ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پەن - مائارىپ » تىلىمىزنى توغرا ساقلاپ قېلىش ھەققىدە

تىلىمىزنى توغرا ساقلاپ قېلىش ھەققىدە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 27-سېنتەبىر

بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۆزلىرى ۋە باشقىلاردىن «ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن خىرىسقا قارىتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالنى سوراپ، ھازىرقىدەك بىر پايدىسىز شارائىتتا ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئانا تىل بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، مەن ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقىلى ۋە قەلەم تەۋرىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. مەن بۇ ھەقتە تەييارلىغان ئەڭ ئاخىرقى ماقالىنىڭ تېمىسى «بالىلارغا دىننى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆگەتسە ئەڭ مۇۋاپىق؟» [1] بولۇپ، مەلۇم مۇھىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن بۇ ماقالىنىڭ تېمىسىدا «ئانا تىل» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىدىم. ئەمما ئۇنىڭدا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئارقىلىق بالىلىرىغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىسىغا ئائىت بىر قىسىم كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇنداقلا بالىغا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تىلنى ئۆگىتىشنىڭ پايدىسى، ھەمدە بالىلارغا ئانا تىل، باشقا تىل ۋە دىن ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يېشى جەھەتتىكى بىر قىسىم ئىلمىي بايقاشلار ۋە ئىلمىي قاراشلارنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتۈم. چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىش تىلىمىزنى قوغداپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم چارىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا ئۇ تىلىمىزنى قوغداپ قېلىشتىكى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرى. ئەمما ئۇ تىلىمىزنى قوغداپ قېلىشنىڭ يېتەرلىك شەرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. ئۇنىڭ يېتەرلىك شەرتلىرىنىڭ ئىچىدە يەنە ئۆزىمىز ئانا تىلىمىزنى توغرا ئۆگىنىش، شۇ ئاساستا ئانا تىلىمىزنى بالىلىرىمىزغا توغرا ئۆگىتىش، ھەمدە ھەممە ئۇيغۇرلار ھەر قانداق جايدا ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئانا تىلىمىزنى توغرا ئىشلىتىشتەك باشقا مۇھىم ئامىللارمۇ بار.

مەن مەزكۇر ماقالىدە چوڭلارنىڭ ئانا تىلىمىزنى توغرا ئۆگىنىشى، ھەمدە ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئانا تىلىمىزنى توغرا ئىشلىتىشى ھەققىدە توختىلىمەن. بۇ ئىش ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش، ھەمدە ئۇنى توغرا ساقلاپ قېلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشكە ئائىت مەزمۇنلارنى ئالدىنقى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان بولغاچقا، ئۇ مەسىلە ھەققىدە مەزكۇر ماقالىدە قايتا توختالمايمەن. مەن «بالىلارغا دىننى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆگەتسە ئەڭ مۇۋاپىق؟» دېگەن ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان ۋەتەنداشلارغا ئۇنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  1. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل

ھازىر ئانا تىلىمىزنى توغرا ئىشلىتىش جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلىرى بار:

–(1) ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئانا تىلنى سىستېمىلىق ئۆگىنەلمەسلىك

–(2) خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلنى سىستېمىلىق ئۆگىنەلمەسلىك

–(3) ئانا تىلنى ئۆگەنگىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىلىرىنى ئۇنتۇلۇپ كېتىش

–(4) ئۆزى جۇڭگودا بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلى ئىشلەتمەيدىغان ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلنى ئۇنتۇلۇپ كېتىش

–(5) چەت ئەلدە ياشاۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئانا تىلنى ئۇنتۇلۇپ كېتىش

–(6) ئېغىر دەرىجىدىكى بىپەرۋالىق

–(7) ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى كۆزگە ئىلماسلىق، ۋە ئۇلارنى قەدىرلىمەسلىك

مەن يۇقىرىدىكى 1 – 5- سەۋەبلەرنى توغرا چۈشىنىمەن، ئەمما 6-سەۋەبكە ئېچىنىمەن، ۋە 7-سەۋەبكە بولسا نەپرەتلىنىمەن.

1-رەسىم: ئاۋىسترالىيە ئادېلايدې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپنىڭ ئوماقلىرى.

مەن بۇ يەردە 6-سەۋەبكە بىر مىسال كۆرسىتەي. مېنىڭ «erkinsidiq@gmail.com» دېگەن بىر ئېلخەت ساندۇقۇم بار بولۇپ، مەن ئۇنى ئۆزۈمدىن مەسلىھەت سورايدىغان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقىلى 10 يىل بولدى. گەرچە مېنىڭ ئىسمىمنىڭ توغرا يېزىلىشى يۇقىرىدىكى ئېلخەت ئادرېسىدا ئېنىق بار بولسىمۇ، ماڭا خەت يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەم دېگەندە يېرىمى ئىسمىمنى «Arkin»، «Arken»، «Erken»، «Sidik»، «Sedik»، «Sidek» دېگەندەك ھەر خىل بۇزۇلغان شەكىلدە يېزىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ماڭا 10 ئوقۇغۇچىدىن كەلگەن خەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ 10 خىل بۇزۇلغان ۋارىيانتى ئىشلىتىلدى. مەن ئاشۇنداق قىلغانلارغىمۇ باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا جاۋاب قايتۇرۇپ كەلدىم. ئەمما، ھەر قېتىم ئاشۇنداق يېزىلغان خەتلەرنى ئوقۇلغاندا ئىنتايىن راھەتسىزلەندىم. ھەمدە مىللەتنىڭ ئاشۇنداق بىر دەرىجىدىكى ئېغىر بىپەرۋالىقىغا قاتتىق ئېچىندىم. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئەگەر بىرەر تىل-يېزىقنى باھالايدىغان ئورۇن ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يېزىلغان ئۇيغۇرچە يازمىلارنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم «ئۇيغۇرلار بىر ساۋاتى تولۇق چىقمىغان مىللەت ئىكەن»، دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. ئەگەر سىز ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى خۇددى مېنىڭ ئىسمىمنى خاتا يازغاندەك خاتا يازىدىكەنسىز، سىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆز ھۆرمىتىڭىزنى بىر دەمدىلا پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىسىز. ئىنگلىزچە يازمىلاردىمۇ ھەم شۇنداق. سىز ئىنگلىزچە نەرسە يازغاندا، مەسىلەن، بىر چەت ئەللىككە ئىنگلىزچە ئېلخەت يازغاندا، 50 پىرسەنت سۆزلۈكتە خاتالىق بار بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، پەقەت بىر پىرسەنت سۆزلۈكتە خاتالىق بار بولسىمۇ سىز باشقىلارغا بىر ناھايىتى قالاق ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئادەم بولۇپ كۆرۈنىسىز.

ئۇيغۇرچە نەرسە يازغاندا بىپەرۋالىق بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى خاتا ئىشلىتىش تىلىمىزنى ھۆرمەتلىمەسلىك ۋە قەدىرلىمەسلىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. ئۇ يەنە مىللەتنى ھۆرمەتلىمەسلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىز ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلىمىسەك، ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلاردىن ئۇيغۇرلارنى ھۆرمەتلەش توغرىسىدا نېمىنى كۈتەلەيمىز؟ يەھۇدىيلار، ياپونلار ۋە گېرمانلار ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتتىن كۆپ ئۈستۈن قويىدۇ. ئۆزلىرىنى باشقا ھېچ كىمگە تەڭ قىلمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئېلىپ بارىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيدە ئىززەتلەنمىگەن بالا سىرتتا خارلىنىدۇ. ئەگەر بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىمىسەك ۋە قەدىرلىمىسەك باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە ئىلىنمايمىز.

يۇقىرىدىكى 7-سەۋەب بويىچە ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇتقان يولىنى ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق سۈپىتى ۋە ئۇيغۇرغا ماس كەلمەيدىغان خاراكتېرى بەلگىلىگەن بولۇپ، مەن ئۇلار ھەققىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختىلىشىمنى خالىمايمەن.

ئەمما مېنىڭ بۇ يەردە ئالدىنقى 5 سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنى توغرا قوللىنالمايۋاتقان ۋەتەنداشلارغا يەنە بىر قانچە ئېغىز گەپ قىلغۇم بار. مېنىڭ مۆلچىرىمچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنەلەيدىغان ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 يىلدىن ئاشىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ 50 يىلنىڭ ھەر بىر يىلىدا بىر نەرسىنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆگىنىپ ماڭسىڭىز، ئۆمرىڭىزدە ئىنتايىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ تۈگىتەلەيسىز. بىر قىسىم نەرسىلەرنى چوقۇم بىر مەكتەپتە سىستېمىلىق ئۆگەنمىسە ئۆگىنىۋېلىش تەسكە توختايدۇ. مەسىلەن، مەن ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان ئوپتىكا تېخنولوگىيىسى كەسپى. ئەمما يەنە بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. تىل مەكتەپتە ئوقۇماي ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى. مەن باشلانغۇچ 1-سىنىپتىن تارتىپ يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان. ئەمما، مېنىڭ رەھمەتلىك دادام بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، مەن ئاشۇ باشلانغۇچ 1-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا دادامدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ كونا يېزىقى بىلەن سلاۋيان يېزىقىنى ئۆگىنىۋالغان. بۇ يېزىقلاردىمۇ ئاران 32 ھەرپ بار بولغاچقا، ئۇ يېزىقلارنىڭ ھەر بىرسىنى ئۆگىنىۋېلىشقا بىر نەچچە ھەپتىلا ۋاقىت كەتكەن. ئۇ چاغدا بالىلار ئۈچۈن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلار بولمىغاچقا (مەن 1965-يىلى باشلانغۇچ 1-سىنىپقا كىرگەن)، مەن چوڭلارنىڭ كونا يېزىق ۋە سلاۋيان يېزىقىدىكى كىتابلىرىنى ئېچىپ، ئايرىم-ئايرىم سۆزلەرنى ئوقۇپ ئوينىغان.

يېزىغا قايتا تەربىيىگە چۈشكەن ۋاقتىمدا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت بولمىغاچقا، بىزگە ھەقسىز تارقىتىلىدىغان «ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار» دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى بىلەن خەنزۇچىسىنى يېنىمدا ساقلاپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۆزلۈكۈمدىن خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەن.

مەن ئىنگلىز تىلى بىلەن ياپون تىلىنىمۇ دەسلىپىدە پۈتۈنلەي ئۆزۈم ئۆگەنگەن. كېيىن ئىنگلىز تىلىدا بىر مەۋسۇم، ۋە ياپون تىلىدا يېرىم يىل مەخسۇس تىل كۇرسىدا ئوقۇدۇم. ئاشۇنداق ئاساسىمغا تايىنىپ ياپوندا ۋە ئامېرىكىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرىمنى ئېلىپ باردىم. ھازىرمۇ ئامېرىكىدا شۇنداق قىلىۋاتىمەن.

مەن 1971 – 1976-يىللىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ئۆگەنگەن. مەندە ھازىر بار بولغان ئۇيغۇر تىلى ئاساسى ئەنە شۇ چاغدىن كەلگەن بولۇپ، مەن 1976-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە بىرەر دەرس ئېلىپ باقمىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بىزگە ئۇيغۇرچە شېئىرلارنىڭ قائىدىسى دەرس قىلىپ ئۆتۈلگەن. ئەمما مەن ھېكايە، پوۋېست، زاۋېن (نەسر)، خەۋەر ۋە دوكلات يېزىشقىمۇ قىزىققان بولۇپ، ئۇلارنى ئوخشاش خىلدىكى ماتېرىياللارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە تىرىشقان. يەنى، ئەگەر سىزدە ئاشۇنداق ئىستەك بار بولىدىكەن، سىز ھەر بىر نەرسە ئوقۇغاندا مۇنداق ئىككى نەرسىگە دىققەت قىلىسىز. بىرى ئوقۇغان مەزمۇن. ئىككىنچىسى ئوقۇغان نەرسىنىڭ شەكلىي-قۇرۇلمىسى، ۋەقەلەرنىڭ بايان قىلىنىش ئۇسلۇبى، ئىشلىتىلگەن سۆزلىرى، ۋە تىل-ئەدەبىيات قائىدىسى قاتارلىقلار. ھېكايە ئوقۇش ئارقىلىق ھېكايە يازالايدىغان بولغىلى بولىدۇ. خەۋەر ئوقۇش ئارقىلىق خەۋەر يازالايدىغان بولغىلى بولىدۇ. ماقالە ئوقۇش ئارقىلىق ماقالە يازالايدىغان بولغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكا قائىدىلىرىنى ۋە سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشلىرىنى توغرا ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئىشلارغا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش كەتمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا ئىستەك، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق كېتىدۇ. بىر نەرسە ئوقۇغاندا ھەم مەزمۇنغا دىققەت قىلىش، ھەم تىل قائىدىسىگە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇر تىلىنى توغرا ئىشلەتمەسلىكنىڭ يۇقىرىدىكى 1- 5-سەۋەبلىرىدىن كېلىپ چىققان ئاجىزلىقنى پۈتۈنلەي تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرنى سۆيىدىغان كىشى ئۇيغۇر تىلىنىمۇ سۆيۈشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىنى توغرا ئىشلىتىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر سىز ئۇيغۇرچە بىر نەرسىلەرنى يازىدىغان بىرى بولسىڭىز، ياكى ئۇيغۇرچە خەت، ماقالە ياكى باشقا بىر خىل ئەدەبىي ئەسەر يېزىشنى ئۆگىنىۋېلىشنى ئىستەيدىغان بىرى بولسىڭىز، چوقۇم 6 ئاي، بىر يىل ياكى 2 يىل ۋاقىت چىقىرىپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆزىڭىزگە يەتكۈدەك دەرىجىدە ئۆگىنىپ قويۇڭ. بىز شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قالالايمىز. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى توغرا ساقلاپ قالالايمىز. باشقىلار ئالدىدا بىر مۇكەممەل خاس تىلغا ئىگە مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇپ كۆرۈنەلەيمىز.

مەن يېقىندا «ئۇيغۇرچە بارماق ۋەزىنلىك شېئىر يېزىش قائىدىسى ھەققىدىكى چۈشەنچەم» دېگەن بىر تېمىدا بىر يازما تەييارلاپ، ئۇنىڭدا ئاشۇنداق شېئىرلارنىڭ قائىدىسى ھەققىدىكى ئۆز چۈشەنچىلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم [2]. شېئىرىيەت ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان ۋەتەنداشلار ياكى ئۇيغۇرچە شېئىر ھەۋەسكارلىرى ئۇنى بىر بىر قېتىم ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ.

ئىلاۋە: مەن ھازىر بىر داڭلىق زاتنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، مەن يېقىندا ئاڭلىغان بىر لېكسىيىدە ئۇ مۇنداق دېدى:  تارىختا ياسالغان ئەڭ كۆركەم بىنالار دىنىي بىنالاردۇر.  ئۇلار دىندار كىشىلەر ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.  كۆركەملىكتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان بىنالار ئەمەلدارلار ئۈچۈن سېلىنغان بىنالار بولۇپ، ئۇلارنى پادىشاھلار ئىشلەتكەن.  كېيىنچە ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشىگە ئەگىشىپ، سودا بىنالىرى ۋۇجۇتقا كەلگەن. بىنالارغا تارىختىكى ۋاقىتلار، ۋەقەلەر ۋە نەرسىلەر خاتىرلەنگەن بولىدۇ.  بىنالار بىر دۆلەتنىڭ 3-تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  يەنى، دۆلەتنىڭ 1-تىلى كىشىلەر سۆزلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىل. ئىككىنچى تىلى بولسا بىر دۆلەت خەلقى ئىشلىتىدىغان يېزىق.  ئۈچىنچى تىلى بولسا بىنالار بولۇپ، 4-تىلى بولسا سىزنىڭ يېمەكلىكلىرىڭىز بولىدۇ.

  1. چەت ئەلدىكىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىتاب-ماتېرىيال مەنبەلىرىدىن قانداقلىرى بار؟

ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويۇلغان بولغاچقا، ھازىرچە ۋەتەندىن ئۇيغۇرچە كىتاب ئەكەلدۈرۈش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەمما تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە كىتابخانىلاردىن خېلى كۆپ كىتابلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر بىر قانچە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرچە ژۇرنال ۋە كىتابلارنىڭ ئېلكىتاب (PDF) نۇسخىلىرى بار. شۇنداقلا بىر قىسىم ئوت يۈرەك ۋەتەنداشلار چەت ئەلدىكىلەر ئۈچۈن ئاۋازلىق كىتاب ئامبارلىرىنىمۇ قۇرۇپ چىقتى. ئۇيغۇرچە ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق ئانا تىلىنى توغرىلىماقچى ياكى پىششىقلىماقچى بولغان ۋەتەنداشلار ئاشۇنداق مەنبەلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ ئېسىمگە كەلگەنلىرى بولۇپ، ئۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس. چۈشۈپ قالغان تور بەتلىرىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ ماڭا ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتى، پۇلى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ، مىللەت ئۈچۈن تۆۋەندىكى تور بەتلىرىنى ياساپ چىققان قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

[1] ئالتۇن ئوق تور كىتاب ئامبىرى

http://www.altunoq.com/

[2] ئېلكىتاب ئامبىرى

https://www.elkitab.org/

[3] ئانا يۇرت ژۇرنىلى

http://anayurtjurnili.net/

[4] ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتى

http://www.akademiye.org/ug/

[5] تەدبىريار يۇتيۇب ئاۋازلىق ئەسەرلىرى

https://www.youtube.com/playlist?list=PLmzPlt07BuCy6AEk3wR3LjAEt2B0nYqHK

[6] ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تور سەھىپىسى

http://www.azizisa.org/

[7] لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئاۋازلىق ئەسەرلىرى

http://www.uyghurensemble.co.uk/en-html/u-awazliq-eserler.html

[8] فېيىسبۇك: ئاۋازلىق ئەسەرلەر

https://www.facebook.com/awazliq.eserler/

  1. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نى توغرا ئىشلىتىش ھەققىدە

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، ھازىر ئۇيغۇرلار ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) ياكى «يېڭى يېزىق» نىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ۋەتەن، ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان شەكلى بولۇپلا قالماستىن، ھەر بىر دۆلەتتىمۇ يەنە بىر قانچە كىچىك تىپتىكى ئوخشىمىغان تۈرلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئەگەر ھازىر ئۇيغۇر ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان بىر ئادەم پۈتۈن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە ئىنتېرنېت مۇنبەرلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش قىلىدىغان بولسا، ئۇيغۇرنى «ساۋاتى ياخشى چىقمىغان، تايىنى يوق، ئىنتايىن چېچىلاڭغۇ بىر مىللەت ئىكەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىشى مۇمكىن. بۇ بىر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولۇپ، ئۇ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. يۇرتىمىزدىكى بىر قىسىم تىل مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئوت يۈرەك ياشلار 2000-يىللارنىڭ بېشىدىكى 4-5 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي مۇنازىرە، مۇزاكىرە يۈرگۈزۈش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، ULY يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ULY نى بارلىققا كەلتۈردى.

مەن بۇ ULY توغرىسىدا كەم دېگەندە مۇنداق 2 ئالاھىدىلىك بارلىقىنى ھېس قىلدىم: 1) ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان ھەممە مىللەتلەر شۇ پېتىچە ئوقۇيالايدۇ (مەسىلەن، «Qimen’gül» بىلەن «Cimen’gül» نى ئىنگلىز تىلىدىكىلەر توغرا ئوقۇيالمايدۇ، ئەمما «Chimen’gül» نى ئوقۇيالايدۇ)، ھەمدە تېز يېزىشقا توغرا كەلگەندە، چەت ئەلدىكى ئۆلچەملىك كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسىدە چېكىتسىز ھەرپلەر بىلەن تېز سۈرئەتتە يازغىلى بولىدۇ. 2) بىر قىسىم ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرى خالىس ئىشلەش ئارقىلىق، بىر خىلدىكى يۇمشاق دېتالنى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، شۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر ULY ۋە UEY دىكى ھۆججەتلەرنى ئۆز ئارا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى ئىككى تور بېتىدە ئاشۇنداق يۇمشاق دېتال بار بولۇپ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىغا ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايسىز:

http://www.yulghun.com/

http://www.kenjisoft.com/uyghuredit/program/uyghuredit.zip

يۇقىرىدىكى ئىككى تور بېتىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تىللار ئوتتۇرىسىدىكى لۇغەتمۇ بار بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردىن تاپالايسىز:

http://dict.yulghun.com/

http://www.kenjisoft.com/judict/

مەن چەت ئەلدە ئوقۇغان، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىدا بىلىمى بار، ئەمما يۇرتىمىزدىكى ULY توغرىسىدا قارار ئېلىش جەريانىغا قاتنىشالمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھازىرچە ULY قارارىغا بويسۇنۇشىنى، ئۆز ئالدىغا ئايرىم ULY تۈزۈپ چىقىپ ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، بىز ئۇيغۇر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئەمەس، ئۇنى بۇزغۇچى بولۇپ قالىمىز. بىز باش قاتۇرمىساق بولمايدىغان، كۆڭۈل بۆلمىسەك بولمايدىغان، ئىزدەنمىسەك بولمايدىغان نۇرغۇن مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار بار. ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئىشلىتەلەيدىغان ۋە ئىشلىتىشكە تېگىشلىك ئىشلار ۋە سورۇنلار ئىنتايىن كۆپ. ئەمما، مېنىڭچە يېڭى بىر ULY نى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۇنىڭ بىرى بولماسلىقى كېرەك. بىر قېتىم قارار قىلىنىپ بولغان ئىشنى چەت ئەلدىكىلەر ئۆز ئالدىغا ئايرىم قايتا مۇزاكىرە ۋە قارار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىر ئىش توغرىسىدا ئاخىرى ئۈزۈلمەيدىغان مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە قىلىش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا مەن ھەممە ئادەمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى يېزىقتا تۈزۈلگەن تور بېكەتلىرىدە ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقىدە بىر تۇتاش ULY نى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. مىللەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن، ھەمدە كەلگۈسىدە چوڭراق ئىشلارنى قىلىشنى نىشانلىغان ھەر بىر ياش ئۈچۈن ULY دەك 32 ھەرپلىك يېزىقنى ئۆگىنىۋېلىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس. ئۇ بىر كىشىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن چوڭ نەتىجىسى بولۇپمۇ ھېسابلانمايدۇ. بەلكى، ھازىرقى زاماندا ئۇيغۇر تىلى، UEY ۋە ULY نى پۇختا بىلىش ھەمدە ئۇلارنى توغرا ئىشلىتىش، ئۆزىنى مىللەتپەرۋەر ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.2-رەسىم: ULY بىلەن UEY نىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى.

  1. ئاخىرقى سۆز

مەن يەھۇدىيلار ھەققىدە بىر قىسىم ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردىم. شۇ جەرياندا دىققەت قىلغان بىر نۇقتام شۇ بولدىكى، گەرچە ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ سانى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىن، يەنى 13 مىليون بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە ياشايدىغان يەھۇدىيلارنىڭ سانى ئاران 5.5 مىليون ئىكەن. يەنە 6.5 مىليون نوپۇس ئامېرىكىدا، قالغان بىر مىليونى بولسا باشقا ئەللەرگە تارقالغان ھالدا ياشايدىكەن. ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ياردىمى ئىنتايىن زور ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا كۆرگەن يەنە بىر ئەھۋال، ئامېرىكىدا دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم جامائەتلىرى بار ئىكەن. مەسىلەن، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس ناھىيىسى گلېندېيىل خىل (Glendale Hill) شەھىرىدىن ئىبارەت بىرلا جايدا 450 مىڭ ئەرمېنىيەلىكلەر ياشايدىكەن. ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلەردە خەنزۇلار مەھەللىسى ياكى خەنزۇلار شەھەرلىرى بار بولۇپ، ئامېرىكىدا ھازىر 4 – 6 مىليون خەنزۇلار ياشايدۇ. ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مېنىڭ مۆلچىرىمچە 5000 – 7000 بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر قىسىم نوپۇسنىڭ چەت ئەللەردە ياشىشىنىڭ ئەھمىيىتى چۈشىنىپ يېتىپ، يازغان ماقالىلىرىمدە ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىپ كېتىشىنى تەشەببۇس قىلدىم. «بىرەر مىليون ئۇيغۇرنىڭ چەت ئەلدە ياشىشىنىڭ مىللەت ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بار»، دەپ، ھەر خىل سورۇنلاردىمۇ سۆزلەپ يۈردۈم.

ئەگەر مەن بىر توپ چارۋىنىڭ ئىگىسى بولسام، ئۇ چارۋىلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقۇمنى تولۇق ساقلاپ مېڭىش ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى بىر قوتانغا سولاپ قويىمەن، ياكى بولمىسا ئۇلارنى باغلاپ قويىمەن. ئۇيغۇرلار بۆرە مىجەز مىللەت بولۇپ، ئەركىن ياشاشقا ئادەتلەنگەن، ھەمدە ھەر ۋاقىت ئەركىن ياشاشنى ئىستەيدۇ. ئۇلار يېقىنقى 60 – 70 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئەركىنلىككە ناھايىتىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا 2016-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا، مەن يېقىنلىرىمغا «بۇ يېقىنقى بىر ئەسىرنىڭ مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ ئامەت بولدى»، دەپ يۈرگەن، ھەمدە ئۇلارغا ئىمكانىيىتى بار تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى چەت ئەلگە چىقىرىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدىم. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ «ئالتۇن دەۋرى» ئاران بىر قانچە ئايلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. مەن ھېلىقىدەك پاسپورتنى ئاسان بېرىش سىياسىتى تەتۈرىگە ياندۇرۇلغاندا «چارۋىلارنىڭ ئىگىسى بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇل ئەمەسلىكىنى سېزىپ قاپتۇ»، دەپ ئويلىدىم.

مەن ئون نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە يېزىپ كېلىۋاتقان ماقالىلىرىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم. ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا بىز ھازىر ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزدىن ھېچ قانداق بىر ئىشنى كۈتەلمەيمىز. ئۇلار ھازىر ئۆز تاللىشىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، پەقەت باشقىلار بۇيرۇغان ئىشلارنىلا قىلالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا يۇقىرىدىكى ۋەزىپە پۈتۈنلەي چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. بۇ يولدا چەت ئەللەردىكى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر جامائەت، ھەر بىر دۆلەت، ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ھازىر نېمە ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ مانا بۇ نۆۋەتتە ھەممە ۋەتەنداشلار ئويلىمىسا ۋە ئىزدەنمىسە بولمايدىغان بىر مەسىلە. مېنىڭ «بالىلارغا دىننى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆگەتسە ئەڭ مۇۋاپىق؟» دېگەن يازمامدا ئاشۇ سوئالغا جاۋاب بولىدىغان بىر قىسىم مەزمۇنلار بار بولۇپ، مەن ھەممە ۋەتەنداشلارنى ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن [1]. بىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇن دېڭىزدا ئايرىم-ئايرىم كېمىلەرنىڭ ئۈستىدە ياشاپ يۈرۈۋاتقان كىشىلەر ئىدۇق. ھازىر بولسا بىز بىر چوڭ كېمىنىڭ ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە ئايلاندۇق. ئەگەر بۇ چوڭ كېمە چۆكۈپ كېتىدىكەن، بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆكۈپ تۈگەيمىز. مېنىڭچە مۇشۇنداق بىر مىللىي مەسئۇلىيەتنى تېخىچە چۈشەنمىگەن، ھەمدە مۇشۇنداق بىر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تېخىچە يولغا چىقمىغان ئۇيغۇرلارنى مىللەت ئەپۇ قىلمايدۇ. ئاللاھمۇ كەچۈرمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن چەت ئەلدىكى ھەممە ۋەتەنداشلاردىن ياراتقۇچىمىز ئاتا قىلغان ئەقىل ۋە قابىلىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش، ئانا تىلىمىزنى توغرا ساقلاپ قېلىش، ھەمدە شۇ ئاساستا مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ماقالىلەر:

[1] ئەركىن سىدىق: بالىلارغا دىننى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆگەتسە ئەڭ مۇۋاپىق؟

http://www.wetinim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=142&extra=page%3D1

http://www.meripet.com/2017/20170829_raise_kids_right.pdf

[2] ئەركىن سىدىق: ئۇيغۇرچە بارماق ۋەزىنلىك شېئىر يېزىش قائىدىسى ھەققىدىكى چۈشەنچەم

http://www.wetinim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=112

http://www.meripet.com/2017/20170918_uyghurche_sheir.pdf

بۇ ماقالىنى «پىداكار» ئىنىمىز تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىقىرىپ قويسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش