You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «غۇلجا يولى» رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيىلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رىئاللىقلىرى (1)

«غۇلجا يولى» رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيىلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رىئاللىقلىرى (1)

 

    نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

(بۇ رىسالىنى مەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ھۆرمەتلىك ئىنسانلار- دادام تۇرسۇن بارات ۋە ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىمنىڭ

ئۆچمەس خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن)

 

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن، 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرىغا بېغىشلانغان «غۇلجا يولى» ناملىق ئىككى توملۇق تارىخى روماننىڭ رۇس تىلىدىكى نۇسخىسى قولۇمغا چۈشتى. قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014-يىلى، رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان مەزكۇر رومان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى ۋە يازغۇچىسى خەمىت ھەمرايېفنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، 2016-يىلى بولسا ئاپتورنىڭ 17-ئەسىر ئۇيغۇر سەلتەنەت دەۋرىنىڭ خارابلىشىش تراگېدىيەلىرىگە بېغىشلانغان يەنە بىر تارىخى رومانى «خوجىلارنىڭ ۋەزىپىسى» رۇس تىلىدا يورۇققا چىققان ئىدى.

مەن ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاپتورنىڭ «غۇلجا يولى» ناملىق مەزكۇر تارىخى ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون يېنىدىكى فەيىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۆيۈمدە، ھەتتا بەزى چاغلاردا ئۆيۈم يېنىدىكى «پانېرا نانلىرى »چايخانىسىدا ئولتۇرۇپ، زېرىكمەستىن ئاخىرى ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. روماننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنلا دەرھال مەزكۇر رومان ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىم، تەسىراتلىرىم ۋە باھالىرىمنى يېزىش قارارىغا كېلىپ، قەلەم تەۋرىتىشكە كىرىشىپ، نۆۋەتتە ئوقۇرمەن دوستلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا يوللاۋاتقان رىسالەمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تەييارلىغان ئىدىم.  مانا ئەمدى ھەش-پەش دېگۈچە يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ « غۇلجا يولى» ۋە « خوجىلارنىڭ ۋەزىپىسى» ناملىق رومانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلىندى.

 

خەمىت ھەمرايېف قابىل يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى كۆپ تەرەپتىن يېتىشكەن تارىخچى، ئەدەبىياتشۇناس ۋە سىياسەتشۇناس شۇنىڭدەك يەنە ناھايىتى قابىل كۆپ تىللىق تەرجىماندۇر. ئۇنىڭ قەلىمىگە ئۇيغۇر، فىرانسۇز قاتارلىق تىللاردىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەر خىل مەزمۇندىكى كۆپلىگەن ئىلمى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ مەنسۇپتۇر. خەمىت ھەمرايېف ئىلگىرى ئاتاقلىق فىرانسۇز تارىخچىسى رېنې گرۇسىنىڭ «يايلاق ئىمپېرىيەسى» ناملىق كىتابىنى فرانسۇزچىدىن رۇسچىغا شۇنىڭدەك ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»ناملىق كىتابىنى ۋە بىر قىسىم مەركىزى ئاسىيا ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرۇپ ھەم بىر قىسىم ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ،ئىلىم ساھەسىگە ياخشى تونۇلغان ئىدى. مەن، ئۇنىڭ بۇ بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تونۇش ئىدىم. خەمىت ھەمرايېفنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە گۈزەل رۇس تىلى سەۋىيىسى ئارقىلىق فىرانسۇز تارىخچىسى رېنې گرۇسنىڭ دۇنيادا كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان « يايلاق ئىمپېرىيەسى» ناملىق نوپۇزلۇق ئىلمىي ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم رۇس تىلىدا تولۇق ۋە مۇكەممەل شەكىلدە يورۇققا چىقىرىپ، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەرنى بۇ ئەسەر بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە قىلغان ئىدى.

خەمىت ھەمرايېف يەنە 1990-يىللاردا ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ « ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنى رۇس تىلىغا يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيىدە ۋە مۇكەممەل رەۋىشتە شۇنىڭدەك ئەسەرنى ئاكادېمىيەلىك ئۆلچەملەرگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرغان شەكىلدە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپ، خىتايدا قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىنىپ، قەپەس ئىچىگە سولانغان بۇ ئەسەرنى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ چىققان ئىدى.

 

ئەمدى بايانلىرىمىزنىڭ ئەسلى رېلىسىغا قايتىپ كەلسەك، مەن ئالاھىدە ئىشتىياق ۋە يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇپ چىققان ئاپتورنىڭ «غۇلجا يولى» ناملىق تارىخى رومانى 1917-يىلى، ۋلادىمىر ئىلئىچ لېنىن باشلىغان رۇسىيەنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىر-بىرىگە قارشى ۋە رەقىب ئىدېئولوگىيىلىك لاگېرغا ئايرىۋەتكەن ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن، سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ دۇنيا ئىنقىلابى لوزۇنكىسى ئاستىدا ئېلىپ بارغان شەرق ئىستراتېگىيەلىك شاھمات تاختىسىدىن ئورۇن ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا- يەتتىسۇ ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئوز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي جۇغراپىيە خەرىتىسىنىڭ ئىككى قىسمىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەقەلىرىنىڭ باشلىنىش مەزگىللىرىگە بېغىشلانغان ئىدى.

يېقىنقى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان رۇسىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي، قازاقىستان ۋە باشقا بىر قىسىم ئەللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى بىلەن قوشنا شەرقىي تۈركىستان، ۋە ياكى ھازىر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى »دەپ ئاتىلىۋاتقان زېمىندا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى جۈملىدىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ دەۋردىكى «شىنجاڭ» ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ھاياتىدا ئوينىغان رولى ھەققىدىكى ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان سوۋېت ئارخىپلىرىنى ئېلان قىلىش ھەم ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ تېمىلاردا تۈرلۈك ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىۋاتقاندا مەزكۇر دەۋرنى رۇس تىلىدا ، بەدىئىي ئەدەبىيات ئۇسۇلى بىلەن بايان قىلىش قەدەملىرىنى بېسىش خەمىت ھەمرايېفنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىگە مەنسۇپ بولدى.

ئەسكەرتىش زۆرۈركى، خەمىت ھەمرايېفنىڭ مەزكۇر ئەسىرى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىنى بىۋاسىتە رۇس تىلىدا تەسۋىرلىگەن تارىخىي روماندۇر.

ئۇنىڭ «غۇلجا يولى» ناملىق مەزكۇر تارىخىي رومانى 1916-1920-يىللىرى ئارىسىدا يەتتىسۇ ۋادىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن سىياسىي پاجىئەلەرنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئەسەرنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تەپەككۇرلىرىم جۇش ئۇرۇپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ تارىخى تەسۋىرلىرى، سىياسىي تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ توختىلىش قارارىغا كەلدىم. شۇنى ئالدىن دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ بۇ ماقالەم نوقۇل ھالدا ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممەتلىرى، بەدىئىي مېتودىكىلىرى ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەم ئوبراز يارىتىش ۋە باشقا بىر قاتار تەرەپلەرنى بىۋاسىتە ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشنى ئۆزىگە ئاساسىي مۇددىئا قىلمايدۇ. كەمىنە ئەسەرنىڭ بەدىئىي تارىخى تەسۋىرلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئىزاھلاش ۋە يورۇتۇشنى ئاساسى مۇددىئا قىلىدۇ.

 

 

« غۇلجا يولى»دا كلاسسىكلار ئىزلىرىنى بويلاپ

روشەنكى، خەمىت ھەمرايېف ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مۇساپىلىرى، ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى رېئاللىقلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن، تەھلىل يۈرگۈزگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەۋجۇت قىسمەتلىرىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كەلگەن مۇتەخەسسىس، يەنى سىياسەت پەنلىرى دوكتورىدۇر. ۋەھالەنكى، ئۇ بۇ قېتىم 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىدىيەلىرى ۋە مەزكۇر ئىدىيىلەر بىلەن زىچ باغلانغان تارىخى تراگېدىيىلەرنى ئىلمىي ئاممىباب ياكى ئاكادېمىيەلىك تەتقىقات مېتودى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھۆججەتلىك بەدىئىي ئەدەبىي ئىجادىيەت يولى بىلەن بايان قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىگە شۇنىڭدەك مەزكۇر خەلقنىڭ قىسمەتلىرىگە قىزىققۇچى ئۇيغۇرلار ۋە ھەر مىللەت رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلىرىگە تەقدىم قىلىش يولىنى تاللىغان ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تارىخى ناھايىتى مۇرەككەپ مۇساپىلەر ۋە مول مەزمۇنلار بىلەن تولغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ مەزگىلدە ئۆز ۋەتىنىدە باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكى ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر دەۋردىكى سىياسىي تەقدىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى ھېچ سىر بولمىسا كېرەك. خەمىت ھەمرايېفنىڭ ئەنە شۇ 20-ئەسىر ئۇيغۇر قىسمەتلىرى، بولۇپمۇ بۇ تراگېدىيەلىك قىسمەتلەرنىڭ باشلىنىشى بولغان 1917-1920-يىللاردىكى جەريانلىرىنى ھەم ئۇنىڭ سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بەدىئىي يول بىلەن تەسۋىرلەشكە قارار بېرىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرىنى ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ياكى تارىخچىلارغىلا ئەمەس، بەلكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش ۋە چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا كېرەك.

 

ئەسكەرتىش زۆرۈركى، 1955-يىلىدىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە شەرقشۇناسلىق ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان رۇس شەرقشۇناسلىقىدا دائىم «شەرقى تۈركىستان» دەپ ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك يەنە «ياۋرو-ئاسىيانىڭ تۆت كوچا ئېغزى»(1) ۋە ياكى «يىپەك يولىنىڭ تۆگىنى» ، « ئاسىيانىڭ يۈرىكى» دېگەندەك سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە ناملارغىمۇ ئېرىشكەن بۇ زېمىن ھەم ئۇنىڭدىكى ئاساسىي مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 19- ۋە 20-ئەسىر سىياسىي،ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى ھەم مەدەنىيەت ھاياتى ھەققىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم شەرق ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە بىر قاتار ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى شۇنىڭدەك پۇتبلىستىكىلىق ماقالىلەر كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا سوۋېت مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن قوشنا ۋە ئۇزۇن چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە شۇنىڭدەك خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كونترول قىلىشىدىن مۇستەسنا تۇرغان ئۇيغۇرلار دىيارى ، يەنى رۇس تارىخى -جۇغراپىيەسىدە دائىم «شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭغارىيە »دەپ ئاتالغان مەزكۇر زېمىنغا قاراتقان سىياسىتى، بۇ رايوننىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، جۈملىدىن «كونا» ۋە «يېڭى چوڭ ئويۇن»لاردىكى ئورنى ھەم باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت ئەسەرلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

ئەلۋەتتە، شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن تارتىپ، تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى قەشقەرىيە رۇس ۋە ياۋروپا كلاسسىك شەرقشۇناسلىرى، ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، جۈملىدىن «چوڭ ئويۇن»دىكى ھەربىي-رازۋېتچىكلار ، يەنى « جاسۇسلار»نىڭ ئەڭ قىزىققان رايون ئىدى.

19-ۋە 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر ياۋروپا ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، شەرقشۇناسلىرى ۋە ئىستىخباراتچىلىرىنىڭ قەدەم ئىزلىرى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر بوستانلىقلىرىدا قالدى. 19-ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر رۇس ھەربىي جاسۇسلىرى، يەنى ھەربىي ئىستىخبارات خادىملىرىدىن – رۇسىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ قازاق ئوفىتسېرى، پراپۇرشىك، 1859-1860-يىللىرى قەشقەردە تۇرغان چۇقان ۋەلىخانوۋ (1835-1865)، رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئوفىتسېرى، پودپولكوۋنىك، كېيىنرەك گېنېرال لېيتېنانت ۋە رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قەشقەرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ياقۇپ بەگ بىلەن ئۇچراشقان ئالېكسى كۇروپاتكىن (1848-1925)، رۇسىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات خادىمى، گېنېرال مايور، قەشقەرىيە، جۇڭغارىيە ۋە لوپنۇر كۆلى رايونى ھەم تىبەتلەردە ھەربىي-سىياسى، جۇغراپىيەلىك تەكشۈرۈشلەردە بولغان ھەم ياقۇپ بەگ بىلەن ئۇچراشقان نىكولاي پرژېۋالسكى (1839-1888)،دەسلەپكى باش شتاب كاپىتانى، كېيىنكى ئاتلىق ئەسكەرلەر گېنېرالى ۋە رۇسىيە ئارمىيەسى ھەربىي كېڭەش ئەزاسى، ياقۇپ بەك ۋە ئىلى سۇلتانى ئەلاخاننىڭ ئالدىغا ئەلچىلىككە بارغان ھەم « قەشقەر-رۇس سودا كېلىشىمى»نى ئىشقا ئاشۇرغان ئالېكساندىر كائۇلبارس (1844-1929)، رۇسىيە ئارمىيەسى باش شتاب خادىمى، گېنېرال لېيتېنانت ، رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ۋە ئىستراتېگىيەچىسى، 1880-يىللارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر ۋە پامىردا تەكشۈرۈشتە بولغان برونىسلاۋ گرومبچېۋسكىي (1855-1926)، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دىپلوماتى، ئىستىخبراتچىسى ۋە شەرقشۇناسى ھەمدە رۇسىيەنىڭ قەشقەردە 20 يىل تۇرغان باش كونسۇلى نىكولاي پېتروۋسكىي (1837-1908)، رۇسىيە ئارمىيەسى تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ ھەربىي ئىستىخباراتچىسى، دەسلەپكى كاپىتان، كېيىنكى گېنېرال لېيتېنانت ۋە رۇسىيە ئارمىيەسى پىيادە قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى شۇنىڭدەك 1898-1899-يىللىرى قەشقەردە بولۇپ، مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان لاۋر كورنىلوۋ (1870-1918) ، رۇسىيە ئارمىيەسى باش شتابى ئوفىتسېرى، گېنېرال مايور ، قەشقەرىيەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مىخايىل پېۋسوۋ (1843-1902) ، مەخسۇس ئىلى دىيارىدا پائالىيەت قىلغان ۋە ، ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ماتېرىيال توپلاپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ، تارىخى ۋە مەدەنىيەتلىرى تەتقىقاتىدا ئىزدەنگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن نىكولاي پانتۇسوۋ ( 1949-1909)‏‏، ۋاسىلىي رادلوۋ (1837-1918)، سېرگېي مالوۋ (1880-1957) ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تارىخى-سىياسىي ۋەزىيىتى،جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، مىللەتلەر ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ، تارىخى ۋە تىل ئەھۋاللىرى باشقا كۆپلىگەن ئەھۋاللارغا ئائىت ناھايىتى مول مەلۇماتلار ھازىرمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان رۇس ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىستىخبارات خادىملىرى ھەم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە نەشر قىلدۇرغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى دۇنيا شەرقشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى قىزىقىشلىرى ھەم چۈشەنچىلىرىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئومۇمەن، دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، ئەڭ دەسلەپكى « ئۇيغۇر تارىخى»،ئەڭ دەسلەپكى « شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئومۇمىي مەلۇمات»، ئەڭ دەسلەپكى « شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خىتاي مەنبەلىرىنىڭ باشقا تىللارغا تولۇق تەرجىمىسى رۇسلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز چۇقان ۋەلىخانوۋنىڭ « ئالتىشەھەر ياكى خىتاي ئۆلكىسى نەنلۇدىكى( كىچىك بۇخارادىكى) 6 شەرق شەھىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە( 1858-1859)» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى، ۋ.گرىگورىيېۋنىڭ « شەرقىي ياكى خىتاي تۈركىستانى»(1873-يىلى)، ئا.كۇروپاتكىننىڭ « قەشقەرىيە»( 1878-يىلى)، د.پوزدنېيېۋنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر تارىخى ئەسىرى، يەنى « ئۇيغۇر تارىخى ئوچېرىكلىرى.خىتاي مەنبەسى بويىچە»(1899-يىلى)، لاۋر كورنىلوۋنىڭ « قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستان ( 1901-يىلى) ۋە پرژېۋالسكى  ھەم باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن.

رۇسلاردىن باشقا يەنە بۇ رايونغا ئىلگىرى-كېيىن ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى، ئىستىخباراتچىلىرى ، ساياھەتچىلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرىنىڭ قەدەم ئىزلىرىمۇ بېسىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بېرىتانىيە دىپلوماتىيە، ھەربىي- سىياسىي ۋەزىيەت ھەم رايون ئومۇمى ئەھۋالىنى تەكشۈرگۈچى خادىملىرىدىن، ياقۇب بەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتىشەھەر دۆلىتى بىلەن ئالاقە ئورناتقان روبېرت شاۋ (1839-1879)، دىپلومات توماس دوئۇگلاس فورسايت (1827-1886)، ھەربىي ئىستىخباراتچى ۋە ئېكىسپېدىتسىيەچى ، بېرىتانىيە ئارمىيەسى پودپولكوۋنىكى فرانسىس ياڭخاسباند (1863-1942)، دىپلومات ۋە بېرتانىيەنىڭ قەشقەردىكى تۇنجى باش كونسۇلى گېئورگى ماكارتنېي ( 1867-1945)، ئاتاقلىق ئارخېئولوگ، ئېكىسپېدىتسىيەچى ئاۋرېل ستېيىن (1862-1943)، شىۋېتسىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى سۋېن ھېدىن (1865-1952)، گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلەردىن ئالبېرت گرۈنۋېدېل (1865-1935) ۋە ئالبېرت فون لېكوك (1860-1930)ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ياۋروپا ئېكسپېدىتسىيىچى، ئالىم، رازۋېدچىك ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى 19-ۋە 20-ئەسىر كىشىلىرىنى بۇ سىرلىق زېمىن ھەققىدە ئاجايىپ سىرلىق ۋە خىيالىي تەپەككۇرلەرگە ئىگە قىلغان ئىدى.

 

توقۇنۇشلار سىرلىرىنىڭ ئېچىلىشى

مانجۇلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ،1912-يىلى خىتاي ( خەن) مىللەتچىلىرى ۋە مىلىتارىستلىرى ھاكىمىيەت دەۋرىنىڭ باشلىنىشىدىن ۋە 1917-يىلىدىكى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار رايونى نامدا خىتايغا تەۋە دەپ قارالسىمۇ، ئەمما خىتاي مەركىزى ھاكىمىيىتى بۇ يەردە ئەمەلىي ۋە تولۇق ھۆكۈمرانلىق ئورنىتالمىغان بولۇپ، ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي قاتارلىق مىلىتارىستلار چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ رايوننى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسىي، سودا-ئىقتىسادى ۋ مەدەنىيەت تەسىر ئوربىتىسى ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارغا بىر تەرەپتىن يالۋۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن يۆلىنىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقلىرىنى ساقلىغان ئىدى. بۇ ئۆلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ سابىق رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگرىلىنىشى شۇنىڭدەك رايوننىڭ جەنۇبى قىسمىنىڭ يەنە بېرتانىيە ئىمپېرىيەسى مۇستەملىكىسى ۋە تەسىر دائىرىسى ئاستىدىكى « چوڭ ئويۇن» توقۇنۇشلىرىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن ھىندىستان، ئافغانىستان ۋە پامىر رايونلىرى بىلەن تۇتۇشۇشى ھەمدە 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مەزكۇر رايونغا يەنە ئوسمانلى ۋە تۈركىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ھەر خىل دەرىجىدە ئۆز دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي تەسىرىنى تىكلەشكە ئىنتىلىشى جەريانىدا مەزكۇر رايون كۆپ خىل ئىستراتېگىيەلىك شاھمات تاختىسى بولغان ھەم بۇ رايوندىكى ئاساسىي خەلق- ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك شاھمات تاختىسىدىكى پېچكىلىق رولىنى ئىجرا قىلغان ئىدى. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، مەزكۇر پېچكىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغۇچىلار رۇسلار بولۇپ، رۇسلار يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان خەلقئارا كۈچلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارقا ھويلىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۆز تەسىر كۈچىنى تىكلىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق ئۈچۈن ھەر قانداق مېتودتىن ، ھەتتا رايونغا بىر قانچە قېتىم ھەربىي قوشۇن كىرگۈزۈش، ئۆزلىرىگە زۆرۈر ئېھتىياج بولسا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى قوللاش، ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ،ئەمما ئاستىرىتتىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى قۇربان قىلىشتەك ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشتىن يانمىدى. ۋەھالەنكى، 20-ئەسىردىكى ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت شارائىتلىرىدا ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىم ئۆز ئىستىقلالىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەنە شۇ شاھمات تاختىسى ئۈستىدە مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن،دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئورنىتىلىش جەريانلىرىدىكى رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانىغا ئايلانغان ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى بۇ رايوننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە مەيلى مانجۇ -چىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى خىتاي مىلىتارىستلىرى ۋە ياكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاجىز كۈچ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار رايون تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتىش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇ رايوننىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش قۇدرىتىگە ئىگە ھەقىقىي قۇدرەتلىك كۈچلەر رۇسىيە -سوۋېت ئىمپېرىيەلىرى، بۈيۈك بېرتانىيە، قىسمەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھېسابلانغان بولۇپ، كېيىنرەك بولسا، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمۇ بۇ قاتارغا كىرگەن شۇنىڭدەك ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى قايتا بەلگىلەشتە مەزكۇر رايوندا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە بۈيۈك بېرتانىيەدىن ئىبارەت دۇنياۋى ئۈچ چوڭ كۈچ رىقابەتلەشتى. مەزكۇر رايوندا گومىنداڭ ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتلىرىنىڭ سەھنىدىن قېلىش ۋە سەھنىگە چىقىشى مەزكۇر قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ رىقابىتىگە باغلىق بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر رايوندىكى سىياسىي تەرتىپلەرنى بەلگىلەشتە تاكى 1950‏-يىللارغىچە ئۈستۈنلۈك قازاندى. ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ، جۈملىدىن رايونىدىكى ئاساسلىق ئاھالە -ئۇيغۇرلارنىڭ رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت مەنپەئەتلىرىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى شۇنىڭدەك چېگرانىڭ ئىككى تەرىپى ئاھالىسىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت، دىن، تىل ،ئېتنوگرافىيەلىك ۋە سودا-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى زىچ باغلىنىشلىق ئالاھىدىلىكلىرى تەبىئىيكى ئىنقىلابتىن ئىلگىرىكى رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا قەشقەرىيە ھەم جۇڭغارىيە ھەققىدە خېلى كۆپ ھەر خىل ژانىرلاردىكى، ئەڭ مۇھىمى ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئاچقان ئىدى. قىسقىسى، ئىلگىرىكى رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئېتنوگرافىيىسى، ئۇيغۇرلار رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تەبىئىي جۇغراپىيەسى ھەم باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ئائىت ماتېرىيال توپلاش، تەتقىقات قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

1960-1980-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي رەقىبلىك دەۋرىدىن تاكى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى ئاستىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا يۇقىرى دەرىجىدە جانلىنىش ھەم راۋاجلىنىش مەنزىرىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھەتتا ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلار دىيارى تارىخى مەسىلىلىرى تەتقىقاتى سوۋېت-خىتاي ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشلىرىدىن ئورۇن ئالدى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ۋە قوراللىق چېگرا توقۇنۇشلىرى كۈنسايىن كۈچەيگەن 1962-1970-يىللىرى ئارىسىدا ماۋ زېدوڭ ۋەكىللىكىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرى «چار رۇسىيەنىڭ بىر يېرىم مىليون كۋادرات كىلومېتىر جۇڭگو زېمىنىنى تارتىۋالغانلىقى» نەزەرىيىسى كەڭ تەرغىب قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى «تاجاۋۇزچىلىق»، «زومىگەرلىك»، « سوتسىيال جاھانگىرلىك»، ۋە «رېۋىزىئونىزم» بىلەن ئەيىبلەش ئەۋجى ئالغاندا، باشتا سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشېۋ، 1964-يىلىدىن كېيىن لېئونىد برېژنېۋ باشچىلىقىدىكى سوۋېت كومپارتىيەسى سىياسىي بىيوروسى بىر قانچە قېتىم مەخپىي قارار قوبۇل قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ، موڭغۇلىيە، تىبەت» قاتارلىق جايلارنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ۋە 18-19- ئەسىرلەردىكى خىتاينىڭ چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى يورۇتۇشنى، جۈملىدىن مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ « شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭغارىيەنى بېسىۋالغان» ۋە مانجۇ-خىتايلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرگە قارىتا « باستۇرۇش»، «تالان-تاراج قىلىش» ھەم «مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت »يۈرگۈزگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي ئەمەلىيەتلەرنى تەتقىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. مەسىلەن، 1964-يىلى، 8-ئىيۇن كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سوۋېت-خىتاي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى يورۇتۇش ھەققىدە مەخپىي قارار چىقارغان بولۇپ، مەزكۇر قاراردا: «يېقىنقى يىللاردا نەشر قىلىنغان ئالىي ،مەكتەپلەرنىڭ تارىخى دەرسلىك كىتابلىرى ۋە پايدىلىنىش ماتېرىيال ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر ھەم تارىخى خەرىتىلەردە سوۋېت-خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ بېكىتىلىش مەسىلىسىدە ناتوغرا بايانلار مەۋجۇت، 17-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىمزالانغان نېرچىن شەرتنامىسى، ئۇيغۇن شەرتنامىسى، تيەنجىن شەرتنامىسى، بېيجىڭ شەرتنامىسى ۋە باشقا شەرتنامىلەر ھەم كېلىشىملەرگە ناتوغرا باھا بېرىلگەن، تارىخى جۇغراپىيە خەرىتىلىرى، دەرسلىك كىتابلىرى ۋە ئىلمىي ئەسەرلەردە ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە بولمىغان زېمىنلار خىتاي ئىمپېرىيەسى خەرىتىسىگە كىرگۈزۈپ قويۇلغان. بىر قىسىم سوۋېت ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ يىراق شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىگە بولغان تەسىرلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىلگەن ۋە يىراق شەرق ، سىبىرىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئىلگىرى خىتابلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنىمۇ ئېيتىشقان» (2)دەپ كۆرسىتىلگەن. نىكىتا خرۇشېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى بۇ قارار ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىكى سوۋېت-خىتاي دوستلۇق دەۋرىدە تۈزۈلگەن دەرسلىكلىرى ۋە بەزى تارىخى كىتابلىرىدىكى خاتالىقلارنى ئۆزگەرتىشنىلا ئەمەس، بەلكى تارىخى مەسىلىلەرنى يېڭىدىن يورۇتۇشنى بەلگىلىگەن.

1969-يىلى، 3-ئايدا سوۋېت-خىتاي قوشۇنلىرى دامانسكي ئارىلىنى تالىشىپ،بىر مەيدان ئېلىشقاندىن ۋە شۇ يىلى 8-ئايدا تارباغاتايدىكى جالاڭاشكۆل رايونىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت تولۇق ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا ماجىرالىرى ئەۋجىگە يەتتى. مانا مۇنداق شارائىتتا 1969-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ،لېئونىد برېژنېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى باش بولۇپ تەييارلىغان « سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارى: سوۋېت-خىتاي چېگرالىرىنىڭ تارىخىنى يورۇتۇش ھەققىدە » ناملىق بىر مەخپىي دوكلاتنى تەستىقلاپ ، مەخسۇس سوۋېت-خىتاي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىك تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىپ ، بۇ مەسىلىلەر بويىچە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يېزىشنى قارار قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇردى.

مەزكۇر سەككىز ماددىلىق « سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ قارارى: سوۋېت-خىتاي چېگرالىرىنىڭ تارىخىنى يورۇتۇش ھەققىدە »دەپ ئاتالغان مەخپىي ھۆججەتتە سوۋېت-خىتاي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ۋە خىتاينىڭ، يەنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قانداق قىلىپ، 17-18-ئەسىردە ئۆز زېمىنلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى، شۇنىڭدەك چار رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە ۋە باشقا رايونلارنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش جەريانىغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ئۇنى قايتىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە باشقا خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت نىشانى ھەم ۋەزىپىلىرى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر قاراردا« سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئاساسىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە ، يىراق شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوينىغان تارىخى ئىلغار رولىنى يورۇتۇش »(3) ،« سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەسلىھەتلىشىپ ، يېرىم يىل ئىچىدە خىتاينىڭ 17-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلار، ھەققىدە ئىلمى ئاممىباب ئوقۇشلۇق يېزىپ چىقىش» (4) دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى 1962-يىلىدىكى ئىلى-چۆچەك ۋەقەسى ۋە 1969-يىلىدىكى دامانسكي ( جېنباۋداۋ) توقۇنۇشىدىن كېيىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى شۇنىڭدەك 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشقان بىر قىسىم رەھبىرى شەخسلەرنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى، ئىلگىرى توختىتىۋېتىلگەن تاشكەنت رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا « يېڭى ھايات » ، « بىزنىڭ ۋەتەن» گېزىتلىرىنى نەشر قىلدى ھەم سلاۋيان يېزىقىدىكى « كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، كېيىنچىرەك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئالىملىرىنى تەشكىللىدى، يازغۇچى زىيا سەمەدىنى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەسىگە جەلپ قىلدى. بۇ ۋاقىتلاردا يەنە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ۋە نەشرىياتلار قارمىقىدا ئۇيغۇر بۆلۈملىرى تەسىس قىلىندى، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا بولسا مەخسۇس ئۇيغۇر دراما، ناخشا-ئۇسۇل تىياتىرلىرى قايتىدىن جانلاندۇرۇلدى ھەم يېڭىدىن تەسىس قىلىنىدى. ھەتتا ، نىكىتا خرۇشېۋ 1962-1964-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن ئىسمائىل يۈسۈپوفنى قازاقىستان كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەپ، تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئۇيغۇرلاردىن بولدى.

 

بۇ ۋاقىتلاردا خىتايمۇ ئوخشاشلا چار رۇسىيەنىڭ «جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش»، « تالان-تاراج قىلىش» تارىخىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ،1970-يىللاردىن باشلاپ، « چار رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى» ناملىق تۆت توملۇق كىتاب ۋە « چار رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى»، « چار رۇسىيەنىڭ شەرقىي شىمالغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى»،« شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەندەك ئايرىم كىتابلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئەسەرلەردە چار رۇسىيەنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئامۇر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم پامىر رايونىدىن بولۇپ، جەمئىي بىر يېرىم مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى تارتىۋالغانلىقى، ئۇنىڭ «شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىمالغا ئۇزۇن يىللار تاجاۋۇز قىلىپ، تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق جۇڭگونى سودا-ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن تالان-تاراج قىلغانلىقى»نى بايان قىلىش بىلەن بىرگە «چار رۇسىيە جۇڭگو زېمىنىنى ئەڭ كۆپ ئىگىلىۋالغان ئەڭ ئەشەددىي تاجاۋۇزچى» دېگەن ئىدىيە ئاساسىي نۇقتا قىلىنغان ئىدى.

1970-1980-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى رۇس، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ، بۇيرات ۋە باشقا مىللەت تارىخچىلىرى خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخى، چېگرا رايونلىرى تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەت تارىخلىرى قاتارلىق كەڭ تېمىلار بويىچە كەڭ تەتقىق قىلىشقا كىرىپ زور ساندىكى كىتابلار ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئەنە شۇ قاتاردا ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى «يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى» ۋە چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى قايتا بېسىۋېلىشى مەسىلىلىرى، چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەبىت ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەربىي-سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت سىياسەتلىرى ھەم «ئىلى كرىزىسى» تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئايرىم ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ كۆپ ساندىكى بىر قاتار كىتابلىرى ۋە ماقالىلىرىنى نەشر قىلدى(5) .بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مۇستەقىل قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان، شانلىق مەنىۋى ۋە ماددىي مەدەنىيەت ياراتقان تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىمۇ كۆپ تەرەپلەردىن يورۇتۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ئىدى .(6) دەل ئەنە شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇش ۋە رەقىبلىك دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى موسكۋادىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باش بولۇشى ئاستىدا  لېنىنگراد ئالىملىرى ، قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى ئالىملىرىنى تەشكىللەپ، مەخسۇس« شەرقىي تۈركىستان قەدىمكى ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە» ماۋزۇسىدا تۆت توملۇق زور كۆلەمدىكى كوللېكتىپ تەتقىقات لايىھىسىنى تەييارلاپ، نەشر قىلىشقا كىرىشىپ، ئەسەرنىڭ تارىخ، مىللەت، قەدىمكى يېزىقلار، يادىكارلىقلار ۋە  دىنغا ئائىت ئىككى تومىنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىش ئالدىدا پۈتتۈرۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1988-يىلى ۋە 1992-يىلى نەشر قىلىپ تارقاتتى. قالغان ماددىي مەدەنىيەت، ئىگىلىك، سەنئەت، بىناكارلىققا ئائىت ئىككى تومى بولسا، 1995-يىلى ۋە 2000-يىلى نەشر قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنئەنىۋى تارىخى، مەدەنىيەت، سەنئەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت « شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، « ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە باشقا بىر قانچە كوللېكتىپ ئاپتورلار ئەسەرلىرىمۇ تەييارلىنىپ تارقىتىلدى(7) . شۇنىڭدەك يەنە خىتاي مەنبەلىرىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئائىت بىر قىسىم ماتېرىياللارمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئايرىم كىتاب سۈپىتىدە نەشر قىلىندى

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مەزكۇر رايونغا قاراتقان ھەربىي-سىياسىي، بىخەتەرلىك، سودا-ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيەسى ھەمدە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت مۇتلەق مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ بىكار قىلىنىشى نەتىجىسىدە ، بىر قىسىم رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەر تارىخچىلىرى ھەر خىل ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئاساسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىردىكى «شىنجاڭ »ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ، جۈملىدىن بۇ رايوندا تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا 75%تىن  ئارتۇق نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ، رايون سىياسىي تەقدىرىگە ئۆز تەسىرىنى كۈچلۈك كۆرسىتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرى، بۇ رايوننىڭ سىياسىي ۋە سودا-ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، بۇ رايوندىكى سوۋېت رۇسىيەسىدىن قېچىپ كەلگەن ئاق گۋاردىيەچى رۇس قاچاقلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، بولشېۋىكلەرنىڭ پۈتۈن ئىتتىپاق كوممۇنىستلىرى پارتىيەسى (8)مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1920- يىللىرى ئارىسىدا ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ «ئۇيغۇرىستان» غايىسىنى بەربات قىلىشى، لاتىش مىللىتىدىن كېلىپ چىققان كوممۇنىست يان رۇدزۇتاك ( 1887-1938) قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم پۈتۈن رۇسىيە كوممۇنىستلىرى پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تۈركىستان بىيوروسى ( كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيوروسى) رەھبەرلىرى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ «شىنجاڭنى سوۋېتلەشتۈرۈش»، «ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش» پىلان ۋە ئارزۇلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى شۇنىڭدەك 1933-1934-يىللىرى ۋە 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمەتلىرىگە قاراتقان ھەربىي-سىياسى، سودا-ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ( ن ك ۋ د) ، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ( ن ك گ ب)، كېيىنكى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ( ك گ ب) ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى مەخپىي ھەربىي-سىياسى پائالىيەتلىرى،ئوپېراتسىيەلىرى ھەم باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئائىت «قاراڭغۇ تەرەپلەر»نى يورۇتۇشقا كىرىشىپ، تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىلگىرى ئېنىقسىز قالغان نۇقتىلارغا بولغان چۈشەنچىلەرنى چوڭقۇرلىتىش ھەم «سىرلار»نى ئايدىڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىدى(9) . بۇ جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاق كومپارتىيەسى، دۆلەت ئىچكى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى، قىزىل ئارمىيە، دىپلوماتىيە ،سودا ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت « رۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي تارىخ ئارخىپى»، « رۇسىيە دۆلەتلىك ھەربىي ئارخىپى»،« رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى سىياسەت ئارخىپى»،« رۇسىيە يېقىنقى زامان ھۆججەتلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە ساقلاش مەركىزى»،« رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپى» قاتارلىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت ئارخىپلىرىدىكى ئىلگىرىكى مەخپىي تۇتۇلغان بىر قىسىم ئارخىپلىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئارخىپلار ئايرىم-ئايرىم ۋە توپلام شەكىلدە رۇسىيە، ئامېرىكا ، قازاقىستان ۋە باشقا ئەللەردە ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، مەزكۇر ئارخىپ ھۆججەتلىرى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرى ، ئىجتىمائىي-سودا-ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىكى ۋە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىرىنچى قول مەنبەلەر ھېسابلىنىدۇ.

خەمىت ھەمرايېفنىڭ «غۇلجا يولى» ناملىق تارىخى رومانى ئەنە شۇنداق مول ماتېرىيال ئەۋزەللىكى ۋە قۇلاي ئىلمىي شارائىتتا شۇنىڭدەك سېنزورىسىز ئەركىن تەپەككۇر قىلىش مۇھىتىدا مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

( داۋامى بار)

 

ئىزاھاتلار:

___________________________________

 

(1). ئامېرىكا تارىخچىسى جەيمس مىللۋارد ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمى تارىخى ھەققىدىكى ئەسىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنى « ياۋرو-ئاسىيا تۆت كوچا ئېغزى» دەپ ئاتىغان.  قاراڭ: “Eurasian  Crossroads: A History of Xinjiang”. Columbia University Press. 2007.

 

.( 2) ЦХСД. Ф. 4.Оп. 17. Д. 579. Л. 4 (   ھازىرقى زامان ھوججەتلىرىنى ساقلاش مەركىزى).

 

(3) ЦХСД. Ф. 4.Оп. 19, Д. 555, Л.2-3,23-27 (   ھازىرقى زامان ھوججەتلىرىنى ساقلاش مەركىزى).

. (4) ЦХСД. Ф. 4.Оп. 19, Д. 555, Л.2-3,23-27 (   ھازىرقى زامان ھوججەتلىرىنى ساقلاش مەركىزى).

. (5) بۇ خىلدىكى ۋەكىل خاراكتېرىلىق مونوگرافىيە ۋە ماقالىلار تۆۋەندىكىچە:

Гуревич Б.П., Плоских В.М. Кокандско-китайские отношения и кризис национально-колониальной политики Цинской империи в Синьцзяне // Известия Академии наук Киргизской ССР. 1980. N 5. Гуревич Б.П. Международные отношения в Центральной Азии в ХVII — пер. пол. ХIХ в. Изд. 2-е. М., 1983.Дубровская Д.В. Судьба Синьцзяна. Обретение Китаем «Новой границы» в конце ХIХ в. М., 1998.Думан Л.И. Русская и иностранная литература о дунганском восстании 1861–1878 гг. в Китае // Библиография Востока. Вып. 7. Л., 1936.Зотов О.В. Джунгария и Восточный Туркестан в политике империи Цин: стратегическая акупунктура «Ицзина» // ХХII научная конференция «Общество и государство в Китае». Тезисы и доклады. Ч. 1. М., 1991Хафизова К.Ш. Россия, Китай и народы Туркестана в публицистике В.П. Васильева // История и культура Китая. М., 1974.Ходжаев А. Цинская империя, Джунгария и Восточный Туркестан. (Колониальная политика цинского Китая во второй половине ХIХ в.). М., 1979.Ходжаев А. Карательные походы цинского правительства против народов Джунгарии и Восточного Туркестана в 1878–1881 гг. М., 1987.Юдин В.М. Некоторые источники по истории восстания в Синьцзяне в 1864 г. // Труды Института истории, археологии и этнографии им. Ч.Ч. Валиханова АН КАЗ. ССР. Т. 15. Вопросы истории Казахстана и Восточного Туркестана. Алма-Ата, 1962. Кляшторный С.Г., Колесников А.А. Восточный Туркестан глазами русских путешественников. Алма-Ата, 1988. Исиев Д. Уйгурское государство Йэттишар (1864–1877). М., 1981.Воскресенский А.Д. «Илийский кризис» в русско-китайских отношениях: особое совещание 4 марта 1879 г. // ХХII научная конференция «Общество и государство в Китае». Тезисы и доклады. Ч. 3. М., 1991.Басханов М. Политика Англии в отношении государства Якуб-бека // Из истории международных отношений в Центральной Азии (средние века и новое время). Алма-Ата, 1990. Под ред. Г.М. Исхакова.Баранова Ю.Г. К вопросу о переселении мусульманского населения из Илийского края в Семиречье в 1881–1883 гг. // Труды сектора востоковедения АН КазССР. Алма-Ата, 1959. Т. 1.Кузнецов В.С. Экономическая политика цинского правительства в Синьцзяне в первой половине ХIХ века. М., 1973.Кузнецов В.С. Цинская империя на рубежах Центральной Азии (вторая пол. ХVIII — первая пол. ХIХ вв. Новосибирск, 1983.  В.А. Моисеев.  Россия и Китай в Центральной Азии(вторая половина XIX в. – 1917 гг.)».  Барнаул: 2003.

 

(6). Д. И. Тихонов. Хозяйство и общественный строй Уйгурского государства 10-14 вв. — М.-Л., 1966. Гумилёв Л. Н. Древние тюрки. М.-Л .1967.  Хунны в Китае. М., 1974;  Кызласов Л.Р. История Тувы в средние века. Изд-во Московского университета, 1969, А. Г .Малявкин  Уйгурские государства в IX-XII веках . -Новосибирск .Наука, 1983.  Танские хроники о государствах Центральной Азии: Тексты и исслед.  Новосибирск: Наука. Сибирское отд-ние, 1989. Материалы по истории уйгуров в IX-XII вв.  Новосибирск: Наука. Сиб. отд-ние, 1974. М. Н .Кабиров . Очерки истории уйгуров Советского Казахстана, А.-А., 1975. Исхаков Г. М .Этнографическое изучение уйгуров Восточного Туркестана русскими путешественниками второй половины XIX века. Алма-Ата : Наука, 1975.М. Р.Рузиев. Возрожденный уйгурский народ .  Алма-Ата : Казахстан, 1982. Отв. ред. Г. Садвакасов .Вопросы истории и культуры уйгуров : [Сб. ст.] / АН КазССР, Ин-т уйгуроведения; Алма-Ата :  1987. Краткая история уйгуров / [Г. М. Исхаков, Б. А. Литвинский, Т. А. Шеркова и др.; Отв. ред. Г. С. Садвакасов, Г. М. Исхаков]; АН КазССР, Ин-т уйгуроведения. Алма-Ата : Гылым, 1991.С. Н .Кибирова .Музыкальная культура Восточного Туркестана II в. до н. э. – ХХ в. н. э. [Текст] : (фонд источников и постановка проблем) . Санкт-Петербург :  1994. А. И. Нарынбаев Из истории общественной мысли древних и средневековых уйгуров. Бишкек : Илим, 1994.

(7) Восточный Туркестан и Средняя Азия. История. Культура. Связи. М.: Наука, 1984. Восточный Туркестан в древности и раннем средневековье. Очерки истории. // М.: ГРВЛ. 1988. Восточный Туркестан в древности и раннем средневековье. Этнос, языки, религии. // М.: 1992. Восточный Туркестан в древности и раннем средневековье. Хозяйство. Материальная культура. // М.: 1995. Восточный Туркестан в древности и раннем средневековье. Архитектура. Искусство. Костюм. // М.: «Восточная литература». 2000.

(8)  رۇسىيەدە قۇرۇلغان كوممۇنىستلار پارتىيەسى  تاكى 1950-يىللارغىچە بىر قانچە خىل ئاتالغان بولۇپ، 1952-يىلىدىن ئېتىبارەن  «سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيەسى» دەپ ئاتالغان.

.(9)  Бармин В.А .Синьцзян в советско-китайских отношениях 1941-1949 гг.  Барнаул: Изд-во БГПУ, 1999.  В.А. Бармин.  Советский Союз и Синьцзян. 1918–1941. Барнаул, 1998. Вадим Обухов: Схватка шести империй. Битва за Синьцзян. «Вече», 2007 . Уран для Берии.  Восточный Туркестан в Атомном проекте. Издательство: Вече.  2009. Потерянное Беловодье. История Русского Синьцзяна.,  М., 2012 . Вадим Обухов: Схватка шести империй. Битва за Синьцзян. «Вече», 2007 . Уран для Берии.  Восточный Туркестан в Атомном проекте. Издательство: Вече.  2009. Потерянное Беловодье. История Русского Синьцзяна.,  М., 2012 . Виктор  Усов. Советская разведка в Китае. 20-е годы XX века.  , В.М.Гиленсен. Туркестанское бюро Коминтерна (осень 1920 — осень 1921 г.) — Восток. 1999.№ 1. С.60. В. И. Петров. Мятежное «сердце» Азии. Синьцзян: краткая история народных движений и воспоминания. — М.: 2003. Красильников В.Д. Синьцзянское притяжение. М., 2007.  David Brophy. Uyghur Nation: Reform and Revolution on the Russia-China Frontier. Harvard University Press.2016. Benson, Linda (1990). The Ili Rebellion: the Moslem challenge to Chinese authority in Xinjiang, 1944-1949. M.E. Sharpe. 2010. James A. Millward and Nabijan Tursun, «Political History and Strategies of Control, 1884–1978» in Xinjiang: China’s Muslim Borderland. Millward, James A. (2007). Eurasian Crossroads: A History of Xinjiang (illustrated ed.). Columbia University Press. 2014. Andrew D. W. Forbes (1986). Warlords and Muslims in Chinese Central Asia: A Political History of Republican Sinkiang 1911-1949. CUP Archive. Christian Tyler (2004). Wild West China: The Taming of Xinjiang. Rutgers University Press. Ondřej Klimeš ( 2015). Struggle by the Pen: The Uyghur Discourse of Nation and National Interest, c.1900-1949. BRILL. . Bovingdon, Gardner (2010), The Uyghurs: Strangers in Their Own Land, Columbia University Press. David D. Wang. Under the Soviet Shadow: The Yining Incident; Ethnic Conflicts and International Rivalry in Xinjiang, 1944–1949. pg. 406. Tursun, Nabijan (December 2014).  «The influence of intellectuals of the first half of the 20th century on Uyghur politics». Uyghur Initiative Papers. Central Asia Program (11): 2.

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top