ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر – 38

مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر – 38

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئېيىق بىلەن يىگىت

بىر ئورمانلىقتا بىر ئېيىق ياشايدىكەن. كۈنلىرى ناھايىتى خاتىرجەم بەختىيار ئۆتىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بۈك-باراخسان ئورمانلىققا بىر ئەجدىھا نەلەردىندۇ كېلىپ، زومىگەرلىك قىلىشقا باشلاپتۇ ۋە ئېيىققا تەھدىت ساپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېيىقنىڭ ناھايىتى خەتەر ئىچىدە قاپتۇ. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان بىر پالۋان يىگىت ئۇ گۇناھسىز ئېيىققا ياردەم قىلماقچى بولۇپ، ئورمانغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.

دىمەك بۇ دۇنيادىمۇ ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلايدىغان مەرت، پالۋان كىشىلەر بار. بۇنداق كىشىلەر ئىزىلگەن مەزلۇملار ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنى پىدا قىلىشقا ھەرۋاقىت ھازىر.
بۇنداق پىداكار ئىنسانلار مەزلۇملارنىڭ پەرياتلىرىنى ئاڭلىسا، خۇددى مەرھەمەت دېڭىزىدىن دولقۇنلاپ تاشىدۇ. مانا بۇنداق كىشىلەر جاھاننىڭ نەرىدە بىر زۇلۇم بولسا، ئۇ يەرگە دەستەك بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولىدۇ.

يولغا چىققان يىگىتكە كۆكلەردە سادا كەپتۇ:

ئەي يىگىت!
ئەلۋەتتە دەرتلىك بىر كىشى ئۆز دەردىگە دەرمان ئىزدەيدۇ. مانا سەندەك يىگىتلەر چارىسىز كۆڭۈللەرگە تەسەللى بېرىدۇ. سېنىڭدەك يىگىتلەرنىڭ ياڭراق ئاۋازى شەپقەتتۇر. كېسەلگە شىپالىق دورىدۇر.
قەيەردە دەرت بولسا دەرمانمۇ ئاشۇ يەردە بولىدۇ. قەيەر پەس بولسا، سۇ شۇ يەرگە ئاقىدۇ.
شەپقەت سۇيى ئىستىسەڭ كەمتەر بول. شەپقەت قەدەھىدىن ئىچ، مەس بول.
ئەزەلدىن بۇيان شەپقەتلىك بولغان كىشىگە مۇكاپات بار. ئەي ئوغۇل! يالغۇز ياخشىلىق بىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلما. ئەقلىڭنى ئىشقا سال. كۈچ بىلەن ئەقىلنى بىرلەشتۇر!

شۇنداق قىلىپ يىگىت ئورمانغا يېتىپ كەپتۇ. يىگىت ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا ساپتۇ ۋە ئەقلىنى ئۆزىنىڭ يىگىتلىك كۈچى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەجدىھانى ھالاك قىلىپتۇ. ئېيىقنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپتۇ. بۇ جەڭدە ئەجدىھا يىڭىلىپتۇ، چۈنكى ئەجدىھانىڭ كۈچى بولغىنى بىلەن ئەقىل پاراسىتى يوق ئىكەن. ئەجدىھانىڭ ئەقلى ھەرقانچە بولسىمۇ يىگىتنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە يەتمەپتۇ.

يىگىت ئېيىقنى قۇتقۇزغاندىن كىيىن، ئېيىق ئۆز ئىختىيارىى بىلەن ئۇ يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ. ئۇ يىگىت نەرگە بارسا شۇ يەرگە بېرىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ يىگىت ئاغرىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئېيىق ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇپتۇ. بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىرسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: ”بۇ قانداق ئىش؟ ئەي قىرىندېشىم! ئېيىققا بۇنداق يىقىنچىلىق قىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟“ دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئەجدىھا ۋەقەسىدىن تارتىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بىرىپتۇ. يولوچى ئادەم مۇنداق دەپتۇ:
”شۇنداقتىمۇ سەن دىققەت قىل. ئېيىققا كۆڭۈل بەرمە. ناداننىڭ دوستلۇقىمۇ دۈشمەنلىكتۇر. ئۇنىڭ ساڭا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپتۇر.“
يىگىت بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن:
”ۋاللاھى سەن ماڭا ھەسەت قىلىۋاتىسەن. سەن ئۇنىڭغا ئەمەس، ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە قارا.“ دەپتۇ.

ئادەم: ”نادانلارنىڭ مۇھەببىتى ئەسكىلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. مېنىڭ ھەسىتىم ئۇنىڭ سۆيگۈسىدىن ياخشى. سەن ئېيىقتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇر. مېنىڭ بىلەن يولداش بول. ئۆز نەسلىڭدىن ۋاز كەچمە. ئېيىقتىن دوست بولمايدۇ“ دەپ قايتا-قايتا نەسىھەت قىلىپتۇ.

يىگىت: ”ئەي ئۇچىغا چىققان ھەسەتخور! ئۆز يولۇڭغا ماڭ، يوقال!“ دەپ، ئادەمگە ۋاقىراپتۇ.

ئادەم: ”ئەي يىگىت! ئۆتۈنۈپ قالاي. ئېيىقتىن ۋاز كەچ. ساڭا دوست ۋە يولداش ئۇ ئەمەس. مەن ئەندىشىدىن يۈرىگىم قاتتىق سېلىپ كىتىۋاتىدۇ. ماڭ مەن بىلەن. ئېيىق بىلەن ھەرگىز ئورمانغا بارما. يۈرەگىم بىر نېمىنى سېزىپ، تىترەۋاتىدۇ. يالغان سۆزلىمىدىم. بۇ سېزىش ھەقنىڭ نۇرىدىن بولغان. گېپىمگە ئىشەن.“

يولوچى ئادەمنىڭ يالۋۇرۇپ شۇنچە قىلغان سەمىمىي نەسىھەتلىرىنى، يىگىت ھەرگىز ئاڭلىماپتۇ. ئۇ ئادەمنىڭ نەسىھەتلىرىنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتۇ.
ئادەم ئاخىرى يىگىتكە قاراپ: ”بوپتۇ، ئۇنداقتا مەن كەتتىم. چۈنكى سېنىڭ ئەقلىڭ جايىدا ئەمەس ئىكەن“ دەپ يولغا راۋان بوپتۇ.
يىگىت، ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن: ”ماڭ يوقال، ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى قىل.“ دەپتۇ.

ئادەم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ تۇرۇپ: ”پەخەس بول يىگىت! مېنىڭ ساڭا دۇشمەنلىك قىلىدىغان نىيەتىم يوق. ئەگەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان بولساڭ. ئۆزەڭگە ياخشىلىق قىلغان بولاتتىڭ“ دەپتۇ.

يىگىت: ”مەنى ئاۋارە قىلماي، يولۇڭغا ماڭ. ئۇيقۇم كەلدى.“ دەپتۇ.

ئادەم ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىم يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: ”دوستۇڭنىڭ نەسىھەتىدىن گۇمان قىلما. ئەقىللىق بىرسىنىڭ يېنىدا ئۇخلا. ئۇ ياخشى كىشى سېنى ھىمايە قىلسۇن“ دەپتۇ – دە ، يولىغا راۋان بوپتۇ.

يىگىت، ئادەمنىڭ نەسىھەتلىرىدىن تىرىكىپتۇ ۋە ئۇ ئادەمدىن گۇمانلىنىپ مۇنداق ئويلاپتۇ:
”ھەر ھالدا ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بىر قاتىلمۇ ياكى مېنى قورقۇتۇپ، مېنىڭدىن بىر نەرسىلەرنى ئۇندۈرىۋىلىش ئۈچۈن كەلگەن تىلەمچىمۇ؟ يا بولمىسا بىر توزاق قۇرۇش ئۈچۈن، ماڭا ماشۇنداق تەھتىدلەرنى قىلىپ، ئۆز دوستۇمدىن قورقۇتماقچى بولدىمۇ؟“

يىگىت، ئۇ ئاق كۆڭۈل ياخشى نىيەتلىك كىشى توغرىسىدا خاتا چۇشەنچىلەردە بوپتۇ ۋە دەرھال ئۇيقۇغا غەرىق بوپتۇ. ئېيىق بېشىدا قاراپ تۇرۇپتۇ. بىر چاغدا يىگىتنىڭ يۈزىگە چىۋىنلەر كىلىپ قونۇشقا باشلاپتۇ. يىگىتنىڭ يۈزىگە قونغان چىۋىنلەرنى، ئېيىق قوغلاشقا باشلاپتۇ. ئەمما، چىۋىنلەر يەنە كىلىپ قونۇپتۇ. ئېيىق قولى بىلەن يەنە چىۋىنلەرنى قوغلاپتۇ. چىۋىنلەر يەنە ئۇچۇپ كىلىپ قونۇپتۇ. چىۋىنلەرنىڭ بۇ جايىللىقىنى كۆرگەن ئېيىق قاتتىق تىرىكىپتۇ. يىگىتنى چىۋىنلەردىن قوغداشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئېيىق، چىۋىنلەرنى مىجىپ، ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلماقچى بوپتۇ ۋە يىنىدا تۇرغان يوغان تاشنى ئىلىپ، يىگىتنىڭ يۈزۈگە قونۇۋالغان چىۋىنلەرگە قارىتىپ بارلىق كۈچى بىلەن ئۇرۇپتۇ. يىگىت ئۇخلاۋاتقان يېرىدىلا جان بېرىپ، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقە پۈتۈن ئالەمگە پۇر كىتىپتۇ.

شۇندىن بىرى ئەخمەق، نادانلارنىڭ دوستلۇقىنى ئېيىقنىڭ دوستلۇقىغا تەمسىل قىلىدىغان بوپتۇ.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش