ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » نامايەندىلىك ئۆلچىمى: مىللىي ھۆرلۈك كۈرىشى ۋە مىللىي تراگېدىيە

نامايەندىلىك ئۆلچىمى: مىللىي ھۆرلۈك كۈرىشى ۋە مىللىي تراگېدىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

 

نامايەندىلىك ئۆلچىمى : مىللىي ھۆرلۈك كۈرىشى ۋە مىللىي تراگېدىيە

 

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

 

(ئاپتورنىڭ « 100 يىللىق ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا مىللىي سەلتەنەت ۋە مىللىي تراگېدىيە» ناملىق مونوگرافىيەسىدىن ئارىيە)

 

19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  سىياسىي قىسمەتلىرى ۋە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ئۇيغۇرلار ئىزچىل ۋە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم ھازىرمۇ ئاكتىپ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان تېمىدۇر. مەزكۇر ماۋزۇلار بويىچە كۈچلۈك ۋە قاتمۇ-قات سىياسىي سېنزورا ئاستىدا ئۇيغۇر تارىخى شاھىتلارنىڭ خېلى كۆپ ساندىكى ئەسلىمىلىرى، تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇم ساندىكى ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرى ئېلان قىلىندى. شۇ قاتاردا يەنە تارىخى رومانچىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سالمىقىنى تەشكىل قىلدى.
ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بىر پۈتۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومانچىلىق قەدەملىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن تاشلانغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قەلەملىرىگە مەنسۇپ بارلىق رومانلارنى 400 پارچە ئەتراپىدا دەپ تەخمىن قىلىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھازىرغىچە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى رومانلارنىڭ ئومۇمى تىزىملىكى رەسمىي ئەدەبىياتشۇناسلىق مېتودى بىلەن تۈرلەرگە ئايرىپ، ئىلمى ۋە ئېنىق رەۋىشتە تۇرغۇزۇلمىدى. ئەمما ھەر خىل تىزىملاش خاراكتېرىدىكى ئەمگەكلەر قىلىنىپ، بەزى ئوخشىمىغان ۋە ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى. دەسلەپكى قەدەمدە ئەنۋەر ھوشۇر، 1974-2003-يىللىرى ئارىسىدا نەشر قىلىنغان رومانلاردىن 166 نى[1]، سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نەشر قىلىنغان 270 روماننى تىزىملىغان[2]. ئەمما، پولات ئاماننۇرى 2011-يىلىغىچە نەشر قىلىنغان رومانلارنىڭ 250 پارچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتسە[3]، ئابدۇرېشىت مۇھەممەدىمىن ئۇيغۇر رومانلىرىنىڭ 2011-يىلىغىچە 300 پارچىغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ[4].
قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان رومانلارنىڭ ئېنىق سانىمۇ تۇرغۇزۇلمىغان بولۇپ، ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ھەممە نەرسە ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى ۋە چىقىمى بويىچە نەشر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن رومانلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولمىغان، ئاساسىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ئەركىن يېزىش ۋە نەشر قىلىش دەۋرىدە رومانلارنىڭ سانى تېز ئاشقان. مېنىڭ پەرىزىمچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى ۋە ھازىرقى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر، رۇس، ئۆزبېك تىللىرىدا تەخمىنەن 80 ئەتراپىدا رومانىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن[5].
مەركىزى ئاسىيا چېگراسىنىڭ ئىككى قىسمىدىكى، ئاساسلىقى ئالمۇتا بىلەن ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ نادىر ۋە ئەڭ سالماقلىق ئىجادىيەتلىرىنى پەقەت ئەنە شۇ ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق سەلتەنەت دەۋرلىرى، مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى بىلەن ئۇنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى، تارىخى قەھرىمانلىرى، كۆچۈش ۋە باشقا مەزمۇنلارغا بېغىشلىغان بولۇپ، ئەنە شۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان 270 پارچە ئەتراپىدىكى رومان ئىچىدە تەخمىنەن 70 پارچىغا يېقىنى تارىخى رومان ھېسابلانسا[6]، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا نەشر قىلىنغان رومانلار ئارىسىدا 40 پارچىغا يېقىنى ئوخشاشلا تارىخى رومان ھېسابلىنىدۇ[7]. تارىخى ماۋزۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى دائىملىق ئىنتىلىشچان ، مۇھىملىقى يۇقىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ، خەلقنى ئۆز قىسمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇ ماۋزۇلار ھەققىدە يېزىلغان رومان-پوۋېست ، ھېكايە ۋە داستانلارنى ساناپ، ھەر بىر ئەسەر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىش ئەلۋەتتە ئايرىم ، سىستېمىلىق ۋە ناھايىتى چوڭ ئەمگەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.
تارىخى ماۋزۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ نادىر نەمۇنىلىك ئەسەرلىرى مەزكۇر ساھە ئارقىلىق تىكلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مەشھۇر نامايەندىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى رومانلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۆرى، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ۋە خەلقىنىڭ قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تىكلىگەن ئىدى.

 

تارىخى رومانچىلىقنىڭ قىسقىچە مۇساپىسى

شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، 20-21-ئەسىر زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخى ماۋزۇغا ئەڭ بۇرۇن قەدەم تاشلىغۇچى يەنىلا نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف( 1887-1951) بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 1921-يىلى نەشر قىلدۇرغان «نۇزۇگۇم» قىسسىسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرەش تارىخى قەھرىمانلىرىنىڭ تراگېدىيەسىنى موللا بىلال نازىمنىڭ كلاسسىك داستانچىلىق يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىدىل-ئۇرال بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاللىقاچان بىخ ئۇرغان ۋە مېۋە بېرىشكە باشلىغان تۈركىي زامانىۋى پروزىچىلىق ئۇسلۇبى ھەم ئېقىمىدا يورۇتقان ئىدى. «ئۇيغۇر بالىسى»، يەنى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف مەزكۇر «نۇزۇگۇم» قىسسىسىنىڭ باش قەھرىمانى نوزۇگۇمنىڭ ئازادلىققا ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلىش كۈرىشىنى خۇسۇسەن ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەپداشلىرى-ئابدۇللا روزىباقىيېف ( 1899-1938)، ئىسمائىل تاھىروف (1901-1938)، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ( 1901-1937)، شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رېئالىزملىق رومان -« دولقۇنلار ئارىسىدا» ( 1933-يىلى)نىڭ ئاپتورى مۆمىن ھەمرايېف (1907-1955 )، بىر يۈرۈش پوۋېست ۋە شېئىر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورلىرى نۇر ئىسرايىلوف (1910-1937)، تۇردى ھەسەن (1909 -1938)ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ئەدىبلىرىنىڭ «ئۇيغۇرىستان» ئازادلىق غايىسى ھەم ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيىلىك پىكىرلىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. شۇڭا، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف ئۆز ئەسىرىدە نوزۇگۇمنىڭ تراگېدىيەسىنىلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تراگېدىيىسىنى، نوزۇگۇمنىڭ ئۆز ئىپپىتى ۋە ئېتىقادىنى قوغداش ھەم ھۆرلۈك كۈرەشلىرىنىلا ئەمەس ، بەلكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرىنى ھەم بۇ كۈرەشلەردىكى غەلىبىلىرى بىلەن تراگېدىيەلىرىنىڭ سەۋەب-ئامىللىرىنى يورۇتۇش شۇنىڭدەك يەنە ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنى «تارانچى» ياكى «قەشقەرلىك» دېگەندەك ئۆز يۇرت كىملىكى بىلەن ۋە ياكى«مۇسۇلمان» دەپ ئاتاپ، ئورتاق مىللىي ئىدىيىسى تېخى شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرمىگەن خەلقنى ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى سەلتەنەتلىك بۈيۈك ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئورتاق ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيىسى ئاستىدا مىللىي ئازادلىق كۈرەشكە ئاتلاندۇرۇش مۇددىئاسىغا يەتمەكچى بولغان ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان قاتارلىقلارنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازلىرىنى دراماتورگىيە ساھەسىگىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىققان ئىدى.
ئەپسۇسكى، يۇقىرىدا نامى ئاتالغان 1920-1930-يىللار زامانىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 1937-1938-يىللاردا ستالىن تۈزۈمى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە تازىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ئاۋانگارت كۈچ سۈپىتىدە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەيران قىلىنىپ، 30 يىل ئەتراپىدا ئارقىغا چېكىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفمۇ ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ تازىلىشىدىن قېچىپ، غۇلجا يېنىدىكى جاغىستايدا ئۆز ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىدىكى ئاۋانگارت دېيىشىمىزگە ئاساس بولىدىغان نۇقتىلاردىن بىرى شۇكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەينى دەۋر رېئال ھاياتىغا بېغىشلانغان تۇنجى رومان، يەنى يازغۇچى مۆمىن ھەمرايېفنىڭ رومانى«دولقۇنلار ئارىسىدا» (1933-يىلى) ئۆزبېك ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان، يەنى ئابدۇللا قادىرى جولقۇنباي تەرىپىدىن يېزىلغان«ئۆتكەن كۈنلەر»( 1925-1926-يىللىرى)دىن 7 يىل كېيىن، ئۆزبېك ئەدەبىياتىدىكى ئىككىنچى رومان «مېھراپتىن چايان»(1929-يىلى)دىن 4 يىل كېيىن، ئەمما، ھازىرقى زامان قىرغىز ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان، يەنى ماكاي ئېلىبايېف تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇزۇن يول» ( 1936-يىلى) دىن 3 يىل بۇرۇن، قازاق ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ئەڭ تەسىر قوزغىغان تارىخى رومان تۈسىنى ئالغان نەمۇنىلىك ئەسەر، ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى سابىت مۇقانوف تەرىپىدىن يېزىلغان «بوتاكۆز» (1938-يىلى)رومانىدىن بەش يىل ئىلگىرى دۇنياغا كەلگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ 1930-1940-يىللاردا ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مەرىپەتۋەرلىكىدە ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۇلتۇز كەبى چاقنىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە باشقا يۈزلىگەن زىيالىيلار، ئەدىبلەر شۇنىڭدەك خوجا نىياز ھاجى، سابىت داموللا ۋە باشقا مىڭلىغان سىياسىي، دىنى ئەربابلار، مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ئاۋانگارتلىرى ئوخشاشلا شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن جازالاش، يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتى ھەر يەردە ئوخشاش بولدى خالاس!
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۆتكەن ئەنە شۇ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆتمۈش سەلتەنەت دەۋرى ۋە بۈيۈك مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى بىلەن 19-ئەسىردىكى ئازادلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى شۇنىڭدەك ئۆز مىللىي قەھرىمانلىرىنى خەلققە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم دراما سەنئىتىدە تارىخى ماۋزۇلارغا دائىم مۇراجىئەت قىلىندى.
مەلۇمكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا 20-ئەسىرنىڭ 60 –يىللىرىدىن تارتىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تارىخى ماۋزۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، «سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » دەپ نام بېرىلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنى بازا قىلغان ئەدەبىياتنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن خىزمەت ئابدۇللىن ( 1925-1989)، زىيا سەمەدى ( 1914-2001)، مەسىمجان زۇلپىقاروف (1925-2012)، جامال بوساقوف ( 1918-؟) ، تۇرغان توختەموف ( 1940-؟) قاتارلىقلار بالدۇرراق تارىخى ماۋزۇلارغا تۇتۇش قىلىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرىدىلا تارىخى ماۋزۇلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئىدى. تارىخى ماۋزۇدىكى تۇنجى ئۇيغۇر رومانلىرى 1960-يىللاردا يەنىلا ئۈرۈمچىدە ئەمەس، ئالمۇتادا مەيدانغا كەلدى. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، زىيالىيلىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا كۈرەشكە تارتىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە جان قايغۇسىدا يۈرگەن بولۇپ، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى مەزگىلىدە جۇش ئۇرغان ۋە 1950-يىللىرىدا راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋەيران قىلىنغان ئىدى.

ئەلۋەتتە، 1960-1990-يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي تارىخى ۋە كۈرەش تارىخى قىسمەتلىرىنىڭ تەسۋىرلىرى زىيا سەمەدى، خىزمەت ئابدۇللىن، مەسىمجان زۇلپىقاروف، جامال بوساقوف قاتارلىقلارنىڭ قەلەملىرى ئاستىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە ئۆز ئۆتمۈش بەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە يېڭىدىن قەلەم تەۋرىتىشلەرگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، يۈسۈپ ئىلياس، تۇرغان توختەموف، ئەخمەتجان ھاشىرى، خەمىت ھەمرايېف ۋە باشقىلار ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزلىرىنى چوڭقۇرلىتىپ، ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ نادىر نەمۇنىلىرىنى ئۇيغۇر تارىخى مۇساپىلىرىغا بېغىشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە شانلىق يىراق ۋە يېقىنقى سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشلەر، مىللىي مەۋجۇدىيەت ئۈچۈن كۈرەشلەر، ئىجتىمائىي-سىياسى سەۋەبلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كۆچۈشلەر، تارىخىي قەھرىمانلار ۋە مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىلىرى ھەم تراگېدىيىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى.

ئەلۋەتتە، تارىخى تېما ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ ئىزچىل ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ كەلگەن ماۋزۇدۇر. بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا، بولۇپمۇ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە تارىخى ماۋزۇلارغا تۇتۇش قىلىپ، مىللىي قەھرىمانلار ۋە ئازادلىق كۈرەشلىرىنى باش تېما قىلغان بەزى پوئېزىيە ۋە پروزا ئەسەرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. 1950-يىللاردا بولسا زىيا سەمەدى 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تېمىسىدىكى«ئىلى دەرياسى بويىدا» ماۋزۇلۇق كىنو پوۋېستىنى يېزىپ نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگە تارىخى ماۋزۇلارغا يۈرۈش قىلىش يولى ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما 1958-يىلى باشلانغان يەر مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تارىخى ماۋزۇلاردا ، بولۇپمۇ مىللىي ئازادلىق كۈرەش تارىخى تېمىلىرىدا ئەسەر يېزىشقا ھېچكىممۇ جۈرئەت قىلالمىدى. تارىخى ماۋزۇ بويىچە قەلەم تەۋرىتىش، بولۇپمۇ تارىخى رومانچىلىق قەدىمى 1980-يىللاردا تاشلىنىپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.
بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى 1980-يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى سەلتەنەتلىك دەۋرىدىن تارتىپ، 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى كۈرەش دەۋرلىرىگىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلەر بويىچە زور بىر ساندا تارىخى رومان ۋە پوۋېستلارنى نەشر قىلدۇردى. بۇ يەردە ھەممىنى سانىمىساقمۇ، بىراق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخى رومانچىلىق ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ( 1923-1995) ، زوردۇن سابىر (1937-1998) ، ئابدۇللا تالىپ (1925-2005)، تۇردى سامساق (1923-1992) ، خېۋىر تۆمۈر(1922-1992)، سەيپىدىن ئەزىز(1915-2003)، ئابدۇراخمان قاھار، پەرھات جىلان ، مەمتىمىن ھوشۇر، ياسىنجان سادىق، ئابدۇۋەلى ئېلى، مىرزاھىت كەرىمى ۋە باشقىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ ئۆتۈش مۇمكىن .
بۇلار ئارىسىدا سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ«سۇتۇق بۇغراخان»(1987-يىلى) رومانى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان تۇنجى خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۇنى پۈتۈن تارىم ۋادىسى، ئىلى ،يەتتىسۇ ۋادىلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيگەن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى ھەربىي-سىياسىي ھاياتىنى تەسىرلىك ۋە تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن شەكىلدە يورۇتقان بولسا، پەرھات جىلان ئۆزىنىڭ تارىخى بىئوگرافىك ئەسىرى«مەخمۇت قەشقەرىي»(1994-يىلى) رومانىدا ئوخشاشلا قاراخانىيلار سۇلالىسى ماۋزۇسى بويىچە ئەنە شۇ دەۋرنىڭ بۈيۈك مەدەنىيەت نامايەندىسى مەخمۇت قەشقەرىيىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ، يەنە بىر پېشقەدەم يازغۇچى مىرزاھىت كېرىمى ئىككى توملۇق« يۈسۈپ خاس ھاجىپ»(2000-يىلى) رومانى ئارقىلىق قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يەنە بىر بۈيۈك نامايەندىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىئوگرافىيەسىنى يارىتىدۇ. ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا يەنە ئۇيغۇرلار سەلتەنەت دەۋرلىرى سۈپىتىدە ھۇن ئىمپېرىيەسى، ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى چاغاتاي خانلىقى، سەيىدىيەلەر خانىدانلىقى مۇھىم ئىجادىيەت سالمىقىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇ ماۋزۇدا ئادىل ئابدۇللا بەگيارنىڭ«باتۇر تەڭرىقۇت» (2007-يىلى)، مىرغىياس ياقۇپوفنىڭ«ئوغۇزخان» (2013-يىلى)، پەرھات جىلاننىڭ«ئورخۇن شەجەرىسى»(2000-يىلى)، خىزمەت ئابدۇللىنىڭ«ئوتلۇق چەمبەر»(1988-يىلى)، ئابدۇۋەلى سادىروفنىڭ«ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ئۆلۈشى »(2016-يىلى)، ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ«ئىدىقۇت»(2003-يىلى) ۋە«بارچۇق ئارت تېكىن»(2013-يىلى)، مىرزاھىت كېرىمىنىڭ«سەيىدخان»(1997-يىلى)،«سۇلتان ئابدۇرېشىتخان»(2000-يىلى)، ياسىنجان سادىقنىڭ ئالتە توملۇق«باھادىرنامە» ، ئابدۇۋەلى ئېلىنىڭ ئۈچ توملۇق«تۇغلۇق تۆمۈرخان» ، تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ«مەلىكە ئاماننىسا خېنىم»(1996-يىلى) ، خەمىت ھەمرايېفنىڭ«خوجىلارنىڭ ۋەزىپىسى» (2016-يىلى) ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. بۇ رومانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم بىئوگرافىك خاراكتېرگە ھەم ئومۇمى دەۋرنى يورۇتۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگىدۇر.
بۇلاردىن باشقىمۇ يەنە بىر قىسىم ئاپتورلار، مەسىلەن، نۇر روزى، ئايشەم ئەخمەت، ياقۇپ ئىسمائىل، تۇرسۇن يۇنۇس، تۇرسۇن ياسىن، مەمتىمىن ھوشۇر ۋە باشقىلار 2000 –يىللاردىن ئىلگىرى ۋە كېيىن بىر قىسىم پۈتۈن مىللەتكە ئورتاق ۋە ئومۇملاشقان قەھرىمان ۋە مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ھەم رايون خاراكتېرىگە ئىگە تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە بىر قىسىم تارىخى بىئوگرافىك رومانلارنىمۇ نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇۋەلى ئېلىنىڭ ئۈچ توملۇق«بەدۆلەت »(1997-يىلى) تارىخى رومانى 19-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئازادلىق كۈرەش قىسمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولسا، تۇرسۇن ياسىننىڭ«سادىر پالۋان»(1997-يىلى) رومانى 1864-1867-يىلىدىكى ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ باتۇر سەركەردىسى سادىر پالۋانغا بېغىشلىنىدۇ.

نۇر روزىنىڭ«ئەنجانباي»(2003-يىلى)، رومانى بىلەن ياقۇپ ئىسمائىلنىڭ «نېمەت خەلپەت»(2007-يىلى) ۋە ئابدۇراخمان قاھارنىڭ«توزۇماس گۈل»(2011-يىلى)رومانلىرى 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدىكى ئۈچ تارىخى رېئال شەخس، يەنى 1930-1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان شائىر ۋە خەلقچىل زات نېمەت خەلپەت، 1945-1946-يىللىرى قەشقەر رايونىدا گومىنداڭغا قارشى كۈرەشلەرنىڭ باتۇر جەڭچىسى ئەنجانباي ۋە 1945-يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ باتۇر جەڭچىسى، 1945-يىلى ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلنىڭ بىئوگرافىيەلىرىگە بېغىشلانغان ئىدى. ئومۇمەن، تارىخى بىئوگرافىك رومانلار ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدىكى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مۇنداق بىئوگرافىك رومانلارنىڭ بىر قىسمىنى تارىختىكى ئۇيغۇر سەلتەنەتلىك دەۋرىنى تىكلىگۈچى خاقانلار ۋە نامەيەندىلەر، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە ھۆرلۈك كۈرەشلىرىدىكى باتۇر، قەھرىمان، يېتەكچى ، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر ۋە داھىي خاراكتېرلىك شەخسلەرگە بېغىشلانغان رومانلار ئىگىلەيدۇ.

 

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۈچ نامايەندە

ئەلۋەتتە، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمەدى ۋە زوردۇن سابىردىن ئىبارەت ئۈچ ئەدىبنىڭ مەركىزى ئاسىيانىڭ ئىككى قىسمىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىردەك ھالدا سۆيۈشكە ۋە ئېتىراپ قىلىشقا سازاۋەر بولغان 20-ئەسىر بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك تارىخى بەدىئىي رومانلارنىڭ ئاپتورلىرى ئىكەنلىكىنى، يەنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يۈكسەك نامايەندىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسلەتمەي مۇمكىن ئەمەس.
جەزم قىلىشىمچە، مەركىزى ئاسىيانىڭ ئىككى قىسمىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۆز خەلقى ئىچىدە پەقەت ئەنە شۇ ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي كۈرەش تارىخى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىلىرى بىلەن مىلى سىياسىي تراگېدىيەلىرىنى يېزىش جەھەتتىكى يېزىقچىلىق تالانتى ۋە قابىلىيەتلىرى بىلەنلا داڭ چىقىرالايدۇ ھەم خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلەيدۇ.

بۇ يەردە مىسال ئۈچۈن ئالدى بىلەن زىيا سەمەدىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. 1962-يىلى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سوۋېت قازاقىستانىنى ياشاش ماكانى قىلىپ تاللىغان ۋە «قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى» نامىغا سازاۋەر بولغان يازغۇچى، دراماتورگ زىيا سەمەدى ئۆزىنىڭ بىر توملۇق تۇنجى رومانى-«مايىمخان» تارىخى رومانىنى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە، جۈملىدىن قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى مايىمخاننىڭ تراگېدىيەسىگە بېغىشلىغان بولسا، «يىللار سىرى» (1967-1971-1989-يىللىرى) تېترالوگىيەسىنى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئازادلىق كۈرەش ۋە سىياسىي قىسمەتلەر سەھىپىلىرىگە، «ئەخمەت ئەپەندى» (1994-يىلى)دىلوگىيەسى ۋە «غېنى باتۇر» رومانلىرىنى 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىلى ،تارباغاتاي ۋە ئالتاينى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا بېغىشلاپ، ئۆز رومانچىلىق ئىجادىيىتىنى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تراگېدىيەلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.
زىيا سەمەدىنى «مايىمخان» ( 1965-يىلى) رومانى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەدەبىيات سەھنىسى تۆرىگە ئېلىپ چىققان ، ھەتتا مەزكۇر رومان ئاساسىدا بەدىئىي ھېكايە فىلىم – « ئەجدىھا يىلى» ئىشلىنىپ، زىيا سەمەدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرىتى ئاشۇرۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىلگەن بولسا، «يىللار سىرى» (1967-1971-1989-يىللىرى)  تېترالوگىيەسى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ كامالەتكە يەتكەنلىكى ۋە ئىجادىيەت مېۋىسىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇيغۇر تارىخ رومانچىلىقىنى ئەڭ دەسلەپكى بوشلۇقلار بىلەن تولدۇردى.
ئومۇمەن، زىيا سەمەدى پۈتۈن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 19-ئەسىردىن باشلىنىپ، 1930-1940-يىللارغىچە داۋاملاشقان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ غەلىبىلىرى بىلەن تراگېدىيەلىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى.

ئۈرۈمچىدە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە ئالىمى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ( 1923-1995) 20-ئەسىرنىڭ 10-30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن ئۆلكىنىڭ سىياسىي ۋەقەلىرىگە ئائىت «ئىز» (1985-يىلى )، «ئويغانغان زېمىن»( 1988-1994-يىللىرى نەشرى) ناملىق تارىخى رومانلىرى 1912-يىلى قۇمۇلدا پارتلىغان تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىدىن تاكى 1937-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خوجا نىياز ھاجى ،سابىت داموللا، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مەخمۇت مۇھىتى، ئابدۇنىياز كامال قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئازادلىق ھەرىكەت غەلىبىلىرى بىلەن تراگېدىيەلىرىنى ، جۈملىدىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت رەھبەرلىرىنىڭ خۇسۇسىي تراگېدىيەلىرىنى بىر سىزىق ئۈستىگە تىزغان ئىدى.

«ئويغانغان زېمىن» ترىلوگىيەسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىجادىيىتىنىڭ كۇلمىناتسىيەسىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە روماننى ئوقۇغان ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ غەلىبىلىرى ۋە تراگېدىيەلىرى ،جۈملىدىن ئۆز مىللىي ئۆتمۈشىنىڭ غەلىبە بەتلىرى بىلەن مەغلۇبىيەت بەتلىرىنىڭ قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ۋە قانداق پۈتۈلگەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئۈن-تىنسىز يىغلاش ۋە ياكى ئاشكارا نەرە تارتىش روھى ئاتا قىلدى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ«ئويغانغان زېمىن» ترىلوگىيەسى بىلەن زىيا سەمەدىنىڭ تېترالوگىيەسى«يىللار سىرى» رومانى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەھلىل يۈرگۈزگەندە، بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ تەسۋىرلىگەن دەۋرى ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئاپتور ئۆزلىرى شاھىت بولغان ۋە ياكى ئاڭلىغان ۋەقەلەرنى، ئۆزلىرى كۆرگەن ۋە ياكى ھەمسۆھبەت بولغان شەخسلەرنى ، ئۆزلىرى ياشىغان سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىنى يازىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككىلا ئاپتورنىڭ رومانلىرىدا 1930-يىللارنىڭ قەھرىمانلىرى، خائىنلىرى ۋە جاللاتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بىردەك تەسۋىرلىنىدۇ.
«يىللار سىرى» بىلەن «ئويغانغان زېمىن»نىڭ كومپوزىتسىيەلىك قۇرۇلمىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، ھەر ئىككىلا روماندا ئاساسىي سىيۇژېت لىنىيىسى ۋە تارماق سىيۇژېتلارغا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ھەر ئىككىلا روماندىكى مەركىزى، يەنى ئاساسىي سىيۇژېت لىنىيىسى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن تارتىپ تاكى خوجا نىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە كېلىپ،«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى »بىلەن بىرلىشىشى ۋە ئۇنىڭ تارمار بولۇشى ھەم خوجا نىياز ھاجىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇئاۋىن رەئىس بولۇش ۋە ئاخىرىدا پاجىئەلىك قىسمەتكە يولۇقۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەر ئىككىلا رومان يەنە كۆپلىگەن تارماق ۋە قوشۇمچە سىيۇژېتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، زىيا سەمەدى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بۇ تارماق سىيۇژېتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا يول تۇتقان . مەسىلەن، «يىللار سىرى»دىكى ئاساسىي سىيۇژېت لىنىيىسى خوتەن ئەمىرلىكى، قەشقەر ۋە ئىلىدىكى مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكىتى، مەخمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى ،ئىنگلىز جاسۇسلىرىنىڭ ھەرىكىتى، ئۈرۈمچىدىكى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ قىلمىشلىرى ۋە باشقىلاردۇر[8].
زىيا سەمەدىنىڭ«يىللار سىرى»دىكى تارماق ۋە قوشۇمچە سىيۇژېتلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ«ئويغانغان زېمىن» رومانىدىكىدىن مول ۋە كەڭرەك بولغان. بۇ ھەم مەزكۇر ئىككى روماننىڭ ھەجىم پەرقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،«يىللار سىرى»نىڭ تۆت توملۇق،«ئويغانغان زېمىن»نىڭ ئۈچ توملۇق بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر.
زىيا سەمەدى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان بىر قاتار تارىخى شەخسلەرنىڭ روھى قىياپىتى، مىجەز خۇلقى، ئىدىيىۋى پىكىرلىرى ھەم باشقا تەرەپلىرىگە ئائىت تەسۋىرلىرى ئاساسى جەھەتتىن بىردەكلىككە ۋە ياكى يېقىنلىققا ئىگىدۇر. چۈنكى مۇنداق بولۇشى ئۇلار ئاشۇ ئۆزلىرى تەسۋىرلىگەن شەخسلەرنىڭ كۆپچىلىكى ۋە دەۋر شارائىتى ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، خۇددى ۋېنگرىيەلىك يەھۇدىيلاردىم كېلىپ چىققان مەشھۇر پەيلاسوف ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى گېئورگىي لۇكاچ ئېيتقاندەك بىر يازغۇچىنىڭ مەلۇم بىر دەۋر ھەققىدىكى بىلىمى قانچە چوڭقۇر ھەم تارىخىيلىققا ئىگە بولىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تېما دائىرىسى ئىچىدە شۇنچە ئەركىن ھەرىكەتلىنەيلەيدۇ [9].
ئوخشاش دەۋر ۋە ئوخشاش مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت مۇساپىلىرىدىكى غالىبىيەت ۋە تراگېدىيەلەرنى، خوجا نىياز ھاجىغا ئوخشاش شۇ دەۋر قەھرىمانلىرىنىڭ ئاخىرقى ئېچىنىشلىق پاجىئەسىنى چوڭقۇر ئۇھ تارتىش بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا يېزىپ چىققان مەزكۇر ئىككى يازغۇچى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي سېنزورىسى ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مەلۇم جەھەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئەركىن قەلەم تەۋرىتىشكە ، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم جەھەتتە بىر –بىرىدىن پەرقلىق قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىدى. مەسىلەن، زىيا سەمەدى سابىت داموللا، مەخمۇت مۇھىتى ، ئابدۇنىيازبەگ ۋە باشقىلارنى يۈكسەكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئەركىن تەسۋىرلىيەلىگەن، بولۇپمۇ سابىت داموللام، مەخمۇت مۇھىتىنى ئىجابىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرەلىگەن ئىدى. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاللات شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئاخىرىدا خوجا نىياز ھاجى، سابىت داموللا ۋە باشقا مىڭلىغان قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ۋە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن تازىلىنىشى ھەمدە موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىللىقىنى خالىمىغانلىقى ۋە بۇ خىلدىكى كۈرەشلەرنى ھەم ئىدىيەلەرنى مەخسۇس سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن يوقىتىش رولىنى ئوينىغانلىقىدىن ئىبارەت قاراڭغۇ تەرەپلەردىن داجىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. چۈنكى، ئەسەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لېئونىد برېژنېۋ دەۋرىدە باشلىنىپ، بىرئاز ئەركىنلەشكەن مىخايىل گورباچېۋ دەۋرىدە تامام بولغان ئىدى. ھەر ئىككىلا مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى قارىلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ۋەھالەنكى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تامغا بېسىلغان سابىت داموللا، مەخمۇت مۇھىتى ۋە باشقىلارنىڭ ئوبرازىنى ئىجابىي جەھەتلەردىن كۆپ ۋە ئەركىن تەسۋىرلەشتە قىسىلىپ، ماھىر مېتودلارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ خوجا نىياز ھاجى بىلەن شېڭ شىسەينى ياراشتۇرۇش ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى تۇنجۇقتۇرۇپ، سوۋېتپەرەس شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلغانلىقىدىن ئىبارەت جەريانلارنى بىر قەدەر دادىل يورۇتالىغان، چۈنكى كىتاب يېزىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن ھەم خىتايمۇ ستالىن ۋە باشقا كېيىنكى سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ خىتايغا ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى پاش قىلىش ھەم قارىلاش خاھىشلىرى كۈچىيىۋاتاتتى[10].

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىزلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئاتاقلىق يازغۇچى، غۇلجادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زوردۇن سابىر (1937-1998) گەرچە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە تېخى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك قەلبى مەزكۇر ئىنقىلاب ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بەش يىل بولسىمۇ ئۆزىنى- ئۆزى ئىدارە قىلغان مۇستەقىللىق دەۋرىدىكى مىللىي مائارىپ ئىدىيىسى بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يىرىك قىسمىنى مەخسۇس ئەنە شۇ 1944-1949-يىللىرىدىكى قاينام تاشقىنلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاتاپ، «ئانا يۇرت» (2000-يىلى)ناملىق ئۈچ توملۇق تارىخى رومانىنى يورۇققا چىقارغان ئىدى.
«ئانا يۇرت» ترىلوگىيەسى ئوخشاشلا زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، تالانتلىق ئەدىب كونا ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرى باسقان ۋە ياكى كۆرگەن داغدۇغىلىق 1944-1949-يىللار ئىزلىرىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئەپسۇسلىنىش روھى ئاتا قىلغان بولسا، يېڭى ئەۋلادلارغا ئەجدادلىرىنىڭ قەھرىمانلىق مۇساپىلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى. كونا -يېڭى ئەۋلادلارغا شانلىق ئۆتمۈشكە بىرلىكتە قايتىپ، تراگېدىيىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا، خاتالارنىڭ قايتا سادىر بولۇشىغا تۇغان سېلىش پسىخىكىسى بەخش ئەتتى. قەھرىماننىڭ تراگېدىيىسى، يەنى جەڭلەردە تاۋلانغان، ئوچۇق جەڭلەردە دۈشمەنلىرىنىڭ ئوقى تەگمىگەن باش قەھرىمان نۇرىنىڭ ئاخىرى غايىب ئوقتىن يىقىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان غالىبىيەتلىك ھايات، نۇرى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازادلىق ئۈچۈن بولغان جەڭلەردىكى شىر يۈرەك، غالىپ باتۇرلارنىڭ كۆزلىگەن ئاخىرقى تولۇق غەلىبە نىشانى، يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقى نىشانىغا يېتەلمەستىن ،كۆرۈنمەس دۈشمەننىڭ ئالدىنالا تەييارلىغان ئەجەللىك زەربە توزۇقىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت كۇلمىناتسىيەسى، يەنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا 1944-1945-يىللىرى قولغا كەلگەن ئىنقىلاب غەلىبە مېۋىسىنىڭ يوشۇرۇن سىياسىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىدىن ئىبارەت «ئانا يۇرت» تراگېدىيىسى ئوقۇرمەنلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ باتۇرلارنىڭ غەلىبە شادلىقى بىلەن ئاچچىق ھەسرەتلىك نىدالىرى يالداما بولغان «ئانا يۇرت»نىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تەسۋىرلىگۈسىز ئازابلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى. بەلكى، ئەنە شۇ ھەسرەتلىك نادامەت سەۋەبىدىن بولسا كېرەك ، ھەر بىر ئوقۇرمەن «ئانا يۇرت» تىكى جۇمھۇر رەئىسى ئەلىخان تۆرىدىن تارتىپ، غېنى باتۇر ۋە ئەخمەتجان قاسىمىغىچە بولغان بارلىق رېئال قەھرىمانلارنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىنى ئويلىنىش ئىچىدە ئەسلىرىدە ساقلاش ھەتتا ئۆزلىرىنى ئاشۇ قەھرىمانلار بىلەن بىرگە ياشىغاندەك تۇيغۇلارغا غەرق قىلدى. روشەنكى، «ئانا يۇرت» نوقۇل تارىخى رومانلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك تراگېدىيىلىك دراما ۋە ياكى تەسىرلىك تراگېدىيىلىك سىمفونىيەدىن ئىبارەت بولۇپ، زوردۇن سابىرنىڭ يۈرىكى ئەسەرنى تاماملاش بىلەن تەڭ توختىغان ئىدى.

يەنە بىر يازغۇچى مەسىمجان زۇلپىقاروف ئەڭ بۇرۇن، يەنى 1969-يىلى ئوت يۈرەك شائىر «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» ھەققىدە بىئوگرافىك رومانىنى نەشر قىلدۇرۇپ، يازغۇچى ئابدۇللا تالىپنىڭمۇ بۇ تېمىغا تۇتۇش قىلىپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ پۈتۈن ھايات مۇساپىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى ئىجادى ۋە كۈرەش ھاياتى ھەم ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان قىسمەتلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ تەسىرلىك رەۋىشتە تەسۋىرلەپ بېرىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى. ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» (1982-يىلى) ناملىق رومانىدا يەنە لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىپ، بىر مەيداندا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي – مەدەنىيەت تارىخىدىكى، جۈملىدىن ئاقسۇ دىيارىدا پائالىيەت قىلغان باشقىمۇ زىيالىيلارنىڭ كۈرەشچان ئوبرازلىرى كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ.
مەسىمجان زۇلپىقاروف «يانار تاغ»( 1985-1994-1995) ماۋزۇلۇق 19-ئەسىردىكى ئىلى قوزغىلىڭى ۋە ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرەش مۇساپىسىنى يورۇتۇشقا بېغىشلىغان ئۈچ توملۇق تارىخى رومانىدىن كېيىن توختاپ قالماستىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر 20-ئەسىر سىياسىي پاجىئەلەر تارىخىغا بېغىشلىغان «سەرراپ » (2001-،2005-) ترىلوگىيىسىنى يورۇققا چىقىرىشقا ئاتىغان ئىدى.

يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرمۇ 1980-يىللاردا تارىخى پروزا ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، ئىككى پارچە بىئوگرافىك رومان-«بالدۇر ئويغانغان ئادەم»( 1987-يىلى) ۋە«ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»(1990-يىلى) نەشر قىلدۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەشھۇر مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادى ھاياتى ۋە تراگېدىيىلىك قىسمەتلىرى تەپسىلىي ۋە تەسىرلىك بايان قىلغان ئىدى.
ئابدۇراخمان قاھار ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق«ئىلى دولقۇنلىرى»(1982- 1986)، تۇردى سامساق ئۆزىنىڭ«ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»(1985-يىلى) رومانلىرى ئارقىلىق تۇنجىلاردىن بولۇپ، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى تەسۋىرلەپ، تارىختىن بىخەۋەر قالغان يېڭى ئەۋلادلارنى ئاشۇ قاينام تاشقىنلىق ئىنقىلاب دەۋرىگە، مىللىي ئارمىيىنىڭ كۈرەشلىرىگە قايتۇرۇپ كەلدى.
ئەسكەرتىش زۆرۈركى، زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، مەسىمجان زۇلپىقاروف، ئابدۇللا تالىپ، تۇردى سامساق، خېۋىر تۆمۈر قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا بېغىشلىغان تارىخى ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلىگەن ھەربىر پېرسونازھ بىلەن دەۋرداش بولۇپلا قالماستىن بەلكى ھەتتا ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە تونۇش ھەم سەپداش ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرى كۆپلىگەن ۋەقەلەرگە، شەخسلەرنىڭ ھايات مۇساپىلىرىگە شاھىت بولغان ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ھەر بىر شەخسنىڭ تېقى- تۇرقىدىن تارتىپ، مىجەز خۇلقى، يۈرۈش -تۇرۇشى، ئىش ھەرىكىتى ۋە ئىدىيىسى بىلەن يېقىندىن تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پېرسونازھلار ۋە ئۇلار تەسۋىرلىگەن ۋەقەلەرنىڭ چىنلىق ، ئەمەلىيلىك، تارىخى رېئاللىققا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولدى. بۇ ھەم تارىخى ھۆججەتلىك ئەھمىيىتىگىمۇ ئىگە ئىدى.

ئۇيغۇر تارىخى رومانلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى

ئۇنداقتا ئۇيغۇر تارىخى رومانلىرى ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى كۈنسايىن پىشىپ يېتىلىش، راۋاجلىنىش ۋە تەكەممۇللىشىش نەتىجىلىرىدىن باشقا يەنە ئەڭ ئاساسىي تەرەپ بولغان ئۆز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىغا نېمىلەرنى ئاتا قىلماقچى ۋە قانداق مەقسەتلەرگە يەتمەكچى بولدى دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن. روشەنكى، ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ يورۇتماقچى بولغان تۈپ نىشانى بولىدۇ ھەم ئۇ مەلۇم بىر ئىدىيىۋى ئاساسقا ۋە ياكى شۇ ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان پىكىرلىرى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ.

يەنە شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدىغان ، بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق ئىككى گۇرۇپپىدۇر. يازغۇچىنىڭ قارشى ئېلىنىشى، قەدىرلىنىشى، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشى ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەركىن بازار ئىگىلىكى كۆز قارىشىدىن ئالغاندا، ئوقۇرمەن يازغۇچىنى باي قىلىش ياكى كەمبەغەل قىلىۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگىدۇر. ئەمما ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئۆز ئىدېئولوگىيە ماشىسىنىڭ بىر مۇھىم ۋېنتىسىغا ئايلاندۇرىدىغان ئەللەردە بولسا، يازغۇچىنى باي قىلىدىغان، كەمبەغەل قىلىدىغان ، ھەتتا يوقىتىدىغان كۈچ ئوقۇرمەن ئەمەس، ھاكىمىيەت ماشىنىسىنىڭ ئۆزىدۇر. ئەمما، ئوقۇرمەننىڭ ئېھتىياجى، تەلىپى، قىزىقىشى، قەلبى ۋە روھىغا ماسلىشالىغان ۋە شۇلاردىن چىقىش قىلغان يازغۇچى ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرگە ياشىيالايدۇ ،ئۇ ئۆلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسىرى ھېچقاچان ئۆلمەيدۇ. دۇنيا ئەدەبىياتىدا بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭمۇ ئۆز ئېھتىياجى، قىزىقىشى، تەلىپى ، قەلبى ۋە يازغۇچىنى ئۆز قەلب تۆرىگە مۇستەھكەم ئورنىتىش ئۆلچىمى بار. بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ بەدىئىي قابىلىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۈستۈنلۈكى، يېزىقچىلىق تالانتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقى، ئوبراز يارىتىش ، كىشىلىك ۋە ئىنسانى ئەخلاق پەلسەپىسىنى يۇغۇرۇش ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىرىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يازغۇچى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق ۋە بىردەك ئۆلچىمىگە چۈشمەي قېلىشى، ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈشىگە، ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇ يازغۇچى بەلكى ئۆلسە ھېچقاچان خەلقنىڭ ۋە ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە دەپنە قىلىنالىشى ناتايىن. چۈنكى، ھەقىقىي يازغۇچىغا ھەقىقىي شەرەپنى بىر سىياسىي تۈزۈلمە ماشىنىسى ئەمەس، بەلكى خەلق ۋە ئوقۇرمەن ئۆزلىرى تەقدىم قىلىدۇ ۋە ئۆز قەلبىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئابىدە تىكلەيدۇ، خەلق قەلبىدىكى بۇ ئابىدە ئاشۇ خەلق بىلەن بىرگە قەد كۆتۈرىدۇ ھەم ھەر قانداق بىر دەۋردىمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇۋېرىدۇ، ھەر قانداق شىددەتلىك بوران –چاپقۇنلاردىمۇ يىقىلمايدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك ئۇيغۇر تارىخى رومان يازغۇچىلىرىمۇ ئالدى بىلەن ئۆز ئەسىرىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن يازىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن قانداق قىلغاندا ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىنى چۈشىنىشقا تىرىشىدۇ. ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تەلىپى، ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلالىغان، ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەن ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ئىشقى –مۇھەببەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، دۇنيا ياكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئەمەس ، بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈك، ئازادلىق كۈرەشلىرىدىكى قەھرىمانلارنى، ئۆز خەلقىنىڭ غەلىبىلىرى بىلەن تراگېدىيەلىرىنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتالىغان يازغۇچىدۇر.
ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخى رومان ئاپتورلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئۆلچەملەرگە تولۇق يېتەلمىسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ئەدىبلەر مەزكۇر ئۆلچەملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىگە مۇيەسسەر بولالىدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار تۇرۇۋاتقان مۇرەككەپ شارائىت ۋە ئىدېئولوگىيىلىك رامكا ئىچىدە ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىكنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ تارىخى رومانچىلىققا قەدەم تاشلاپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى چوقۇم ئىجابىي باھالىنىشى كېرەك. چۈنكى ،ئۇلارنىڭ مەيلى قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز خەلقىنىڭ سەلتەنەتلىك دەۋرلىرى ۋە تراگېدىيەلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ، ئاشۇ مۇئەييەن تارىخى دەۋرلەرنىڭ كارتىسىنى سىزىپ چىقىش بىلەن بىرگە تارىخى شەخسلەرنىڭ كۈرەشلىرى ، ھايات مۇساپىلىرى ۋە تراگېدىيەلىرىنىڭ سەۋەب ئامىللىرىنى بەدىئىي يول بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش ھەم چۈشەندۈرۈشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەنلىكىنىڭ ئۆزى قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشتۇر.

 

خۇلاسە ئورنىدا

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمەدى ۋە زوردۇن سابىردىن ئىبارەت ئۈچ ئەدىبنىڭ مەركىزى ئاسىيانىڭ ئىككى قىسمىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن بىردەك ھالدا سۆيۈشكە ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشقا سازاۋەر بولغانلىقى روشەن بىر ھۆكۈم بولسا كېرەك. ئۇلار 20-ئەسىر بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك تارىخى بەدىئىي رومانلارنىڭ ئاپتورلىرىلىق دەرىجىسىدىن ھالقىپ،20-ئەسىر ۋە ھازىرقى دەۋرىمىز ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنىڭ نامايەندىسىلىك سالاھىيىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.
ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدىكى نامايەندىلىك ئورنى قانداق قولغا كەلدى؟ جەزم قىلىش مۇمكىنكى، مەركىزى ئاسىيانىڭ ئىككى قىسمىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۆز خەلقى ئىچىدە پەقەت ئەنە شۇ ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي تراگېدىيەلىرىنى يېزىش جەھەتتىكى يېزىقچىلىق تالانتى بىلەنلا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلەيدۇ. ئۆز خەلقىنىڭ شانلىق غەلىبىلىرى بىلەن ئېچىنىشلىق مىللىي ۋە سىياسىي تراگېدىيىسىنى تەسۋىرلەشتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالمىغان، ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆتمۈش غەلىبىلىرىدىن روھلاندۇرۇش ۋە ئۈمىدلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆتمۈش پاجىئەلىرىنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ھەم ئازابلىنىشقا باشلىيالمىغان، تراگېدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىرتقى دۈشمەنلەر بىلەن ئىچكى ساتقۇنلارنىڭ ماھىيىتى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ ، نەپرەت بىلەن مۇھەببەت تۇيغۇسى بەخش ئېتەلمىگەن يازغۇچى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلغان نامايەندىسىگە ئايلىنالمايدۇ. چۈنكى، يىراق ئۆتمۈش تارىخى سەھىپىلىرى شانلىق ۋە سەلتەنەتلىك بەتلەر بىلەن پۈتۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، كېيىنكى قىسمەتلىرى پاجىئەلەر بىلەن تولغان ۋە بۇ پاجىئەلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقى ھەم ئۆز كەلگۈسىنىڭ يېڭى پاجىئەلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى يېڭى شانلىق غەلىبىلەر بىلەن جۇلالىنىشى يولىدا ئاچچىق تولغۇنىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ۋە يورۇقلۇققا تەشنا پەرۋانە كەبى سىلكىنىۋاتقان بىر خەلق ئۈچۈن «لەيلى- مەجنۇن» ۋە«تاھىر –زۆھرە» لەرنىڭ سېھىرلىك ئىشقى-مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن مەسخۇش بولۇش دەۋرى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان ئىدى.

ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تالانتلىق لىرىك شائىرلارنىڭ مىڭلىغان قەلبلەرنى تىترەتكەن ئىشقى-مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، پەقەت ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئانا ۋەتەن ۋە ئەركىنلىك سۆيگۈلىرىنى يادرو قىلغان ناھايىتى ئازغىنا جەۋھەرلىرىنى ئەستىن چىقارمىغانلىقى ھېچكىمگە سىر بولمىسا كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش 20-21-ئەسىر بىر پۈتۈن ئۇيغۇر زامانىۋى ئەدەبىياتىدا بىر قانچە مىڭلىغان باللادا- داستانلار ، ھېكايىلەر، پوۋېستلار، رومانلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، زىيا سەمەدىلەرنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي قىسمەتلىرىگە بېغىشلىغان رومانلىرى كونا ۋە يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كىتاب ئىشكاپلىرىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلەر ئورنىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلمەكتە.

ھۆكۈم قىلىش تەس ئەمەسكى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن زوردۇن سابىرغا زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر نامايەندىسىلىك ئورنىنى ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئەسەرلىرى- «ئويغانغان زېمىن» بىلەن«ئانا يۇرت» ترىلوگىيەلىرى ئاتا قىلسا، زىيا سەمەدىگە «مايىمخان » بىلەن«يىللار سىرى» تېترالوگىيەسى بەخش ئەتتى. ئەلۋەتتە، بۇ سالاھىيەتنى ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئەدەبىياتشۇناسلار، تەقرىزچىلەر ياكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەمەس، بەلكى كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تەقدىم قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مانا شۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مىللىي تراگېدىيە ئەسەرلىرى بىلەن ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ قەلب تۆرىدىكى نامايەندىلىك ئابىدىسىنى تىكلەشكە مۇۋەپپەق بولالىغان ئىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىر 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي سىياسىي قىسمەتلىرىنى بەدىئىي ۋە چىنلىق جەھەتتىن ئەڭ مۇكەممەل يورۇتۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئۆز ئەسەرلىرىدىكى قەھرىمانلار بىلەن بىرگە ياشاش، ئاشۇ غەلىبە ۋە تراگېدىيىلەردىن تەڭ ھۇزۇرلىنىش ۋە تەڭ ئازابلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلالىغان ئىدى.
ئومۇمەن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمەدى، زوردۇن سابىر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ سۆيۈلگەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نادىر تارىخى ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي تارىخى رومانلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە بەدىئىي زوق بېرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆتمۈش مۇساپىلىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئۆز قىسمەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىشىدا بەلگىلىك رول ئوينىدى.

 

ئىزاھاتلار

[1] . ئەنۋەر ھوشۇر تەييارلىغان: ”1974-يىلىدىن 2007- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە نەشر قىلىنغا رومانلار تىزىملىكى“. www.intil.biz تورى. 2012.4.22.

[2] . .سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق. ئۇيغۇر رومانلىرى ئىزاھلىق لۇغىتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى. ئۈرۈمچى . 2-بەت

[3] . پولات ئاماننۇرى. ”بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن رومانلار“. ئۇيغۇرلار تورى. 2011.1.7.

[4] . ئابدۇرېشىت مۇھەممەدىمىن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 2011-يىلى،“ شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى“.2013.2.16

[5] . قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناس رەھمەتجان يۈسۈپوف تەخمىنەن 60 ئەتراپىدا روماننى تىلغا ئالسا، يەنە بىر ئۇيغۇرشۇناس رۇسلان ئارزىيېف تەخمىنەن

50 پارچىدىن ئارتۇق دەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئاساسلىقى قازاقىستاننىلا نەزەرگە ئالغاندەك. ئۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇلغان پىكىر،2017-يىلى،20-نويابىر كۈنى.

[6] . ھەبىبۇللا ئابدۇسالام 2003-يىلى تارىخى رومانلاردىن 53 نى تىزىملىغان: ”شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى ھەققىدە قىسقىچە

مۇلاھىزە“ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى. 2005 -يىل 1 –سان. مەن بۇ ساننىڭ 14 يىل ئىچىدە كۆپىيىشىنى جەزم قىلىپ، تارىخى

رومانلارنىڭ 70 كە يېقىنلاشقانلىقىنى پەرەز قىلدىم.ئەمما، تارىخى رومانلارنىڭ 60 تىن ئاشقانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بار.

[7] . ئاساسلىقى قازاقىستان، ئاز بىر قىسمى قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە، رۇسچە، ئۆزبېكچە نەشر قىلدۇرغان رومانلىرى مەن

تەخمىنەن 80 ئەتراپىدا دەپ ھېسابلىدىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 36 پارچە روماننى تارىخى رومان سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدىم.

[8] . نەبىجان تۇرسۇن. ”100 يىللىق ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا مىللىي سەلتەنەت ۋە مىللىي تراگېدىيە ”

2017-يىلى، ( نەشرگە تەييارلانغان مونوگرافىيە). 152-168-بەتلەر

[9] . Lukacs, Georg. The Historical Novel. Penguin Books. 1969: p.15–29.

[10] . نەبىجان تۇرسۇن. “ 100 يىللىق ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا مىللىي سەلتەنەت ۋە مىللىي تراگېدىيە“. 2017-يىلى، ( نەشرگە تەييارلانغان

مونوگرافىيە. 152-168-بەتلەر.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 132

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش