ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » يېرىم ھايات (جىبران خېلىل جىبران)

يېرىم ھايات (جىبران خېلىل جىبران)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يېرىم ھايات

(جىبران خېلىل جىبران)

يېرىم ئاشقلارغا كۆڭۈل بەرمە.
يېرىم دوستلار بىلەن كۆڭلۈڭنى خۇش قىلما.
يېرىم تالانتلىقلارنىڭ ئىجادلىرىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمە.
يېرىم ھاياتنى ياشاپ قالما،
ھەمدە يېرىم ئۆلۈپ قالما.
ئەگەر سۈكۈتنى تاللىغان بولساڭ، سۈكۈت قىل.
سۆزلىگەندە تاكى سۆزۈڭ تۈگىگىچە داۋام قىل.
بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرما،
ھەمدە سۈكۈت قىلىش ئۈچۈن سۆزلىمە.
ئەگەر قۇبۇل قىلساڭ، ئوچۇق ئىپادە قىل،
نىقابلىما.
ئەگەر رەت قىلساڭ، ئۇنىمۇ ئېنىق ئېيت.
چۈنكى،بىر مۈجىمەل رەت قىلىش پەقەتلا ئاجىز قۇبۇلدىن ئىبارەت.
يېرىم چارە ۋە يېشىملەرنى قۇبۇل قىلما.
يېرىم ھەقىقەتلەرنى چىنپۈتمە.
يېرىم چۈشلەرگە غەرق بولما.
يېرىم ئۈمىدلەر ئۈستىگە گۈزەل خىياللار قۇرما.
يېرىم ئۇسسۇزلۇق چاڭقاشنى باسالمايدۇ.
يېرىم غىزا ئاچقان يەرگە بارمايدۇ.
يېرىم قالغان يول سېنى ھېچبىر مەنزىلگە يەتكۈزمەيدۇ.
يېرىم پىكىر ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ.
سېنىڭ يېرىمىڭ سەن سۆيگەن بىرى ئەمەس.
ئۇ ئوخشاش بىر كائىنات، ئوخشىمىغان ۋاقتتىكى ئۆزۈڭدىن ئىبارەت.
ئۇ – سەن ئۆزۈڭ بولمىغان چاغدىكى ئۆزۈڭدىن ئىبارەت.
يېرىم ھايات – سەن تېخى ياشىمىغان ھاياتتۇر.
سەن ئېيتمىغان بىر ئېغىز سۆز،
سەن كېچىكتۈرگەن بىر جىلۋە،
سەن تېخى ئېرىشمىگەن بىر سۆيگۈ،
سەن تېخى تونۇشمىغان بىر دوست.
مەنزىلگە ئۇلىشىش ئەمما يېتەلمەسلىك،
مېھنەت قىلىپمۇ ئىشى ئاۋۇماسلىق،
ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ مەھرۇم قېلىش…
سېنى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭگە ناتونۇش، ئۇلارنىمۇ ساڭا يوچۇن قىلىپ كۆرسىتىدىغان شۇنداق بىر نەرسە.
يېرىملىق پەقەتلا سەن چارىسىز قالغان بىر دەم، خالاس.
لېكىن،سەن دائىم چارىسىز قالىدىغان نىمجان بىرى ئەمەس.
سەن يېرىم ئەمەس پۈتۈن ھاياتنى ياشاش ئۈچۈن مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر پۈتۈن ئىنساندۇرسەن!

(فەرۇق تاران تەرجىمىسى)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 7

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش