ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر – 36

مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر – 36

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

دۇئا

بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يولدا كىتىۋىتىپ، بىر جاڭگالدا قوي باقىدىغان پادىچىنى كۆرۈپتۇ. پادىچى بولسا پۈتۈن زېھنى بىلەن دۇئا قىلىۋاتقان ئىكەن. ھەزرىتى مۇسا ئاستا پادىچىنىڭ قىشىغا كىلىپ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپتۇ:

”ئەي كېرەم ئىگىسى ئۇلۇغ تەڭرى! سەن قەيەردە؟ ساڭا خىزمەت قىلسام. چورۇقىڭنى تىكسەم. چاچلىرىڭنى تارىسام. ھەر دائىم كىرىڭنى يۇسام. سەھەر ئاخشام سۇتلىرىڭنى تەييارلىسام. قوللىرىڭغا سۆيسەم. پۇتلىرىڭنى تۇتۇپ قويسام. ياتىدىغان يەرلىرىڭنى سۈپۈرۈپ، ئورنۇڭنى سالسام. بارلىق قوي، ئۆچكىلىرىم ساڭا پىدا بولسۇن. پۈتۈن بارلىقىم بىلەن ھەر ۋاقىت سېنى زىكىر قىلىمەن.“

ھەزرىتى مۇسا، پادىچىنىڭ بۇ ئالجوقا سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق سوراپتۇ:
”ئەي پادىچى! بۇ سۆزلەرنى كىمگە دەۋاتىسەن؟“

پادىچى:“بىزنى ياراتقان، يەر ۋە ئاسماننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنگە“ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

بۇ ھازىر جاۋاپنى ئاڭلىغان مۇسا مۇنداق دەپتۇ:
”ۋاي ئېسىت! سەن ئالجىپسەن. ئەي قاپاق باش! ھىدايەتكە ئىرىشمەي، زاۋاللىقا يۈزلىنىپسەن. ئاغزىڭدىن تۆكۈلىۋاتقانقىنى نېمە دېگەن مەنىسىز سۆزلەر؟ بۇ نېمە دىگەن كۇپۇرلۇق؟ ئەمەلگە ئاشمايدىغان سەپسەتە. ئاغزىڭغا پاختا تىق. چورۇق پەقەت ساڭىلا ماس كىلىدۇ. جانابى ھەققە بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ لازىمى يوق. بۇنداق سۆزلەردىن تىلىڭنى تارت. جاھان ئوتتا يانمىسۇن. سەن بۇ سۆزلەرنى زادى كىمگە دەۋاتىسەن؟ تاغاڭغىمۇ يا؟
ھەقنىڭ سۈپەتلىرى مۇقەددەس. ئۆسۈپ، چوڭ بولماقچى بولغان سۈت ئىچىدۇ. پۇتقا مۇھتاج بولغان چورۇق كېيىدۇ. بۇلار ھەقنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈندۇر. رەب بۇلاردىن مۇستەسسىنادۇر.“

ھەزرىتى مۇسانىڭ بۇ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلىغان پادىچى چوڭقۇر پۇشايمان ئىچىدە مۇنداق دەپتۇ:
”ئەي مۇسا! ئاغزىمنى ئەتتىڭ. تۇساتتىنلا كەلگەن بۇ پۇشمانلىق ئوتتىن جېنىم ياندى.“

پادىچى ئاھ ئۇرۇپ، پۇشايمان قىلىپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، دەرتكە تولغان كۆڭلى بىلەن چۆلگە قاراپ يول ئاپتۇ.
بۇ چاغدا تەڭرىدىن مۇساغا مۇنداق ۋەھى كەپتۇ:
”بىر بەندىمىزنى بىزدىن ئايرىدىڭ. سەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ ياكى ئايرىش ئۈچۈنمۇ؟ ئامال بار ئايرىلىشقا ئىمكان بەرمە. نەزىرىمىزدە ئەڭ يامان ئىش ئايرىلىشتۇر. مەن ھەر بىر كىشىگە ئايرىم بىر خۇي، ئايرىم خۇسۇسىيەت بەردىم ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزگىچە بىر ياخشى تەرىپى بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆرە مەدىيە سۆزلەر، ساڭا نىسبەتەن سەپسەتەدەك تۇيىلىدۇ.
ئۇنىڭغا بالدەك تېتىغان، سېنىڭ ئۈچۈن زەھەر بىلىنىدۇ. بۇيرۇقلىرىم ئۆزەم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەندىلىرىم ئۈچۈن بىر ئىھساندۇر. ئۇلار مېنى ئاشۇنداق ھۆرمەتلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى پاكلايدۇ.
بىلمەمسەن ئەي مۇسا! بىز سۆزگە ئەمەس، كۆڭۈلگە قارايمىز. ھالىغا قارايمىز. كۆڭۈلدە ئىتائەتمەنلىك بارمۇ يوق ئۇنىڭغا قارايمىز. كۆرۈنىشىگە قارىمايمىز. چۈنكى قەلب جەۋھەر، سۆز بولسا شەكىل. شۇڭا شەكىل ئۆتكۈنچىدۇر، جەۋھەر بولسا مەقسەتتۇر.“

ھەزرىتى مۇسا بولسا تەڭرىنىڭ بۇ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ، كۆڭلى باشقىچە بىر تۇيغۇغا كەپتۇ. كۆرۈش بىلەن سۆزلەشنى بىر-بىرىگە ئارلاشتۇرۋىتىپتۇ. گاھ ھۇشىغا كىلىپ، گاھ ھۇشىدىن كىتىپتۇ. بۇ ھالىنى سۆز بىلەن ئىپادىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن. چۈنكى بۇنى ئاڭلىتىشقا جان ۋە كۆڭۈل ئاجىزلىق قىلىدىكەن.
سۆزلەرگە ئەقىل يەتمەيدىكەن، يېزىشقا قەلەم چىدىمايدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەس-ھوشۇنى يېغىپ، پادىچىنى ئىزدەپ تىپىش ئۈچۈن، ئۇ كەتكەن تەرەپكە ئۇچقاندەك چىپىپتۇ. ھەر تەرەپتە ئۇنى ئىزدەپتۇ. ئۇ ئاشىق پادىچىنى سوراپتۇ.
مۇسا ھەر تەرەپنى ئىزدەپ ئاخىرى ئۇ پادىچىنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
”ئەي پادىچى! ساڭا بىر خوش خەۋىرىم بار. ھەقنىڭ رۇخسىتىنى ئەكەلدىم. سەن ئەدەپلىك ۋە گۈزەل سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى كۆڭلىڭ نېمىنى خالىسا شۇنى سۆزلە. كۇپۇرۇڭ دىن بولدى ۋە دىنىڭ جان نۇرى بولدى. ھەق ساڭا ئىشەنچ ۋە ئىھسان ئاتا قىلدى. نېمىنى ئويلىساڭ شۇنى دە، كۆڭلۈڭنى بەخوزۇر ئاچ.“

ھەزرىتى مۇسادىن بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىچى:
”ئەي مۇسا! مەن ئۇ سۆزلەرنى ئۇنۇتتۇم. ھازىر مەن كۆڭۈل قانائىتىگە چۆمۈلدۇم. يۈز مىڭ يىل ئارقا-ئارقىدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. قامچاڭ ئېتىمنى چاپدۇردى. ئۇ كۆك مەيدانلىرىدىن ئاشتى. ماددى ئالەمنى ئىلاھى ئالەمگە يېقىنلاشتۇردى. قول-پۇتۇڭغا ئاپىرىن! ھالىم سۆزلىرىمدىن بەتەر ئىدى. سۆزلىگەن بىھۇدە سۆزلىرىم ئۆزەمنىڭ مەيلى ئەمەستى. ئەينەكتىن سۈرەتىڭنى كۆرسەڭ، ئۇ سۈرەتنى ئەينەكنىڭ دەپ قالما. نەيگە ئاۋازنى نەيچى بېرىدۇ. ئەمما، بۇ قابىلىيەت نەيچىگە ئەمەس، بەلكى نەيگە خاستۇر.“ دەپ خىتاپ قىپتۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

كۇپۇرنىڭ پۇرىقىدىن بۇ جاھان سېسىپ كەتتى.

ئەقىلسىزنىڭ دوستلۇقى، دۈشمەنلىكتۇر.

ھەق توغرىسىدا قالايمىقان سۆز قىلىش، ئىنساننىڭ قەلبىنى ئۆلتۈرىدۇ.

”تۇغمايدۇ، تۇغۇلمايدۇ“ دېگەن سۈپەت، ھەققە خاستۇر.

تۇغۇش جىسىمنىڭ ماھىيىتىدۇر. تۇغۇلغان ھەر نەرسىمۇ جىسىمدۇر.

سۆزدە خاتالاشسا بۇ ئۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق ئەمەس. مۇھىمى قەلبتۇر.

شېھىتلار قان ئىچىدە بولسىمۇ، ئۇلار پاكتۇر. غۇسۇل بىھاجەت.

سۇ بولسا شېھىت قانلىرىدىن ئۈستۈن ئەمەس.

كەبىنىڭ ئىچىدە قىبلىنىڭ ئىشارىتى بولمايدۇ.

ئاشىقلارنىڭ دىنى ۋە مەزھىپى رەب.

ئەدەب ئىگىلىرى باشقىچە بولۇپ، جېنى ئاشىق ئوتىدا يانغاننىڭ قەلبى پاك كېلىدۇ.

ئاشىقنىڭ باسقان ئىزلىرى، باشقا ئىزلارغا ئوخشىمايدۇ. ئاشىق بىر روھتەك يۇقارىدىن تۆۋەنگە قەدەم ئالىدۇ. بۇ قەدەملەر خۇددى پىلنىڭ چامدىمىغا ئوخشايدۇ. بۇ قەدەملەر بەزىدە دېڭىز دولقۇنلىرىدەك يۇقارىغا كۆتۈرۈلسە، بەزىدە بېلىقتەك سۇنىڭ ئاستىغا شۇڭقىيدۇ.

ھەقنىڭ مۇلايىملىقىدىن يەر يۈزىدە نۇرغۇن ئەسەر باردۇر. ئەسكىلىكلەرنى گۈلىستان قىلىدۇ. ياخشىلىقى ئەسكىلىكلەرنى ئۆرتۈپ، ئۇلاردىن گۈللەر، باشاقلارنى ئۆستۈرىدۇ.

ئۆسۈشنى ئارزۇ قىلغان ھەربىر دەرەخكە نىسبەتەن، ئۆسۈش ئۇنىڭ خۇيى. ئۆسۈشكە مەيلى بولغان گىياھتىمۇ ئۆسۈش كۈچى مەۋجۇت. ئەمما، ئۇچى يەرگە ئىگىلگەندە قۇرۇشقا ۋە كىچىكلەشكە باشلايدۇ.

روھۇڭ ئۇلۇغ ئالەمگە يۈزلەنسە، يەردە مولچۇلۇقنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش