ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مەنزىلىڭ قايان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى

مەنزىلىڭ قايان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئادىل ئابدۇقادىر

بازار ئىگلىكى يولغا قۇيۇلۇپ، ئىقسادىي تەرەقىيات جەمئىيەت تەرەقىياتىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىگە ئايلانغاندىن كىيىن، ئىقتىسادنىڭ بەلگىسى بولغان پۇل نۇرغۇن ئىجتىمائىي قىممەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقسادىي تۇرمۇشتىكى نوپۇزى ۋە يۈكسەك جەلىپكارلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ئەخلاق، ئېتقاد، ۋىجداننىڭ مۇقەددەسلىكىنى تەۋرىتىپ قويدى؛ئىجتىمائىي قاتلاملار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي توپلارنىڭ جەمئىيەتتىكى يىتەكچىلىك ئورنىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. كىشىلەر ئىلگىرى زوقلىندىغان، ھەۋەسلىندىغان، پەخىرلىندىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان بىر قىسىم ئىجتىمائىي توپ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا، ئۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى؛بىر قىسىم يېڭى ئىجتىمائىي توپ بارلىققا كېلىپ، ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقى، ئۇنىۋېرساللىقى ۋە بايراقدارلىقى بىلەن جەمئىيەتتىكى ئىلگىرىكى ھۆرمەت ساھىبلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگلەپ، بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە نائىل بولۇشقا باشلىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش بولۇپمۇ زىيالىيلار بىلەن يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان، ئوتتۇرا بۇرژئازىيە ھېساپلىندىغان كارخانىچىلار ۋە دىرېكتورلىرى قوشۇننىڭ ئىجتىمائىي ئورنىدىكى ئۆزگىرىشتە روشەن ئىپادىلەندى. يەنى، كىشىلەر ئىلگىرى ئالىم-مۇتەخەسسىس، ئەدىب، ئوقۇتقۇچى، ئىنژېنېر-تېخنىك ھېساپلانغان كىشىلەرگە ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈرگە، شۇلار ئارقىلىق پەخىرلەنگەن، ئۇلارنى ئۆز مىللىتىنىڭ سەركىلىرى ھېساپلىغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە كارخانىچىلار ۋە شىركەت دىرېكتورلىرى، پۇلدارلارنىلا ھۆرمەتلەيدىغان، ياشلار ئۆگىنىدىغان ۋە چۇقۇنىدىغان مەبۇدقا ئايلاندى. بولۇپمۇ ياشلار ئىلگىرى ئالىم، ئوقۇتقۇچى، ئىنژېنېر بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىغان بولسا، ئەمدىلىكتە كىچىكىدىن باشلاپلا پۇل تېپىشنى، خوجايىن-پۇلدار بولۇشنى ئارمان قىلىدىغان بوپقالدى. شۇنداقلا«گاچا بولسىمۇ پۇلى بارلار سۆزلىسۇن»دېگەندەك، پۇلدارلار مېدىيە-ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چولپانلىرىغا ئايلىنىپ، كىشىلەر ئەخلاق، ئېتقاد، ئادىمىيلىك توغرىسىدىكى ۋەز-نەسىھەتلەردىن كۆرە پۇلنى قانداق تېپىش ياكى كىملەرنىڭ قانداق پۇل تاپقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر-خەۋەرلەرگە بەكرەك قىزىقىدىغان بوپقالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ زىيالىيلار توپى ئاستا-ئاستا جەمئىيەتتىكى يىتەكچىلىك ئورنىنى«بوشىتىش»قا مەجبۇر بولدى. بولۇپمۇ ئىلمىي ئەمگىكى ئۆز خەلقىنىڭ ئالقىش-ئېتىبارىغا ناخشا-ئۇسسۇلچىلىرىچىلىك ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان پۇلدارلار قوشۇنى ۋە پۇلنى قىممەت ئۆلچىمى قىلغان زور كۆپچىلىك كىشىنىڭ نەزەرىدە جەمئىيەتتىكى«نامرات تەبىقىنىڭ ۋەكىلى»بوپقالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزۈلمىگە زىيادە يۆلىنىۋىلىش ۋە «تۆمۈر مائاش» قا باغلانغان ئىقسادىي بېقىندىلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇستەقىللىق، يېڭى پىكىرلەرگە بولغان ئىنتىلىش ۋە قىزىقىش روھى سۇسلىشىپ، ئۇلار جەمئىيەتتىكى يېڭى پىكىر-قاراشلارنىڭ نوپۇزلۇق ۋەكىلى بولماي قالدى ۋە يىتەكچىلىك ئورنى ئاجىزلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر زىيالىي ئاتالغۇسىنى بۇرۇنقىدەك كۆپ تىلغا ئالمايدىغان، تىلغا ئالغاندىمۇ ئىلگىرىكىدەك ئالاھىدە ھۆرمەت-ئېھتىرام تۇيغۇسى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىرخىل يوچۇن تەلەپپۇزدا، مەنسىتمەسلىك تۇيغۇسى بىلەن تىلغا ئالىدىغان، جەمئىيەتتىكى ئورنىغا ئېتىبارسىز قارايدىغان، ئەمگىكىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغان بوپقالدى. بۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي كىرزىس بولۇشى مۇمكىن.
بۇ خىل كىرزىسنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئەلۋەتتە نۇرغۇن تارىخىي، ئىجتىمائىي سەۋەب بار. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرىنى تارىخىي جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرى ئاساسىدا دەلىل-پاكىتلىق يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بىزدە تېخى تارىخىي تەزكىرىشۇناسلىق ساھەسىدە يىتەرلىك خىزمەتلەر ئىشلەنمىگەچكە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي تاللاش ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى مىساللىق، دەلىل-پاكىتلىق يورۇتۇپ بېرىشكە ئاجىزمىز. شۇڭا بۇ يەردە پەقەت بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كەلگەن كىرزىسنىڭ قىسمەن سەۋەبلىرىنى ھېسسىي تەھلىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كىرزىسنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ جەمئىيەتنىڭ توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى ۋە سالاھىيتىگە ئىگە شەخس ياكى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ جەمئىيەتتىكى خاتا ئىجتىمائىي مەسىللەرگە قارىتا توغرىلىق ۋە ئادالەتنى ياقلاپ، ھەق-ئادالەتنى دەۋا قىلىشنى ئۆز ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. تارىختىن بۇيان بۇخىل مەسئۇلىيەتنى ئاق-قارىنى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. بۇخىل كىشىلەر دەل زىيالىيلار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە زاماننىڭ ئېھتىياجىغا لايىق، باشقىلار ئىتراپ قىلغۇدەك بىلىم ئىگلىمىگەن ئادەمنى ھېچكىم زىيالىي دەپ تونىمايدۇ، شۇنداقلا مەكتەپتە ئوقۇغانلا ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ھەم زىيالىي دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى بىلىم زىيالىيلىقنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى ھېساپلانسىمۇ، لېكىن بىردىنبىر شەرتى ئەمەس.
زىيالىي ئۆز دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە، مۇستەقىل ئىدىيە ۋە غايىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئەزاسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى ۋە خەلق بىلەن دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىدىكى مۇھىم ئاساسلاردىن بىرى. جەمئىيەتتىكى باشقا ئىجتىمائىي توپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۆزى تەۋە سىنىپ، پارتىيە ياكى گۇرۇھنىڭ غايە-مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ھەم خەلق بىلەن مۇشۇ مەنپەئەت ئاساسىدا دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى شۇلار ۋەكىللىك قىلغان غايە-مەنپەئەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى بەلگىلەيدۇ، ئۇلار ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان مەنپەئەت ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، ئۇنى جان تىكىپ قوغدايدۇ ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدۇ، پىكىر بايان قىلىدۇ. ئەمما زىيالىيلار ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى باشقا ئىجتىمائىي توپلار بىلەن خەلق ئوتتۇرسىدىكى دىيالوگ مۇناسىۋىتىنىڭ نازارەتچىسى، جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە جەمئىيەتتىكى باشقا ئىجتىمائىي توپلار پەيدا قىلغان ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىنى ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ، خەلقىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىدۇ؛ئۈزى ئىشلەۋاتقان ئورگان، تەۋە تۈزۈلمىنىڭ باياناتچىسى بولۇۋالمايدۇ، بەلكى ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ھاياتىنىڭ خەتىرى بەدىلىگە ئۆز دەۋرىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى، تەڭسىزلىكلىرىنى قامچىلايدۇ، ئېچىپ تاشلايدۇ ھەم ھەقىقەتنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە پىكىر بايان قىلىپ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە دەۋا قىلىدۇ؛خەلقنى توغرا يولغا يىتەكلەيدۇ. ئۇلاردىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى دەل مۇشۇ نۇقتىلاردا كونكرېتلىشىدۇ. شۇڭا ھەقىقىي زىيالىيلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ھاياتى ئازاب ۋە تەقىپ ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ئەمدى زىيالىي بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ پۇقراسى، ئۆزى تەۋە مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغاچقا، ئۇ مەيلى قايسى تەبىقە، قايسى ئىدېئولوگىيە، قايسى سىنىپقا تەۋە بولسۇن ياكى بىلىم ۋە كەسپ جەھەتتە قانچىلىك نوپۇزغا ئىگە بولسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزى تەۋە مىللىي توپنىڭ بىر ئەزاسى ھەم ۋەكىلى ھېسابلىندۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئالدى بىلەن مىللىي مەسئۇلىيەت ۋە مىللىي بۇرچ سۈپىتىدە ئىپادىلىندۇ. يەنى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسلىدە ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىدۇ. ئەمما بۇخىل مىللىي مەسئۇلىيەت ۋە مىللىي بۇرچنى پەقەت ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ھەقىقىي تونىغان زىيالىيلار ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن چانغان، ئۆزى تەۋە مىللىي توپنىڭ ئەخلاق، ئېتقاد، ئەنئەنە سىستېمىسىدىن ياتلاشقان زىيالىي مەيلى قانچىلىك نەتىجە ياراتسۇن، مىللىتىنى سۆيىدىغانلىقىنى ھەر نېمە بىلەن دەۋا قىلسۇن، ئۆزى تەۋە مىللىي توپنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى ۋە باياناتچىسى بولالمايدۇ، خەلقنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى نېمىلەرنى قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كەسپىي مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن ئەمەس، كۆپ سانلىق خەلقنىڭ كىملەرنى بىلىدىغانلىقى ۋە تۇنۇيدىغانلىقىدەك ئاددىي بىر كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالىدىغان بولساق، بەلكىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللىي مەسئۇلىيەتنى قانچىلىك ئادا قىلغانلىقى ئايدىڭلىشىشى مۇمكىن. مانا بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك.
خەلق ناخشىچى ۋە قىزىقچىلاردىن تارتىپ ھەركىم ھەرخىل سورۇندا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خالىغانچە سۇيئىستېمال قىلىدىغان تولىمۇ مەۋھۇم ئاتالغۇ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم تېررىتورىيەدىكى ئورتاق بىر سىياسىي، ئىقساد، مەدەنىيەت تەۋەلىكىدىكى ئەڭ كۆپ سانلىق كىشىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ زور كۆپ سانلىقىنى دېھقاندىن ئىبارەت ئىجتىمائىي توپ تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىل ئىستېمالىدىكى خەلق كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا دېھقانلارغا مەركەزلىشىدۇ. دېھقانلار ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ سادىق ئىجراچىلىرى ھەم ھىماتچىلىرى، ئۇلارسىز ئۇيغۇرلارنى ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەسەۋۇر قىلماق تەس. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دېھقانلاردىن ئىبارەت مۇشۇ توپ ۋەكىللىك قىلغان ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيسىنى قانچىلىك تەتقىق قىلالىدى؟ ئۇلارغا قانچىلىك يېقىنلىشالىدى؟ قانچىلىك ۋەكىللىك قىلالىدى؟ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي باياناتچىسى بولالىدىمۇ؟ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى مۇشۇ نۇقتىدىن كۆزىتىدىغان بولساق، بەلكىم «خەلقنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان»، «سەھنە-سورۇنلاردا خەلقنى سۆيىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان» يىلى چىقىپ، بېشى چۈشۈپ كېتىشى تۇرغان گەپ.
ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ كۆپ قىسمى كادىرلىق بىلەن سالاھىيەتلەنگەن ئاق ياقىلىقلار بولغاچقا، «كادىر»لىق ئۇلارنىڭ مەنىۋى سالاھىيەت بەلگىسى بوپقالغان. دېھقانلار ئۇلارنى سالاھىيەت جەھەتتە ئالاھىدە تەبىقىدىكى بۇيرۇقۋاز«مەمۇرىي تەشكىللىگۈچى»سۈپىتىدە تونۇيدۇ، ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا قىزىقمايدۇ. ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق«قەسىر ئىچىدىكى كىشىلەر»دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيالىيلار ۋەكىللىكىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ ھەدېگەندە دېھقانلارنى«ھارامزادىلەرچە»خۇنۈكلەشتۈرۈپ سەھنىلەشتۈرۈشى ۋە ھەجۋىيلەشتۈرۈشى دېھقانلار بىلەن زىيالىيلارنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋەتكەن بولۇپ، ئىش يۈزىدە زىيالىيلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزىنى دېھقاننىڭ زىيالىيسى ھېسابلىمايدۇ ھەم دېھقانلارنىڭ تولىسى زىيالىيلارنى مەنىۋى جەھەتتە ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىمايدۇ. بۇخىل مەنىۋى جەھەتتىكى يېتىملىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى بولۇشى مۇمكىن.
خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشقان«زىيالىي-قىلغان ئىشى خىيالىي»دېگەن مەسخىرىلىك باھانى، خەلقنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى مۇشۇ نۇقتىدىن كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىغا قويغان دىياگنوزى دېيىشكە بولىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بولۇپمۇ ئۆزىنى زىيالىي ھېسابلايدىغانلار خەلقنىڭ سەركىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئالدى بىلەن دېھقانلاردىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي توپنى چۈشىنىشى، ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىشى، ئۇلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئۇلارنىڭ يۈرىكى، كۆزى، تىلى بولۇشى كېرەك.
بۇ كىرزىسنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن خەلق ئوتتۇرسىدىكى دىيالوگ مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ قىرلىق بولالمىغانلىقى بولسا كېرەك. زىيالىيلار ئۆز خەلقنىڭ يرتەكچىلىرى ۋە سەرخىل كىشىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي مەسىللەرگە ھەر خىل نۇقتىدىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئۇلار گەرچە مەسىلە ھەل قىلمىسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىللەرنى تارىخ، پەلسەپە، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن شەرھلەيدۇ، ئىنكاسچى سۈپىتىدە ئۇ مەسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم توغرا يۆنىلىشنى ئىشارەتلەپ بىرىدۇ. زىيالىيلارنىڭ خەلقنى مۇشۇ خىل ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش جەريانى دەل خەلق بىلەن دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتىش جەريانى بولۇپ، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ قايسى يۇسۇندا ئورنىتىلىشنى زىيالىيلار ياشىغان دەۋرنىڭ چەكلىمىسىدىن كۆرە، زىيالىيلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە مەسلىنى قايسى نۇقتىدىن كۆزىتىشى، خەلقنىڭ ئۇلارنى قايسى يۇسۇندا تونۇشى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا زىيالىيلار ئومۇملاشتۇرلۇپ زىيالىي دەپ ئاتىلىشتىن بۇرۇن خەلق بىلەن ئورناتقان دىيالوگ مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن يازغۇچى، شائىر، پەيلاسوپ، تارىخشۇناس، جەمئىيەتشۇناس، سەنئەتكار دېگەندەك ناملار بىلەن تونۇلىدۇ. ئەمدى بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى مۇشۇ خىل دىيالوگ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ زور كۆپ سانلىقىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئاتالمىش«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دەۋرىدىكى پۈتكۈل جۇڭگو زىيالىيلىرى ئومۇميۈزلۈك«سېسىق توققۇزىنچى»تامغىسى ئاستىدا باشتىن كەچۈرگەن بالايىئاپەت، زىيالىيلارغا ئىشەنمەسلىك ۋە سىنپىي كۈرەش ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى، خەلق بىلەن كۆپ قىرلىق دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تولدۇرۇۋالغۇسىز بۇزغۇنچىلىق سالدى. بولۇپمۇ زىيالىيلاردىكى شۇ دەۋردىن قېپقالغان روھىي ئەندىكىش ھەم زىيالىيلاردىن خەۋپسىرەش زىيالىيلار بىلەن خەلقنىڭ دىيالوگ مۇناسىۋىتىنى كۆپ تارايتىۋەتتى. 1950- يىللاردىن كىيىنكى تۇنجى ئەۋلاد مۇنەۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرېھم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇكېرىم خوجا، ئىمىن تۇرسۇن، ئىبراھىم مۇتئىي، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئۇيغۇر سايرانى، زۇردۇن سابىر. . . قاتارلىق 1980-يىللاردىن 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئون نەچچە يىللىق «مەدەنىيەت قېزىش»تا «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئوخشاش دۇنياۋى شۆھرەتلىك بۈيۈك تارىخىي، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەرنى، ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئائىت نوپۇزلۇق تەتقىقاتلارنى خەلق بىلەن يۇز كۆرۈشتۈرۈش، ئۇيغۇر تىلى-شېۋىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە بېكىتىش، باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ خەلققە تونۇشتۇرۇش، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى روياپقا چىقىرىش جەھەتتە ئەھمىيەتلىك تارىخىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «مەدەنىيەت قىزغىنلىقى»نى قوزغاپ، خەلقنى سۈيۈندۈرگە، خەلق بىلەن ئۈنۈملۈك دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «مەدەنىيەت قىزغىنلىقى»نى سىجىل ساقلاپ قالالمىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خەلق بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەتتىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك ئالاھىدە دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتالمىدى. بولۇپمۇ 1980-يىللاردىن كىيىن بارلىققا كەلگەن ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسى ۋە ۋىلايەت-ئوبلاستلارنى بىرلىك قىلغان ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى بىلەن ئەدەبىيات قولىدا قەلەم ئورنىشىدىغان، ئاز-تولا ھېكايە-شېئىر يازالايدىغان تالاي ياشنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى تاللىشىغا ئايلىنىپ، سانائەت پەنلىرى، پەلسەپە، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا ئوخشاش زۆرۈر پەنلەر ياشلارنىڭ تاللىشىغا ئېرىشەلمىدى. 1990-يىللارغا كەلگەندە بولسا، ياشلار ئارىسىدا سەنئەت قىزغىنلىقى باش كۈتۈرۈپ، «ئۇيغۇرلارنى سەنئەت ئارقىلىق دۇنياغا تونۇتۇش» داۋرىڭى ئەۋجى ئېلىپ، ئالىي مائارىپ تەربىيسى ئالغان بىر مۇنچە ياش مۇشۇ داۋراڭغا ئەگىشىپ كەتتى، ئۆگەنگەن كەسىپلىرىنى تاشلاپ ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش قىزغىنلىقى بىر ئېقىمغا ئايلاندى. بۇ خىل يۈزلىنىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا يازغۇچى بىلەن ناخشىچى كۆپ بولۇشتەك ھالەتنى شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ئاممىۋى مېدىيەلەردە ئاز-تولا داۋرىڭى بولىدىغان، مەلۇم مۇناسىۋەت بىلەن زىيالىيلار قاتنىشىدىغان نوپۇزلۇق ۋە ئاشكارا يىغىلىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قانچە ئەدەبىي، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپات سورۇنلىرى ياكى قايسىبىر ناخشىچى، قىزىقچىنىڭ ئۆتكۈزگەن كېچىلىكىگە مەركەزلىشىپ قالغاچقا، خەلقنىڭ زىيالىيلار توغرىسىدا ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغىنى يەنىلا ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرلىرى بولدى، شۇڭا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كىشىلەر زىيالىيلارنى پەقەت قەلەمگە تايىنىپ جان باقىدىغانلار، بىرەر يازغۇچى ياكى شائىرغا تون كىيدۈرۈش يىغىلىشى، ئاللىقانداق بىر ئەدەبىي، ئىلمىي مۇھاكىمە سورۇنلىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ياكى ناخشىچى، ئۇسۇلچى سۈپىتىدىلا تونۇيدىغان بوپقالدى.
دەرھەقىقەت، تارىختىن بۇيان مەيلى ئۇيغۇر دىيارى ياكى چەت ئەللەردە بولسۇن ئەدەبىيات-سەنئەت زىيالىيلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش، خەلق بىلەن دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتىكى مۇھىم تاللىشى بوپكەلگەن، شۇنداقلا ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ زىيالىيلىرى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى تەربىيلىگەن، ئۇلارنى يىتەكلىگەن. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان قەلەمكەش زىيالىيلار-خەلقپەرۋەر مەرھۇم يازغۇچى-شائىرلىرىمىزدىن ئابدۇرېھم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، روزى سايىت. . . قاتارلىق، ھايات قەلەمكەشلىرىمىزدىن مەمتىمىن ھوشۇر، نۇرىمۇھەممەت توختى، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مۇھەممەتجانراشىددىن، يالقۇن روزى، ئۆمەرجان ئىمىن. . . قاتارلىق ئەدىبلەر خەلقنى تەربىيلەش، يېتەكلەش جەھەتتە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك خىزمەت ئىشلىدى. ئۇلار ئەسەرلىرىدىكى ساپ چىنلىق ، خەلقچىللىق، ھەققانىيلىق بىلەن خەلقنىڭ ئىنكاسچىسى، باياناتچىسى ۋە ئۆزدەۋرىنىڭ ھەقىقىي ۋىجدانى بولالىدى. ئۇلار خەلقنى سۆيگەن ۋە خەلقمۇ سۆيگەن قەلەمكەش زىيالىيلارنىڭ ۋەكىللىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز. ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلققە قانداق زىيالىيلارنىڭ كېرەكلىكى ۋە خەلقنىڭ قانداق زىيالىيلارنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. لېكىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە بۇنداقلارنىڭ سانى ۋە ئوينىغان رولى تولىمۇ چەكلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقنى تەربىيلەش، يېتەكلەش جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىنى يەنە باشقا ئەمگەكلەر ئارقىلىق تولۇقلاش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە بېيىتىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت كىشىلەرنى ئېستېتىك جەھەتتىن تەربىيلەيدىغان پەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقسادىي ئېڭى، بىرلىك ۋە تەرەققىيات قارىشى، خىرىس ۋە كىرزىس ئېڭىنى پەرۋىشلەش، مەسىللەرنى ئىلمىي شەرھلەش، كىشىلەرنى ئەڭ توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ئۇ يەنىلا نۇرغۇر چەكلىمىلىككە ئىگە. بۇ خىل چەكلىمىلىكلەرنى ئەدەبىيات-سەنئەت ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىش، تونۇلۇش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، پەلسەپە،جەمئىيەتشۇناسلىققا ئوخشاش قوللىنىلىشچان پەنلەرگە يۈزلىنىپ، شۇ ساھەلەر بويىچە مەخسۇس زىيالىيلار قوشۇنىنىيېتىشتۈرۈپ چىقىش ۋە شۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. توغرا، بۇ خىل زىيالىيلارمۇ يوق ئەمەس. 1990-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ھەرخىل پەن تۈرى بويىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە دوكتورلۇققا ئوخشاش يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بويىچە ئوقۇغانلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېكىنىپ قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى خەلققە تونۇتۇش ۋە يەتكۈزۈش جەھەتتە خەلق بىلەن ئۈنۈملۈك دىيالوگ مۇناسىۋىتى ئورنىتالمىدى. نۇرغۇن دوكتورنىڭ بىلىمى ئۆزى ئىشلىگەن مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.
ئۈچىنچى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى ئەخلاقىي، مەنىۋى چۈشكۈنلۈك بۇ خىل كىرىزىسنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك دېسە كۆپىنچە كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان قىمارۋازلىق، زىناخورلۇق، شەھۋەتپەرەسلىككە ئوخشاش ناشايانلىقلار كېلىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ناتوغرا كىشىلىك قىممەت قارىشىنىڭ شەخسنىڭ ھەرىكىتى سۈپىتىدە ئەكىس ئېتىشى بولۇپ، كۆپىنچە مەلۇم بىر ئوبېيكتىپ شەخسنىڭ ھەرىكىتىگە ماس كىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەردە زىيالىيلارنى قانداقتۇر كىشىلىك ئەخلاققا زىت شۇ خىل قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەشكە ھەم ھەددىمىز ئەمەس. ئەخلاق كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى مەلۇم قىممەت قارىشى بويىچە تىزگىنلەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، قىممەت قارىشىنىڭ قانداق بولۇشى، ئاخىرىقى ھېسابتا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، شەخىسلەردىكى ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا قىممەت قارىشىدىكى چاكىنىلىقتىن ئىبارەت. ئەمدى شەخىسلەردىكى قىممەت قارىشى ئۆزى تەۋە مىللەت، جامائە ياكى جەمەتنىڭ قىممەت قارىشىنى مەنبە قىلىدۇ، شەخىس تەۋە بولغان مىللەت ياكى جامائەنىڭ قىممەت قارىشى بولسا ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ، شۇ مىللەت ياكى جامائەنىڭ نېمىگە ئېتقاد قىلىشى، نېمىنى مۇقەددەس بىلىشى، نېمىنى يامان كۆرىشى بىلەن، مۇنداقچە ئېيىتقاندا شۇ مىللەتنىڭ ئېتىكا ۋە ئېتقاد سىستېمىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، مەيلى شەخىس ياكى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپ بولسۇن، ئۇنىڭدىكى ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى تەۋە توپنىڭ ئېتىكا ۋە ئېتىقاد سىستېمىسىدىن يۈز ئۆرۈشتىن باشلىندۇ.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېتىكا ۋە ئېتىقاد سىستېمىسى نۇقتىسىدىن باھا بېرىشكە ئاجىزمىز. شۇڭا ھازىرچە پەقەت ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەنىۋىيتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرگە ئاساسەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مەنىۋى چۈشكۈنلۈكنى بىر قانچە نۇقتىدىن بايان قىلماقچىمىز. بۇ چۈشكۈنلۈك ئالدى بىلەن زىيالىيلاردىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ھورۇنلۇقتا روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىز ئالدىنقى ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىلىرى ۋە ئۆز مەسئۇلىيتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋالمىقىمىز تەس ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى شۇ خىل قىزغىنلىق، ئۈمىدۋارلىققا تايىنىپ ئۇيغۇر تارىخىنى شەرھلەش، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى قېزىش جەھەتتە ئاجايىپ سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلغان ھەم كىيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچقان؛تۆھپە، مەنسەپ تالاشماي ئورتاق ھەمكارلىشىپ، باشقىلار قىلالمايدۇ دەپ قارىغان «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،«سۇ بويىدا» قاتارلىق خەنزۇچە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىمىزغا قالتىش پاساھەت ۋە بالاغەت بىلەن تەرجىمە قىلىپ، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى نامايىش قىلىپلا قالماي، يەنە ئىلىم ھەمكارلىقىنىڭ ئاجايىپ ئېسىل ئۈلگۈسىنى ياراتقان. ئەمما بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ھەرخىل ئىلمىي ئۇنۋان ۋە كاتتا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە زىيالىيلار كۆپەيسە كۆپەيدىكى، ئىلمىي ئەمگەك جەھەتتە ھازىرغىچە ئىلگىرىكىلەردىن ھېچكىم ھالقىيالمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى «كۆشەش» بىلەن جان باقىدىغانلار كۆپەيدى.
1990-يىللاردىن كىيىن چەت ئەللەردە ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالىم بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ كەلگەنلەر كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىلىمنىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي رىقابەت ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنى نۇقۇل ئۆز كەسپى بىلەنلا چەكلىندىغان«كەسپ ئەھلى»لىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، زىيالىيلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەنىۋى ساپاسىز تۆۋەنلەپ كەتتى. زىيالىيلىققا مۇناسىۋەتلىك ناتوغرا رىقابەت مېخانىزمى پەيدا قىلغان بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك، گۇرۇھۋازلىق، يۇرتۋازلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى
ئۈلگىلىك رولىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئەڭ يامىنى ئىلىم ئەھىللىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، مىللەتنىڭ قايغۇسىنى تەڭ يېيىشتەك روھىنى كۆپ ئاجىزلاشتۇرۋەتتى. بولۇپمۇ زىيالىيلار ئارىسىدا «ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان كۆرەڭلەر»، «قۇرۇق چاقماقتىن ئوي چىقىردىغانلار»، «گۇپپاڭچىلىق قىلىپ ئىلمىيلىكى يوق ئىشلار بىلەن خەلقنى قايمۇقتۇرىدىغان» ئىشلار ئاۋۇپ، ئوخشاش كەسىپتىكى ئىككى ئادەم بىرلىشىپ بىرەر چوڭ ئىش قىلمايدىغان، ئەمما بىرى بىرىنىڭ ئىشىنى ياراتمايدىغان ئىللەت جەمئىيەتلەشتى. ھەتتا تۆھپە، مەنسەپ تالىشىپ بىرى بىرىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدىغان، دەۋا-دەستۇرغا چۈشىدىغانلارمۇ بولدى. بۇ خىل چاكىنىلىق خەلقنىڭ رايىنى ياندۇرۇپ، زىيالىيلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتتى.
ئۇندىن باشقا غايىسىزلىك ۋە غايە چاكىنىلىقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىكى مەنىۋى چۈشكۈنلۈكنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. زىيالىيلار ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋر رېئاللىقىدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن غايىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى توپ بولۇپ، ئۇلار رېئاللىقنى ئۆز غايىسى بويىچە كۆزىتىپ پىكىر قىلغاچقا، كۆپ ھالدا جەمئىيەتنىڭ چۈشەنمەسلىكى، يەكلىشى، چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ، ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىنىشكە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنداق مىساللارنى جۇڭگو ياكى چەت ئەللەردىكى زىيالىيلارنىڭ ھايات تارىخىدىن كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز. قارايدىغان بولساق، مەيلى جۇڭگو ياكى چەت ئەللەردە بولسۇن تالاي ئېلغار-يېڭى پىكىرلىك زىيالىينىڭ كۆز قاراشلىرى ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ۋە كەڭ ئومۇملاشقان. بۇنداق زىيالىيلاردىكى ئەڭ قەدىرلەش ۋە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان روھ، ئەڭ قىيىن شارائىتلاردىمۇ ئۆز غايىسىگە ئاسىيلىق قىلماسلىقى، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكى بولۇپ، ئۇلار ئۆز غايىسىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ساداقىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ھەم تارىخ بىتىدىن ئورۇن ئالغان. شۇڭا زىيالىيلىققا خاس بىر توغرا غايە ھەم غايىگە بولغان ساداقەتنىڭ بولۇشى زىيالىيلىقنىڭ مۇھىم سالاھىيەت بەلگىسى. ئەمدى بىز مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە باشقا كىشىلەرنى ئەمەس پەقەت ئۇيغۇر ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە«دىپلوم»لۇقلارنى تاسقاپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ تاسقاقتىن قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆتەلەيدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن ھەممىمىز بىر غايە بوھرانى ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. قارايدىغان بولساق، جەمئىيتىمىزدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ بىرەر خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى بىر ئاماللارنى قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىم مائاشلىق بىرەر خىزمىتىگە ئېرىشۋىلىش، خىزمەتتىكىلەرنىڭ بولسا كىچىك بولسىمۇ بىرەر مەنسەپنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، ئۆسۈش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىش ياكى بىر قىماپ بىلەن جاننى ئۇپراتماي كۈن ئۆتكۈزۈش. مانا بۇ بىزنىڭ رېئاللىقىمىز، شۇنداقلا مىللەتنىڭ سەركىسى ئاتالغان زىيالىيلار دۇچ كېلىۋاتقان غايە كىرزىسى. ئەگەر بىز مۇشۇلارنى غايە دەپ قارايدىغان بولساق، بۇ ئەلۋەتتە غايە دىگەن ئىبارىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتسىزلىك بولۇشى مۇمكىن. يەنە ئەگەر ئۇ جەمئىيتىمىزدە ئۆزىنى بىلىملىك ھېسابلايدىغان كىشىلەرنىڭ غايىسى بوپقالىدىغان بولسا، ئۇنداقتا«مىللەتنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش»دىگەن بۇ ئىبارىلەرنى تىل لۇغىتىمىزدىن چىقىرىۋەتكەن تۈزۈك.
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزغا تولىمۇ باب كېلىدىغان مۇنداق بىر ئۇلۇغ ھېكىمەتنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. مەن دېمەكچى بولغانلىرىمغا شۇ ھېكىمەتنى تۈگەنچە قىلماقچىمەن:
بۇلۇۋەرسە ئىتقا باش ئارسلان،
بۇلۇر ھەممە ئىت ئارسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،
بۇلۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.
ماۋزۇ مەسئۇل مۇھەررىر تەرىپىدىن قۇيۇلدى.
ئاپتورى ئادىل ئابدۇقادىر ئىجتىمائىيەت بويىچە يېتىلۋاتقان ياش تەتقىقاتچى، خوتەن ۋىلايەت مەمۇرىي مەھكىمىدە تىلماچ
مەنبە: شنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى 2010-يىللىق 5-سانى.

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1125

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش