ترانسىكىرىپسىيىسى بېرىلگەن.
ئالتىنچى بۆلۈم << سۆزلۈك لۇغىتى>> بولۇپ، ئەسەرىكى چاغاتاي تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈركچە ئېنىقلىمىسى، خاتىمە، مەنبەلەر ۋەرىسالىنىڭ چاغاتاي تىلىدىكى ئەسلى ئورىگىنال مېتىنى بېرىلگەن.
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كەسپى پائالىيەتلىرى جەريانىدا كەسپىي ھۈنەر – سەنئەت تېخنىكىسى ، ئىش تۈرى ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇل تەرتىپى ۋە مەھسۇلات تۈرلىرى قاتارلىقلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يازما خاتىرە شەكلىدە كېيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ۋە رەتلىنىپ ، ھۈنەر كەسىپ ئىگىلىرى رىئايە قىلىدىغان كەسىپ قوللانمىسى – رىسالە بولۇپ قالغان . كېيىن بۇ كەسپى قوللانما – دەستۇرلار ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ رەسمىي قوللانما كىتاپلىرى بولۇپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىم ۋە ئەرەپچە باشقا كىتاپلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆپلەپ كىرىشى ۋە سودا ، دىنىي ئالاقە جەريانىدا ، ئەرەپ مەدەنىيىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىركى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى رىسالە – دەستۇرلىرىنىڭ مەزمۇن تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن .نەتىجىدە، تەدرىجىي ھالدا ، تېخىمۇ ئۇلۇغ دىنى نوپۇزغا ئىگە رىسالە دەستۇرلار مەيدانغا كەلگەن . دەستۇرى بار ، پىر – ئۇستازى بار كەسىپلەر تېخىمۇ مۇھىم ، ئۇلۇغ كەسىپلەر دەپ قارالغان. ئۇ رىسالىلەردە : دېھقانچىلىقنىڭ پىرى ئادەم ئەلەيھىسسالام،ئاشپەزلىكنىڭ پىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ، تۆمۈرچىلىكنىڭ پىرى ھەزرىتى داۋۇت ئەلەيھىسسالام، كىگىزچىلىكنىڭ پىرى نۇھ ئەلەيھىسسالامدۇر دەپ قارىلىپ بۇ ھەقتە رىۋايەتلەر تارقالغان.
ئىشلەپچىقىرىش ، ھۈنەر كەسىپ رىسالىلىرىدە قويۇق دىنىي تۈسنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ مۇقەددەسلىكى ، ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ،ھۈنەر ۋە كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدە ھازىرلاشقا تىگىشىلىك كەسپى ئەخلاق ئۆلچەملىرى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقلىنىشقا تىگىشلىك بولغان يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەر كۆپ نۇقتىلار بويىچە كۆرسىتىپ بېرىلگەن . ئۇيغۇرلار ھەرقايسى كەسىپ رىسالە – دەستۇرلىرىغا چىڭ ئەمەل قىلىپ ، ئۆز كەسىپلىرىنى رىسالە قائىدە –نىزاملىرى بويىچە ئېلىپ بارىدىغان بولغان ، ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنىڭ روناق تاپقانلىقىنى ، رىسالىلەرگە رىئايە قىلغانلىقىدىن بولغان دەپ ئىشەنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللى ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – يوسۇن مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. شۇڭا رىسالىلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھۈنەر كەسىپ تەرەققىياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
مەسىلەن : ھۈنەر كەسىپ رىسالىسىدە : مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ « ئەلكەسبۇھەبىبۇللاھ » ( ھۈنەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاللاھنىڭ دوستىدۇر ) دېگەن سۆزى ئارقىلىق ھۈنەر كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ياشاشنىڭ ، جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.
قول ھۈنەرۋەنچىلىك رىسالىلىرىدە كەسپى قائىدە –يوسۇنلار كۆپ جايدا تەكىتلەنگەن ۋە كەسىپنىڭ پەرھىزى، سۈننىتى، ۋاجىپى(قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەل) ۋە رۇخسىتى بايان قىلىنغان. مەسىلەن « ئاشپەزلىك رىسالىسى » دە ئاشپەزلىك كەسپىدە توققۇز خىل ئىشنى قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن:
1. ئاللاھتىن كەلگەن ھەرقانداق ئىشقا رازى بولۇش.
2.ھارام ۋە مەكرۇھ نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش.
3.كەسىپنىڭ سايمان جابدۇقلىرىنى ئاسراپ تۇتۇش.
4.شاگىرتلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش.
5.خېرىدارلارنى ئالدىماسلىق.
6. ئۆزارا دوستانە مۇئامىلە قىلىش.
7.شاگىرتلارغا ئىسلام ئەقىدىلىرى بويىچە يول كۆرسىتىش.
8. رىسالە ساقلاش ۋە بۇنىڭغا سادىق بولۇش.
9.ھەر بىر ئىشنى پاكىز قىلىش.
<< كىگىزچىلىك رىسالىسى>> دە : “بۇ كەسىپنىڭ ئىجراسى ھەم پەرھىز ھەم ۋاجىپ ھەم سۈننەت ھەم مۇستەھەپتۇر(پەرھىز ئەمەس، لېكىن ياخشى ئەمەللەر). توغرا نىيەت بىلەن ھۈنىرىگە سادىق بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلماي ، سەمىمىي ھەم پاكىزلىك بىلەن ھۈنەر قىلسا ئىككى ئالەمدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ قىيامەت كۈنى يۈزى يورۇق بولىدۇ ، بارلىق پىر –ئۇستازلىرى رازى بولىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلماي ساختىپەزلىك بىلەن ھۈنەر قىلسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ“دەپ بايان قىلىنغان.
<<ياغاچچىلىق رىسالىسى >> دە :« شاگىرتلار ھۈنەردە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالتە خىل يامان ئەخلاقتىن خالى بولۇش لازىم: بىرىنچى، شاگىرت ئۇستازىنى چاقىرغاندا ئىسمىنى ئاتىماسلىق ؛ ئىككىنچى، شاگىرت ئۇستازى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماسلىق ؛ ئۈچىنچى ، شاگىرت ئۇستازىغا قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق ؛ تۆتىنچى شاگىرت ئۇستاز ئورنىدا تۇرۇپ بۇيرۇقۋازلىق قىلماسلىق ؛ بەشىنچى ، شاگىرت ئۇستازىنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش. بۇ رىسالىدە ئاساسەن ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئۇتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە رىئايە قىلىدىغان ئەخلاقىي پىرىنسىپلار بايان قىلىنغان.
“چاغاتاي تىلى“ دىكى ئىشلەپچىقىرىش، ھۈنەر -كەسپ رىسالىلىرىنى نەشر قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. تىل تەتقىقاتى جەھەتتە، چاغاتاي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى، تەركىبى ۋە ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەپچە، پارىسچە ۋە تۈركىي تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆزلەر ھەققىدىكى گىرامماتىكا، فونېتىكا ۋە لېكسىكا جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇشلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەسلىدىنلا بار بولغان بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەرەپچە پارىسچە ئاتالغۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇلغان ياكى پاراللېل قوللىنىلغان شۇنداقلا جۈملە شەكىللىرىمۇ شۇ خىل ئۇسلۇبنى ئالغان. مەسىلەن، <<قاسساپلىق رىسالىسى>> دە

rāstgūy bolġaylar, ḫoş-ḫūy bolmaġlıḳ, şikeste-dil bolmaḳdur
دېگەن ئىبارىلەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى راستچىل، خۇشخۇي، قايغۇلۇق قاتارلىق سۆزلەرنىڭ پارىسچە ۋە ئەرەپچە ئاتىلىشى بولۇپ ، قىسمەن سۆزلەر تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياسىغان بولسا ، قىسمەن سۆزلەر بوغۇم ئۆزگىرىشى ياسىغان.
<<ياغاچچىلىق رىسالىسى>> دە ،
[14b] Cevāb ayġıl kim bu üçni Ḥażret-i Cebrāǿil ʿaleyhi’s-selām uçmaķdın Ḥażret-i Nūḥʿaleyhi’s-selāmġa keltürdi.

بۇ جۈملىدە قوللىنىلغان “ئۇچماق“ دىن ئىبارەت ھەرىكەتنام پېئىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا “ئۇچۇش“ دەپ قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان “ماق“ بىلەن ئاياقلاشقان ھەرىكەتنام پېئىللىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا “ش“ بىلەن ئاياقلاشقان ھەرىكەتنام بولۇپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2. ھۈنەر-كەسىپ ئاتالغۇلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ سايمانلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بۇلارنىڭ مەدەنىيەت ، تارىخ بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، <<تۈگمەنچىلىك رىسالىسى>> دە غەللە قۇرۇش، تاش راستلاش، بوغۇز كۆتۈرمەك؛ <<ياغاچچىلىق رىسالىسى>>دە مۇش رەندە،ئەررە، ئەسكىنە، << دېھقانچىلىق رىسالىسى>> دە ئاڭغۇق، غارام، ئاماچ، باشلام قاتارلىق كەسىپكە ئائىت ئاتالغۇلاردىن يەرلىك شىۋىلەردىكى پەرق ۋەتۈركىي قوۋملاردىكى ئوخشىمىغان ئوخشىمىغان مەدەنىيەت پەرقلىرىنى ۋە ئورتاقلىقلارنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
3.دىنىي بىلىملەرگە بولغان چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشتا ياردەمچى رول ئوينايدۇ. رىسالىلەردە بۇ خىل كەسىپلەرنىڭ يارىتىلىشى ۋە تۇنجى ئۇستازى، كەسىپنىڭ بۇرۇنقى پىرلىرى ۋە كىملەردىن قالغانلىقى ھەمدە كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ بېجىرىشى لازىم بولغان ئايەت-دۇئالار، پەرھىز-ۋاجىپلەر، سۈننەتلەر، ھارام ۋە ئەدەپلىرى ھەققىدە بىلگە بېرىلگەن بولۇپ، تەرىقەت، مەرىپەت، ھەقىقەت قاتارلىق تەسەۋۋۇپقا ئائىت مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، <<ياغاچچىلىق رىسالىسى>> دە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن نۇھ ئەلەيھىسسالامغىچە 4000 نەپەر ياغاچچىلىق ئۇستىسىنىڭ ياشىغانلىقى ، نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام زامانىغىچە 440 نەپەر ياغاچچىلىق ئۇستىسىنىڭ ياشىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

خۇلاسىلەپ ئېيتقىنىمىزدا، “چاغاتاي تىلىدىكى ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپ رىسالىلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە نەشر قىلىش“ تەتقىقات تۈرى ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى، تەرەققىياتى ۋە كەسىپلىشىشىنى تەتقىق قىلىش، شۇنداقلا چاغاتاي تىلى ، تۈرك تىلى ۋە تۈرك فولكلورىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم بىر مەنبە بولۇپ قالغۇسى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش