ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئېچىلدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا غەلبىلىك ئېچىلدى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلىرى ئۇچرىشىشى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئىچىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە تەسىرى كۈچلۈك پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئىلمىي پائالىيەتنىڭ  9- قېتىملىقى مەخسۇس «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» غا ئايرىلغان بولۇپ، 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 11- ۋە 12- كۈنلىرى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرىسىتېتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىيەت بىناسىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بۇ يىل 8 – ئۆكتەبىردە ئامېرىكانىڭ فىلىدېلفىيا شەھرىدىكى جۈرەكسىل ئۇنىۋېرسىتېتى (Drexel University) بىلەن ھەمكارلىشىپ، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى. بۇ قېتىمقىسى ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدە بىر ئالىي مەكتەپ – ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرىسىتېتى بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن يەنە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ قالدى.

«ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» يىغىنغا، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ئۇيغۇر ۋە 10 تۈرك تەتقىقاتچى – مۇتەخەسىسلەر قاتناشقان بولۇپ، يىغىن «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (مىلادىدىن كېيىنكى 50 – يىلىدىن – 932 – يىلغىچە)»، «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (932 – يىلىدىن 1514 – يىلىغىچە)»، «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (1883 – يىلىدىن كۈنىمىزگىچە)» بولۇپ ئۈچ بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ئاخىرىدا ئۇيغۇر كەسپى سەنئەتچىلەردىن شىۋىتسىيەدىن مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز، گىرمانىيەدىن رىدا ئابلىمىت، تۈركىيەدىن دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ۋە دوكتور گۈلزدەم تەڭرىتاغلى بىلەن تۈركىيەلىك كەسپى سەنئەتچى بۈنيامىن ئاقسۇڭگۇر قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنلىشىدا سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

ئىككى كۈنلۈك يىغىندا كۈن بويى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، شانلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نايامەندىلىرى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۈگۈنكى بۇ سەزگۈر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە يارىشا مەدەنىيەت ياراتقان، قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى، ھەرگىزمۇ قالاق ۋە تېرورىست مىللەت ئەمەسلىكىنى بۇ تۈر ئىلمىي يىغىنلاردا مۇتەخەسىسلەرنىڭ دوكىلاتى بىلەن ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاش جەھەتتە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتىنىڭ زور ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋاھدەتتىن ئىشق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ياشىغان جۇغراپىيە بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا سىستېما تەرىپىدىن سىزىلغان سىزىقنىڭ سىرتىدا قالدى. خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئارىسىدا خىتاينىڭ تەسىرلىك كۈچى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. مىسال ئالىدىغان بولساق، سۈرىيەدە بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە بىز شۇ ھامان خەۋەر تاپىمىز، چۈنكى بىز قوشنا دۆلەت. كۆچمەنلەردىن خەۋەر تاپىمىز، بىزگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەردىن خەۋەردار بولىمىز. بىراق مەن، تارىختا ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن خەلقلەرنىڭ سەۋر-تاقەت، ھېكمەت ۋە تەدبىر بىلەن ئېلىپ بارغان توغرا ئىشنىڭ مۇكاپاتى بولدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن 8 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تۈركلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنلارنى ئىنستىتۇتىمىزنىڭ ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىپ قوللاپ كېلىۋاتىمەن. قىيىن شارائىتلار ئاستىدا جىددىي غەيرەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم.، مەن ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يىغىندا سۇنۇلغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ يولىمىزنى يورۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەممەيلەنگە رەھمەت».

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي بىر مەدەنىيەت. ھەممىمىز بىلگەندەك ئۇيغۇرلار ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، تارىخىي يىپەك يولى ئۆتىدىغان بىر جۇغراپىيەدۇر. بۇ جۇغراپىيىدە، بۇددا دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى بىر-بىرلەپ كېلىپ ئورۇن ئالغان. مەدەنىيەت جەھەتتە، خىتاي مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇچراشقان بىر جۇغراپىيە. ئۇيغۇرلار بۇ مەدەنىيەتلەردىن بىر قىسىملىرىنى ئېلىپ، ئۆز خەلقىگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت ياراتقان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يۇقىرىدىكى مەدەنىيەتلەردىن بىر تۈركۈم مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇ مەدەنىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس بىر مەدەنىيەت ياراتقان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى جەرىيانلىرىنى، باسقۇچلىرىنى ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى تەسىرلىرىنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ بۇ يىغىندا بۇلارنى تەتقىق قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكىلاتلىرىنى ئاڭلايمىز».

بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاكادېمىيە بىلەن ئىبن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىقىدا فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىپ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردىن 20 تەتقىقاتچى قاتناشقاندىن باشقا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن ئارىيە سۇنۇش ئۈچۈن شىۋىتسىيەدىن مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز، گىرمانىيەدىن رىدا ئابلىمىت ۋە تۈركىيەدىن بۇنيامىن ئاقسۇنگۇر، دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ۋە دوكتور گۇلزادەم تەڭرىتاغلى قاتارلىق سەنئەتچىلەر قاتنىشىپ سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلاپ يىغىنغا رەڭ قوشتى.

يىغىن تۈرك – ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر تارىخىدىكى تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە پائالىيەتلىرى، ئەپسانىلەر، خىتاينىڭ سىتىراتىگىيىدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى ۋە ئاسمىلاتسىيە، قىسسە ۋە داستانلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى، سوپىلارنىڭ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىگە بولغان تەسىرى، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى، ئۇيغۇر ئېلىپبە تارىخى ۋە 20 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەلىرى، ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش، چاچ ئۆرۈش مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ خىتاي مۇزىكا مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردا ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئەسكەرتىش: يىغىننىڭ تەپسىلاتى ۋە سىن ھۆججىتى پات ئارىدا تەييار بولىدۇ.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش