ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭىيىتىنىڭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺸﻰ

ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭىيىتىنىڭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﺮﺍﮔﯩﺪﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺸﻰ

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ (گىرمانىيە)

مىللى مۇجادىلىگە شەخسنىڭ تەماسى ئەمەس، بەلكى مىللى ئىدەئال ۋە مىللى شەرەپ سەۋەپ بولىدۇ.

– مۇستاپا كامال

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى بۇندىن 73 يىل مۇقەدەم، مۇقەدەس سەجدىگاھىمىز ئۇيغۇرىستاننىڭ شىمالىدىكى گۈزەل ماكان ئىلىدا، مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان يىگىت – قىزلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرىنىڭ بەدىلىگە مەيدانغا كەلگەن.

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى بولسا ئۇيغۇر يىقىنقى زامان تارىخىدىكى، ئۇيغۇر خەلقى سۆيۇنۇپ، پەخىرلىنىپ شۇنىڭدەك چوڭقۇر ئازاپ ئىڭىمىز بىلەن ئەسلەيدىغان، مۇستەقىل بىر دۆلەت ئاپاراتىغا ئىگە بولغان، دۆۋلەت ئۇستقۇرۇلمىلىرى تولۇق بولغان، شۇ زامانىغان لايىق ھەربى ئەسلىھەلەر بىلەن قوراللانغان جەڭگىۋار ئارمىيەسى بولغان بىردىن-بىر مۇستەققىل جۇمھۇريەتتۇر.

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىل يەنىلا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شۇ چاغدىكى ھاكىميەت يۇرگىزىۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۇمىتىنىڭ ۋەتىمىز ئۇيغۇرىستاندىكى ئېغىر مىللى زۇلۇمىغا چىدىماي قوسغۇلۇپ ئىنقىلاپ يولغا ماڭغان، ئىلى ۋادىسىدىكى ئولاستاي تاغلىرىدا پارتىزانلىق ھەركەت قىلىۋاتقان مەردانە، باتۇر ئوغلانلىرىمىزدىن غىنى باتۇر، فاتىق باتۇر(تاتار مىللىتىدىن)، ئەكپەر باتۇر(قازاق مىللىتىدىن) قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلاغى سەۋەپ بولغان.

1944-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا نىلقا ناھىيەسىنىڭ گومىنداڭ ساقچى باشلىغى 50 يىقىن تولۇق قوراللانغان چىرىكلىرى بىلەن ئۇلاستايغا كىلىپ „ئات سېلىغى، چۆپ سىلىغى“ دەپ قانچىلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۇرۇپ، بىر نەچچىسنى باغلاپ، كەمبەغەل دىخان-چارۋۇچىلارنىڭ ئات-ئۇلاقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ. شۇ چاغالاردا جالىنقۇل، جاتتوغان، كۆكتاي دېگەن يەرلەردە ئادەم توپلاپ يۇرگەن غىنى باتۇرلار بۇ پاجىئەدەن خەۋەردار بولىدۇ. پارتىزانلار دەرھال ئاتلىنىپ، غىنى باتۇرنىڭ „ھۇررا“ دەپ، تاپانچىسىدىن ئىتىلغان بىر پاي ئوق بىلەن بىر چىرىك يەر چىشلەيدۇ. تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدىن چىرىكلەر تىرە-پىرەڭ بولۇپ،10 ئۆلۇك تاشلاپ بەدەر قاچىدۇ. مانا بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن، مىللىي روھ ئۈچۈن، مۇستەققىللىق ئۈچۈن ئىتىلغان 1-پاي ئوق ئىدى. بۇ قوزغىلاڭ غەلبىسىدىن كىيىن غىنى باتۇرلارنىڭ سىپىگە قوشۇلغان يىگىتلەرنىڭ سانى تېزدىن كۆپىيىپ 500 گە يىتىدۇ. قوزغىلاڭچىلار دەرھال سەپلىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، 3 ئەترەتكە بۆلىنىدۇ.
1-ئەترەتكە قوماندان ئەكپەر بولىدۇ.
2-ئەترەتكە قوماندان فاتىق باتۇر بولىدۇ.
3-ئەترەتكە قوماندان غىنى باتۇر بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار دەرھال نىلقا ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جەڭلەردىن كىيىن 10-ئاينىڭ 12-كۈنى نىلقىنى ئازات قىلىدۇ. پارتىزانلار سانى 800 گە يىتىدۇ. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى پارتىزانلار سەپلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سىلىپ، دۈشمەننىڭ مازار دىگەن يەردىكى ئىستىكاملىرىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. مازار 21-چىسلا ئازات بولىدۇ. پارتىزانلار ئارقا-ئارقىدىن قىلىنغان بىرنەچچە قىتىملىق جەڭلەردىن كىيىن غۇلجا شەھەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان “ئازاتلىق تەشكىلات” -نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ،3 يۆلۇنىش بويىچە غۇلجا شەھەررنى مۇئاسىرغا ئالىدۇ. پىلان بويىچە غىنى باتۇر قوماندانلىق قىلغان ئەترەت غۇلجىنىڭ شەرقى جەنۇبى تەرىپىدىن، سىيىت باتۇر(ئەكپەر باتۇرنىڭ ئىنىسى، ئەكبەر باتۇر ئۇرۇشتا قۇربان بولىدۇ) شەرقى شىمالدىن، فاتىق باتۇر غەرىپ تەرەپتىن ۋۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن چىرىكلىرىنى تېزلىك بىلەن مەغلۇپ قىلىدۇ. ئابدۇكىرەم ئاباسوف ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ قاتتىق قارشىلىق قىلىشى بىلەن قاتتىق جەڭ بولىدۇ، ساقچى ئىدارىنىڭ باشلىقى گاۋ ۋىيىڭ مەغلۇپ بولىشىنىڭ ئالدىدا قانخۇرلۇق بىلەن ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە بىگۇنا سولانغا 280 ئۇيغۇرنى ئۆلتۇرۇپ، ھاجەتخانىغا تاشلايدۇ، پاتمىغانلىرىنى ساقچى ئىدارىسى ئىچىدىكى قۇدۇققا ئۇستى-ئۇستىگە قىستاپ تىقىدۇ. دۈشمەن مەغلۇپ بولۇپ ساقچى ئىدارىسى ئىلىنغاندىن كىيىن پارتىزانلار نۇرغۇن قورال، ئوق-دورىلارنى ئۇلجا ئالغان بولسىمۇ، لىكىن ناھايىتى ئىچىنىشلىق بىر پاجىھە بىلەن ئۇچرىشىدۇ. دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەنلەرنىڭ كۆزلىرى ئويۇلغان، پۇت-قوللىرى كىسىلگەن بولۇپ، بۇ ئىچىنىشلىق كۆرۇنۇش پارتىزانلارنىڭ دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.

غۇلجا ئازات بولغاندىن كىيىن ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەيەت ئەزالىرى دەرھال يىغىن ئىچىپ “شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ” سىياسى پروگراممىسىنى تۇزۇپ چىقىشنى قارار قىلىنىدۇ بۇ ۋەزىپە شۇ چاغدا تەسىس قىلىنغان “شەرقى تۈركىستان گېزىتى“ نىڭ باشلىغى ھەبىبۇللا (ھەبىب) ئەپەندىگە تاپشۇرۇلىدۇ. ھەبىب ئەپەندى ناھايىتى بىلىملىك كىشى بولسىمۇ، بۇ ۋەزىپىنى ناھايىتى مەسھۇليەتچانلىقى كۈچلۇك بولغان ۋەزىپە ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقى تۈركىستان گېزىتىگە كۈندىلىك ماقالارنى، خەۋەرلەرنى يېزىش بىلەن مەشھۇل بولۇپ يۇرگەن ئەخمەتجان قاسىمىنى
بىرگە تۇزۇشكە تەكلىپ قىلىدۇ .
ئەخمەتجان قاسىمى بولسا 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجىدا قول-ھۇنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئەخمەتجان قاسىمى كىچىك چىغىدىلا دادىسىدىن ۋاقىتسىز
ئايرىلغان بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىغىدىن ئانىسى بىلەن بىرگە تاغىسى قاسىم ئەپەندىنىڭ يىنىغا يەنى ھازىرقى قازاغىستانغا تەۋە بولغان يەركەنكە كۆچوپ كەتكەن . يەركەتتە 7 يىل باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغاندىن كىيىن 1937-يىلدىن 1940-يىلغىچە تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ ۋە موسكوۋاغا بىرىپ، بىلىپ ئاشۇرۇپ تارىخى پەنلەر بويىچە ئۇنۋان ئالغان. روسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.
1940-يىلى ئەتىيازدا چۆچەك ئارقىلىق ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كەلگەن ۋە شىڭ شىسەينىڭ زوراۋانلىقى ھۆكۇم سۇرگەن چاغلاردا ئۇرۇمچى تۈرمىسىگە قامالغان. گومونداڭ ھۆكۇمىتى كەلگەندە تۈرمىدىن چىقىپ، غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن. مانا بۇ ئەھۋاللاردىن بىرقاتار خەۋەردار بولغان ھەبىب ئەپەندى، ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ بىلىملىك ، ۋەتەن، مىللەت سۆيەر يىگىت ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەن. ئەخمەتجان ئەپەندى بۇ تەكلىپ قوبۇل قىلىپ شۇ چاغدىكى بەزى روس´چە قوللانمىلاردىن، ياۋروپا ئەللىرىدىكى دېمۇگراتىك دۆلەتلەرنىڭ پروگراممىلىرىدىن ۋە تۈركىيە جۇمھۇريىتىنىڭ پروگراممىلىرىنى كۆرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرىستاننىڭ شۇچاغدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكلىل قىلىش ئارقىلىق سىياسى ۋە ئىجدىمائىي مەزمۇنى مول بولغان ۋە شۇ چاغدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن 9 ماددىلىق پروگرامما لايھەسىنى ھەبىب ئەپەندىگە سۇنىدۇ ۋە بۇ 9 ماددىلىق پروگرامما شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسى پروگراممىسى قىلىپ بىكىتىلىدۇ. بۇشۇنداق بىر قاتار مۇھىم مەسىللەر ھەل بولغاندىن كىيىن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنى قۇرۇش تەيارلىق خىزمىتى تامماملىنىدۇ. 11-ئاينىڭ 8-كۈنى “ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ” يېتەكچىلىگىدە ھەيھەتلەر يىغىنى ئىچىلىپ، مۇھىم مەسىللەر مۇئاكىمە قىلىنىپ، قارارلار ئىلىندى. قۇرۇلماقچى بولغان جۇمھۇريەتنىڭ دۆلەت ئاپاراتلىرى تۇرغۇزۇلدى. ئىچكى ئىشلار نازارىتى، سەھىيە نازارىتى، دىننى ئىشلار نازارىتى، ئەدىلىيە نازارىتى، مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، ھەربى تەمىنات ئىدارىسى، ترانسپورت ئىدارىسى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلار تۇرغۇزىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ رەھپەرلىرى بىكىتىلدى. ھۆكۇمەت رەئىسى ئىلىخان تۆرە، مۇئاۋىن رەئىس ھەكىمبەگ ھوجا، ئىدارا ھەيەت ئەزالىرى رەخىمجان سابىرھاجى، ئابدۇكىرەم ئابباسوف، مۇھەمەتجان مەسۇم، ھەبىبۇللا(ھەبىب) يۇنىچى، ئەنۋەر مۇسابايۇپ، ئوبۇلخەيرى تۆرە، ماسكالوۋ قاتارلىقلار تەيىنلەندى، باش كاتىپلىققا ئابدۇرۇپ مەخسۇم تەيىنلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىقىمىز 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇيرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىمھولى بولغان كۆك رەڭ بىلەن مۇقەدەس ئىسلام ئىتىقاتىمىزنىڭ سىمھولى بولغان ئاي يۇلتۇزدىن بىرلەشتۇرلگەن بايراق بولسا دۆلەت بايرىقىمىز قىلىپ بىكىتىلدۇ.

1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھەرنىڭ كۆپكۆك ئاسمىدىدا قۇياش باشقىچە پارلىغان بولۇپ، ئۆزۇنىڭ ئىللىق نۈرى بىلەن باش قىش مەۋسىمىدىكى قالدۇق ياپراقلارنىڭ يۇزىنى جۇلالاندۇرۋەتكەن ئىدى. ئىلى خەلقى بىلەن مۇڭداش، زامانداش، ئەزەلدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىلاۋەر، مەرت ئوغلانلىرىغا ھەم نەپەس، ھەم سىرداش بولۇپ كەلگەن، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىئارام بولۇپ، غەم-قايغۇ، دەرت-ئەلەملىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۇزاقتىن-ئۇزاققا تولغۇنۇپ ئاققان ئىلى دەرياسى، ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۇرگەن جەڭگىۋار ، مەردانە قىياپىتىنى ئاشكارلاپ، جۇش ئۇرۇپ، شاۋقۇن چىقىرىپ، ئۆركەش ياساپ، ئۆزىنى قىيان تاشلارغا ئۇرۇپ، مەرۋايىت دانچىلىرىنى ئەتراپقا سىخېلىك بىلەن چاچرىتىپ، ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. مانا شۇ تاپتا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسى ئىلىخان تۆرەممۇ ئۆز ھەمرالىرى بىلەن ھۆكۇمەت بىناسى ئىچىدە قىسغىن كەيپىيات ئىچىدە تەنتەنىگە چۆمگەنتى.

ئىلىخان تۆرە شاكىرخان تۆرە ئوغلى 1885-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرقى قىرغىزتاننىڭ توقماق(بالاساغۇن) دېگەن يىرىدە ھاللىق ئۆزبەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەدىبىي تەخەلۇسى ساغۇنى، ئۇنىڭ ئاتىسى شاكىرخان تۆرە چوڭ ئوغلى ئىلىمخان تۆرە بىلەن ئىلىخان تۆرەنى مەدىنىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. مەدىنىدە ئوقۇغاندىن كىيىن بۇخارا مەدىرىسلىرىدىمۇ ئىلىم تەسىس قىلغان. 1916-يىلى توقماق تەۋەسىدە چار روسسىيەگە قارشى قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندا بۇ قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ ئىشكتىراچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىلىخان تۆرە قىچىپ يۇرگەن . 1920-يىلى قەشقەرگە كەلگەن، كىيىن قايتىشقا مەجبۇر قالغان.1922-يىلى سوۋېت ھۆكۇمىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن قويۇپ بىرىلگەن . 1930-يىلى قايتا قولغا ئىلىنىپ، 10 يىللىق قاماققا ھۆكۇم قىلىنغان لىكىن دوسلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدىن قىچىپ چىقىپ، غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. غۇلجا خەلقى ئىلىخان تۆرىگە ناھايىتى ھۆرمەت كۆرسەتكەن ھەتتا ئۇ ئولتۇرغان مەھەلىنى ئىلىخان تۆرېنىڭ نامى بىلەن “تۆرەم مەھەلىسى” دەپ ئاتىغان، ھىلىھەم بۇ مەھەلە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 1937-يىلى جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. 1941-يىلى تۈرمىدىن چىققان. ئىلىخان تۆرە تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن غۇلجا شەھرىدە بىر تەرەپتىن تىۋىپلىك قىلىپ، خەلىقنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى ئاغرىقلىرىنى داۋالىسا يەنە بىر تەرەپتىن چوڭ مەدىرىسلەردە دىننى تەبلىق قىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى كىسىلىنى داۋالاپ، غۇلجا خەلقىنى ئەركىنلىككە، ئىلىم- مەرىپەتكە، ھەققىقى ئىسلام ئەقىدىسىگە دەۋەت قىلغان ۋە غۇلجىدا مەخپى قۇرۇلغان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق خادىمى بولۇپ قالغان. غۇلجا ئازات بولغاندا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسى بولغان. مانا بۇ بىداكار ئۇستاز بۇگۇن جۇمھۇريەتنى غۇلجا خەلقى بىلەن بىرگە تەن-تەنە قىلماقتا. تو-توپ بولغان يېگىت- قىزلار، ئۇشاق بالىلار، ئاق ساقال بوۋالار، مۇكچەيگەن مومايلار قەددىنى رۇسلاپ، ھۆكۇمەت بىناسى تەرەپكە قاراپ سەلدەك ئاقماقتا. پۈتۈن مەمۇرى ئىدارىلەرگە ئىسىلغان گومىنداڭنىڭ بايرىغى يۇلۇپ، ئىلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا كۆك ئاي-يۇلتۇزلۇق بايرىقىمىز جەۋلان قىلىپ لەپىلدىمەكتە. مانا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىگىنىڭ، مۇستەقىللىغىنىڭ سىمھولى ئىدى. مانا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ مەھجۇتلۇقىنىڭ، ئادالەتسىزلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە بولغان قارشىلىق كۈچىدىن مەھرۇم قالمىغانلىغىنى روشەن ئىپادىسى ئىدى. كۆك بايراقتىن جىۋالىغان نۈرلار ئەسىرلەردىن بىرى زۇلمەت قارانغۇلۇق ئىچىدە قالغان مىللىتمىزنىڭ روھىيەت دۇنياسىنى يورۇتۇپ، ئوغۇزخان روھىنى يەنە بىر قىتىپ ئويغۇتۇپ، ئىنساننىڭ قىممىتىنى، ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى، ئازاتلىق سۆيگىسىنى، ھاياتنىڭ چەكسىز قەدىر-قىممىتىنى مىللىتىمىزگە ھېس قىلدۇرغان ئىدى. ھۆكۇمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلغان خەلق “ياشىسۇن شەرقى تۈركىستان !”، “ ياشىسۇن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق” دەپ، تۆۋلىغان ئاۋازلىرى غۇلجا شەرىنى زىل-زىلگە سالدى. بۇ چىن يۇرەكتىن ئىتىلىپ چىققان ياڭراق ئاۋازلارنىڭ تەڭرى تېغىدىكى ئەكسى سادالىرى تا تارىم ۋادىسىگىچە تارقىلىلىپ، ئۇ يەردىكى خەلقىمىزنىڭ مۇزلىغان قەلبىنى ئىللىتتى.

ئىلىخان تۆرە ھاياجان ئىچىدە ھۆكۇمەت بىناسى ئالدىكى گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن ئورۇنتىلغان شىرنىڭ گەيجگىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ، خەلققە مۇنداق نىدا قىلدۇ:
“ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قىرىنداشلار! مەن بۇگۈن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى نامىدىن ئەسىرلەردىن بىرى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قاتمۇ-قات زۇلۇمى چەككەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ئازاتلىغىنى قولغا كەلتۇرگەن بۇ كۈننى بارلىغىم بىلەن چىن كۆڭلۇمدىن تەبرىكلەيمەن. ئەزىز قانداش- قىرىنداش، تۇققانلار ! بىز نەچچە ئەسىرلەپ ھۆكۇم سۇرۇپ كەلگەن زۇلۇم زالالەت، قاراڭغۇ جاھالىيەت قاپلىغان زامانلاردا ئاز زەخمەت، ئاز خورلۇق، كۇلپەت چەكمىدۇق؟ زالىملار تۆگمەن تىشى، بىز بولساق سۇكەندىكى بۇغداي بولدۇق. زوراۋانلار نەيزە-قىلىچ، بىز بولساق قول-ئاياقلىرىمىز زەنجىر بىلەن باغالنغان مەھبۇس بولدۇق. ئۇلار ئاچ كۆز يىلپىز-يولۋاس بىز بولساق قوتاندىكى قوي بولدۇق. باياشات تۇرمۇش نېمە؟ ئەرك-ئازاتلىق نېمە؟ قەتتئى رەۋىشتە كۆرمىدۇڭ. يورۇق تاڭغا، پارلاق قۇياشقا زارلىنىپ ئۆتتۇق. ئەزەلدىن ئۇيغۇر خەلققى كىم؟ شۇنى ئۇنۇتماسلىغىمىز لازىمكى ، ئول باتۇر تەڭرىقۇت ئەۋلادى! ئول نامى، داڭقى دۇنياغا تارالغان جەسۇر، مەردانە، دۇنيا مەدەنىيەتدىكى زور تۆھپىلەرنى قوشقان خەلق! ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتقىنە مىڭ يىل ئىلگەركى ئورقۇن ئۇيغۇر دۆلىتى، قارانخانىلار دۆلىتى، تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتى ۋە گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى بولغان، شۇنى ئېيتىشقا ھەقلىقمەنكى تۈرۇك، قىپچاق، ئۆزبەك، قازاق قاتارلىق تۈركي خەلىقلەرنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇردۇر. موشۇ ئاخىرقى ئەسىرلەردە ئومۇمەن بىزنىڭ بىشىمىزغا يەتكەن مۇدھىش كۇلپەتلەرنىڭ تۈرلۇك سەۋەبى نىمە؟ ئۇنى ئاساسەن تاجاۋۇسچى مۇستەبىت، قانخور ھاكىميەتنىڭ قۇللۇق، جاھالىيەت زەنجىرى بىلەن چىرماپ، پەن-مائارىپنى چەكلەش تۇپەيلىدىن روھىيەتىمىزگە چۈشكەن مەرەز كەسەلدىندۇر. قەدىرلىك تۇققانلار! مانا ئەمدى ئەسىرلەردىن بىرى تەلمۇرۇپ، ئارزۇ قىلىپ كۇتكەن قۇياش بىزگە باقماقتا. ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، ئەمدى تولۇق ئويغانمىساق، ئەمدى قولىمىزغا قورال ئالمىساق ئاللامۇ راۋا كۆرمەيدۇ؟ ئەكسىيەتچى گومىنداڭ بىزنى ھەرتەرەپتىن ئەجدىھادەك چىرماپ ئىلىپ، ئۆز دىمىغا تارتىپ كەلدى. ئۇلار ۋەھشىلەرچە ئانا تۇپراغىمىزغا بىسىپ كىرىپ، بىزلەرنى قانلىق تىغ-قىلىچلاردىن ئۆتكۇزدى. ئانا ئاق سۇتۇگە تەمشەلگەن بوۋاقلىرىمىزنى بۆشۇگىدە بوغۇپ، تائارەت خانىلارغا تاشلىدى. ئاتاڭ ئەردۇر، ئەردەك قىلىق قىل“ دېگەن ئىكەن سادىر پەلۋان باھادىر. مەن سېلەرنى قۇتلۇق ۋەتىنىمىز، جانىجان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلىگى ئۈچۈن قانلىق جەڭگاھقا چاقىرىمەن! كىمكى جەڭگاھتا كۆكسىگە ئوق تىگىپ يىقىلسا ئاللا يولىدا شىھىتتۇر! سىز ئەزىز قىرىنداشلار ياۋۇز، قانخور تاجاۋۇسچىلاردىن جانغا جان، قانغا قان ئالىشكە تەيارمۇسىزلەر!»

خەلق توپىدىن “تەييار!” دېگەن سادالار ياڭرىدى، بۇ ياڭراق سادالار تاغ-داۋانلار ئىشىپ تا تارىم بويىغىچە يەتتى. ياڭراق سادالار تۈركىسىدە مىللەتنىڭ تەغدىرى، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ئۇستىدە يەنە بىر قىتىم ئويلۇنىشنىڭ مۇقەدىمىسى باشلاندى. نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى جاھالىيەت تۇتەكلىرى قاپلاپ كەلگەن تارىم ۋادىسىنىڭ ئاسمىنىدا نۈرانە يۇلتۇزلار چارلاشقا، تەڭرىتاغ ئاتىنىڭ گىگانىت گەۋدىسى بىلىنەر-بىلىنمەس مىدىرلاشقا، ئۇن-تۇنسىز ئېقىپ كىلىۋاتقان ئىلى دەرياسى شاۋقۇنلاشقا، نەچە ئەسىردىن بىرى پۇششۇلداپ ياتقان بۇ قەدىمى تۇپراق ئاستا-ئاستا سىلكىنىشكە باشلىدى.

ئازاتلىق كۈرىشى تېزدىن ئۇلغۇيۇپ ئارقا –ئارقىدىن غەلبىلەر قولغا كەلدى. پارتىزانلار سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. ھەر كۈندىكى غەلبىلەر، باھاردىرلىرىمىزنىڭ قەقرىمانلىق ئىش-ئىزلىرمۇ شەرقى تۈركىستا گېزىتىدە ئىلان قىلىنىپ تۇردى، مانا بۇ چاغدا ئەخمەتجان ئەپەندى گېزىتنىڭ باش تەھرىرى بولۇپ ئىشلىدى. شۇ يىلى 12-ئايدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ نىزامنامىسى يەنە تولۇقلۇنۇپ، 1945-يىلى 5-يانۋاردا گېزىتتا ئىلان قىلىندى. ئاساسلىق قوشۇلغان مەزمۇنلار شەرقى تۈركىستاننى ئۇزۇل-كىسىل ئازات قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنى قۇرۇش ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا نىگىزلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، نىزامنامىغا كىرگۇزدى.ئەخمەتجان ئەپەندى بىر قاتار خىزمەتلىرىدىن كىيىن كۈندىن-كۈنگە كۆزگە كۆرۇنۇشكە باشلىدى. 1945-يىلى 1-ئايدا ھۆكۇمەت ئەزالىغىغا قوبۇل قىلىنىپ ھەربى بۆلۇمنىڭ باشلىغى بولۇپ ئىشلىدى ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ نىزامنامىسىمۇ تۇزۇپ چىقىپ ، 1945-يىلى 8-ئاپىرىلدا مىللىي ئارمىيەنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىغى جاكالاندى. مىللىي ئارمىيەنىڭ بايرىقىغا „شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن ئالغا !“ دەپ يېزىلغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن 3 يۆنۇلۇش بويىچە ھەربى يۇرۇش ئىلىپ باردى، مانا بۇ چاغدا ئەخمەتجان ئەپەندى روس ھەربى مۇتەخەسلىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە ھەرقايسى رايونلارنىڭ سىياسى ۋە ئىجدىمائى ئەمەلىيىتىنى تولۇق تەكلىل قىلىپ، ھەربى يۇرۇش پىلانى تۇزۇپ چىقتى.

مانا بۇ تارىخى ئەھمىيەتلىك بولغان ھەربى يۇرۇشلەردە مىللى ئارمىيە ناھايىتى قەقرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئازاتلىق، ھۆرلۇك ئۈچۈن شىجازەت ۋە جاسارەت مەيدانىنىڭ چەۋەندازلىرى مىنگەن ئارغىماقلىرى بىلەن دۈشمەن ستىكاملىرىغا شىددەت بىلەن ئىتىلدى. ئۇرۇش مەيدانىدا ھەرقانچە مۇشاقەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، پىسەنت قىلمىدى. زىمىستان سوغاقلاردا، دەشىت چوللەردە يۇرگەندە، باھادىرلىرىمىز ئات ئۇستىدە يولۋاستەك مۇستەككەم ئولتۇرۇپ، دۇشمەن سەپلىرىنى يىرىپ تاشلىدى. دۈشمەننىڭ توپ زەمبىرەكلىرى مىللىي ئارمىيەنىڭ جاسارىتى ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەرزىمىدى. 1945-يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە 4 ئاي ئىچىدە 1مىليون ئاھالىسى بار بولغان 300 مىڭ كۇدىرات كلومېتېر زىمىننى ئازات قىلدى. ئۆزۇدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ھەمدە كۈچلۇك ئىغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان دۈشمەن ئارمىيەسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
مانا مۇشۇنداق شىجاسەت بىلەن شىددەتلىك ئىلگىرلەۋاتقان مىللىي ئارمىيە ماناس دەريا بويىغا كەلگەندە، ئالغا ئىلگىرلەشكە يول قويۇلمىدى يەنى شۇ چاغدىكى خەلق ئارا ۋەزىيەتتە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، يالتا شەرنامىسىغا ئىمزا قويغان، غەلبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدا گومونداڭ ھۆكۇمىتىمۇ بار ئىدى. دۇنيا ئۇرۇش غەلبىسىدىن كىيىن ئۇلجىغا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىستىقپالى تۇتۇپ بىرىلىپ، گومىنداڭ بىلەن تېچلىق بىتىمگە مەجبۇرلاندى. گەرچە شۇ چاغدا ئۇزۇل كىسىل مۇستەقىللىق ئىدىيەسى ئىگە بولغان، مول سىياسى تەجىربىلەرگە ئىگە بولغان ئىلىخان تۆرە مۇرەسسەچىلككە ئۇزۇل-كىسىل قارشى تۇرغان بولسىمۇ كۈچى كارغا كەلمىدە ھەمدە 1946-يىلى 6-ئاي 12-كۈنى سوۋېتنىڭ جاسۇسلىرى تەرىپىدىن نەزەرتبەن قىلىنىپ، سوۋېت ئىتىپاقىغا ئىلىپ كىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن تا 30 يىلغا يىقىن نەزەرتبەن ھايات كەچۇرۇپ، 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 91 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىلىخان تۆرە نەزەرتبەنت ھاياتىدا ئىلمى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئۆزىنىڭ نادامەتلىك قىسمەتكە تولغان بۇ تارىخلارنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان مەشھۇر “ شەرقى تۈركىستان قايغۇسى” دېگەن بىباھا ئىلمى قىممەتكە ئىگە ئەسەرنى بىز ئەۋلاتلارغا يېزىپ قالدۇردى. ئۇلۇغ ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.

ئىلىخان تۆرە دەۋرىدىن كىيىن ئەخمەتجان ئەپەندى دەۋرى باشلاندى بۇ دەۋىر ئاساسەن سىياسى كۈرەش دەۋرى بولۇپ، بۇ كۈرەشتە ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت قوشقان پىداركارلىغى خەلقىمىزنىڭ تىلىدا داستاندۇر. مېنىڭ شەخسى نەزىرىمدە ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا مۇرەسسەچى تەرەپدارلىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۆز ھاياتىدىكى 1- ۋە ئاخىرقى خاتالىقنى سادىر قىلغان. ئۇ 11- بىتىم تۇزۇش جەريانىدىكى گومىنداڭ ھۆكۇمىتىنىڭ رەزىل ئويۇنلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ۋە بىتىمدىن كىيىن بىرلەشمە ھۆكۇمەت قۇرۇلغاندا، گومىنداڭ ئەخمەتجان ئەپەندىنى ئۆلتۇرۇش ئۈچۈن سۇيقەس پىلانلايدۇ لىكىن ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئالدىدا كارغا كەلمەيدۇ. نەنجىڭدىكى گومىنداڭ قۇرۇلتىيىدا ئەخمەتجان ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقى ئەركىنلىگىنى تەلەپ قىلىپ، گومىنداڭ ھۈكۇمىتىنىڭ كۆزىگە مىقتەك تاقىلىدۇ. شۇ چاغدىكى مۇرەككەپ تارىخى شارائىتتا ئەخمەتجان ئەپەندى گومىنداڭدىن مۇختەرىيەت كۇتكەن تەرەپدارلار بىلەنمۇ پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمايدۇ. مانا مۇشۇنداق قاتمۇ-قات بىسىملا ئاستىدا ئەخمەتجان ئەپەندىم ئۆزىنىڭ غايىسىدىن قەتئى يانمايدۇ ۋە مۇستەققىللىق ئىدىيەسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىدۇ. مۇستەققىللىققا ئىرىشمىگەن بىر مىللەتنىڭ ئۆلۇم ۋە زاۋاللىققا يۈزلۇنىشنىڭ مۇقەرەر ئىكەنلىگىنى. ھەر ئىككىلىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى مۇستەققىللىق ئىكەنلىگىنى ، ئۇزۇل- كىسىل مۇستەققىللىق يولىنى تۇتمىغىچە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلىگىگە كاپالەتلى قىلغىنى بولمايدىغانلىغىنى ھەقىقى تۈردە تونۇپ يىتىدۇ.
بىتىم بويىچە ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ، شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە دېمۇگراتىك ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىلىدىغان سايلامدا گومىنداڭ ئۆزىنىڭ ھاكىميەت تۇتالمايدىغانلىغىغا كۆزى يىتىپ، سايلامغا ئۆز قول-چوماچىلىرى بىلەن بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلەرنى ئىلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 1947-يىلغا كەلگەندە 11 بىتىپ بۇزۇلىدۇ. ئەخمەتجان ئەپەندى ئۇيغۇرىستاننىڭ تۇپ مەنپەتى ئۈچۈن، ھەققى ۋەتەن پەرۋەر زىيالىلارنى توپلاپ، ئۇرۇمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كىلىپ، غۇلجىدا مىللىي ئارمىيەنى كۈچەيتىش، مائارىپنى كۈپچەيتىش ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىلغار سىياسەتلەرنى تۇزۇپ چىقىپ، ئەمىللەشتۇرىدۇ. ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا ئۆز ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ خەلقىمىزنى ھەققى تۈردە ئەركىنلىك، ئازاتلىققا چاقىرىدۇ ۋە ھەقىقى مۇستەققىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاتالمىش سۇنھى ياسالغان ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن قۇربان بولىدۇ.

ئەخمەتجان ئەپەندى قەتئى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەققىللىق ئىدىيەسىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:”بىزنىڭ خەلققىمىزگە 200 يىلدىن بىرى ئەركىنلىككە ئىرىشىش پۇرسەتى ئەمدى كەلدى، بىز بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرسەك بۇندىن كىيىن بۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ كىلىشى بەكمۇ تەس.»

ئەخمەتجان ئەپەندى خىتاي ۋە سوۋېت تەرەپنىڭ لايھەسىنى قەتئى رەت قىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئۆزۇنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بىلەن ئۆز مۇستەققىللىق ئىدىيەسىنى پۈتۈن ئۇيغۇرىستان خەلقىگە ئۆلمەس ئابىدە قىلىپ، قالدۇرۇپ كەتكەن.

ئەخمەتجان ئەپەندى ھەرگىزمۇ خىتاي تەشۋىقاتىدىكى ۋە خىتاي تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ماتىرياللارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۇم چىقارغان، ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىكى كەمتۇك تەپەككۇرچىلارنىڭ ئىيتقىنىدەك جۇڭگو دېممۇگراتىك ئىنقىلاۋىغا تۆھپە قوشقان بىر شەخسى ئەمەستۇر.

زەلىلىي:”خالايىقنىڭ كۆزىدە پەردە-غەپلەت،نۈر ئايان بولماس” دەپ ئېيتقىنىدەك، خامۇشلارچە، ھاماقەتلەرچە يۇرىۋەرمەيلى، مۇستەققىل پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۇرەيلى. پەرىق ئىتىش تۇيغۇسى خۇنۇك مىللەت كۆپ ھاللاردا مەش ئەل كۆتەرگەن ئوغلانلىرىنىڭ بوينىغا سىرتماق سېلىشتەك خاتالىقنى تولا تەكرالايدۇ. دىمەككى ئەخمەتجان قاسىمى ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەخمەتجان بولماستىن بەلكى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىغى ئۈچۈن ئۆز ھايتىنى تەغدىم قىلغان، ئۇيغۇر خەلقى ئىپتىخارلىق بىلەن ئەسلەيدىغان سۆيۇملۇك داھىيىمىزدۇر، شۇنىڭدەك كىرىزىس تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۇك، مىللەتكە بولغان مۇھەببىتى ئەڭ چوڭقۇر ، رېياللىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئەڭ تېرەن، ئېتىقاد ۋە ئەقىدىسى چوڭقۇر، مىللىي مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۇك، تەنقىدىي روھقا باي، يېراقنى كۆرەر ،چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئاددىتىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باھادىر ئوغلانىدۇر.

بىزنىڭ مىللىي قىممەت تۇيغۇمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىپتىھار ئېڭىمىزنى كۇچەيتىدىغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى بولسا بىزنى يەنە بىر جەھەتتىن ئۆكۇنۇش، ھەسرەت، پۇشايمان تۇيغۇسىغا غەرىق قىلىدىغان يېقىنقى زامان تارىخىمىزنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدىن ئىبارەتتۇر.

گەرچە تارىختىكى ئىشلار زامان جەھەتتىن قايتىللانماس بولسىمۇ، لېكىن روھ تىنىم تاپماستۇر. بۇگۇن ئۆتمۇشنىڭ داۋامى، كەلگۇسىنىڭ باشلىنىشى. “بۇگۈن” بولسا ھېكمەت تولغان “جاھاننامە” ئىكەنلىگىنى بىلىشىمىز لازىم. يەنى “بۇگۈن”نى تۇققان ئۆتمۇشنىڭ زادى قانداق كەچمىشلەر بىلەن تولغانلىغىنى بىلگەندىلا ، كەلگۇسىمىزگە قانداق جاۋاپلارنىڭ يوشۇرۇن´غانلىغىنى ئېنىق كۇرەلەيمىز. ئەگەر ئۆتمۇشتىكى تارىخى ۋەقەلەرگە ئۆتۇپ كەتكەن نەرسە دەپ، تارىخقا بىپەرۋالىق بىلەن قارايدىغان بولساق، پارلاق يىڭى تارىخنى يارىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس! بىز تارىختىن بىرى بىشىمىزدا ئەگىپ يۇرگەن بۇ ئەجداھانىڭ كۆلەڭگۇسىنى كۆرمەي تۇرۇپ “بۇگۈن” نىڭ تارىخنىڭ كۆز يىشى ئىكەنلىگىنى بىلەلمەيمىز. ئۇزاق تارىخنىڭ چەكسىز ئۇپۇقىدا قىتىپ قالغان قان دىغېنى كۆرمەي تۇرۇپ، قەلبىمىزنىڭ پىنھان بۇلۇڭلىرىدىكى ئۆكۇنۇشنى ھېس قىلالمايمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مىللىتىمىزگە ئازاپ ئىڭىنى سىڭدۇرۇشىمىز لازىم. يىقىنقى بىر نەچچە يىللاردىكى كەينى-كەينىدىن يۇز بەرگەن تراگىدىيەلىك ۋەقەلەر بولۇپ ھازىر خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كىلىۋاتقان ئېغىر كۇلپەتلەر تۇپەيلىدىن مىللىتىمىزگە ئازاپ ئىڭى سىڭگەن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس. ئازاپ ئېڭى ئادەمنىڭ قىنىدا ئىقىپ يۇرگەن بىر خىل ھاياتى كۇچ ، بىر خىل مەنىۋى سۇپەت، بىر خىل قوزغاتقۇچى ئېنىرگىيە ، ئۇ بىر خىل مەنەۋى قورالدۇر. ھەرقانداق ئادەمدە ئۆز-ئۆزىدە ئويلىنىش تۇيغۇسى، ئەنسىرەش ۋە ئازاپ تۇيغۇسى بولغاندىلا، ئۆز ھاياتىدا ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بوشلۇقلارغا قايتا نەزەر سېلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆز-ئۆزۇدىن ھالقىپ، مەنىۋى جەھەتتىن تاكاممۇللىشىدۇ. بۇ تەرەققى قىلىپ، ئىنساننىڭ ئەركىنلىككە ئىنتىلىشى، مۇستەققىللىق ئىدىيەنىڭ تۆرەلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ. مۇستەققىل ئىدىيە بولسا بىزنىڭ نۇسرەت يولىمىزدۇر.

ھەممىگە ئايانكى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان مۇھەببىتى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى قۇدرەتلىك روھ. مىنىڭچە مىللەت قەلبىنىڭ تارتىش كۈچى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇدرەتلىك. لىكىن شۇ نەرسە ئىسىمىزدە بولۇشى لازىمكى، كۈچ پەقەتلا ئادالەت بىلەن توغرۇلۇقتىن كىلىدۇ ۋە بىزنى نەتىجىگە ئىرىشتۇرىدۇ. چۈنكى ئادالەت كۈچلۇكلەر بىلەن بىرگە بولماستىن بەلكى توغرا ھەققانى يولدا ماڭغانلار بىلەن بىرگىدۇر. بىزنىڭ مۇستەققىللىق يولىمىز ھەقىقى مەنىدىكى ھەققانى، ئەبىدى توغرا يولدۇر. ئۆزۇمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مىللىتىمىز ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان كۈچ تومۇرلىرىمىزدا ئىقىۋاتقان ئېسىل قاندا مەۋجۇتتۇر.

29.10.2017
گېرمانىيە

(بۇ ماقالە مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنىڭ ”سەراپ“ ناملىق رومانى قاتارلىق ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلدى.)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش