ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » تومۇزدا سېغىنغان ۋەتەن

تومۇزدا سېغىنغان ۋەتەن

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئۈنچىدەك تۆكۇلۇپ تۇرغان شېئرىم،
قەلبىمنىڭ لاۋىدا كۆيۇپ كۇل بولدى.
ھۇزۇر ۋە راھەتلەر ماڭا يار بولماي،
ھەر كۈنى ھاياتقا سوئاللار قويدى!

مۇھەببەت سۆيگۈسىز پەقىر بۇ دۇنيا،
ئۇيغۇرغا سۆيگۈ جامى تۇتالمىدى.
شاھ مەشرەپ توقۇغان نەزمە خوتەندە،
مۇقامنىڭ مۇڭىدىن تېخى يۈتمىدى.

سۆيىمەن تەتۈرى كەچسىمۇ دۇنيا،
پەخىرىم سەن نامىڭنى ساتسىمۇ دۈشمەن.
ياشايمەن سەن بىلەن مەن مەۋجۇت بولۇپ،
ئۈزۈلمەس رىشتىگە سالسىمۇ كىشەن!

يول بويى سۇۋادان كۆكلىگەن تېرەك
كۈسەننى ئۆتمىشكە باغلاپ تۇراتتى…
غايىپلىق، سىرلىقلىق بوۋاق چۈشىدەك،
ئاتىلار ئوغلىغا چۆچەك توقۇيتتى.

تەڭرىتاغ يامغۇردا كۆكەرگەن يۈزى،
ئانىنى سېغىنغان بالىغا ئوخشايتى.
ئۈگەننىڭ دەرياسى قۇمنى سۆيگەندە،
تارىمدا يانتاقلار قايتا كۆكلەيتتى…

سەن بۈيۈك چىدامدا تاۋلانغان ۋەتەن،
ئاق بايراق ئەمەسدۇر بېشىڭدىكى ئاق.
تارىمنىڭ تومۇرى تىنماي ئاقىدۇ،
دەشتى-چۆل باغرىڭنى تىلسىمۇ بىراق!

مىنىڭدىن ئۇزاقتا قالغان ۋەتىنىم،
ناتونۇش ھىدىڭمۇ يىللار ئۆتكەندە.
ھەر تومۇز تەكراردىن سىزەر يۆرىكىم،
باغرىڭدا لاۋۇلداپ ئاتەش كۆيگەندە.

سېغنىش ھەسرىتىڭ دىلىمدا ۋولقان ،
شېئرىم قەترىدە مەدھىيەڭ پۈتمەس.
سەن ئۇلۇغ شۇنداقلا ئەزىزسەن ۋەتەن،
يازساممۇ مىڭ داستان شەنىڭگە يەتمەس.

جەننىتىم ئوڭۇمدا ئۆزگەرمەس ۋەتەن،
نە قىلاي قەرزىمنى قىلىشقا ئادا.
غېمىڭدە ھەر نەپەس پۇچىلانغان ئوغلۇڭ،
سەن ئۈچۈن چېلىشتا جەڭگاھتا يانا.

ۋەتىنىم كەچمىشىڭ ماڭا داستاندۇر،
باغرىڭدا ئۆتكەن يىل بەختىمدۇر كەچمەس.
بۇرۇچۇمدۇر ئارمىنىڭ، ۋەتەن – ئىقبالىم،
ئەجدادىم روھلىرى قەلبىمدىن ئۆچمەس!

7 ـ ئاۋغۇست، 2017 – يىلى، دالامان، تۈركىيە.

مەنبە: لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش