ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ل. ې. ھۆگبېرىي

شىۋېتچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلھايات

قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتۈپ قالاي دېگەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئېكسپىدىتسىيە سەپىرىدە بولىۋاتقان سىر ئاۋرېل ستېئىن (Aurel Stein) قەشقەرگە كېلىپ بۇ يېڭى سېلىنغان كونسۇلخانىغا چۈشىدۇ. ئۇ بۇرۇن بىر قېتىم بۇ كونسۇلخانىغا كېلگەنىدى. ئۇ ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشى سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ماڭىمۇ كۆپ ياخشى تەرىپىنى قىلدى.
ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ھىندىستان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەر ئۈستىدىكى سېلىشتۇرمىسى ۋە خۇلاسىسى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق ھۆكۈمگە كەلگەنىدى:
“ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىيلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرى مەۋجۈت بولۇپ، تىرىشچان ۋە تەرەققىيپەرۋەر كېلىدۇ، بۇ خىل خاراكتېرنى ھىندى خەلقى ئارىسىدىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: مەن سەپەردە بىرەر يەرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدە قوناقتا قالسام، ئۆزۈمنى ناھايىتى بەھوزۇر ھېس قىلىمەن، تاماقلىرىنى بىمالال يىيەلەيمەن. بىر ياۋروپالىق ئۈچۈن ھىندى ئائىلىسىدە تۇرغاندا بۇ خىل شارائىتتىن ھوزۇرلانغىلى بولمايدۇ.
گەرچە قۇرۇلۇش ئەڭ ئىپتىدائىي ئەمگەك ۋاستىلىرى ۋە ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بۇ زېمىندىن قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلار پەقەتلا تەربىيىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج“.
ئەينى ۋاقىتتا، قەشقەردىكى روس كونسۇلخانىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنژېنىرى روسىيىلىك ئۇستاملارنىڭ قولىدىن چىققان دەرىزە ۋە ئىشىكلەرنى ئاتقا بېسىپ 50-60 شىۋېت مىلى يول يۈرۈپ بۇ يەرگە ئەكەلدۈرمەكچى بولغانىدى. ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ، ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئايۋانلىرىدىكى تۈز ھەم سىپتا چىققان ياغاچچىلىق ۋە تامچىلىق ھۈنەرلىرىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھۈنەرلىرىدىن ھەيران قالىدۇ ۋە چوقۇم ئۇلار مەلۇم بىر روس ئۇستامدىن تەلىم ئالغان بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلايدۇ.
مىسسىئونېر بەكلۇند (Magnus Bäcklund) ياغاچچىلارنىڭ پىرى دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئۇ ياۋروپاچە ئىشىك، دەرىزە ياساش ھۈنەرلىرىنى ئۇيغۇر شاگىرتلىرىغا ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ بىر شاگىرتى قەشقەر بويىچە ئەڭ ئۇستا ياغاچچى بولۇپ قالىدۇ. شۇ تەرىقىدە باشقا مىسسىئونېرلار تامچىلىق، لايچىلىق، قۇيمىچىلىق ھۈنەرلىرىنى ئۇلارغا ئۆگىتىدۇ. ئۇيغۇر شاگىرتلار بىلمىگەن نەرسىلىرى بولسا “شەيتان“ دەپ ئاتىشاتتى.
ئۇيغۇرلارغا ھۈنەر ئۆگىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئۆزىنى سىڭدۈرۈش لازىم ئىدى. بۇ بىزدىن بىلىم ۋە سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلاتتى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1108

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش