ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » دادام قەبرىسىدىن يىراقتا ئېيتىلغان سۆزلەر

دادام قەبرىسىدىن يىراقتا ئېيتىلغان سۆزلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

دادام قەبرىسىدىن يىراقتا ئېيتىلغان سۆزلەر

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

 

مىلادىيە، 2017-يىلى، 8-سېنتەبىر مېنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس كۈن سۈپىتىدە مېنىڭ ۋە بىزنىڭ ئائىلە تارىخىمىزغا پۈتۈلدى.
8-سېنتەبىر، مېنى ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان دادامدىن ئايرىلغان چىسلادۇر.مانا شۇ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەن دادام ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ئۆز قەلبىمنى ئىزھار قىلغۇم، يەنى ئوچۇقراقى دادامنى مەدھىيىلىگۈم كەلدى.

تەزكىرە تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن بارات  (2017 – 1936 )

 

ئەسلىدە مەن ئائىلىنىڭ چوڭ بالىسى، دادامنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دادام ھەققىدىكى سۆزلەرنى دادام ئاخىرەتلىككە ئۇزىتىلىپ، يەتتە كەتمەن توپا تاشلىنىش ئالدىدا، تۇپراق بېشىدا سۆزلىشىم كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ ئىمكانىيەت مەندە بولمىدى.مەن بۇ سۆزلەرنى ئاشۇ دادام مېنى ئۆزى ئۇزىتىپ قويغان خاسىيەتلىك ۋە شەرەپلىك مۇساپىرلىق سەپەرلىرىدە، دادامنىڭ قەبرىسىدىن نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر يىراق ئوكيان گىرۋىكىدە ئېيتىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم.قىسقىسى، مەن دادام ھەققىدە ئۇنىڭ يەرلىكى ئالدىدا ئۇنى ئۇزىتىپ چىققان جامائەت ئالدىدا سۆزلەش ئىمكانىيەتلىرىدىن ئايرىلغان ئىدىم، ئەمەلىيەتتە دادام ئۆزىمۇ مېنىڭ چوقۇم ئۆزى ھەققىدە ئۆز قەبرىسىدىن يىراق جايدا ئىككى-ئېغىز سۆزلەيدىغانلىقىمنى ئاللىقاچان بىلگەن ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە، ماڭا ئوخشاش مۇساپىرلىق سەپەرلىرىگە ئاتلانغان كۆپلىگەن ئوغۇللارنىڭ ئاتىسىنىڭ تۇپرىقى ئالدىدا بولالمىغانلىقى بىلەن ئوخشاش قىسمەت ئىدى.
ئەسلىدىكى ئادەت بويىچە، ئاتىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى باش بولۇپ بېجىرىش ۋەزىپىسى زىممىسىگە يۈكلىنىدىغان ئائىلىدىكى چوڭ ئوغۇل بولغان مەن بۇ مۇھىم مەجبۇرىيەتنى بەجا كەلتۈرمىسەممۇ، ئەمما 10-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ فەيىرفاكىس شەھىرىدىكى ئۆز ئۆيۈمدە دادامنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. خەتمە-قۇرئاندىن خەۋەر تاپقان يۈزلىگەن ئەر-ئايال ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىرلىكتە دادامنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دادامنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقان ، ھەتتا دادامنى ھېچ كۆرمىگەن ۋە تونۇمايدىغان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋاتساپ ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۆز قايغۇلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ماڭا سەۋر ۋە كۈچ-قۇۋۋەت تىلەشتى. يەنە قانچىلىغان دوستلار تېلېفون قىلىپ ۋە سۆز قالدۇرۇپ،ئۆز قەلبلىرىنى ئىزھار قىلىشتى. ھەتتا دادامنى بىلىدىغان ئامېرىكالىق كەسىپداش دوستلىرىممۇ ئۆز تەزىيىسىنى بىلدۈرۈپ سۆز ئەۋەتتى. خەتمە-قۇرئان كۈنى مېنىڭ دوستلىرىم، جامائەت قول-قولغا تۇتۇشۇپ، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىغا ئىگە بولۇشتى.
دادامنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم تەرىپىدىن كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتى ۋە تىلەكلەر مېنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئۈندەپ شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلتۈردىكى، بەلكى بۇ، مېنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ،ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋانە بولغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئازاب چەككەن ۋە خۇش بولغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆتمۈشىدىكى شانلىق بەتلەردىن كۈچ ئېلىپ ۋە غۇرۇرلىنىپ، پاجىئەلىك بەتلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنمەي كېلەچەككە ئۈمىدۋار بولغان ئاددىي بىر ئەزاسى بولغانلىقىم ئۈچۈندۇر !.
ئەلۋەتتە، ھازىرغىچە مەن باشقىلارنىڭ دادىلىرىنى، يەنى مىللەتتىكى ئېسىل دادىلارنى مەدھىيىلەپ ئۇلار ھەققىدە توختىماي سۆزلەپ ياكى يېزىپ كېلىۋاتاتتىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ دادام ھەققىدە ئىككى ئېغىز بولسىمۇ سۆزلەش پۇرسىتى بولمىغان ئىدى. مەن بۇ پۇرسەتتە، خەتمە-قۇرئان قىلىشقا كەلگەن مىللەتداش قېرىنداشلىرىم ئالدىدا دادام ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتتۈم.
دادامنىڭ تەپەككۇر، پىكىر، ئىنتىلىش، غەزەپلىنىش، ئازابلىنىش ۋە بويسۇنماسلىق، دىنى ۋە مىللىي پاكلىق ساداقىتى ئىچىدە سوققان يۈرەكلىرى 8-سېنتەبىر كۈنى ئەبەدىي توختىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر دادامنىڭ ئىككى ئوغلى، رەھمەتلىك ئىنىم، 40 يېشىدا ھاياتتىن غەزەپلىك ئىڭراش ئىچىدە خوشلاشقان، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تۇنجى قېتىم پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشسىزلىقتا ھايات كەچۈرگەن ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بىلەن كەمىنىنىڭ گېنلىرىغا سىڭدۈرۈلگەن ئىدى.
بىر چاغلاردا ۋەتەندە «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا مۇنازىرىلەر بولغاندا، مەن ئاددىي قىلىپ،« بىزگە دادامدەك دادىلار كېرەك »دەپ ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسىي جاۋابىمنى يوللىغان ئىدىم. ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر بۇ سوئالغا ئۆز دادىسىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق جاۋاب بەرسە بەلكى دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما، ئۇ دادىلار چوقۇم ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەرىپىدىن نەپرەتكە ئۇچرىمىغان بولۇشى ۋە ئۇچرىماسلىقى شەرت !.

 

دادام كىم؟

دادىلارنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىلەر ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. پەرزەنتلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىلەر ئۇلارنىڭ دادىلىرىدۇر!. دادا پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئەبەدىي مۇقەددەس ئورۇندىدۇر! بۇ سالاھىيەتنى ھېچكىممۇ تارتىپ ئالالمايدۇ !
ئۇنداقتا چوقۇم دادامنىڭ كىملىكى ھەققىدە سوئاللار تۇغۇلۇشى تەبىئىي. مەن ئۆز دادىسىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى پەرزەنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن دادام ھەققىدە شۇنى ئېيتىمەنكى، مېنىڭ دادام ،مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە يازغۇچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك ئالىممۇ ئەمەس، ئەمما ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋە ئۇنىڭدەك ئالىملارنىڭ ئەڭ يېقىن پىكىرداش،مەسلەكداش ئىخلاسمىنى ئىدى !. دادام غېنى باتۇردەك ۋە ياكى باشقا مەشھۇر قەھرىمانلاردەك باتۇر ياكى قەھرىمان ئەمەس، ئەمما ئۇ غېنى باتۇرلارنىڭ باسقان ئىزلىرى بىلەن غەلىبىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان، مىللەت باتۇرلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان، بىراق مىللەت رەزگىلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشى ئىدى !.
دادام زوردۇن سابىر ياكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەردەك داڭلىق يازغۇچىمۇ ئەمەس. ئەمما ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلاردەك خەلق سۆيگەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەقىللىق ئوقۇرمىنى ۋە ئۆزىمۇ ئاددىي بىر قەلەم ھەۋەسكارى ئىدى !
دادام دەۋرىمىزدىكى ۋە ئۆتكەن مەزگىللىرىمىزدىكى مەردانە ئوغۇللارنىڭ باسقان ئىزلىرى ۋە ساۋاقلىرىغا ھېسسىيات كۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغۇچى ئىدى !.
دادام ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ،بولۇپمۇ ئۆزى كۆپرەك ياشىغان دىيارنىڭ شانلىق تارىخى ئۆتمۈشلىرىنى، ئازابلىق نالىلىرىغا قارىغاندا باتۇرلۇق شەجەرىسىنى قايتا تىكلەش يولىدا تىرىشقۇچى،ئىزدەنگۈچى، شۇنىڭدەك بۇ تارىخىيلىق روھنى ئاۋامغا تەرغىب قىلغۇچى ئىدى !.
دادام ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق بىر دادىغا ئورتاق بولغان چوڭقۇر دادىلىق مېھرىگە ئىگە،يەنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان دادا ئىدى. دادام پەرزەنتلىرىگە كىچىكىدىن باشلاپ، سودا-تىجارەت قىلىپ،قانداق پۇل تېپىش ياكى بېيىش، قانداق راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈش، قانداق ئۆسۈپ باشلىق بولۇش سەنئىتى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى باتۇر تەڭرىقۇت، كۇرشات، مويۇنچۇر، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، سۇلتان سەئىدخان شۇنىڭدەك يەنە سادىر پالۋان، نۇزۇگۇم، مايسىخان،غېنى باتۇر ،رىزۋانگۈل، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇنىياز بەگ ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر قەھرىمانلىرى ،ئەبۇ ناسىر فارابى،مەخمۇت قەشقەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى باشقا يۈزلىگەن مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ بېرىدىغان دادا ئىدى !.
دادام ، «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە »دېگەن ئۇيغۇر ئاتىلار سۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دوستلىرى دېھقان، سودىگەر، كاسىپ-ھۈنەرۋەن، ئاددىي جەمئىيەت كىشىلىرى، كادىر ۋە زىيالىي ئىدى. جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار كىشىلىرى، مىللەتنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار كىشىلىرى دادام ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئىنسانلار ئىدى.
ئۇ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىب-شائىرلىرى، ئالىملىرى ،جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، ئىمىن تۇرسۇن ، ئابدۇللا تالىپ، سوپاخۇن سوۋۇروپ، زوردۇن سابىر، غازى ئەمەت باشقا يۈزلىگەن تونۇلغان مەدەنىيەت –مائارىپ ئەربابلىرىنىڭ، تارىخى شاھىتلارنىڭ ، كۆپلىگەن پېشقەدەم، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش زىيالىيلارنىڭ دوستى ھەم پىكىردېشى ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىملىرىنى ساناپ بولالمايمەن. بولۇپمۇ دادامنىڭ قەلەم ۋە ئەلەمنىڭ ئىككى سىمۋولى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە سوپاخۇن سوۋۇروپ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۆزگىچە ئىدى. دادامنىڭ نەزىرىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 20-21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئەدىبلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ھەر قانداق بىر زىيالىي، ئالىم ۋە ئەدىب چوقۇم ياۋروپالىق ياكى ئاسىيالىق ۋە ياكى ئەرەب-پارىس ۋە ياكى باشقا ھەر قانداق بىر خەلقتىن چىققان دۇنياۋى بۈيۈك نامايەندىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىدىن چىققان مەخمۇت قەشقەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆگىنىش مودېلى قىلىش كېرەك ئىدى.
دادام ئۆز ھاياتىدا كۆپ ئىزتىراپلارنىمۇ چەككەن ۋە تۈرلۈك بېسىملارغىمۇ دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقاچان ئۆز ئىرادىسىدىن يانمىغان ۋە بۇ بېسىملار ئالدىدا ھەر دائىم تىك تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ئىدى. دادام 1958-يىلى، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدە يەرلىك مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىگە يىغىلغان ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كوللېكتىپ كۈرەشكە تارتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە، يەنى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى رەقىبلىك مەزگىلىدە ئۇچتۇرپاندىكى قىرغىزلار ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەربابلىرى « چەتكە قېچىش گۇرۇھى»غا باغلاپ خاتا ھالدا كۈرەشكە تارتىلغاندىمۇ دادام ئوتتۇرىغا چىقىپ،قىرغىزلارنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن ئوخشاشلا تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان، ئەمما كېيىن بۇ قىرغىز زىيالىيلىرى ئاقلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن دادام ئۇچتۇرپاندىكى قىرغىزلارنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن،چۈنكى دادام ئۇلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە كۆكرەك كىرىپ چىقىپ،ئۇلارنى ھىمايە قىلغان ئىدى. دادام ھەر ۋاقىت ئادالەت ۋە ھەققانىيەت تەرەپدارى بولۇپ، ئەمەل تۇتۇش، ئۆسۈش يولىدا ۋە ئۆز مەقسىتى ھەم مەنپەئىتىگە يېتىش ئۈچۈن تەخسىكەشلىك قىلىدىغان، ئۆز دوستلىرىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى ساتىدىغان نومۇسسىز ئىللەتلەرگە نەپرەت كۆزى بىلەن قارايتتى ۋە ئۇنداقلارغا نەشتەردەك سۆزلەر بىلەن زەربە بېرەتتى.

 

دادامنىڭ كەسپىي-خىزمەت ھاياتى

مېنىڭ دادام تۇرسۇن بارات 1936-يىلى، قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ ئەگىتېرەك يېزىسىدىكى جاپالىق دېھقانچىلىق مېھنىتى بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان دىنى ئۆلىما ۋە مەدرىسە ئوقۇتقۇچىسى بارات ئاخۇن خەلپەت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، دادام ئۆزىدىن ئىلگىرى بىر قانچە ئەۋلاد كىشى تەرىپىدىن ئېغىزدىن ئېغىزغا قالدۇرغان ۋە دادىسى ھەم تاغىسى تەرىپىدىن يېزىپ داۋاملاشتۇرۇلغان ئائىلە شەجەرىسىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ شۇ ئاساستا تۆت ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان جەمەت شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان.
بۇ شەجەرە بويىچە دادامنىڭ دادىسى يىلتىز جەھەتتە سەئىدىيەلەر خانىدانلىقىنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە تۇتىشىدۇ. دادامنىڭ بوۋىسى دىنى ئۆلىما كىشى بولغان ۋە دادامنىڭ دادىسى، يەنى، مېنىڭ بوۋام بارات ئاخۇن بۈيۈك ئالىم ھۈسەيىن تەجەللىنىڭ ياراملىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ، پەيزىۋاتقا قايتىپ، بىر ئۆمۈر دېھقانچىلىق ۋە خەلپەتلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ دىياردىكى داڭلىق « خەلپەت»لەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان شۇنىڭدەك 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدىكى قەشقەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان
. بوۋىمىز دادامغا ئۆيدە دىندىن ساۋات بېرىپ، قۇرئان ساۋاتىنى تولۇق چىقارغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇنى پەيزىۋاتتىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئەۋەتىپ تەربىيىلىگەن ئىدى. دادام بۇ مەزگىلدە بوۋىمىزدىن يەنە پارىس تىلى ۋە چاغاتاي تىل-يېزىقى ئۆگىنىپ، كلاسسىك قول يازما ئەسەرلىرىنى راۋان ئوقۇيالايدىغان سەۋىيىگە يېتىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇيدىغان كلاسسىك قول يازمىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۆگەنگەن.
دادام 1951-1956-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەردىكى، يەنى، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن جەنۇبىي رايونلاردىكى ئەڭ يۇقىرى بىلىم دەرگاھى ھېسابلانغان قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان بولۇپ، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن دادام قاتارلىق بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى ئاساسى بۇلاققا ئايلانغان ئىدى. مەزكۇر بىلىم دەرگاھىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈكۈم داڭلىق زىيالىيلىرى ئوقۇغان ئىدى. دادام ئاشۇ زىيالىيلار بىلەن ساۋاقداش بولغان . دادام 1956-يىلى،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇچتۇرپانغا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن، 1957-يىلى ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ، 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى ۋە كېيىنرەك بولسا ئىماملىرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ روللارنى ئوينىغان. قەدىمىي دىيار ئۇچتۇرپاندىكى تۇنجى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر-ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئىمانلىرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىنالىرىنىڭ تۇنجى خىشلىرى، مەكتەپ باغلىرىنىڭ تۇنجى كۆچەتلىرى دادام ۋە ئۇنىڭ باشقا بىر قانچە نەپەر كەسىپداشلىرى تەرىپىدىن بىرلىكتە قويۇلغان ۋە تىكىلگەن ئىدى.

 

دادام تۇرسۇن بارات. ۋىرجىنىيەدىكى شەناندوۋ دولەت باغچىسىدا  .2016-يىلى، 11-ئاي

 

دادام ، 1957-1958-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا بىلىمىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئۇچتۇرپانغا قايتىپ كېلىپ مائارىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ،ئەنە شۇنىڭدىن تاكى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇچتۇرپاندا مەدەنىي- مائارىپ، تەشۋىقات ساھەسىدە ئىشلىدى. 1992-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، تاكى 1997-يىلى پېنسىيىگە چىققۇچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدى. 1997-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە پېنسىيىدە ياشاپ، ئاساسلىقى پۈتۈن ۋاقتىنى ئىلمىي تەتقىقاتقا سەرپ قىلدى.بۇ جەرياندا دادام كۆپ تارىخىي شەخسلەر، تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۇچراشتى، ئۆگەندى ۋە ماتېرىيال توپلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. دادام ئۈچۈن ئۆزىدىن چوڭ تارىخى شاھىتلار بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ،ئۇلاردىن تارىخى مەلۇماتلارنى ئىگىلىدى. شىرىپ خۇشتار، توختى باقى، ئابدۇللا تالىپ، سوپاخۇن سوۋۇروپ، مۇزەپپەر ئەپەندى، ئىمىن تۇرسۇن ۋە باشقا يۈزلىگەن 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىنى باشتىن كەچۈرگەن، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان تارىخىي شەخسلەر،زىيالىيلار دادامنىڭ يېقىن پىكىرداش دوستلىرى بولغان ئىدى.
دادام « شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، « شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى»، « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ۋە باشقا مەتبۇئات ئورگانلىرىدىكى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى پېشقەدەم ۋە ياش زىيالىيلار بىلەن يېقىن دوستلۇق ۋە پىكىرداشلىق ئالاقىلىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن زىيالىيلار ئارىسىدا دادامنى بىلمەيدىغانلار ئاز ئىدى. دادام ئۆزى كۆپ ھەمسۆھبەت بولغان غوپۇر ئۆمەر، ئابباس بۇرھان،نۇرمۇھەممەد دۆلەتى، ئىسلامجان شىرىپ، مۇھەممەد يۈسۈپ، ئۆمەر موللا، كېرەم سايىم ۋە باشقا تونۇلغان زىيالىيلارنىڭ ئىسمىنى ھۆرمەت بىلەن كۆپ ئاتايتتى.

دادام بۇ زىيالىيلار بىلەن ئىلمى ئالاقىدار ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى بىلدۈرەتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى ئۆگىنەتتى. دادام ئۆزىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ھاياتىدا ئاساسلىقى ماتېماتىكا، جەمئىيەت تەرەققىياتى، سىياسىي ئىقتىساد، پەلسەپە، دۇنيا تارىخى ۋە باشقا پەنلەردىن دەرس بەرگەن.

 

دادام تارىخىي روھ تىكلىگۈچىىسى ۋە تەرغىباتچىسى ئىدى

دادام ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن كىشى مىللەتنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى دائىم تەكرارلاش بىلەن بىرگە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە « بىر مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن تارىخى بىر ئائىلىدىن، بىر قوۋمدىن ۋە بىر يۇرتتىن باشلىنىپ، ئاخىرىدا يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ» دېگەن سۆزنى قوشۇمچە قىلغان ئىدى.بەلكى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك دادام بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى ئۆزى 37 يىل خىزمەت قىلغان ئۇچتۇرپاننىڭ يەرلىك تەزكىرىسىدىن باشلىغان ئىدى.
دادام تارىخىي تەزكىرە ھەۋەسكارى بولغانلىقى ئۈچۈن نەگىلا بارسا،شۇ جاينىڭ تارىخى ۋە ئۇ جايدا يۈزبەرگەن مۇھىم تارىخى ۋەقەلەر شۇنىڭدەك ئۇ جايدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە ئىزدىنىدىغان تەزكىرىچى ۋە ۋەقەشۇناس ئىدى. ئۇ، ئۇچتۇرپانغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر بىلەن تولغان مەزكۇر يۇرتنىڭ تەزكىرىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە كىرىشكەن .ئەسلىدە ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، جۈملىدىن ئىسسىق كۆل بويىغا ئۆتىدىغان چېگرا ئۆتكەل شەھىرى-ئۇچتۇرپاندا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سابىق چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ ۋە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە باشقا خەلق ۋەكىللىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ بولۇپ، بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت، سودا-ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەسىرى خېلى چوڭقۇر ئىدى. چۈنكى، ئۇچتۇرپان 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسلىق سودا ئالاقە مەركىزى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار بۇ جاي ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ جايدا 20-30-يىللاردىلا بىر قانچە پەننى مەكتەپلەر ئېچىلغان ۋە سەنايى-نەپىسلەر قۇرۇلغان ،ھەتتا 1937-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە تۇنجى قېتىملىق كۆپ كىشىنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقىسى بۇ شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. مەزكۇر شەھەرگە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە باشقا ئونلىغان ئەربابلارنىڭ قەدەملىرى يەتكەن شۇنىڭدەك 18-19-ۋە 20-ئەسىرلەردە بۇ جايدا پۈتۈن ئۇيغۇرلار تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇيغۇرلار ئومۇمى تارىخى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان كۆپلىگەن سىياسىي ۋەقەلەر يۈزبەرگەن ئىدى.
دادامنىڭ ئۇچتۇرپان تارىخى تەزكىرىلىرىگە قىزىقىشى يەنە بۇ يۇرتنىڭ قوشنا رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىرىدىن، جۈملىدىن ئۇچتۇرپاندىكى ئۆزى قۇرغان ئائىلىنىڭ كېلىپ چىقىش شەجەرىسىدىن باشلانغان ئىدى. دادام ئۇچتۇرپانغا كېلىپ، 5 يىلدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ ئۆز يۇرتى ئۇچتۇرپانغا قايتىپ كەلگەن ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىم بىلەن ئائىلە قۇرغان . ئانا تەرەپتىن جەمەتىمىزنىڭ ئۆزگىچە بىر تارىخى مۇساپىسى بار بولۇپ، ئانامنىڭ دادىسى، يەنى بوۋام ئابدۇرېھىم داموللا قەشقەر بەشكېرەمدىكى ئاۋاتتىن بولۇپ، ئۇ قەشقەر خانلىق مەدرىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەنجانغا چىقىپ كېتىپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تېز بېيىغان ۋە رۇسىيەنىڭ موسكۋا، پېتېربۇرگ، ئورىنبۇرگ ، شەمەي ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلغان شۇنىڭدەك ئەڭ ئاخىرىدا ئىسسىق كۆل بويىدىكى قەشقەرلىكلەر، يەنى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ سودا پورتى- قاراقول ۋە ياكى رۇسلار تەرىپىدىن پرژىۋالسكى دەپ ئاتالغان شەھەرگە كېلىپ، ئۇ جايدا چېگرا سودىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، سودىسى روناق تېپىپ شۇ جايلاردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بوۋىمىز ئەنە شۇ چاغدا قاراقول شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەسلى پەرغانىلىق ئۇيغۇرلاردىن موللاخۇن جەمەتىنىڭ قىزى -مومىمىز رابىننىسا بىلەن توي قىلغان. بوۋىمىز ۋە باشقا بەش قېيىن ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە سودىدا تېخىمۇ روناق تېپىپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىسسىق كۆل بويىدىكى پرژىۋالسكى، يەنى قاراقول شەھىرىدە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن بىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ دادىسى ھاشىم ئاقساقال ۋە مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوفنىڭ دادىسى قاتارلىق ئەربابلار بىلەن يېقىن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقلاردا ئۆتكەن شۇنىڭدەك قاراقول شەھىرىدە بىر يۈرۈش كاتتا قورو-جاينى بىر رۇس بايدىن سېتىۋېلىپ، چوڭ جەمەت تەرىقىسىدە پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشىغان.ۋەھالەنكى، ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يۈزبەرگەن بىر قاتار ئىسلاھاتلار، جۈملىدىن 1929-1930-يىللىرى ئارىسىدىكى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش دولقۇنىدا بايلار، يەر ۋە ئىگىلىك ئىگىلىرى «باي-كۇلاق» دەپ ئەيبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقاندا بوۋىمىز ۋە قېيىن ئىنىلىرى ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە غۇلجاغا قېچىپ ئۆتكەن. ئارقىدىن پۈتۈن جەمەتىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئاخىرى ۋەزىيەت ئوڭشالسا قايتىپ كېتىمىز دېگەن ئۈمىدتە قاراقول شەھىرىگە قوشنا ئۇچتۇرپانغا كېلىپ ماكانلاشقان. بۇ يۇرتقا بوۋىمىز ۋە مومىمىز جەمەتىدىن باشقا يەنە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى، دادىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرى شۇنىڭدەك يەنە باشقا يۈزلىگەن ئىلگىرى قاراقول شەھىرىدە ياشىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز، تۇڭگان، بىر قانچە تاتار ئائىلىلىرى كېلىپ ماكانلاشقان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقىدا ۋەزىيەت ياخشىلانسا، «قاراقولدىكى تاشلاپ كەتكەن ئۆي-ماكانلىرىمىزغا قايتىپ كېتىمىز» دېگەن ئۈمىدتە بولغان.ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرى ئەبەدىي ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ، ۋەزىيەت ياخشىلىنىش ئەمەس، بەلكى سوۋېت ھۆكۈمىتى تاشلاپ كېتىلگەن ئۆي-ماكانلارنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان.بوۋىمىزنىڭ قاراقول شەھىرىدىكى چوڭ ئۈچ يۈرۈش بىنادىن تەركىب تاپقان قورۇ-جايى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ، ئىسسىق كۆل ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆسمە-كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سۈپىتىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.
دادامنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغان يەنە بىر نۇقتا بوۋىمىز ئابدۇرېھىم داموللا بىلەن ھاشىم ئاقساقال جەمەتىنىڭ قاراقولدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن يېقىن ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، قۇدىلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، 1945-يىلى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ئىنىسى ئارتىق ئابباس بىلەن ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ چوڭ قىزى، يەنى ئانامنىڭ ھەدىسى ھەنىپە خانىم ئائىلە قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئابباسوف ۋە سوپاخۇن باشلىغان قوشۇن ئاقسۇغا چۈشكەندە، ئۇچتۇرپاندىكى تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئارتىق ئابباس ئۆز ئىنىسى سېيىت ئابباس قاتارلىق 18 نەپەر ياش بىلەن بىرگە گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ تەتىلگە قايتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ ھەدە ۋە ئاكا-قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە غۇلجاغا قېچىپ كېلىپ، كېيىن ئۇچتۇرپانغا ماكانلاشقان چوڭ تاغىمىز، يەنى، مومىمىزنىڭ ئىنىسى ئۆمەرجان 1938-يىلى جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مەخمۇت مۇھىتى تەرەپدارلىرى دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، 1943-يىلى، ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بوۋىمىز ئابدۇرېھىم داموللا 1933-يىلى خوجا نىياز ھاجى قاتارلىقلار ئۇچتۇرپانغا كەلگەندە ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىن زور مىقداردا قوي يىغىپ، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىش ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينىغۇچىلار ئىدى شۇنىڭدەك بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق بۇ يۇرتقا قېچىپ كېلىپ 20 يىللاردىن ئارتۇق ۋاقىت ماكانلىشىپ قالغان ، ئەسلى ئوسمانلى ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى كازىم ئەپەندى بىلەن ئالاھىدە يېقىن دوستلۇق ئورناتقان شۇنىڭدەك ئۇنىڭ 1933-1934-يىلى ئۇچتۇرپاندا خوجا نىياز ھاجى ئۈچۈن ياردەمچى قوشۇن تەشكىللەپ مەشىق قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى يېقىندىن قوللىغان ئىدى.كازىم ئەپەندى كېيىن تۈركىيەگە ھەيدەپ چىقىرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆي-بىساتلىرىنى بوۋىمىز سېتىۋېلىپ، قولىغا نەق پۇل ۋە ئالتۇن بېرىپ،ئۇنى يولغا سالغان ئىكەن.
دېمەك، كىچىككىنە بۇ چېگرا شەھەر ئەنە شۇنداق بىزنىڭ ئائىلە تارىخىمىز ۋە يەنە يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئاجايىپ ئائىلە تارىخى تەزكىرىلىرى بىلەن تولغان ئىدى. ئائىلىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلە تارىخى مۇساپىلىرى ساماۋارخانىلاردا چاي ئىچىپ پېشقەدەملەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان دادامنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچتۇرپان قەدىمدە، يەنى مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدە بەدەل ئارت ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۆتىدىغان مۇھىم ئۆتكەل بولغان ۋە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىم-تەكلىماكان ۋادىسىنى ئىسسىق كۆل ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇش، كۆچمەن قەبىلىلەر بىلەن ئولتۇراق ھاياتتىكى قەبىلىلەر ئارىسىنى باغلاش رولىنى ئوينىغان جاي ئىدى. 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەخمۇت قەشقەرىيمۇ ئۆزىنىڭ « تۈركىي دىللار دىۋانى»دا ئۇچنىڭ قەدىمى شەھەر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن . ئۇچ، يەنى كېيىنكى ئۇچتۇرپان شەرقىي چاغاتايلار ۋە دۇغلاتلار جەمەتى ، جۈملىدىن مىرزا ئابابەكرى ھەم سەيىدىيەلەر سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسسىق كۆل ۋە باشقا رايونلارنى ئىدارە قىلىشتىكى مەركىزىي رايونلۇق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىدى.
ئۇچتۇرپان 18-ئەسىردە جۇڭغارلارنىڭ قەشقەرىيىنى ئىگىلىشىدىكى ئالدىنقى سەپ شۇنىڭدەك مانجۇلارنىڭ قەشقەر-ياركەنت تەرەپلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىدىكى ئۆتكەل ئىدى. ئۇچتۇرپان، 1759-يىلى مانجۇ-چىڭ قوشۇنلىرى خان خوجا ۋە بۇرھانىدىن خوجىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىنى يوقىتىپ، پۈتۈن جەنۇبى رايونلارنى ئۆز ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئېلىپ، 6 يىلدىن كېيىن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە تۇنجى قېتىم چىڭ ئىمپېرىيەسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىپ، ئىمپېراتور چيەنلوڭنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇرۇنقى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ، ئۇنى يۇمشىتىشقا مەجبۇر قىلغان قەھرىمان شەھەر ئىدى. ئۇچتۇرپان خەلقى بۇ قوزغىلاڭنى ئالتە ئاي داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئىلى گېنېرالى مىڭرۈي 10 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن ۋە باشقا تارماق قوشۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئۇچتۇرپان شەھىرىنى ئالتە ئاي ئەتراپىدا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەرنى بويسۇندۇرالمىغان،شەھەر ئىچىدىكى ئەر -ئايال، قېرى-ياش ھەممىسى جەڭگە قاتنىشىپ، چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سېپىلغا چىقىشىغا يول قويمىغان، ئۇلار ئاچارچىلىق، كېسەللىك ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ئاخىرى ئىچىدىن سېتىۋېلىنغان خائىنلار قوزغىلاڭنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ئىدى. ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ مۇنداق ئالتە ئاي شەھەرنى مۇداپىئە قىلىپ، قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تارىخىدا ئىلگىرى ۋە كېيىنمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان . ھەتتا پادىشاھ چيەنلوڭ ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قوماندانىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.
مانا بۇ بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەر، دادامنىڭ تارىخى تەزكىرەچىلىك ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغان ئىدى. دادام ئالدى بىلەن 1970-يىللاردا ئىشنى ئۇچتۇرپاندىكى« جىگدە يېغىلىقى» ۋە « يەتتە قىزلىرىم» تەزكىرىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنى قايتىدىن تىكلەشتىن باشلاپ، ئەينى ۋاقىتتا خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەر ۋە قول يازمىلارنى توپلاپ، باشقا ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، 1979-1980-يىللىرى ئۇچتۇرپاندىكى « يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىنىڭ 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدا دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى ۋە غۇرۇرىنى قوغداپ مەردانىلەرچە شېھىت بولغان يەتتە نەپەر ئۇيغۇر قىزىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلىپ، ئاخىرى مەزكۇر يەتتە باتۇر قىزنىڭ كونا ۋە بۇزۇلغان قەبرىسى ئورنىدا ھەيۋەتلىك مەقبەرە تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولدى شۇنىڭدەك مەقبەرى يېنىغا يەتتە قىزنىڭ قەھرىمانلىقلىرىغا ئائىت خاتىرە تېشى تىكلەپ، تېكىستىنى ئۆزى تەييارلىدى. خەلق ئىچىدىكى « جىگدە يېغىلىقى» ھەققىدىكى تۈرلۈك رىۋايەتلەر ۋە خاتىرىلەرنى توپلاپ، چىڭ سۇلالىسى تارىخى ماتېرىياللىرىغا سېلىشتۇرۇپ،« جىگدە يېغىلىقى»نىڭ دەل 1765-يىلى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەسمىتۇللا بەگ ۋە رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدا يۈزبەرگەن مانجۇ ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئازادلىق قوزغىلىڭى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى. دادام، شۇ يىللاردا يەنە ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىغا، يەنى « جىگدە يېغىلىقى»غا مۇناسىۋەتلىك خەلق قولىدىكى يازما ۋەسىقىلەرنى تېپىشقا تىرىشىپ، بەزى ۋەسىقىلەرگە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇلار يەتتە قىزنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۈرەش پائالىيەتلىرىنى بېكىتىشتە مۇھىم يىپ ئۇچى بولغان ئىدى. دادام تۇنجى بولۇپ، مەزكۇر يەتتە باتۇر قىزنىڭ باشلامچىسىنىڭ ئىسمىنىڭ مايسىخان ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك باشقىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بېكىتىپ مۇقىملاشتۇردى. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇچتۇرپان ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا 18-ئەسىردە مانجۇ-چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈرەش قىلغان ئايال قەھرىمانلار، يەنى مايسىخان باشلىق يەتتە قىزنىڭ ئىسمى تۇرغۇزۇلدى.
دادام ئەنە شۇ بىر يۈرۈش تەكشۈرۈش ،توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانلىرى ئارقىلىق 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ھەققىدە 1980-يىللاردا ئەڭ دەسلەپتە « شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى»، « شىنجاڭ ياشلىرى»، ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا بىر قانچە پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە ئاممىباب ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە ئۇچتۇرپانلىق شائىر، يەنى دادامنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىبراھىم قۇرباننىڭ « يەتتە قىزلىرىم» داستانىنىڭ پۈتۈن تارىخى ۋەقەلىكىنى ئۆزى بىۋاسىتە تەييارلاپ بەردى. شۇنىڭدەك ئەنە شۇ دادام توپلاپ بېكىتكەن « يەتتە قىز» ۋە ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك تارىخى تەپسىلاتلار 1984-يىلى ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن داڭلىق « مۆلچەر تاغ بورانلىرى» درامىسىنىڭ ئوينىلىشى ئۈچۈنمۇ خام ماتېرىيال ئاساسى بولدى.
دادام پۈتۈن ئۇچتۇرپان يۇرتلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئۇچتۇرپان ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەركىبىنىڭ 1765-يىلىدىكى قوزغىلاڭ ئالتە ئايلىق قارشىلىقتىن كېيىن بويسۇندۇرۇلۇپ،ئاھالە قىرغىن ۋە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن تۇرپان، قەشقەر، ياركەنت قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلىشىشى ئارقىلىق شەكىللىنىش جەريانلىرىنى تەكشۈرۈپ،بىر قانچە پارچە ماقالە تەييارلىدى.
دادامنىڭ يەنە بىر ئىزدىنىش تۆھپىسى: 19-ئەسىردە ئاقسۇ دىيارىدا ياشاپ، 1864-1865-يىللىرى ئارىسىدا كۇچاردا پارتلىغان راشىدىن خوجا رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭنىڭ پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلارغا يېيىلىشى ھەققىدە يېزىلغان تارىخى داستان « زەپەرنامە»نىڭ ئاپتورى موللا شاكىرنىڭ ئەسلى ئۇچتۇرپاندا ياشاپ، ۋاپات بولۇپ، سوۋۇتقا دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى، سوۋۇتقا دېگەن جايدىكى خەلق ئىچىدە پەقەت « بىر موللا»كىشىنىڭ قەبرىسى دەپ قارىلىپ كېلىنگەن ھەمدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بىر مازارنىڭ موللا شاكىرنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى خەلق ئىچىدىكى تۈرلۈك پاكىتلىق ئۇچۇرلار، تارىخى شەخسلەر ۋە مازار شەيخلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشلىرى ھەمدە يازما مەنبە ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىپ، « بۇلاق » ژۇرنىلىدا موللا شاكىرنىڭ قەبرىسىنى بېكىتىشكە ئائىت ئىلمى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە 100 يىل ئەتراپىدا ئىگىسىز قالغان بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى بېكىتىلىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەرنىڭ بىرى موللا شاكىرنىڭ قەبرىسى 1980-2000-يىللاردا خەلقنىڭ، جۈملىدىن زىيالىيلارنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى زىيارەت قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلاندى.
دادامنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى شۇكى دادام 1945-يىلى،لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزى، ئابدۇللا روزى ۋە باشقا ئاقسۇ زىيالىيلىرىنىڭ « ياش ئۇچقۇنلار تەشكىلاتى»نىڭ ئۇچتۇرپاندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇچتۇرپاننىڭ «ياش ئۇچقۇنلار»نىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى، سوپاخۇن سوۋۇروپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلار باشلىغان پارتىزان ئەترىتى ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، گومىنداڭ جاللاتلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندا تەڭلا قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئۇچتۇرپاندىمۇ ئابباسوفنىڭ ئىككى ئىنىسى باشلىق 18 ياشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ ھەقتە تۇنجى قېتىم دراما ئەسىرى يېزىپ ئېلان قىلدى ۋە مەخسۇس ئۇزۇن ماقالە تەييارلاپ، « شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ۋە باشقىلاردا ئېلان قىلدى. دادامنىڭ قارىشىچە، سوپاخۇن قاتارلىقلار باشلىغان پارتىزانلارنىڭ ئىنقىلابقا تەييار بولۇپ قالغان ئۇچتۇرپانغا كەلمەي، ئەكسىچە ئاقسۇدا ئۇزۇن تۇرۇشى تاكتىكا جەھەتتىن خاتالىشىش بولۇپ،ئەسلىدە ئۇلار ئۇچتۇرپانغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇچتۇرپان خەلقى ئىچىدىن ماسلىشاتتى ۋە شەھەرنى ئېلىش ئاسان ھەم قوشۇننى كۆپەيتىش ئاسان بولاتتى.جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى ناھىيەلەر ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئاڭ ساپاسى ھەم ئىنقىلابقا ئىنتىلىش قىزغىنلىقى نىسبەتەن يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇچتۇرپان ئاھالىسى،بولۇپمۇ ياشلىرى ئۆز يۇرتىدىن چىققان مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ قوشۇن باشلاپ ئاقسۇغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىدى.
دادام 1980-يىللاردا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئازراق نەپەس ئېلىش ئىمكانىيىتى بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇچتۇرپاندا ئۆلتۈرۈلگەن بۇ 18 قەھرىماننىڭ قىسمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ھەمدە ئوت يۈرەك شائىرلاردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا مۇناسىۋەتلىك ئىش-ھەرىكەتلىرى،جۈملىدىن ئابدۇللا روزىنىڭ « ئۆگەي ئانا» درامىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى ئايرىم پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئايرىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. دادام تارىخى نۇقتىدىن 1945-يىلى، 5-8-ئايلار ئارىسىدا ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپاندا غۇلجا ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان زىيالىيلارنىڭ مەخپىي تەشكىلاتىنى ئايرىم-ئايرىم تەشكىلات ئەمەس، بەلكى بىر تۇتاش تەشكىلات دەپ قارىغان. شۇ سەۋەبىدىن جاۋ خەنچى قاتارلىق جاللاتلار ئىككى جايدىكى زىيالىيلارنى ئوخشاش ۋاقىتتا قىرغىن قىلغان. دادام ئەنە شۇ ئۇچتۇرپاندا قىرغىن قىلىنغان 18 نەپەر ياش زىيالىي ئۈچۈن كوللېكتىپ خاتىرە يالدامىسىنى تىكلەش ئىستىكىدە بولۇپ، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ غايىسى ئەمەلگە ئاشمىدى.
دادام 1979-يىللاردىن تاكى ئۈچتۇرپاندىن قايتىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۈرۈمچى، قەشقەر،ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى يۇقىرى بىلىم دەرگاھلىرىدىن ئۇچتۇرپانغا پراكتىكىغا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ،خوتەن ۋە باشقا ھەر جايلاردىن بۇ ماكانغا زىيارەتكە كەلگەن زىيالىيلار، شائىر -يازغۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان كىشىسىگە ئايلانغان بولۇپ، دادام ئۇلارنى ھەر ۋاقىت يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى، موللا شاكىر مازىرى، مۆلچەرتاغ قاتارلىق جايلارغا باشلاپ چىقىپ، ئۇلارغا بۇ يۇرتنىڭ قەھرىمانلىق شەجەرىسىنى سۆزلەشنى ئادەت قىلغان ئىدى. دادامنىڭ ئاغزىدىن بۇ يۇرتنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق تارىخى مۇساپىلىرى ھەققىدە ئاڭلىمىغان ھەر كەسىپكە ئائىت ئادەملەر ئاز بولمىغان ئىدى.
دادامنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا،ئەينى يىللاردا ئۇيغۇرلاردا ئۆز خەلقىنىڭ شانلىق ئۆتمۈش تارىخى، تارىختا قۇرغان خانىدانلىقلىرى ، بۈيۈك نامايەندىلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ۋە بىلىشلەر كەمچىل بولغان. خەلق ئومۇمى يۈزلۈك ھالدا ئۆز تارىخىدىن بىخەۋەر قالغان. ھەتتا، ئۇچتۇرپان خەلقى ئۆز تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىرى رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەر ھەققىدە، مايسىخان باشلىق يەتتە قىزنىڭ قەھرىمانلىقلىرى، 19-ئەسىردىكى موللا شاكىر شۇنىڭدەك يەنە 1930-يىللاردا ئۇچتۇرپاندا خوجا نىياز ھاجىنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە 40-يىللاردا بۇ يۇرتتىكى ياش زىيالىيلارنىڭ ئېلىپ بارغان ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشلىرى ۋە باشقا كۆپلىگەن تارىخى ۋەقەلەردىن بىخەۋەر ئىدى. قەدىمى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مىللەتنىڭ تارىخىنى تىكلەش ۋە خەلقنى تارىخ بىلەن تەربىيىلەش مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى.

 

دادام تارىخ- تەزكىرە تەتقىقاتچىسى ئىدى

دادام تۇرسۇن بارات ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە توختىماي ئىزدىنىپ، 18-19-ئەسىردىكى ئۇچتۇرپاندا يۈزبەرگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر، يەنى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە باشقىلار ھەققىدە، 1930-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا يۈزبەرگەن تارىخى ۋەقەلەر، جۈملىدىن ئابدۇنىياز بەگنىڭ 1937-يىلىدىكى قوزغىلاڭ پائالىيەتلىرى، ئۇچتۇرپاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسۇ دىيارىدىكى يەر جايلار،مازارلار، مەدەنىي-مائارىپ ، سەنئەت تەزكىرىسى ۋە باشقا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە 100 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلدى ۋە تەييارلىدى.
دادامنىڭ ماقالىلىرى ئاساسلىقى، « شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، «« شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى»، « شىنجاڭ سەنئىتى»،« شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، « ئاسىيا كىندىكى»، « شىنجاڭ گېزىتى»،« ئاقسۇ گېزىتى»،« شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى» ھەم باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ تۇردى.

 

دادام تۇرسۇن بارات. ۋاشىنگىتون شەھىرى، ئاق ساراي ئالدىدا. 2016-يلى،11-ئاي

 

دادام ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا مەرھۇم ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بىلەن بىرلىشىپ، « قەدىمى دىيار ئۇچتۇرپان» ناملىق، ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمدىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سىياسىي تارىخى تەزكىرىسى، مەدەنىيەت-مائارىپ ، سەنئەت تارىخى، ئۇچتۇرپاندىكى مەشھۇر جايلار ۋە بۇ يۇرت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر شەخسلەر ۋە باشقا مەزمۇنلار بويىچە چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى تەييارلىغان ئىدى. دادام بۇ ئەسەرگە ئۆزىنىڭ 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇچتۇرپانغا ئائىت توپلىغان ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزگەن ئىدى. مول ۋە سىستېمىلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بۇ ئەسەر تۈرلۈك سەۋەب-ئامىللار نەتىجىسىدە 10 يىل ئەتراپىدا ئورىگىنالى قولىدا ساقلىنىپ، نەشر قىلىنماي قالدى. 2013-يىلى، ئىنىمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ ئەسەرنى نەشر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولدى.
دادام بۇنىڭدىن باشقا يەنە « ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى» ماۋزۇسىدىكى مەخسۇس كىتابىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر قايسى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ چاي مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلاردىكى ساماۋارخانا-چايخانا مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلاردىكى چاي ئىچىش ۋە تەييارلاش سەنئىتى ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
دادام ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان كۆپ يىللىق دوستلۇق مېھرىنى قەدىرلەپ ئۆزىنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدىكى مەخسۇس ئەسلىمىسىنى يازدى.دادامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسلىمىدە ئا.ئۆتكۈرنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى پائالىيەتلىرىمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
دادام ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئېلان قىلغان ماقالىلىرىنى يىغىشقا كىرىشىپ، ئۇنى تاللاپ بىر چوڭ ھەجىملىك ماقالىلەر توپلىمى تەييارلىغان ئىدى. لېكىن، دادامنىڭ يۇقىرىقى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىش كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالمىدى.
دادامنىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكىغا كەلگەندە،2005-يىلى، چاغاتايچە قول يازما شەكىلدىكى ئىككى پارچە تارىخى ئەسەرنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ھازىرلىغان قول يازمىسى قولۇمدا ساقلانماقتا.
دادام ي « جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ ،مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مەخسۇس تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە كۆپ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئىلمىي دوكلات بەرگەن ئىدى. دادام ئاخىرقى قېتىم 2015-يىلى، 78 ياشقا كىرگەنلىكى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىماي، لەنجۇدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان ئىدى.
دادام ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلىرىغىچە ، كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ قەلەم تەۋرەتتى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى تەزكىرىلىرى ھەققىدە سۆزلىدى. دادامنى يوقلاپ كەلگەن ھەر بىر كىشى، مەيلى قېرى، مەيلى ياش ھەر قانداق كىشى دادام بىلەن بولغان سۆھبەتتە دادامدىن ئۆز كېسىلى، ئۆز سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى تارىخى مۇساپىلەر، مەشھۇر ئەربابلار، ئۇلۇغ ئىنسانلار ھەققىدىكى تارىخى ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ قايتىشاتتى. دادام بىلەن كۆرۈشكەن كىشىلەر دادامنىڭ شۇنچە ئېغىر كېسەل ۋە يېشى 80 گە يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ھەم تارىخى-تەزكىرىلەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىدىن قايىل بولۇشقان ئىدى.

 

دادامنىڭ تۇنجى تارىخ دەرسلىرى

بىز ئاتا-ئانىمىزدىن تۆت پەرزەنت ئاپىرىدە بولدۇق. ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىز. دادام ۋە ئانام ھەر ئىككىلىسى مائارىپچى كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بىزلەرنى كىچىكىمىزدىنلا تەربىيىلەشكە، بىزلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. بولۇپمۇ ،ئۇلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەرگە بولغان قىزىقىشىمىزغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بولسا كېرەك بىز تۆت پەرزەنتنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنى ئوقۇدۇق.
دادامنىڭ ھاياتىمدا ماڭا قىلغان ھەر بىر مۇھىم تەربىيە سۆزلىرى ئېسىمدە قالغان بولۇپ ، ئۇ مېنىڭ تارىخ ئېڭىمنى ۋە تارىخقا بولغان قىزىقىشىمنى ئەڭ دەسلەپتە ئۆزى ئويغاتقان ئىدى. مەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان 1970-يىللاردا، كىتابخانىلاردىن بىرمۇ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتاب تاپقىلى بولمايدىغان ئاشۇ يىللاردا دادام ماڭا « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»، ئەخمەتجان قاسىمى، مەخمۇت قەشقەرىي ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە باشقىلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. مانا بۇلار مېنىڭ تۇنجى تارىخ دەرسلىرىم ھېسابلانغان ئىدى. بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا، تەخمىنەن باشلانغۇچە مەكتەپنىڭ 3-سىنىپلىرى بولسا كېرەك، مەن بىر كۈنى «لېنىن ئۆكتەبىردە» دېگەن فىلىمنى كۆرۈپ، دادامغا «ئورۇسلارنىڭ ئەسكەرلىرى بەك ھەيۋەتلىككەن، ئاجايىپ ئات چاپتۇرىدىكەن» دېسەم، دادام كۈلۈپ كېتىپ، « ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇلاردىنمۇ ھەيۋەتلىك بولغان ئىدى.ئۇلار ئات مىنىشقا ئاجايىپ ئۇستا ئىدى» دېدى.مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكىرى قانداق ؟ دەپ سورىسام« ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئىلى ئارمىيىسى ياكى مىللىي ئارمىيە دەپ ئاتايتتى، ئۇلار غۇلجىدا تۇراتتى.گومىنداڭنى قوغلاپ ماناس دەرياسىغىچە بارغان» دەپ چۈشەندۈردى.مەن : « سەن ئۇلارنى كۆرگەنمۇ ؟» دەپ سورىسام دادام؛« مەن كۆرگەن.ئۇلار قەشقەرگە كەلگەندە مەن كۆرگەن ئۇلار بەك ھەيۋەتلىك ئىدى. ئۇلار بەك يوغان، ئېگىز، مۆرىلىرى كەڭ، قوراللىرى خىل ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىدى، ئۇ چاغدا مەن قەشقەردە ئوقۇۋاتاتتىم.ئۇلارنى كۆرگەن ھەممە ئادەملەر خۇش بولۇپ، يىغلىشىپ كەتكەن ئىدى» دەپ تەسۋىرلىدى. دادام يەنە « ئۇ ئارمىيە 1949-يىلى، ئۇچتۇرپانغىمۇ كەلگەن ئىدى» دېدى.ئېسىمدە قېلىشىچە، دادام يەنە ئەخمەتجان قاسىمى ، غېنى باتۇر ۋە سادىر پالۋانلار ھەققىدىمۇ كۆپ سۆزلىدى. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزدىن خۇاڭ جىگۇاڭ ، ۋاڭجې، دوڭ سۇڭرۈيلەرنى قەھرىمان دەپ بىلەتتۇق. ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇنداق قەھرىمانلار بار دەپ ئويلىمىغان ئىدۇق. مانا شۇنىڭدىن كېيىن مەن پات-پات دادامدىن ئاشۇنداق ۋەقەلەرنى سورايدىغان بولدۇم، داداممۇ ئېرىنمەي جاۋاب بەردى ھەم شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مەن ئالىي مەكتەپكە كەتكۈچە پات-پات دادام ۋە ئانام بىلەن تارىخىي ۋەقەلەر، بولۇپمۇ ئاقسۇ، ئۇچتۇرپانلاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە باشقىلار ھەققىدە سۆزلىشەتتۇق. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە تارىخقا بولغان كۈچلۈك قىزىقىش ھېسسىياتىمنى ئۇرغۇتقان ئىدى.ئەمەلىيەتتە دادام ماڭا ئۇيغۇر تارىخى دەرسىنى ئۆز ئۆيىمىزدە بالىلىق ۋاقتىمدىلا باشلاپ بولغان ئىدى.شۇڭا كېسىپ ئېيتىمەنكى، دادام مېنىڭ تۇنجى تارىخ ئوقۇتقۇچۇمدۇر.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا دادام بىلەن مۇشۇ ئەھۋاللار ھەققىدە پاراڭلاشقىنىمدا، ئۇ ماڭا: « ئەۋلاد ئالدى بىلەن ئائىلىدە تەربىيەلىنىدۇ.ئۇنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا ئاساس سالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا سەندەك باشلانغۇچە مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىلا ئەمەس، ھەتتا زور ساندىكى چوڭ ئادەملەرمۇ، ھەتتا بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىدىن بىخەۋەر ئىدى. مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇر تارىخى دېگەن گەپ يوق ئىدى. مەن ساڭا ئەمەلىيەتتە دەرسنى ئۆزۈم بەردىم.ئەۋلاد تالىشىش كۈرىشىدە مەن يەنىلا غالىپ چىقتىم دەپ ئويلايمەن. بىراق، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلار يەنە ئۆز مىللىي تارىخىدىن ساۋاتسىز قېلىشى مۇمكىن. كاللىسى ئوچۇق، ئۆز مىللىي تارىخىدىن ئاز تولا بولسىمۇ خەۋەردار ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى مۈشكۈل.قىسقىسى، ئەسلىدە ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازىدۇر» دېگەن ئىدى.
ھەقىقەتەن، بىزنىڭ ئائىلىمىزدە، ھەر ۋاقىت دادام-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم ئارىسىدا تارىخىي مەسىلىلەر، يېڭى چىققان كىتابلار، بىرەر داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆز بولاتتى. ئاناممۇ چىققان ھەر قانداق رومان ۋە تاللاپ بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇپ تۇراتتى. تارىخى تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى تولۇق كۆرەتتى ۋە بۇلاردىكى كۈچلۈك ئەقلى سۆزلەرنى خاتىرىلىۋالاتتى.
مەن ئوقۇپ يۈرگەن يىللاردا دادامنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھامى ئاستىدا مەندە ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ۋە يەتتە قىزنىڭ باتۇرلۇقى ھەققىدە بىر رومان يېزىش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ، يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، « قانغا بويالغان تاغ» رومانىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ بابىنى پۈتتۈرگەن ئىدىم. دادام بۇ ئەسىرىمنى ئەينى ۋاقىتتا ئۇچتۇرپانغا كەلگەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە كۆرسىتىپتۇ. ئۆتكۈر ئەپەندى بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ، مەن يازغان مەزكۇر تارىخى روماننىڭ ئۈچ بابىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ، بۇلارنى بىرەر ژۇرنالدا ئېلان قىلىشنى تەۋسىيە قىپتۇ. نەتىجىدە، بۇ ئەسىرىمنىڭ بىر بابى ئەينى ۋاقىتتىكى « ئاقسۇ ئەدەبىياتى»نىڭ 1985-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنىپ ئىجابىي تەسىر قوزغىدى.
دادامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەر 1980-يىللاردا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يازغان تۇنجى تارىخى پروزا ئەسىرى دەپ قارالغان ئىكەن. دادام ۋە باشقا بىر قانچە كىشى مەسئۇل بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇچتۇرپاندا « توققۇز بۇلاق چېچەكلىرى»ناملىق ژۇرنال چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ ژۇرنال سەھىپىلىرىدە دادامنىڭ قوللىشى ۋە ئىلھامى ئاستىدا 1982-1984-يىللىرى ئارىسىدا ھېكايە ،شېئىر ۋە تارىخى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىدىم.
مەن بېيجىڭدا تۈركىي تىللار،ۋە ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇساممۇ،ئەمما دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق ئوقۇيدىغان ماتېرىياللىرىم يەنىلا تارىخ بولغان ئىدى. 1987-1988-يىلى، بېيجىڭدا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت چاغاتاي تىلى ۋە پارس تىلى ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇردۇم، ئارقىدىن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بېرىپ، يۇقىرى نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئىنستىتۇتىغا تارىخ بويىچە ئاسپىرانت بولدۇم ۋە 1990-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ كىرىپ، مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر تارىخى ئۆگەندىم ھەمدە 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەنبەشۇنسلىق مەسىلىلىرى بويىچە ئوقۇپ، ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە تارىخچى پروفېسسور دمىترى ۋاسىليېفنىڭ يېتەكچىلىكىدە دىسسېرتاتسىيە يېزىپ تاماملاپ ۋە ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلاردىن ،پروفسسور د.م. ناسىلوۋ، پروفسسور ل.چىۋىر، پروفېسسور س.كىلياشتورني، ئاكادېمىك ب.لىتۋىنسكىي، پروفسسور ب.گۇرىيېۋىچ قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە دىسسېرتاتسىيەمنى يۇقىرى بالاپ پىكرى بېرىشى ئارقىسىدا تارىخ بويىچە دوكتور بولدۇم.

 

 

ئەنە شۇ دادىمىز يېتەكلىگەن يول ۋە ئۇلارنىڭ پەرۋىش قىلىشىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بىر ئائىلىدىن مەن ۋە ئىنىم ئايرىم -ئايرىم ھالدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تارىخ ۋە پەلسەپە ساھەسىدە دوكتور بولدۇق. مەن مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى بويىچە، ئىنىم مەخسۇس ئۇيغۇر پەلسەپىۋى ئىدىيەلەر تارىخى بويىچە يېتىشىپ چىقتۇق. ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور ئەزىز نارىنبايېفنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بىۋاسىتە مەزكۇر زاتنىڭ قولىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى، بۇددىزم دەۋرى پەلسەپىسى بويىچە تەتقىقات يۈرگۈزگەن ۋە بۇ ساھە بويىچە 6 يىلدا 2003-يىلى، دىسسېرتاتسىيە ياقىلىغان.ئۇنىڭ بۇ ساھە بويىچە رۇس تىلىدا كۆپ ماقالىلىرى ۋە بىر كىتابى نەشر قىلىنغان ئىدى.
ئەلۋەتتە، 1995-يىلى، ۋە 2003-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تارىخ ۋە پەلسەپە بويىچە دوكتور بولغانلارنىڭ سانى چەكلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئائىلىدىن ئىككى ئوغۇل بۇ ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغان ئەھۋال كەم دېيەرلىك بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك،دادام مەندىن ۋە ئىنىمدىن پەخىرلەنگەن ئىدى. بولۇپمۇ مېنىڭ ھەر بىر باسقان قەدىمىم ۋە ئىزدىنىشلىرىم دادامنىڭ دىققىتىدىن قالمايتتى.مېنىڭچە بۇ بىر نورمال ھادىسە بولۇپ، ئۆز ئوغلىنىڭ ياراملىق ئادەم بولغانلىقىدىن خۇش بولمايدىغان ۋە ھەتتا پەخرلەنمەيدىغان بىرمۇ دادا بولمىسا كېرەك. دادام، مەن ئۈرۈمچىگە تەتىلگە بارغاندا، مېنى بىر قىسىم تارىخى شەخسلەر بىلەن، يەنى سوپاخۇن سوۋۇروف، ئابدۇللا تالىپ ۋە باشقىلار بىلەن ئۆزى باشلاپ بېرىپ كۆرۈشتۈرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن تارىخى ۋەقەلەرنى ئاڭلىشىم ئۈچۈن ئىمكانىيەتلەر ياراتقان ئىدى. 1944-1949-يىللاردىكى ئىنقىلاب رەھبىرىي شاھىدلىرىدىن سەيدۇللا سەيپۇللايېف، ھاكىم جاپپار بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى بىر قانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلار دادامنى تولىمۇ خۇشال قىلغان ئىدى. قىسقىسى ، دادام مېنىڭ تارىخنى كىتابتىنلا ئەمەس، بەلكى تارىخ ياراتقان ۋە تارىخى يارىتىشقا قاتناشقان تىرىك شاھىتلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۆگىنىشىمنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ مېنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنە خېلى كۆپ مىللىي ئىنقىلاب شاھىدلىرىنى زىيارەت قىلىشىم ئۈچۈن تۈرتكە بولدى.

 

ۋەسىيەت ئەمەس ۋەسىيەت

ھەر بىر ئاتا-ئانا دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا پەرزەنتلىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇش ۋە رازىلىق بىلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ.لېكىن، مېنىڭ دادام بىزگە ۋەسىيەت قالدۇرالمىدى. مەيلى يازما ۋە ياكى ئاغزاكى بولسىمۇ ۋەسىيەت قالدۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇخلىغان دادام، 8-سېنتەبىر كۈنى بامدات نامىزى ئالدىدا شۇ ئۇخلىغان پېتى ئالەمدىن ئۆتتى. بەلكى شۇ كېسەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇخلاشتىن بولسا كېرەك ۋەسىيەت قالدۇرالمىغان بۇلۇشى مۇمكىن. دادام، 2017-يىلى، 8-سېنتەبىر كۈنى،يەنى جۈمە كۈنى نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، شۇ كۈنى دەپنە قىلىندى. پۈتۈن ئەل-جامائەت دادامنىڭ جۈمە كۈنىدە ۋاپات بولۇپ، ئۆز يېرىدە ياتقانلىقىنى ئاللانىڭ ئىلتىپاتى، يەنى دادامنىڭ ھەقىقىي خەلق پەرزەنتى، ئۆز خەلقىنى سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغان، ئۆمۈرۋايەت ئۇنىڭ ھەققىدە باش قاتۇرغان ئىنسان بولغانلىقىنىڭ مۇكاپاتى دەپ تەرىپلەشكەن. دادامنىڭ بىرەر ۋەسىيىتى قالمىغان ئەھۋالدا مەن دادامنىڭ ئىلگىرى ماڭا قىلغان سۆزلىرى ۋە مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، شۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەمەلىي ۋەسىيەت دەپ چۈشەندىم.
1981-يىلى، مەن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 405 نومۇر بىلەن 2-ئورۇننى ئىگىلەپ،بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا تاللاندىم.دادام مېنى ئۈرۈمچىگىچە ئۇزىتىپ كېلىپ يولغا سېلىپ قويدى. دادام شۇ چاغدا: « ئوغلۇم سەن ئەمدى ئۇچۇرتما قۇشقا ئوخشاش مۇستەقىل ھايات سەپىرىگە يول ئالدىڭ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يوللارنى ئۆزۈڭ تاپىسەن ۋە ئۆزۈڭ ماڭىسەن.ساڭا دەيدىغان تۆت سۆزۈم بار. بىرى ياخشى ئوقى، ئوقۇشتا باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالما، يەنە بىرى ئۇستازلارنى ھۆرمەت قىل، ئۈچىنچىسى، كەلگۈسى نىشانىڭنى بەلگىلە، تۆتىنچىسى بېيجىڭدا تارىخى ماتېرىياللار كۆپ، تارىخنى ياخشى ئۆگەن» دېگەن ئىدى.
1985-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقسىم قىلىنىپ، شۇ يەردە ئىشلىدىم ۋە بۇ جەرياندا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتى بولدۇم. 1990-يىلى، موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانتلىق ھاياتىمنى باشلاپ، تاكى 1996-يىلىغىچە مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئوقۇدۇم. مېنى موسكۋا سەپىرىگە ئۇزاتقان ۋاقىتتا دادام ماڭا يەنە : « ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلىرىم بار. سەن مانا ئەمدى مەخسۇس تارىخ كەسپى بويىچە ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجىلاردىن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى-سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تارىخ ئوقۇشقا كىرىۋاتىسەن، بىرىنچى، ھەقىقىي ۋە ئىلمىي تارىخشۇناس بول، خەلق تارىخچىسى بولغىنكى، خۇددى ئوردا شائىرلىرىغا ئوخشاش ئوردا تارىخچىسى بولما، تارىخنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنىڭ سىرلىرىنى ئېچىش يولىدا ئىزدەن»دېگەن ئىدى.
1995-1998-يىللىرى مېنىڭ موسكۋا ھاياتىم ھەققىدە يازغان «موسكۋا خىياللىرى» « تەڭرىتاغ » ۋە « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئۇدا ئېلان قىلىنىپ، خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ كەڭ زىيالىيلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا بىر مەزگىللىك قىزغىنلىق قوزغىدى. دادام بۇ ئەسىرىمدىن ئەڭ بەكرەك ھۇزۇرلاندى. چۈنكى دادام مەندىن كۈتكەن نۇرغۇن ئوي-پىكىرلەر، ئىدىيەلەر بۇ ئەسەردە بار ئىدى.
1996-يىلى، مەن يەنە ئىلىم ئۆگىنىش سەپىرىگە ئاتلاندىم، دادام مېنى ئۆزى ئايرودرومغا ئېلىپ چىقىپ ئۇزىتىپ قويۇپ، « ئەمدى سەن ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇساپىرلىق سەپىرىگە ئاتلانغاندەك كۆرۈنىسەن، مەن سەندىن رازى، سېنى ئاللاغا تاپشۇردۇم» دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. ھەقىقەتەن، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سەپەرگە ئاتلانغانلىقىمنى كېيىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم، دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مەن دادامنىڭ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھازىرقى كۈنۈمنى بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرىلا كۆرۈپ بولغانلىقىنى چۈشەندىم.
دادام ئېيتقان بۇ ئۇزۇن مۇساپىرلىق سەپىرى جەريانىدا 2004-2005-يىلى دادام ۋە ئانام ئامېرىكىغا كېلىپ، ئائىلەم بىلەن بىرگە ياشاش پۇرسىتى بولدى. ئۇلار مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇدا ئۈچ يىل ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن يول ماڭدى ۋە ئاخىرى ئامېرىكىغا كېلىپ مەن بىلەن بىرلەشتى. ئۇلار بىلەن ئۇنتۇلماس بىر يىلنى ئۆتكۈزدۈم. دادام ۋە ئانام ماڭا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى. ئارىلىقتا 9 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن، ئانامنى قايتا كۆرەلمىدىم، يەنى، 2013-يىلى، 21-ماي كۈنى ئانام رەھمەتلىك بولدى. ئارىلىقتا 45 كۈن ئۆتۈپ، يەنى 2013-يىلى،7-ئاينىڭ 6-كۈنى دادام بىلەن بىرگە قەشقەرگە ئۆز ئىشى بىلەن بارغان ئىنىم، دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قەشقەر پەيزىۋاتتىكى دوختۇرخانىدا، تۇيۇقسىز ۋە غەلىتە شەكىلدە 40 يېشىدا قازا قىلدى.دادام مەخسۇس ماشىنا كىرا قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئوغلى ئابدۇرېھىمنىڭ جەسىتىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلدى.ئوغلى ئابدۇرېھىمنىڭ مۇنداق تېز ۋە تۇيۇقسىز قازا قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان دادام ئۆزىنى نەگە قويۇشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى تۇتۇشقا تىرىشقان، ئىنىمنىڭ بىرەر تەتقىقات ئورنى ياكى بىلىم دەرگاھلىرىدا ئىشلەپ، ئۆز قابىلىيىتى ۋە بىلىمىنى خەلققە تەقدىم قىلىشتىن چەتتە قېلىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ، سودا-سېتىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىدىن يىراقتا قېلىشى، ئاخىرىدا ئىنىمنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ۋە باشقا مەسىلىلەر دادامنى ناھايىتى ئېچىندۇرغان بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە دادامنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. نەتىجىدە، ساغلاملىقى ئالاھىدە ياخشى، ھەرىكەتچان ، كىشىلەرنىڭ مەسلىكى كېلىدىغان دادام بىردىنلا تېز قەدەم تاشلاپ ماڭالمايدىغان، بىر جايدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
2013-يىلى، 12-ئايدا دادام ساياھەت شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ساياھەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا، مەن 9 يىل كۆرمىگەن دادام ۋە 17 يىل كۆرمىگەن سىڭلىمنى كۆردۈم. دادام بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ كۆپ شەھەرلىرىنى بىرگە ئايلاندىم ۋە ئاخىرىدا ئەنقەرەدىكى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك قەبرىسىنى بىرلىكتە تاۋاپ قىلدۇق. دادام ئاتاتۈرك قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس خاتىرە دەپتىرىگە ئۆز قەلىمى بىلەن بىر قانچە جۈملە خاتىرە سۆزلىرىنى يېزىپ قالدۇردى شۇنىڭدەك مەن قەبرە ئالدىدا دادام بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتۈم. ئارىلىقتا تۆت يىل ئۆتۈپ، 2016-يىلى، دادامنىڭ يىغىۋېلىنغان پاسپورتى قايتۇرۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكا ۋىزىسىنى ئالدى، ئەمما بۇ ۋاقىتتا دادام ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئىدى.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، دادام كېسەل بەدىنىنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىغا مېنى كۆرگىلى كەلدى ۋە پەقەت 20 كۈن تۇردى. بۇ 20 كۈن مەن ئۈچۈن ئەبەدىيلىك 20 كۈن بولۇپ قالغان ئىدى. ئاللانىڭ ماڭا بەرگەن بۇ پۇرسىتىگە چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، چۈنكى بۇ 20 كۈن، مەندەك يېشى 50 تىن ئاشسىمۇ، يەنىلا ئاتا مېھرىگە موھتاج،دادامدەك ئوغلىنىڭ يېشى 50 تىن ئاشسىمۇ، يەنىلا دادىلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشكە ئىنتىلىدىغان ئاتا-بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن زور تەسەللى ئىدى.

 

 

دادام بۇ 20 كۈندە ماڭا يەنە كۆپلىگەن قىممەتلىك سۆزلەرنى ئېيتتى ۋە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر، تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ھەم باشقىلارنى كۆپلەپ سۆزلەپ بەردى. بۇ كۈنلەردە دادامنىڭ روھى كەيپىياتى ناھايىتى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.چۈنكى، مەن دادامنى مەن دائىم ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچكەچ تارىخى ئەسەرلىرىمنى يازىدىغان قەھۋەخانىلارغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چاي ئىچتىم. مەن دادامغا ئۇ بۇرۇن كۆرگەن ۋە تۇرغان ، تاماق يېگەن جايلار ۋە ماڭغان يوللارنى كۆرسەتتىم. دادامنى بىلىدىغان دوستلارمۇ ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ كۆرۈشتى. دادامنى ئاقساراي ۋە دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپ كۆرسەتتىم.دادام ئىلگىرى بۇ يەرلەرنى ئانام بىلەن بىرگە كۆرگەن ۋە سۈرەتلەرگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرغان ئىدى. ئۇ ئاق ساراي ئالدىغا كەلگەندە ، بۇ يەردە مەن بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ جايدىكى ئورۇندۇقلاردا ئۇزۇنراق ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. دادام ماڭا بۇ جەرياندا مەن باشلاپ قويۇپ، داۋاملاشتۇرمىغان « ئاق ساراي خىياللىرىم»نى چوقۇم يېزىپ پۈتتۈرۈشمنى تەكىتلىدى.
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 24- كۈنى، دادامنى ئايروپورتقا ئېلىپ چىقىپ يولغا سېلىپ قويدۇم. ئايرىلىش ئالدىدا قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندا دادامنىڭ كۆزىدىن بىر قانچە تامچە ياش تۆكۈلگەنلىكىنى كۆردۈم ۋە مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. دادام ماڭا دېگەن سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى جېكىلىدى . مەن دادامغا «مەن سىزنىڭ چوڭ ئوغلىڭىز بولساممۇ لېكىن، سىزگە ۋە ئانامغا خىزمەت قىلىپ بېرەلمىدىم. مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا چوڭ ئوغۇللۇق بۇرچىمنى ئادا قىلالمىدىم، بۇ قېتىم تۇرغان ۋاقتىڭىزمۇ بەك قىسقا بولۇپ قالدى، مەن يېتەرلىك خىزمەتتە بولالمىدىم»دېدىم. دادام ماڭا تىكىلىپ قاراپ، « سەن ئوغۇللۇق بۇرچىڭنى ئەڭ ياخشى ئادا قىلدىڭ. مەرھۇم ئاناڭمۇ سەندىن رازى ئىدى.مەنمۇ سەندىن رازى، ئوغۇل پەرزەنتنىڭ بۇرچى پەقەت دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۇتۇپ، تاماق يېگۈزۈپ ياكى ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشلا ئەمەس، ئوغۇل بالىنىڭ بۇرچى ھەم يۈكسەك مەنىلەرگە ئىگە.شۇڭا مەن سەندىن رازى » دېدى-دە ،ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ كەتتى. دادامنىڭ بۇ سۆزىدىن مەن چەكسىز ھاياجانلاندىم ۋە جىكىلىگەن سۆزلىرىنى دەرھال ئېسىمىغا ئالدىم، يەنى دادام مېنىڭ يېزىپ تاماملىغان ۋە يېزىۋاتقان تارىخى ئەسەرلىرىمدىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن مەندىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تاكى كۈنىمىزغىچە بولغان سىياسىي تارىخىنى ئىلمىي ۋە مۇكەممەل رەۋىشتە يېزىپ چىقىشىمنى، ۋاقىتلارنى قەتئىي زايە قىلماسلىقىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مانا بۇنى مەن ھازىر دادامنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيەت ۋە رازىلىق سۆزلىرى تەرىقىسىدە چۈشەنمەكتىمەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كۆچمەن بولۇپ ماكانلىشىپ قالغىنىمغا 20 يىل بولۇشقا قاراپ كېتىپ بارماقتىمەن، ئاللاغا مىڭ شۈكۈر !، مۇساپىرلىق ھاياتنىڭ ماڭا نېمىلەرنى ئاتا قىلغانلىقى مەن ئۈچۈن ئەمەلىيەتتىن ئەمەس، بەلكى پەلسەپىۋى نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈشۈمگە تۈرتكە بولماقتا.
مەن، ئايالىم ۋە قىزىم داداملارنىڭ ئارقىسىدىن ئايرىلىشنى قىيمىغان ھالدا قاراپ تۇردۇق.شۇ زامات مېنىڭ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. دېمەك ھەقىقەت شۇكى،پەرزەنت قانچە چوڭ بولسۇن، ھەتتا قېرىسۇن، ئۇ بەرىبىر دادىنىڭ ئالدىدا يەنىلا پەرزەنت. دادا پەرزەنت ئۈچۈن ئەبەدىي دادا!  بۇ بۇزۇلماس ئىنسانى قانداشلىق ھەقىقىتىدۇر !

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 126

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش