ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى – 7

جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى – 7

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەييارلىغۇچى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

1. بىر قەۋمدە ئىھسان بولمىسا، ئۇ قەۋمنىڭ رىزىقى كەم بولىدۇ.

2. تېشى بىلەن ئىچى بىر بولغان پادىشاھنىڭ ئارقىسىدىن يۈز مىڭلەرچە ئەسكەر ئەگىشىدۇ. چۈنكى، بۇنداق مۇھتەشەم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەركەتلىرىگە بىر مەخپى پىكىر يېتەكچىلىك قىلغان بولىدۇ.

3. ھەر ئىشنىڭ نېگىزى ئىدىيەدە، پىكىردە، چۈشەنچىدە. ئىشنىڭ ئالدىدا ئۇ مەيدانغا كېلىدۇ. شۇنچە ئېسىل قەسىرلەر، سارايلار، شەھەرلەر، شۇنچە ئىگىز تاغلار، جىلغىلار، ئويمانلىقلار ۋە دەريالار، بېلىقنىڭ دېڭىزدېكى ھاياتلىقلىرى، يەرمۇ، دېڭىزمۇ، كۈنمۇ، ئايمۇ ۋە ئاسمانمۇ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا پىكىر دۇنياسىدا ئېشەكتەك دائىم بىھۇت ۋە خەۋەرسىز يۈرمە.

4. بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ، ئەقىلنىڭ دۈشمىنى بولما. ھەقنىڭ پەيزىدىن خەۋەرسىز دىۋانىدەك يۈرمە.

5. سۈرىتىڭ ئادەم. ئەمما، ئەقىل – ئىدرىكىڭ يوق. پۇتىڭ سىررىڭدىن بىخەۋەر بىخەستە ئېشەكتەك بولما.

6. بىر كۈن ئۇ پىكىر ۋە ئويلار، قول قانات كېرىپ پەردېدىن چىقار ئالدىڭغا. ئۇ ۋاقىت ئۇ ئىگىز تاغلار پاختىدەك تۈزۈپ، كۇكۇم تالقان بولىدۇ. يۇلتۇزلار، ئاسمانلار گۇمران بولىدۇ. سۆيگۈنىڭ ئىگىسى، دائىم تىرىك ۋە يالغۇز بولغان ھەقتىن باشقا ھېچ نەرسە قالمايدۇ.

7. ئۆچكە نېمىگە قوساق كۆتەرسە، شۇنى تۇغۇدۇ. بارلىق ھېلە-مىكىر ۋە ھۈنەرلەر كارغا كەلمەيدۇ.

8. ھەقنىڭ ھۆكۈمىگە يۈزلەنگەن كىشى، ھېلە-مىكىرلىق قىلمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.

9. دائىم تەدبىرلىرىڭنى ھەقتىن تىلە. ھەقىقى تەدبىر ھەقتىن كېلىدۇ.

10. ھەقنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن ئىش غەلبىلىك بولىدۇ. لېكىن نېمە تىكسەڭ شۇ ئۇنىدۇ.

11. نېمە قىلساڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن قىل. ئاشىق بولساڭ سۆيگۈنىڭنىڭ ئىستېكىگە ئەمەل قىل.

12. يۇلتۇزغا يۇلتۇز يىقىن تۇرسا تېخىمۇ گۈزەللېشىدۇ.

13. قۇياشقا ھەسەت قىلغان، ئۇنىڭ نۇرلىرىدىن راھەتسىز بولىدۇ.

14. مەگەر سېنىڭ ئىچىڭدە مەمنۇنلۇق تەبەسسۇمى بولسا، سەندىن يۈز مىڭلەرچە خۇش پۇراق گۈللەر ئىچىلىدۇ.

15. بىر ئىشتىن مەمنۇن بولغان يۈرەك، خۇددى مىڭلىغان قۇياشقا ئوخشايدۇ.

16. قانچىلىغان سۈرەتلەر سېنىڭ يولۇڭنى توسىدۇ. سۈرەتتە قەست بار، ھەقتە ئىلتىپات.

17. كۆز نۇرى، ياغ ئىچىدە مەيدانغا كەلدى. كۆڭۈل نۇرى، بىر تامچە قاننىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. خوشاللىقنىڭ جايى كۆڭۈل. غەمنىڭ ماكانى جىگەردۇر. ئەقىل بولسا مېڭىنىڭ ئىچىدىكى شامغا ئوخشايدۇ.

18. ئۇلۇغ روھ، ئۆزىگە لايىق جاننى خوشاللىق بىلەن خوش قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىنى ئۇنچە بىلەن زىننەتلەيدۇ.

19. بۇ ھاياتتا ئىلگىرلەشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تاماخور كېسەكلەرنى بەدەن تاملىرىدىن قومۇرۇپ ئاتمىغىچە ھەققە يىقانلاشقىنى بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئايەتتە ”سەجدە قىلىپ يېقىلىش !“ دېگەندەك، يېقىنلېشىشقا سەۋەپ بولىدىغان سەجدىگە ئوخشايدۇ.

20. بەدىنىڭنىڭ تاملىرى ئىگىز بولغانسېرى، بېشىڭنى ئېگىش تەشلىشىدۇ. بۇ توپىدىن تۈرەلگەن بەدەندىن قۇتۇلمىغىچە، ئابىھايات سەجدىگاھىڭ بولمايدۇ.

21. ياشلىق چاغلارنى قەدىرلەڭلار! ئۇ خۇددى ياز مەۋسىمىدىكى لەززەتلىك مىۋە ۋە خۇش پۇراق گۈل-گىيالار بىلەن بىزەلگەن باغقا ئوخشايدۇ. بۇ چاغدا قۇۋۋەت ۋە شەھۋەت ئىرىقلىرى تىنماي ئىقىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ۋە جان زېمىنلىرى يېشىللىققا پۈركىنىدۇ.

22. ھەقىقى پادىشاھ بولسا پادىشاھلىق تەختىگە ئالدانمىغاندۇر.

23. ئوتنىڭ ئەسكىلىگىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىساڭ، مەرھەمەت سۈيىنى ئۇنىڭغا سەپ.

24. ياخشى ئىنسانلار بولسا مەرھەمەت سۈيىنىڭ بۇلىقى. ئابىھايات بولسا ئىھسان ئىگىلىرىنىڭ روھىدۇر.

25. نەپسىڭ ئوت بولسا، ھەق ھېكمىتى سۇدۇر. ئوت ھەرۋاقىت سۇدىن قاچىدۇ. چۈنكى سۇ ئوتنى ئۆچۇرۇپ، يوق قىلىدۇ.

26. ئەي يولچى ۋاقىت ئۆتۇۋاتىدۇ. ھوشۇڭغا كەل. ئۆمۇر قۇياشىڭ پىتىشقا باشلىدى.

27. كۈچ-قۇۋېتىڭنىڭ بارىدا، بۇ قىسقا ۋاقىتتىن ۋە ھاياتىڭدىن ياخشى پايدىلان. بىر ئىشنى ”ئەتە قىلىمەن“ دېمە. ئەتىلەر كېتىدۇ. ئۆمرۇڭ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

28. مەرتلىك قىلىپ لەززەت ۋە شەھۋەتتىن يىراق تۇر. شەھۋەتنىڭ كەينىگە كىرسەڭ ھالاك بولىسەن.

29. ئەسلىدە بۇ دۇنيا يوق، پەقەت كۆرۈنىشىلا بار. ئەسلى بار بولغان دۇنيا يوشۇرۇن.

30. بىر-بىرىگە ئاشنا بولسا ئات ئاتنى تونۇيدۇ. ئات مىنگەننىڭ ھالىنى مىنگەن كىشى بىلىدۇ.

31. ھېسنىڭ كۆزى ئات. ھەقنىڭ نۇرى بولسا ئات مىنگۈچىدۇر. مىنىۋالسىڭىزلا ئات ھېچ نېمە قىلالمايدۇ.

32. ئاتلىرىڭ ئەسكى خۇيلۇق بولمىسۇن. ياخشى كۆندۈرۈپ، ئېسىل تەربىيەلە. بولمىسا مەنزىلگە يېتەلمەيسەن.

33. ئاتقا يول كۆرسەتكەن سېنىڭ كۆزۈڭدۇر. سېنىڭ كۆزۈڭ بولمىسا ئاتنىڭ كۆزى كارغا كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاتنىڭ كۆزى پەقەت ئوتلاقنى كۆرىدۇ. نەرگە بارسا كۆزى يايلاق تەرەپتە بولىدۇ.

34. ھېسنىڭ نۇرىغا ھەقنىڭ نۇرى مىنسە، جان ئىختىيارسىز ھەق يولىغا ماڭىدۇ.

35. ئات ئۆزلۇگىدىن يول تاپالمايدۇ. پەقەت ئاتقا مىنگەن يولغا باشلايدۇ.

36. ئىخلاسمەن كىشىلەر داۋاملىق ئۆز نەپسىگە ئىگە چىقمىسا، خەتەر ئىچىدە قالىدۇ.

37. بەزىلەر ئىخلاسمەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن قەلبىدە ئىخلاس يوق. ھەقىقى ئىخلاسمەن كۆڭلى پاك كىشى.

38. مەۋجۇتلۇقتىن قۇتۇلساڭ بۇرخاندەك نۇر بولىسەن. قۇللۇقتىن قۇتۇلساڭ سۇلتان بولىسەن.

39. ھەقنىڭ نۇرى ئايدەك. شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنداق ھەيۋەتلىك سىنا تاغلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلدى.

40. يالغانچى شەيىخلەر خەلقنى ئالداش ئۈچۈن دۇكان ئىچىپ ئولتۇرغان جازانىخورلارغا ئوخشايدۇ. بۇنداق شەيىخلەرنىڭ ئۇلاردىن ھىچ پەرقى يوق. ھەتتا ھاڭقالىرى ئەخلاقسىزلىق قىلىدىغان جاي بولۇپ قالغان.

41. ماكاندا بولغان ئەدەپسىز، ماكانىدا بولمىغاندىن ياخشىدۇر. ئىشىكنىڭ ئىلغۇچى ئەگىر بولغىنى بىلەن، ئۇ ئىشىككە مىخلاغلىق.

42. بەدەن كۆلچىكى، كۆڭۇل كۆلچىگىنى كىرلەشتۇرگەن تەغدىردىمۇ، يەنىلا كۆڭۇل كۆلچىگىنىڭ سۈيى بەدەننى پاكىز يۇيىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت كۆڭۇل كۆلچىگىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈر. نەسىھەتنى ئاڭلاپ، بەدەن كۆلچىگىدىن يىراقلاش.

43. سۆيگۈ زەھەرنى بال قىلىدۇ. مىسنى ئالتۇن قىلىدۇ.

44. سۆيگۈنىڭ دەردىمۇ ئادەمگە سىپا بولىدۇ.

45. بۇ سۆيگۈ ئىلىمنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمما، پەسلەرگە بۇنداق بىر ھوزۇر نېسىپ بولمايدۇ.

46. نوقسان ئىلىمدە ئەقىل پۈتۈن بولمايدۇ. نوقسانلىق جانسىزلىق دېمەكتۇر.

47. ئەقىلنىڭ كەملىگى ئىنسان ئۈچۈن ئىزتىراپتۇر. لەنەتلەشكە لايىقتۇر، ئەقىلسىزلىكتىن يېراقلاش.

48. ئەي ئىنسان! سەن، قانداق بولساڭ شۇنداق كۆرۈن ۋە ياكى قانداق كۆرۈنگەن بولساڭ شۇنداق بول!

49. سوئالمۇ بىلىمدىن مەيدانغا كىلىدۇ ھەم جاۋاپمۇ. تىكەنمۇ تۇپراقتىن ئۆسىدۇ ھەم گۈلمۇ.

50. ھىلال ئاي ھەقىقەتەن نوقسانلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس. كۆرۇنۈشتىكى بۇ نوقسانلىق كامالەتكە يىتىپ، تولون ئايغا ئايلىنىش ئۈچۈندۇر.

21.09.2017، گېرمانىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش