ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017-يىلى 8-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى-6

جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى-6

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1. ئىت نەپسىڭنىڭ تىرىلىشىدىن ساقلان. ئۇ سېنىڭ جان دۇشمىنىڭ. ساڭا زىيان يەتكۈزىدۇ.

2. دائىم باشقىلار ئۆلگەندە يىغلىماي، بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ ئازراق ئۆزەڭ ئۈچۈنمۇ يىغلاپ قوي.

3. دەل-دەرەخلەرنىڭ ياپ-يېشىل ياشناپ تۇرۇشى، بۇلۇتلارنىڭ يېغىسىدىندۇر.

4. تەقلىد ھەر شەرەپلىك ئىشقا ئاپەت بولىدۇ. تەقلىد بولغان يەردە تاغمۇ ساماندەك بولىدۇ.

5. مەنپەئەت ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئادەم، سامان ئۈچۈن كىتاب توشۇغان ئېشەككە ئوخشايدۇ.

6. ھەقىقەتنى بىلمەي تۇرۇپ، دوستلاردىن ۋاز كەچمە.

7. ئەگەر سەدەپ بولمىسا، تامچىلار ئۈنچە بولالمايدۇ.

8. پاك كۆز، ئەقىل ۋە قۇلاق ئىستىسەڭ، چوقۇم تاماخور پەردىلەرنى يىرتىپ تاشلا. چۈنكى، تەقلىد تامادىن بولىدۇ. ئايدىڭ ئەقىلنىڭ نۇرى ماشۇ سەۋەپتىن پەردىلىنىپ قالىدۇ.

9. تاماققا، ھوزۇرغا ۋە ساماغا ھېرسمەن بولۇش، ئەقىلنىڭ بىلىش يولىنى توسۇدۇ.

10. مالغا مەيلى بار تارازا، توغرا تارتمايدۇ.

11. كىم تاماخور بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە شادلىقتىن ئەسىر قالمايدۇ.

12. كۆز بىلەن كۆڭۈل تاما بىلەن ئايدىڭلانمايدۇ.

13. تاماخورنىڭ ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا توغرۇسىدىكى ئويلىرى، شۆبھىسىز كۆزنىڭ ئىچىگە كىرگەن قىلغا ئوخشايدۇ.

14. ھەققە ھەقىقى ئاشىق بولغان، مال-دۇنياغا ھىرسمەن بولمايدۇ.

15. ھەقنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن، پادىشاھ بولسىمۇ كۆزى ئاچ بولىدۇ.

16. راھەت بىر يەرنى ئۈمىد قىلساڭ، بىر تەرەپتىن بىر بالاسى چىقىدۇ.

17. توزاقسىز بىر يەر يوق. بۇ بىۋاپا دۇنيانىڭ زىندان كوچىسى ھەر تۇرلۇك جاپا-مۇشەققەت، دەرد-ئەلەم بىلەن تولغان. ئەمما، ھەق ھەرۋاقىت بىزگە باشپانا بولىدۇ.
مەگەر بالا كەلمەكچى بولسا چاچقاننىڭ تۆشۇكىگە مۇكىنسەڭمۇ، مۆشۈك كېلىپ، قولى بىلەن ساڭا زەھەر ئىچكۈزىدۇ.

18. گۈزەل خىياللار سەۋرنى تاتلىق كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ كۆڭلىڭنى راھەتلەندۈرىدۇ.

19. يۈسۈپ، قىرىنداشلىرىنىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ قادالغىنى بىلەن، ياقۇپنىڭ كۆزىنىڭ نۇرى ئىدى.

20. سەن ماكاندا، ئەسلىڭ ماكانسىزلىقتا. ئۆزەڭدىن كېچىپ، ئەسلىڭگە قايت.

21. دەرتكە ھەقتىن بىر داۋا بولمىسا، ئۇ دەرمان ساڭا لايىق بولمايدۇ.

22. بۇ جاھان، تەرەپسىز ئالەمدىن پەيدا بولدى. دۇنياغا ماكان، ماكانسىزلىقتىن كەلدى.

23. يا رەب! بىزگە ئېسىل ئىلھاملار ئاتا قىل، ياخشىلىق قابىليىتىمىزگە يولداش بولسۇن.

24. دۇئالىرىمىزمۇ، ئۇنىڭ قوبۇلىمۇ سەندىن. خاتىرجەملىكمۇ، قورقۇمۇ سەندىن.
سۆزلىرىمىزنىڭ خاتاسىنى سەن تۈزەت. سەن خاتا سۆزنىمۇ، خاتا ئىشنىمۇ تۈزۈتەلەيسەن.

25. سۇ ۋە تۇپراققا ياخشى بىر خۇي ئاتا قىلدىڭ. ئۇنىڭدىن ئادەمنىڭ سۈرەتى گۈزەلىككە ئېرىشتى.
ئۇنى جورغا، ئۇرۇق-تۇققانغا ئىگە قىلدىڭ. ئۇنىڭغا سۆيگۈ ۋە غەم چۈشەنچىسىنى ئاتا قىلدىڭ.

26. قۇياشنىڭ نۇرى تامغا بىر پاقىراقلىق ئاتا قىلغان بولسىمۇ، شۆبھىسىز بۇ پاقىراقلىق ئۆتكۈنچىدۇر. ئەي ئەقىللىق ئىنسان! كېسەك ۋە تاشقا كۆڭۈل بەرمە. باقى نۇرنىڭ ئىستېكىدە بول.

27. ئەي ئەقىل بىلەن ئاشىق داۋاسى قىلغان! سۈرەتكە بىرىلگەنلەر بىلەن بىللە بولما.

28. جانابى ھەق سېنى سەت يۈزلۈك ياراتقان بولسا، يۈزۈم سەت دەپ، ئەسكى خۇيلۇق بولما. خاتا ئىش قىلىشتىن ساقلان. بىكاردىن-بىكارغا خورلانغاننىڭ ئۈستىگە خورلانما.

29. نەپسىڭنى دەپ ئىلىپەتلىرىڭگە ھەسەت قىلما. چۈنكى ھەسەت ئەسكىلىكنىڭ ئەسكىسى. كەمچىلىك ۋە ئەيىپنىڭ خېمىتۇرۇشى بولسا ھەسەت. شۆبھىسىز ئۇ ئەڭ كۈچلۈك زەھەر.

30. شەيتاننىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرگەن ئىزاسى، قىيامەت بولغانغا قەدەر قۇيرۇقىنى بالاغا باغلىدى. ئۇ ھەسەتخورلوقتىن يۇقۇرى مەرتىۋە ئىستىدى. ئەمما، بۇ سەۋەپتىن قىيامەت كۈنىگىچە لەنەتلەندى.

31. پۈتۈن جاھاننى كېزىپ، ياخشى مىجەزدىن باشقا بىر ياخشى نەرسە كۆرمىدىم. ياخشى مىجەزلىكلەر قۇتۇلىدۇ، ئەسكىلەر شېشىدەك چىقىلىدۇ.

32. ھەقنىڭ نۈرىدا يەتمىش مىڭ پەردە بار. ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدا نۇر ۋە زۇلمەت ئايدىڭلىشىدۇ. ھەر پەردە بىر قەۋمنىڭ ماكانى. ئۇ يەردە جامائەت ۋە ئىمام سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى سەپتىكىلەر كۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىدىن، ئالدىدىكىلەرنىڭ نۇرىغا قاراشقا پىتىنالمايدۇ.

33. تۆمۈر كۈچلۈك ئوت ئىچىدە تاۋلىنىدۇ، ساپلىشىدۇ. ئۇ جاپا تارتقان يوقسۇلغا ئوخشايدۇ. ئوت ۋە بازغان بەختتىن بىشارەت بېرىدۇ.

34. ھەقىقەتنى ساختېلىقتىن، شاراپنىڭ رەڭگىنى قەدەھنىڭكىدىن ئايرىغىن.

35. باھار مەۋسۇمى كەلگەندە، پۈتۈن ئۆسۇملۇكلەر: ”بىز ئۆزلۈكىمىزدىن كۆكېرىپ ياپ-يېشىل بولدۇق. ھەممىدىن مەمنۇن بىز. خوشال بىز. بەكمۇ گۈزەل بىز.“ دەيدۇ.
ياز ئۇلارغا دەيدۇكى: ”ئەي مەۋجۇداتلار، مەن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھالىڭلارغا ۋاي!“

36. شېكەردەك لەۋلەردىن، شەربەتتەك سۆزلەر تۆكۈلسۇن.

37. ئەقىللىق ئاقىۋەتنى ئويلىشىدۇ. نەپسانىيەتچى ئاقىۋەتنى ھېچ ئويلىمايدۇ. ئەقىل نەپسىگە بوي سۇنسا نەپسانىيەتچى بولىدۇ.

38. تىل جان ئىشىكىنىڭ پەردىسىدۇر. ئەگەر ئۇ پەردە شامالدىن قايرىلسا، كۆز ئۆينىڭ ئىچىدىكى سىرلاردىن خەۋەردار بولىدۇ. ئۆيدە ئۇنچە-مەرۋايىت بارمۇ ياكى بۇغدايمۇ؟ ئالتۇن غەزىنىمۇ ياكى يىلان بىلەن چايانمۇ؟ ئەگەر غەزىنە بولسا، يىلانچۇ؟ چۈنكى غەزىنىگە كۆزەتچى لازىم.

39. ئۇنچىدەك سۆزلەردىن چاقنىغان ھەربىر نۇر ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيدۇ. ئۇ ئۇنچىنىڭ نۈرى كۆزىمىزنىڭ نۇرى بولغان بولسا ئىدى، سوئالمۇ، جاۋابىمۇ ئۆزىمىزدە بولاتتى.

40. سىڭايان قارىساڭ، ئاي ئىككى كۆرۇنىدۇ. بۇنداق قاراش گۇمانلىق بىر سوئالدۇر. ئۇدۇل قارا، ئاي بىر كۆرۇنسۇن. ئىزدىگەن جاۋاپنى ئاندىن تاپىسەن.

41. پىكىردىن ئاغما، ياخشى قارا. بىلگىنكى ئۇنچىنىڭ نۇرى سېنىڭ ئوي-پىكرىڭدۇر.

42. ھەر كىم ئۆزىنىڭ يۇزىگە ئۆزى قارالمايدۇ. سەن مېنىڭكىگە قارايسەن، مەن سېنىڭكىگە.

43. خەسىس ھەم قورقۇنچاق كىشى ئەجىردىن ۋە ياخشىلىقتىن قۇرۇق قالىدۇ. دېڭىزنىڭ تېگىگە چۆكۈشنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنچىنى ئالىدۇ.

44. قىلغان مەرتلىكنىڭ نەتىجىسى دەرھال كۆرۈلگەن بولسا، دۇنيادا ھەسىس قالمىغان بولاتتى. مەرتلىك كۆزدىن بولىدۇ، قولدىن ئەمەس. غەلبە ئۈچۈن كۆز كېرەك.

45. كۆرۇنۈشى قانچىلىك گۈزەل بولسىمۇ، خۇيى ئەسكى بولسا، ئۇنىڭ قىممىتى بىر تال ئارپىچىلىكمۇ بولمايدۇ.

46. كۆرۇنۈشى شۇنچىلىك ھەقىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولسا، ئۇ يەنىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. كۆرۈنگەن سۈرەت پانىدۇر. مەنا بولسا باقىدۇر.

47. قاچانغىچە كومزەكنىڭ چىرايلىقىغا ئالدىنىسەن؟ كومزەكنىڭ زىننىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۇغا نەزەر سال.

48. سۈرەت بولسا مەنا ئالەمدە بىر پەردە. سەدەپنى ئويلىماي ئۇنچىنى قولغا كەلتۈر.

49. شۆبھىسىز شۇنچە كۆپ سەدەپتەك قەلبلەر ئۇنىڭ دەريالىرىدا يېتىشكەن بولسىمۇ ۋە لېكىن ھەر سەدەپنىڭ ئىچىدە ئۈنچە بولمايدۇ. شۇڭا ھەر بىرىنىڭ ئىچىگە ئوبدان قارا. چۈنكى قىممەت باھالىق ئۈنچە ئاز ئۇچرايدۇ.

50. كۆڭلىدە ئوي-پىكىر بولغان، ۋاقتى كەلسە جاھاننى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

بۇ يازما 186 قېتىم كۆرۈلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1104

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش