ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كۆككە باققان ئۇيقۇسىز كۆزلەر

كۆككە باققان ئۇيقۇسىز كۆزلەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بالكوندىكى تاختاي بىلەن ياسالغان مەرۇزىدەك سۇپىدا يېتىپ، ئۇيقۇسىز كۆزلىرىمنى قاپقاراڭغۇ كۆك يۈزىدە پاقىراپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا تىكتىم. ئاندىن كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك چىچىلىپ كەتكەن زېھنىمنى، ئاستىن-ئۇستىن بولۇپ كەتكەن ھېس ۋە تۇيغۇلىرىمنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشتىم.
مانا ھازىر تۈن نىسپىدە پۈتۈن تەبىئەت ئۇيقۇدا. ئەتراپتىكى ئۆيلەر، مېھمانخانىلار، دېڭىز ۋە تاغلار ئىشقىلىپ يەر يۈزىدە نېمە بولسا ھەممىسى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى. پۈتۈن ئىنسانلار، ھاشارەتلەر، ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ماكانلىرىدا ئارام ئالماقتا. دۈشمەنلىكلەر، ئۆچمەنلىكلەر، سۆيگۈلەر، قورقۇلار ۋە قايغۇلارنىڭ ھەممىنىڭ ئۈستىنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ ئۆرتكەن ئىدى. پەقەت خوشال بولغانلار چۈشلىرىدە ھوزۇرلىنىۋاتقان بولسا، قورققانلار چۈشلىرىدە قىينالماقتا. دېمەك بارلىق مەۋجۇدات چۈشلىرىدە ياشاۋاتاتتى. پەقەت مەنلا ئۇيقۇسىز كۆزلىرىم بىلەن كۆككە بېقىپ، رىئاللىقتىن بىزار بولغان مېڭەم قاراڭغۇ بالكوندا تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلار قىلىپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەكتە ئىدى. دېمەك ئىنسان خىيالىدا سۆزلىشەلەيتى، يىغلىيالايتى، كۈلەلەيتى ۋە ئىزدىراپ چىكەلەيتى. ئۆزىگە تار تۇيۇلغان بۇ دۇنيادا خىيال دۇنياسىنىڭ ئىچىگە غەرىق بولۇپ، ئاشۇ ئۆزى ئۈچۈن سوققان ۋىجدانلىق يۈرەكتىن، مەنىۋى لەززەتتىن، ۋىجدان ساپلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچ ۋە يۈكسەكلىكتىن پەخىرلىنەتتى.

توساتتىن سوغۇق بىر شامال دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ئاۋازىنى خۇددى كۆكتىن چۈشكەن ئاۋازدەك قۇلۇمقىمغا يىقىملىق ئاڭلىناتتى ۋە مېنىڭ ئۆزۈمگە دۇرست بولۇشۇمدىن بىشارەت بەردى. مەن تەتىلدىكى خوشاللىقنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن نادامەتلىك ھەسرەتلەر ئىچىگە چۆككەنلىگىم توغرىسىدا ئۆزۈمدىن ئۆزۈم ئويلاندىم. توغرا مەن ئەركىن بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمەن، ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتىمەن، ئەركىن سەيلە قىلىۋاتىمەن. ئەركىن تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن. ئەتراپىمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ھېكمىتى، ئىلتىپاتى بىلەن ئەركىن ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيقۇسىز ۋە ئىزدىراپ چېكىمەن؟ ئۇيقۇسىز كۆزلىرىم بىلەن كۆككە باقىمەن؟ شۇ تاپتا مېنىڭ ئەقلىمگە كەلگەن پىكىرلەر قالايمىقان ئىدى. ئويلىغانلىرىم كاللامدا ئىتتىك ھەركەت قىلىۋاتاتتى. كاللامغا يۇزلەرچە پىكىر كىلىپ كىتەتتى. پەقەت بىرسىلا پۈتۈن چۇشەنچىلىرىمدىن ئۈستۈن كەلدى – دە، ئەقلىمدىن جالالىدىن رۇمىنىڭ مۇنۇ سۆزى كەچتى: ”ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭنى ئىزدەتكىنكى، ئىچىڭدىكى پاكلىك سېنى كۆرسۇن“. مېنى ۋە بىزنى بەختسىز، ھۇزۇرسىز ۋە ئىشەنچىسىز قىلغان ئۆزىمىزنىڭ چۈشەنچىلىرى ئىدى. بۇنداق بەختسىز چۇشەنچىلەر ئەلۋەتتە مېنى ۋە بىزنى، ئۆز-ئۆزۈمىزدىن ئۇزاقلاشتۇراتتى. ئۇنداقتا بىزنى بەختسىز چۈشەنچىلەرگە، ئىزدىراپلارغا سۈرگۈن قىلغا سەۋەپ زادى نېمە؟ بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزمۇ؟ ئەگەر ھەقىقى بىر ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلغان بولساق ۋە بۇ ئەركىنلىك ئارزۇسىنىڭ ئارقىسىدىن بىر ئىزدىراپ چىقسا، ئۇ ئىزدىراپنى چېكىشكە بىز تەييار دەپ، تەپەككۇر قىلدىم.

ئەركىن دۇنيادىكىلەرنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئەركىن بولىدىغانلىقى، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغانلارنىڭ تەپەككۇرى يۈزەكى ۋە كەمتۇك بولىدىغانلىقىنى بىر زامانلاردا 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن بۇنداق بىر ھېكايىدىن ئاڭلىغان ئىدىم.
شىۋېتسارىيەلىك بىر دىندار كاتولىك ناھايىتى ئۇستا سائەتچى بولۇپ، ئۇ كاتولىك پوپنىڭ ياسىغان سائەتلىرى ئىنتايىن توغرا مېڭىپلا قالماي، يەنە ناھايىتى نەپىس ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كاتولىك پوپى باشقا خېرىستىئان مەزھەپلىرى تەرىپىدىن قارلىنىپ تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ. تۈرمە باشلىقى بۇ پوپنىڭ ناھايىتى ئۇستا سائەتچى ئىكەنلىگىنى تۇيغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا بىر سائەت ياساتماقچى بولۇپتۇ. پوپ تۇرمە باشلىقىنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ سائەت ياساشقا باشلاپتۇ. نىھايەت سائەتمۇ پۈتۈپتۇ. ئەمما، سائەتنىڭ توغرۇلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپلا قالماي، ياسالغان سائەت ناھايىتى قوپال، كۆرۈمسىز ئىكەن. ئۆز قولى بىلەن ياسىغان بۇ سائەتكە قارىغان پوپ ئۆزىنىڭ قولىغا ئۆزى ئىشەنمەي قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرمە باشلىقى پوپقا قايتىدىن يەنە بىرنى ياساتماقچى بولۇپ، تۈرمىدىكى شارائىتلارنى ياخشىلاپ، يىپتىن-يىغنىغىچە ھەممىنى تەل قىلىپ بىرىپتۇ. پوپمۇ پۇتۇن زىھنىنى يىغىپ سائەتنى ياساشقا كىرىشىپتۇ. ئەمما يەنىلا ياسىغان سائەتى كۆزلىگەن سۈپەتكە يەتمەي لاياقەتسىز بولۇپتۇ. كۈنلەر، ئايلار ۋە يىللار ئۆتۇپ پوپ تۈرمىدىن چىقىپتۇ ۋە يەنە سائەت ياساشقا كىرىشىپتۇ. بۇ قىتىم ياسىغان سائەتىنىڭ توغرۇلۇق دەرىجىسى شۇنچىلىك يۇقۇرى ھەم سۈپەتلىك بوپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پوپ، ئۆزى ئۈستىدىن تەپەككۇر قىلىپتۇ ۋە: ”ئەركىنلىك بولمىغان يەردە ئىنساننىڭ تەپەككۇرى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ“. دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىپتۇ.

يەنى شۇ يىللىرىدا پوپ مىسىرغا ساياھەتكە بىرىپ، ئۆز ۋاقتىدا ياسالغان پىرامىدالارنى كۆرۇپتۇ. ئۇنىڭ شۇنچىلىك نەپىس ياسالغانلىقىنى، ھەر بىر قويۇلغان تاشلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق بىر بوشلۇقنىڭ يوقلىقىنى كۆرۇپ: ”بۇ پىرامىدالارنى ھەرگىز قامچا يەپ تۇرۇپ ئىشلەيدىغان قۇللار ياسىمىغان. بەلكى يۇقۇرى ھەق بىلەن ئىشلىگەن ھۆر ئۇستا ھۇنەرۋەنلەرنىڭ چىۋەر قوللىرى بىلەن ياسالغان. ئەركىن تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن نادىر ئەسەر“ دەپتۇ. ئەمما، ئۆز زامانىسىدا بۇ ھۆكۈمگە ئىلىم ئادەملىرى قۇلاق سالماپتۇ. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتۇپ 2000-يىللىرىنىڭ بېشىدا مۇتەخەسىسلەر، پىرامىدالارنىڭ ھەقىقەتەن شىۋىتسارىيەلىك سائەتچى پوپنىڭ ئىيتقانلىرىدەك قۇللار ياسىماستىن، بەلكى ئەتراپتىكى ئۇستا ھۆنەرۋەنلەرنىڭ يۇقىرى ھەق بىلەن ئەركىن ئىشلەپ، ياساپ چىققانلىقىنى ئىلىمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ.

مانا مۇشۇ ھېكايىنى يەنە بىر قىتىم ئەسكە ئىلىپ، ئۆز مىللىتىمگە بولغان ئىپتىھارلىق تۇيغۇم ھەسسىلەپ ئاشتى – دە، زىمىستان قاپلىغان ئاشۇ مۇزلىغان شەھەردە ياشاۋاتقان ئەزىز مىللىتىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇ يەردە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلالايدىغانلا ھەممە كىشى تۈرمىدە ئىدى. ھەتتا تۈرمىنىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ قاتمۇ -قات تۆمۈر ئىشىكلەر ئىچىدە، قاتمۇ-قات بىزەلگەن قېلىن تاملار ئارىسىدا ياشايتى. ھەر دوقمۇشتا پىششىق كىسەكلەردىن قوپۇرۇلغان قاراۋۇلخانىلاردا ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكەرلەر ئادەمگە خىرىس قىلىپ تۇراتتى. بۇلۇڭ پۇشقاقلارنى قويماي چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار ھەر تەررەپكە قاتىراپ يۈرەتتى. ھەممە يەرنى كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان كامىرالار بىلەن قورشالغان شەھەر ئاسمىنىنى قاپقارا ئىس-تۈتەك باسقان ئىدى. دەملىرى سىقىلغان غەمكىن شەھەر ئاھالىسى ئەركىن نەپەس ئالالمايتى. خاتىرجەم يەپ ئىچەلمەيتى. ھەممە يەرنى، ھەممە نەرسىنى قورقۇ، زوراۋانلىق ۋە زۇلمەت قاپلىغانتى. ئەمما، ئۇلار شۇنچە بەختسىز بولسىمۇ يەنىلا توغرا تەپەككۇر قىلىپ، ئۇمىد بىلەن ياشايتى. ھەتتا تۈرمىنىڭ قوش-قوش تۆمۈر ئىشىكلىرى ئىچىدىكى پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن مەھبۇسلارمۇ ئۇمىد ۋە كۆرەش مەيدانىدىكى جاسارەت بىلەن تولغان بىر روھ بىلەن توغرا تەپەككۇر قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار يوق بولۇشنى ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلىپ جەزىملەشتۇرگەنتى. ئۇلارنىڭ كۆز يېشىدا ۋە كۈلكىسىدە مۇشۇ زۇلمەت باسقان زاماننىڭ سىرلىرى ئاشكارلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار مىللەتكە بولغان مۇھەببەتنىڭ مەھلىيا كۈچى تەرىپىدىن سېھىرلەنگەچكە ئۆزىلىرىنى ئۈمىدۋار تۇتاتتى. ئەگەر ئۇلار بۇنداق بىر مىللەتنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا ئۈمىدسىزلىك تەرىپىدىن جادۇ قىلىناتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ يولدا زالىملارنىڭ جادۇ قىلىنىشىدىن قورقۇپ قالمايتى. مانا ماشۇنداق توغرا تەپەككۈرگە ئىگە كىشىلىرىمىز مىللەتنىڭ يىلتىزى ئىدى. بىر دەرەخنىڭ شاھلىرى سۇنسا يەنە كۆكلەيدۇ. ئەمما، يىلتىزى سېسىپ كەتسە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كىتىدۇ.

مەن يەنە تەسەۋۋۇر دائىرەمنى تىخىمۇ كىڭەيتىپ مۇنداق ئويلۇدۇم:
بىزدىن شۇنچىلىك ئۇزاق-ئۇزاقلاردا، چەكسىز كەتكەن بىر چۆللۈكتە، دېڭىز دولقۇنلىرىغا ئوخشايدىغان ئىگىز-پەس قۇم دۆۋىلىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى بىر بوشلۇقتا، قاتار-قاتار سىلىنغان بىر قەۋەتلىك تۈرمە كامىرلىرى، كۆزۈڭىزگە ھەر خىل رىۋايەتلەر بىلەن تولغان بىر قەدىمى مازارلىقتەك كۆرۈنۇپ تۇرىدۇ.
مانا مۇشۇ سۇر باسقان تۈرمىدە، 50 ياشلاردىكى بىر مەھبۇس كامىرنىڭ رۈجىكىدىن ئۇيقۇسىزلىقتىن چارچىغان كۆزلىرى بىلەن سىرتتىكى كىچىكىنە بىر يورۇقلۇقنى كۆرۈش ئۈچۈن، تەلمۇرەپ كۆككە بېقىپ تۇراتتى. بۇ مەھبۇس ئەسلىدە يازغۇچى ئىدى. بۇنداق بولۇشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يازغۇچىلىرى ئاساسەن قارلىنىپ، قاراڭغۇ ۋە زەي زىندانلارغا سولىناتتى. تۈرمىلەردە چىرىپ بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن ئۈن-تۈنسىز ۋىدالىشاتتى. ئۇلار ئۆمرۈنىڭ ئاخىرغىچە ھەق-ھوقۇق ئۈچۈن ۋە ئادالەت ئۈچۈن قولىغا قەلەم ئىلىپ كۈرەش قىلاتتى. ئۇلار تارىخى رومانلارنى يېزىپ، ھەقىقى تارىخنى ئەدەبىيات بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ، بەدىھىي تەپەككۇر ئارقىلىق خەلقىمىزگە بىلدۈرەتتى. مىللىتىمىزگە مەنىۋىي جەھەتتىن قالقان بولاتتى. ئۇلار ۋىجدانى بىلەن توغرا تەپەككۈر قىلغانلىقى ئۈچۈنلا زىندانغا تاشلىناتتى.

مانا شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە مەھبۇس كىچىك رۈجەكتىن كۆككە قاراپ، كۆرەلىگەن ئالقانچىلىك دائىرىدە، بىر تال يۇلتۇزنى كۆردى. يۇلتۇز خۇددى قاراڭغۇ دېڭىز يۈزىدە چاقنىغان پەنەردەك يالتىراپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا ئۇ يۇلتۇز ئاستا-ئاستا ئۆزىدىن يىراقلىشىۋاتقاندەك بىلىندى. ئاندىن بىر پارچە قارا بۇلۇت كىلىپ يۇلتۇزنىڭ يۈزىنى توسىدى. مەھبۇسنىڭ ئاۋاق سۇلغۇن يۈزى تېخىمۇ تاتاردى. مەھبۇس ئېغىر كىشەن سېلىنغان پۇتلىرىنى ئاۋايلاپ يۆتكەپ تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ بۇلىڭىغا پۈكلىنىپ چۆكتى. بىردىنلا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى نۇرلاندى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدا بىر رازىمەنلىك، ئۇمىد ۋە سائادەتنىڭ نۇرلۇق ئىپادىسى پارلاپ كەتتى. ئۇ بۇلۇڭدا كۆرۈلگەن تەبەسسۇمدىن باشقا يەنە بىر نەرسىلەر بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ كاللىسىدا دەرھال پارلىغان بىر نۈر ئىدى. ئۇ نۈر يەنىلا توغرا تەپەككۈردىن ئاپىرىدە بولغان، خىيال دۇنياسىدا يېرىلغان يۈرىكىنىڭ بىگۇناھ قانلىرى بىلەن يېزىۋاتقان بىر تارىخى رومان ئىدى. زالىملار مەھبۇسنىڭ بەدىنى ئەسىرگە ئالغان بىلەن ئەقلىنى، تەپەككۈرىنى ۋە روھىنى ئەسىر قىلالمىغان ئىدى. ھەرۋاقىت پىكىر قىلىشتىن توختىماي، خىيال دۇنياسىدا كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا تىخى يېزىپ بولالمىغان تارىخى رومانىنى يېزىۋاتاتتى. يازغۇچى ئەنە ئاشۇ مۇقەددەس ۋەزىپىلەر ئۈچۈن، چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشنى ۋە ئەرك ھۆرلىكنى ئۆزىنىڭ ھايات مىزامىنىڭ شەرتى قىلغان ئىدى.

دەل مۇشۇ خىياللار قۇچىقىغا باش قويغان چىغىمدا، ئۇدۇلۇمدىكى بىر تال يۇلتۇز دەھشەت تىزلىك بىلەن يەرگە قاراپ ئىقىپ، دىققىتىمنى بۆلۈپ تاشلىدى. مەن كۆڭۈل بىئارامچىلىقى ئىچىدە يەنە مۇنداق خىياللاردا بولدۇم:
ھەزرىتى ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈشكە ياققان نەمرۇتنىڭ ئوتلىرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، ئاغزىغا سۇ ئىلىپ ئۇچقان قۇشلاردەك ئاغزىمغا سۇ ئىلىپ ئاشۇ تۈرمە رۇجەكلىرىدە ئۈمىد بىلەن ئەركىنلىككە تەلمۈرۈپ، ھېكمەتلىك خىياللارنى سۇرۇۋاتقان باھادىرلارنىڭ قۇرىغان لەۋلىرىگە سۇ تېمىتسام. ئاشۇ زالىملارنىڭ باشلىرىغا، ئەبرەھنىڭ كەبىنى ئۆرۇش ئۈچۇن باشلاپ كەلگەن پىللىرىنىڭ ئۈستىگە، ئاغزىدا تاش ئەكىلىپ ئاتقان، ئەبابىل قۇشلىرىدەك تاش ئاتسام. ئەمما نە چارە ئۇلاردەك بۇ تىنىمدە جۇپ قاناتىم يوق ۋە لىكىن ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن توغرا تەپەككۈر قىلىدىغان بىر ساغلام ئەقلىم بار. شۇڭا مەن يەنىلا بەختلىك ۋە ئۈمىدۋار. مەن ئەمەس پۈتۈن بىر مىللەت ئۈمىدۋار. ئاشۇ ئۇمىد – ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىراپ چىكىشكە رازى.

مەن ئىككى قولۇمنى گىرەلەپ بېشىمنىڭ ئاستىغا قويۇپ، يەنە جىمجىت قاراڭغۇ كىچىگە چوڭقۇر چۆكتۇم. يۇلتۇزلار بىردىن-بىردىن ئۆچۈشكە باشلىدى. خىرەلەشكەن نۇرسىز ئاي ئاستا نازلىنىپ ئۇزاقلاردىكى دۆڭلەرنىڭ ئۈستىدە، يىرتىق پەردىدەك ساڭگىلغان قارا بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى. بۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۇستىگە ئاستا يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى. يامغۇر بىلەن بىرلىكتە يەڭگىل شامال چىقتى. ئارا-سىرا مۇشۇ يامغۇرلۇق قاراڭغۇ كىچىدە ئاللا قاياقلاردىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىشلىرى ئاڭلاندى. ئاندىن بىر خورۇزنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن چىللاشلىرى قولۇقىمغا تۇيۇلدى. ئىچىمدە ۋاقىتسىز چىللىغان بۇ خورۇزنى چوقۇم ئىگىسى ئەرتە بوغۇزلايدۇ دەپ ئويلۇدۇم. بىردەمدىلا زېمىننى سۆيگەن يامغۇرمۇ توختىدى. يەردە ۋە كۆكتە ھەممە نەرسە، سەھەردە دۇئا قىلىۋاتقان بوۋاينىڭ قەلبىدەك تۇرغۇنلاشتى.

مەن ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يازماقچى بولدۇم. بىزگە مۇشۇ دەرتنى سالغانلارنى، بىزنى ھاقارەتلىگەنلەرنى، يات چۇشەنچىلەرنى، خاتا ئىدىيەلەرنى، ھەقسىزلىقنى، بىزنى ئەيىپلىگەنلەرنى، كۈچسىزلىكنى، سۇدەك ئىقىپ كېتىۋاتقان بۇ ھاياتنى ۋە ھېچ تاڭ ئاتمايدىغاندەك تۇيىلىدىغان قاراڭغۇ كىچىلەرنى، دىدارىغا تەشنا بولغان ئاتا-ئانىلارنى، ئەل-يۇرتنى، پىنھانلىقنى ۋە خىجالەتچىلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، پۈتۈن ھەممىسىنى ئاز – ئازدىن يازماقچى بولدۇم. مەن ئەدەبىيات ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياشاۋاتقان قېيىن كۈنلەر ئۈچۈن، مۇشۇ قابائەتلىك زامانلار ئۈچۈن، يوقۇلىۋاتقان ئانا تىل ئۈچۈن ۋە بىزگە جازا بىرىۋاتقان مۇشۇ ھايات ئۈچۈن يازماقچى بولدۇم.

ھەي! يازمىسام بۇ ھايات ماڭا تېخىمۇ تەس، ئەگەر يازسام يەنە تەس. چۈنكى، يازماقنىڭ ئۆزىمۇ بىر تەس دەپ، مۇشۇ پىكىر ئىختىلاپلىرى ئىچىدە تاڭ سۈزۈلگىچە ئۇخلىماي كۆككە باقتىم.
بۇ كىچە مەسىللەر ئۇستىدە ئويلۇنۇپ، ئازاپلانغانلىغىمدىن ئۆزۇمنى ئىنساندەك ھېس قىلدىم. ئۆزۇمنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىدا ھېس قىلغانلىرىم، مېنىڭ مەنىۋىي كىملىكىمنىڭ ئىسپاتىدۇر دەپ ئۆز ئۆزۈمگە ئىلھام بەردىم. ئازاپلىق يۈرەكتىن تۆكۈلگەن ساتىرلارنى قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن بەخت ھېس قىلدىم. چۈنكى قېرىنداشلىرىممۇ ماڭا ئوخشاش ئىزدىراپ چەكمەكتە. ئۇلارمۇ خۇددى ئۇيقۇسىز كۆزلىرى بىلەن كۆككە بېقىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلماقتا. زاماننىڭ مەھكۇمىدىن ۋە قورقۇسىدىن قۇتۇلۇپ، ھازىرقى مەۋجۇت بولغان مەسىللەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۈمىدۋار بولۇشقا تىرىشماقتا. ئەنە ئاشۇ ئېسىل تىلەكلەردىن مەيدانغا كەلگەن خوشاللىقنىڭ يېنىك تەبەسسۈمى لېۋىمنى سۆيۈپ ئۆتكەندە، ئۆزۇمدىن ئۆزۇم روھلىنىپ قايسى بىر شائىرنىڭ شۇ نەزمىسىنى ئوقۇدۇم:

زالىمغا قارشى ئەقلىم قىلىچدۇر،
كى قاتىل پەنجىدە جىسمىم بىر ئوتدۇر.
دېمە ھۆسنى ئىچكەن شارابىڭ لالە رەڭلىك،
قىزارتقان شارابنى ئۇ رەڭ- مەزلۇمنىڭ قانىدۇر.

03.10.2017، گېرمانىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش