ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى قۇرۇلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى قۇرۇلدى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلار ئىچىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان سەرخىل 27 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئومۇرۇتقىسى – «ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى» 2017 – يىلى 11 – نويابىر ئىتىبارى بىلەن رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تېرىشچانلىق كۆرسۈتۈش نەتىجىسىدە، بۇ كېڭەشنى قۇرۇپ چىقتى. ئاكادېمىيە كېينكى ۋاقىتلاردا كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە ۋە ئۇنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەزا سانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەيئەت تىزىملىكلىرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا كېڭەش رەئىسى بولىدۇ. سابىق پەخىرى رەئىس ۋە رەئىسلەر كېڭەش دانىشمەنلىرى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا كېڭەش ئىجرائىيە رەئىسى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى

1. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇھىم قارار ۋە پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشىدە مەسلىھەت قىلىنىدۇ.

2. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاكادېمىيەگە ۋاكالىتەن ئىلمىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

3. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ساھەلەردە نوقتىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈشكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ.

4. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئومۇمىي سايلىمىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئائىلىچە بىر ھەپتىلىك كېڭەش كامپىغا  قېتىلىپ، ئاكادېمىيەنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۈچ يىللىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ ۋە كەلگۈسى ئۈچ يىللىق پائالىيەت ۋە خىزمەت لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

5. ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن، يىللىق كېڭەش ئەزالىق بەدەل پۇلى تۆلەيدۇ. بۇ بەدەل پۇلى ئاكادېمىيەنىڭ ئىدارى ئىشلىرى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى رەئىسى

دوكتور رىشات ئابباس بورھان

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى دانىشمەنلىرى

دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئىجرائىيە رەئىسى

ئابدۇلھەمىد قاراخان

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىقى

ئاكادېمىيە، مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدىغان ۋە ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ «ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى» گە ئەزا بولۇپ كىرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شەرتى توشقان ئۇيغۇر زىيالىلار تۆۋەندىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىق جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ئاكادېمىيە ئېلخېتىگە يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار كېڭىشى ئەزالىق جەدىۋېلى Word

ئاكادېمىيە ئېلخەت ئادرىسى: uyghuracademy@gmail.com

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئالاقە ئۇچۇرلىرى

Uyghur Academy

 Mobile Phone: +905306677851, +905063845639 يانفۇن

 E-mail: uyghuracademy@gmail.com ئېلخەت

Web: www.akademiye.org ئورگان تورى

 Address: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4  Fatih, Istanbul / TURKEY ئادرىس

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش