ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

   ئالدى بىلەن ئاكادېمىيە نامىدىن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك، خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە ئەزىز تەنلىرىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتى (Drexel University) بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 كىچە  ئامېرىكانىڭ فىلىدېلفىيا شەھىرىدىكى جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىندا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەر، ئۇيغۇر مائارىپى تارىخى، تىل ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى ئالمىشىشىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ يىغىن ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيە سىرتىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي پائالىيىتى بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئاكادېمىيە ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىغىنغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى ۋە ۋاقتى يار بەرگەن ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامال بار يىغىنغا كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئامېرىكىدىكى بۇ يىغىنغا مەسئۇل ئاكادېمىيە ۋەكىلى دوختۇر مەمەت ئېمىن ئەپەندى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلسا بولىدۇ

دوختۇر مەمەت ئېمىننىڭ يانغۇن نۇمۇرى: 19172158017+   ئېلخەت: mmt2005@gmail.com

ھۆرمەت بىلەن ئاكادېمىيە نامىدىن: ئابدۇلھەمىد قاراخان (رەئىس) ۋە دوكتور رىشات ئابباس (پەخىرى رەئىس)

«مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كۈنتەرتىپى

8:30 – 8:00: تىزىملىتىش

8:45 – 8:30: ئېچىلىش مۇراسىمى

10:15 – 8:45:  مۇھاكىمە – 1: ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر

رىياسەتچى: دوتسېنت دوكتور رىبەككا كىلوزى، جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتى

1 – مۇھاكىمە تېمىلىرى ۋە دوكىلات بەرگۈچىلەر:

1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئالىي مائارىپىنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە سەرخىل ئۇيغۇر زىيالىلىرى

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن (ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا)

2) ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا مائارىپ: ئۆتمۈشى، بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا (مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئامېرىكا)

3) ئەجداتلار ئىزى: مەكتەپ ئېچىش دولقۇنى (2000-1985)

سەلىمە كامال (ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر مەكتىپى، ئاۋىسترالىيە)

4) ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى

ئابدۇلھەمىد قاراخان (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، تۈركىيە)

5) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزچىللىقىنى قوغداش ھەققىدە

رۈشەن ئابباس (ئۇيغۇرلارغا ياردەم ھەرىكىتى، ئامېرىكا)

12:15 – 10:30:  مۇھاكىمە – 2: ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئەۋلاتلار ئارا داۋاملىشىشى

رىياسەتچى: دوكتور ئەركىن سىدىق، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى

2 – مۇھاكىمە تېمىلىرى ۋە دوكىلات بەرگۈچىلەر:

1) غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇلاردا ئانا تىل مائارىپى ۋە ئەۋلاتلار ئارىسىدىكى بوشلۇق

دوكتور ئەسئەت سۇلايمان (ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا)

2) سىياسىيلەشتۇرۇلغان مەجبۇرى مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيەسى ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتقان يېڭى ئەۋلاتلارنىڭ كىملىك كىرىزىسى

تاھىر ئېمىن (مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئامېرىكا)

3) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلار ئارىسىدا ئانا تىلدا ئالاقە قىلىشتىكى قېيىنچىلىقلار

زۈبەيرە شەمسىدىن (ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا)

4) ئانا تىلنى قوغداش يولىدا: ئامېرىكىدىكى ئانا تىل مەكتىپى تەجرىبە – ساۋاقلىرى

ئىرادە قەشقىرى (ئانىلارنى قوغداش ۋە مائارىپ، ئامېرىكا)

13:30 – 12:15:  چۈشلۈك تاماق

15:15 – 13:45:  مۇھاكىمە – 3: مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى

رىياسەتچى: دوكتور رىشاد ئابباس، ئامېرىكا فايزىر دورا تەتقىقات شىركىتى

3 – مۇھاكىمە تېمىلىرى ۋە دوكىلات بەرگۈچىلەر:

1) ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىغا بىر نەزەر

دوكتور دولقۇن قەمبىرى (مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئامېرىكا)

2) ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى

دوكتور گۈلنىسا نازاروۋا (ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا)

3) ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى تەجرىبە – ساۋاقلىرى

سەلىمە كامال (ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى، ئاۋىسترالىيە)

4) ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى: دۆلەت تەرىپىدىن ياردەمگە ئېرىشكەن تۈرلەر

مۇستاپا ئاقسۇ (ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا)

15:30 – 15:15:  يېپىلىش مۇراسىمى

بۇ يازما 365 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش