ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » «غۇلجا يولى» رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيىلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رىئاللىقلىرى (2)

«غۇلجا يولى» رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيىلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رىئاللىقلىرى (2)

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

 

 

 

«غۇلجا يولى» رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيىلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رىئاللىقلىرى (2)

   نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

(بۇ رىسالىنى مەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي ھۆرمەتلىك ئىنسانلار- دادام تۇرسۇن بارات ۋە ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىمنىڭ

ئۆچمەس خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن)

 

«غۇلجا يولى»- تراگېدىيەدىن قېچىش يولى

 

ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ19- 20-ئەسىر ۋەقەلىرىگە بېغىشلانغان تارىخى رومانلىرى، جۈملىدىن خەمىت ھەمرايېفنىڭ «غۇلجا يولى» ناملىق تارىخى رومانى ئەمەلىيەتتە، بىردەك ھالدا تىپىك تراگېدىيە ئەسەرلىرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ، شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مەشھۇر بولغان قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببەت تراگېدىيىسى ئەمەس، بەلكى بىر خەلقنىڭ سىياسىي تراگېدىيەسىدىن ئىبارەت ئىدى. مەركىزى ئاسىيا ئوقۇرمەنلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بۇ ئەسەرلەردىن ئۆزلىرىگە بۇرۇندىن تونۇش بولغان « لەيلى-مەجنۇن،»، «پەرھات-شېرىن»، ۋە «تاھىر –زۆھرە» لارنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمى تۈركىي خەلقى ، مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي ، سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا زور ھەسسە قوشقانلىقى دۇنيا شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تەكرار تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق سىياسىي قىسمەتلىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى كۈرەشلىرى ھەم مەزكۇر كۈرەشنىڭ غەلىبە خۇشاللىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاچچىق تراگېدىيە بىلەن تولغانلىقىنى چۈشىنىۋالىدۇ.

 

ئەگەردە، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ھاياتىنى كۈچلۈك رېژىسسورنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تراگېدىيىلىك درامىغا ئوخشىتىش توغرا كەلسە، «غۇلجا يولى» 20-ئەسىر ئۇيغۇر تراگېدىيەسىنىڭ دەسلەپكى پەردىلىرىدىن ئىبارەت دەپ كەسكىن ئېيتىش مۇمكىن. بۇ قىسمەتلەر خۇددى «غۇلجا يولى» دا ئەكس ئەتتۈرۈلگەندەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى.

 

خەمىت ھەمرايېفنىڭ تارىخى رومانى «غۇلجا يولى» ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمەدى ۋە زوردۇن سابىرنىڭ مەشھۇر رومانلىرى «ئويغانغان زېمىن»، « يىللار سىرى» ۋە «ئانا يۇرت» تىكى ئۇيغۇر تراگېدىيىسىنىڭ داۋامى بولماستىن بەلكى، باشلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. خەمىت ھەمرايېفنىڭ مەزكۇر مەشھۇر رومانلارنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، تراگېدىيىنىڭ داۋامىنى ئەمەس بەلكى باشلىنىشىنى تولۇقلاش قارارىغا كەلگەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى، ئاپتور ئۇ چوڭقۇر ئىشەنگەنكى 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ۋە 40-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ تراگېدىيەلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىي تراگېدىيىسى ئۇنىڭ رېژىسسورلىرى- تەرىپىدىن 1918-1921-يىللىرى ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىدى. تراگېدىيەنىڭ بىرىنچى پەردىلىرىنى كۆرسەتمەستىن ، ئۇنىڭ كېيىنكى كۇلمىناتسىيەسىنى كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

 

يازغۇچى، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەقەلىكنى بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ئەۋجى ئالغان، جۈملىدىن 1916-يىلىدىكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەركىزىي ئاسىيا جەدىدچىلىك ھەم مىللىي ئويغىنىش كۈرەشلىرىدىن باشلايدۇ. ئاپتورنىڭ چۈشىنىشىچە، رۇسىيە ئىمپېرىيەسىدىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ، تاتار قاتارلىق كۆپ نوپۇسلۇق تۈركىي خەلقلەر مانجۇلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە كېيىنكى خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق تۈركىي خەلق- ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر جەھەتتىن تەقدىرداشتۇر. ئۇلار ئارىسىدىكى ئېتنو-مەدەنىيەت تۇغقانچىلىقى ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن زىچ باغلىغانىدى. 19-20-ئەسىر تارىخىدا چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بولغان كۈرەشلەردە بىر-بىرى تەرەپكە دائىم كوللېكتىپ ھالدا قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىش يوللىرىنى ئىزدىشى ئالدى بىلەن شۇ قېرىنداشلىقنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ، مانا بۇ قېچىشلاردا، « غۇلجا يولى» دائىم ئۆز ئەھمىيىتىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

 

«غۇلجا يولى»ئاتالغۇسى ئالدى بىلەن رۇسلار تەرىدىن 1870-يىللاردىن ئېتىبارەن رەسمىي تۈردە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ،  بۇ يول  رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرققە ۋە قوقان خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا كېڭىيىش، يەتتىسۇ رايونىنى مەمۇرىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئىدارە قىلىش مەركىزى سۈپىتىدە قۇرۇلغان ۋېرنىي شەھىرىدىن ( ئالمۇتا) باشلىنىدۇ. رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئەنە شۇ شەرققە كېڭىيىش ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىدىن چىقىش قىلىنىپ، ئالدى بىلەن ۋېرنىي ( ئالمۇتا) شەھىرى بىلەن چېلەك يېزىسى ئارىسىدا يول ياسالدى ھەم ئارقىدىن چونجا يېزىسى تۇتاشتۇرۇلدى ۋە ئاخىرىدا بۇ يول ياركەنتكە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۇدۇل غۇلجا شەھىرى بىلەن باغلاندى. ئەنە شۇ چاغلاردا ئالمۇتادىن چېلەك، چونجا ۋە ياركەنتكە بارىدىغان بۇ يول رۇسلاردىن تەرىپىدىن « كۇلژىنسكىي تراكت»(« غۇلجا يولى») دەپ ئاتالغان شۇنىڭدەك 20-ئەسىرنىڭ 30-80-يىللىرى ئارىسىدا بۇ يول ئۈزلۈكسىز ياسالغان، رېمونت قىلىنغان ، كېڭەيتىلگەن ۋە ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر « غۇلجا يولى» ھەتتا 1960-1980-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي رەقىبلىك دەۋرىدە ھەربىي ئىستراتېگىيە خاراكتېرىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، سوۋېت قوشۇنلىرىنىڭ تانكا-برونىۋىكلىرى، ھەربىي ئاپتوموبىللىرى مانا شۇ يول بىلەن غۇلجىغا بېسىپ كىرەلەيتتى. « غۇلجا يولى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن باشلاپ، تاكى ياركەنتكىچە بولغان كەڭ ئۇيغۇر يېزىلىرى جايلاشقان جايلار چېگرا بىخەتەرلىك رايونى ھېسابلىنىپ، رۇخسەتنامىسىز كىرىش مۇمكىن بولمىغان ئىدى.

 

«غۇلجا يولى»نامىدىن ئىلگىرىلا ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان تارىخى يول ئىدى. يىپەك يولىنىڭ يەتتىسۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال ۋە ئوتتۇرا سىبىرىيە رايونلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە ئۇنىڭدىن يىراق شەرقىي رايونلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆگىنى ھېسابلانغان بۇ يول قەدىمكى ، دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە  ياۋرو-ئاسىيا تارىخىدا ئۆتكەن ھونلار، كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قىدانلار ۋە موڭغۇللار، جۇڭغارلارنىڭ  ئۆز ئىمپېرىيەلىرىنى كېڭەيتىش يولىدا داۋاملىق غەربكە ۋە غەربىي شىمالى تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىشتىكى ئۆتكەل بولغان بولسا، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ داۋاملىق شەرققە كېڭىيىش يولى دائىرىسىگە كىرگەن ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن قازاق يايلاقلىرى ۋە يەتتىسۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن رۇس ئىمپېرىيەسى مانجۇلارنىڭ قولىدىكى ئىلى ۋادىسى ۋە پۈتۈن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە  شەرقىدىكى زېمىنلارنى داۋاملىق ئىگىلەش ئۈچۈن، مانجۇلارنىڭ ئەڭ غەربىي چېگرالىرىدىكى ئالدىنقى سېپى، يەنى ئۇنىڭ ھەربىي-سىياسىي ھۆكۈمرانلىق مەركىزى جايلاشان غۇلجا يولىنى بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. رۇس ھەربىي ئىستراتېگىيەچىلىرى ئۈچۈن « غۇلجا يولى» ئىشغالىيەت يولى، رۇس سودىگەرلىرى ئۈچۈن بولسا بېيىش، ئۆز ماللىرىنى سېتىپ پۇل تېپىش يولى ئىدى.

 

1851-يىلىدىكى «غۇلجا شەرتنامىسى»نىڭ ئىمزالىنىشى نەتىجىسىدە، « غۇلجا يولى» رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلغان سىياسىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يولى سۈپىتىدە يېڭىچە شەكىلدە ئاساس سېلىندى.  رۇسلار بىلەن مانجۇلار ئارىسىدا ئىمزالانغان تۇنجى شەرتنامىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر « غۇلجا شەرتنامىسى» ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ مەركىزى ئاسىيا رايونىدىكى رىقابىتىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە رۇسىيە خىتاينىڭ ئىشىكىنى ئېچىنىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، رۇسلار مەزكۇر شەرتنامە ئارقىلىق مانجۇ ئىمپېرىيەسى كونتروللۇقىدىكى ئىلى، چۆچەك ۋە باشقا رايونلاردا ئەركىن باج تۆلىمەي سودا قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولغان ئىدى[1]. 1851-يىلىدىكى مەزكۇر «غۇلجا شەرتنامىسى» رۇسلارنىڭ داۋاملىق پۈتۈن ھازىرقى قازاقىستان تۇپراقلىرى، يەنى، يەتتىسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا قول ئۇزارتىشى ئۈچۈن ئاساس بولغان ئىدى[2]. رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئىشغالىيەت پىلانلىغۇچىسى، رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە ھەتتا قۇمۇلغىچە بولغان رايونلارنى ئىشغال قىلىش تەرەپدارى گېنېرال لېيىنانت ئىۋان فيودوروۋىچ بابكوۋ( 1827-1905) مەزكۇر شەرتنامىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: « غۇلجا شەرتنامىسى سودا جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ گورچاكوۋ تەرىپىدىن باشلىتىلغان ئوتتۇرا ئاسىياغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ھۇجۇم قىلىپ كىرىش تەشەببۇسلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ» [3]دېگەن ئىدى. ھەقىقەتەن، شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار قوقان خانلىقىغا قارشى ئۇرۇش باشلاپ، تاكى 1876-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاخىرى قوقان خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەپ، خالىسانە بىۋاسىتە قەشقەرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىگىلەش ۋەزىيىتى ياراتقان ئىدى.

 

ئومۇمەن، ئەنە شۇ «غۇلجا شەرتنامىسى»بىلەن باشلانغان سودا مۇنسىۋەتلىرىگە ئەگىشىپ، رۇسلارنىڭ لۇغىتىگە قەدەممۇ-قەدەم « غۇلجا يولى» ئاتالغۇسىنى كىرگۈزدى شۇنىڭدىن كېيىن رۇس سودىگەرلىرى ۋە رۇس ھەربىي جاسۇسلىرىنىڭ قەدەملىرى ،« غۇلجا يولى» ئارقىلىق ئىلى ۋادىسى ۋە باشقا كەڭ  جايلارغا يېتىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.  «غۇلجا يولى» 1871-يىلى 6-ئايدا كىچىككىنە ۋە ئاجىز ئۇيغۇر ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن قۇدرەتلىك ۋە بىپايان رۇسىيە ئىمپېرىيەسى قوشۇنلىرى ئارىسىدا بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق ئۇرۇش يۈز بەرگەن يول بولۇپ، رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرققە كېڭىيىش قوماندانلىرىدىن بىرى، پۈتۈن يەتتىسۇ قاتارلىق يايلاق ۋادىلىرىنى بويسۇندۇرغۇچى قوماندان، گېنېرال گېراسىم كولپاكوۋسكىينىڭ)1819-1896) ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىپ، غۇلجانى ئىشغال قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى مانا شۇ « غۇلجا يولى» دا ئېلىپ بارغان، ئىككى مىڭغا يېقىن  رۇس مۇنتىزىم ئاتلىق، پىيادە ۋە توپچى ئەسكەرلىرى ۋە كازاك ئاتلىق روتىلىرى ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى قورال-ياراقلىرى ۋە يۇقىرى ھەربىي مەشىق كۆرگەن مۇنتىزىم ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ، مانا شۇ غۇلجا يولىدا داۋاملىق غەربكە ئىلگىرىلەپ، كەتمەن، قورغاس، سۈيدۈڭ، چىڭسىخوزا قاتارلىق جايلاردا ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان، ھېچ بىر مۇنتىزىملىقى يوق ، ئەمما ئۆزىنى پىدا قىلىش ۋە قورقماسلىق روھىغا تايانغان قوشۇنلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرىنى تارمار قىلىپ، تەخمىنەن بىر ئايغا يېقىن ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە شىددەتلىك جەڭلەردىن كېيىن، ئەلاخان سۇلتاننىڭ خەلقنىڭ بىھۇدە قىرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شەھەرنى ئۇرۇشسىز تاپشۇرۇشى نەتىجىسىدە، 1871-يىلى،22-ئىيۇن كۈنى،  غۇلجا شەھىرىنى ئىگىلىدى[4] ۋە كولپاكوۋسكىي 17-ئىيۇل كۈنى ئەلاخان سۇلتاننى ئەسىر سۈپىتىدە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇردى[5].

 

ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ سانسىزلىغان قۇربانلىرى بەدىلىگە 6 يىل مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ زېمىننى رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە 10 يىل ئىدارە قىلدى. ئاخىرىدا بولسا مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيەسىنى 1881-يىلى «پېتېربۇرگ شەرتنامىسى»غا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۇلارنى زور مىقداردا تۆلە تۆلىتىش ۋە سودا-ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولۇش بەدىلىگە بۇ رايونى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. دېمەك، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مانا بۇ «غۇلجا يولى»1881-1883-يىللىرى رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ئىلىنى مانجۇلارغا قايتۇرۇپ بەرگەندە 100 مىڭدىن ئارتۇق[6] ئۇيغۇر، تۇڭگان ، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ قايتا ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ ياشاشنى خالىماي ئۆز ئۆي ماكانلىرى، يايلاقلىرى، مال-مۈلۈكلىرىنى تاشلاپ، مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن چار رۇسىيە ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىقىنى تاللاش سەپەر يولى بولغان ئىدى.

 

خەمىت ھەمرايېفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى«غۇلجا يولى »نىڭ يەنە بىر تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنى يەنە شۇنداق بايان قىلىش مۇمكىنكى، گەرچە ئاپتور بۇنى تولۇق تەسۋىرلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تارىخ ساھەسىگە ئاشكارىكى، ئەنە شۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ 1916-يىلىدىكى ئازادلىق كۈرىشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى نەتىجىسىدە ئۆزلىرى دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان تراگېدىيىلەردىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلغان رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى زور ساندىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ئەنە شۇ «غۇلجا يولى» سەپىرىگە ئاتلانغان ئىدى . بۇ يول زور ساندىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە باشقىلار قوشنا ئىلى، جۇڭغارىيە ۋە تارىم ۋادىلىرىغا كوللېكتىپ قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىشى بىلەن باغلانغان بولسا، 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن تاكى 1920-يىللار ئارىلىقىدا «غۇلجا يولى» يەنە زور ساندىكى بولشېۋىكلار تۈزۈمىگە قارشى، مىللىي ئازادلىق ئىدىيىسىگە ئىگە ۋە ياكى ئىچكى ئۇرۇشتىن بىزار بولغان ھەم بولشېۋىكلەرنىڭ جازالىشى ۋە بايلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان تۈركىي ئاھالىلەر، ھەتتا زور ساندىكى بولشېۋىكلەر تۈزۈمىگە قارشى سلاۋيانلاردىن تەشكىل تاپقان ئاق گۋاردىيەچىلەر قوشۇنى ۋە مۇساپىر ئاھالىلەرنىڭ پاناھلىنىش يولى بولغان ئىدى. غۇلجا يولى يەنە داۋاملىق 1929-1933-يىللىرىدىكى قازاقىستان قاتارلىق سوۋېت زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن كۇلاق-بايلارغا زەربە بېرىش، كوللېكتىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاچارچىلىق تراگېدىيەسىگە ئۇچرىغان مىڭلىغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، رۇس ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا قېچىپ كېلىپ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولى، 1954-1962—يىللىرى ئارىسىدا جۇڭگودا ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزگەن تۈرلۈك سىياسىي كۈرەشلەر، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە «كوممۇنالاشتۇرۇش»، « ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش»،« يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش» ۋە باشقا ھەرىكەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى ،سىياسىي بېسىم ھەم باشقا ئايىغى ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەردىن بىزار بولغان نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلى، چۆچەك ۋە باشقا جايلاردىن سوۋېت دۆلىتىگە كېتىش، ھەتتا كوللېكتىپ قېچىش يولى بولغان ئىدى. مەزكۇر يول سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ۋە مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مەيدانغا كەلگەن 1990-1994-يىللىرى ئارىسىدا ئىككى تەرەپتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ مال توشۇپ سودا قىلىپ، بېيىش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئۆز ئەتراپىدىكى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش، يىراق ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىگە سەپەر قىلىش يولى بولغان ئىدى.

 

ئەلۋەتتە، خەمىت ھەمرايېفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بۇ «غۇلجا يولى» 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا پېتېربۇرگدىن كۆتۈرۈلگەن قىزىل كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش، تەقىبلەش ۋە ئاچارچىلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇش يولىدىن ئىبارەت ئىدى. ئاپتورنىڭ رومانىنى «غۇلجا يولى» دەپ ئاتىشى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەدىن قۇتۇلۇشىنى نەزەرگە ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بىر قاتار كەڭ دائىرىلەردىن چىقىش قىلىنغان ئىدى.

 

 «غۇلجا يولى»دا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخى رېئاللىقلار تەسۋىرى

 

1917-يىلى،7-نويابىر كۈنى، يەنى كونا رۇس كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى پېتېرگبۇردا يۈز بەرگەن «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان سىياسىي ئۆزگىرىش بولشېۋىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن دۇنيا ئىككى سىياسىي لاگېرغا، يەنى كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزم لاگېرىغا ئايرىلىش سەھىپىسى ئېچىلدى. لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش بىلەن تەڭ كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى دۇنياغا، بولۇپمۇ شەرقتىكى ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىغا تارقىتىپ ۋە كېڭەيتىپ « ئىمپېرىئالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش » لوزۇنكىسى ئاتىدا شۇنىڭدەك بۇ كوممۇنىزم ئىدىيەسىگە ئاساسلانغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىپ، ئۇلارنى بېرىتانىيە ۋە باشقا ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى تەسىرلىرىنى ئاجىزلىتىشقا تىرىشتى.

 

كوممۇنىزم ئىدىيىسى بولسا رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان رايونلىرىغىمۇ يېتىپ كېلىپ، بۇ رايونلاردا ياشايدىغان رۇسلار ۋە باشقىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ قەدەممۇ-قەدەم يىلتىز تارتقۇزۇلۇپ، 1918-1920-يىللىرى ئارىسىدا قەدەممۇ-قەدەم يەرلىك كوممۇنىستلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇلار ھەتتا « مۇسۇلمان كوممۇنىستلىرى» دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، پېتېربۇرگدا سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا مۇستەقىللىق ئىدىيەلىرىمۇ، جەددىچىلىك ھەرىكەتلىرىمۇ ئەۋجى ئالغان بولسىمۇ، بىراق تاشكەنتنى مەركەز قىلغان سابىق رۇسىيە تۈركىستان ئۆلكىسى تەۋەسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تېزدىن تىكلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى . تاشكەنتتىكى رۇس كوممۇنىستلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش بىلەن يەرلىك خەلقلەرنى سىرتقا قالدۇردى. مەسىلەن، تاشكەنتتە تەسىس قىلىنغان سوۋېت ھاكىمىيىتى كۈچلۈك رۇس مىللەتچىلىكىگە تايانغان بولۇپ، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ 14 ئەزاسى ئىچىدە بىرمۇ يەرلىك مىللەت ۋەكىلى بولمىغان ئىدى[7]. شۇنىڭدەك بۇ ھۆكۈمەت باشلىقى فېيودور كولېسوۋ ئاشكارا ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھۆكۈمەتتىن ئورۇن ئېلىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىدى[8]. ئۇزۇن ئۆتمەي، مۇستافا چوقاي باشچىلىقىدا قوقان شەھىرىدە يەرلىك تۈركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، تاشكەنتتىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن 1918-يىلى، مارت ئېيىدا تاشكەنتتىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى موسكۋادىن ئەۋەتىلگەن قىزىل ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن قوقان شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، قىرغىنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق سېلىش ئارقىلىق تۈركىستان مۇختارىيىتىنى تامار قىلدى[9]. ئارقىدىنلا 1918-يىلى 30-ئاپرېل كۈنى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ، رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ يادرولۇقىدىكى تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىندى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ تۈركىستان مۇختارىيىتىنى يوقىتىشى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار قاتتىق قارشىلىقلارغا ، يەنى پەرغانە ۋادىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىغا دۇچ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەمما، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، موسكۋادىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، 1918-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1919-يىلىدىن باشلاپ، تاشكەنتتىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورگانلىرىغا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىمۇ قاتناشتۇرۇش ۋە يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش سىياسىتى بەلگىلىنىش نەتىجىسىدە، قەدەممۇ-قەدەم يەرلىك خەلقلەردىن كوممۇنىستلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇخارا ، خىۋە ، تاشكەنت، ۋېرنىي (ئالمۇتا) پەرغانە ۋادىلىرى ۋە يەتتىسۇ رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كومپارتىيە گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما بولشېۋىكلارغا بولغان قارشىلىق پۈتۈن رۇسىيە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، كاسپى دېڭىزى ئەتراپى، يەتتىسۇ، سىبىرىيە، يىراق شەرق مىقياسىدا ئەۋجى ئالغان بولۇپ، 1981-1921-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۈچ يىلغا سوزۇلغان شىددەتلىك گراجدانلار ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئاخىرى سوۋېتلار غالىپ چىقىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى،جۈملىدىن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتىسۇ رايونىدىمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەندى. بۇ رايونلاردىكى بولشېۋىكلارغا قارشى رۇسلارنىڭ ئاقلار ھەرىكىتى، مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي ئىستىقلالىيەت ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا قارشىلىقلارنىڭ ھەممىسى باستۇرۇلدى.

 

يازغۇچى خەمىت ھەمرايېف  رومانىنىڭ بىرىنچى تومىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا يەنە 1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، پېتېربۇرگدا سوۋېت بولشېۋىكلار ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا مۇستەقىللىق ئىدىيەلىرىنىڭ ئەۋجى ئالغانلىقى ھەم بۇ خىل ئىدىيە ئۈچۈن مەلۇم ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملاشقانلىقى، رۇسىيەدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يەتتىسۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىغىمۇ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ.

 

ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا مۇستاپا چوقاي باشچىلىقىدا 60 كۈن مەۋجۇت بولغان تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ 1918-يىلىنىڭ فېۋرال ئېيىدا تاشكەنتتىكى سوۋېت قىزىل ھاكىمىيىتى ۋە قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقى، ھەتتا تاشكەنتتە بولشېۋىكلارغا قارشى كۈچلەردىن گېنېرال كونستانتىن ئوسىپوۋنىڭ قوزغىلىڭىنىڭ باستۇرۇلۇشى ھەم كازاكلارنىڭ بولشېۋىكلارغا قارشى باشقا ئەھۋاللىرىنىمۇ بايان قىلىدۇ.

 

  « ئاتۇ پاجىئەسى» -كوممۇنىستلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىقى

 

خەمىت ھەمرايېفنىڭ تارىخى رومانىدىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزىي نۇقتىلارنىڭ بىرى يەتتىسۇدىكى بولشېۋىكلارغا قارشى كۈرەشتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولغانلىقى، تاشكەنتتىكى تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بۇنىڭ ئۈچۈن يېگور مۇرايېۋ قوماندانلىقىدىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن ئىبارەت قانلىق « ئېتنىك تازىلاش» ۋەقەسىدۇر.

 

بۇ، يېقىنقى 20 يىللار ئىچىدە ئۇيغۇر تارىخچىلىرى تەرىپىدىن «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ ئاتالغان مەشھۇر قانلىق ۋەقە بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، سوۋېت ھۆكۈمەت تارىخ ساھەسى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ۋە سادىر قىلغۇچىلىرىنى كۆرسەتمەستىن، ئۇنى ئاق گۋاردىيەچىلەرگە دۆڭگەپ، ئاق گۋاردىيەچىلەرنىڭ يەتتىسۇ ۋە باشقا جايلاردا ئەمگەكچى خەلققە قارشى ئېلىپ بارغان «جىنايەتلىرى» سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. قىسقىسى، بۇ ۋەقەنىڭ ماھىيىتى خەلقتىن 70 يىل سىر تۇتۇلغان ئىدى. ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بولشېۋىكلار پارتىيەسى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1918-يىلى ماي-ئىيۇن ئايلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك ئاممىۋى « قىرغىنچىلىقى»، 1918-يىلى، 3-ئايدا، مۇستاپا چوقاي قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدە قوقاننى مەركەز قىلغان مۇستەقىل «تۈركىستان مۇختارىيىتى» يوقىتىش جەريانىدا قوقاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلار ۋە 1920-يىلى، بۇخارا ئەمىرلىكىنى يوقىتىش جەريانىدا، بۇخارادا سادىر قىلغان دەھشەتلىك بۇزغۇنچىلىق، بۇلاڭ-تالان ۋە قىرغىنچىلىقلىرى تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلغىچە سىر تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسىچە « باسمىچىلار» ۋە « ئاقلارنىڭ» «قىرغىنچىلىقلىرى» كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان ئىدى.

 

گەرچە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن « ئاتۇ قىرغىنچىلىقى» 1970-يىللاردىكى سوۋېت تارىخى تەشۋىقاتچىلىقىنىڭ « نادىر» ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان، ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا «مەنسۇر ئەپەندى »نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلگەن، 1944-1946-يىللىرى ئارىسىدا « ئابدۇللا رامىزانوف» نامىدا چۆچەك رايونىدا ھەرىكەت قىلدۇرۇلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى سۈپىتىدە تاكى 1946-يىلى، 6-ئايغىچە خىزمەت قىلىپ، ۋەتىنىگە قايتقان، 1946-1950-يىللىرى « ۋەتەن ئوغلى» نامى بىلەن ئالماتادا مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئۇيغۇرچە « قازاق ئېلى» ژۇرنىلىدا خىزمەت قىلغان  مەشھۇر روزىيېفنىڭ «يېڭىلىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى» ناملىق كىتابىدا ئازراق بايان قىلىنغان بولسىمۇ ، بىراق بۇ كىتابتا مەزكۇر تراگېدىيەنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلىرىنىڭ كوممۇنىستلار ئىكەنلىكى يوشۇرۇلۇپ، « قىزىل ئارمىيە سېپىگە كىرىۋالغان يات ئۇنسۇرلار»، « قىزىل ئارمىيە قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئەكسىيەتچىل بايلار قالدۇقلىرى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىنى بۇزۇش ئۈچۈن » سادىر قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن[10].

 

ھەتتا بۇ ۋەقەدىن تولۇق خەۋەردار ھەم بۇ ھەقتە كۆپ ماتېرىيال توپلىغان تارىخشۇناس مالىك كەبىروفمۇ ئۆزىنىڭ « سوۋېت قازاقىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئوچېركلىرى» ناملىق ئىلمى ئەسىرىدە ئوخشاشلا مەزكۇر ۋەقەنىڭ « مۇرايېۋنىڭ قىزىل ئارمىيە ئەترىتى تەركىبىگە كىرىۋالغان يات ئۇنسۇرلار»نىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان ئىدى[11].

ھەتتا يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان، دەسلەپكى سوۋېت ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن بىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شۇنىڭدەك مەزكۇر قىرغىنچىلىقتىن خەۋەردار شەخس ئابدۇللا روزىباقىيېفمۇ 1920-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن غۇلجىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، 1920-يىللاردا مەزكۇر ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە قېچىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇلۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف بۇ كومىسسىيە تەركىبىگە كىرگەن ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ 1926-يىلى ئېلان قىلغان غۇلجىغا قېچىپ كەتكەن ئاھالىلەرنىڭ قايتىپ كېلىش مەسىلىسىگە ئائىت ماقالىسىدە 1920-يىلىدىن باشلاپ، 15 مىڭ ئادەمنىڭ غۇلجىدىن قايتىپ كېلىشكە باشلىغانلىقى ،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 1922-1925-يىللىرى ئارىسىدا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكى، يەنە ئون مىڭ ئادەمنىڭ تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بىراق، ئابدۇللا روزىباقىيېفمۇ ئۇلارنىڭ قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىلنىڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتماستىن ،ئۇلارنىڭ پەقەت « ئۆلۈشتىن قورقۇپ، خىتايغا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقى»نىلا ئەسكەرتىدۇ[12].

 

بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېغزى 1920-1990-يىللارغىچە بولغان پۈتۈن سوۋېت دەۋرىدە مەھكەم تۇۋاقلانغان بولۇپ، مەشھۇر روزىيېفمۇ دەل ئەنە شۇ ئېغزى تۇۋاقلانغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئىدى . مەشھۇر روزىيېف ئەمەلىيەتتە ئاتۇ پاجىئەسى يۈز بەرگەندە 18 ياشلاردىكى يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى چوڭ بولغان يەتتىسۇدا يۈز بەرگەن بۇ قىرغىنچىلىقنى كىملەرنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇ بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەرگە باھا بېرىلگەندە، «ئاتۇ پاجىئەسى»نىڭ ئاقلار ئەمەس، بەلكى قىزىل گۋاردىيەچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . « ئاتۇ» پاجىئەسى ھەققىدە رۇس تىلىدا بىر قەدەر تەپسىلىي ماقالە ئېلان قىلغان تونۇلغان يازغۇچىسى ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئۆز ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا  بۇ ھەقتە توختىلىپ : « روشەنكى، 1918-يىلى ماي-ئىيۇن ئېيىدا يەتتىسۇدا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق تراگېدىيە ھەققىدە ئىلگىرى كۆپچىلىك ئاڭلىغان، بىراق مەزكۇر قانلىق درامىنىڭ ئەسلى ھەقىقىتىنى پەقەت قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئىگە بولغاندىن كېيىنلا بىلدۇق، بۇ تراگېدىيەنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى خاتىرىلەنگەن ئارخىپلار ئېچىلدى »[13] دەپ يازىدۇ.

 

ھەقىقەتەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىن كېيىنلا 70 يىل سىر ساقلانغان بۇ ھەقىقەت ئالدى بىلەن بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن مەتبۇئات يۈزىگە ئېلىپ چىقىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كافېدراسىنىڭ پروفېسسورى مەخمۇت ئابدۇراخمانوف[14] شۇنىڭدەك يەنە ر.ئىسمايىلوف[15]، ك.ھاسامىدىنوف[16]، ت.ئىسمايىلوف[17] ۋە باشقىلار بىرىنچىلاردىن بولۇپ، « ئاتۇ » قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان، قىلىپ، ۋەقەدىن خەۋەرسىز كىشىلەرنى خەۋەرلەندۈردى.

 

مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە يەنە تونۇلغان شائىر ۋە ژۇرنالىست مالىك سادىروف،مۇتەخەسسىسلەردىن كوممۇنار تالىپوف،  ئابلەت كامالوف، ئىسمايىلجان ئىمىنوف ۋە باشقىلار مەزكۇر تراگېدىيەنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىنى ئەڭ تەپسىلىي رەۋىشتە تارىخى-پۇبلىستىكىلىق ئۇسۇلدا يورۇتتى. بولۇپمۇ مالىك سادىروفنىڭ « ئۇيغۇر قىسمىتى ياكى “ ئاتۇ “ پاجىئەسى ھەققىدە ھەقىقەت» ناملىق  ئەمگىكى مول تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا تايىنىلغان تۇنجى مەخسۇس كىتاب ھېسابلىنىدۇ[18].

 

تونۇلغان يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوف بولسا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە رۇس تىلىدا ئۆزىنىڭ < <“ ئاتۇ“ ياكى يەتتىسۇدىكى قىزىل تېررور ھەققىدىكى ھەقىقەت»[19]ماۋزۇلۇق چوڭ ھەجىملىك پۇتلىستىكىلىق ماقالىسىنى قازاقىستاندا رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان « تەپەككۇر» جۇرنىلىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خەۋەرسىز قالغان رۇسلار، قازاقلار ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مەزكۇر « قىزىل تېررورلۇق»نىڭ بالايى ئاپەتلىرىنى چۈشىنىۋېلىشىغا زور پايدىسى بولدى. چۈنكى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر « ئېتنىك تازىلاش»تىن ھەممە مىللەت كىشىلىرى بىخەۋەر قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى « ئاتۇ» پاجىئەسى مەسىلىسى كۆپىنچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، رۇس ۋە قازاق تىلىدا بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇماتلار خاتىرلەنسىمۇ، بىراق بىر قەدەر كەڭ ۋە تەپسىلى يورۇتىلمىغانلىقى ئۈچۈن رۇس تىللىق باشقا مىللەت ئوقۇرمەنلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كەڭ خەۋەر تېپىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىدى.

 

خەمىت ھەمرايېف «ئاتۇ پاجىئەسى» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك سەھىپە سۈپىتىدە «غۇلجا يولى» رومانىنىڭ بىرىنچى تومىدىكى تىپىك ۋەقەلەر سۈپىتىدە تارىخىي ھۆججەتلىك ئاساس بىلەن بەدىئىي تەسۋىرنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا بىر قەدەر تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە جەريانلىرىنى تارىخى ھۆججەتلەر ھەم ئۆزى توپلىغان ۋە ئىگىلىگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا بەدىئىي يول بىلەن يورىتىدۇ. بۇ ھەقم « ئاتۇ » پاجىئەسى ھەققىدە رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەرگە كەڭ ئۇچۇر بېرىش قىممىتىگە ئىگىدۇر.

 

خەمىت ھەمرايېفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «ئاتۇ قىرغىنچىلىقى»نىڭ تارىخىي ھۆججەتلىك تەسۋىرى شۇكى، 1918-يىلى ماي ئېيىدا ئەسلى چار پادىشاھ ئوفىتسېرى، ئەمما كېيىن قىزىللار تەرەپكە ئۆتكەن، قىزىل ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكى يېگور مۇرايېۋنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر پولك قىزىل ئارمىيە قوشۇنى رۇس كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى مەركىزى تاشكەنت يۆنىلىشىدىن كېلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېرني دەپ ئاتالغان ئالمۇتا شەھىرى يېنىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئاۋاتتىن باشلاپ، تاكى ياركەنتكىچە بولغان ئاۋات، لاۋار، مالىباي، چىلەك، بايسېيىت، قورام، تاشتىقارا، ئاقسۇ ۋە باشقا 20 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان[20]. قىزىل ئەسكەرلەرنىڭ ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، كۆپىنچە ھالدا 20مىڭدىن 25 مىڭغىچە، ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خاتىرلىنىدۇ[21]. بۇ ئەمەلىيەتتە ئېتنىك قىرغىنچىلىق تۈسى ئالغان بولۇپ، مەركىزى ئاسىيا تارىخىدا سوۋېتلەرنىڭ قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مۇنداق بىر مىللەتنى ، تۇرۇۋاتقان يېزا-قىشلاقلىرىنى بويلاپ، مەخسۇس تۈردە كوللېكتىپ قىرغىن قىلىش ۋەقەسى بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان بولسا كېرەك. «ئاتۇ پاجىئەسى» ئەمەلىيەتتە قىزىللار بىلەن ئاقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتىسۇدىكى توقۇنۇشلىرىدىكى ئۆزئارا قىرغىنچىلىق ئۇرۇشلىرىدىن پەرقلىق خاراكتېرىگە ئىگىدۇر.

 

خەمىت ھەمرايېف ئەنە شۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلاردا قاتتىق قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، زور ساندا ئاھالىنىڭ غۇلجا تەرەپكە قېچىپ ئۆتكەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ، ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ 1881-1883-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ۋادىسىدىن رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى يەتتىسۇغا كوللېكتىپ كۆچۈشىدىن كېيىن، تەخمىنەن 36 يىل ئۆتۈپ ئىككىنچى قېتىم ئەنە شۇ «غۇلجا يولى»غا ئاتلىنىپ، رۇس ئارمىيىسىنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا داۋاملىق قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز تارىخى ئانا ۋەتىنىگە كوللېكتىپ يوسۇندا قايتىپ كېلىشى ئىدى. بۇ قېتىمقىسىمۇ خۇددى ئىلگىرىدىكىگە ئوخشاشلا تراگېدىيەدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

 

پەرقلىق تەرىپى شۇكى، 1881-1883-يىللىرىدىكى كۆچۈش ئىلى دىيارى رۇسىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن مانجۇلارغا قايتۇرۇلغاندا مانجۇ-خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 1864-1867-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە تارتقان زىيانلىرىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىپ ، بالايى-ئاپەتلەرگە يولۇقتۇرۇشىدىن قورققان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەسىگە ئۆتۈشى ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتاي تارىخچىلىرى بولسا، بۇ ۋەقەنىڭ « چار رۇسىيەنىڭ جۇڭگو زېمىنىنى بېسىۋېلىش» ۋە « ئاھالىلارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈپ كېتىشى» دەپ تەبىر بېرىدۇ[22]. ئەمما، ئۇيغۇر ۋە رۇس تارىخى مەنبەلىرى بولسا، بۇ كۆچۈشنى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ « ئۆچ ئېلىنىشتىن ئەندىشە قىلىپ، رۇسىيە تەۋەلىكىگە كۆچۈشى »، « مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچۈشنى تەلەپ قىلغان »،« بۇ ئاھالىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى بويىچە كۆچۈشى» دېگەندەك مەزمۇنلاردا تەسۋىرلىگەن ئىدى[23].

 

خەمىت ھەمرايېفنىڭ تارىخ رومانىدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي تارىخىي ۋەقەلەر، شەخسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقىقىي شەخسلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەردە 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن رۇسىيە ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي-سىياسىي شەخسلىرى، كازاك ئاتامانلىرى ھەمدە يەتتىسۇدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ قىياپەتلىرى ئوقۇرمەنلەر كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىلمىي ئەسەرلەردە بۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى قەيت قىلىنغان بولسا، مەزكۇر ئەسەردە ئاپتور ئۇلارنىڭ قىياپىتى، روھى دۇنياسى، پىكىر قاراشلىرى ۋە باشقىلارنى بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا غۇلجا يولىدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇرغان قىزىل ئارمىيە پولكوۋنىكى مۇرايېۋ، يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى بولشېۋىكلارغا قارشى ھەم مىللەتچىلىك پىكىرلىرىگە ئىگە زاتلاردىن«تارانچى كومىتېتى»نىڭ رەھبىرى ھۈسەيىنبەك يۇنۇسوف، يەتتىسۇدا بولشېۋىكلارغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان ئاق كوماندىرلاردىن پاپلاۋسكىي ، قورام يېزىسىدا تۇرۇشلۇق يەتتىسۇغا داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىماسى ساۋۇتاخۇن، قىزىللارغا قارشى ئاكتىپلاردىن جامالىدىن بۇشىرىيېف ، يەتتىسۇدىكى بولشېۋىكلاردىن پاۋېل ۋىنوگرادوۋ، ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا روزىباقىيېف ۋە باشقا ئونلىغان شەخسلەرنىڭ ئوبرازى ،يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ،مىجەز خۇلقلىرى ۋە ئىدىيىۋى پىكىرلىرى ئوقۇرمەنلەر كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ.  بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سابىق سوۋېت دەۋرىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يەتتىسۇدا ئورنىتىلىش تارىخى ئەسەرلىرىدە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، سوۋېت مائارىپىدا ئۆسكەن قازاقىستانلىقلارغا تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى. خەمىت ھەمرايېف بۇ شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى، ئىچكى دۇنياسىنى، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى سوۋېت دەۋرى بىلەن ئۇ يىقىلغاندىن كېيىنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى 21-ئەسىرگە خاس يېڭى سىياسىي تەپەككۇرنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەسۋىرلەيدۇ. چۈنكى، سوۋېت دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا بولشېۋىزم ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ، قەھرىمانلىق تاجى ئاتا قىلىنغان ئوبرازلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى بۈگۈنكى دەۋرنىڭ سەلبىي شەخسلىرى ، ھەتتا جاللاتلىرى، سوۋېت دەۋرىدە دۈشمەن قالپىقى كىيدۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپى بۈگۈنكى دەۋرنىڭ قەھرىمانلىرى، ھەتتا مىللىي قەھرىمانلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ئاپتور بۇ پەرقلەرگە يازغۇچىلىق ئىقتىدارى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تارىخچىلىق نەزىرىدىن ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىدى.

 

ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا 1918-يىلى، ماي –ئىيۇن ئېيىدىكى «ئاتۇ پاجىئەسى» نەتىجىسىدە زور ساندىكى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىلى تەرەپكە قېچىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى خالىمىغان ۋە مىللىي ئىدېئولوگىيەگە ئىگە بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاڭلىق كىشىلىرىنىڭمۇ بارلىقى، ئەمما سوۋېت ھاكىمىيىتىگە تايىنىش پىكرىدىكى كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپىنىڭ بولسا سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا ھەر تەرەپلەردىن گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ.

 

كىتابتىكى ئىككى قەھرىمان، يەنى ئەركىن بىلەن ئازاتنىڭ ھاياتىغا ئەنە شۇ «ئاتۇ پاجىئەسى»گە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاقلار بىلەن قىزىللار ئارىسىدىكى كۈرەش تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئازات يەتتىسۇ ۋە پەرغانە ۋادىلىرىدىكى بولشېۋىكلارغا ۋە ئۇنىڭ قىزىل ئارمىيەسىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئاكتىپ جەڭچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇ قولىغا قورال ئېلىپ، قىزىللارغا قارشى جەڭ قىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا تارمار بولغاندىن كېيىن غۇلجا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەمما ئەركىن بولسا ئالمۇتىدا قالغان بولۇپ، ئۇ ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ يېقىن كىشىسى سۈپىتىدە سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۆز ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئەركىن ۋە ئازات ئۇيغۇرلاردىكى ئەنە شۇ خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ سىمۋوللىرى ئىدى.

 

ئومۇمەن، بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1918-يىلى فېۋرالدىن ئېتىبارەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش ۋە مۇستەھكەملەش جەريانىدا پەرغانە ۋادىسىدا قوقان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنى يوقىتىش جەريانىدىكى قىرغىنچىلىقى، يەتتىسۇ رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان« ئاتۇ» قىرغىنچىلىقى، پەرغانە ۋادىسى، تۈركمەنىستان ۋە كاسپى –ئارال كۆلى ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى تۈركىي ئاھالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە بولشېۋىكلارغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدەك بولشېۋىكلارغا قارشى ئاق گۋاردىيەچىلەر ۋە كازاك رۇسلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بولشېۋىكلارغا قارشى پۈتۈن رۇسىيە خاراكتېرلىق ھەرىكەتلەرنىڭ، جۈملىدىن گراژدانلار ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇزۇن مەزگىللىك كوممۇنىستلارغا قارشىلىق ۋە نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم ئامىللارغا ئايلانغان ئىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،1917-1921-يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش، 1928-1933-يىللىرى ئارىسىدىكى باي-كۇلاقلارغا زەربە بېرىش، كوپېراتسىيەلەشتۈرۈش،1937-1938-يىللىرىدىكى « خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش»، 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جەرياندا، ئۇرۇش، باستۇرۇش، كېسەللىك، ئاچارچىلىق، سىياسىي تەقىبلەش قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مىليونلىغان ئىنسانلار ھاياتىدىن ئايرىلدى ، خانىۋەيران بولدى، تۈرمىلەرگە سولاندى، ئەمگەك لاگېرلىرىغا ھەيدەلدى، ئاممىۋى سۈرگۈن قىلىندى ۋە چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشى ۋە ئۇنىڭ كېڭىيىشى ھەم كۈچىيىش كۈرىشى ئاساسىي سەۋەب- ئامىلى سۈپىتىدە تۇرغان ئىدى.ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان « ئاتۇ »تراگېدىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «دۈشمەن» كۆرۈلۇپ، ئاممىۋى ۋە ئېتنىك قىرغىن قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان تۇنجى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ۋەقەگىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئاقلار بىلەن قىزىللار، قىزىللارنىڭ مۇستەقىلچىلەرگە ، يەنى ئاتالمىش « باسمىچىلارغا» قارشى ئۇرۇشلىرى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما قىزىل ئارمىيەنىڭ پۈتۈن بىر مىللەت ئاھالىسىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى ئالمۇتادىن باشلاپ، تاكى ياركەنت –يەنى ئىلى چېگراسىغىچە بولغان 300 كىلومېتىردىن ئارتۇق كەڭ لىنىيە بويىچە يېزىمۇ-يېزا ، ئۆيمۇ-ئۆي بېسىپ كىرىپ، ئادەملەرنى قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا دېمەي بىر يەرگە توپلاپ پىلىموتلارغا تۇتۇپ قىرغىن قىلىش، ۋە قىز-ئاياللارگا باسقۇنچىلىق قىلىشتەك[24] جىنايىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. ئەمما باشقا خىل شەكىلدىكى باستۇرۇشلار بولغانلىقى روشەن. بەلكى ، شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك سوۋېت كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆز تارىخىدىكى بۇ دەھشەتلىك ئېتنىك قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى، يەنى « سىر»نى تاكى ئۆزى يىقىلغىچە يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.لېكىن، ھەقىقەت ئاخىرى بەرىبىر پاش بولدى.روشەنكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە نۇرغۇن سىرلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇنداق سىرلار ئۆز نۆۋىتىدە داۋاملىق ئېچىلماقتا ھەم ھامان تولۇق ئېچىلىشىدا شۈبھە يوق، بۇنىڭغا پەقەت ۋاقىتلا كېرەك خالاس!

 

ئىزاھاتلار

[1] . Rahul, Ram (1997). Central Asia: An Outline History  Concept Publishing Company. p. 81.

[2] . Моисеев В. А. Россия и Китай в Центральной Азии (вторая половина XIX в. – 1917 г.). Барнаул. 2003. S.26

[3] Бабков И.Ф. Воспоминания о моей службе в Западной Сибири, 1859-1875 гг ( ئى.ف. بابكوۋ. 1859-1875-يىللىرى مېنىڭ غەربىي

سىبىرىيىدىكى خىزمەتلىرىمگە ئائىت ئەسلىمىلەر). СПб., 1912. С. 133-134.

[4] . В.А. Моисеев, ”Россия и Китай в Центральной Азии(вторая половина XIX в. – 1917 гг.).Барнаул: АзБука, 2003,. С. 124. Дьяков А. Воспоминания Илийского сибинца о дунганско-таранчинском восстании в 1864-1871 годах в Илийском крае ( A.Diyakov. ئىلىلىق شىبەنىڭ 1864-1871-يىللىرىدىكى ئىلى ئۆلكىسىدىكى تۇڭگان- تارانچى قوزغىلىڭى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى). СПб., 1908.

[5] . Дьяков А. . Воспоминания Илийского сибинца :С. 21-23

[6] . بۇ قېتىملىق كۆچۈشتىكى ئادەم سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. كۆپىنچە رۇس تارىخچىلىرى 45 مىڭ ئۇيغۇر، 5 مىڭ ئەتراپىدا تۇڭگان ئاھالىسىنىڭ

كۆچكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئەمما، يەتتىسۇ ھەربىي گۇبېرناتورى گېنېرال گېراسىم كولپاكوۋسكىي 1883-يىلى، 19-مارت كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ

باشلىقى گېنېرال ن.ن. ئوبرۇچېفقا يوللىغان دوكلاتىدا 75 مىڭ تارانچى ( ئۇيغۇر-نت) ۋە 5 مىڭ تۇڭگان شۇنىڭدەك يەنە باشقا ئېنىق ساندىكى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ رۇسىيە

تەۋەلىكىدىكى جايلارغا كۆچكەنلىكىنى قەيت قىلغان.( РГВИА. Ф. ВУА. Оп. 1. Д. 76. Л. 63-64 об. رۇسىيە دۆلەتلىك ھەربىي تارىخى ئارخىپلىرى. ۋۇئا فوندى. خاتىرە

1. دېلو 76.63-64-تىزىملىك). رۇسىيە تارىخچىسى ۋ. مويسېيېۋ بۇ ساننى خۇلاسىپ، شۇ قېتىم جەمىئىي 107 مىڭ ئادەمنىڭ كۆچكەنلىكىنى يازغان. قاراڭ: В.А. Моисеев,

Россия и Китай в Центральной Азии(вторая половина XIX в. – 1917 гг.)“, В.А. Моисеев, Барнаул: 2003, С .207 .

 

 

يەنە بىر رۇس تارىخچىسى ي .گ بارانوا بولسا ئۆزىنىڭ 1959-يىلىدىكى ئىلمى تەتقىقاتىدا شۇ قېتىمقى كۆچۈشتە 70 مىڭ ئادەم رۇسىيە تەۋەلىكىگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى. قاراڭ: Баранова Ю.Г. К вопросу о переселении мусульманского населения из Илийского края в Семиречье в 1881-1883 гг.( )بارانوۋا يۇ.گ. مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ 1881-1883-يىللىرى ئىلى ئۆلكىسىدىن يەتتىسۇغا كۆچۈش مەسىلىسى ھەققىدە)//Труды сектора восто-коведения. Т.1. Алма-Ата, изд.-во АН КАЗССР, 1959. С. 51

[7] . История Алаш и Алаш-Орды (ئالاش ئوردىنىڭ تارىخى). http://bankreferatov.kz/history/280-alash-i-alash-orda.html.

[8] . Мустафа Чокой-Оглы ”Туркестан под властью советов“ ( مۇستافا چوقاي ئوغلى. “ تۈركىستان سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاستىدا) Алма-Ата ”Айкап“ 1993.

[9] . Q.Usmanov , M.Sodiqov. Ozbekiston Tarixi (1917-1991). Toshkent. 2010. 26-bet.

[10] . Рузиев М. «Возрожденный уйгурский народ» (يېڭىلىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى). Алма-Ата, 1982, с. 127-128

[11] . Кабиров М. Н. «Очерки истории уйгуров Советского Казахстана» (م.ن.كەبىروف. سوۋېت قازاقىستانى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ئوچېرىكلىرى»).

Алма-Ата, 1975, с. 149-150.

[12] . كوممۇنار تالىپوف. « تارىخ ساۋاقلىرى ياكى ئۆتمۈشسىز كېلەچەك يوق ». ئالمۇتا، “ مىر “ 2010-يىلى، 174-بەت.

[13] . ئىسمايىلجان ئىمىنوف. شۇ ماقالىگە قاراڭ.

[14] . ماخمۇت ئابدۇراخمانوف. « ئاتۇ ۋەقەسى-ئۇيغۇرلار پاجىئەسى». “ ئۇيغۇر ئاۋازى“. 1992-يىلى، 26-مارت. نو.60.

[15] . ر. ئىسمايىلوف. « ئوچۇق گېنوسىد». “ ئۇيغۇر ئاۋازى“، 1992-يىلى، 14-ماي.نو.75

[16] . ك.ھاسامىدىنوف. « تارىخ بۇرمىلاشنى خالىمايدۇ». « ئۇيغۇر ئاۋازى». 1992-يىلى، 22-ئىيۇن. نو.137.

[17] . ت.ئىسمايىلوف. « ھازىرغىچە تېنىمىز شۈركىنىدۇ». « ئۇيغۇر ئاۋازى». 1993-يىلى، 14-ماي.

[18] . مالىك سادىروف. « ئۇيغۇر قىسمىتى ياكى “ ئاتۇ “ پاجىئەسى ھەققىدە ھەقىقەت». « مىر»، ئالمۇتا، 2012-يىلى.

[19] . Исмаилжан ИМИНОВ. «АТУ», ИЛИ ПРАВДА О КРАСНОМ ТЕРРОРЕ В СЕМИРЕЧЬЕhttp://mysl.kazgazeta.kz/?p=1046

(ئىسمايىلجان ئىمىنوۋ. «ئاتۇ» ياكى يەتتىسۇدىكى قىزىل تەررور ھەققىدىكى ھەقىقەت).

[20] . Исмаилжан ИМИНОВ. «АТУ», ИЛИ ПРАВДА О КРАСНОМ ТЕРРОРЕ В СЕМИРЕЧЬЕhttp://mysl.kazgazeta.kz/?p=1046.

[21] .Ablet Kamalov. Evidence and History in Archival documents: Civil war in Semirechye. The Newsletter/No.70/Sipring.2015.

International Institute for Asian Studies. https://iias.asia/sites/default/files/IIAS_NL70_31.pdf

[22] . بۇ ھەقتە خىتايدا نەشىر قىلىنغان تۆۋەندىكى كىتابلارغا قارالسۇن: « چار رۇسىيەنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرالىرىغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى». بېيجىڭ.1979 -يىلى،

( خىتاي تىلىدا). « چار رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى».3-توم.1981-يىلى.بېيجىڭ.( خىتاي تىلىدا) ۋە « شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى».

.tom.ـrümchi;.1980-yili.( خىتاي تىلىدا).

[23] بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن ئىمىنجان باۋۇدوننىڭ « ئىلى تارىخى» ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.

 

رۇس تارىخچىلىرىدىن. ۋ.ئا. مويسېيېۋ. ”Россия и Китай в Центральной Азии. вторая половина XIX в. – 1917 гг.“( خىتاي ۋە رۇسىيە مەركىزى ئاسىيادا ( 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە) . Barnaul. 2003.183-206-betler . N.N. Pantusov. Пантусов Н.Н. Записка о переселении кульджинских оседлых мусульман в Семиреченскую область//Отдел редких книг и рукописей Национальной библиотеки РК им. Аль Фараби. Д. 63. Л. 14.( غۇلجىنىڭ ئولتۇراق ھاياتتىكى مۇسۇلمانلىرىنىڭ يەتتىسۇ ۋىلايىتىگە كۆچۈشى ھەققىدىكى خاتىرە“// ئەل-فارابى نامىدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك مىللى كۇتۇبخانىسىنىڭ قىممەتلىك كىتابلار ۋە قول يازمىلار بۆلۈمى. 63- دېلو. 14-تىزىملىك.) Гуревич Б.П. История ”Илийского вопроса“ и ее китайские фальсификаторы//Документы опровергают. Против фальсификации истории русско-китайских отношений ( ب.پ. گۇرىيېۋىچ . “ ئىلى مەسىلىسى“نىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ خىتايلىق ساقتىلاشتۇرغۇچىلىرى// ھۆججەتلەر رەت قىلىدۇ. رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىخىنى ساقتىلاشتۇرۇشقا قارشى. ) .М. 1982. С. 457

 

[24] . Исмаилжан ИМИНОВ. «АТУ», ИЛИ ПРАВДА О КРАСНОМ ТЕРРОРЕ В СЕМИРЕЧЬЕhttp://mysl.kazgazeta.kz/?p=1046.

 

 

 

 

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 132

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش