ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىراگىدىيەلىك يېمىرلىشى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىراگىدىيەلىك يېمىرلىشى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

«شۇنچە كۆپ كۈچلۈك دۈشمەنلەرگە ۋە توسقۇنلۇقلارغا قارشى كۆرەش قىلدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن، غەيرەت ۋە ئىمان بىلەن، ھەم شۇنىڭدەك مىللەت ئىشقىنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتىسى بىلەن بىر-بىرلەپ يەڭدۇق.
مىللەتكە بولغام چەكسىز مۇھەببەت، ھەرقانداق بىر توسقۇنلۇققا قارىماي ئىچىمىزدىكى پۈتمەس-تۆگۈمەس قۇۋۋەتنىڭ، چىدامچانلىقنىڭ ۋە ئوت يالقۇنلىرىنىڭ مەنبەسى بولدى.»

– مۇستاپا كامال

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مۇندىن 84 يىل مۇقەدەم، مەرھۇم ئۇستاز ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى، دۆلەت ئەربابى، دىنىي ئۆلىما سابىت داموللام (1883-1941) رەھبەرلىگىدە، خوتەن دېھقانلار قوزغىلاڭىنىڭ غەلبىسى بىلەن 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقىرىلىدۇ.
بۇ بايراق ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، ھۆكۈمەت تەشكىلىي ئاپاراتى، ئاساسىي قانۇن ۋە دۆلەت مارشى ئېلان قىلىنىدۇ.

دۆلەت بايرىقىمىزنىڭ رەڭگىنىڭ كۆك رەڭ بولۇشى بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىدائى ئىتىقاتتى (تۇتۇم) بولغان كۆك ئاسمان ئىلاھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى قەدىمقى زامانلاردا كۆك ئاسماننىڭ رەڭگى تەڭرى ئىلاھىنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈردىغان رەڭگە ئايلانغان. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا كۆك رەڭ مۇقەدەسلىكى كىلىپ چىققان. ئوغۇزخان داستانلىرىدا بولسا ئوغۇزخان تۇغۇلغاندا يۈز-كۆزىنىڭ كۆپ-كۆك بولۇشى، ئوغۇزخان ئەسكەرلىرىنى بىر كۆك يايلىق، كۆك تۇغلۇك ئەركەك بۆرىنىڭ يول باشلاپ ماڭىدىغانلىغى رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئادەتلىرىمىزدە كۆك رەڭ بەك مۇھىم بولۇپ، تا ھازىرغىچە غۇلجا خەلقى ئىشىك -دېرىزىلىرىنى كۆك رەڭدە سىرلايدۇ. ھەتتا ئۆينىڭ ئىچ-تىشىنى، پاسىل تاملاردىن تارتىپ كۆك رەڭلىك قىلىپ ئاقارتىدۇ.
ﺗﺎ بۈگۈنگىچە ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩىمىلىقى ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ “ﻛﯚﻙ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ” ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯗ:

ئۇل خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن،
بىرلا كۆكەردى شۇ كۆكۈم.
شاھى رەڭلىك، غۇنچە مەڭلىك،
دەرمەھەل ئۆستى كۆكۈم.

كۆك ئۆچكىنى ئۆلتۈرۈپ،
چەرۋىسىنى ئوتقا قاقلىسىلا.
كۆكنى تۇتقان بىز ئىدۇق،
بىزنى ئۇنتۇپ قالمىسلا.

بۇ دەل شۇ كۆك رەڭ مۇقەدەسلىگىگە باغلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مۇتەپەككۇر ئۇستاز سابىت دامموللا بايرىقىمىزنى مىللىتىمىزنىڭ سىمۋولى كۆك رەڭ، مۇقەددەس ئىسلام ئېتىقادىمىزنىڭ سىمۋولى ئاي-يۇلتۇزنى بىرلەشتۈرۈپ، بايرىقىمىزنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق قىلىپ بېكىتكەن.

ئەپسۇسكى بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئۆمىرى ئانچە ئۇزۇنغا بارماي، بۆشىكىدىلا ئىچكى ۋە تاشقى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇۋىتىلىدۇ. مىڭلىغان ۋە ئون مىڭلىغان شېھىتلارنىڭ قانى بەدىلىگە كەلگەن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى تارىخى دەۋرىلەرگە نەزەر كۆزىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى.

خەلقىمىز بولسا ياڭ زىڭشىن (1863-1928) نىڭ 17 يىللىق مۇستەبىت ھاكىميىتى دەۋرىلىرىدىن باشلاپ، يەنى 1912-يىلى ياڭ زىڭشىن تەخىتكە چىقىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ پۈتۇن مەمۇرى، ھەربى ۋە سىياسى ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، ئىنتايىن ھىلىگەرلىك بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئىلغار پىكىرلىك زىيالى ۋە ئالىملىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، مىللەتنى نادان قالدۇرۇش سىياسىتى بىلەن دۆلەت باشقۇردى. مانا بۇ چاغدا قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە يىتەكچىلىگىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ، لىكىن سىياسى سېھىرگەر ۋە مەككار تۈلكە ياڭ زىڭشىن  «يولۋاسنى تاغدىن چۈشۈرۈپ، قەپەزگە سولاش» ھىلىسىنى ئىشلىتىپ، قول ئاستىدىكى تۇڭگان ھەربى قۇماندان ۋە دىندىن ئوبدان خەۋىرى بار لى شىفۇنى 12 تاغنى ئىگەنلەپ ياتقان تۆمۇر خەلىپىنىڭ يىنىغا سۈلھى قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. لىشىفۇ تۆمۇر خەلىپىنى ئۇرۈمچىگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن مۇنداق يالغان قەسەم ئىچىدۇ: ”جامائەت، مەن ھازىر ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان بۇ مەسچىتى مۇبارەكتە ھەرقايسىلىرىغا ناھايىتى مۇھىم بىر گەپنى ئېيتىمەن. مەن ئاللاھ تائالانى بىر، مۇھەممەت مۇستاپا سەللاھۇ ئەلەيھىسالامنى ئاللاھنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ھەق رەسۇلى دەپ، دىلىم بىلەن تەستىق ۋە تىلىم بىلەن ئىقرار قىلىپ، مەھشەر كۈنى جاۋاپ بەرگۈچى بەندىلىكىم بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى: ياڭ جاڭجۇن جانابىلىرى تۆمۈر خەلىپىنى ئۈرۈمچىگە چىللىشىدا قىلچە يامان نىيىتى يوق. ھەممىسى ئەل-يۇرتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن. بۇ گېپىم يالغان بولسا، مانا قولۇمدا تۇرغان مۇشۇ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم مىنى ئۇرسۇن. قىيامەت كۈنى ھەممىڭلارنىڭ قىزىل تىرنىغى پېقىرنىڭ ياقىسىدا بولسۇن!“ . ۋاھالەنكى مىڭ ئەپسۇس تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ئالدىنىپ كىلىپ، 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ياڭ زىڭشىننىڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە قەتلە قىلىنىدۇ. مانا مۇشۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلغان خوجا نىيازھاجى ئۇ چاغدا تۆمۈر خەلىپە بىلەن ئۈرۈمچىگە بارماي تاغنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، تۆمۇر خەلىپە ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجا نىياز قۇمۇل تاڭلىرى ئارقىلىق ئالتاي ۋە چۆچەك تەرەپلەردە يۈرۈپ، ئاخىرى سوۋېت ئىتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ ياركەنتتىكى ۋەلىباي دىگەن كىشىنىڭ قولىدا ئىشلەپ يۈرۈپ، نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر زىياللىرى ۋە سودىگەرلەر بىلەن تونىشىدۇ ۋە سوۋېت ئىتىپاقىدا ھەربى تەلىم – تەربىيە ئېلىپ ئۆزۈنى ھەر جەھەتتىن يېتىشتۈرىدۇ.

خوجا نىياز ھاجى 1923-يىلى روسىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندا ۋەلىباينىڭ ئوغلى بىلەن بىللە غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.

1928-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆلۈپ، ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولىدۇ. شۇ يىلى يەنى 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياڭ زىڭشىڭ ئۈرۈمچى قانۇن مەكتىپىنىڭ 1-قارار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى گومىنداڭچى (خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى) فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئىتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئورنىغا پۇرسەت پەرەس ۋە ئەپيۇنكەش جىن شۇرېن (1979-1941) ئەسكىرى كۈچىگە تايىنىپ، فەن ياۋنەننى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ دوبىنى دەپ ئاتايدۇ. جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندىن كىيىن خەلقنىڭ كۈنى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاپ، ئالۋاڭ-سىلىق كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 1931-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى جىن شۇرېنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى، قۇمۇل ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ ۋالىسى زىڭ گوخۇا بىر ئۇيغۇر قىزىغا مەجبۇر توي قىلماقچى بولۇپ، 33 نەپەر چىرىكى بىلەن كىلىپ، داققا-دۇمباقلار بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان خەلق چىرىكلەرگە شاراپ ئىچكۈزۈپ مەس قىلىپ، قوللىرىدىكى قوراللارنى تارتىۋىلىپ، ھەممسىنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىتىم قۇمۇل دىيارى ۋە پۈتۇن ئانا زىمىننى ئويغۇنۇپ كېتىدۇ دە، ئىنقىلاپنىڭ يالقۇنلۇق ئوتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلى زىمىنىنى قاپلايدۇ. خوجا نىياز ھاجى ئالدىن پىلانلىغان ئىنقىلاپنىڭ پەيتى يىتىپ كەلدى دەپ بىلىپ، سالىھ دورغا ۋە ئابدۇنىياز مىراپلار بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ چىقىدۇ. بىرنەچچە قېتىملىق جەڭلەردىن كىيىن خوجا نىيازھاجى قوشۇنلىرى قۇمۇلنى تەل-تۇكۈس ئازات قىلىدۇ. 1932-يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭچىلار خوجا نىيازھاجىنى باش قوماندان قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ قوزغىلاڭنىڭ زەربىسىدە جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى تەۋرىنىپ قالىدۇ. 1933-يىلى 6-ئايدا ياپونىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ھەربى ئەمەلدار شېڭ شىسەي ئاتالمىش «12-ئاپرىل» ئۆزگىرىشىنى قىلىپ، جىن شۇرېننىڭ ئورنىغا چىقىدۇ.

شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنلىرى بولسا خوجا نىياز قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ كۆپ چىقىم تارتىدۇ، جەڭ بىلەن يېڭىشقا كۆزى يەتمىگەن مەككار، قىلتاقچى شېڭ شىسەي چوڭ ھېلىلەردىن ئاجىز قىلىپ، دوستلۇق زەنجىرىنى قىمىرلىتىپ، دوستلوق سۈرىتى بىلەن قولىدا «دوستلۇق قوڭغىرىقى» نى جىرىڭلىتىپ، خىتاي خان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز رەقىبىنى يوقۇتۇشتىكى ئەڭ ئۇنۈملۈك ئەنئەنىۋى كېلاسسىك ئۇسۇلى «ئەمەلگە تەيىنلەش ھېلىسى» نى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.

1933-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى خوجا نىياز ھاجىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى فۇكاڭغا شېڭ شىسەينىڭ ۋەكىللىرىدىن چىڭ دىلى، ھۈسەيىنبەگ، تۇرسۇن بابا، مەنسۇرجانباي، ئەخمەتخان دارىن ۋە سوۋېت كونسولىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق 7 كىشى كىلىپ، خوجا نىياز ھاجىغا سوۋېت كىپىل بولىدۇ دەپ، 10 ماددىلىق ئۇرۇش توختۇش بىتىمى تۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: شىنجاڭ ئۆلكىسىنى شىمال ۋە جەنۇپ دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، بىتىمگە ئىمزا قويۇشقان ھەر ئىككى تەرەپ، يەنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باراۋەر ئىدارە قىلىنىدۇ. قۇمۇل، تۇرپان، پىچان، توقسۇن قاتارلىق رايونلار جەنۇبى شىنجاڭغا، بارىكۆل بولسا شىمالى شىنجاڭغا تەۋە قىلىنىدۇ. جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەربى ۋە مەمۇرى، جۈملىدىن مالىيە ھوقۇقى جەنۇبى شىنجاڭ ئامانلىق قوغداش باش قوماندانى خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قولىدا بولىدۇ. ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئىشلىرىنى شۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى باشقۇرۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ تېزىملىكىنى ئۇرۇمچى ۋاقىتلىق ھۆكۇمەتكە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ ھۆكۈمىتى 5000 دىن كۆپ ئەسكەر ساقلىمايدۇ. شىنجاڭدا ئۇرۇش تۈگىكەنگە قەدەر، مەزكۇر قوشۇننىڭ قورال-ياراقى بىلەن ئوق-دورالىرى ئۈرۈمچى تەرەپ تەمىنلەيدۇ ۋە ئاۋال ئىككى ئايلىق مائاشى دەرھال تارقىتىلىدۇ. زۆرۇر تىپىلغاندا بىر تەرەپنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئىككىنچى تەرەپ ئۇنىڭغا شەرتسىز ھەربى ياردەم بىرىدۇ ۋە ياردەم زۆرۈرىيىتى تۈگىكەن ھامان ئۆز تەۋەسىگە قايتىدۇ. بۇ بىتىم خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە 3 نۇسخا قىلىپ يىزىلىپ، بىر نۇسخىسى مەركىزى ھۆكۈمەتكە يوللاندى. جەنۇبىي ۋە شىمالى شىنجاڭ ھۆكۈمىتى بىر نۇسخىدىن ئىلىپ قىلىندى. بۇ بىتىمغا شېڭ دوبەن بىلەن خوجا نىياز ھاجى ئىمزا قويدى، تامغىلىرى باسىدۇ ۋە ئۈرۈمچىدىكىن سوۋېت باش كونسولى شايىت بولۇپ قول قويدى. شۇنىڭ بىلەن خوجا نىيازھاجى جەنۇپ تەرەپكە يۈرۈپ كېتىدۇ. لىكىن يولدا داۋاملىق ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ماڭىدۇ.

ئەمدى گىمىمىزگە قايتىپ كەلسەك سابىت داموللا خوتەن خەلق ئىنقىلاۋىنىڭ تۈركىسى ۋە ئۆزۇنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ئەقىل پاراسىتى بىلەن ئۆز دۈشمەنلىرىدىن غالىپ كىلىپ قەشقەردە “شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇررىيىتىنى” قۇرۇپ مەرتلىك بىلەن رەئىسلىككە خوجا نىياز ھاجىنى تەيىنلەيدۇ. ئەمما، خوجا نىياز ھاجى بولسا دۈشمىنىنىڭ ھېلىسىگە ۋە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئاتالمىش ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۆز قىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىرى قۇرغان بۇ جۇمھۇر رەئىسلىكنى قوبۇل قىلماي، ياتلارنىڭكى ياردەمچى ئۆلكە رەئىسلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇررىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان سابىت داموللامنى تۇتقىن قىلىپ، ئۈرۈمچىگە يالاپ ئاپىرىپ، جاللات شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

1937 – يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ياپون جاھانگىرلىگىنىڭ جاسۇسى شۈيتىيەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولدۇڭ دېگەن بەتنام بىلەن خوجا نىياز ھاجىنى شىڭ شىسەي قولغا ئالىدۇ. 1938-يىلى كۈزدە خوجا نىيازھاجى باشلىق قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سالىھ دورغا، گۇسۇل، باقى نىيازھاجى ۋە باشقا كامال ئەپەندى، ئابباس ئەپەندى، بوقان خېلىل قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانلىرىدىن 108 كىشىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، جاڭ گۇاڭچەن باشچىلىقىدىكى جاللاتلار، سايۇپۇنىڭ غەربىدىكى تاققا كۆمۈۋىتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ داھىسى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇررىيىتىنىڭ» جۇمھۇر رەئىسى ۋە شۇنداقلا مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەپچىلىرىنىڭ بىرى، ئىزىلگەن خەلقنىڭ بېشى تۇرۇقلۇق، دۈشمىنىگە ئالدىنىپ قول بەرگەن باشچىمىزنىڭ ھاياتى بولسا تارىختا ئۇيغۇر مىللىتى كۆنۇپ قالغان، ئىچىنىشلىق تېراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

سابىت داموللام بولسا ئۈرۈمچى 2-تۇرمىدە 1941-يىلى 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

گەرچە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى» نىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، بىزگە پەخىرلەنگىدەك ئەجدادلار روھىدىن بىر داستىخان مىراس قالدۇرىدۇ.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان روھى جەۋھەرلىرىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، ئەسلەپ، ياد ئىتىشمىز بىزنىڭ مەنىۋى ئازابىمىزغا مەلھەم بولىدۇ.

تارىخ بولسا ھاياتنىڭ ئەينىكى، تارىخ ئەۋلاتلارنىڭ ئۇستازى.
تارىختىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش بولسا داۋاملىق قىلىنغان ئىبادەتكە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ روھىمۇ جەننەت ۋە دوزاقتەك قاتمۇ-قات بولۇپ، سىز جەننەت قىسمىغا نەزەر سالسىڭىز گۈزەل باغلار، خۇشپۇراق گۈللەر، سۈپ-سۈزۈك ئاققان ئېرىقلارنى كۆرۈسىزدە، ئۆزىڭىزنى مەغرۇر ھېس قىلىسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى داۋاملىق بۇ تارىخى ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ، ئۇلاردىن ئۈلگە ئىلىپ، ياخشى ئىش ياخشى ھەركەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، روھىڭىزنى پاكلاپ تۇرسىڭىز ئەلۋەتتە سىز داۋاملىق روھى دۇنيارىڭىزنىڭ جەننەت قىسمىدا ياشايسىز.

ئەگەر سىز ئەكسى ھالدا روھى دۇنيارىڭىزنىڭ دوزاق قىسمىغا مەنسۇپ بولۇپ قالسىڭىز، ئۇھالدا ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىڭىز، رەزىللىكلىرىڭىز بىلەن داۋاملىق يۈزلۈشۈپ، ھاياتىڭىزدا قىلغان پۈتۈن شەرمەندىلىكلەر سىزگە ئۆز سايىڭىزدەك ئەگىشىدۇ. ھاياتىڭىزدا قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭىز، قىلغان يالغانچىلىقلار، كىشىلەرگە بەرگەن ئازارلىرىڭىز، ھەسەتخورلىقىڭىز، ئەسكى نىيەتلىرىڭىز، خائىنلىقىڭىز، بىر ۋاقىتلاردا چىن يۈرەكتىن قىلغان قەسەملىرىڭىز كىيىن ئۇ قەسەمنى شەرمەندىلەرچە بۇزغانلىقىڭىز… مانا بۇلار مەڭگۈلۈك كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا بىلسىزكى ئۆز روھىڭىزنىڭ نەقەدەر كىرلەشكىنىنى!

ھازىرقى مىللەتنىڭ ئۈستىگە كەلگەن تىراگىدىيەلىك ھالاكەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنساننىڭ قىممىتىنى، ھاياتنىڭ چەكسىز قەدىرلىگىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ۋە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق تۇيغۇسىنىڭ پىلتىسى بولىدۇ. مىللەت مۇنداق ھالاكەتنىڭ زەربىسىدە روھى جەھەتتىن يەنە بىر قىتىم چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، ئۆزىدىن يوشۇرۇن كۈچنىڭ چەكسىز نۈرىنى قېزىپ چىقىدۇ. ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن سەلتەنەتلىك ئىزلىرىنى ئەسلەپ، تارىختىكى غايەت زور مەنىۋىي ئىتىقاتى ۋە ئىشەنچىلىرىنىڭ سىرلىق قەسىرلىرىنى ئۆزىنىڭ توختاۋسىز قەدەملىرى بىلەن يەنە بىر بېسىشقا ئۇمۈتلەندۈرىدۇ.

ئۆتمۇش بولسا بىر كۆلەڭگۈ، بۈگۈن بولسا رىئاللىق، كەلگۈسى بىر مەۋھۇم تەسەۋۋۇر، نىھايەت كەلگۈسى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەققىللىققە بولغان ئۈمۈدى.

ئۆتمۇش بىر كۆلەڭگە بولسىمۇ، بىر تۈپ ئالما دەرىخى ئۈچۈن تۇپراققا كۆمۈلگەن يىلتىزى قانچە مۇھىم بولغىنىدەك، بىز ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ ئەسلىمىز، نەسلىمىز، ئىتقادىمىز ۋە ئۈمۈتلىرىمىز كۆمۈلگەن يىراق ئۆتمۈش شۇنچىلىك مۇھىمدۇر.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدىن بىزگە مىراس قالغان كۆك بايراقنىڭ چۈشۈرگەن غۇۋا شولىسى، روھى تېرىلىشىمىزنى يەنى ماددى بايلىق چۈشەپ قويغان ئىنسانى روھىنىمىزنى تىرىلدۈرۈۋاتىدۇ. تېرىلىش ۋە ئويغۇنۇش بولسا، ئىنسان روھى ئاتا قىلغان غەرەزلىك ئىمتىھاندۇر. بۇ روھنىڭ تىرىلىشى ئانا ۋەتەندىن ئۇزاق ئايرىلغان بىزدەك ئىنسانلارغا، ھاياتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر، مىللىتىمىزنىڭ غورۇرىدۇر. ۋۇجۇدىمىزنى ئىللىتىۋاتقان سىرلىق سوقۇشلارنىڭ، پولات سىملاردىن ئېلىكتىر ئىقىمى ئەمەس، بەلكى كۆك ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ كۆكۈش نۇرلىرىدىكى جۇشقۇنلاۋاتقان ئىسسىق قان ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىدۇ.

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ 84 يىللىقىنى ئەسلەپ، تىزغان بۇ ساتىرلىرىمنى ئۇستاز سايرامىنىڭ مۇنۇ نەزمىلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

مۇشەررەپ بىلدى، ئەۋلاتتىكى ئانا قەرزىدە ئۆلمەكنى،
ۋەتەن تۇپرىقىدا ئوقيا تۇتۇپ، جەڭدە كۆمۈلمەكنى.
ساناقسىز مەرت قېنىدىن بولدى ھازىلكى قىزىل دەريا،
سەۋەب ئەركىن نۇمۇس بولغاچ ۋەتەنسىز ياشىماق تەنھا!

31.10.2017 (ماقالە قايتا ئۆزگەرتىلدى.)
گېرمانىيە

(بۇ ماقالە ئابدۇرېھىم ئۆتكۇرنىڭ ”ئىز“ ۋە ”ئويغانغان زىمىن“ ناملىق رومانلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى.)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش