ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش ئاخىرى

ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش ئاخىرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn10Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

غالىب بارات ئەرك
سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 10-ئەسىردە ياشىغان ئالىم، ئۇنڭىغا ئوخشاشلا 8- ، 9 -ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى پېرتانراكشتمۇ ئۆز تىلىنى «تۈرك تىلى» دەپ ئاتىغان.
ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۇم سۇرگەن «خاقانىيە» ۋە «ئۇيغۇر ئېلى» تېرىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئۆز تىلىنى ئورتاق ھالدا «تۈرك تىلى»، ئۆزلىرىنى بولسا «تۈرك» دەپ ئاتىغان. ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىميەتلىرىنى «خاقانىيە» ۋە «ئۇيغۇر ئېلى» (ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتاشقان. ماھمۇد كاشغەرى خاقانىيىلىكلەرنى «خاقانىيە تۈركلىرى» دەپ ئاتىغاندەك، سىڭقو سەلى تۇتۇڭ «تۈرك-ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان. خۇددى ماھمۇد كاشغەرى «ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى» دىگىنىدەك «ئۇيغۇر» سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا «ئۇيغۇر تىلى» بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركلەرنىڭ تىلى ئىدى، ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن دۆلەت نامى بويىچە ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى «تارىخىي رەشىدى» ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى «ئۇيغۇرىستان» دەپ يازغان.
بۇ ئىككى خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئاھالە بىردەم تۈرك، بىردەم ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇنداقتا مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، سىڭقۇ سېلى تۇتۇڭ، پىرتانراكشمۇ ئۇيغۇر تۈرك يەنى باشقا مىللەت بولۇپ قالمامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىرى «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» ناملىق ئۇچ توملۇق كىتابىدا ئورخۇن يەنسەي ۋادىسىدا تاشقا ئويۇپ قالدۇرۇلغان تارىخىي ئابىدىلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ «مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دېيىلگەن: توققۇز ئۇيغۇر، بىز بىلەن بىر مىللەت، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان تارماقتۇر، شۇڭا مەڭگۈ تاشنىڭ بايقىلىشى بىزگە شۈبھىسىز جاۋاب بەردى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ۋ. سامۇرىن تاڭ دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىغا ئاساسلىنىپ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز چاغلاردا مەلۇم قەبىلە ياكى مەلۇم پارچە تۇپراقنى كۆرسەتكەن، كېيىنچە بىر خەلققە ۋە تىلىنىڭ نامىغا ئايلانغان، ئۇنى ئىشلىتىپ قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ بىر خىلىنى پەرقلەندۈرگەن» دەپ يازىدۇ.
خىتايلارنىڭ تارىخچىسى «ھون تارىخى»، «تۈرك تارىخى» ۋە «ئۇيغۇر تارىخى» دەك كىتابلارنىڭ ھەمدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى بولغان پروفېسسور لىن گېن «تۈرك تارىخى» ناملىق كىتابىدا «ئۇيغۇر = تۈرك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ نۇقتىلارنى چۈشىنىشىمىزدە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئۆزلىرىنى تۈرك دېسە بىردە ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتىكى مۇددىئاسىنى چۈشىنەلەيمىز.
مىلادىيە 10-ئەسىردە ئىسلام دىنى خاقانىيە سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەڭ كۆلەملىك غازاتلار ئارقىسىدا تەدرىجى ئىسلامىيەت خاقانىيىدە ئومۇملىشىدۇ. لېكىن خاقانىيە ئۇيغۇر ئېلىنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا يىمىرىلىدۇ. ئالدى بىلەن قىتانلارنىڭ ئاندىن موڭغۇللارنىڭ ئىستېلاسى بۇ ئىككى ئەلنى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما شۇ ئىستېلاچىلار يەنە مەدەنىيەتلىك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاسسىلىماتسىيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپچىلىك ئاھالىنى ھېسابقا ئالمىغاندا موڭغۇللار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا دىن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەنە شۇنداق تارىخى دەۋردە چىڭگىزخان ئەۋلادى بولمىش تۇغلۇق تۆمۈرخان مىلادىيە 1348-يىلى تەختكە چىققاندىن كېيىن موڭغۇللارنىلا ئەمەس، بارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەرنى ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى. شۇندىن باشلاپ ئانا تۇپراق ئالتۇن دىيارىمىزدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيە پەرقىمۇ تۈگىدى. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسىدىكى تىل شېۋىسى پەرقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرلىككە كەلدى. شۇندىن باشلاپ ئەلىشىر نەۋائى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ئەسىرىدە ۋە زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابىرنىڭ «بابۇرنامە» سىدە بىر نەچچە جايدا «ئۇيغۇر» ئىبارىسىنى تىلغا ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا «تۈرك» نامى ئومۇمىي نامغا ئايلىنىدۇ. خەلق ئۆزىنى «تۈرك» ياكى مۇسۇلمان دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە يۇرتنىڭ نامى بىلەن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، لوپلۇق، تارانچى، دولانلىق دېگەندەك ناملاردا ئاتايدۇ. بۇ خىل ھالەت ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملاردىن ئابدۇقادىر داموللام، ھۈسەيىنخان تەجەللىلەرمۇ ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتىغان. خىتايچە مەنبەلەردىمۇ 1884-يىلىدىن ئىلگىرى يۇرتىمىزمۇ مۇسۇلمانلار يۇرتى خۇيجىياڭ (回疆) دەپ يازغان ھەمدە ئەجدادلىرىمىزنى تۇڭگانلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن چەنتۇ (缠头) دەپ ئاتىغان.
«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام مىلادىيە 1350-يىللاردىن 1935-يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا «تۈرك» دېگەن ئەسلى نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت نامى تۈسىنى ئالغان. ئۇنداقتا «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟
بۇ مەسىلىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلاپ چۈشىنىش مۇمكىن. مىلادىيە 20-ئەسىردە دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. چىڭ ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. چاررۇسىيە ئاغدۇرۇلۇپ تۇنجى سوتسىيالىستىك ئىمپېرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سوۋېت ئىمپېرىيىسى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ئۆزىنى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئېزىلگۈچىلەرنىڭ باشلامچىسى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن غەربىي تۈركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۈ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن گۇرۇھلارغا بولۇپ ئىدارە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى «ئۇيغۇرلار يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى تارىخىي ئەنئەنە ۋە يېقىنقى سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن يەرداشلىقنى بىرىكتۈرۈپ باشقىلار تەرىپىدىن كەشىپ قىلىپ چىقىلغان» دېيىلگەنگە ئوخشاش مەلۇم پەرقلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى مىللەتلەر ياساپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك بارلىققا كېلىپ تۈرك نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلدى.
ئۇنداقتا «ئۇيغۇر» ئاتالمىسى قانداقچە بۇ يېڭى مىللەتكە نام قىلىپ قوبۇل قىلىندى؟ قازاق ئاكادېمىك ت. قايدارۇۋ «1921-يىلى س. مالوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يىغىن قاتناشچىلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن مىللەت نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىشنى بىردەك قوللىدى» دەيدۇ. بۇ يىغىن 1921-يىل 6-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ شۇ نۇقتىنى ئىلمىي ھالدا پەرەز قىلىش مۇمكىنكى، يىغىندا رۇس ئۇيغۇرشۇناسى مالوۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىقتىكى شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ «ئۇيغۇر» نامىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ شەرھىلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلغان. چۈنكى مالۇۋ ئاكادېمىك رادلوۋنىڭ شاگىرتى بولۇپ ئۇنۋىرېستېتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ تۈرك تىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان. 1909-يىلىدىن 1911-يىلىغىچە، 1913-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە گەنسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ (سېرق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىل ۋە فولكلورىنى تەكشۈرگەن. 1916-يىلى تۈرك فىلولوگىيىسى بويىچە ماگىستىر بولغان. 1917-يىلىدىن كېيىن قازان، پېتىربورگ، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۈرك تىلى ئەدەبىياتىدىن دەرس ئوتكەن. 1939-يىلى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان. ئۇ ھاياتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۈشۈپ قانۇنلاشقان. 1924-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نوپۇس تەكشۈرۈشتىن باشلاپ بۇ نام كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇنداقتا بۇ نام قانداقچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلدى؟ بۇ نام بېكىتىلىپ قانۇنلاشقاندىن كېيىن مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئالىي ئىلىمگاھلاردا قوللىنىلدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان زىيالىيلىرىمىز ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن سوۋېتقا چىقىپ تەدرىجىي بۇ نامنى قوبۇل قىلدى. مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شائىرلىرىمىز مەمتىلى توختىھاجى ئوغلى تەۋپىقى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر نامنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوبۇل قىلغان. بۇ مەسىلىگە قارىتا شۋېتسارىيىلىك داڭلىق دىپلومات، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ: «20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا «تۈرك» نامىنىڭ ئورنىغا «ئۇيغۇر »نامى دەسسىدى، بۇ ئاتالغۇنىڭ تەشەببۇسچىسى س. ئە مالوۋ» («قەشقەرگە قايتا بېرىش» قا قاراڭ)، ئۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر نامىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاتالمىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.
«ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى شەرقىي تۈركىستاندا زادى قاچاندىن باشلاپ قانۇنلىشىپ قوللىنىلدى؟ بۇ ھەقتە خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تۇرپان ئېكسپېدىتسىيىگە قاتناشقان جاسيان لودېس (1933-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن سوۋېت دىپلوماتى ئاپىراسيۋ شىنجاڭ مىلىتارىسى شىجاڭ شەرىپىگە بەرگەن تەكلىپ ئىچىدە تارىم ۋادىسىدىكى ئامىللارنى 20-يىللاردىكى لېنىن ئاساس قىلغان سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى تىل تارىخ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ. شۇ چاغلاردا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» بەلكىم سوۋېت ئىمپېرىيىسىنى چۆچۈتۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى شۇ زاماننىڭ ھىيلە-مىكىر شاھى، ئەشەددىي فاشىست شېڭ شىسەي ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزىل فاشىست ستالىندىن ئىبارەت دۇنياۋى شەخسكە ئۆزىنى سادىق ئىت قىلىپ كۆرسىتىپ، بولشېۋىك بولغان ئىدى. سوۋېت ئىمپېرىيىسى نۇرغۇنلىغان بولشىۋىكلارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتى. 1934-يىلى جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما قۇرۇلۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن «چەنتۇ» دېگەن نامنى «ئۇيغۇر» دەپ ئۆزگەرتىش 2-نۆۋەتلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر دېگەن نامنى خىتايچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ۋېيۋۇئېر 威武儿 دېگەندەك لايىھىلەرمۇ بار بولغان، بۇنىڭ مەنىسى بولسا «ئالىيجاناب، جاسارەتلىك تەڭرىنىڭ ئامراق پەرزەنتى» دېگەن مەنىنى بەرگەن. بورھان شەھىدى «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» ناملىق ئەسىرىدە «مەن يۇۋىنبىن بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ ۋېيۋۇئېر 维吾尔 دەپ يازايلى دېيىشكەن ئىدۇق. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يىغىنىغا سۇنۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ رەسىمى يازما شەكلى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ بارا-بارا كەڭ قوللىنىلدى» دەپ يازىدۇ. ۋېيۋۇ 维吾 بولسا مېنى ھىمايە قىل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مىللەتلەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش بولغان. بۇرھان شەھىدىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا «بۇلۇت» ئورنىغا «قىرغىز» «نۇغاي» ئورنىغا «تاتار» بېكىتىلگەن. «جۇڭگو» ئاتالمىسىنى «خىتاي» دەپ تەرجىمە قىلماي ئاھاڭ بويىچە ئاتاشمۇ بېكىتىلگەن، تاكى 1949-يىلىغىچە خەنزۇ نامى ئورنىغا «خىتاي» دېگەن نام قوللىنىلغان.
خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇر نامى كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىدىن تۆت ئەسىر ئىلگىرىكى دەۋردىنمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كۆپ ھاللاردا سىياسىي ئاتالغۇ، دۆلەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى چاغلاردا قەبىلە نامى بولۇپمۇ قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامى بولغان. تەخمىنەن مىلادىيە 1350-يىللىرى ئەتراپىدا ئىشلىتىلىشتىن قالغان. مىلادىيە 1921-يىلى 6-مايدا تاشكەنتتە زىيالىيلار قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرشۇناس مالۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قارار قوبۇل قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىسمەن ئاھالىنىڭ نامى سۈپىتىدە بېكىتىلگەن. 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان، قوللىنىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستاندا بولسا شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەسىلھەتچىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنىپ، 2-قېتىملىق ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىدا (1934-يىلى) قانۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىنغان ھەمدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. بۇ نام نېمىشقا شۇنچە تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىدۇ؟ سەۋەبى ئېنىقكى نۇرغۇنلىغان سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا خىزمەت قىلغاندىن باشقا نۇرغۇنلىغان ياشلار سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىلىم ئالغان. ئۇلارنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان، يەنە كېلىپ «ئۇيغۇر» نامى قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا كۆرۈلگىنى ئۈچۈن ناھايىتى تېزلا قوبۇل قىلىنىپ ئومۇملاشقان، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ۋاسىتە بىلەن قارارلاشتۇرۇشمۇ رول ئوينىغان.
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر ھەل بولدى، ئەمما ئاساسلىقى ئىككى خىل ئاجىزلىققا يول قويۇلدى، ئۇلاردىن بىرى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى تەڭلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تارىخىنى ئۇيغۇر ناملانغان ئاشۇ گەۋدىسىنىلا ئىزدەش. يەنە بىر ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلارنى ئاساسى سۈپىتىدە پايدىلانماسلىقتا كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئاجىزلىقلار ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگۈسى.

ئىزاھلار:

مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1-توم 151-، 2- بەتلەر
«ئوغۇزنامە» مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 1980-يىل 30-بەت
موللا نىمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسقىييۇن» ئۇيغۇرچە مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل 26-بەت.
ليۇ يىتاڭ «ئۇيغۇر تەتقىقاتى» 1977-يىل تەيۋەن خەنزۇچە نەشرى 11-، 27 -بەت
زوردۇن سابىر «ياۋروپاغا سەپەر»، «تارىم» 1988-يىل 5-سان 106-بەت.
«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92-بەت
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 92-بەت
«تارىم» ژۇرنىلى 1986-يىلى 2-سان تۈركلوگ ئىسراپىل يۈسۈپ تەييارلىغان ماقالىگە قاراڭ
«جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىلى خەنزۇچە نەشرى 2-قسىىم 63-بەت
گراتىن « ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى » ناملىق ماقالىسىدە كەلتۈرگەن نەقىل «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاخباراتى» 1992-يىل 5-سان 14-بەت، 11-بەت.
«قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ئۇيغۇرچە 1993-يىل 4-سان 75-بەت
بۇرھان شەھىدى «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» ۋە «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» ئۇيغۇرچە 28-توپلامغا قاراڭ.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn10Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش