ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەتكە تەزىيە

داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەتكە تەزىيە

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسام، نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىجاتچىسى، جامائەت ئەربابى، ئۇيغۇر خەلقنىڭ پەخىرلىك ئوغلى غازى ئەمەت 2017 – يىلى 26- نويابىر ئۈرۈمچىدە 84 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.

غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈرگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتىغا بولغان تەزىيەلىرىنى تۇشمۇ-تۇشتىن بىلدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى ھەم مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاشتى.

ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر خەلقنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى مەركەز قىلغان يۈزلىگەن ئەسەرلەرنى قالدۇردى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان سەنئەتكارلاردىن بىرى ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلار نامىدىن ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز رەسسام غازى ئەمەتنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمىز، مەرھۇمغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش بىلەن بىرگە، قالدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

غازى ئەمەت كىم؟

داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت 1935.يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم بولغاچقا غازى ئەمەت ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن. 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن غازى ئەمەت بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەمەت 1952-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان. ئۇ 1954 – ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن. ئۇ 1954 ـــ يىلى ئاتالمىش ئۈرۈمچىدىكى خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن غازى ئەمەت رەسىملەر توپلىمى دىگەن كىتابنى نەشىردىن چىقارغان. 1982 ـــ يىلى پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان مەھمۇد قەشقەرى – بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇـ 1981 ـــ يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر گۈزەل ـــ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە 1 ـــ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇقام رەسىمى 1987 ــــ يىلى مۇسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان. مۇقام ئىشقى مەملىكەتلىك ماي بوياق ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن .

داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 – يىلى، غازى ئەمەت سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، ”چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى“ بويىچە قاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرب سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرب سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1962 – يىلى غازى ئەمەت ئەپەندى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىغا ئاساسلىنىپ سىزغان ”غېرىپ – سەنەم“ ناملىق ماي بوياق رەسىم رەسساملىق ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەل بىر جۈپ قىز -يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا، ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان. ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەمەت ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتابلار ۋە ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ”ئاماننىساخان“، ”مەھمۇد قەشقىرى“، ”رابىيە – سەئىدىن“ ۋە ”يۈسۈپ خاس ھاجىپ“ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ. غازى ئەمەت ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا مىللىتىمىزگە مەنىۋى دۇنياسىغا زوق بىرىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئۆز ئەمەليىتىدە كۆرسەتتى. غازى ئەمەت ئۆزى ئوقۇغان ئانا مەكتىپىگە بىر كومپىيوتىر سىنىپى قۇرۇپ بەردى. يەنى غازى ئەمەت ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتقان مەھەللە مەسچىتىگە ئاز بولمىغان ياردەملەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللى روھىنى ئۇنتۇپ قالمىغان.

1984 – يىلىدىن 1994 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، غازى ئەمەت ئەپەندى سەنئەتكارغا خاس سەزگۈرلۈكى بىلەن، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ‹‹ مۇقام››، ‹‹ مال بازىرى››، ‹‹ ئوغلاق تارتىشىش››، ‹‹ قەشقەر كوچىسى››، ‹‹كۆل بويىدىكى مۇزىكا ئاۋازى›› ، ‹‹گىلەم››، ‹‹ئۇيغۇرلار›› قاتارلىق بىر يۈرۈش مەنزىرە، ئۆرپ ئادەت ، شەخسلەر تەسۋىرلەنگەن ماي بوياق ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى. ‹‹ ئوغلاق تارتىشىش›› ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئات ئۈستىدىكى ماھارىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەر قۇرۇلمىسى بارلىق مەنزىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئوغلاق تارتىشىشتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ بارلىق ھالقىلىرى ئەسەردە گەۋدىلەنگەن. ‹‹پامىر بۈركۈتى›› ناملىق ئەسەردە تاجىك مىللىتىنىڭ قوتاز مىنىش ماھارىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئەسەر قىسمەن كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلغان، بۇ ئەسەردە دۇنيانىڭ ئۆگزىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تاجىك مىللىتىنىڭ قورقماس، ئىگىلمەس، قەيسىرانە كۆرەش قىلىش روھى تەسۋىرلەنگەن. ‹‹قەشقەر كوچىسى›› ۋە ‹‹گېلەم ››،‹‹ئۇيغۇرلار›› ناملىق ئەسەرلەردە بولسا كۈندۈلۈك تۇرمۇش ناھايىتى تەبىئى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرلەردىن غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى، سەنئەتكە بولغان چوڭقۇر تەلپۈنىشىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ ئەسەرلەردە يەنە شەخس مەركەز قىلىنغان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاجىكلارنىڭ مەردانە خاراكتىرى، قەيسەر روھى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئەسەرلەردە دەۋىر بىلەن تۇرمۇش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن، رىئال تۇرمۇشتىكى كىچىك ھالقىلار ياكى تارىخى تۇرمۇشتىكى كىچىك كۆرۈنۈشلەر ئاساس قىلىنغان. مۇقام سەنئېتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى، ئۇ خەلق چالغۇلىرى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. مۇقام ناملىق ماي بوياق رەسىمدە شەخس ئوبرازى كۆپ، چالغۇ تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، قويۇق سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن، غازى ئەمەت ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئەستايىدىل كۈزىتىپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى، كۆپلىگەن شەخس ئوبرازىنى خاتىرىلەش، خام ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلىش، سېلىشتۇرۇش، تاللاش ئارقىلىق، مۇقام ناملىق بۇ ئەسەر ئاخىرى خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلدى.

غازى ئەمەت سىزغان ۋەكىل خارەكتىرلىك رەسىملەر

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش