ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن – قۇل

يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن – قۇل

سەلىمە ئا. كامال
«بىزدە يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن- قۇل» دېگەن ھېكمەت بار. بۇ ھېكمەتنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى «يەتتە ئەجدادىنى بىلمىگەن- ئۇي.»
بۇ ھېكمەتنىڭ ئۆزىدىنلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ «نەسەبنى، تېگى-تەكتىنى، جەمەت يىلتىزىنى بىلىش بىر ئادەمنىڭ، بىر ئۇرۇق جەمەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشىدا ئەھمىيەتلىك بەلگە. شۇڭا، فامىلە قوللىنىش زۆرۈر» دەپ قارىغانلىقىغا يەنە ئىسپات ئىزدەش ھاجەتسىز. زامانداشلىرىم بەلكىم فامىلە مەسىلىسىنى بۇ ھېكمەتتىن باشلاپ قاتتىق تەلەپپۇزدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدىن بىئاراملىق ھېس قىلىشى ياكى «ئاشۇرۇۋەتكەنلىك» دەپ قارىشى مۇمكىن. بىراق، مەن زامانداشلىرىمنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەنكى، بىز يېزىق مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم زىيان تارتتۇق. فامىلە بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاتىلىرىمىزنىڭ بىپەرۋالىقىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇر-پالۋانلىرىمىزنىڭ نامىنى، يەر جاي ناملىرىنى، ئۇرۇق-جەمەت لەقەملىرىنى ئۇلۇغلاپ ئىشلەتكەن فامىلىلىرىنى تاشلىۋەتتۇق. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىشكە توغرا كىلىدۇكى، خەلىقىمىز پۈتۈنلەي فامىلىسىزمۇ قالمىدى، ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز جەمەت فامىلىسىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. چەتئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇ دۆلەتلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىزچىل فامىلە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەمما بىز يەنىلا ئاساسىي گەۋدىمىز بىلەن ھازىر دۇنيادىكى فامىلىسىز مىللەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ قالدۇق. فامىلىسىزلىك بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك نامىنىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى، باتۇرلۇقلىرى، تەجرىبە ساۋاقلىرىنىمۇ ئۇنتۇلدۇردى. ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىققانلىرىمىز «فامىلىڭىز» دېگەن كاتاكچىگە دادىمىزنىڭ نامىنى، «ئىسمىڭىز» دېگەن كاتكچىگە يەن ئۆز ئىسمىمىز بىلەن دادىمىزنىڭ ئىسمىنى تەكرار يېزىپ ئۆزىمىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋالدۇق، نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلدۇق. بۇنىڭغا ئىزاھ بېرىشكە، ئاخىرىدا يەنىلا فامىلىسىز مىللەت ئىكلەنلىكىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قالدۇق. ئەمما، ئەمەل قىلالمىغان بولساقمۇ «يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن قۇل» دېگەن ھېكمەتنى خۇداغا شۈكۈر، 21- ئەسىرگىچە ئۇنتۇماي يادلاپ كەلدۇق.
بىز كۆپ بولسا دادىمىز ۋە بوۋىمىزنىڭ نامىنى بىلگەندىن باشقا ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيمىز، ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، خاراكتېرى، ياشاش ئۇسۇلى، ماكان-زامانلىرى ۋە يىلتىزى، نەسلى-نەسەبى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيمىز. شۇڭا، بىزگە فامىلىسىزلىكنىڭ نەقەدەر ئاچچىق ئىكەنلىكىنى تەن ئالماي مۇمكىن ئەمەس.
زادى يەتتە ئاتىمىزنى تاپالمامدۇق؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ھېچقانچە تەس يېرى يوق. بوۋىمىزدىن ئۆزىمىزگە ئۈچ ئەۋلاد، ئۇنىڭغا بالىمىزنى ئۇلىساق تۆت ئەۋلاد بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەن دادام قۇلىقىمغا قۇيۇپ قالدۇرغان «يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن- قۇل» دېگەن بۇ ھېكمەتنى ئۆمرۈم بويى يۈرىكىمنىڭ چۇڭقۇر قېتىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بالىلىرىمغا، دوستلىرىمغا ئېيتتىم، مەنىسىنى يېشىپ چۈشەندۈردۈم. ھەر قېتىم مۇشۇ ھېكمەت يادىمغا يەتكەندە ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىدۇ. جەمەتىمىز فامىلە ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمى مىللەتنىڭ فامىلىسىزلىكى مېنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
خەيرىيەت، ئاخىرى بىزدە بۇ خاسىيەتلىك ئىش ئۈچۈن تەتقىقاتلار، ئىزدىنىشلەر باشلاندى. فامىلە تارىخىمىز، ئۇنىڭدىن نە تەرىقىدە ۋاز كەچكەنلىكىمىز، تارتقان زىيانلىرىمىز ھەققىدە «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «مىراس» ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللاردا يېتەرلىك پاكىتلار سۆزلەنگەن قىممەتلىك ماقالىلەر بېسىلدى. مەنمۇ ئاشۇ ئاپتورلارغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز جەمەتىمنىڭ فامىلە قوللىنىش تارىخى، سەۋەبى، فامىلىنىڭ جەمەتىمىز تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە سۆزلەش ئارقىلىق فامىلە قوللىنىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكچىمەن.
مەكتەپ يېشىغا توشقان چېغىمدا دادام مېنى قولۇمدىن يېتىلەپ مەكتەپكە تىزىملىتىشقا ئاپاردى:
ـ قىزىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟
-سەلىمە.
-ئۆزىڭىزنىڭچۇ؟
-ئابدۇلھەق.
-فامىلىڭىز؟
-كامال.
چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان، ياۋروپاچە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقىغان نۇرغۇن ئەپەندى مېنىڭ ئىسىم فامىلەمنى: سەلىمە. ئا. كامال دەپ يازدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، مەن «سەلىمە. ئا. كامال» بولدۇم. ئەينى چاغدا كامال دېگەن كىم؟ مەن نېمىشقا سەلىمە ئابدۇلھەق بولماي، سەلىمە. ئا. كامال بولىمەن، دېگەندەك ئىشلارنى ئويلىمىغانىكەنمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى چاغلاردا ئىسىم-فامىلەمنى تولۇق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۈچ ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دادامنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى بولغان «ئا» نى تاشلىۋەتكىنىمگىمۇ بەكلا ئېچىنىمەن. ھازىر ئويلىسام بۇ ئۆز ۋاقتىدا بىر باشباشتاقلىق بولغانىكەن.
تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، دادام جىگەر رەڭ بىر كونا دەپتەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھەدە سىڭىللىرىمنى يىغدى:
– سىلەرگە جەمەتىمىزنىڭ تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. بۇ دەپتەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە دادام ئابدۇۋەلى كامال ھەزرەتلىرى بۇخارادا يەتتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتىپ كەلگەندە يېزىپ قويغان «يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن-قۇل» دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئائىلە ئۇرۇق-جەمەت نەسەبنامىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئەۋلادلارغا ئۆز يىلتىزىنى بىلدۈرۈشنى شۇ تەرىقىدە جىددىي مەسىلە دەپ قارىغان. جەمەت نەسەبنامىمىز ئابدۇكېرەم بەگ بوۋىمىزدىن باشلىنىدۇ. ئابدۇكېرەم بەگ بوۋىمىز تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا ئوردا مەسلىھەتچىسى بولغان. ئابدۇكېرەم بەگنىڭ ئوغلى ئىليار موللا تۇردىنىڭ نامى ھېلىھەم خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۆچكىنى يوق. ئۇ چاپتۇرغان بىر ئۆستەڭ ھازىرمۇ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ گۈكىرەتمە يېزىسى ھېزىۋەكتام مەھەللىسىدە «ئىليارنىڭ ئېرىقى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئىليار موللا تۇردى قورغاس مازاردا دىنىي مەكتەپ ئاچقان. ئىليار موللا تۇردىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ئىسراپىل، ئىسراپىلنىڭ ئوغلى كامالىدىن ھاجى، كامالىدىن ھاجىنىڭ ئوغۇللىرى ئابدۇۋەلى، ئابدۇمۇتائالى، ئابدۇئەزىزلەردۇر. «كامال» دېگەن فامىلە مۇشۇ ئۈچ ئوغۇلدىن باشلاپ رەسمىي مۇقىم فامىلە قىلىنغان.
دادام بىزنىڭ: نېمە ئۈچۈن چوڭ بوۋىلىرىمىز ئوردا مەسلىھەتچىسى ئابدۇكېرەم بەگنىڭ ياكى ئۆز زامانىسىدا ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، ئەلگە ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن ئىليار موللا تۇردىنىڭ نامىنى فامىلە قىلىپ تاللىمايدۇ؟
دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى:
20 ياشلىق كامالىدىن ھاجى بوۋىمىز 1860- يىللاردا سادىر قوزغىلىڭىنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى بولۇپ، لەخمە كولاشنى پىلانلاشقا قاتناشقان، ئۆزى باشلامچى بولۇپ لەخمە كولىغان كىشى ئىكەن، كامالەك (كامالەك – ئىككى يايلىق، ئوقيا شەكىللىك قورال بولۇپ، ئىككى ياينىڭ ئوتتۇرىسىغا ھايۋانات تېرىسىدىن تىكىلگەن پىششىق خالتا ئورنىتىلىدىكەن. خالتىغا تاش قاچىلىنىپ، ياي قاتتىق تارتىپ قويۇۋېتىلگەندە كۈچ بىلەن ئېتىلىپ چىققان تاش دۈشمەننىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇۋېتەلەيدىكەن) ئېتىشقىمۇ ناھايىتى ماھىر ئىكەن. كامالىدىن بوۋىمىز كېيىن كېيىن ئىچكى تاشقى قورۇ سالدۇرغان. ئىچكىرىكى قورۇدا مومىمىز قىزلارنى ئوقۇتقان، تاشقىرىقى قورۇدا ئۆزى ئوغۇللارنى ئوقۇتقان ئىكەن.
كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ سادىر قوزغىلىڭىدىكى باتۇرلۇقى، ئەل ئارىسىدىكى شۆھرىتى، مەرىپەتپەرۋەرلىكى تۈپەيلىدىن شۇ كىشىنىڭ نامى تۇراقلىق فامىلە قىلىنغان. نەسەبنامىگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى بوۋىمىز ئابدۇكېرەم بەگدىن ھېسابلىغاندا سىلەر 9- ئەۋلاد، نامى جەمەتىمىزگە فامىلە قىلىنغان كامالىدىن بوۋاڭلاردىن ھېسابلىغاندا 4- ئەۋلاد بولىسىلەر، دېگەنىدى.
ھازىر دادامنىڭ نەۋرىسى شۆھرەت كامال، ئۇنىڭ ئوغلى سۇبات كامال دۇنياغا كەلدى. ئائىلە نەسەبنامىمىز 11- ئەۋلادقا، فامىلە تارىخمىز 6 – ئەۋلادقا ئۇلاشتى. كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرە-چەۋرە، پەي نەۋرىلىرى بولۇپ، ھازىر بۇ يىلتىز ئەتراپىغا 300 دىن ئارتۇق كىشى ئۇيۇشتى.
1980- يىللاردا چوڭ بوۋام ئابدۇۋەلى كامالى موللا ھەزرەت بۇخارادىن قايتىپ كېلىپ تاكى 1928- يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر غۇلجا شەھەر ئىچى تېرەك مازاردىكى قورۇسىدا مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتقان. ئايالى بۈۋى ئايىشە قىزلارنى ئوقۇتقانىكەن. ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەت 1895- يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى «ئەلا باي مەسچىتى» يېنىدا ئېچىلغان مەكتەپتە 40 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى بىر سىنىپقا يىغىپ، ھەم ئۇسۇلى قەدىم (كونىچە)، ھەم ئۇسۇلى جەدىد (يېڭىچە) مائارىپ تۈزۈلمىسى بويىچە ئوقۇتقان. ئوقۇغۇچىلار بىر مەزگىل تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، بىر قېتىم يۇرتى چوڭلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇلار تىلدىن ياد ئىملا يازغان، ھېسابتىن تۆت ئەمەلنى ئىشلىگەن، جۇغراپىيىدىن بەش قىتئە، چوڭ شەھەرلەر، مۇھىم تاغ دەريالارنى سۆزلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر يېڭىچە مائارىپنى چۈشەنگەن، قوللىغان. ئوغۇل قىزلىرىنى بۇ مەكتەپكە بەرگەن. ئوغۇللارنى بوۋىمىز ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەت ئۆزى ئوقۇتقان، قىزلارنى مومىمىز زۆھرە ئابىستاي (مۇئەللىمە دېگەن مەنىدە) ئوقۇتقان. مەكتەپ تېز كېڭەيگەچكە، «تائالىيە مەكتىپى» نى قۇرۇپ ئابدۇمۇتائالى كامالى مەكتەپكە مۇدىر بولغان.
ئىككى بوۋىنىڭ بالىلىرى، نەۋرە-چەۋرىلىرى بولغان بارلىق كاماللار بىر يەرگە جەم بولساق، باغلاردا، دەريا ساھىللىرىدا ئوينىساق، چوڭلارغا ئەگىشىپ باراۋەتكە چىقساق، ھەتتا سوقۇشۇپ تالاشساڭمۇ خۇددى بىر ئاتنىڭ بالىلىرىدەك ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر خىل يېقىملىق، ئىللىق مېھرى-مۇھەببەت بىزنى باغلاپ تۇرىدۇ.
ئېسىمنى تاپقىنىمدىن بۇيانقى ئىشلارنى ئەسلىسەم، مەيلى جەمەتىمىزنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغقان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، مەيلى تىنچلىق مەزگىللىرىدىكى كۈنلەردە بولسۇن، كامال جەمەتى قولنى قولغا تۇتۇپ قايغۇ ۋە خۇشاللىقلارنى بىرىگە تارتتى.
يىللار ئابدۇۋەلى موللا كامالى ھەزرەت، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەتلىرىگە ئوخشاش ئېسىل ئاتىلارنى، يۈرەك باغرى ئىلى دەرياسىدەك كەڭرى بۈۋى ئايىشە، زۆھرە ئابىستايغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى ئانىلىرىمىزنى قارا يەرگە ئۇزاتتى. ياش ئاتا-ئانىلار چوڭلارنىڭ مۇبارەك قەدەملىرىنى بېسىپ، ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە، جەمەتىمىزنىڭ ئۇيۇشچانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ئايانماي بەدەل تۆلىدى، ئەۋلاد تەربىيىسىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويدى. نېمىشقىدۇر، غۇلجىدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغاندا بوۋىمىز ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەت دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى بولغاندىن باشقا، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جەمەتىمىزدىن ئەمەلدار چىقمىدى. بىراق، 50- يىللاردىن باشلاپ دىنىي ساھەدە ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن لۇتپۇللا غ. كامال قارى ھاجىم، ئىنگىلىز، ئەرەب، تۈرك، خەنزۇتىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن تىل بىلىمدانى ئىسھاق. ئى. كامال، مەركىزى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا سىستېمىلىق تەربىيە ئالغان ئابدۇراخمان. م. كامال قاتارلىقلار جەمەتىمىزنىڭ بايراقدارلىرى بولۇپ يېتىشتى. 60- ۋە 70- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ جەمەتىمىزنىىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تۈركۈملەپ ئوقۇدى. جەمەتىمىز ئىچىدە جەمەتىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەرمىدى، ئەكسىچە جەمەتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى «كامال» دېگەن بۇ تەۋەرۇك فامىلىنىڭ شان-شۆھرىتىنى قوغداپ كەلدى.
1990- يىلى قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، روسىيە، قىرغىزىستانلارغا ساياھەتكە چىقتىم. كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇلئەزىز كامالنىڭ ئوغلى قەييۇم. ئا. كامال 50- يىللاردا ئائىلىسىنى ئالمۇتاغا كۆچۈرۈپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ يەردە يەنە دادامنىڭ سىڭلىسى زەينەپ ئا. كامال، ئىنىسى باقى ئا. كامال ھەمدە قىرغىزىستاندىكى ئىنىسى مەسئۇت ئا. كامال ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى بار ئىدى. كىچىك ئاپام زەينەپنىڭ ئۆيىگە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن تۇغقانلارنىڭ بىرىنىمۇ تونۇمايتتىم، ھەتتا كىچىك ئاپام زەينەپنىمۇ ئاتا-ئانام سۈرەتلەپ بەرگەنىدى، چۈنكى ئۇلار قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەندە مەن مەن تېخى كىچىك ئىدىم. تۇغقانلارنىڭ ئىچىدە ئاپئاق چاچلىق موماي-بوۋايلار، ياش، ئوتتۇرا ياش ئەر ئاياللار، قىز-يىگىت، ئۆسمۈرلەر كۆپ ئىدى. ھەممىسى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا ماڭا ئاشۇ يېقىملىق، پەخىرلىك «كامال» نامى ئۇلارنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ بىللە يادلىناتتى. مەن شۇ چاغدا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مۇنچىۋالا جىق قېرىنداشلىرىم، جىگەرلىرىمنىڭ بارلىقىدىن سۆيۈندۈم. بىر خىل خاتىرجەملىك، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ماڭا ئىشەنچ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. شۇ چاغدا مەن دۇنيادىكى كاماللارنىڭ ھەممىسى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى دېگەن ئەقىدىنى تىلەپ بولغانىدىم. قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىسى ئابلەت ق. كامال لېنىنگرادتا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقانىكەن. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە باغرىمغا باستىم، ئۇنىڭ كاماللار جەمەتىگە كەلتۈرگەن شان-شەرىپىگە ئورتاقلاشتىم. جانابىي كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ چەۋرىلىرىدىن بولغان ئابلەت ق. كامال ھازىر ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان پىروفىسورى.
يەنە چەۋرىلەردىن مۇھەببەت ئا. كامال 1988- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئىسپانىيە مۇرسىيە MURCIA)) ئۇنۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە پەنلەر دوكتورى ئۈنۋانى بىلەن ئىتالىيە، ئىسپانىيە ئالىلىرى بىلەن بىرىگە مولېكۇلا بىئولوگىيىسى ۋە ھاشاراتلارنىڭ DND ۋە HROMOSOM لىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئىشلىگەن ۋە ھازىر تۈركىيە ۋان يۈزىنجى يىل ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
مەغپىرەت ئا. كامال مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياپۇنىيە، تۈركىيەلەردە بىلىم ئاشۇرۇپ تۈركىي تىللار كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۈنۋانىغا ئېرىشتى. ھازىر ئىستانبۇلدا بەيكەنت ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى ئىشلىمەكتە.
پەي نەۋرىلەردىن قېيۇم ئا. كامال بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەن ئامېرىكا چىكاگو ئۇنۋېرسىتېتىدا ئاستىرونومىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەنگەن. ئومۇمەن كامال جەمەتىدىكى چەۋرە، پەي نەۋرىلەرنىڭ 70 پىرسەنتى ئالىي مەلۇماتلىق.
19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كامالىدىن بوۋىمىز قەھرىمانلىقتا، باتۇرلۇقتا نام چىقارغانىدى. 21- ئەسىردە ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى ئۆز ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن نۇرلاندۇرماقتا.
ئەگەر بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز جەمەت نەسەبنامىسى تۇرغۇزمىغان، جەمەتىمىزگە تۇراقلىق فامىلە تەقدىم قىلمىغان بولسا، ھەممىمىز ئۆز ئاتىمىزنىڭ نامىنىلا فامىلە دەپ تونۇپ، تار دائىرىدىكى جەمەتچىلىككە، ئۇرۇق تۇغقانلار ئارا ياتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، كىچىك-كىچىك توپلارغا ئايرىلىپ كەتكەن بولاتتۇق.
بىزگە يەتتە ئاتىمىزنى تونۇتقان، بىر ئەۋلادنىڭ ئىزىنى يەنە بىرى بېسىپ، ئۆزلىرى تىكلىگەن جەمەت ئابىدىسىگە ئۈزۈلدۈرمەي تاش تىزىشنى، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى ئۆگەتكەن، بىزنى چىرىماس يىلتىزغا توپلىغان ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئانا زېمىننىڭ توپىسىغا سىڭىپ كەتكەن جىسمى مەڭگۈ قورۇنمىغاي!

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش