ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي موزىكىلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچە

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي موزىكىلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى

ئىلاۋە: ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئانترپولوگىيسى جەھەتتىن قارىغاندا، دىن بىلەن سەنئەت شەكلىنىڭ باغلىنىشى بىر خىل ئورتاق ھادىسە، بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ دىنىي تۈسى ھەمدە دىنىي تۈستىكى سەنئەت ھەققىدە تارىخ ۋە ئىلمىي، دىئالىكتىك ھالدا تەپسىلى تەھلىل قىلىنغان. بۇ ماقالە مەلۇم سەنئەت تەتقىقاتچىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەرھۇم دادام مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى نىڭ قەلىمى ئاستىدا ھەرقايسى سەنئەت ژورناللىرىدا ئىلان قىلىنغان. كىيىن نەچچە قىتىملاپ تولۇقلانغان بۇ ئەڭ ئاخىرىدا تۈزۈتۇلگەن قىسمى. مۇشۇ ساھە توغرىسىدا «كاۋاك چالمىسى» بولسۇن ئۈچۈن مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
ئاساسىي مەزمۇنى: ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى شۇنداقلا ئەرەپ-ئىسلام مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلدى. جۈملىدىن مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە دىنىي مۇراسىملار تۈپەيلى كۆپ تۈركۈمدىكى موزىكا ئاھاڭلىرىدىن پايدىلىنىپ «كۈندىلىك دىنىي موزىكىلار»، «خانىقا موزىكىسى»، «ۋائىز-مەدداھلىق موزىكىسى»، «ئاشىقلار موزىكىسى»، «باخشىلار موزىكىسى» دەيدىغان موزىكا ئاھاڭلىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ موزىكىلارنىڭ دىنىي تۈسى قويۇق، مەلۇم جەھەتتە ئاۋام موزىكىلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. مەزكۇر ماقالە بۇ موزىكىلارنى بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسسى قاتارىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ ھەمدە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، بۇ موزىكىلارنى تەنقىدىي نەزەر بىلەن تەھلىل قىلىش ۋە رەتلەش لازىم دەپ قارايدۇ.
ھەر قانداق مىللەتنى موزىكا مەدەنىيتى شۇ مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق دىنىي موزىكا شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى موزىكىلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان موھىم تەركىبى قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى موزىكا بىلەن دىنىي موزىكىلارنىڭ مۇنداق زىچ بىرلىشىپ كېتىش ھادىسىنى دۇنيادىكى كەڭ ئوموملاشقان، دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە بولغان، ئوموم ئېتىراپ قىلغان مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تارىخ تەتقىقاتى ھەمدە ئاتاقلىق تەتقىقاتچىلار بىردەك «دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىرلىشىپ كېتىش ھادىسسى» دەپ قارايدۇ.
ئىنسانىيەت ئېتىقاد دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن دىنىي ئېتىقاد ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە چۇڭقۇر سىڭىپ يىلتىز تارتىپ كەتكەن. مۇنداق زىچ باغلىنىش نەتىجىسىدە «ئېتىقاد» ئىنسانلار ھاياتىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىگە، يەنى ئىنسانلار مەدەنىيتىنى شەكىل قىلغۇچى ئەڭ نېگىزلىك ئامىلغا ئايلانغان. شۇڭا، خەلقنىڭ مۇئەييەن ماكان، مۇئەييەن زاماندىكى مەدەنىيەت گۈللىنىشىنى شۇ ماكان، شۇ زاماندىكى «دىن» نىڭ يۈكسىلىش تەرەققىياتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، «خەلقنىڭ دىنى-شۇ خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئەينىكى» دىن ئىبارەت. «ئېتىقاد» نى يادىرو قىلغان دىن، بىر خىل پىسخىكىلىق ئامىل ھېسابلانغان ئۆرپ-ئادەت، مەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئېتىقاد ھادىسسى سۈپىتىدە مۇئەييەن بىر دىنىي قاراشنىڭ ئىنكاسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەۋەلىك سەزگۈسى ئىنتايىن كۈچلۈك.
«دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىرلىشىپ كېتىش ھادىسسى» ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى. «دىن» بىر خىل دۇنياۋى ھادىسە بولۇپ، ئۇ، خەلقئارالىق، تارىخىيلىق، ئاممىۋىيلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك خۇسۇسىيتىگە ئىگە. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىغا دىققەت بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىگە قايسى خىل دىن تارقالغان بولسا، شۇ دىنغا مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەت سىڭىپ كىرگەن ھەمدە كەڭ ئوموملاشقان. ئۇ، ناخشا-موزىكا، ئۇسسۇل، رەسىم، ھەيكەلتاراشلىق، بىناكارلىق-ممارلىق، نەققاشكەرلىك، كېيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، مۇئامىلە-مۇناسىۋەت، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مىللىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئۆزلەشكەن. «دىن» بىلەن «تۇرمۇش» شۇ قەدەر مەھكەم باغلىنىپ، چىرمىشىپ كەتكەنكى، تولا چاغلاردا قايسىسىنىڭ دىنىي مەدەنىيەت، قايسىسىنىڭ يەرلىك ئۆرپ-ئادەت ئىكەنلىكىنى ئايرىش قېيىن. مۇنداق بىرلىشىش شۇ مىللەت خەلقىنى ئەقىدە-ئېتىقاد، تەپەككۇر شەكلى، دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى پىسخىكىلىق ئادەت، ئىنسان شەخسىيتىدىكى مۇھەببەت-نەپرەت ھەمدە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە كۈچلۈك ھەم سەزگۈر ھالدا ئەكس ئېتىپ كەلگەن.
«دىن» بىلەن «مەدەنىيەت» نىڭ بۇ خىلدىكى بىرلىشىپ كېتىش ھادىسسىنى بىر خىل ئىجىمائىي رېئاللىق، ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت دەپ تونۇش، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭغا مۇئەييەن باھا بېرىش، توغرا، ئىلمىي ھالدىكى، دىئالېكتىك ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق قاراشنىڭ دەل ئۆزى.
ئۇزۇن يىللارنىڭ مابەينىدە نۇرغۇن مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، سەنئەتكارلار، ئالىم-مۇتەخەسىسلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيتى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ موھىم مەزمۇنى بولغان ئەنئەنىۋى كىلاسسىك موزىكا «12 مۇقام» ۋە باشقا ساھەلەردە چۇڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. موزىكا مەدەنىيتىگە دائىر كۆپلىگەن مىسرالار، ئېسىل، ياخشى ئەنئەنىلەر قوغداپ ساقلىنىپ قېلىندى. نۇرغۇن كونا نەرسىلەردىن ئاجايىپ نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. لېكىن ھەرخىل سەۋەپلەر، كۆز قاراش، تەتقىقات نىشانى جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشى، خەلق سەنئىتى ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەن دىنىي موزىكىلارنى تەكشۈرۈش، توپلاش، رەتلەش خىزمىتىدە ھېچقانچە ئىلگىرلەش بولمىدى، ياكى بۇ ساھە پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىر چەتكە قايرىپ قويۇلدى. مۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك، كۆز قاراش ۋە قاتماللىق نەتىجىسىدە يېڭى ئەۋلادلار، مەدەنىيەت، سەنئەت، موزىكا تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ موزىكا مەدەنىيتىنىڭ موھىم تەركىبى قىسمى بولغان ئۇيغۇر دىنىي موزىكىلىرىغا بولغان چۈشەنچە، تونۇش، بىلىم-مەلۇمات ئانچە-مۇنچە پارچە-پۇرات چۈشەنچە بىلەنلا چەكلەندى. مەدەنىيەت، تارىخ، ئەنئەنە، مەدەنىي مىراس نوقتىئىينەزەر جەھەتتىن تولۇق، مۇكەممەل، سېستىمىلىق چۈشەنچە بولۇپ شەكىللەنمىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بىزنىڭ موزىكا مەدەنىيتى ھەققىدىكى دەرسلىك، تەتقىقات ماتېرىياللىرىمىزدا «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي موزىكىلىرى» دېگەن ئالاھىدە بىر باپ يېزىلمىدى. بۇ ساھە ھازىرغىچە بىزنىڭ موزىكا تەتقىقاتىمىزدىكى بىر بوشلۇق بولۇپ كەلمەكتە، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتى ئۆز مىللىي مەدەنىيتىدىكى موھىم تەركىپ بولۇپ، ئالاھىدە بىر سەۋىيەگە يەتتى. نۇرغۇن كىتاپلار، ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلىپ، نەشىردىن چىقتي. ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل سەيلە-ساياھەتچىلىرى، تەتقىقاتچىلار خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ ساھەگە خېلىدىن بېرى ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇزاق يىللىق ئەمەلىيەت ۋە تەتقىقات نەتىجىسىگە ئىگە بولغان سەنئەت تەتقىقاتچىسى سەپەر ھۈسىيىن ئەپەندى 1987-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ «سەنئەت تەتقىقات ئورنى» دىكى ئۈچ نەپەر تەتقىقاتچى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەشقەر رايۇننى نوقتا قىلغان ھالدا خەلق ئارىسىدىكى «دىنىي موزىكىلار» نى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى موزىكىلىرى ھەققىدە نىشانلىق، ئەستايىدىل ھالدا، ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.
بۇ تەتقىقاتچىلار قەشقەر شەھرى، يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزا، ھاراپ يېزا، كونا شەھەر ئوپال يېزا، يەكەن ناھىيە بازىرى، قوشراپ يېزا، كاچۇڭ يېزا، مەكىت ناھىيە بازىرى، يانتاق يېزا، قىزىل ئاۋات يېزا قاتارلىق توققۇز ئورۇندا تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، 24 نەپەر ۋەكىللىك خاراكتېردىكى يەرلىك خەلق سەنئەتچىلىرى، دىن ساھەسىدىكى ئەرباپلار، مەدەنىيەت، سەنئەت، موزىكا ساھەسىدىكى نوپوزلۇق كىشىلەر بىلەن تەپسىلىي سۆھبەت، پىكىرلىشىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ نەق مەيداننى كۆرۈش، زىيارەت قىلىش، رەسىمگە، سىنئالغۇغا ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولدى. ھەمدە بۇ جايلاردىكى ھەرخىل سورۇنلاردىن دىنىي پائالىيەتلەرنى، قۇربان ھېيىت قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇراسىملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نۇرغۇن بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى يىغىپ، رەتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېسسىيات، باھا، چۈشەنچە، تەسىراتلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي موزىكىلىرى ھەققدىكى مەسىلىگە تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش شۇنداقلا ئۇنى بىر ئىلمىي مەسىلە دەپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر خەلقى-جۇڭگۇدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ئىچىدە نوپوسى كۆپ، چوڭ مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىيە 9-، 10-ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. تارىختىكى نۇرغۇن قانلىق، قانسىز كۆرەشلەر بىلەن ئىسلام دىنى تەدىرىجى ھالدا پۈتكۈل شىنجاڭ دىيارى دائىرسىدە ئوموملاشتى، ئۇيغۇر خەلقى بىر مىللەت ئارىسىدا ئىككى خىل دىن ۋە ئىككى خىل مەدەنىيەت ھادىسسى يوق ساناقلىقلا مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. نەچچە مىڭ يىلنىڭ مابەينىدە پۈتكۈل شىنجاڭ دائىرسىدە ياشىغان تۈركىي تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى، ئىسلام دىنىنى بەلگە قىلغان مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش كۆز قارىشىدا بولۇپ كەلدى. ھازىر قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر ئولتۇراقلاشقان جايلا بولىدىكەن، ھەتتا ئەڭ چەت يېزا، كىچىك كوچا، مەھەللىلەردىمۇ «ھىلال ئاي» شەكىللىك قوش مۇنارلىرى، تولۇن ئاي شەكىللىك گۈمبەزلىرى بار مەسچىت-مەدىرىسلەرنى كۆرىمىز، بۇ مەسچىت مۇنارلىرىدا تاڭ سۈبىھىىدىن تارتىپ تاكى قاراڭغۇ تۈنگىچە تۇرۇپ ئېيتىلىۋاتقان «ئەزان» نىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلايمىز؛ يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىلىۋاتقان «ئات قويۇش مۇراسىمى»؛ ئوغۇل بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغان چاغدىكى، قىز-يىگىتلەرنىڭ توينى قىلغان چاغدىكى نىكاھ خۇتبىسى، ئۆلۈم-يېتىم سورۇنلىرىدىكى ماتەم ناخشىلىرى، قىرائەت ئاۋازلىرى، ئىككى ھېيىتتىكى ئەزان، خۇتبە، تەكبىر، قىرائەتلەردىكى رېتىملىق، موزىكىلىق ئاۋازلارنى ئاڭلايمىز؛ ھەر يىلى بىر قېتىم بولىدىغان رامىزان روزىسى كۈنلىرىدىكى «رامىزان ناخشىلىرى»، «تاراۋىھ ناماز» لىرىدىكى تەسبىھ-تەكبىرلەرنى ئاڭلايمىز. بۇلارغا موزىكا-رېتىم جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، «ئەزان» ئاۋازى، «قۇرئان» تىلاۋەت، مەۋلۇت ئوقۇش، رامىزان ناخشىلىرىنى ئېيتىش، تاراۋىھ نامازلىرى ئارىسىدىكى تەسبىھ ئېيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رېتىملىق، رېتىمسىز، ئەركىن ئۇداردا ئېيتىلىدىغان، ئاجايىپ مۇڭلۇق، يېقىملىق ۋە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان موزىكىلىق پائالىيەتلەردۇر. ئۇلار ئاھاڭ شەكلى گويا دېكلاماتسىيە قىلغانغا، پۈتكۈل ئالەمگە قاراپ خىتاپ قىلغانغا، بىر-بىرىنى چاقىرغاندا ئوخشاش ستېرېئولۇق سېزىم بىلەن موزىكىلق ئاڭلىنىدۇ. بىراق، ماكان جەھەتتىن قارىساق، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئاھاڭلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى دىنىي موزىكىلارنى قېزىپ، رەتلەپ، تۈركۈملەرگە ئايرىيدىغان بولساق، نۇرغۇن تۈرلەر مەيدانغا كېلىشى مۈمكىن. يۇقىرىدا بىز ساناپ ئۆتكەن «كۈندىلىك دىنىي موزىكىلار» ئۇيغۇرلارنىڭ «بىرىنچى خىلدىكى دىنىي موزىكىلىرى» ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي موزىكىلىرنىڭ ئىككنچى خىلى بولسا، تەسەۋۋۇپچىلىقنى مەركەز قىلغان «خانىقا موزىكىسى»؛ ئۈچىنچى خىلى ئاھاڭلىق سۆز سەنئىتى بولغان «ۋائىز-مەدداھلىق موزىكىسى»، تۆتىنچى خىلى «ئاشىقلارنىڭ موزىكىسى»؛ بەشىنچى خىلى «باخشىلار موزىكىسى قاتارلىقلار.
يۇقىرىدا ئىسمى ئېيتىلغان تەتقىقاتچىلار ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش، توپلاش، رەتلەش ئارقىلىق يىغىپ چىققان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي موزىكىلىرى» دېگەن تېما ئاستىدا توختىلىمىز.
بىزنىڭ بۇ تەتقىقات ماقالىمىزدا ھەرخىل نوقسان ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن بۇ دەسلەپكى ئىزدىنىش، كەڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ۋە ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئاز-تولا ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي مەدەنىتىنى تەتقىق قىلىش، خەلق ئارسىدىكى سەنئەتنى رەتلەش، ئۇلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىش، ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ نەپىس. ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ھەمدە موزىكا مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ موھىم ۋەزىپىسى. مۇشۇلارغا ئاساسەن، بىز ئالدى بىلەن خانىقا موزىكىلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
شىنجاڭ تەۋەسىگە تارقالغان تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ھەر قايسى پىرقە-مەزھەپلىرى ئۆزلىرى ئاساس قىلغان ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە پەند-نەسىھەت ئەسەرلىرىنى موزىكا-ئۇسسۇل شەكىللىرى بىلەن داۋام قىلىپ كەلگەن. ئۇلار بەلگىلىك سورۇن، بەلگىلىك ئورۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى «خانىقا موزىكىسى» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
شىنجاڭدا تەسەۋۋۇپنىڭ ئىككى مەزھىپى كۆپ تارقالغان ئۇنىڭ بىرى، نەقىشبەندىيە مەزھىپى، يەنى خۇپىيە مەزھىپى. بۇ مەزھەپ ئىبادەتلىرىنى يەنى زىكرى قەلبىنى يوشۇرۇن، ئىچىدە ئوقۇش بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار كېچىلىرى تەھەججۇت نامىزى ئوقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ تەرىقەت مەزھىپىدە «ئىبادەتنى مەخپىي قىلىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش» تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئاساسچىسى شام شەھرىلىك ئەبۇلھاشىم (مىلادىيە 767-يىلى ۋاپات بولغان)، ئۇنىڭدىن كېيىن زۇنۇن مىسىرى ۋە كېيىن خوجا باھاۋۇدۇن نەقشىبەندى قاتارلىقلار بۇ مەزھەپنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شىنجاڭ تەۋەسىدە مەخدۇم ئەزەم ۋە ئىسھاق خوجىلار تەرىپىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ مەزھەپتىكى كىشىلەر ھۆكمەت، تەلقىن، يەككە خانلىق ئوقۇمايدۇ. ساھە سالمايدۇ، تەسۋى سىيرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ پائالىيتى يالغۇز ياكى كوللىكتىپ ھالدا بولىدۇ. پائالىيەت سورۇنلىرى مەسچىت، ئۆي ياكى سىرتلاردا بولىدۇ، پائالىيەت ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5 لەر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئىككىنچى مەزھەپ-قاررىيە مەزھىپى. بۇ مەزھەپ ئاشكارا جەھرى ئوقۇلىدىغان مەزھەپ بولۇپ، ئۇلار ئۈنلۈك توۋلاپ، سەكرەپ، ساما سېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇلارنى بەزىدە غەۋسىل ئەزەم سۈلۈكى دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇ يۈسۈپ ھەمەدانى (1141-يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار بولۇپ، كېيىن 13-ئەسىردە مەۋلانا سەئىد جالالىددىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى كېڭەيتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى شەيىخ ئەرشىددىنمۇ تۇغلۇق تۆمۈر خاننى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ، مۇسۇلمان قىلغاندىن كېيىن بۇ مەزھەپ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان، مەزكۇر مەزھەپنىڭ يىرىك ۋەكىلى خوجا ئەھمەت يەسسەۋى بولۇپ، ئۇنىڭ «دىۋانى ھېكىمەت» بۇ مەزھەپنىڭ پائالىيەت دەستۇرى. ئۈچىنچى سۈلۈك-سوھرى بەردىيە. بۇنى جەھرىيە سۈلۈكى دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭ پىر-ئۇستازى شەيخى شاھايىددىن، بۇلارنىڭ پائالىيتى قۇرئان خەتمە قىلىش، دۇرۇت ئوقۇش، دالائىل ئوقۇش بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. تۆتىنچى سۈلۈك-چۇسىيە سۈلۈكى، بۇنى ئىشقىيە سۈلۈكى دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ پىرى-ھىندىستاندىن كەلگەن ھاجى مۇھىددىن. بۇ سۈلۈكنىڭ پائالىيتى چوڭ خانىقا ياكى چوڭ مەسچىتلەردە بولىدۇ. ئۇلار پائالىيەت جەريانىدا زىكرى قىلىش، ھۆكمەت ئوقۇش، يەككە خانلىق ئوقۇش قاتارلىقلاردا ھەرخىل شەكىلدىكى ناخشا-موزىكا قاتارلىقلارنى تەڭكەش قىلىدۇ. بەزىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇلىرىدىن ساتار، تەمبۇر، دۇتار، راۋاپ، ناغرا-سۇناي، تاش قوشۇق، داپ قارارلىق چالغۇلىرىنى چالغان ھالدا ھەلقە-ساما قىلىدۇ، مۇقام ئوقۇيدۇ. مەشرەپ ئاھاڭلىرىنى ئوقۇيدۇ. مۇنداق شەكىلدىكى ھەلقە-سامالار ھەيۋەتلىك، داغىدۇغىلىق، سۈرلۈك ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ پائالىيەت ھەلقە-سامالار ئەتىگەن سائەت 6-7 لەردە باشلىنىپ چۈشكە يېقىن داۋام قىلىدۇ. چۈشتە مەخسۇس «شىلەن» دەپ ئاتالغان تاماقنى يەپ تارقىلىدۇ.
جايلاردىكى خانىقا پائالىيەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزى جايلاردا قەدىرىيە سۈلۈكى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارسا، بەزى جايلاردا چۇستىيە سۈلۈكى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئوخشىسىمۇ، شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ.
يەكەن ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت تىراۋاغ مەھەللىسىدىكى تۇرسۇنخان غوجامنىڭ خانىقاسىدا تۆت سۈلۈكنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردىكى ھاپىزلار مەرۇپ، خەستە دەپدىۋانى، ھېكىمەت قاتارلىقلارنى ھۆكمەت قىلىپ ئوقۇيدۇ. خوتەن تەۋەسىدە بولسا، ھۆكمەت قاتارلىقلارنى ئوقۇيدۇ.
خانىقالاردا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سوپى-ئىشانلارنىڭ ھەرىكەتلىرى تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. «ئىشان» خانىقا پائالىيتىنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەكچىسى بولۇپ، خانىقادىكى بارلىق كىشى ۋە بارلىق پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. «خەلىپە» ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېتەكچى بولۇپ، بىر كۈنلۈك ياكى ھەر قېتىملىق خانىقا پائالىيتىدىكى ھەلقە-سامانىڭ تەرتىپلىك، ساغلام ۋە ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ھەلقە-سامانىڭ «زىكرى» سىنى باشلاپ بېرىدۇ شۇنداقلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەلقە-سامانى «ەى» توختاشقا قوماندانلىق قىلىدۇ. بۇ، خۇددى چوڭ خور ئەترىتىگە «دىرىژور» رىياسەتچىلىك قىلغانغا ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭ موزىكىلىق قۇرۇلمىسى: سوپي-ئىشانلار ئېلىپ بارىدىغان خانىقا پائالىيتىدە زىكرى قىلىش، ھۆكمەت ئوقۇش، يەككە خانلىق قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلىك رىتىم ۋە ئاھاڭ بىلەن تەكرار ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئاھاڭلار مەخسۇس پائالىيەت سورۇنىدا، خانىقالاردا ئوقۇلىدۇ. خانىقانىڭ سىرتىدا ئوقۇلمايدۇ. بۇمۇ بىر خىل دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن سوپى-ئىشانلار ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلار تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئوقۇيدۇ.
پۈتۈن خانىقا پائالىيتىدە 17 خىل ھەلقە بار. بۇ خىل ھەلقە-سامانىڭ ئوقۇلۇشى ۋە رەت-تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1-ھەلقە-كاتىرىيە. بۇ قەدىرىيە سۈلۈكىدە قوللىنىلىدىغان ئىبادەت بولۇپ، ھەلقىنىڭ باشلىنىشى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
2-ھەلقە-«نەبى ئىسپات». بۇنىڭ مەنىسى خۇدانىڭ ئىسمىنى ئاشكارا ئىسپاتلاش دېگەنلىك. ئۇنىڭ زىكرىسى «لائىلاھە ئىللەۋلا» دېگەن كەلىمە بولۇپ، بۇنى ئوقۇغاندا «لا» نى مەخپىي ئوقۇپ، «ئىللەۋلا» نى جەھرەتم يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇيدۇ.
3-ھەلقە-«ئىسپات». بۇنىڭ زىكرىسى «ئىللەللاھۇ…..ئىللەللا» دىن باشلىنىپ، تەلقىن بىلەن جەھرەن ھەلقە تەڭ ئوقۇلۇپ، ئاخىرىدا، «ئىللەللاھۇ مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھى، ھەققا» دەپ ئاخىرلىشىدۇ.
يۇقىردىكى ئۈچۈ ھەلقە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن «خانىش» ھۆكمەت ئوقۇيدۇ. بۇ «يالغۇز ئوقۇش»، «يەككە ئوقۇش» بولۇپ، يەنە بىر مەنىسى «يەككە خانلىق ھۆكمەت» دېگەنلىك بولىدۇ. «خانىش ھۆكمەت» ئەركىن، ئىختىيارىي ئوقۇلىدۇ، يەنى ئۇدارسىز بولىدۇ. «خانىش ھۆكمەت» ئوقۇلغاندا ھەلقىھەق ساناشقانلار ئۆز ئورۇنلىرىدا يۈكۈنۈپ، جىم ئولتۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن «خانىش ھۆكمەت» دىن ھوزۇرلىنىپ، خۇدانى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭغا سېغىنىدۇ.
4-ھەلقە-«هۇ…زىكرى پەنجە زەرپ». ئۇنىڭ مەنىسى «هۇ» نى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ زىكرى قىلىش. بۇ ھەلقىدىن كېيىن «خانىش ھۆكمەت» ئوقۇلىدۇ.
6-ھەلقە-«ھۇ زىكرى چارى زەرب» يەنى «هۇ» نى تۆت قېتىم تەكرارلاپ زىكرى قىلىش بولىدۇ.
7-ھەلقە-«ھۈ زىكرى دۇ زەرب». بۇنىڭ مەنىسى «هى» نى ئىككى قېتىم تەكرارلاپ زىكىر قىلىدۇ.
8-ھەلقە-«ھۈ زىكرى يەككە زەرب». بۇنىڭ مەنىسى «هى» نى بىر قېتىم تەكرارلاپ، يەككە ھالدا زىكرى قىلىش دېگەنلىكتۇر.
9-ھەلقە-«زىكرى نادامەت». بۇنىڭ مەنىسى يۇقىرى ئاۋازدا زىكرى قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن «خانىش ھۆكمەت» ئوقۇلىدۇ.
10-ھەلقە-«دەم زىكرى سېھ زەرب». بۇنىڭ مەنىسى، قەلىبدىن چىقىرىپ ئۈچ قېتىم ئېيتىش دېگەنلىك بولىدۇ.
11-ھەلقە-«دەم زىكرى دۇ زەرب». بۇنىڭ مەنىسى، قەلىبدىن چىقىرىپ ئىككى قېتىم تەكرارلاش دېگنلىك بولىدۇ.
12-ھەلقە-«زىكرى گۇسپەن». بۇنىڭ مەنىسى قىبلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراپ زىكرى قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.
13-ھەلقە-«زىكرى ھەردەم». بۇنىڭ مەنىسى ئېغىزنى ئاچماي، يەككە ھالدا قىبلىگە قاراپ، ئىككى قېتىم زىكرى قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.
14-ھەلقە-«دەم زىكرى يەككە زەرب». بۇنىڭ مەنىسى قەلبىدىن چىقىرىپ يەككە ھالدا، بىرلا قېتىم زىكرى قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ھەلقىدىن كېيىن «خانىش ھۆكمەت» ئوقۇلىدۇ.
15-ھەلقە-«زىكرى مەستان دۇ زەرب». بۇنىڭ مەنىسى قەلىبنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراپ جەھرەن سوقۇپ زىكرى قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.
16-ھەلقە-«زىكرى مەستان يەككە زەرب». بۇنىڭ مەنىسى يەككە ھالدا بىرلا قېتىم ئېيتىدىغان ھەلقە دېگەنلىك بولىدۇ.
17-ھەلقە-«زىكرى سۇلتان». بۇنىڭ مەنىسى «چوڭ ھەلقە ئاخىرلاشتى» دېگەنلىك بولىدۇ. چوڭ ھەلقىدىن كېيىن، يەككە خانىلىق ھۆكمەت ئوقۇلىدۇ.
17 مەيدان ھەلقە ئارىلىقىدا بەش قېتىم خانىش ھۆكمەت ئوقۇلىدۇ، 17 مەيدان ھەلقىنىڭ ئالتە مەيدانىدا ساما سېلىنىدۇ. بۇ يەردىكى «ساما» رەقىس ساما، چەەرخى ساما دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. «رەقىس ساما» دا ھەر قېتىم ھەلقە-ساماغا قاتناشقان سوپىلار ئۆز ئورۇنلىرىدا ئۆرە تۇرۇپ، كۆكسىنى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈپ، قوللىرىنى ھەرخىل شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئوينايدىغان ئۇسسۇل بولۇپ، سامانىڭ بىر خىل شەكلى ھېساپلىنىدۇ. «چەرخى ساما» دا سوپىلار رەسمىي ھالدا مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈپ، قول-پۇتلىرىنى ھەخىل شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مەيداننى چۆرگىلەپ ئوينايدىغان ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بولۇپ، ئۇ سامانىڭ يەنە بىر شەكلى ياكى ئەۋجى.
ھەر قايسى جايلاردىكى خانىقا پائالىيەتلىرىدە بولىدىغان پائالىيەتلەردە خانىقا موزىكىسىنىڭ شەكلى، ئورۇنلاش ئادەتلىرى، ئۇنىڭ تەرتىپى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بولۇپمۇ ھۆكمەت ئاھاڭلىرىنىڭ ئاھاڭ شەكىللىرىدە ئوخشىماسلىق بار، ئۇلار تۆت خىل ھۆكمەت ۋە تۆت خىل نۇسخىدا بولىدۇ.
1. قەشقەر نۇسخىسى-قەشقەر خەلق ناخشا-موزىكىلىر ۋە 12 مۇقامنىڭ ئاھاڭ شەكلى ئۇسلۇبى ۋە پۇراقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
2. دولان نۇسخسى-بۇ، دولان خەلق ناخشىلىرى، دولان مۇقاملىرىنىڭ ئاھاڭ شەكلى، ئۇسلۇۈى ۋە پۇراقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
3. ئىلى نۇسخىسى-بۇ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭ شەكلى، ئۇسلۇبى ۋە پۇراقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
4. نەمەنگان نۇسخىسى-بۇ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ خەلق ناخشىلىرى ۋە ئۆزبېك شاش مۇقاملىرىنى ئاھاڭ قىلىدۇ. چوڭ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، خانىقا موزىكىسىنى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش تۆت خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئايرىم ھاللاردا «يەكەن نۇسخىسى»، «خوتەن نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ھۆكمەت نۇسخىلىرىمۇ بار. گەرچە، خانىقا پائالىيتىدە ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان زىكرى-تەلقىن، ھۆكمەت قاتارلىقلارنىڭ ئاھاڭ شەكلى، ئۇسلۇبى، يەرلىك پۇراق، سانى قاتارلىقلاردا بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقتەك پەرقلەر بولسىمۇ، لېكى ئۇلارنىڭ ماھىيەت ۋە مەزمۇنىدا ھېچقانداق پەرق يوق.
خانىقا پائالىيەتلىرىدە ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان «ھۆكمەت» لەر تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىر-نەزمىلىرى، ئۇلار شەكىل جەھەتتىن ئېيىتقاندا، 4 مىسرالىق مۇرەببە، 5 مىسرالىق مۇخەممەس، 6 مىسرالىق مۇسەددەس، 7 مىسرالىق مۇسەببە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ شائىرلاردىن قۇلخۋاجەئەھمەدنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «دىۋانى ھېكىمەت»، خوجا ھاپىز شىرازىنىڭ «بوستان-گۈلزارىستان»، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تەسەۋۋۇپ مەزمۇنىدىكى شېئىرلىرى، ھۇۋەيدانىڭ شېئىر-غەزەللىرى، شېئىرىي توپلام «باياز» دىكى شېئىر-نەزمىلەر، سوپى ئاللايارنىڭ تەرىقەت مەزمۇنىدىكى شېئىر-نەزمىلىرى، بابارەھىم مەشرەپنىڭ غەزەللىرى، دىۋانى قارى، مەزۇپ قاتارلىق كىتاپلاردىكى شېئىر-نەزمىلەر ئوقۇلىدۇ. بۇ شېئىر-نەزمىلەردىكى ئەدەبىيات ئاساسەن ئەھلى تەسەۋۋۇپنىڭ دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەندىن باشقا بىر قىسىم شېئىر-نەزمىلەردە چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك، تەركىدۇنياچىلىق، يەككە-يىگانىلىقنى تەرغىپ قىلغان پاسسىپ مەزمۇنلارمۇ بار.
خانىقا موزىكىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ، قايتا-قايتا ئوقۇش، تەكرارلىنىش جەريانىدا قېلىپلاشقان، مۇكەممەللىشىپ، بىر گورۇپپا، خىش كالۇننىسىغا، خانىقا موزىكىسىنىڭ موھىم ۋارىيانتىغا ئايلانغان، خانىقا موزىكىسى زىكرى قىلىش، ھۆكمەت ئوقۇش، يەككە خانلىق ئېيتىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.
1-زىكىرى قىلىش. ھەلقە-ساما ئالدى بىلەن زىكرى قىلىش قىسمىدىن باشلىنىدۇ، زىكرىسى بولمىغان ھەلقە-ساما بولمايدۇ. چۈنكى زىكرى قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر قېتىمقى ھەلقە-ساما باشلانغاندا خەلپەت باش بولۇپ، زىكرىنى باشلاپ بېرىدۇ. ھەر بىر ھەلقىدە ئىككى ئۇدار، تۆت ئۇدار زىكرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھۆكمەت ئوقۇش باشلىنىدۇ. ھەر بىر ھەلقىدە ئىككى ئۇدار، تۆت ئۇدار زىكرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھۆكمەت ئوقۇش باشلىنىدۇ. ھۆكمەت باشلىنىش بىلەن كوللىكتىپ زىكرى قىلىش باشلىنىپ، بىر ھەلقە تۈگىگىچە زىكرى قىلىش داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەلقە-سامانىڭ كەيپىياتى بارغانسىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىلىدۇ. زىكرى قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ، پۈتۈن ھەلقە-سامادا ئوقۇيدىغان ھۆكمەت ئاھاڭلىرىنىڭ ئۇدارىنى، رىتىمىنى، تېمىسىنى، ئاستا-تىزلىكىنى بەلگىلەپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. زىكرىنىڭ ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر قانداق ھەلقە-سامانىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇددى مۇقام چالغاندا داپ بولمىسا سازلارنىڭ تەڭكەش ۋە ئەۋجى بولمىغاندەك، زىكرى بولمىسا ھەلقە-سامامۇ قىزغىن بولمايدۇ.
2. ھۆكمەت ئېيتىش. خانىقا موزىكىسىدا ھۆكمەت ئېيتىش قىسمى پۈتكۈل ھەلقە-سامادا قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. يەنى بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەلقە-سامادا 17 ھەلقە، 17 ھۆكمەت ئاھاڭلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. ھەلقە-سامادا «ھۆكمەت» قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇلۇپ، ئۇ، بەلگىلىك بىر مۇساپىگە كەلگەندە كەيپىياتنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ «ھۆكمەت» نىڭ ئۇدارى، رېتىمى، تېمىسى تېخىمۇ تىزلىشىپ، «ھۆكمەت؛ ئاھاڭلىرى تېخىمۇ شاخلاپ، خىلمۇخىللىققا ئۆزگىرىدۇ. «ھۆكمەت» قىسمى مەخسۇس خانىقادا ئوقۇلىدىغان ھۆكمەتلەرنى، ھازا-مۇسىبەت بولغاندا ئوقۇلىدىغان ھۆكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ھۆكمەتلەرنىڭ ئاھاڭلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئوموملاشتۇرغاندا، ھۆكمەتلەر سان جەھەتتىن خېلى كۆپ، شەكلى خىلمۇخىل، تەخمىنەن 100 خىلدىن ئارتۇق ئاھاڭ قۇرۇلمىسىغا ئىگە.
3.خانىش يەنى يەككە خانلىق ھۆكمەت قىسمى ئۇدارلىق، رېتىملىق ئوقۇلىدىغان ھۆكمەتلەردىن كېيىن ئۇدارسىز، رېتىمسىز، ئىختىيارىي، ئەركىن ئوقۇلىدىغان يەككە خانلىق ھۆكمەت ئوقۇلىدۇ.
بۇ، ئادەتتە يالغۇز، يەككە ئوقۇلىدىغان بولغاچقا ئەركىن يەككە خانلىق ھۆكمەت دەپ ئاتىلىدۇ، بەزى چاغلاردا بۇنى ئىككى ياكى ئۈچ ھاپىزلار نۆۋەتلىشىپمۇ ئوقۇيدۇ. خانىش ھۆكمەتنىڭ ئاھاڭلىرى مۇڭلۇق، يېقىملىق بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ دەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەتلىرى، كىشىلەرگە قىلغان پەند-نەسىھەتلىرى شېئىر-نەزمىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
17 ھەلقىدىن باشقا بەش خانىش ھۆكمەت بەش خىل ئاھاڭ شەكلىدە ئوقۇلىدۇ.
خانىقا موزىكىسى-زىكرى قىلىش، ھۆكمەت قىلىش، يەككە خانلىق ھۆكمەت ئېيتىشتەك ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن يىللىق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا، تەكرار، قايتا ئوقۇلۇش ئارقىسىدا، تاۋلىنىپ، مۇكەممەللەشكەن. ئۇنىڭ ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، جۇشقۇن ھەمدە مۇڭلۇق، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يۇقىرى، شۇڭا خەلق ئاممىسى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.
خانىقا موزىكىسىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ھەرخىل موزىكىلار، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر 12 مۇقام موزىكىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق. يەنى ھەلقە-ساما پائالىيەتلىرىدە ئوقۇلۇپ كەلگەن ھۆكمەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقا تۈردىكى ئەنئەنىۋى موزىكىلىرى، خەلق ناخشىلىرى، ھەتتا چوڭ ھەجىملىك 12 مۇقام ئاھاڭلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
بۇ يەرلەردە ئوقۇلغان ھۆكمەت ئاھاڭلىرىنىڭ ئۇدار شەكلى 4/4، 4/2 لىك بولۇپ، بەزى چاغلاردا 4/3، 8/17 لىك ئۇداردا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يەككە خانلىق ھۆكمەتلىرى ئۇدارسىز، ئەركىن، ئىختىيارىي ئوقۇلىدۇ. يالغۇز يەككە خانلىق ئاھاڭلىرى مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق بولىدۇ. ھۆكمەت ئېيتىدىغان ھاپىزلارنىڭ سانى 5-6 گە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئادەم قوشۇلۇپ ئېيتىلىدىغان ھەلقە-سامانىڭ كەيپىياتى بارغانسىرى كۈچىيىپ، ئەڭو ياخشى ئوقۇلغان كۆپ يوللۇق ئاكوردلۇق خور شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا خانىقا موزىكىسىنىڭ موزىكىلىق قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنە بىر خىل موزىكا شەكلى سۈپىتىدە چۈشىنىش، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ 12 مۇقام بىلەن بولغان زىچ ۋە چۇڭقۇر مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر.
خانىقا موزىكىسى بىلەن «12مۇقام» ۋە «دولان مۇقامى» نىڭ ئاكا-ئۇكىدەك قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئۇلار بىر-بىرىگە بېقىنىدۇ. بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇلار ئارىسىدا ئۈچ جەھەتتىن ئوخشاشلىق بار.
1. ئاتالغۇ جەھەتتىكى ئوخشاشلىق. 12 مۇقامدىكى «سىگاھ»، «چارىگاھ»، «پەنجىگاھ» ھەمدە دولان مۇقامىدىكى «دۇگامەت» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن مۇقام ئاتالغۇلىرى، خانىقا موزىكىسىدىكى «دۇزەرب»، «سېھ زەرب»، «چارى زەرب»، «پەنجى زەرب» ئاتالغۇلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كەتسە، «دۇ زەرب» دېگەن ئاتالغۇ «دولان مۇقامى» دىكى «دۇگامەت» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
2. ئاھاڭ جەھەتتىكى ئوخشاشلىق. خانىقا موزىكىسىنىڭ ۋە ھەرخىل شەكىلدە ئوقۇلىدىغان ھۆكمەت، يەككە خانلىقلارنىڭ ئاھاڭ شەكلى، ئۇدار رېتىمى، ئۇسلۇبى ھەمدە ئۇنىڭ پۇراقلىرى «12 مۇقام» نىڭ چوڭ نەغمە قىسمىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك «دولان مۇقامى» غا تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
3. خانىقا موزىكىسىدا «يەككە خانلىق ھۆكمەت» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئوبرازسىز، رېتىمسىز، ئەركىن-ئىختىيارىي ئوقۇلىدىغان يەككە خانلىق ھۆكمەتنىڭ ئاھاڭ شەكلى 12 مۇقامنىڭ ئۇدارسىز، رېتىمسىز، ئەركىن ئىختىيارىي ئوقۇلىدىغان مۇقەددىمىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
4. خانىقا پائالىيتىدە خانىقا موزىكىسىدىن باشقا يەنە «12 مۇقام» ۋە «دولان مۇقام» لىرىمۇ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن: «12 مۇقام» نىڭ مەشرەپ ئاھاڭلىرى خانىقا پائالىيەلتىرىدە تولۇق ئوقۇلىدۇ. خوتەندە «دىۋانە مۇقام» دېگەن مۇقام بار. ئۇ يەنە «سەييارە مۇقام» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارمۇ «12 مۇقام» غا ئوخشايدۇ. بۇ مۇقاملارمۇ خانىقا پائالىيتىدە تولۇق ئېيتىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى تۆت جەھەتتىكى ئوخشاشلىقتىن قارىغاندا، خانىقا موزىكىسى بىلەن «12 مۇقام» ۋە «دولان مۇقامى» ۋە ئۇنىڭدىكى «دۇگامەت مۇقام» لىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى سۇ بىلەن بېلىقتەك ئىنتايىن يېقىن. «12 مۇقام» تەتقىقاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خانىقا موزىكىسىنى تەتقىق قىلىش، «12 مۇقام» نى تولۇقلاشتا خانىقا موزىكىسىنى ئاساسىي مەنبە قىلىپ، ئۇنى رەتلەپ، ئۇنىڭدىن ئىجادىي ھالدا پايدىلىنىپ، 12 مۇقامنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.
ئۇيغۇر خەلقى زامان-زامانلاردىن بۇيان ھەرخىل مەزمۇن، ھەرخىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت، سەنئەت-موزىكا ئەسەرلىرىنى يارىتىش يولىدا كۆپ ئىزدەنگەن. نۇرغۇن تېرىشچانلىق ۋە ئىجادىي ئەمگەكلەر بىلەن بىزگە، بىزنىڭ زامانىمىزغا رەڭمۇرەڭ، شەكلى خىلمۇ-خىل بولغان ئەڭ ئېسىل، قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. خانىقا موزىكىسى ئەنە شۇ بايلىقلار ئىچىدىكى موھىم تەركىب. بىز تارىختىن قېپقالغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن «ۋارىسلىق قىلىش»، «تەنقىدىي قوبۇل قىلىش»، «شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى ئېلىش»، «قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش»، «كونا ھاياتىي كۈچكە ئىگە نەرسىلەردىن يېڭى، زامانىۋى ئەسەرلەرنى يارىتىش» بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز مەدەنىيتيمىز ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز لازىم.
2009-يىلى 5-ئايدا يىزىلىپ، 2010-يىلى 4-ئايدا قايتا ئۆزگەرتىلدى. كاشىغەر.
(مىسىرانىم تورىدىن كۆچۈرۇلدى 2014-4-29)
مەنبە: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook0Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش