ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » قەشقەردە بېسىلغان ماتېرىياللار

قەشقەردە بېسىلغان ماتېرىياللار

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

گۇننار ياررىڭ

1929 – 1930 – يىلىغىچە بولغان قەشقەردىكى زىيارىتىم جەريانىدا بۇ يەردىكى شىۋىت مىسسىئونېرلىرىنىڭ باسما زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل تۈردە باسما ماتېرىياللىرىنى يىغىش ۋە باسما زاۋۇدىنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش يولىدا بولدۇم. بۇ باسما زاۋۇتى بىلەن ئۇچراشقان 16 يىلدىن كېيىنكى كۈندە مەن شىۋىت مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى ئاسىيادىكى تارىخى تەسىرلىرى توغرىسىدا يېزىلغان مەزكۇر ماتېرىيالنى، دىققىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىغا قاراتقان بارلىق كىشىلەرگە سۇنماقچىمەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىزمىتىمنىڭ نەتىجىلىك ئاياقلىشىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولغان بارلىق كىشىلەرگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۆز ۋاقتىدا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان كىشىلەر ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. مەن ئۇ كىشىلەرنىڭ بەرگەن مەسلىھەت ۋە ياردەملىرىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئاخىرىدا يەنە ئېنگلىزچە ئەسىرىمنى كۆرۈپ تەكشۈرۈپ بەرگەن قىزىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ستوكھولم، 1991-يىل

– گۇننار ياررىڭ

شىۋىت مىسسىئونېرلىرىنىڭ قەشقەردە قۇرغان باسما زاۋۇتى توغرىلىق پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، پەقەت مىسسىئونېرلارنىڭ تارقاتقان كىتابلىرى ۋە دوكلاتلىرى ئارقىلىق مەلۇم ماتېرىياللارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەن بۇ قېتىملىق تەتقىقاتىمدا 1901 – 1937 يىللىرىغىچە بولغان يىللاردىكى باسما زاۋۇدىنىڭ تارىخى ۋە باسما ماتېرىياللىرى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .

بىر قىسىىم ماتېرىياللار شەرقىي تۈركىستاندىكى توپىلاڭلار ۋە قوزغىلاڭلار جەريانىدا غايىپ بولغان ۋە بىر قىسىملىرى بەختكە يارىشا ساقلىنىپ قالغان. ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم ماتېرىياللارنى مەن ئانا مەكتىپىم لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىگە ئىئانە قىلىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ كوپىئەسى ستوكھولم خانلىق كۈتۈپخانىسى، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە لىدىنگۆ مىسسىونېرلار ئۇيۇشمىسى ئارخىبىدا ساقلانماقتا.

باسما زاۋۇتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى

1894- يىلى شىۋىتسىيە مىسسىئونېرلار جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر خىتاي ئۆلكىسى ئاتىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدىكى قەشقەردە مىسسىئونېرلار بازىسى تەسىس قىلىدۇ ۋە بىرلا ۋاقىتتا غەربىي – جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقا رايونلاردىمۇ ئۆز جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك مۇسۇلمان خەلقنى خىرىستىيان دىنىغا باشلاش مىسسىئونېرلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇپ بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ۋەزىپە ئىدى. مىسسىئونېرلار دىن تارقىتىش جەريانىدا تىببىي داۋالاش بىلەن مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دىن تارقىتىش ھەرىكىتى بىلەن يانداشتۇرۇش زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئارقىدىنلا قەشقەر ۋە يەركەنتتە دوختۇرخانىلارنى قۇرىدۇ، تىببي خادىملارنى تەربىيىلەيدۇ. ئوغۇللار ۋە قىزلار ئايرىم تەربىيىلىنىدىغان پەننىي مەكتەپلەرنى قۇرىدۇ.
بۇ خىل دىنىي ۋە پەننىي مائارىپ باسما ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا بىرمۇ باسما زاۋۇدى يوق بولۇپ كىتابلار قولدا يېزىلىپ ۋە كۆچۈرۈلۈپ ئەسلى ئورىگىنالى بويىچە سېتىلاتتى. بەزى تاش مەتبەئە بۇيۇملىرى تاشكەنت، سەمەرقەنت ۋە بۇخارالاردىن ئىمپورت قىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان بازارلىرىدا سېتىلاتتى. بۇ خىل ماتېرىياللار ئىسلامىي بىلىملەر ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى.
مىسسىئونېرلار باسما زاۋۇتىنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشى 1910 – يىلى تاماملىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئەسلىھە يۆتكەش قۇرۇلۇشىمۇ بىر قىيىن ئۆتكەل بولۇپ، ئاساسلىقى ئات ياكى تۆگە كارىۋانلىرى ئارقىلىق روسىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدىكى ئىگىز تاغلارنى كېسىپ ئۆتۈپ يۆتكەشكە توغرا كېلەتتى. تۇنجى قېتىم يۆتكەپ كېلىنگەن ئەسلىھەلەر بىر دانە يۇقۇرى سۈرئەتتە بېسىش ماشىنىسى، بىر دانە كېسىش ماشىنىسى ۋە بىر دانە تۈپلەش ماشىنىسى ئىدى. باسما زاۋۇتى ئەرەپچە، لاتىنچە ۋە سىلاۋىيان تىللىرىدا ماتېرىيال بېسىشقا قادىر بولۇپ، 1912 –يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشىدۇ. قەشقەردىكى بۇ باسمىخانا 1930-يىلىغىچە مەۋجۈت بولغان بولۇپ، كېيىن مىسسىئونېرلارنىڭ بۇ ماكاندىن مەجبۇرى ئايرىلىش سەۋەبىدىن ئىشتىن توختايدۇ.
مىسسىئونېرلار باسما زاۋۇتى دەسلەپتە دىنىي ماتېرىياللارنى بېسىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، كېيىنچە ئىلمىي ماتېرىياللارنى بېسىشنىمۇ ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان .باسما زاۋۇدىنىڭ 25 يىل جەريانىدا كۆرسەتكەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان تۆھپىسىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

تۈركىستانلىق ياش يازغۇچى ۋە نەشىرىيات – باسما خادىملىرىنى تەربىيىلەپ بەرگەن. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە بولغان بىر خىل تېخنىكىلىق ياردەم بولۇپ، مىسسىئونېرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. باسما زاۋۇتى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزگەن.

مىسسىئونېرلارنىڭ ئەدەبىي پائالىيەتلىرى
مىسسىئونېرلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىنجىلنىڭ تەرجىمىسىنى تاماملايدۇ. بېسىلغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە خىرىستىيان دىني كىتابلىرى، ناخشا تېكىستلىرى، قوللانمىلار ۋە رىسالىلەر بار ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى شىۋىتچە، ئېنگىلىسچە ۋە ئەرەپچىلەردىن تەرجىمە قىلىنغان ۋە مىسسىئونېرلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئورىگىنال ئەسەرلەردىن تەركىپ تاپقانىدى.
ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپلەردىكى دەرسلىك ماتېرىياللار شاپىگىراپ ماشىنىدا كۆچۈرۈلۈپ تارقىتىلاتتى. يېڭى باسما زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپبە، جۇغراپىيە ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق كىتابلار زامانىۋىي باسمىدا بېسىلىپ چىقىدىغان بولدى. كۆپ قىسىم كىتابلار شىۋىتسىيە باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە چوڭلار مائارىپىدا قوللىنىلىۋاتقان كىتابلارنىڭ نۇسخىسىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تەدبىقلىنىپ نەشر قىلىنغان. مەسىلەن: تەبىئەت ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى دەرسلىكىدە، ئادەم بەدىنى توغرىلىق سۆزلەنگەن باپتا، بۇنىڭغا ماس تەن-ساقلىق بىلىملىرى كىرگۈزۈلگەن. 1929-يىلى بېسىلغان گ. ئالبېرت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئىنشا دەرسلىكىنى ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان يېزىقىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسنى يولغا قويۇشتا تۆھپە قوشقان دېيىشكە بولىدۇ. ئو. خېرمانسون يازغان 1936-يىلى نەشر قىلىنغان ”ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى“ ناملىق كىتابتا مىسسىئونېرلار ئۆزلىرىنىڭ دىن تارقىتىش مەقسىتىدىن مۇستەسنا ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ مەرىپەتپەرۋەر ئاممىغا يۈزلەنگەن. 1935-يىلى بېسىلغان ”شەرقىي تۈركىستان تىلى گىرامماتىكىسى“ مۇ شۇ مەقسەتتە نەشر قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى يىلنامە 1908-يىلى مەزكۇر باسما زاۋۇتتا بېسىلغان. شۇندىن ئېتىبارەن ھەر يىللىق يىلنامە ۋە كالېندارلار تاكى 1938-يىلى باسما زاۋۇدى ئىشتىن توختىغىچە نەشر قىلىنىپ تۇرغان. يەنە بىر ئەمەلىي ئۈنۈم ياراتقان ئىش سالام خەت يېزىش يېتەكچى قوللانمىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى بولۇپ، بۇ كىتاب 1931-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئۈچ قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. ئوسكار خېرمانسون باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم مىسسىئونېرلار دىنىي تۈسى ئانچە قويۇق بولمىغان بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئوقۇرمەنلىرىنى دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى نادىر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. مەسلەن: سېلما لاگېرلۆف ھېكايىلىرى شەرقىي تۈركىستان يېزىقىغا تەرجىمە قىلىنغان. 1931:6
ئاخبارات ساھەسىدىكى يەنە بىر يېڭىلىق 1914-يىلى ”ئالتە شەھەر ئايلىق گېزىتى“ نى يولغا قويۇش پىلانى بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ “يارۇقلۇق ئالتە شەھەرنىڭ روزنامەسى“ دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى شىۋېتسىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ لايىھە سىناق تەرىقىسىدىلا يولغا قويۇلغان. سىناق نۇسخىسى ھازىر لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. گېزىتنىڭ سىناق نۇسخىسى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلاردا بولغان:
1. جۇڭگو پرېزىدېنتىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالە بولۇپ، پرېزدېنتنىڭ سۈرىتى ۋە بېيجىڭ توغرىلىق ماقالىلەر گېزىتنىڭ بىرىنچى بېتىدىن ئورۇن ئالغان.
2. ئىككىنچى بېتىدە يەرلىك خەۋەرلەر، جۇڭگو ئېلى خەۋەرلىرى، غەربىي تۈركىستان ۋە باشقا دۇنيا خەۋەرلىرى بولۇپ، بۇلار روسىيە ژورنالىستلىق مېتودى بويىچە تەھرىرلەنگەن.
3. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بەتلىرىدە سودا، مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى، تېلېگرام ۋە ئېلانلارغا ئورۇن بېرىلگەن. ئاخىرقى سىتوندا چەتئەل كونسۇللىرىنىڭ قەشقەردىكى بانكا، پوچتا ئۇچۇرلىرى بار ئىدى. ئەگەر ئورۇن يار بەرسە قىسقا ئەدەبىي ھېكايىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىشنى ئويلۇشۇپ كۆرۈشكە بولاتتى.
ئەپسۇس 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان ۋە كۆپ يىللاردىن كېيىن بۇ باسما زاۋۇت پەقەت شەرقىي تۈركىستان يېزىقىدا گېزىت چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ باسما زاۋۇدىدا بېسىلغان بەزى ماتېرىياللارنىڭ بېسىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى سودا خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، بۇيرۇتقۇچى خېرىدارلار كۆپىنچىسى قەشقەردىكى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سودىگەرلەر، چەتئەللەرنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىلىرى، خىتاي پوچتا مەمۇرىيىتى ، قەشقەردىكى روسىيە بانكىسى ۋە بىر قىسىم شەخسىي خېرىدارلاردىن تەركىپ تاپقانىدى.
1917-يىلىدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، باسما زاۋۇتىدا بېسىلغان تۈرلۈك ماتېرىياللارنىڭ تۈرى ۋە سانى مۇنداق بولغان: 7 خىل ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلانلاردىن 4680 دانە، 3300 دانە ساياھەت ئاتكېرىتكىسى، 42800 دانە پاسپورت ۋە ھەرخىل ئۆلچەمدىكى ئەرەپچە، پارىسچە تالونلار بېسىلغان. 1919-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تۈرلۈك تېلېگرام ۋە ئېلانلار بېسىلغان ۋە يەنە مىسسىئونېرلار ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بەزى شەخسىيلەرنىڭ كىتابلىرىمۇ نەشر قىلىنغان. 1922-يىلى نەشر قىلىنغان خ. ئى. خاردىڭ تەرىپىدىن يېزىلغان “سىرىناگاردىن قەشقەرگە گېلىگېت ئارقىلىق ئۆتۈش خاتىرىسى“، 1933-يىلى نەشر قىلىنغان ب. ئۇ. بۇريې تەرىپىدىن يېزىلغان ”قەشقەر خاتىرىسى“، دوكتۇر بورىس ئوسىپوف تەرىپىدىن يېزىلغان ”تىببىي بايان“ قاتارلىق كىتابلار شەرقىي تۈركىستاندا بېسىلغان تۇنجى ھىندى-ياۋرو تىللىرىدىكى كىتابلار بولۇپ، ھازىر دۇنيادا ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىياللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىۋېت مىسسىئونېرلىرىغا نىسبەتەن يۇقىرىقى قوزغىلاڭ، ئۇرۇشلار ئېغىر ئاقىبەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئىسلام ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن مىسسىئونېرلارغا نىسبەتەن دوستانا پوزىتسىيىدە بولمايدۇ. كارل پېرسوننىڭ قىلىشىچە، 1934-يىلىدىن باشلاپ باسما زاۋۇدى بېسىم ئاستىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تۇنگانلار قەشقەرنى ئىگىلىۋېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە باسما زاۋۇتى كېچىچە ئۇلارغا بانكا چېكى بېسىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالىدۇ.

1933-يىلى باسما زاۋۇتى يەنە قىسقا مۇددەت دەۋر سۈرگەن “ئىستىقلال“ گېزىتىنى نەشر قىلىدۇ، ئارقىدىن ”شەرقىي تۈركىستان ھاياتى“ نى نەشر قىلىدۇ ۋە كېيىن بۇنى ”ئەركىن تۈركىستان“ ھەپتىلىك گېزىتىكە ئۆزگەرتكەن. 1934 – يىلى ”يېڭى ھايات ھۆرىيىتى“ گە ئۆزگەرتىدۇ. بۇ ھەپتىلىك گېزىتلەردە ئىنقىلابقا ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەنىدى. بۇلارنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. بۇ گېزىتلەردە يەنە رويتېر تېلېگراممىسىغا ئوخشاش خەلقارالىق خەۋەرلەرمۇ بېسىلىپ تۇراتتى.


مىسسىئونېرلار يەنە شەرقىي تۈركىستان مەكتەپلىرىگە دەرسلىك كىتاب ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان كىتابلارنى نەشر قىلىشقا ياردەم بەرگەن. مەسىلەن: ”يىپەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى“ قاتارلىق كىتابلار. مىسسىئونېرلارنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى يېڭى ھۆكۈمەتكە بانكا چېكى ۋە سىياسىي تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى بېسىپ بېرىش ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان پۇلى ۋە بانكا چەكلىرى گېنىرال ماجۇڭيىڭ ۋە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قەشقەر ۋە خوتەندە تارقىتىلغان. بۇلارنى بېسىشتا دەسلەپتە باسمە قەغىزى ئىشلىتىلگەن، كېيىنچە قەغەز كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن، تۈرلۈك رەختلەرگە بېسىلغان. 1933-يىلىدىن 1937- يىلغىچە قانۇنلۇق ئوبوروت بولغان زور تۈركۈم بانكا چەكلىرى مەزكۇر باسما زاۋۇتتا بېىسلغان. 1937-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت قەشقەردە بىر باسما زاۋۇتى قۇرىدۇ ۋە“يېڭى ھايات“ قوش ھەپتىلىك گېزىتىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى باستۇرىدۇ. بۇ يېڭى باسما زاۋۇدىنىڭ قۇرۇلۇشى بىر جەھەتتىن مىسسىئونېرلار باسما زاۋۇدىنىڭ خىزمەت سالمىقىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتكەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن شىۋېت مىسسىئونېرلار باسما زاۋۇدىدا ئۇزاق مۇددەت تەربىلەنگەن تالانتلىق خادىملارنىڭ يېڭى باسما زاۋۇتقا ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداقلا مىسسىئونېرلار باسما زاۋۇدىغا بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى بويقوتمۇ ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.
1937-يىلى مايدا قەشقەر سىياسىي مالىمانچىلىق ئىچىدە قالىدۇ. جۈملىدىن شىۋېت مىسسىئونېرلىرىمۇ ئۆزىنى خەتەرلىك ئەھۋالدا سېزىدۇ، بۇ چاغدا يېڭىسارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى. مىسسىئونېرلار قامال مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى خىرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مىسسىئونېرلارغا ئائىت بارلىق ماتېرىياللار ئۇلار چېگرىدىن چىقىشتىن بۇرۇن كۆيدۈرۈۋېتىلگەنىدى. مىسسىئونېرلارنىڭ تېخى ئاياقلاشمىغان دەپ قارىغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. قەدىمكى زامان تارىخى. بۇ شىۋېت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تارىخ دەرسلىكىنىڭ تەرجىمىسى.
2. ئوسكار خېرمانسون تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ”كەلىلە ۋە دەمىنە چۆچەكلىرى“.
3. سېلما لاگېرلۆف تەرىپىدىن يېزىلغان ”يەتتە خىل جان ئالغۇچ جىنايەت“ نىڭ تەرجىمىسى.
4. “قوللىنىشچان گېئومېتىرىيە“
5. ”ئىسرائىلىيە تارىخى“
6. ”گېرونىمو سەرگۈزەشتىلىرى“
7. ”ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى“

ئېلاننامىنىڭ مەزمۇنى:
بارچە ئەھلى شەھەرلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، ئۇشبۇ شېۋالنىڭ 21-سەيشەنبە كۈنى شەھەر ئىچى ئىگىز ئېرىق بېشىدىكى خۇدايار بەگنىڭ سارىيىدا شىۋېتسىيەگە قايتماقچى بولغان راچۇيېت ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم ئۆي سەرەمجانلىرى سېتىلىدۇ. مەزكۇر سەيشەنبە كۈنى سەئەت قىيام توققۇزدىن يەنى جاي ۋاقتى ئىپتىدا قىلىپ مېزات بولەدۇر. ئالىدىغان كىشىلەر ھازىر بولۇپ ئالسۇن دەپ ئاقساقال ئابدۇساتتار ھاجى بۇ ئېلاننامىنى چىقاردى.

شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەييارلىغان.

بۇ يازما 116 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش